Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 09:34:07

سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرى راستىنلا سۇ تازىلىيالامدۇ؟

<<ئىلانغا ئىشەنمە، ئىلانسىزمۇ يۈرمە>> دەپتىكەن دەپ ئەتتىگەندە ئىزدىنىشقا قويۇلغان ئىلانلاردىن بىر تامچە كۆرۈپ قالدىم. <<بىز ھېسياتقا بىرىلمەيمىز، سانلىق مەلۇمات ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ>> دېسە، بۇلار نېمە دەيدىغاندۇ ئەمدى، دەپ ئىلانغا دەسسەپ قالدىم. قارىسام ئابىچەشمە شىركىتى بىر خىل سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى تەشۋىق قىلغان بولۇپ ئىلان مەزمۇنى تولىمۇ ئەتراپلىق بوپتۇ دەپ قاراپ ھەممىنى چالا قويماي ئوقۇپ چىقتىم. قاتتىق سۇ، سۇ تەركېۋىدىكى ئېغىر ماددىلار دېگەنلەر ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ تۇراتتۇق، بولۇپمۇ بىزنىڭ دىيارىمىزنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولۇپ سالامەتلىككە زىيانلىق بولامىشكەن. مەنمۇ يېمەك-ئىچمەككە شۇنچە دىققەت قىلىپ تۇرۇپمۇ بۆرەككە 6-7 مىللىي تاش چۈشۈرۈپ ئولتادىم، دادامنىڭمۇ بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بولدى. بۆرەكتىكى تاشنى تازىلاپ بولغان بولساممۇ ھەر قاچان يەنە تاش پەيدا بولۇش خەۋپى بار ئىكەن. چۈنكى زادى بىز ئىچىۋاتقان سۇدا بىر مەسىلە بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن تۇربا سۈيىنى بىۋاستە ئىچىپ باقمىغىلى 8-10 يىلچە بولۇپ قالدى. سۇنى خام ئىچسەم ئاغزىمغا تۆمۈر دېتىدەك بىر خىل لاۋزا تېتىيدۇ. شۇڭا ھەر ھالدا قايناتقاننى بولسىمۇ ئىچەي دەپ قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىمەن. لىكىن بۇنىڭدىمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بىر مەسىلە بار. سۈزۈك ئەينەك ئىستاكاننى شۇنچە پاكىز تازىلاپ ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ ئىچسەك، ئىستاكان ئەتراپىدا يەنىلا دۇغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئامال قانچە، داۋاملىق تاغ سۈيى، بۇلاق سۈيى ئەكەلدۈرۈپ ئىچىپ بولغىلى بولمايدىكەن. مىنىرال سۇ دەپ تازىلانغان سۇنىمۇ تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىشلىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى سودىگەرلەر تەشۋىق قىلىۋاتقان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىدىن بىرەنى ئاشخانامغا ئورۇنلاشتۇراي دەپ ئويلاپ ئولتۇرغاندا <<ئابىچەشمە>>نىڭ ئىلانىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئىلاندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى، قاتتىق سۇنىڭ سالامەتلىكىمىزگە بولغان تەھدىتلىرىنى كۆرۈپ، ھىلىمۇ ساق ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەرنى ئېيتىپ بۇ ئۈسكۈنىنى سېتىۋالاي دەپ شىركەتتىكىلەرگە تېلفۇن قىلدىم. ئۆزۈمنى بىرەر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ئۇلار ، قەشقەردە ھازىرچە ۋاكالەتچى يوق ئىكەنلىكىنى، ئىمكان بولسا مېنىڭ مۇشۇ ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش ۋاكالەتچىسى بولۇپ بىرىش تەكلىۋىنى قويدى. ما بەلەن ئىشنى كۆرۈڭ! ئۆزۈم سېتىۋىلىپ ئىشلىتەي دەپ تۇرغاندا پۇل تاپىدىغان سودا پۇرسىتىمۇ چىقىپ قالدى. ئەمدى تورداشلار بىلەن پىكىرلەشمەكچى بولغان سۇئاللىرىم:


1.دىيارىمىزنىڭ يەر ئاستى سۈيى راستىنلا شۇنچە خەۋپلىكمۇ؟


2.سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەننىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار، بۇ ئۈسكۈنىلەر راستىنلا سۇنى تازىلاپ سالامەتلىكىمىزگە ياردەم قىلالامدۇ؟


3.مۇشۇ تۈردىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ تەسىراتى قانداق ئىكەن؟


4.قەشقەردە بۇ خىل ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئىھتىياج قانداق؟  بۇ خىل ئۈسكۈنىگە بازار بارمۇ؟

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 09:40:40

بۇ راس بولغان ۋەقە ، مەن مۇقەددەم 5 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان ۋاقتىمدا تۇربا سۈيى ئىچىپلا ئاغزىمغا لاۋزا تېتىپ شۇ ئىچمىگەنچە ھازىرغىچە تۇربا سۈيى ئىچمەيدىغان بوپ قالدىم ، بولمىسىغۇ خوتەننىڭ تۇربا سۈيى ئۆستەڭدىن بىۋاستە ئەكىلىۋاتىدۇ ، تەمىمۇ مەزىلىك خېلى ئىچىشلىك ئىدى ، بۇرۇنلاردا بەك ئىچەتتىم ، ئۈرۈمچىدە كونا سۇنى يىڭىلاپ قايتىلاپ ئىچىدىغان گەپكەن ...



مۇھىمى ، سۇ ھەممىنى بىلىدۇ دىگەن بىر فىلىم بارغۇ ، ياپونىيەلىك ئالىمنىڭ تەتقىقاتى سۆزلەنگەن شۇنىڭدىن كىيىن سۇغا تېخىمۇ ئىتبار بىرىدىغان بوپ كەتتىم ...

ALMAS0903 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 11:12:20

مىنىڭچە ئويلىغىنىڭىز ناھايىتى توغرا بوپتۇ ! سۇ ؟ ئادەم بەدىنىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ، سۇ پاكىزە بولسا تىنىڭىز ھېچ بولمىسا 60 پىرسەنت كىسەللىكتىن خالى بۇلالايسىز، شارائىتى بار دوسلارنىڭ ئامال بار سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن! كىسەل بولۇپ دوختۇرلار(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) نىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋاقتىڭىزدا بەزىدە بىر ئۆمۈر تاپقان پۇلىڭىز بىرنەچچە ئاي داۋالىنىشىڭىزغا يەتمەيدۇ ،شۇڭا ئاغرىپ قېلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىكنى ئويلاشقانلىق ئەمىليەتتە پۇل تاپقانغا باراۋەر! چۈنكى سىز ساق بولسىڭىز يەنە تاپالايسىز!

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 11:33:27

ئۆيدىكى توك چەينىكى بىلەن چۆگۈننىڭ ئىچى ھاكقا ئوخشاش نەرسە بىلەن تۇشۇپ كىتەي دەپ قالدى. خۇداغا شۈكرى سالامەت يۈرۈۋاتىمىز.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 11:36:28

ئىككىلەنمەستىن ئەمۋاينىڭكى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىڭ!!! ئادەتتىكى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىدىن قىممەترەك ، لېكىن ئەڭ نوچىسى....مېنرال ماددىلارنىمۇ سۈزىۋەتمەيدۇ... سۈزگەن سۈيىدە شورپا ، سۇيۇقئاش دېگەندەك تائاملارنى تەييارلىسىڭىز پەرقىنى ھېس قىلالايسىز....

  قالغىنىنى ئەمۋايچىلاردىن سورسىڭىز بەك تەپسىلىي چۈشەندۈرىۋېتىدۇ.....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 11:55:07

ئەمۋايچىلارغۇ بەك تونۇشتۇرۋېتىدۇ، بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن. ئۇلارنىڭكىنى كۆرۈپ باقاي دېسەم بەك چاپلىشىۋېلىپ ماڭا تاللاش پۇرسىتى بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن. خىجىللىق تۇيغۇسى ئۆلگەن بىر قانچە ئادەمدىن قۇتۇلغىلى تېخى ئەمدىلا 2-3 ئاي بولدى. ئۇلارنىڭ نۇمۇرىدىن تېلفۇن كەلسە تېلفۇنۇم ‹‹ئالدىراش››. مەھسۇلات ئوبدان بولغاندىكىن ئۇنچە قىلىپ كىتىش ياخشى ئەمەس ئىدى. گالىستۇك تاقىغان، كاستىيۇم كەيگەن ئىككى يېگىت ئۆيۈمنىڭ ئىشىكنى چىكىپ يەنە شۇ گەپنى دەپتى، ئاڭلىغۇم يوق دەپلا ئىشىكنى ياپتىم. بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدە بىر ئادەمنىڭ يۈزىگىلا ئىشىك يىپىشىم ئىدى. بۇ قاملاشمىغان قىلىقىمدىن ئايالىم ھاڭ-تاڭ قالدى.



ئەمۋاينىڭ ماللىرىنى ساتىدىغان بالىلار بولسا تونۇشتۇرسا مەيلىتتى، ياراپ قالسا ئالسام، يارىمىسا ئارقىمغا كىرىۋالمىسىلا بولىدۇ.

تېلفۇن نۇمۇرۇم: 13565662787

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 12:39:56

http://s.taobao.com/vertical/list.html?spm=a230r.1.16.4.c3d2eb&q=%BE%BB%CB%AE%C6%F7&initiative_id=staobaoz_20121018&cat=50018979&v=vproduct&psort=_static_score&cps=yes&ppath=20000:27961#refine



ما ئۇلىنىشقا كىرىپ قاراپ باقىلى قارىم. ئەمۋاينىڭكىنىمۇ ئالامدۇ~ ئۇلار كەينىلىرىگە كىرىۋىلىپ 5 كىلو ئاقسىل، 8 قۇتا ۋىتامىن، يەنە ئالتۇن قازان كۆمۈر چۈمۈچ... بالاغا قالىلا

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 12:52:05

سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغانلاردىن سوراپ باقسام ھىلىقى تۇرۇبا سۈيىمىزنى تەجىربە قىلىپ 1 كىلو سۇدىن چىققان 2 كىلو پاتقاق نىمە ؟نىمىگە ئاساسەن بۇنداق چۆكمە ھاسىل بۇلىدۇ ؟بۇنىڭ خىمىيىلىك ئاساسى نىمە بىلەن نىمە رىئاكسىيەلىشىپ مۇشۇنداق چۆكمە ھاسىل بۇلىدۇ ؟مۇشۇ ھەققىدە بىر چۈشەنچە بىرىۋاتقان بولساڭلار

يەنە سىلەرنىڭ سۇ تازىلاش ئۈسكۈنڭلاردىكى سۈزگۇچ (يەنى پىلتىر)سۇدىكى نىمىنى سۈزۈپ نىمىنى قۇيۇپ بىرىدۇ ؟شۇ ئوقەت سىلەرچە نەچچە مىڭ يۋەنگە يارامدۇ ؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 13:40:47

پات پات دەريادىن سۇ ئىلىپ كىرىپ، ئۆيدىكى چاي قاينىدىغان چەينەك چۆگۈنلەردە بىر قىتىم دەريا سۈيى قايناتسام، ئاستىدىن نەچچە ئۇچۇم تاشتەك نەرسىلەر چىقىدۇ. شۇڭا دەپ قالدىم ئاشقازان ئۈچەيلىرىمىز داتلىشىپ كەتكەنمىدۇ دەپ. \"\"

چەينەك چۆگۈنلەرنىڭ ئاستىدا شۇنداق نەرسىلەر تۇرۇپ قالغان بولسا، دەريا سۈيىدە بىر قىتىم چاي قاينىتۋەتسىڭىز ھىچنىمىسى قالمايدۇ. يازىچە ئىچىدىغان سۇغا دەريادىن تۇڭدا سۇ توشۇغان ئىدىم، يىقىندىن بىرى يەنە تۇربا سۈيىگە قالدىم. \"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 14:32:11

بىريىلنڭ ئالدىدا مەنمۇ بۆرىكىمگە 11 مىللىي تاش چۈشۈرۋالغاندىن كىين تاشنى ئاتقۇزۇپ چۈشۈرۋىتىپ ، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تاۋباۋدىن جۈمەككىلا ئورنىتىپ قويدىغانندىن بىرنى ئەكەلدۈرگەن، ھازىرچە شۇنى ئىشلتىۋاتىمەن...

ھەكىم مېنڭىچە قەشقەردە بۇ خىل مالنىڭ بازىرى ئاللبۇرۇن ئېچىلىپ بولغان، ساتىدىغانلارمۇ ھەم خېلى كۆپ، مەن تۇرىۋاتقان ناھيىدە ئىككى خىل ماركىنىڭ ۋاكالەت ئېگىللىرى دائىم ئائىللەرگە بېرىپ تۇرىبا سۈينى تەجرىبە قېلىپ ماللىرنى سېتىپ تۇرىدۇ.

باشقلاردىن ئاڭلىشمىچە كەنئاننىڭ خېلى ياخشىمىش

yoltap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 15:07:20

http://www.foryou-china.com/min_site15/index.html

بۇنى كۆرۈپ بېقىڭلار

18099149284

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 17:20:46

<< سەيىھان>>نىڭ قانداقتۇ, بىزنىڭ ناھىيىدە مۇشۇ سىتىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ باھانىدە سورىۋالسام: دادامنىنڭ بۆرىكىگە 36مىللى تاش بار ئوپراتسىيە قىلىمىزدىگەنتى,ياندۇرۇپ ئاچىقتۇق, باشقىچە ئامالىمۇ بارمۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 18:56:31

مەن كۈرۈپ باقسام ماۋۇ بىرئاز بولىدىغاندەك كۈرۈندى.


\"\"


http://s.taobao.com/search?spm=a230r.1.8.13.5cf61e&q=3M+BFS1-100&initiative_id=staobaoz_20121018&cat=50018979&style=list&v=product&tab=all&cps=yes&from_pos=20_50018979.default_0_1_127912661&pspuid=127912661&p=detail&psrc=detail&bcoffset=2&sort=sale-desc#J_Filter

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 21:14:59

ئاڭلىسام بۇ سۇ تازلاش ئۈسكىنىسى ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتىنىمۇ مىنرال سۇغا ئايلاندۇرامىشقۇ  {:92:}

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 22:23:01

ئەڭ ياخشىسى ئاۋۇ يۈزى قېلىن ، بېزەڭ ئەمۋايچى، نىيۇسكىنچىلاردىن يىراق تۇرغايسىز \"\"

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 22:33:29

مەن بىر ۋاقىتتا خەۋەردە گىرمانىيەدە جوڭگونىڭ ئەنجىر ماركىلىق سۇ ساپلاشتۇرۇش ئەسۋابىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغان،

ئەگەر ئالىدىغان بولسىلىرى شۇنىڭدىن ئالسىلا، ماڭا ھايىت دىۋىتەلا مەنمۇ بىرنى ئالىمەن،

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 23:03:15

ھاياتنى قەدىرلەپ، ئەمۋايچى ۋە نىيۇسكىنچىلاردىن يىراق تۇرايلى !

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 23:04:48

يەر ئاستى سۈيىلام خەتەرلىكمۇ ياكى ئۆستەڭ سۈيىمۇ شۇنداقمۇ؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 16:36:34

بىزنىڭ ئىدارىغا بىرنى ئالغان ، بۇرۇن توك چەينەكتە چاي قايناتساق سۇ دۇغى قالاتتى ، چەينەك ئاستىغا كالتىسىي كاربونات ئورنىۋالاتتى ، ھازىر قەتئىي چاي قايناتساق سۇ دۇغى يوق ، چەينەكنىڭ ئاستى يىڭى ئالغاندەك . ئادەتتە سوغاق سۇيىمۇ شۇنداق ئىچىشلىك ...

مەنمۇ كەلگۇسىدە بىرنى ئېلشنى ئويلاشتىم ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 08:13:13

مىنىرال سۇ 矿泉水 بىلەن ساپ سۇ 纯净水 ئىككىسى ئوخشىمايدىغان نەرسە، بازاردىكى باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ.

مىنىرال سۇنىڭ تەركىۋىدە بەدەنگە پايدىلىق مىنىرال ماددىلار كۆپ بولىدۇ، بۇ مىنىرال ماددىلار تەبىئى، سىڭىشلىك، ئادەتتە تاغ سۇلىرى، بۇلاق سۇلىرى شۇنداق مىنىرال سۇ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما ئاشۇ سۇلارنى تۇرۇبا ئارقىلىق ئۆيىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرسە ئۇنى مىنىرال ئەمەس دەپ تازىلاپ ئىشلىتىمىز  {:92:}  

چەينەك ئاستىغا ئولتۇرۋالغىنى كالىتسىي ماددىسى، يۇقرى تىمپىراتۇرىدا بىر قىسمى قاتتىقلاشقان بولىدۇ، ھەرگىز زەھەرلىق ماددا ئەمەس.

بازارلاردىكى تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلغىنى ساپ سۇ دەپ ئاتىلىدۇ، سەۋەبى تازىلاش جەريانىدا تەركىۋىدىكى مىنىرال ماددىلار زىيانغا ئۇچرىغان، بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇنئى ئۇسۇلدا مىنىرال ماددىلارنى قوشۇپ \"مىنىرال سۇ\" دەپ ساتماقچى بولۇشقان، ئەمما دۆلەت قوشۇلمىغان بولسا كىرەك، ھازىر 农夫山泉 دىن باشقىلىرى سۇيىگە مىنىرال سۇ دەپ يازمايدۇ( مەن كۆرگەنلەر ئىچىدە).



دىمەك سۇ تازلاش ئۈسكۈنلىرىنىڭ پايدىسى ھەم پايدىسىز تەرەپلىرى تەڭ مەۋجۈت. ئەگەر مىنىرال سۇ ئىچىش ئىمكانىيتىمىز بولسا ھەرگىز ئۇنى تازىلاپ يۈرمەيلى. يېزىلاردا مەھەللىمىزگە كىلىدىغىنى تەبىئى تاغ سۈيى، تىندۇرۇپ قاينىتىپ ئىچسەك بولىۋېرىدۇ. شەھەرلەردىكى بۇلغىنىش سۇ يەتكۈزۈش يولىدىن كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىمۇ قاينىتىش ئارقىلىق چىقىرۋېتىش مۈمكىن، سۇ يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى ئۇ سۇلارنى تازىلاپ ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىدە يوللاپ بېرىدۇ. سۇ تازىلاش ياكى تازلىماسلىقتا سۇ مەنبەسىگە قاراش كىرەك.



ئەمۋايچىلار بۈگۈن سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ساتسا ئەتىسى كېلىپ \"ئاكا، سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى كالىتسىينى چىقىرۋېتىدۇ، ئۇنى ئىچسىڭىز كالىتسىي كەملىك كېلىپ چىقىدۇ، ماۋۇ كالىتسىي تابلىتىنى ئېلىپ ئىچىڭ\" دىسە \"\" ئۇنى ئۇرۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ \"\"
بەت: [1] 2
: سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرى راستىنلا سۇ تازىلىيالامدۇ؟