birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 23:30:22

شىۋېتسىيەلىك 3 ئۇيغۇر قىز

1709 - يىلى شىۋېتسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا پولتاۋا ئۇرۇشى پارتلىغان. شىۋېتسىيە مەغلۇب بولۇپ، مىڭلىغان ئەسكەر ۋە پۇقرالار رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. رۇسلار بۇلارنى يېڭى ئېچىلغان سىبىرىيە رايونىغا ئەۋەتىپ ئىشقا سالغان. شۇلار بىلەن ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىرگىرىتا كىرىستىنا سكېرزېنفېلد (Brigitta Christina Scherzenfeldt) دەپ بىر ئايالمۇ بار ئىدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىنى بېسىپ ياتقان جۇڭغارلار (قالماقلار) سىبىرىيەدە توختىماي پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ تۇراتتى. 1716 - يىلى جۇڭغارلارنىڭ سىبىرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىرگىرىتا ئىسىملىك بۇ ئايال جۇڭغارلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ۋە غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن.

    بۇ مەزگىلدە قالماقلار (ياكى جۇڭغارلار)نىڭ چەۋەندازلىرى بىرگىرىتاغا كۆپ قېىتىم باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغان، ئەمما بىرگىرىتا جان - جەھلى بىلەن رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمگە قارىماي باسقۇنچىلىقنى رەت قىلىشى قالماق خانى ئايۇقخاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەن، ۋە ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغان. بىرگىرىتا ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللى ئۆرپ - ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغاندىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن قالماق خان بىرگىرىتانى جىنسىي پاراكەندىچىلىكتىن خالى قىلغان. ھەمدە ئۇ ئاستا - ئاستا خانغا ياراپ قالغان. چۈنكى ئۇ توقۇمىچىلىق ۋە كەشتە تىكىشنى بىلەتتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوردا خىزمەتچىلىرى ۋە خاننىڭ خوتۇن قىزلىرىغا ئۆز ھۈنەرلىرىنى ئۆگەتكەن ۋە ئەزىزلىنىدىغان قۇللار قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. كېيىن  ئۆزى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشكەن ھەربىي ئوفىتسېر يوھان گۇستاف رىنات بىلەن توي قىلغان. گۇستاف رىناتمۇ توپ - زەمبىرەكلەرنى ياسىيالىدىغانلىق ھۈنىرى بىلەن قالماق خانغا ياراپ قالغانىدى.

1727 - يىلى قالماق ئوردىسىدا پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەختكە چىققان خان بىرگىرىتا بىلەن گۇستافنى ياقتۇرۇپ قالغانلاردىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە يۈز نەچچە قۇل - دېدەكنى ھەدىيە قىلغان.

  ئەمدى ھېكايىمىزگە كەلسەك، بىرگىرىتا بىلەن گۇستافقا قوشۇپ بېرىلگەن قۇل - دېدەكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر ئىدى. ئۇلار موسكۋاغا بارغۇچە قۇللارنىڭ كۆپ قىسىمى كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 6 نەپەر قىزنى رۇسلار ئېلىپ قالغان. گۇستاف بىلەن بىرگىرىتا 1734 - يىلى 3 نەپەر خوتەنلىك ئۇيغۇر قىز قۇلنىڭ ھەمراھلىقىدا سىتوكھولىمغا قايتىپ كەلگەن.

بۇ 3 ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىسىملىرى ئالتۇن، يامانقىز ۋە سارا ئىدى. ئۇلار سىتوكھولىمغا بارغاندىن كېيىن چېركاۋدا ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىمان ئېيتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئالتۇنغا ئاننا كاتېرىنا (Anna Catharina)، يامانقىزغا مارىيا سىتىنا (Maria Stina)، ساراغا سارا گىرىتا (Sara Greta) دەپ خىرىستىيانچە ئىسىم قويۇلغان...

شۇنداق قىلىپ باشلىنىدۇ ئۈچ يۈز يىللار بۇرۇنقى شىۋېتسىيەلىك بۇ ئۈچ ئۇيغۇر قىزنىڭ ھېكايىسى. بىرگىرىتا خانىم دىيارىمىزنىڭ غۇلجا، ياركەند، كاشغەرلىرىنى چۆرگىلەش ۋە بۇ ئۈچ قىز ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى ئەنگلىيەلىك ئادىشى ۋىگور خانىمغا سۆزلەپ بەرگەن. بۇندىن بۇرۇنمۇ ئانچە - مۇنچە ئىلھامى تۇتۇپ قويىدىغان ۋىگور خانىم، دەرھال بۇ ھېكايىنى بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.

ئەمدى دېمەكچى بولغىنىمىز دەل مۇشۇ كىتاب:

كىتاب ئىسمى: بىر خانىمنىڭ خەتلىرى

تۈرى: تارىخ

يازغۇچى: ۋىگور

نەشىر قىلىنغان ئورۇن: لوندون

(بۇ كىتاب لازىم بولسا، بىرھون تورىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈنلۈك مەزمۇنلىرىغا نەزەر سېلىڭ.)

بىرھون تورى www.birhon.com

egemyar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 11:08:54

خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزۈلگەن دەڭ...

jasur971 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 11:52:21

نەچچە يۇز بۇرۇنقى تارىخى ۋەقەكەن بۇ ...

راسىت بۇر يەر دىكى يىلنامە خاتا يىزىلپ قالدىمۇ قانداق   ‹‹ 1916 - يىلى جۇڭغارلارنىڭ سىبىرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىرگىرىتا ئىسىملىك بۇ ئايال جۇڭغارلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ۋە غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن. ››



يازمىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا قارىغاندا 1716-يىلى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:15:35

بۇ ئۈچ ئايالنىڭ ئەۋلادلېرى ھازىرمۇ بار ھەقىچان ئەمىسە...كىنو قىلغۇدەك ۋەقەلىككەن بۇ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 12:34:38

2- قەۋەتتىكى jesur971نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەچچە يۇز بۇرۇنقى تارىخى ۋەقەكەن بۇ ...

راسىت بۇر يەر دىكى يىلنامە خاتا يىزىلپ قالدىمۇ قانداق  ‹‹ 1916 - يىلى جۇڭغارلارنىڭ سىبىرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىرگىرىتا ئىسىملىك بۇ ئايال جۇڭغارلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ۋە غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن. ››



يازمىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا قارىغاندا 1716-يىلى



شۇ شۇ ، مەنمۇ ئاشۇ يەرگە كەلگەندە نەچچە ئادىشىپ كەتتىم،

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 14:42:14

قۇلغا قۇل ھەدىيە قىپتىكەندە. \"\"

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 15:06:35

2- قەۋەتتىكى jesur971نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹ 1916 - يىلى جۇڭغارلارنىڭ سىبىرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىرگىرىتا ئىسىملىك بۇ ئايال جۇڭغارلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ۋە غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن. ››



يازمىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا قارىغاندا 1716-يىلى

كەچۈرۈڭلار، خەت باسقاندا خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ. توغرىسى jesur971 نىڭ ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك 1716

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 16:06:51

قۇل قىلىنغان، ۋەتەندىن ئايرىلغان، دىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەن ... نېمە دېگەن ئېغىر ئازاب. بۇ ئۈچ ئاجىزەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىلا ھېچنېمىسى قالماپتىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان ھالەتتىمۇ ئاڭلىغۇدەك ھېكايە چىقىشى ناتايىن.

بايا يۇكۇدا ھونگىريەدىكى ئۇيغۇرلار دېگەن ماۋزۇدىكى بىر سىننى كۆرسەم چوڭ، ھەشەمەتلىك بىر چىركاۋدا ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ چوقۇندۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان كۆرنۈشلىرى ئىكەن. ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملەرنى ياراشتۇرۇپ كېيگەن ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. پائالىيەت داۋامىدا بىر ئۇيغۇر ئازىراق سۆزلىدى، پەمىمچە فىرانسوزچە سۆزلىگەندەك قىلدى. يېنىدا بىرسى ھونگىرچىگە تەرجىمە قىلىپ بەردى. قىرىنداشلار، مىڭ يىللاردىن بىرى سىلەردىن ئايرىلىپ كەتكەن قىرىندىشىڭلار سىلەرگە سالامغا كەلدۇق دېگەندەك سۆزلەردىن بولۇپ ئالدىدا بىر قانچە جۈملىنى ئۇيغۇرچە قىلدى. مېنىڭچە دىن ئالماشتۇرۇش يۇرت ئالماشتۇرغاندەك ياكى باشقا يۇرتقا مۇھاجىر بولۇپ چىقىپ كەتكەندەك ئاددىي ئۇقۇم ئەمەس. بەلكىم ئۇ شۇ ئالماشتۇرغان دىنىدىن خاتىرجەملىك تاپقاندۇ ياكى باشقا مۇددىئالىرىغا يەتكەندۇ، لىكىن مېنىڭ بەك دېققىتىمنى تارتقىنى ئۇ ئادەمنىڭ دىن ئالماشتۇرغاندىن كىيىنكى روھىي ئىپادىسى ھېچ بىر ھاياجانلانغان، شاتلانغاندەك ئەمەس. كۆزلىرى، چىرايى يەنىلا شۇنچىلىك مىسكىن، زەئىپ كۆرۈندى. ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ ۋەتەن دېگەن ئۇقۇمنىڭ تار دائىرىدىكى زېمىن، تېرىتورىيە ئەمەسلىكىنى سەل چۈشەنگەندەك بولدۇم.

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 16:42:37

ئامالسىز بولغان چوقۇنۇش ئىكەندە ،دىندىن مەجبۇرى ۋاز كىچىىش، يات ئەلدە يىگانە ياشاش \"\" ئازاپ \"\"

petir manta يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 16:57:33

«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»تە كۆرگەندەك قىلىمەن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پارچىنى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 18:13:28

بۇنداق ھېكايەتلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن،.......

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 21:36:13

بۇ ھېكايە راست بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقارالىق شىركەتنىڭ لىدېرى بولۇپ تۇرغان بۇرھان شەھىدى گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيەدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ شۇچاغدا بېشىغا دوپپا كىيىۋالغانىكەن. بىر باغچىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا سىم توساقنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ ئەر-ئايال(ئۈچتىن كۆپ) سىم توساقنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇرھان شەھىدىگە قاراپ يىغلىشىپ، قوللىرىنى پۇلاڭلاتقان، بۇھان شەھىدى توختاپ سىم توساقنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن گەپلەشمەكچى بولغان بىراق ئۇلار پۈتۈنلەي شۋېتچە ياكى نېمىسچە سۆزلىگەن، تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، ئۇلار«بىزنىڭ ئەسلى يۇرتىمىزدىكى كىشىلەر سىزگە ئوخشاش دوپپا كىيەتتى، بىز ناھايتى كىچىك چېغىمىزدىلا بۇ يەرگە كەلگەن، بەزىلەر مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان، بىز سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى دوپپىنى بىلىمىز...»دېيىشكەن. دېمەك، ئۇلار ئاشۇ يۈز يىللار ئىلگىرى ياۋروپاغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 22:00:43

قايسى خەلقارالىق شىركەت بولغىيتى؟!..قىزقىپ قالدىم...

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 22:03:13

قايسى خەلقارالىق شىركەت بولغىيتى؟!..قىزقىپ قالدىم...

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 22:21:01

«شىنجاڭدىكى 50 يىلىم»ناملىق كىتابتا بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى خاتىرلەنگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى خەلقارالىق شىركەت ئەمەس، لېكىن پائالىيىتى خەلقارالىق ئىدى.

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 13:45:42

بۇرھان ئەپەندى ھاياتىدا بۇ زېمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى،ياخشى ئىشمۇ يامانمۇ ئۇنى كېيىنچە بىلىپ قالىمىز.بۇ زېمىندا ھەممە قانخورغا ئىشلەپ قىلچىلىك زىيان تارتىمىغان كىشىدە بۇ، جىن غىمۇ ئىشلىدى شىڭ غىمۇ ئىشلىدى،ئۇندىن كېيىنكى پارتىيىلەرگىمۇ ئىشلىدى.خەلقارالىق شېركىتى قانخورلارغا مۇشۇ زېمىندىكى خەلقنى قىرىدىغانغا قورال-ياراغ سېتىۋېلىشقا مەسئۇلغۇ دەيمەن. بۇ كىشى ئۇيغۇرمۇ ؟؟؟ ئىۋۇ رىۋايەتتە ئاشۇ دۆلەتلەردە بېشىغا دوپپا كىيىپ يۈرۈپتىمۇ ؟؟؟ بۇ رىۋايەت ئىشەنچىلىكمۇ ؟؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 16:48:13

16- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


7- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@birzat  


شۇ  يوكۇدىكى   ئۇيغۇرنىڭ  ھونگىرىيەدە  خىرىستىئان  دىنغا  كىرگەن  مۇراسىمىكەن  دىگەن  نەرسەڭلىنىڭ  ئادىرسىن ى قالدۇرۇڭلا  ، مەن نىمىلىكىنى  ئېنىقلاپ  دەپبېرەي .


خاتالاشمىسام  ، نىمىلىكىنى بىلمەي  بىلىككىمۇ  يوللىغان  ھېلقى سىن كۆرۈنۈشى  شۇ ھەقاچان .


بۇ ئۇيغۇرلار نىمە  قىلىۋاتىدۇ  تېمىسىدىكى  


http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=24676&rpid=192016&ordertype=0&page=1#pid192016



ھونگىرىيەدىكى  ھونگىرلار  قۇرۇلتى  مۇراسىمى  .


گېرمان  تىلىدا  سۆزلىگەن  ، ئاۋۇ ئۇيغۇر  گېرمانىيەدىن  كەلگەن ، 2010- يىلدىكى  ھونگىرىيەدىكى  ھون ئەۋلاتلىرى ھونگىرلار  قۇرۇلتىيى  مۇراسىمى ، ھونلار  ياۋروپاغا كۆچۈپ  ھونگىرىيەدە  تۇرۇپ قالغاچقا ، ھازىرقى  ھونگىرىيەنىڭ  پۇقراسى بولمىش  ماجارلار  ئىسلام دىن قوبۇل قىلماي  ،خىرىستىئان دىن قوبۇل قىلغان . شۇڭا ئەلگە  كىرسەڭ ئېلىڭچە  دەپ ، ئۇزاق تارىختىن بېرىقى  ئازراق بولسىمۇ ئۇرۇق تۇققانچىلىق  مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق  دىپلوماتىيە  ئورنىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىشتىراك قىلىشىدىكى  بىر مۇراسىم ئۇ .






سىلى يوللىغان سىن شۇ ئىكەن. ئۇ يېغىلىش دىنىي كەيپىيات شۇنداق قويۇق بىر چىركاۋدا، يەنى كىلىپ سىلى دېگەن تەقۋادار ماجارلار ئارىسىدا بولغان بولغاچقا شۇنداق تەسىراتتا بولغان چىغىم بار. قارىسام نېرۋاڭلىنى ئۆرلەتكەن چېغىم بار.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 17:08:05

قىيدىمىدىم. قارىسام مىللىي قىرىنداشلارنى يامان كۆرۈپ قالدى دېگەندەك ئويلاپ قاپتىمەن، بىلىكتىكى ئىنكاسلىرىڭلارنى قوشۇپ ئوقۇپ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 18:09:57

19- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىيدىمىدىم. قارىسام مىللىي قىرىنداشلارنى يامان كۆرۈپ قالدى دېگەندەك ئويلاپ قاپتىمەن، بىلىكتىكى ئىنكاسلىرىڭلارنى قوشۇپ ئوقۇپ.

مۇنازىرەڭلار «دىنىي بىرلىك» مۇھىممۇ ياكى «مىللىي بىرلىك»مۇ دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.


ياكى:


سىپرۇس، ھۇنگارىيە، بوسنىيە - گېرىتسىگوۋىنا، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى، سىبىرىيە، كاۋكاز... لاردا پىرسلاۋىيان ياكى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىليونلىغان تۈركىي خەلقلەر بار. بۇلارنى يەنىلا «قېرىنداش» مىللەت دەمدۇق؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 18:29:30

گەپنى ئۇلغايتمىغايلا، مەن بۇنداق مۇنازىرىلەردىن يىراقتادۇرمەن. قايسىنى موھىم دەپ بىلىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇ تالاشىدىغان مەسىلە ئەمەس.

مەن پەقەت ئىسلامىيەت ئۇيغۇر بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن، مىللىيەت دېيىلسە مىڭ يىللاردىن ئۇيغۇرنىڭ روھىيتىنى سۇغۇرۇپ كەلگەن ئىسلامىيەتتىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان بولغاچقا يۇقۇردىكى ئىنكاسلارنى يېزىپ سالدىم. مەن ئۇنداق قارىغان بىلەن بەلكىم باشقىلار ئۇنداق قارىماسلىقى مومكىن. ھەر كىمنىڭ ھايات ھەققىدىكى قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا ئىنكاسىمدا بىر كىملەرنى ئەيىپلىمىدىم. شۇڭا بۇ تېمىدا سىز ئېيتقاندەك موللىي بىرلىك موھىم ياكى دىنىي بىرلىك موھىم دەپ تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقاندەك مەسىلە ئوتتۇرغا چىقمايدۇ.
بەت: [1]
: شىۋېتسىيەلىك 3 ئۇيغۇر قىز