ئايشەم تورى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئايشەم تورى كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.
<<ئايشەم تورى كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگى>> مەخسۇس كىنو - فىلىم تەتقىقاتى تەپسىلاتى ، ئۇيغۇرلاردىكى كىنو سىنارىيە يېزىش ۋە ئۆگىنىش تەتقىقاتىنى ئاساسىي نىشان قىلغان تور بېكەت بولۇپ، ھەر خىل ئۇيغۇرچە كىنو فىلىم تېخنىكىلىرى توغرىسىدىكى پىكىر ئۇچۇرلار ... قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كەسپىي كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگى .
ئايشەم تورى كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگى ئىلگىرىكى تور بېكىتىدە پەقەت كىنو ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى ، كىنولارغا قارىتا باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز - قاراشلىرىنى، كىنو ئوبزورلىرىنى يېزىشقىمۇ بولمايتتى . ئۆزىمىز چىقىرىپ قويغان ماتېرىياللارنىلا كۆرۈش بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەشنى پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدۇق.
شۇنداق قىلىپ <<ئايشەم تورى كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگى>> نىڭ يېڭى نەشىرىمۇ پۈتۈپ تاماملاندى.
بۇ نەشىرىدە ئايشەم تورى كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگى ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ يېڭى كىنو - فىلىم ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا كۆرۈش بىلەن بىرگە يەنە شۇ فىلىمگە بولغان تەقرىز يەنى كىنو - فىلىم قىسقا ئوبزور ۋە ياكى چوڭ تىپتىكى ئوبزورلارنى يازغىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىيلىدۇق ، بۇنىڭدىن كېيىن بەتكە ئەزا بولغان قېرىنداشلىرىمىز خالىغان ۋاقىتتا قايسى كىنو - فىلىمگە قىززىقسا ئوبزور يېزىشقا بولىدۇ . ئەزا باشقۇرۇش مەركىزىگە كىرىپ ئۆزىگە تەخەللۇس ۋە شەخسىي بېتىدە قۇيۇلىدىغان ناخشا ، ۋە كۆرۈپ بولغان كىنو - فىلىملەرنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرالايدۇ ، ھەمدە شۇ ئەزانىڭ شەخسىي بېتىدە بۇ ئەزا خالىغان كىنو-فىلىمگە يازغان بارلىق مىكرو ئوبزورلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ ...
http://www.ayxam.com/index.php?m=member&c=center&userid=2
ئۈستىدىكى ئادىرىس ئۈلگە ئۈچۈن كۆرسىتىلدى
بۇ قېتىم بۇ بەتتىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ئىقتىدار بولسا يەنى ‹‹ تېخىمۇ كۆپ ›› كېيىنكى بەت ئالدىنقى بەت ئۇقۇمى تاشلاپ چىقىرىلدى ، ئەزا يازغان بارلىق مىكرو ئوبزورلانى تېخىمۇ كۆپ ئارقىلىق قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .... بۇ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىك ھىسابىلىنىدۇ ...
بۇ پەقەت مەن كۆرگەن فىلىم ئوبزورلىرى بولغاچقا باشقا قېرىنداشلارنىڭ ھەرقانداق تەكلىپ - پىكىر ۋە باشقا دەيدىغانلىرىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزگە كىرىپ كۆرۈپ باققايسىز.
ئايشەم تورى كىنو - فىلىم تەتقىقاتى بىلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ ئادېرىسى:
http://www.ayxam.com
كۆرۈپ باقاي قىنى كىنو فىلىم سىنارىيسى يىزىقچىلىقىغا ئايىت بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنىمۇ ئايىمىغايسىزلەر بەت مەزمۇنى بىلەن تور نامىنىڭ قىلچە ئالاقىسى بولمىغاچقىكى ياقتۇرالمىدىم.
3- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەت مەزمۇنى بىلەن تور نامىنىڭ قىلچە ئالاقىسى بولمىغاچقىكى ياقتۇرالمىدىم.
بىلوگ بولغاندىكىن شۇنداق بوپ قالدى ، ياخشى ئىسىم يوق شۇ گەپنىڭ قىسقىسى .....
كىنو 65464654 چىكىت كوم دىگەندەك ئىسىملارنى مەنمۇ ياقتۇرمىدىم ، قىسقا تور نامى تاپماق ، بەك تەس بوپ كىتىپتۇ شۇ ....
4- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەت مەزمۇنى بىلەن تور نامىنىڭ قىلچە ئالاقىسى بولمىغاچقىكى ياقتۇرالمىدىم.
بىلوگ بولغاندىكىن شۇنداق بوپ قالدى ، ياخشى ئىسىم يوق شۇ گەپنىڭ قىسقىسى .....
قىسقا بولمىسا مەيلى، بەتكە ماس ئىسىم ئويلايلى. مەسىلان ئالايلۇق ! @tawlan بىرمۇنچە گەپنى يېزىپ بولسام يوق بولدى، قايتا يېزىش خوشياقمىدى
تور بېكىتىڭىزدىكى بىر كىنو توغرىلىق قىسقىلا دەي:
1. «قەھرىمان يۈرەك» دەپ تەرجىمە قىلغىنىڭىز ماڭا زادىلا ياقمىدى، «قەيسەر يۈرەك» دېگەن ئىسمى بار، شۇ بويىچە ئالسىڭىز بولاتتى.
2. سوگۇلان ۋە سوگۇلاندىيە دېگەندەك ئاتالغۇلارنى نەدىن تاپقانسىز؟ شوتلاندىيە ۋە شوتلاندىيىلىك دېگەن قېلىپلاشقان تەرجىمىسى ئېسىڭىزگە كەلمىدىمۇ؟
3. بۇ كىنوغا يازغان چۈشەندۈرۈش(ياكى تەسىرات) بەكلا تۆۋەن سەۋىيىلىك بوپ قاپتۇ، ھەتتا مەزمۇنىنى بۇرىۋېتىپسىز. «قەيسەر يۈرەك»تەك دۇنياۋى نادىر كىنوغا بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىڭىزغا قاراپ تور بېتىڭىز ياقمىدى
@MVXVK
كەچۈرۈڭلار ، سەۋىيە تايىنلىقكەن ، ئانى تۈزۈتىمىز ئەمما ۋە لېكىن بىراق !
تەسىرات ماقالەمنىمۇ ئۈچۈرۋەتتىم ...
http://www.ayxam.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=11&id=18
بەت:
[1]