hoxhawar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 16:09:31

تەڭ يەيدىغانلار بارمۇ؟

ئانا تىل ، ئۆرىپ-ئادەت،مىللىي كىملىك،مىلليى غورور ،ئۇيغۇر جەمىيتى ...دىگەندەك گەپلەردىن بەكىرەك خزمەت ،مۇئاش،پۇل ،پايدا دىگەندەك گەپلەر  قولۇقۇمغا سەل تېتىيتى ئەسلىي.


قورساق ئاچ ئادەم تويغۇزۇش ئۈچۈن ،قورساق توقلار سىڭىرىش ئۈچۈن بەس-بەستە رىقابەتكە چۈشكەن مۇشۇ زامانلاردا« ئۆزلۈك» دەيدىغان بىر تەشۋىشكە يىتەكلىگۈچى ئۇقۇم نەدىن چىقتى بىلمىدىم ھەممە يەردە بەكلا مودىدەك بىلندى .

ماقۇل مەنمۇ ئۆزلۈك توغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ قوياي نىمە دىگەن گەپكىن دەپ،

ئۇلاپ بىر قانچە تارىخي رومانلارنى ئوقىۋەتتىم.تۆت يىل ئاليى مەكتەپ جەريانىدا ئالامەت ئىزدەندىم .تاس قالدىم تەتقىقاتقا چۆككىلى!!

شۇنىڭ بىلەن ئوقۇشنى پۇتتۈرۈپ خىزمەت قىلماسلىق  يەنى ئۆز مىللىتىم ئۈچۈن بىرەر ئەمىلي ئىش قىلىش دېگەندەك بىر ئارزۇلار ئىلكىدە يۈرۈپ كەتتىم.ۋاقىت ئۆتتى ، قورساق ئاچتى ....يا قىلالمىدىم،يا .......

ئاخرىدا ئۆزەمنى بىر تۈگىمەس كېچىككە كىرىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلدىم دە ھاپىلا- شاپىلا ئۆزلۈك ئۇقۇمنى كاللامدىن يۇيۇشقا تىرىشتىم .

بىراق بۇ ئۇقۇم مېنىڭ كاللامغا ياق يۈرۈكۈمگە ئورناپ كەتكەندەك قىلىۋاتاتتى .ئويلىماي ،غەم قىلماي دىسەممۇ ھېچ بولمىدى.

ئاپلا مەن ئىدىيە جەھەتتىن قاتتىق زەھەرلىنىپتىمەن دېدىم.دە ئۇدۇل بىر باشلىق ئاكامدىن تەلىم ئالغىلى باردىم .ۋاي توۋا دەڭ ئۇ باشلىق ئاكام ماڭا نەسىھەت قىلماقتا يوق  شۇنداق ماختاپ ئېلھاملاندۇرۇپ ،سىز دىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرلىك ،غورورلۇق ئوغلانى ،تاللىغىنىڭىز خەلق يولى ،يىگىنىڭىز ئاۋامنىڭ غېمىي سىزدەك ياشلارنىڭ چىققۇنى بىزئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئامەتەي.....دەپ مېنى تاس قالدى بېشىغا قوندۇرۇۋالغىنى.

شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قاتتىق ھاياجانلاندىم -دە ئاكا بۇنداق ئۇلۇغ ئىشنى ئىككەيلەن قىلايلى ،ئۇرۇق تۇققاندارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ مەن سىزنى قېتىۋالاي دېدىم ئۆزۈمچە ئوغولبالدارچىلىق قىلىپ.

ئاكام تۇرۇپ كېتىپ ئۇكام سەن ياش مەن بالا ۋاقامنىڭ غېمىنى ئاران يەيدىكەنمەن ،ئۆينى باقمىسام تېخى بولمايدۇ  ھازىرچە بۇ يولدا يالغۇز تىرىشىپ تۇرغىن ...

مەن چۈشەندىم ،ئەسلى مىللەتنىڭ غېمىنى بىزدەك ياش ۋاختىدا يەيدىغان گەپكەن ،توي قىلغىچە بوپتۇ يىگىدەك باشقا نەرسە تاپالمىغاندىكىن مىللىتىمنىڭ غېمىنى يەپ تۇراي ،باشقىلار يېمىسە ماڭا ھەممە غەم قالسا تېخى ياخشى ئوڭدىسىغا يېتىپ بەخرامان يالغۇز يەي تازا!

قېنى غەم تىزىملىكىمگە بىر قاراپ باقاي :مائارىپ خاراپلىقى،مىللىي ئۆرىپ ئادەت كىرزىسى ،ئانا تىل قايغۇسى،

ئەيدىسنىڭ يامرىشى،دىنسىزلىق،نوپۇس كىمىيىشى ،زىمنسىزلىشىش،ئۇيغۇر جەمىيەت بۇزۇقچىلىقى،مۇناپىقلىقنىڭ يامىرىشى،ھوقۇقدارلارنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرى(غالچىلىق)،مىللىي ھايا ۋە غورورنىڭ يىگىلىشى..

قايسىسىنى يېسەم بولا ئاۋال!؟؟؟؟ھېچ بىلەلمەي باشنى قاشلاپ ئولتۇرغىنى بىر ئاي بولدى !!!

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 21:39:43

يارايسىز دېسەك يەنە سىزنىمۇ قېتىۋالاي دەيسىز.ئان بىز قېرىندىشىم بالا-چاقامنى باقمىسام بولمايدۇ. بى ئۆينىڭ يۈكى بار دېسەك يەنە شۇ گەپ تەكرارلىنىپ قالىدۇ.  ئاينى ۋاقىتتىكى جۇڭگۇ ئازاد قىلىشتىن بۇرۇن، ھەم يىڭى ئازاد بولغان چاغدا ھەممە كىشى قورساقنىڭ غېمىدە يۈرۈپ باشقىنى ئويلاشقا پۇرسەت بولمىغان.  شۇ ۋاقىت يەنە كېلىپ قالماس ھە؟

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 22:57:13

راسىت، خوتۇن ئېلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىن جىق ئىشلار ئۆزگىرىپ قالغاندەك بولىدۇ. خۇددى ئوخچۇپ تۇرغان قانلار سۇۋۇپ كەتكەندەك، ئاساۋ ئاتنى كۆندۈرىۋەتكەندەك، قايناۋاتقان ئۇماچقا سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك... \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 02:13:22

تىما ئىگسىگە تەشەككۈر ئىيتىمەن .....................ئەلانى دەسسىۋەتتىم

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 06:52:00

ئۆي غېمى،بالا غېمى، خوتۇن غېمى ئەمەلىيەتتە ئوغۇلبالا ئۈچۈن نەق ئاشۇ مىللەت غېمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھەر بىر ئوغۇلبالا ئۆزىگە تەۋە بارلىق غەملەرنى تولۇق يىگەندە مىللەتنىڭ غېمىنى يىگەن بولىدۇ.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 14:47:37

‹‹كۆپ تۈكۈرسە كۆل تولار›› دىگەندەك ( سىز ئېيىتقان بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت بولسىمۇ ) ، ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنىتلىرى ، قىرىنداشلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ، يۈرۈش-تۇرۇش ، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى غېمىنى يىيەلىسەك ، توغرا ئۇسسۇلغا-توغرا يولغا يىتەكلىيەلىسەك ئاندىن ئاخىرقى ھىساپتا ھەممىمىز بىرلىشىپ مىللىتىمىزنىڭ غېمىنى يىگەن بولاتتۇق ، بۇ غەمنى ھەممىمىز بىللە يېسەك توغرا بولىدۇ ... بۇ ھەقتە ھەر قېتىم ئويلانغاندا مەنمۇ قاتتىق توۋلايمەن \"\"

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 15:30:55

بالىڭىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيلەڭ،چۈنكى بالىڭىز مىللەتنىڭ بىر قىسمى.

خوتۇنىڭىزغا ۋاپاسىزلىق قىلماڭ، چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ بىرقىسمىنىڭ ئانىسى.

ئاتا-ئانىڭىزنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ، چۈنكى ئۇلارمۇ مىللەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 22:45:08

5- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹كۆپ تۈكۈرسە كۆل تولار›› دىگەندەك ( سىز ئېيىتقان بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت بولسىمۇ ) ، ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنىتلىرى ، قىرىنداشلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ، يۈرۈش-تۇرۇش ، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى غېمىنى يىيەلىسەك ، توغرا ئۇسسۇلغا-توغرا يولغا يىتەكلىيەلىسەك ئاندىن ئاخىرقى ھىساپتا ھەممىمىز بىرلىشىپ مىللىتىمىزنىڭ غېمىنى يىگەن بولاتتۇق ، بۇ غەمنى ھەممىمىز بىللە يېسەك توغرا بولىدۇ ... بۇ ھەقتە ھەر قېتىم ئويلانغاندا مەنمۇ قاتتىق توۋلايمەن \"\"

          كۆپ  تۈكۈرسە  كۆل  تۇلار    ئەمەس   


          تامچا  تامچا      كۆل  تۇلار

بەت: [1]
: تەڭ يەيدىغانلار بارمۇ؟