bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 15:33:31

ھەرە 3-بۆلۈم (ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم)

ئىسمى: Saw III

خەنزۇچە ئىسمى: 电锯惊魂3/你死我活3/恐惧斗室3:死神在齿(港)/夺魂锯3(台)

دۆلىتى: ئامېرىكا

تۈرى: ۋەقەلىك

تىلى: ئىنگلىزچە

يېزىقى: ئۇيغۇرچە

فورماتى: RMVB

ۋاقتى: 2006.10.27日

رازمېرى: 396×720

سىغىمى: 458mb

ئۇزۇنلىقى: 113 min

رېژىسسور:   达伦·鲍斯曼 Darren Lynn Bousman

باش رولچىلار: (托宾·贝尔 Tobin Bell) (肖妮·史密斯 Shawnee Smith) (安格斯·麦克菲戴恩/安古斯·麦克菲登 Angus MacFadye) ( Bahar Soomekh) (唐尼·沃尔伯格 Donnie Wahlberg) (迪娜·梅耶 Dina Meyer)

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:

                              بۇ فىلىم ئالدىنقى بۆلىمىنىڭ داۋامى بولۇپ، باش قاتىل شاگىرىتى ئاماندا بىلەن يەنە نۇرغۇن توزاقلارنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات-مامات ئويىنىغا تۇرمۇشتا چۈشكۈنلەشكەن بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى سۆرەپ ئەكىلىپ، ئۇلارغا ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكى، تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش جەريانىدىكى ئادەم تېنىنى شۈركەندۈرگۈدەك ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر سۆزلىنىدۇ...






فىلىم ئادرىسى: http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3734



تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرەي دىسىڭىز ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىغا كىرىڭ


www.akburkut.com

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 19:04:35

ھەممە بۆلۈملىرىنى كۆرمىسە تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ بۇ كىنونى،ۋەقەلىكلىرى سەل مۇرەككەپ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 19:47:17

بىزنىڭ يېڭى تەرجىمانىمىز شاھنۇر بۇ كىنونىڭ بارلىق بۆلۈملىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. 1 - بۆلۈمىمىنىڭ تەرجىمىسى تۈگەپ قالدى. بەك بولمىسا شۇ ۋاقىتتا باشتىن باشلاپ كۆرەرسىز يە.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 20:03:46

http://www.ayxam.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=14&id=75



بۇ 7- بۆلىمىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى ، مەن ھەرىلىمەك دەپ تەرجىمە قىپتىمەن ، ھەرە دەپ تەرجىمە قىلساق ياخشى بولىدىغاندەك قىلامدۇ نىمە ؟ Saw دىگەننى ....

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 04:03:21

ھەرە دەپ ئېلىش ئەڭ توغرا مېنىڭچە. ئىنگلىزچە ئىسىمغىمۇ يېقىن ھەم ئىخچام. مۇقاۋىنىمۇ قولدا خەت يېزىپ ئىشلەۋاتىدۇ بىزنىڭ باللا.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 08:51:01

فىلىم ۋەقەلىكى:

بۇ فىلىم ھازىرغىچە 7 - بۆلىمىگىچە ئىشلەندى ، فىلىمگە ئۆزىمىز ئۇيغۇرچە مۇنداق ئىسىم قويساقمۇ بولىدۇ يەنى : ئادەم ئۆلتۈرۈش سەنئىتى ، دىگەندەك فىلىمنىڭ 1 - بۆلۈمىدىن باشلاپ 7 - بۆلىمىگىچە ھەممىسى بىر بىرىگە باغلىنىشلىق ۋەقەلەر بار ، قاتىل گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تىزىملىكى بويىچە قاتتىق ئىنچىكىلىك بىلەن لاھىيىلەپ ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىق تەبىئىتىدىكى يەنى : ئاچكۆزلۈك ، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى تاللاش يولىنى بېكىتىپ قويىدۇ .... ئاخىرىدا ھايات قالىدىغىنى 1 ئادەم ياكى ھەممىسى ئۆلۈپ كىتىدۇ ....

beliver يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 09:30:29

قايسىڭلار «سەدۇمدىكى 120كۈن»索多玛120天دېگەن كىنونى كۆرگەن؟دۇنيادىكى چەكلەنگەن فىلىملەرنىڭ بىرىنجىسى كەنمىشقۇ؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 11:31:53

ھەرە 2-بۆلۈم

ئىسمى: Saw II

خەنزۇچە ئىسمى: 电锯惊魂2/你死我活2/恐惧斗室2:死亡困局(港)/夺魂锯2(台)

دۆلىتى: ئامېرىكا

تۈرى: ۋەقەلىك

تىلى: ئىنگلىزچە

يېزىقى:ئۇيغۇرچە

فورماتى: qmv

ۋاقتى: 2005.10.28

رازمېرى: 480×848

سىغىمى: 583mb

ئۇزۇنلىقى: 93

رېژىسسور: 达伦·鲍斯曼 Darren Lynn Bousman

باش رولچىلار: (托宾·贝尔 Tobin Bell) (肖妮·史密斯 Shawnee Smith) (唐尼·沃尔伯格 Donnie Wahlberg) ( Erik Knudsen) (弗兰克里·吉 Franky G) (Glenn Plummer)

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:

《ھەرە2》بولسا ھەرە 1نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە 《ئادەم ئۆلتۈرۈش تەلۋىسى电锯杀人狂》نىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئويۇنى يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئويۇنىغا قاتناشقۇچىلار بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش تەلۋىسىنىڭ قۇربانلىق كوزورىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

فىلىمدە رازۋىتچىك كەيلى مەلۈم قاتىللىق دىلوسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا،سىسىق نامى پۇر كەتكەن قاتىل《جادۇ ھەرە》نىڭ كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈردىغان قاتىللىق ئويۇنىنىڭ يەنە باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما بۇ قىتىم ئوخشىمايدىغىنى، قاتىل تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، ئۆزئارا ناتونۇش بولغان8ئادەمنى بىر ئۆيگە سولاپ قويۇپ،ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.

فىلىم ئادرىسى:

http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3500&extra=page%3D1


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 15:41:37

1-بۆلىمىنى تەرجىمە قىلمىغانما؟ باشتىن كۆرسەك بولاتى ئەسلى \"\" \"\" \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 19:10:31

8- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1-بۆلىمىنى تەرجىمە قىلمىغانما؟ باشتىن كۆرسەك بولاتى ئەسلى \"\" \"\" \"\"

ئانچۇ-مۇنچە تەرجىمە قىلىپ ھەسەل، گۈلقەننىڭ كۈچىنى چىقىرىپ قويسىلا . بولمىسا زىيان قىلىدا\"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-17 19:13:49

قورقۇنۇچلۇق فېلىمنى بۇرۇن جىق كۆرگەن .كىيىن كېچىدە يول ماڭسام ئەتراپىمدا ئازراق ئاۋاز چىقسىلا ئاشۇ فېلىمدىكى كۆرنىشلەر كاللامغا كىلۋېلىپ ھازىر بىر قول چىقىپ بوينىمنى سىقىدىغاندەك،ئارقامدىن كىيىپ يۈركۈمنى سۇغۇرۋالدىغاندەك ھېس -تويغۇلارغا كېلىپ كېچىدە تالاغا چىقالماس بولۇپ قالدىم .شۇنىڭزى كۆرمەپتىمەن. ھازىر خېلى ياخشى، جاڭگالنىڭ ئىچكىرسىدە توشقان بولسا يېرىم كېچىدە بېرىپ ئوۋلاپ كىلىدىغان باتۇر بوپ كەتتىم. \"\"

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 08:07:07

ھەرىنىڭ 2. بۆلىمى. توردا بار بولغان سەن ئۆلىسەن مەن ياشايمەن دېگەن كىنو شۇمۇ؟

سەككىز ئادامنىڭ ھەر بىرسىنىڭ گەدىنىدە بىردىن مەخپى نۇمۇرى چىقىدىغان. بۇ تەرجىمە قىلىنپ بولغانغۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 08:28:20

ئىشقىلىپ ، مېنىڭ شۇنداق كۆرگۈم بار ئىدى . لېكىن شۇنىسى ، چۈشۈرۈپ كۆرەلمىدىم.

ھەييي... بىر ئوبدان ئەجىر قىلىپ كىنو تەرجىمە قىلغان بولغاندىن كېيىن ، ھەقسىز قىلىۋەتكەن بولساڭلار. ياكى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئاددىراق قىلساڭلار-ھە !

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 17:37:09

باللا ئالجىرىيە ئۇرۇشىنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟ ئاشۇ كىنونى بىر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ قويۇڭلار.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 16:25:41

مۇشۇ فىلىمنىڭ تولۇق قىسىمنى ،يەنە ياپۇننىڭ «豚鼠系列» نى كۆرۈپ تۈگەتىلىگەنلەرنىڭ يۈرىكى راۋۇرۇس بار دەپ كۆرگەن ئىدىم توردىن ،سىناپ باقاي دەپ «ھەرە»نى تولۇق كۆرۈپ چىقىپتىمەن ،لېكىن ئاۋۇ ياپۇننىڭكىنى ئىككى قىسىمىنى كۆرۈپ بىر ھەپتە بىئارام بولۇپ داۋامىنى كۆرمىدىم
بەت: [1]
: ھەرە 3-بۆلۈم (ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم)