ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:51:24

بوپتۇلا،ئېتراپ قىلىۋېتەي

ھىم


شۇ ئېتراپ قىلىۋېتەيلا بوپتۇ


ئۈزەم باشقىلارغا ئوخشاش تىلى چىقسىلا ناخشا ئېيىتىشنى،مېڭىشنى ئۇقسىلا ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىىغان سەۋىيەگە يەتمىگەن بولساممۇ،ئۈزەم ناخشا ئېيتىشقا ئامراق.بەزىدە ئابدۇللاغا ئوخشاش قىزىۋېلىپ چىراق ئوتىدا پەرۋانە.....دەپ توۋالاپ قويىمەن.


شۇ بىر يېرى


ئاۋازىم بەك بەك سەت


ناخشا ئېيىتقاندىغۇ ئۈزەم يالغۇز ئېيتىمەن،ئاڭلايدىغان ئادەم يوق، ئۈزەم ئاڭلىمىغاندىن كىيىن بەرىبىركەن


تۇرۇپ ئۈزەمچە قىزىپ قالسام ئاۋاز ئەپ قويۇپ،چىرايلىقراق ئېيتىۋەتسەم ئىزدىنىشقا چىقىرىپ باللارغا كۆز كۆز قىلىۋالاي دەپ ئويلايدىغان يېرىم يوقمۇ ئەمەس......


شۇغىنىسى ئالغان ئاۋازنى ئۈزەم ئاڭلىغاندا ئۈزەم چۈچۈپ كىتىمەن،دائىم ئۈزەممۇ ئاڭلاشقا چىدىمايلا قالىمەن.


خۇداغا شۈكرى


ھەر نىمە بولسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېيتىپ سالمايدىكەنمەن.........



شۇنداق قىلىپ


ئاۋازىم سەت مىنىڭ


ئەمما بىرەر ئىككى ناخشىنى چىرايلىق ئېيتىشنى ئۆگىنۋېلىش نىيىتىم بار


شۇڭا مەسلىھەت بەرسەڭلار


قانداق ئاۋاز مەشىقى قىلسام ئاۋازىم ياخشىلىنىدۇ؟


ياكى،قايسى ناخشىنى ئېيىتىش سەل ئاسان؟


مىنىڭ ئاۋازىم قانداق ئاۋازكىنتاڭ


يۇقىرى تۈۋەن ئىگىز پەس دىگەن ئاۋازلاردىن مىنىڭ ئاۋازىم قايسىنىڭغا چۈشىدىكىنتاڭ؟ئىشقىلىپ تۈگمەنچىدەكلا گەپ قىلىمەن.يۇقىرى ئاۋاز بولامدۇ؟



ھىم


مەسلىھىتىڭلارغا قاراپ قالدىم ئەمسە


ئالدىن رەھمەت

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:53:39

قىز كەلتۈرەي دەپ ئويلاپتۇدە مۇنۇ قېرى بويتاق...  {:90:}   {:90:}   {:90:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:56:10

ھىم

ئابدۇللادەك تېلفۇندا ناخشا ئېيىتىشپ كەتسەم ھە  {:92:}

tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:56:13

سۇلىرى سۈزۈكنى ئېيتىپ باقامسىز يا،ئەينەككە قاراپ،قاشنى لىك-لىك ئىتىپ، قوللارنى لەرزان تەۋرىتىپ، سۇنىڭ ئېقىشىغا كەلتۈرۈپ ھەركەت قېلىپ ئېيتسىڭىز چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىسىز، جانابىي زىتەيلاڭ.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:56:33

‹‹تۆھپىكار ئەجداد››دېگەن ناخشىدىن ئۆگىنىڭ \"\" بىزمۇ باشلانغۇچتا شۇ ناخشىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن ناخشا ئېيتىشنى \"\"

زىيالىي ئاكام ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىپ كەتسە،ئوقۇۋاتقان كەسپى بىلەن پۇت تېپىشىپ قالماس ھە  {:90:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:57:00

ئۇسسۇل بىلەن خوشۇم يوق

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 17:57:57

دوڭغۇيۇپ تۇرۇپ، سالام خەلقىم دىگەن ناخشىنىڭ ئوقۇساڭلا ئاۋازىڭلا بەك نوچى چىقىدۇ.  {:92:}   {:92:}

tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:00:11

ئەمسە ناخشا ئېيتىپ نىمە ئىش قىلىسىز؟

qarqan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:00:21

{:107:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:06:59

تۆھپىكار ئەجداد دىگەن قانداق ناخشا \"\"

سۇلىرى سۈزۈك دىگەن ناخشىغا مەن ئامراق،تېكىستىنى بىلىمەن ،ئېيتالايمەن

بىرلا يامان يېرى بەك سەت ئېيتىمەن شۇ \"\"

سالام خەلقىم دىگەن ناخشا كىم ئېيىتقىنى؟

ئىشقىلىپ قايسىلا ناخشا بولسا مەيلى

ياكشى دىگەن ناخشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلار چىقىپ قالسا مۇنبەردە دۈشمەن بولۇشقىنىم بولۇشقان شۇ كىشى بىلەن \"\"

tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:09:29

مۇدەنخاننى ئېيتامسىز يا؟  {:92:}

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:14:40

ماۋۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ناخشىنى ئاپتۇماتىك قويغىلى بولمامدۇ نېمە؟فىلىمنى قويغىلى بولدىكەن بولمىسا...


زىيالىي ئاكا،ماۋۇ پىنگىۋىنلاردىن ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگىنىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ بولمىسا\"\"


ئاۋۇ فىلىمدىكى باشتا چىقىدىغان نۇرۇز دېگەن ناخشىمۇ خېلى يېقىشلىقكەن\"\"



ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:15:29

ئابدۇللارنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتاي بولدى \"\"

ئەمما ئاۋازى بەل يۇقىرىكەن

قانداق مەشىق قىلسام بولىدۇ؟

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:16:41

مىنىڭچە بۇ نۇرغۇن ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش .

ئەمدى قانداق قىلىپ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك ،ئاۋازى تولىمۇ ياخشى بولغان، شۇنداقلا مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ھازىرغىچە مەن بىلىدىغان، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىچىدە، ھەقىيقى سۈپەتلىك ناخشا ‹‹ئىتالايدىغان››بىردىنبىر ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم، ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق سۇئال جاۋاپنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم ،

زىيارەتچى : ئابدۇللاكا قىزىڭىزنىڭ ئاۋازىنىڭ سىلىق بولۇشى، سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنىڭ سىلىق بولۇشى ۋە ئايالىڭىزنىڭ ئاۋازىنىڭ سىلىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق ؟

ئابدۇللا : بۇنى ئاۋال خۇدايىم بەگەن !



شۇڭا تەبىئى ھالەتتە ئاۋازى سىلىق بولمىسا بۇ ئارزۇنىڭ ئىشقا ئىشىشى تەس جۇمۇ !


datman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:17:42

جىممىرلايدۇ يۇلتۇزلار دىگەن ناخشىنىڭ ئىيتىڭ بولمىسا بۇنىغۇ بىلەرسىز

america يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:20:22


6- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دوڭغۇيۇپ تۇرۇپ، سالام خەلقىم دىگەن ناخشىنىڭ ئوقۇساڭلا ئاۋازىڭلا بەك نوچى چىقىدۇ. \"\" \"\"


ــــــــــــــــــــــــــ


سەت گەپ قىلمايلى، ئۇيغۇر تىلى بوزلاپ كېتىدۇ.




horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:24:16

سەنەبەر تۇرسۇننىڭ سالام خەلقىم دىگەن ناخشىسىچۇ .....بۇ ناخشىنى سىلە ئەمەس خېلى- خېلى ئەدەملانىڭ ئۇگۇنىشمۇ تەسكە توختايدۇ جۇمۇ؟.............

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:29:06

15- قەۋەتتىكى americaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دوڭغۇيۇپ تۇرۇپ، سالام خەلقىم دىگەن ناخشىنىڭ ئوقۇساڭلا ئاۋازىڭلا بەك نوچى چىقىدۇ. \"\" \"\"


ــــــــــــــــــــــــــ


سەت گەپ قىلمايلى، ئۇيغۇر تىلى بوزلاپ كېتىدۇ.


نىمىشقىمۇ بۇ گېپىمىنى سەت گەپ دەپ چۇشۇنىۋالغانسىز ئەمدى.........بۇ ئەسلى ئىگىلىپ تۇرۇپ دىگەن گەپتى\"\"





ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:31:21

كىم ئابدۇللاغا ئوخشاش ئېيىمەن دەپتۇ

ئادەم قورقۇزمايدىغان ھالەتكە كىلىۋالساملا ئۈزەممۇ رازى بوپ كىتىمەن شۇ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 18:33:13

غۇلجا ئاھاڭلىرىغا ئۇنچە قىپ كەتمەيمەن \"\"
بەت: [1] 2 3
: بوپتۇلا،ئېتراپ قىلىۋېتەي