paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 20:31:32

سىماچىيەننىڭ ئاقتا قىلىنىشى

رىم دىن تارقاتقۇچىسى جۇڭگوغا كېلىپ كۇڭزىنىڭ «己所不欲,勿施于人» (بۇنىڭ مەنىسى: باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىنى خالىمىساڭ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولما) دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى كۆرۈپ، ھەيرانۇ-ھەس قالغان، چۈنكى ئەيسا پەيغەمبەرمۇ ئەينى ۋاقىتتا «باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىل» دېگەنىدى. ئەمما ئەيسا پەيغەمبەر كۇڭزىدىن نەق بەش ئەسىردىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان! مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن غەربلىكلەر كۇڭزىنى ناھايىتى ھۆرمەتلىگەن.

شۇنىڭغا كۆرە 2000 يىللار ئىلگىرىكى  بۈيۈك خەن دەۋرىنى ياراتقان پادىشاھ خەنۋۇدى مۇمىسى -بۈزرۇكۋار ۋە پادىشاھ ئاتىسىنى بىر مەھەل ئىدىيە جەھەتتە كونتىرۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۇنلار بىلەن قۇدىلىشىپ تېنىچ ئۆتۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان "لاۋزى"چىلار نىڭ يۇمشاقباش، تەقۋالىقىدىن ئىنتايىن ھەسرەتلىنىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كىيىن ھەر خىل ئاماللار بىلەن "لاۋزى"چىلارنى ئوردا ئەھكاملىرىدىكى ھوقۇق- مەرتىۋلىرىدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاشتۇرۇپ، "كۇڭفۇزى"چىلاردىن بولمىش ئۇستازلىرىنى ۋەزىرلككە، ئۇستازلىققا، مەسلىھەتچىلىككە ئوخشاش مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇپ، ھۇنلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان "قۇدىلىشىش- ئوردا خانىكەلىرىدىن قىز بېىرش" ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بيۈك بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىغان چاغلاردا ھۇنلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئەۋەتكەن سەركەردە لى لىڭنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا يارىماي، دۈشمەنگە ئەل بولغانلىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ ۋە ھەسرەت چېكىدۇ. دەل شۇ چاغدا نەچچە ئەۋلاد خانلىقنىڭ تارىخ پۈتۈكچىسى سىماچىيەن لى لىڭ تەسلىمچىلىكىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپ، ئاندىن ئۇنىڭ 70  پۇشتىنى قىرىۋەتسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، نەسىھەت قىلغاندا، ئاچچىقى يامان خەن ۋۇدى سىماچىيەننىمۇ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىدۇ. بىراق ، ئۇنىڭ كاللىسى بىر ئىشلەپ قېلىپ، ئۇنىڭدەك تارىخ پۈتۈكچىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنى ھايات قويۇپ، ئاقتا قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت قەبىھ ئۇسۇل بىلەن ئۇنى جازالايدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ سەلتەنىتىنمۇ يېزىپ قالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

   يىللار ئۆتۈپ، خەن ۋۇدى ئۆزىنىڭ ئەل ئارىسدىكى ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ بېقىش ۋە پۈتۈكنامىلەردە قانداق خاتىرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز يېنىدىكى ۋەزىرنى سىماچىيەننىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەزىر سىماچىيەننىڭ شۇ كۈنلەردىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كىلىپ خانغا سۇنىدۇ. بۇ تارىخ دەل ھۇنلارغا قارشى كۈرەشتە قاراملىق قىلىش ۋە تەبئى يەر تەۋرەش، كەلكۈندە ئەلنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىنى خاننىڭ كەم ئەقىللىقغا باغلاپ يېزىلغان بولۇپ، ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتاشقا مۇستەغرەق بولغان خەن ۋۇدى نىڭ يەنىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ - دە، قېرىغان خان شۇ يەردىلا قان قۇسۇپ شۇ پېتى ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.


  بۇنىڭدىن بىز شۇنداق بىر نەچچە قاراشقا كېلىشىمىز مۈمكىن:


  1) تارىختا خاتىرلەنگەن يىللار توغرا بولسىمۇ، خانلارنىڭ ئىرادىسىگە قارىشى مۇقاملار ۋە ھەقىقىي خاتىرىلەر ئەشۇنداق سەۋەبلىك تازا ئىشەنچىلىك ئەمەس؛


2) ئەقىللىك كشىلەر بىلەن ھوقۇقدارلار ئارىسىسدا ئازراق ئارىلىق قېلىشى كېرەك، بولمايدىكەن يا ئاقتا قىلىنىدۇ، يا ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى ۋىجدانىنى دەپسەندى قىلىدۇ؛


3) لى لىڭ دەك قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ ھازىرچە ھايات قېلىپ، كېيىن ھونلارنى يوقىتىشتەك سىتراتىىگىيەلىك پىلانىنى ئاۋۋال دەپ قويمىغاچقا، خان تەرىپىدىن ئۇرۇق - ئەۋلادى قىرىلىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ قەھرىمان بولماقچى بولساڭ، ئىچىڭدىكىنى ئىت بولساڭمۇ ئىگەڭگە ئېيىت دېگەن ئەمىلىيەتتىن بىشارەت بېىرىدۇ؛


5) ئەقىللىك پۈتۈكچى يەنىلا سىماچىيەندەك بولىشى كېرەك، يەنى رىئال تارىخنى يەنە بىر نۇسقا يېزىپ، خان ئىرادىسىگە لايىقنى خاننىڭ ئۆزىگە سۇنىشى كېرەك. بولمايدىكەن، ھەقىقىي تارىخ ئەل ئارىسىدىكى  رىۋايەت تۈسىنى ئالىسمۇ، ئوردىدا ساقلانغان قورقۇنچاق خاتىرىدىن ئىشەنچلىك بولىدۇ.


  چاتاق يېرى خەلق دېگەن بۇ پادا دائىم ئۇنتۇلغاق كېلىدۇ.


  ئەڭ ئىشەنچىلىكى يەنىلا خان، ۋەزىر، پۈتۈكچىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى مۇقەررەر ئۆلىدىغانلىقدۇر.

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 22:54:31

لى لىڭ------ نى (لى گۇاڭلى) دەپ تۈزۈتۈپ قويغايسىز.



لى گۇاڭلى كېيىن يەنى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 90- يىلى ھۇنلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. ھۇن تەڭرىقۇتى ئانىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭدىن كۆرۈپ، ئۇنى قەتلى قىلىپ «نەزىر» قىلىۋەتكەن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 23:39:41

1- قەۋەتتىكى paradocsنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لى لىڭ------ نى (لى گۇاڭلى) دەپ تۈزۈتۈپ قويغايسىز.



لى گۇاڭلى كېيىن يەنى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 90- يىلى ھۇنلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. ھۇن تەڭرىقۇتى ئانىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭدىن كۆرۈپ، ئۇنى قەتلى قىلىپ «نەزىر» قىلىۋەتكەن.

ھونلار ئۇنى يېمىگەندۇ؟

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 00:17:03

بۇ خەنۋۇدى دىگەن ئادەم ھەجەپ ياۋۇزكىنا  \"\"

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 08:42:45


1- قەۋەتتىكى paradocsنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لى لىڭ------ نى (لى گۇاڭلى) دەپ تۈزۈتۈپ قويغايسىز.



لى گۇاڭلى كېيىن يەنى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 90- يىلى ھۇنلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. ھۇن تەڭرىقۇتى ئانىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭدىن كۆرۈپ، ئۇنى قەتلى قىلىپ «نەزىر» قىلىۋەتكەن.



لى لىڭ توغرىتى.




shaylan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 08:50:24

يىللار ئۆتۈپ، خەن ۋۇدى ئۆزىنىڭ ئەل ئارىسدىكى ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ بېقىش ۋە پۈتۈكنامىلەردە قانداق خاتىرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز يېنىدىكى ۋەزىرنى سىماچىيەننىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەزىر سىماچىيەننىڭ شۇ كۈنلەردىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كىلىپ خانغا سۇنىدۇ. بۇ تارىخ دەل ھۇنلارغا قارشى كۈرەشتە قاراملىق قىلىش ۋە تەبئى يەر تەۋرەش، كەلكۈندە ئەلنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىنى خاننىڭ كەم ئەقىللىقغا باغلاپ يېزىلغان بولۇپ، ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتاشقا مۇستەغرەق بولغان خەن ۋۇدى نىڭ يەنىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ - دە، قېرىغان خان شۇ يەردىلا قان قۇسۇپ شۇ پېتى ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.

-----------------------------------

ياخشى گەپلەركەن...  {:92:}

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 08:56:44

4- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


1- قەۋەتتىكى paradocsنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لى لىڭ------ نى (لى گۇاڭلى) دەپ تۈزۈتۈپ قويغايسىز.



لى گۇاڭلى كېيىن يەنى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 90- يىلى ھۇنلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. ھۇن تەڭرىقۇتى ئانىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭدىن كۆرۈپ، ئۇنى قەتلى قىلىپ «نەزىر» قىلىۋەتكەن.



لى لىڭ توغرىتى.



رەھمەت، نىياز دىخان. تېزلا يازغان بۇ \"ھېسپۈتۈك\"ۈمدە، چولتىلىق بولمىسۇن دەپ، ئېسەنكىرەپتىكەنمەن.


بۇ ھەقتە بوزقىرمۇ بىر تەرجىمە ئىشلەپتىكەن:


  سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز ، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟



                                                

                                                       سۇڭ يەن

                                                   

                                                    بوزقىر تەرجىمىسى



   « سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز ، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟!».مانا بۇ « چايخانا » دراممىسىدىكى مەشھۇر سۆز.شۇنداقلا شۇنچە يىللاردىن بۇيان تالاي ئەزىمەتلەرنىڭ يۈرەك-باغرىنى تىلغاپ ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن نادامەت بېلەن چىققان سۆزدۇر.



   بۇندىن ئىككى مىڭ يىللار مۇقەددەم بىر ئەزىمەتمۇ مۇشۇ سۆزنى ھەسرەت ئىچىدە قەيىت قىلىپ ئۆتكەنىدى. ئۇ كىشى لى لىڭدۇر.

لى لىڭ خەن ۋۇدى زامانىسىدىكى مەشھۇر سانغۇن ، شۇنداقلا«ئۇچار سانغۇن » دەپ نام ئالغان مەشھۇر سەركەردە لى گۇاڭنىڭ نەۋرىسى. ئۇلارنىڭ ھەرئىككىسى شىر يۈرەك باھادىر پالۋانلار بولۇپ ، ئەزەلدىن ياۋ قولىدا يېڭىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما، ئۆز ئادەملىرى قولىدا سۈيقەسىت بېلەن ھالاك بولغان . لى گۇاڭ ئەمەلدار-غوجىلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغاچقا ، پايانسىز قۇملۇقلارغا يالغۇز لەشكەر تارتىپ كىرگەندە تۇيۇقسىز ئاساسىي قوشۇن بېلەن ۋاقتىدا ئۇچرىشىش پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ . نەتىجىدە يولدىن ئېزىپ قېلىپ ئاساسىي قوشۇن بېلەن ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ قالىدۇ. بۇ ئاقىۋەتنى كۆرگەن لى گۇاڭ«قەلەمدىن باشقىسىغا يارىمايدىغان پوق قورساق ئەمەلدارلارنىڭ قەستەن ئەخمەق قىلىشىدەك ئار-نومۇسقا چىدىماي» ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. لى لىڭچۇ؟ ئۇ بەك ئىستىداتلىق بولغاچقا دائىم مۇشاۋىرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ ، ياۋغا باشلامچىلىق بېلەن لەشكەر تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا ئۇ ئاخىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قارشى يۆنىلىشتىن چىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.«ئاز بېلەن كۆپنى يېڭىش ، مىڭ پىيادە لەشكەر بېلەن ھونلار تەڭرىقۇتىنىڭ بارگاھىغا تېگىش قىلىش» تەك تەقدىرىنى دوغا تىكىش ئۇسۇلى بويىچە لەشكەر تارتىشنى دەرىجىمۇ-دەرىجە تەلەپ قىلىپ ، ئاخىر پادىشاھنىڭ ئىجازىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ لەشكەر تارتىپ ئالدىدا مېڭىشقا، ئاساسىي ھەمدەمچى قوشۇن ئارقىدىن يولغا چىقىشقا پەرمان بېرىلىدۇ. باش مۇشاۋۇر لى گۇاڭلى ئەزەلدىن لى لىڭغا غۇم ساقلاپ كەلگەچكە قەستەن كېچىكىپ بارىدۇ. لى لىڭ لەشكەر تارتىپ ھونلارنىڭ 80مىڭ كىشىلىك چەۋەندازلىرى بېلەن قانلىق جەڭ قىلىدۇ. لى گۇاڭلى قەستەن كېچىكىپ كەلگەچكە لى لىڭ ۋە ئۇنىڭ بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇنى چىلبۆرىلەرگە پۈتۈن سەپ بويىچە يەم بولۇش خەۋىپىگە دۇچار بولىدۇ.



    گەرچە لى لىڭ لەشكەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىرىلىپ تۈگىگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئازغىنەلەشكەرلىرى ئات بولمىغان ئەھۋالدا دۈشمەن بېلەن 10كۈنگە يېقىن قانلىق ئۇرۇش قىلىپ ،  10مىڭلىغان ياۋ لەشكەرلىرىنى يەر چىشلىتىدۇ.قورال-ياراغ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك ئۆكسۈپ قالغان ئەھۋالدىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي باتۇرلارچە تىركىشىدۇ.



   ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۇ ئىنىسىنى ھېمايىسىگە ئېلىپ قاچۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ.ئەمما،ئىنىسى جەڭدە ئۆلىدۇ. قەتئىي ئامال بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.



       ئۇنىڭ كېيىن چۈشەنچە بېرىشىگە قارىغاندىمۇ ، تەسلىم بولۇشتىكى مەقسىدى پۇرسەت تېپىپ دۈشمەننى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىدى. دەرۋەقە ئۇنىڭ كېيىنكى ئىپادىسىدىنمۇ بۇ نۇقتا ئىسپاتلانغانىدى. ئەمما، ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.پادىشاھ مەخسۇس قوشۇن چىقىرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىدۇ.قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن گوڭ سۇنئاۋ لى لىڭنىڭ ئىستىداتىنى ئاقلاشنى ياكى لى گۇاڭلىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈشنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالىدۇ-دە ئاخىر ئۇنى قۇتقۇزۇشقا بارماي قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپ ، پادىشاھقا لى لىڭنىڭ ھون لەشكەرلىرىنىڭ مەشقاۋۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ، ھەتتا ھون قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماستىنلا لى لىڭنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ.سىما چىيەن لى لىڭ ئۈچۈن بىر ئېغىز ئاقلاش سۆزىنى قىلىپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن زىندانغا تاشلىنىدۇ.شۇنىڭ بېلەن ئۇنىڭ«ئاسىي » دېگەن ئار-نومۇسلۇق نامى تارىخنىڭ  لەنەت گەردىشىگە مەڭگۈلۈك پۈتىلىپ كېتىدۇ.



      مانا بۇ لى لىڭنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شاپائىتىدۇر.ۋەھالەنكى، لى لىڭ ھونلارغا ھەقىقى تەسلىم بولۇپ ئۇلارغا مەشقاۋۇل بولۇپ كەتكەن لى شۈنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ ، ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەنىت ئاستىدا ياشايدۇ. قېرىپ ئۆلگەنگە قەدەر ھونلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ.

      لى لىڭ ھونلارغا تۇتقۇن بولۇپ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ھونلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى سۇ ۋۇ بېلەن ناھايتى چوڭقۇر دوسۇتلۇق ئورنىتىدۇ ھەم ئۆز-ئارا خەت يېزىشىدۇ. ئۇنىڭ چەكسىز نادامەت ئىچىدە ئېيىتقان يۇقۇرقى سۆزى بىر پارچە خېتىدە ئېنىق يېزىلغانىدى.



      ئۇ خېتىدە مۇنداق يازىدۇ :«يات ئەللەردە سەرگەردان بولۇش قەدىمدىن بۇيان بىر تىراگېدىيە بولۇپ كەلگەن.جەنۇب شاماللىرى ئېلىپ كەلگەن يۇرتۇم تۇپرىقىنىڭ يېقىملىق ھىدى ئەزەلدىن مېنىڭ يۇرىتقا بولغان سېغىنىش ھېسىياتىمنى پەسەيتىلىگەن ئەمەس»، «ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنىڭ جازا لاگىرىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ قەتلى قىلىنىشىدەك مۇدھىش پەيىتلەرنى ئويلىغىنىمدا ئۆرتىنىش ئازابى يۈرەك-باغرىمنى لەختە قىلىدۇ. خوتۇن –بالىلىرىمدا قىرىپ تاشلىغۇدەك نېمە گۇناھ بولغىيدى؟ ...مەن ئۆزۈمنى دۆلەتكە قوشقان تۆھپەم ئالدىدا جىنايىتىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، دەپ قارايمەن. پەقەت ئەمەلدار –تۆرىلەرگە ۋاي دېمىگەن يېرىملا بار. شۇڭلاشقىمۇ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىمدا ئازاپتىن ئۆرتىنىپ كېتىمەن...خەن سۇلالىسى ئوردىسى بېلەن ئوتتۇرىمىزدا مادارا قىلغىلى بولمىغۇدەك زىدىيەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈۋېلىشىم كېرەكمىكەن؟ ئۇنداق ئۆلۈشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئۇنداق ئۆلۈمنى باشقىلار مەسخىرە قىلماسمۇ؟ » .«ئەينى يىللاردا سۇ خې ، فەن كۇەيلەر زىندانغا تاشلانغان؛ خەن شىن ، پېڭ يۆلەرنىڭ تېرىسى تەتۈر سويۇلغان؛ چاۋ سو ئۆلتۈرۈلگەن ؛ جۇ بو ، دۇ يىڭلارمۇ بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇندىن باشقا تۆھپىكار ۋەزىرلەردىن جىيا يى، جۇ يافۇلارمۇ كاتتا تالانىت ئىگىلىرىدىن تۇرۇپ، ئوخشاشلا؟؟؟؟؟؟؟؟؟ۋەزىرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان...»«ھەر قېتىم ئەشۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە قەلبىم ئازپتىن ئۆرتەنسىمۇ ئەمما، قىلچە ئۆكۈنمەيمەن. مەن دۆلەت ئۈچۈن يارالغان بولساممۇ ئەمما ، ئوردىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىم. سىلى مېنىڭ يەنە دۆلەتكە قايتىشىمنى ئۈمىد قىلمىغايلا ، ئىشلار مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇمكىنچىلىكى بولسۇن؟».



      مانا بۇ لى لىڭنىڭ سۇ ۋۇغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنى. لى لىڭنىڭ ياردىمىدە سۇ ۋۇ يەنىلا دۆلىتىگە قايتىپ ، سادىق ۋەزىرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىدىكى تىپىغا ئايلىنىپ، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك مەنسەپكە  تەيىنلىنىدۇ.بۈيۈك خەننىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ ئوغلى خانغا قەسىت قىلىشقا ئورۇنغان دېگەن جىنايەت بېلەن قەتلى قىلىنىدۇ.ئۇ گەرچە «نەمۇنىچى » لىق سالاھىيىتى بېلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما، بارلىق مەنسەپ-تاجى ئېلىپ تاشلىنىپ يۇرتىغا قايتۇرىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ھونلارنىڭ قولىدا تۇرۇپ ۋەتەنگە تەلپۈنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىدىن بىرسى  يىقىلىپ كېتىپ پادىشاھنىڭ مەپىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەچكە «خانغا بىھۆرمەتلىك قىلغان » دېگەن گۇناھ بېلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا يەنە بىر ئاكىسى ئەمەلدارلارنىڭ يەڭ ئىچىدە تىل بىرىكتۈرىۋېلىپ بەتنام چاپلىشى  نەتىجىسىدە گەرچە جىنايىتى بېكىتىلىپ رەسمىي قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغانىدى.



       مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سۇ ۋۇ ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ساقلاپ قالدى ، ئۇ لى لىڭدەك « ئاسىي » دەپ ئاتىلىپ قالمىدى.قارىغاندا ئۆز ۋەتىنىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئامىلى بولسا كېرەك؟



    مەنبەسى : خەنزۇچە «فېليەتون» ژۇرنىلى




paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 09:02:40

مەن ئويلىغان ، ئەمما بۇ يازمامدا بىر نەرسە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى مىسرانىمدا ئېلان قىلىنىپ كەتكەن بۇ ماقالە تولۇقلاپتۇ. كۆچۈرۈپ ئەكەلگەنلىكىمنى ئەپۇ قىلىڭلار.

==================================================================================================





غەرب تارىخشۇناسلىقىدا شەرق تېمىسى







ئاھسەن باتۇر(تۈركىيە)







تۈركىيە تۈركچىسىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان







بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى ‹‹چەت مەھەللىنىڭ بالىلىرى›› دېگەن نامدا بولۇپ، بۇ كازى ت. لايپانوف بىلەن ئىسمائىل م. مىزىيېفنىڭ ‹‹تۈرك خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى›› دېگەن كىتابىنىڭ 2008- يىلى ئىستانبۇلدىكى سېلېنگې نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تۈركچە نۇسخىسىغا مۇقەددىمە ئورنىدا ئىلاۋە قىلىپ بىرىلگەن. ماقالىدا يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە غەرپ تارىخشۇناسلىقىدا كەڭ تەدبىقلانغان، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەسىرىنى يوقاتمىغان شەرق مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنى يوققا چىقىرىش خائىشىنىڭ بەزى ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ‹‹غەرپ مەركەزچىلىك›› قارىشىدىكى شەرق مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئىپادە قىلىنغان. بۇ ماقالە ئەلبەتتە ئالدىنقى بىر قانچە ئەسىردىكى غەرپ تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەۋقەسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم بىر ئۇچۇر ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ تېمىسىنى ‹‹غەرپ تارىخشۇناسلىقىدا شەرق تېمىسى›› دېگەن نامدا ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە شۇ تېما ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق.







                       --ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن









ئۆزلىرىنى گۇيا مەدەنىيەتنىڭ بايراقتارى ۋە قۇرغۇچىسى دەپ قارايدىغان غەرپلىك ئالىملار دۇنيا خەلقلىرىنى مەدەنىيەت دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا تۈركلەر(تۈركىي قەۋملەر-ت)نى، ئامېرىكىنىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى ۋە ئافرىقىلىق مىللەتلەرنى كۆرمەسكە سالىدۇ، بەزىدە سىپايىلىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان ‹‹چەت مەھەللە›› كۈلتۈرى سۈپىتىدە تۇنۇشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدىكى يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى يوق، ياۋايى ۋە كۈلتۈرسىز، ئافرىقىلىقلار ئەسلىدىنلا قارا، نادان ۋە ئارقىدا قالغان كېرەكسىز جانلىقلار، تۈركلەر ۋە تۇرانى خەلقلەر ھەم ياۋايى، ھەم كۆچمەن، ھەم بۇلاڭچى ھەمدە پارازىت توپتۇر. ھەتتا ئارنولد تويېنبى ‹‹تارىخ تەتقىقاتى›› دېگەن ئەسىرىنىڭ 1- قىسمىدا مەدەنىيەتلەرنى تۈرگە ئايرىغاندا تۈركلەرنىڭ ئىسمىنى ئېغىزغىمۇ ئالمىغان...



نەچچە يۈز ۋە نەچچە مىڭ دەلىل كۆرسەتسىڭىزمۇ، ناھايىتى كۆپ ئىلمىي ئىسپاتلار بىلەن داۋاسىڭىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشسىڭىزمۇ بۇ ھەرىكىتىڭىز غەرپلىكلەر ئۈچۈن ھېچنىمىنى ئىپادە قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئالى ئىنسان ۋە سەرخىل گۇرۇھتۇر، ئۇلار ئاق تەنلىك ‹‹ئارى››(ئارىئان) بولۇپ، چوڭ خوجايىندۇر. ئۇلاردا بىرىسى بىر نېمە دېسە، باشقىلىرى ئۇنى قوللاپ تەستىقلايدۇ، تارىخچىلىرى نېمە دېسە ئارخېئولوگى، ئانتروپولوگى ئۇنى توغرىلايدۇ. ئانتروپولوگ ۋە ئارخېئولوگنىڭ دېگەنلىرىنىمۇ تارىخچى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساغلام بىر بالىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىسمى ‹‹ئالىم››دۇر. بۇلار ‹‹ئۇستاز››دۇر. ئۇلار نېمە دېسە ‹‹توغرا››، نېمىنى ئىشارەت قىلىشقا بۇيرۇسا، ئۇ ‹‹نۇرلۇق››تۇر. ئۇلار بىر مەملىكەتنى ئىستىلا قىلسا، بۇ ‹‹ھەقلىق بىر ئىستىلا››دۇر، بىر مەملىكەتنىڭ خەلقىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ يىرىگە كىرسە، ئۇ يەردىكى ياۋايى ۋە مەدەنىيەتسىز خەلقنى ‹‹شەرەپلەندۈرگەن›› بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تارىخنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدە، مىلادىدىن نەچچە يۈز يىل، بەلكى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە بار ئىدى، ھەر يەر ئۇلارنىڭ، يەنى ‹‹ئاقلار››(ئاق تەنلىكلەر)نىڭ، ‹‹ئارى››لارنىڭ يۇرتىدۇر. ھىندىستان ئارىلارنىڭ يۇرتى ئىدى، قەيەردىن كەلگەنلىكى بىلىنمىگەن دراۋىدلەر ۋە باشقا يەرلىكلەر بۇ ئارى ئىنسانلارنى، يەنى، غەرپلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى يوقىتىپ ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ خەرىتىدىن ئۆچۈرگەن. يەنە نەچچە مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىنگىلىزلار ئەجدادلىرىنىڭ يۇرتىغا چىرايلىقچە قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى قارا تەنلىك ئىنسانلارنى، يەنى ھېچبولمىغاندا تىل جەھەتتىن بولمىسىمۇ، سۆزلۈك جەھەتتە ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تۇغقانلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى، ئۇلارغا سوغا قىلدى، ئۇلارغا شەرەپ بېغىشلىدى. بۇ جەرىياندا ئۆزلىرى پەيدا قىلغان ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن 30 مىليۇندىن ئارتۇق ھىندىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپكار بولغان بولسىمۇ، بۇنداق كىچىك ئىشلار ھەققىدە توختالمىدى. توختىلىش ئەيىپتۇر. ئاق ئەپەندىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن چەت مەھەللىنىڭ بالىلىرىدىن 30 مىليون ئادەم توپ تۇپى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە گەپ قىلغۇلۇقمۇ!



ئوتتۇرا ئاسىيامۇ ئارىلارنىڭ يۇرتى ئىدى. غەرپلىك ئالىملار شۇنداق دەيدۇكى، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئۇ يەردە ياشىغان، ئۇ يەردە تۈرك-پۈرك دېگەن ئىنسانلار يوق. ئىسكىتلەر، سارماتلار، ئالانلار ئىرانى خەلقمىش، ئۇلارنىڭ تىلى پارسچىمىش ۋاھاكازا. ئەمما قەيەردىن چىققانلىقى، نەدىن كەلگەنلىكى بىلىنمىگەن تۈركلەر بىردىنلار يەر مەدىكىدەك ئۇنۇپ چىقىپ، غەرپلىك ئاق ئەپەندىنىڭ ئەجدادلىرىنى يوقاتقان ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلغان. تۈرك دېگىنىڭ كىم ! چەت مەھەللىنىڭ بالىسى! مەدەنىيىتى بارمۇ؟ كۆچمەن، ياۋايى، بۇلاڭچى ئىنساننىڭ مەدەنىيىتى بۇلامدۇ! بۇ جەرىياندا غەرپلىك ئارىلادىن، ئاق ئەپەندىنىڭ سىنىپىدىن ۋىجدانلىق بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ‹‹ئومۇمەن، ياۋروپانىڭ ئۆزىگە ئائىت ھېچنىمىسى يوق. بار نەرسىسىنىمۇ ئەسلىدە ئاسىيادىن ئالغان. ئەمەل قىلىۋاتقان ئېتىقادلار ۋە خرىستىئان دىنىنى ئوراپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ مەنبەسىمۇ ئاسىيادۇر. ئورمانلارنى ئاۋات قىلغان ھايۋانلارغا، ئىش كۈچى سۈپىتىدە ئۆزىگە ياردەمچى بولغان ھەر نەرسىگە، ئىنسانلارغا ئوزۇق بولۇۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قەدەر ھەر نەرسىنىڭ مەنبەسى شەرق مەملىكەتلىرىدۇر. ئەمما، شۇنداق نەرسە باركى، ياۋروپا بۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلدى›› دېگەن سائىنت مارتىنگە قاتتىق لەنەت ياغدۇردى : ‹‹نانكور، نامەرت، ھارامزادە! بىز ئاسىيالىقلاردىن مەدەنىيەت قوبۇل قىلىدىغانغا ئۇلار چەت مەھەللە گۈزەللىرىمىكەن، ھوي نانكۆر! ››



لېئون پولىئاكنىڭ ئالتە توملۇق ‹‹ئانتىسېمىتىزمنىڭ مەنبەسى›› دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ۋە ئۇنىڭدا سۆزلەنگەنلەرنى مارتىن بېرنالنىڭ ‹‹قارا ئافىنا›› دېگەن ئەسىرى بىلەن بىرلەشتۈرگىنىمىزدە، غەرپلىك تارىخچىلارنىڭ غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسىنىڭ ئەسلىدە قەدىمكى مىسىرنى، سامى ئىرقى ۋە كۈلتۈرىنى ئىستىلا قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىنىڭ نېمە سەۋەپتىن چەتكە تېپىلگەنلىكىنى چۈشىنىمىز.



19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر نە ‹‹ئارى›› سۆزى، نە ‹‹ئاريا›› ۋە ‹‹ئاريانى›› سۆزى مەلۇم بولسۇن. تېخنىلوگىيەلىك تەرەققىيات رىقابىتىنىڭ غەرپكە پايدىلىق بولۇشى نەتىجىسىدە ۋە ئوتتۇرىدىكى پەرقنىڭ تىز ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېدىرىشلاردا شۇ ۋاقىتقا قەدەر تارىخشۇناسلىقتا بىرىنجى قول ماتېرىيال سۈپىتىدە قوللىنىلغان ‹‹تەۋرات››نىڭ ‹‹يالغان نەرسىگە تولغان››لىقى ئاشكارلانغاندا، قەدىمكى دەۋر مودېلى ئۆزلىگىدىن يېقىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلېن مەدەنىيىتىگە يول ئاچقان دەپ قارالغان سامى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسەن ئۆزىدىن بۇرۇنقى رايون مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىر كوپىيەسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. بۇنىڭغا قارىغاندا، ھېرودوتنىڭ شەرق مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى چۆرۈپ تاشلاشقا توغرا كېلەتتى. مەسىلەن، ئارماند بېرارد مۇنداق يازىدۇ : ‹‹ھېرودوت بىزگە ھەر نەرسىنىڭ فىنىكىيەدىن ۋە مىسىردىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بىھۇدە ئاۋارە بولدى. بىز سۈيۈملۈك بۇۋاي ھېرودوت ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ئەمما، يەنە ئۇلارنىڭ (يۇنانلىقلارنىڭ) مۇئەسسىسەلىرى، ئەنئەنىسى، دىنى، مۇراسىملىرى، چۈشەنچىلىرى، ئەدەبىياتى ۋە بارلىق ئىپتىدائىي مەدەنىيەتلىرىمۇ شەرقتىن قوبۇل قىلىنغان دېگەنگە ئوخشاش ھۆرمەتسىز قاراشلىرى ئالدىدا ئارقىمىزغا بىراز داجىپ تۇرىۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ ئەپلاتۇننىڭ كرىتىئاسقا سۆزلىگەن شۇ سۆزلىرى غەرپلىك ئانتېسىمىستلار ئۈچۈن چىقىش نوقتىسى بولىدۇ. ‹‹تەڭرى-ئايالنىڭ سىز تۇغۇلغان يەرنى تاللىغانلىقىمۇ پەسىللەر ناھايىتى ئىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەرنىڭ ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئادەملەرنى يىتىشتۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرگەنلىكىدىن بولغان.›› ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئىنسانلارنىڭ يىتىشىشى بىلەن ئىقلىمنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ ئىسسىق بەلۋاغدا، قۇرۇغلۇق ئىقلىمىدا ۋە سوغۇق مەملىكەتلەردە ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئىنسانلار يىتىشىپ چىقمامدۇ؟ بىرۇنى، ئىبن سىنا، ئۇلۇغبەگ، ئىبنى رۇشىد، فارابى قاتارلىق ئالىملار ئۈچۈن نېمە دەيسىز؟ ئۇلار قىسمەنلىكتۇر، قىسمەنلىك قائىدىنى بۇزمايدۇ. بۇ داڭگالدىن ئوت ئۇچىقىنى چىققاندەك بىر ئىش دېيىش مۇمكىن. غەرپنىڭ تېخنىلوگىيەدە شەرقنى سول تەرەپتىن يانداپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە قارىغاندا، بۇ، ئەپلاتۇننىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئادەملەرنى يىتىشتۈرگەن ئىللىق ئىقلىمدىكى تۇپراقنىڭ نىمىتىدۇر. ئەپلاتۇنغا ئوخشاش بىر دانىشمەننىڭ بۇ تۇپراقنىڭ ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئىنسانلارنى يىتۈشتۈرگەنلىكىنى، شۇ سەۋەپلىك تەڭرىلەرنىڭمۇ شۇ تۇپراقنى ئۇلارغا بازا قىلىپ تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگىنىگە قارىغاندا، بۇ يەرلەردە يىتىشكەن ‹‹ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئاق ئەپەندىلەر›› دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولۇشى كېرەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن :



a) ياۋروپادىكى ئۈستۈن تەپەككۇرلۇق ئاق ئەپەندىلەرنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىدىغان پارازىت تىپلار(ئاساسلىقى يەھۇدىي ۋە سىگانلار) كۆزدىن يوقۇتىلىشى كېرەك.



b) مەنبەسى مۇقەددەس كىتاپلارغا تايىنىدىغان بىر نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بۇ ئومۇملاشتۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇلۇشى، غەرپنىڭ شەرق مەملىكەتلىرىنى ئىستىلا قىلىشىغا ھەقلىق بىر تارىخىي زىمىن ھازىرلىنىشى كېرەك.



c) شەرق مەدەنىيەتلىرى كەمسىتىلىشى، يوققا چىقىرىلىشى، ئۇ يەرلەردە ئۇچرىغان مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى باشقا خەلقلەرگە، بولۇپمۇ غەرپلىكلەرگە ياكى تارىختا ئۇلار بىلەن يىراق تۇغقاندارچىلىقى بولغان مىللەتلەرگە مال قىلىنىشى كېرەك.



d) غەرپلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى تارىخنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدە ۋە مىلادىدىن بۇرۇنلا شەرق مەملىكەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاندا ياشىغان، ئومۇمەن بۇ يەرلەر غەرپلىكلەرنىڭ يىراق ئەجدادلىرىنىڭ مۈلكۈ، لېكىن بۇ يىراق ئەجدادلىرى ياۋايى خەلقلەر تەرىپىدىن يۇقۇتۇلغان ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان دېگەن قاراش ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىستىلا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسلىدە بىر ئىشغالىيەت ئەمەس، بەلكى ‹‹ئەۋلادلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى›› ئىكەنلىكى قوبۇل قىلدۇرۇلۇشى كېرەك.



بىز ساناپ ئۆتكەن تۆت خۇسۇس ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلغان بۇ كىرىش سۆزدە قولغا ئالغىنى بولمايدىغان دەرىجىدە چوڭقۇر يىلتىزى بار بىر تېمىدۇر. بىز نەچچە يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ تېما ئاللاھ ئۆمۈر بەرسە تەرىپىمىزدىن قەلەمگە ئېلىنىدىغان بىر كىتاپ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تولۇق سۇنۇلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، بۇ يەردە پەقەت بۇ مەسىلىنىڭ ئانا تېمىلىرىنى سۇنۇس بىلەن بولدى قىلدۇق.



نەزەرىيە ناھايىتى كۆپ قىرلىق تەييارلانغانىدى. ئالدى بىلەن بۇ نەزەرىيەنىڭ ئۇرۇقلىرى ياۋروپادا تېرىلدى. بۇ ئۇرۇقلار ئاكادېمىك ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە سىياسىي ھەيئەتنى ۋە رەھبەرلىك گۇرۇھىنى ھازىرلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقنى مۇستەملىكە قىلىپ غەرپلەشتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم بېسىلدى. بۇ بىر جەھەتتە شەرق –غەرپ، ئاق – قارا ئۇرۇشى بولۇپ، تەبىئىيكى ئاق ئەپەندى؟؟؟؟؟قارا تەنلىكتىن ئۈستۈن كۆرسىتىلىشى، تېخىمۇ توغرىسى ئاق ئىرق، يەنى غەرپ باشقا بارلىق ئىرقلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا بولۇشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن، قارا تەنلىكلەرگە قارىتا غەرپلىكلەرنىڭ قارىشى مۇنداق ئىدى : ‹‹قارا تەنلىكلەر تىرە رەڭگىنىڭ قارىلىقى، چېچىنىڭ بۇدۇر ياكى يۇڭغا ئوخشايدىغانلىقى، باش سۆڭىكىنىڭ ياپىلاقلىقى ۋە بۇرنىنىڭ پاناقلىقى بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ. يۈزىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ تومپىيىپ تۇرۇشى ۋە كالپۇكىنىڭ قېلىنلىقى زەنگىلەرنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر شەكىلدە مايمان نەسلىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇلاردىن ھاسىل بولغان پادىلار دائىم ھەقىقىي بىر ياۋايىلىق باسقۇچىدا بولغان.›› گوبېنىئۇ بولسا قارا تەنلىكلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :‹‹ قارا تۈر ئەڭ تۈۋەن بولۇپ، پەشتاقنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ھايۋانىي خاراكتېرى ئانىنىڭ قورسىقىدا تۆرەلگەن ۋاقتىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ...›› قارا تەنلىكلەرنى ئەڭ تۈۋەنكى بالداققا قويغان غەرپلىك زىيالىلار سېرىق تەنلىك خەنزۇلارنى ئاق تەنلىكلەردىن بىر بالداق تۈۋەن، لېكىن قارا تەنلىكلەردىن بىر بالداق ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان : ‹‹جىسمانىي كۈچى ناھايىتى ئاجىز، ھورۇنلۇققا مايىلدۇر... دۆتلەرچە ئارزۇدا بولىدۇ، ئىرادىسىز ۋە جاھىلدۇر...ھەر ئىشتا ئاددىيلىقنى ياقلايدۇ. ئۇلۇغ ۋە ئاددى بولمىغان نەرسىلەرنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ...›› بىر شېئىردا ‹‹كىچىك توڭگۇز كۆزۈڭ بار، يوغان توڭگۇز قۇيرىقىڭ بار، ساچقان، ئىت، قۇرت يەيسەن، يىرگىنچلىك خەنزۇ جون، نېمە ئۇچرىسا شۇنى يەيسەن›› دېيىلىدۇ.



غەرپتە چېچىلغان ئىرقچىلىق ئۇرۇقلىرى تىزلا ھوسۇل بەردى. ئەڭ چوڭ خوجايىن بولۇشنى كىم خالىمايدۇ؟ ناپولىئۇننىڭ مىسىرغا يۈرۈش قىلغان ۋاقتىدا يېنىدا ئېلىپ بارغان كىتاپلار ئارىسىدا پلۇتاركخوسنىڭ ‹‹ھايات››، ‹‹ئىليادا››، كسېفوننىڭ ‹‹ئاناباسىس›› ۋە ‹‹ئوسسىئان›› دېگەن كىتاپلىرىنىڭ بولغانلىقى تەسادىپىي ئەمەس. گىتلىرمۇ بۇ نەزەرىيە يىتۈشتۈرگەن سىياسىيۇنلاردىن بىرى ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن كىشى ئېرنستنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان پائۇل لاگارد بولسا كېرەك. ئېرنست ئادەم ئالەيھىسسالامنى ئارى، يىلاننى سامى دەپ قارايتى. لاگارد ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ جەلىلىك بىر ‹‹ئارى ياھۇدىي›› ئىكەنلىكىنى ۋە ياھۇدالىق ‹‹سامى ياھۇدىلار›› تەرىپىدىن تۈۋرۈككە مىخلانغانلىقىنى، شۇڭا ھەقىقىي ئارى دىنىنى بۇ ھۇررەكلەردىن پاكلاشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدىغان قاراشنى قوللايتتى. ئۇ كۆپ قېتىم يەھۇدىيلارنىڭ يۇقىتىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماداگاسكار ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ كېيىن گىتلىرنىڭ پىلانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. گىتلىرنى ئۆزىگە تارتقان پىكىرلەردىن بىرى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە دارۋىننىڭ نەزەرىيەسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئۆژەنى›› نەزەرىيەسىدۇر. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، مۇسبەت ئۆژەنى ئېلمېنېتلارغا ئىگە ئىنسانلار، يەنى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرى(غەرپلىكلەر) كۆپەيتىلىشى، نېگاتىپ ئېلمېنېتلارغا ئىگە كىشىلەر(شەرقلىقلەر) يۇقىتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ نەزەرىيە گىتلىرنىڭ رادىكال ئىرقچى چۈشەنچىلىرىگە ياخشى دەستەك بولدى. نەتىجىدە سانلىق رەقەملەر توغرا بولسا تەخمىنەن ئالتە مىليۇن ئىنسان (زور كۆپچىلىكى يەھۇدى) ئۆلتۈرۈلدى. ‹‹ئۆلتۈرۈلدى›› دېگەن سۆز بۇ يەردە تاسادىپىي قوللىنىلغان ئەمەس. بىر پەيلاسوپنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، ۋەقەلەرنىڭ ياكى بىر ھەرىكەتنىڭ ماددى (زاھىرى) بىر سەۋەبى ۋە ھەقىقىي بىر سەۋەبى بولىدۇ. بۇ يەردە يازغانلىرىمغا قاراپلا مىنى ھىچكىم ياھۇدىيغا ھىسداشلىق قىلىدىكەن دەپ چۈشەنمىسۇن. مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىم بىلەن بۇنداق بىر تۇيغۇدا بولۇشۇم زادى مۇمكىن ئەمەس. يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماددىي سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ غەرپلىكلەرنىڭ سۈيۈملۈك ئەيسا پەيغەمبىرىنىڭ قاتىلى بولغانلىقىدۇر. ئەجەبا يەھۇدىيلار مۇشۇ سەۋەپلىك قىرغىن قىلىنغانمىدۇ؟ تارىخىي كىتاپلار ناتوغرا پىكىرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن. لېئون پولىئاكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق كۆرسىتىلگەن سەۋەپلەرنىڭ زادىلا ئەمەلىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، ستېۋېن رۇنسىمان ‹‹ئەھلى سەلپ يۈرۈشلىرى›› دېگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنجى قىسمىدا ئەھلى سەلىپ قوشۇنى فرانسىيەدىن بىرىنجى قېتىملىق يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە بىر قېتىم يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يازغان. ‹‹ئەھلى سەلپ يۈرۈشىدە تولۇق قۇراللىنىش ئۈچۈن بىر رىتسار خېلى چىقىمدار بولاتتى. ئەگەر گۆرۈگە قويىدىغان يىرى ياكى باشقا مۈلكۈ بولمىسا يەھۇدىيلاردىن قەرىز ئېلىشقا مەجبۇر بولاتتى. لېكىن، ئۇنىڭ خىرىستىئان دىنى يولىدا ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ئەيسانى كىرسىتكە مىخلىغان بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىغا باغلىنىپ قېلىشى توغرىمىدۇ؟...›› دەپ يازغان رۇنسىمان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ : ‹‹ئەھلى سەلپنىڭ سەيياھ ۋائىزلىرى ۋە دەۋەتچىلىرى قۇددۇسنى، بولۇپمۇ ئەيسا كىرسىتكە مىخلانغان يەرلەرنى تىلغا ئالاتتى. بۇ ئارقىلىق دىققەتنى ئەيساغا بۇ قەدەر زۇلۇم قىلغان بىر مىللەتكە بۇرۇشى تەبىئىي ئىدى. مۇسۇلمانلار ئەمدى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئايلىنىپ، ئەيسانىڭ تەەپدارلىرىنى تەقىپكە ئۇچرىتىۋاتاتتى. شۆبھىسىزكى، يەھۇدىيلار تېخىمۇ يامان ئىدى. ئۇلار ئەيسانى بىۋاسىتە تەقىپ قىلغانىدى. لوررائىن دۇكى گودېفرو دې بوئىللون ئەھلى سەلپكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆلكىسىدە تارقالغان بىر رىۋايەتكە قارىغاندا، دۇك سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇدىيلارنىڭ قېنى بىلەن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان...›› نەتىجىدە نۇرغۇن شەھەر ۋە شەھەرچىلەردە كىچىك دائىرىدە بولسىمۇ يەھۇدىيلارنى ئارقا – ئارقىدىن قىرغىن قىلىش ھەرىكىتى يۈز بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەھلى سەلپ رىتسارلىرى، فرانسۇز ۋە ئالمان(گېرمان) ئېسىلزادىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى ئۆزلىرىنى قەرىزگە بوغقان يەھۇدىيلاردىن قۇتۇلدى. يەھۇدىيلار ياۋروپادا سەمايە بازىرىنى قولغا كىرگۈزىۋالغانلىقى ئۈچۈن قىرغىن قىلىندى. قۇددۇستا بولسا خۇددى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلغاندەك بىر تەقدىرگە دۇچ كەلدى. ‹‹... قۇددۇس يەھۇدىيلىرى توپ توپ بولۇپ باش سىناگوگلىرىغا قاراپ قاچتى. لېكىن، بۇلار مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگەن دەپ ئەيىپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىلمىدى. بىناغا ئوت قويۇلدى، بارلىق يەھۇدىيلار چېركاۋ ئىچىدە كۆيۈپ ئۆلدى... قۇددۇستىكى قۇربان بولغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىر رەقەمنى كۆرسىتىپ بەرگىنى بولمايدۇ. مەلۇم بولغان تەرەپ بولسا بىر يەردە ئولتۇراقلاشقان بارلىق مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدۇر.›› بۇ تېمىدا تېخىمۇ كۆپ تارىخىي ھۆججەت ۋە دەللىلەرنى سۇنۇپ بىرىلەيمىز، ئەمما بىزنىڭ تېمىمىز خىرىستىئانلارنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقى ئەمەس، بىر ۋەقەنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سەۋەپلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە بىر ئۆرنەك كۆرسىتىشتۇر. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىرىستىئان بىلەن يەھۇدىي قولنى قولغا تۇتۇپ ساياھەت قىلماقتا. ئەمەلىيەتتىمۇ ‹‹قۇرئان››غا ئاساسلانغاندا، ‹‹كۇپۇر ئەھلىنىڭ(كاپىرلارنىڭ) ھەممىىسى بىر سەپتە تۇرىدۇ.››







ئىككى يولدىن ھۇجۇم قىلىش







ھىندىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاپلىرىنىڭ تارىخى مىلادىدىن بىر قانچە مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا يىتىپ بارىدۇ. بۇ كىتاپلاردا، بولۇپمۇ ‹‹ۋېدا››لاردا ‹‹ئارى›› سۆزى بىر قانچە قېتىم ئۇچرايدۇ. ئەمما ھىچقاچان ئىنسانلارنىڭ ئىرقى، تىرىسى، چاچ رەڭگى، كۆزى، بۇرۇن تۈزۈلۈشى، قېنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىر سۆز سۈپىتىدە قوللىنىلمىغان. ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان ‹‹Caina ئېنسىكلوپېدىيەسى››دە ‹‹ئارى›› سۆزى ‹‹گۆش يىمەيدىغان، جانلىقلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئەقىدىسى(ئاھىمسا)نى قوبۇل قىلغان ۋە ۋاردامانانىڭ ھەقىقىي تەلىماتىغا ئەمەل قىلغان كىشى›› دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ سۆز ھىندىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى يېزىلغان دەۋردىن بۈگۈنگە قەدەر بولغان نەچچە مىڭ يىل داۋامىدا بۇ مەنىسىنى ساقلىدى. 1870- يىللارغا كەلگەندە غەرپلىك ئالىملار بۇ سۆزگە ئىرقىي مەنا يۈكلىدى، ‹‹ئارى›› سۆزى ‹‹ئاق تەنلىك كىشى››، ‹‹ئالى ئىنسان››، ‹‹ئاق ئىرق››، ھەتتا ‹‹ئاق خوجايىن›› دېگەن مەنىلەرنى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ھىندى- ئارى››، ‹‹ھىندى- ياۋروپا›› دېگەن ئىجادىي ناملار پەيدا بولدى. بۇنداق بىر نام ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئەمما ھىندىلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ نېمە ئالاقىسى باردۇ؟ ئۇنىڭمۇ نىقاۋى تەييارلانغانىدى. ‹‹ئاق تەنلىك››، ‹‹چوڭ خوجايىن›› دېگەن مەنا يۈكلەنگەن ئارىلارنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىكەنلىكى، كېيىنچە ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكى، ئۇ يەردە يەرلىك دراۋىدلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى جەنۇپقا سۈرۈلۈشكە مەجبۇر قىلغانلىقى ھەققىدە ھېكايە ئويدۇرۇلدى. يوق تارىخىي ھۆججەتلەر، زادى ئېلىپ بېرىلمىغان ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۇرۈش نەتىجىلىرى ئويدۇرۇپ چىقىرىلدى. ئارقا-ئارقىدىن تۇغقانچىلىق قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. غەرپ تىللىرىدىكى بەزى سۆزلۈكلەر بىلەن ھىندىچە ۋە پارسچىدىكى بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققانلىقى تۇتقا قىلىنىپ، ئارىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇ تۇپراقلاردا ياشىغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ تەدىرىجى ھالدا غەرپكە كۆچكەنلىكى ۋە قالغانلارنىڭ بولسا يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلدى. كېيىن ھىندىستان ئىنگىلىزلەر تەرىپىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا، بۇنىڭ ئىشغالىيەت ئەمەسلىكى، بەلكى ئەۋلادلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كىلىشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىمۇ شەيئىنىڭ تەبىئىتىگە زىت ھىچقانداق بىر نەرسىنىڭ يوقلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆز ۋاقتىدا ئەيسا پەيغەمبەرنى كىرسىتقا مىخلىغان يەھۇدىيلاردىن قانداق ئىنتىقام ئېلىنغان بولسا مىلادىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئاق خوجايىنلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقاتقان ئاسىيالىقلاردىنمۇ شۇنداق ئىنتىقام ئېلىش كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ماركوف ۋىتوروي ‹‹قازاق- قىرغىزلار چىڭگىز ۋە تىمۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھىندىئانلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىنغان بولسا، بىزمۇ قازاق- قىرغىزلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولىشىمىز كېرەك›› دېگەن بولسا، ھىندىستاندىمۇ ئې. ۋ. راماسۋامي ‹‹گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغانلىرىنى بىزمۇ بىراھمانلارغا قىلىشىمىز كېرەك›› دېگەن. ئۇلارنىڭ بىراھمانلارغا نېمە قىلغانلىقى ۋە نېمە قىلىدىغانلىقى بىزنىڭ بەك دىققىتىمىزنى تارتمايدۇ. ئەمما، بۇ دۇنيانىڭ يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ بىرىدىغان دۇنيا ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئاللاھنىڭ ھىكمەتلىرىگە سۇئال قويۇش ھەددىمىز ئەمەس. چۈنكى ئاشۇ بىراھمانلارمۇ ھىندىستاندا ساكلارنىڭ نەسلىدىن بولغانلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىۋەتكەن.



ئىككى يول بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئاقلار ھۇجۇمىنىڭ بىر نىشانى يەھۇدىيلار، ئافرىقىلىقلار، ئەرەبلەر، ھىندىلار ۋە خەنزۇلار بولسا، يەنە بىر نىشانى تۈركلەر ئىدى. بىرىنجى نىشاننى غەرپلىكلەر، ئىككىنجى نىشاننى رۇسلار ئۈستىگە ئالدى. ئەسلى مەقسەت دۇنيانىڭ نىمەتلىرىنى ئاق خوجايىنلار ئارىسىدا بۆلۈشۈش ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۆلۈشىۋالدى. كۈنىمىزدە ئىراقتا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر بۆلۈشىۋېلىش ئويۇنىنىڭ بەقەت بىر پارچىسىدۇر. قۇرال ئۈستۈنلىكى بىلەن، تېخنىكىلىك ئۈستۈنلۈك بىلەن بىر مەملىكەتنى ئىستىلا قىلىش ئىشنىڭ ماددىي تەرىپىدۇر. ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان تەرىپى مەنىۋىي ئىستىلادۇر. ئەسلى ۋەيران قىلغۇچى ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىمۇ مۇشۇ تەرەپتۇر. ئىنسانلار ئۇچرىغان جىسمانىي زەرەرنىڭ دەردىنى يارىسى ئوڭشالغاندىن كېيىن ئۇنتۇيدۇ، كاللىسىدا ئىنتىقام تۇيغۇسى ساقلىنىدۇ. بۇ ئىنتىقامنى ئالىدۇ، ئۇنتۇيدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىدۇ. لېكىن، مەنىۋىي ۋەيرانچىلىق ماددىي ئىز قالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان دوستى بىلەن دۈشمىنىنى ئايرىيالمايدۇ ۋە كۆپۈنچە خاتا ئىدراك قىلىش ياكى خاتا ئىداك قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى يوقىتىدۇ.  



بۈگۈنكى ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ چۆكىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان كىشى ئوسۋالىد سپېڭلېر ئىدى. ئارنولد تويېنبېمۇ ئەينى تەھلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئەمما سپېڭلېرغا ئوخشاش تەسلىمەتچى بىر يولنى تۇتماي، تەقدىرگە قارشى تىركىشىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇستەملىكىگە تايانغان ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەھدىتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، 1905- يىلى لوندوندا ئېچىلىشقا باشلىغان ۋە  1907- يىلىغىچە داۋاملاشقان كونفرانىس نەتىجىسىدە سۇنۇلغان دوكلاتتا ئاۋۋال شۇ سۇئال سورالغان :



‹‹غەرپ سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ جۇغلانمىلىرى ۋە زامانىۋىي تېخنىلوگىيە بۇ رايونغا (ئاق دېڭىزغا تۇتاشقان مەملىكەتلەرگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا) كىرسە قانداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ؟ ئەگەر بۇ خەلقلەر بىلىم، مائارىپ ۋە كۈلتۈرگە ئەھمىيەت بەرسە قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟ ئەگەر بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەر مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالسا ۋە ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئىگە بولسا ئۇ چاغدا نېمە ئىش بولىدۇ؟››



بۇ سۇئالغا شۇ جاۋاپ بىرىلگەن: ‹‹ مانا شۇ چاغدا مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيەلەر ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان بىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. مۇستەملىكە چۈشى ئاخىرلىشىدۇ، ئىمپېرىيەنىڭ ئانا تومۇرى كېسىلىدۇ، رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش يوقىلىدۇ.››



كېيىن غەرپ ئىمپېرىيە ھاكىمىيتىنىڭ ھىچبولمىغاندا يەنە يۈز يىل ياكى ئىككى يۈز يىل داۋام قىلىشى ئۈچۈن شۇ تەكلىپ بىرىلگەن.



a) ئورتاق مەنپەئەتى بولغان بۇ دۆلەتلەر بۇ رايوننى پارچىلاپ بۆلۈشى،،، خەلقنى چېچىلاڭغۇلۇق، مۇتەئەسسىپلىك ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇشنى داۋام قىلدۇرۇش كېرەك.



b) بۇ رايوندا ئاسىيانى ئافرىقادىن ئايرىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەيئەتلەر يىغىنى تەسىرى كۈچلۈك يات مىللەتتىن ياۋروپانى كونا قۇرۇغلۇققا ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر ئىككىسىنى ئاق دېڭىزغا باغلىغان كۆۋرۈكنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ئىنسان توسالغۇسىنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك... رايوندا ئىمپېرىيالىزمنىڭ دوستى ۋە رايون خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولغان بىر دوست كۈچ يىتىشسۇن.



دوكلاتنىڭ داۋامىدا بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاق دېڭىزنىڭ بويىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ نادان قالدۇرۇلۇشى، تىلى بوزۇلۇشى ۋە قەبىلىۋىي تۈزۈلۈشىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى تەۋسىيە قىلىندى.



ئاسىيا بىلەن ئاق دېڭىز ئەمەلىيەتتە رۇسلارنىڭ قولى بىلەن بىر بىرىدىن ئايرىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەسلىدىكى بىر خەلق ۋە بىر تىل ‹‹خەلقلەر ۋە تىللار››غا ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلىنغانغا قەدەر ‹‹ئوسمانلى›› دەپ ئاتالغان نامىمىز بىردىنلا ‹‹تۈرك›› كە ئايلانغاندا، تۈركىستاندا ياشايدىغان نەسىلداشلىرىمىزنىڭ نامى ‹‹قازاق››، ‹‹قىرغىز››، ‹‹تۈركمەن››، ‹‹ئۆزبەك››، ‹‹ئۇيغۇر››، ‹‹ئەزەرى›› دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. تەبىئىي ھالدا ‹‹ئەزەرىچە››، ‹‹قازاقچە››، ‹‹قىرغىزچە››، ‹‹تۈركمەنچە››، ‹‹ئۆزبەكچە››، ‹‹ئۇيغۇرچە›› دېگەنگە ئوخشاش تىللار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ تىللار ئۈچۈن موسكۋادا لۇغەتلەر تۈزۈلدى ۋە نەشىر قىلىنىپ، بۇ مەملىكەتلەرگە ئەۋەتىلدى. باشقا كىچىك تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرىمۇ تەتقىق قىلىنىپ، ئايرىم شىۋىلەرگە ئايلاندۇرۇلدى ۋە بىر بىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىلدى. ئاق دېڭىز بويىدىكى مەملىكەتلەردە بولسا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىغا قول سېلىندى. سۈنئىي سۆزلۈكلەر، ئويدۇرما سۆزلەر يارىتىلىپ تىللار ئاينىتىۋىتىلدى. ئەرەب مەملىكەتلىرىدە ‹‹زامانىۋىي ئەرەبچە››(ھازىرقى زامان ئەرەب تىلى) دېگەن نام بىلەن باشلانغان ئېقىم ئەرەب تىلىدا زادى بولمىغان سۆزلەرنى يارىتىپ، لۇغەتلەرگە كىرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ، ‹‹قەدىمكى، كىلاسسك ئەرەبچە›› ۋە ‹‹زامانىۋىي ئەرەبچە›› ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەرەب يېزىقىنىڭ ئورنىغا لاتىن يېزىقىنى قويۇشنى تەكلىپ قىلغان ئەرەبلەرمۇ مەيدانغا چىقتى. تۈركىيەدە بولسا ئىسلامىيەت بىلەن بولغان باغنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئەرەبچە، پارسچىدىن كىرگەن سۆزلەر چۆرۈپ تاشلىنىپ، ئورنىغا قايسى پىرىنسىپقا تايىنىپ ئويدۇرۇلغانلىقى نامەلۇم بولغان سۆزلۈكلەر دەسسىتىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن يېزىق ئۆزگەرتىلدى، ھەرپلەر ئالماشتۇرۇلدى. مۇھاممەد ‹‹مۇھاممەت››كە، ‹‹دىننىڭ قىلىچى›› مەنىسىدىكى سەيفەددىن ‹‹ئەنجۈرنىڭ قىلىچى›› مەنىسىدىكى ‹‹سەيفەتتىن›گە، كىتاب ‹‹كىتاپ››قا ئۆزگەردى. نەتىجىدە ئۆمەر سەيفەددىنگە ئوخشاش ئىنتايىن ساپ تۈركچە بىلەن يازغان بىر يازغۇچىمىزنىڭ ھېكايىلىرىمۇ كېيىنكى ئوتتۇز يىلدا ئۈچ قېتىم ئاددىيلاشتۇرۇلدى ۋە ئەسلى ئارگىنالىدىن ھىچ ئەسەر قالمىدى.  يەنى تۈرك ياشلىرى ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم تىل ئۆزگەرتتى. بۇنىڭغا ئۇلۇشۇپ ئاكادېمىك كىتاپلارنىڭ تىلىنى ئومۇمەن چۈشەنمەيدىغان، ئۈچ- تۆت يۈز سۆزلۈك بىلەن ئاران تەستە سۆزلىشىدىغان بىر ئەۋلات يىتىشىپ چىقتى. تېلېۋىزورلاردا بىرىلىۋاتقان بىلىم مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ ئەڭ ئاددى سۇئاللار ئالدىدىمۇ بۇغۇلۇپ قىزىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئىبرەت بىلەن تاماشا قىلىپ ئولتۇرىۋاتىمىز. ئۆز مەملىكىتىنى، جۇغراپىيەسىنى، تارىخىنى بىلمەيدىغان، قىسقىسى بىر سەكرەپلا ئاتىسىنى تۇنۇمايدىغان بىر پارازىت ئەۋلادلارنىڭ ئىچىدە قالدۇق. باشقىچە ئېيتقاندا، ماڭقۇرتلاشتۇق!



ئاشۇ خىل جەريان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. ئۇ يەردىمۇ ماڭقۇرتلاشقان ئەۋلادلار يىتىشتى. بۇ، تارىخ دەپ پەقەت رۇس تارىخى ئوقۇتۇلغان، تۈرك تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھىچنەرسە بىلدۈرۈلمىگەن ۋە تۈركلۈكى ئۇنۇتتۇرۇلغان ئەۋلاتلاردۇر...



ياۋروپانىڭ ئوسمانلىلارغا قارىتا پارچىلاپ يۇقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ‹‹ئارى قارىشى››، ‹‹ئاريانى نەزەرىيەسى›› ۋە ‹‹ئىمپېرىيالستتىك پىلانلار››نى تەرەققىي قىلدۇرغان كۈنلىرىدە پەقەت بېشىغا يۆگىگەن سەللە بىلەنلا قېلىپ، ناچار ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشنى بىلمەيدىغان دىندارلار بىلەن كۆز ئالدىدىكىنى كۆرەلمەيدىغان تارىخچىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ 120 يىللىق رۇس ئىستىلاسى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئىدىل – ئۇرال بويلىرىدا تۈرك تارىخچىسىنىڭ چىقىشىنى كۇتۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.



غەرپ تارىخى يېزىلغاندا تۈركلەرنى، تەبىئىيكى ئوسمانلىلارنى يوققا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى يازغانلار، بولۇپمۇ رۇسلار تۈركلەرنى يوققا چىقاردى ۋە كۆرمەسكە سالدى. بۇنى بەزىدە ئارىدىكى دۈشمەنلىكتىن قىلسا، بەزىدە قاتتىق تۈزۈمنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قورقۇتۇشى بىلەن قىلدى. تارىختا بۇ رايوندا ياشىغان تارىختىن بۇرۇنقى خەلقلەرنى تۈركتىن باشقا ھەر قانداق بىر خەلققە، بولۇپمۇ ئىرانلىقلارغا مال قىلىشقا تىرىشتى. تارىختىن بۇرۇنقى خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىنى ئىرانلىقلارغا مال قىلىش غەيرىتى ئېھتىمال ئىرانلىقلارنىڭمۇ رۇسلارغا ئوخشاش ئارى ئىرقىدىن كېلىپ چىققانلىقىدىن بولسا كېرەك. بۇنىڭدىمۇ ئىككى مەقسەت بولۇشى مۇمكىن. بىرى، رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشغالىيىتىنى ھەقلىق ۋە تەبىئىي ئەھۋال قىلىپ كۆرسىتىش. يەنە بىرى، تۈركلەرنى ئۇرال- ئالتاينىڭ سىرتىدىكى ھەر قانداق يەردە ئىستىلاچى سۈپىتىدە كۆرۈشتۇر.



مىچېل دانىنو ‹‹ھىندىستان ۋە خىيالى ئىستىلا›› ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئاساسسىز ھۆكۈملەر بىلەن ئىنكار قىلىنىدىغان تېما بولۇپ كەلدى. بۇلارغا ئۆزلىرىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بىرىلمەي، ئىرقىي ۋە كۈلتۈرەل جەھەتتىن تۈۋەن دەپ ئەيىپلاندى.›› بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئۆتەيلى : ئىككى يۈز يىل بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىدۋېست ۋادىسىدا بىر قانچە مىڭ يىللىق قەدىمىي سۈنئىي ئىگىزلىكلەر تېپىلغان. ئۇزنلۇقى 390 مېتىر كىلىدىغان، ئالەم بوشلۇقىدىن كۆرگىلى بولىدىغان بىرىندىنبىر جىسىم بولغان ئوخىئو چوڭ يىلىنىمۇ بۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئالىملار، سىياسەتچىلەر ۋە نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر بۇ ناھايىتى زور ئىگىزلىكلەرنىڭ ۋەھشىي ئىندىئانلارنىڭ ئەسىرى بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەكسىچە بۇلارنىڭ ۋىكىڭلەرگە ياكى ئاتلانتىكنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەن ھىندۇس ئىشغالىيەتچىلىرىگە ئائىت بولۇشىنى مۇناسىپ كۆرگەن. چۈنكى ‹‹ئامېرىكىلىق ئىندىئانلار ۋەھشىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇ بىنالارنى ياسالىغۇدەك تېخنىكىلىق زىھنىيەتكە ئىگە بولالمايتتى.›› نەتىجىدە بۇلارنىڭ يەرلىك خەلق تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ئۈچۈن 70 يىل كۈتۈشكە توغرا كەلدى. ئافرىقىدا بۈيۈك زىمبابۈۋى خارابىلىرى قېزىلىپ، بۇنىڭ ئىلغار بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىنگىلىز ئىشغالىيەتچىلەر ئۇزۇن ۋاقىت بۇ خارابىنى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ، سابا مەلىكىسىنىڭ ياكى فىنىكىلەرنىڭ ئەسىرى دەپ قارىدى. چۈنكى، بۇنداق بىر ئەسەر زەنگىلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مۇناسىپ كەلمەيتتى. يەنە كېلىپ براندبرېگ(ھازىرقى نامبىيە) قىيا تاش رەسىملىرى مىسىرلىقلارغا ۋە گرىتلىكلەرگە ئائىت دەپ قارالدى. بۇ ئەھۋال 1960- يىلىغا قەدەر مۇشۇنداق داۋام قىلدى. ئىرقچى ھاكىمىيەت بۇنىڭ يەرلىكلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى قەتئىي رەت قىلدى. ئەڭ ياخشى قىيا تاش رەسىملىرى مۇتەخەسسىسى راھىپ ھېنرى برېئۇل قەتئىي ۋە جاھىللىق بىلەن ئاخىرىغا قەدەر بۇلارنى گرىتلەرگە ياكى يۇنانلىقلارغا ئائىت دەپ قارىدى. ئەمما، ئاخىرىدا بۇلارنىڭ بۇشمانلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.



ئومۇمەن، مەغلۇپ بولغان مىللەتنىڭ تارىخىنى ئىشغالىيەتچى مىللەتنىڭ يازىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما، ھازىر ئۇلارنىڭ ئورنىنى تارىخچى، ئارخېئولوگ ۋە ئېتنولوگلار ئىگەللىدى. بۇ سىنىپ سىياسىي بېسىم ئاستىغا ئېلىندى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرى بۇ يەردە سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان مەدەنىيەتلەرنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ رەسمىي تارىخ ئىدىئولوگىيەسىگە زىت بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا ۋە كۈچلۈك دەلىللەرنى كۆرسەتسە، دەرھال بېسىم ئاستىغا ئېلىندى، قاتتىق ئەيىپلەشكە ۋە بەزىدە چاقماق تىزلىكىدىكى ھەرىكەتكە دۇچ كەلدى. رۇسىيەدە مۇشۇنداق بولدى. بۇ قۇرۇغلۇقنىڭ تارىخىدا تۈركلەر بار دېگەنلەر بېسىمغا ئۇچرىدى. بەزىلىرى بىر باھانە بىلەن قولغا ئېلىندى، بەزىلىرى مەملىكىتىنى تەرك ئىتىپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىرىنجىسىگە ل.ن. گۇمېليېفنى، ئىككىنجىسىگە گ. ۋېرنادسكينى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.



تۈركلەرگە مەدەنىيەت تارىخىدا ئورۇن بىرىش ئارزۇ قىلىنمىدى. ئاق ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركلەر ۋەھشىي، ياۋايى، كۆچمەن، قانخور، بۇلاڭچى ۋە بۇزغۇنچى بىر خەلقتۇر، تۈركلەر پارازىت بولۇپ، ئىنسانىيەتكە ھېچقانداق بىر تۆھپە قوشمىغان. مەسىلەن، خ. خوۋورس موڭغۇللار ئۈچۈن ‹‹ۋەيرانچىلىق مۇتەخەسىسلىرى›› دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان. ھالبۇكى موڭغۇللارنىڭ رۇسىيەدە كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغىنى پەقەت بىرلا شەھەر ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ شەھەر خەلقىنىڭ موڭغۇل ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلار ئىلغار، كۈلتۈرى بار ۋە مەدەنىي بىر خەلق، تۈركلەر بولسا ياۋايى، بۇلاڭچى سۈپىتىدە تۇنۇشتۇرۇلغان. ئەمما ئامېرىكىلىق خەنزۇشۇناس ئې. خ. شافېر ‹‹سەمەرقەندنىڭ ئالتۇن شاپتۇللىرى›› دېگەن ئەسىرىدە مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك دەۋرى تاڭ دەۋرىدە كۆرۈلگەن جۇڭگونىڭ ئىمپورت قىلغان ماللىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەنلىكىنى، سەنئەتكارلارنىڭ، يىپەك ئۇستىلىرى، توقۇمىچىلارنىڭ سەمەرقەند ۋە تاشكەنتتىن بارغانلىقىنى پاكىتلىق ھالدا  ئوتتۇرىغا قويغان، ھەتتا خەنزۇلار تىياتىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان چاغدا سەمەرقەندتىن كەلگەن بىر تۈرك تىياتىر ئۆمىكىنىڭ جۇڭگودا ئويۇن قويغانلىقىنى، تۈرك مۇزىكا ئەترىتىنىڭ سارايدا كونسېرت ئورۇندانلىقىنى كۆرسەتكەن.



سۆزنى كۆپ ئۇزارتىش خىيالىمىز يوق. بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى غۇرۇر بېغىشلايدىغان ھەقلىق ئورنىنى ئېلىشى ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدىن ناھايىتى ياخشى تارىخچىلار يىتىشىپ چىقىشى كېرەك. تۈركنى تۈرككىلا ئەمەس، يەنە تۈركنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىدىغان ئالىملار يىتىشىپ چىقىشى كېرەك. ئەمما ھەممە نەرسىنى تۈركنىڭ دەيدىغان كىسەللىكتىنمۇ قۇتۇلۇش كېرەك.







--------------------------------------------------------------------------------





Danino Michel, L\"Inde et l\"lnvasion de Nulle part , Le Dernier repaire du Mythe Aryen, Paris, 2006, s. 38.







M.Vivien de Sain –Martin, L\"Asie Mineure, Cilt1, s.2, Pars, 1852.







بېرنال مارتىن : ‹‹قارا ئافىنا›› ، ئۆزجان بۇزە تەرجىمىسى، كايناك نەشرىياتى، 1998- يىلى، 49-،73- بەتلەر،







دوكتۇر. سۇسا ئاھمەت : ‹‹تارىختا ئەرەبلەر ۋە ياھۇدىيار ››، ئاھسەن باتۇر تەرجىمىسى، سېلېنگې نەشرىياتى، 2005- يىلى، 21- بەت.







ئەپلاتۇن : ‹‹تىمائىئوس››، MEB نەشرىياتى، 1997- يىلى، 22- بەت.







بېرنال ، يۇقىرىقى ئەسەر، 343- بەت.







بېرنال ، يۇقىرىقى ئەسەر، 342- بەت.







بېرنال ، يۇقىرىقى ئەسەر، 276-، 302- بەتلەر.







  بېرنال، يۇقىرىقى ئەسەر، 478-، 479- بەتلەر.







دۈك- فرانسۇزچە ‹‹دۇك›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەزى دۆلەتلەردە پرەنس(پادىشاھ)تىن بىر دەرىجە تۈۋەن تۇرىدىغان ئىسىلزادىلىك ئۈنۋانى.- ت







ستېۋېن رۇنسىمان : ‹‹ئەھلى سەلپ تارىخى››، فىكرەت ئېشىلتان تەرجىمىسى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 1998- يىلى، 1- قىسىم، 104- 107- بەتلەر.







ستېۋېن رۇنسىمان، يۇقىرىقى ئەسەر، 221- بەت.







‹‹ئاسىيا دىنلىرى››، ئابدۇللا داۋۇدئوغلۇ تەرجىمىسى، ئىنقىلاپ نەشرىياتى، 2002- يىلى، 24- بەت.







دانىنو ، يۇقىرىدىقى ئەسەر، 90-، 93- بەتلەر.







‹‹يالغانچىنىڭ شامى قاراڭغۇ چۈشكىچە يانىدۇ›› دېگەن تەمسىل ناھايىتى توغرىدۇ. ھىندىستاندا ئولتۇراقلاشقان مىچېل دانىنو غەرپلىكلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىلمىي ئىسپاتلار بىلەن بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر ھېساپتا ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغان زىيانكەشلىكىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماقتا. دانىنونىڭ سۆزىگە نەزىرىمىزنى بۇرايلى : ‹‹ۋېدا كىتاپلىرىدا ئۇچرايدىغان ۋە ماخاپخاراتا دەۋرىدىن بېرى قۇرۇشقا باشلىغان ساراسۋاتى دەرياسى كېيىنكى يىللاردا ناھايىتى ياخشى تەتقىق قىلىندى. بۇ دەريانىنىڭ ئېقىنىڭ ‹‹رىگ- ۋېدا››دا كۆرسىتىلگەن يەردە (يامۇنۇ بىلەن سۇتلېژ ئارىسىدا) ئىزلىرى بايقالدى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 1900- يىللاردا قۇرۇغانلىقى ئېنىقلاندى. ھالبۇكى، ‹‹رىگ – ۋېدا››دا 60 تىن كۆپرەك يەردە بۇ دەريادىن سۆز ئېچىلىدۇ.‹‹رىگ- ۋېدا››نىڭ بولسا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500-يىللاردا ھىندىستانغا كەلگەن ئاريانىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەمما ، ئاريانىلار كەلگەن چاغدا بۇ دەريانىڭ قۇرۇپ كەتكىنىگە ئۇزۇن ۋاقىت بولغانىدى›› ھالبۇكى غەرپلىك ئالىملار ئاريانىلارنىڭ ساراسۋاتى دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەلگەنلىكىنى يازىدۇ.







ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹تۈركىستان››، 304- ،305- بەتلەر







دانىنو ، يۇقىرىقى ئەسەر، 87- بەت.







‹‹ئەس- سەقافە ئەل- قەۋمىييە ئەل- ئىشتىراقىييە››، دەمەشق، 73-، 74- بەتلەر، دوكتۇر ئەھمەت سۇسغا بېغىشلانغان.







سۇسا : ‹‹تارىختا ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلار››، 460-461- بەتلەر.







تەرىپىمدىن رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان م.ئى. ئارتامونوفنىڭ ‹‹ھازار تارىخى›› دېگەن كاتتا ئەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا بىلوگىمىزغا بىر ئېلىكترونىك يوللانغا كەلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹ х х تەرجىمە قىلغان ‹ھازار تارىخى› دېگەن كىتاپنى ئالدىم. ناھايىتى ياخشى كىتاپ ئىكەن. ئەمما، ناھايىتى كۆپ سۆزنى چۈشىنەلمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يېنىمىزدا بىر لۇغەتنى ئېلىپ يۈرەمدۇق؟ قىسقىسى، بۇ كىتاپنىڭ تۈركچىسىنىمۇ قايتا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش كېرەك.››







دانىنو : يۇقىرىقى ئەسەر، 19- بەت.







دانىنو : يۇقىرىقى ئەسەر، 20- بەت.







دانىنو : يۇقىرىقى ئەسەر، 21- بەت.







ۋرنادسكي : ‹‹موڭغۇللار ۋە رۇسىيە››، لوندون، 1959- يىلى، 3- بەت.







ئې. خ. شافېر : ‹‹سەمەرقەندنىڭ ئالتۇن شاپتۇللىرى››، 1981- يىلى، 80-، 85- بەتلەر




paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 09:05:05

بۇ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.



يۈسۈپجان، بۇ تېما ئۆز مۇنبىرىنى تاپالماپتۇ.



ئاخشام بىر تېما يوللىسام تېخىچە چىقارمىدى، مىسرانىمدا.

مەن بۇ ماقالىڭىزنى ئاخشام بېسىپ چىقىرىپ ئوقۇپ چىقتىم ۋە بۇنى ئوقۇشتىن بۇرۇن يېزىپ، ئىزدىنىشقا يوللىغان «سىماچىيەننىڭ ئاقتا قىلىنىشىدىن ئويلىغانلىرىم»غا بىرلەشتۈرۈپ، تۈركىيەلىك بۇ ئاداشنىڭ مەن دىيەلمىگەننى دەۋەتكەنلىكىدىن سۈيۈندىم. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئاشۇ «ھېسپۈتۈك» ىمدە، مۇشۇنداق بىر نەرسىنى ئېيتماقچى ئىدىم.

ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 17:06:32

بۇ ،تارىخنىڭ يەنىلا بۇرمىلىنىپ تۇردىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىمۇ ؟ \"\"    تارىخنى باشقىلار بېسىم قىلىپ پۈتكۈزسە   \"\"

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 17:08:57

بىزگە يىتىپ كەلگنى پەقەت ئاز بىر قىسمى ئوخشايدۇ .تارىختىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت \"\"

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 17:36:12

يۈسۈپچان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئاۋۇ ماقالىمۇ ياخشى ماقالىكەن. بولۇپمۇ ماۋۇ يەرلىرى ئادىمنى ئويغا سالىدىكەن .



قۇرال ئۈستۈنلىكى بىلەن، تېخنىكىلىك ئۈستۈنلۈك بىلەن بىر مەملىكەتنى ئىستىلا قىلىش ئىشنىڭ ماددىي تەرىپىدۇر. ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان تەرىپى مەنىۋىي ئىستىلادۇر. ئەسلى ۋەيران قىلغۇچى ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىمۇ مۇشۇ تەرەپتۇر. ئىنسانلار ئۇچرىغان جىسمانىي زەرەرنىڭ دەردىنى يارىسى ئوڭشالغاندىن كېيىن ئۇنتۇيدۇ، كاللىسىدا ئىنتىقام تۇيغۇسى ساقلىنىدۇ. بۇ ئىنتىقامنى ئالىدۇ، ئۇنتۇيدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىدۇ. لېكىن، مەنىۋىي ۋەيرانچىلىق ماددىي ئىز قالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان دوستى بىلەن دۈشمىنىنى ئايرىيالمايدۇ ۋە كۆپۈنچە خاتا ئىدراك قىلىش ياكى خاتا ئىداك قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى يوقىتىدۇ.

lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 19:30:17

ياخشى ماقالىكەن      \"\"

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 22:30:15

تېما ئېنكاسلار بىلەن تولۇقلىنىپ كىلۋىتىپتۇ...داۋاملاشقۇسى،ساقلىۋالدىم...

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 20:10:47

دۇنيادا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بار دىيىلسە دەل ئۆزى تەۋە توپتىن باشقا  تۈركۈمگە تەۋە ئىنسانلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ،كەمسىتىدىغان .ئومۇميۈزلۈك يوقۇتۇشنى كۆزلەيدىغان زالىملار دەل شۇ جىنايەتنىڭ ئىگىلىرىدۇر .

bulak0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 13:01:42

11- قەۋەتتىكى makansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۈسۈپچان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئاۋۇ ماقالىمۇ ياخشى ماقالىكەن. بولۇپمۇ ماۋۇ يەرلىرى ئادىمنى ئويغا سالىدىكەن .



قۇرال ئۈستۈنلىكى بىلەن، تېخنىكىلىك ئۈستۈنلۈك بىلەن بىر مەملىكەتنى ئىستىلا قىلىش ئىشنىڭ ماددىي تەرىپىدۇر. ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان تەرىپى مەنىۋىي ئىستىلادۇر. ئەسلى ۋەيران قىلغۇچى ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىمۇ مۇشۇ تەرەپتۇر. ئىنسانلار ئۇچرىغان جىسمانىي زەرەرنىڭ دەردىنى يارىسى ئوڭشالغاندىن كېيىن ئۇنتۇيدۇ، كاللىسىدا ئىنتىقام تۇيغۇسى ساقلىنىدۇ. بۇ ئىنتىقامنى ئالىدۇ، ئۇنتۇيدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىدۇ. لېكىن، مەنىۋىي ۋەيرانچىلىق ماددىي ئىز قالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان دوستى بىلەن دۈشمىنىنى ئايرىيالمايدۇ ۋە كۆپۈنچە خاتا ئىدراك قىلىش ياكى خاتا ئىداك قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى يوقىتىدۇ.



بەكلا ئەتىراپلىق تەھلىل قىپسىز
بەت: [1]
: سىماچىيەننىڭ ئاقتا قىلىنىشى