Qunek يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 11:55:13

ئۇيغۇرچە گاڭنام ئۇسلۇبى (ئالامەت)

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن بىر نەچچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق ئارقىسىدا ، دۇنياۋى مودا ناخشا گاڭنام ئۇسلۇبىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ تەييار قىلدۇق .



رېىژىسور ، مونتاژ : قۇناخۇن              ئوپراتور : ئوتۇنچى                    مەيدان خاتىرلىگۈچى : پىتباش



رېژىسورنىڭ سۆزى : مونتاژلىق قىلىش جەريانىدا ئوتتۇردا ئازراق پىستان چېقىش بارلىقىنى سەزگەن بولساقمۇ ، قايتا تەھرىرلەشكە ۋاقىت يار بەرمىدى . ئەمما ، فىلىم ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى چىقتى دەپ ئويلايمىز



سىننىڭ ئەسلى ئادىرسى :

http://v.youku.com/v_show/id_XNDYzMDMyNDIw.html



izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-31 21:27:51

ئانچە بولماپتۇ \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:06:54

ھوپ،ھوپ ھوپ قونەك گامدام ستايىل دەپ كىرگۈزۈپ قويماي.



  {:92:}

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:08:47

بۇنى كىممۇ كۈچلۈك تەلەپ قىلغان بولغۇيتى

jasur971 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:09:03

ۋاي بەك كۈلكىلىك بوپتۇ ....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:12:38

ھا ھا ھا دەھشەت كەپتۇغۇ بۇمۇ. مۇشۇ مۇنتاژلىق، ئاۋاز كىرىشتۈرۈشلەرنى ئۆگەنگىم بار ئىدى.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:24:05

ۋاي يەجۇج-مەجۇجلار، مەن تېخى ئەقىللىق ئارتىسىتلىرىمىزدىن ئويناپ چىققان ئوخشايدۇ دەپ كۇچۇرۇۋىلىشقا تەقلەپ تۇرۇپ كۇرسەم ماز-ماز بىرنىمىلەر چىقىۋاتىدۇ، خۇددى قۇناخۇننىڭ پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەن لەڭپۇڭىدەك،ئاخىرىنى كۇرمەيلا قويدۇم،بولدى بەس،

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:43:25

پىنھان قاتارلىق بىرنەچچەيلەن تەلەپ قىلىشقان ئىدى بۇمۇ رىياللىققا ئايلىنىپتۇ مانا ھى ھى ھى







لەڭپۇڭ موھىممۇ كاڭناممۇ

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:56:47

كىرىشتۈرمە ئىكەنغۇ، تىخى نەخمەيدان ئالغان ئوخشايدۇ دىسەم \"\"

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:09:37

دەھشەت چىقىپتۇ ماۋۇ..ھەقىقى ئۇيغۇرچە گامنام سىتايىل  {:90:}

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:11:33

ئاۋۇ چەتئەللىك ئېيتقىنىنى ئاخىرىغىچە كۆرمىگەنتىم قېلىن كۈرۈنۈشلەر چىقىۋېلىپ.

مانى ئاخىرىغىچە كۈرەلىدىم \"\"

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:41:42

قىلدىغان قىلىق تاپالماي مۇشۇ نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتىڭما ، ۋۇ مازلا . ما باشقۇرغىچىلامۇ ئىشەك باقامدىكى مۇشۇنداق نەرسىنى تەھرىرلەپ.

Qunek يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:48:35

10- قەۋەتتىكى bandit12نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىلدىغان قىلىق تاپالماي مۇشۇ نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتىڭما ، ۋۇ مازلا . ما باشقۇرغىچىلامۇ ئىشەك باقامدىكى مۇشۇنداق نەرسىنى تەھرىرلەپ.

كۆڭۈل خوشى دەپ تېما يوللىسىمۇ ئارلىشۋالدىكىنە توۋا .... ماڭ جۇگۇ سەن توردا قۇرۇق ەەپ قىلىپ مىللەتنى تەرەققي قىلدۇرۇپ كەل . مەن ئۇنداق چوڭ ئىش قىلالمايمەن . مۇشۇنى كۆرمىسەڭ بولمايتتى دەپ پاچىقىڭغا ئېسىلۋالمىغاندىمەن تېخى . باشقۇرغۇچىلار ھەدەڭنىڭ يولدىشىدەك گەپ قىلماي ئۆزەڭ خالايدىغاننى تېپىپ كۆرۈپ كىلە ماڭ . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ، باشقىلار خوشال بولسا ئىچى قاناپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئىچى قوتۇر ئادەملەرنى زادى قېرى ھاڭگىغا تۇتۇپ بەرمىگۈچە ئوڭشالمايدۇ .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:51:36

بۇ ناخشىنى ياقتۇرمىغىم بىلەن قۇناخۇننىڭ سىنىنى كۆرىۋەتتىم

ئاغزىنى كەلتۈرىدىغانغا يەنە سەل كۈچىۋەتكەن بولساڭلار نوچى بولاركەن \"\"

SalamMawjushi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:54:20

بۇ قۇناخۇن دىگەن تورداشنى مەن تونۇيمەن . بۇ قېرى ئوغرى مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ پارتىيەنىڭ فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ئاڭلايدىغان قۇلاققا ، غەرپنىڭ ئەكسىيەتچى ناخشىلىرىنى سىڭدۈرۋاتىدۇ . پىرولتارىيات جەڭچىلىرىگە خوشال بولۇش ، كۈلۈش دىگەن ھارام . پىرولتارىيات جەڭچىلىرى قىيىنچىلىق ، كۆز ياش ئىچىدە ئۆزىنى تاۋلىشى كىرەك ئىدى . ئۇيغۇر خەلقىگە قانداقمۇ كۈلكە ياراشقاي ؟ پارتىيەدىن ؟؟؟؟؟؟؟؟ ئۆلۈمۈڭنى تىلەيمەن ۋۇ ئوغرى .

hoxhawar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 13:58:52

تازا جايىدا كىرىشتۈرۈپسىلەن ،ئەسلىي بۇ دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە گامنام دەل مۇشۇنداق تېتىقسىزلارغا تازا چۈشەتتى!!!پىچەت!@

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 15:51:20

قىممايدىغان ئىشى يوق ئوغرى بۇ قۇنەك دىگەن \"\"  {:92:}

crazy_for_u يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 15:58:16

ۋاي بەك كەپتۇ ماۋۇ،،،،،،.كۈلۈۋىرىپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كىتەي دىدى،،،،قۇناخۇن باشلىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەگە رەخمەت....كەيپىيات ياخشى ئەمەستى....مانى كۆرەپ بىژدەمدە ئوڭشىلىپ قالدىم دىسە \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 16:04:46

1- پىقىر ئۆتمۇشتە ، ھازىرمۇ ، كەلگۇسىدىمۇ بۇ تىمىنىڭ يازما ئاپتۇرىنى تونۇمايدۇ ، ھەم ئاپتۇر بىلەن ھىچقانداق پايدا زىيان ، مەنپەئەت توقۇنۇشۇم يوق ، ئىنكاسىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى (قىستۇرما رەسىم ، خەت ، ھەرىپ ، بەلگە ، ئۈن -سىن ماتىرياللىرى ) ئىنتىرنىت تورىدىن كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن ، كۆچۇرۇلگەن مەزمۇننى پىقىر تولۇق ياكى قىسمەن چۇشەنمەيدۇ (ئىنكاس مەزمۇنىنى چۇشىنىش ، ئوقۇش ، مۇلاھىزە قىلىش ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق ).

2- يازما ئاپتۇرىنڭ يازغان مەزمۇنى پىقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پىقىر پەقەت «تېما كۆرۇپ ئىنكاس يىزىش شەرەپ ، ئۆزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۇزۇش » مەقسىتى بويىچە «ئېشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئىچكى ئىھتىياجىنى كىڭەيتىپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش » پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس يېزىپ ، مۇنبەر دەرىجەمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم .

3- پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ۋە باشقا قىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىرلىق ، ئوپتىكىلىق، مىخانىكىلىق ئقتىدارلىرىنى سىناش ئۇچۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ پىقىرنىڭ بۇ يازمىغا بولغان تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا بولغان قوشۇلۇشى ياكى قارشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىمەيدۇ .

4- تۇمۇشتا خەۋىپ خەتەر كۆپ ، پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھىچقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ، خىزمەت پوزىتسىيسى ، نىكاھ ۋە دوسىتلۇق ، پەرزەنىت تەربىيسى ياكى سەلبىي قاراشلىرىنى قوللاش ، دارىتمىلاش، رىغبەتلەندۇرۇش ، ئەكىس ئەتتۇرۇش مەقسىتى يوق . قورامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم چوڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇڭ ، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوقلار بۇ توربەتتىن چىكىنىپ چىقىڭ ، ھەمدە %20 لىك كالىي پېرمانگاناتقا (مارگانسوۋ) %75 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى قوشۇپ ئۆزىڭىز ۋە كۆمپىيۇتىرنڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، CPU , GPU , قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا قاتارلىقلارنى بىللە چىلاپ دېزىنفىكسىيە قىلىڭ .

5- پىقىرنڭ بۇ ئىنكاسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئەمىر پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا ، تور باشقۇرغۇچى ئىنكاسىمنى تازلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئىنكاسنى ۋاقتىدا تازلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانۇنغا (ئاساسىي قانۇن ، ئوم قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇن ، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى ، نىيۇتۇننىڭ 1-،2- ، 3- قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك قانۇن نىزاملارنى(يەنى كەينىدە خەنچە 法 خىتى بولغان بارلىق قانۇنلار ، مەسىلەن :加法、减法、乘法、除法、剑法、拳法、脚法、民法,刑法,书法,公检法,基本法,劳动法,婚姻法,输入法,没办法,国际法,

今日说法,吸星大法,与台湾关系法及文中涉及或可能涉及以及未涉及之法,قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ) تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ، تالاش تارتىشلاردا پىقىر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ .

6- پىقىر ھەرقانداق شەكلىدىكى دەرىجە ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ ، ئەگەر تۇتۇشقا توغرا كەلسە تىما يازغۇچىنى ، تەستىقلىغۇچىنى ،مۇنبەر مەسئۇلىنى ، تور بەت باشقۇرغۇچىنى ياكى قانۇنىي ۋەكىلنى تۇتۇڭ ، زادى تۇتمىسام پۇقرانىڭ غەزىپى بىسىلمايدۇ ياكى باشلىق خاپا بولۇپ مۇئاشىمنى بەرمىسە ، خوتۇن باللىنى باقالماي قالىمەن دەيدىغانلار بولسا ، خاپا بولماي خىزمەت كىنىشكىسى ، كىملىك ، توي قىلىش ئاجرىشىش كىنىشكىسى ، يالغۇز پەرزەنىتلىك كىنىشكىسى ، ساغلاملىق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىسكىسى ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى … ۋە ناھىيدىن يۇقرى دەرجىلىك ھۆكۇمەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرش خىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئادەم تۇتۇڭ ، تۇتۇش تەرتىۋى: تېما تەستىقلىغۇچى ، تىما يازغۇچى ، مۇنبەر مەسئۇلى ، تور نازارەتچىسى ، تور بوشلۇقى تەمىنلىگۇچى ، ISP تور مۇلازىمەت تەمىنلىگۇچى ، توك تەمىنلىگۇچى ، كومپىيۇتىر ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار ، ئويغۇرچە كىرگۇزگۇچ كەشىپ قىلغانلار

7- يۇقارقى مەزمۇننى پىقىر كەلگۇسى نەچچە مىنۇتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ ، يۇقارقى مەزمۇنغا نىسبەتەن ھىچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .

8-بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرقى چۇشەندۇرش ھوقۇقى پىقىرغا مەنسۇپ .







ماۋۇ يېڭىدىن مودا بولغان ئىنكاس يېزىش ئۇسۇلىكەن چاپلاپ قويدۇم !

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 16:40:46

مانى كۆرەڭلار:



http://p.you.video.sina.com.cn/swf/quotePlayer20121016_V4_4_41_41.swf?autoPlay=0&actlogActive=1&as=1&vid=87909563&uid=2101930612&tokenURL=http%3A%2F%2Fyou.video.sina.com.cn%2Fapi%2FsinawebApi%2Foutplayrefer.php%2Fvid%3D87909563_2101930612_Z06zHyAwBjGP%2BEh0HTWxve0D%2B%2FcXuvDogW29u1uhIw1PE1XaapSea90O5S%2FVFqwbrz0xHcZkeP8wkkR5ZahZ3jIjagkVg1Y%2Fs.swf&tHostName=izdinix.com
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئۇيغۇرچە گاڭنام ئۇسلۇبى (ئالامەت)