Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 10:21:58

‹‹ئىزدىنىش شىركىتى›› ساياھىتى؟

ئۈرۈمچىگە بارغان ئىزدىنىشلىقلارنى شىركەت كۈتۈۋالامدۇ؟!!! دەپ بىر تېما يوللىسام تورداشلار ئىزدىنىش شىركىتىگە قىلغان <<ساياھەت>> خاتېرىسىنى سوۋۇپ قالماستا يېزىۋەتسىلە بولىتتى دەپ ئۇچۇر يوللىشىپتۇ. يازغۇدەك ئالھىدە بىرەر ئىش -پائالىيەتمۇ بولمىدى. شۇنداقتىمۇ قىسقىچە بولسىمۇ بىر نەرسە يېزىپ قويسام بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.


ئۈرۈمچىدە ئىزدىنىشلىقلاردىن گۇدلاك، ئاخۇنجان، تاش ئادەم، ئۆزھال، تەدبىركار قاتارلىقلار بىلەن دىدارلاشتۇق.

گۇدلاك تولىمۇ ئەستايدىل، سەمىمى، ھالاللىقنى مىزان قىلغان پاكىز يېگىت ئىكەن.بايرامدا دەم ئىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ غېمىنى يەپ كېتىشلىرىگە قاراپ باشقىچە ھۆرمىتىم قوزغالدى. ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تاماققا بىر-ئىككى قېتىم ئېغىز تەگدىم.ھەر ھالدا ئوخشىتىپتۇ. بويتاقلارنى مازاق قىلىشىپ چاقچاقلارمۇ بولدى. ئىزدىنىشتىكى قىزلارنىڭ كۆزى مۇشۇنداق بالىلارنى نېمىشقا كۆرمەيدىغاندۇ دېيىشكەنمۇ بولدۇق.


ئاخۇنجان، تاش ئادەملەر بىلەنمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەي قالدى. ئاخۇنجاننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى زىھنى قۇۋۋىتىگە ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. كىلاسسىكلارنىڭ نەزمى ئەسەرلىرىنى ئىچىۋەتكەنمىكىن دەپ قالدىم. تارىختىكى بىرەر شەخىسنىڭ نامى تېلغا ئىلىنىپ قالسا شۇ ئادەمنىڭ نەسەبدىن تارتىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ ئېسىم فامىلىسى، يىل تارىخى دېگەنلەر بۇلاقتىن سۇ ئىتىلىپ چىققاندەك تۆكۈلۈپلا تۇرىدىكەن. مەن ئادەتتە ھەدىس ئوقۇسام بۇ ھەدىسنى كىملەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلاپ كىملەرگە يەتكۈزگەنلىكى دېگەن يەرلىرى پەقەتلا ئېسىمدە تۇرمايدۇ. لىكىن بىزنىڭ بۇ ئاخۇنجان ئۈن ئالغۇدەكلا ئېسىدە ساقلايدىكەن.  


بايرام مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن ئىزدىنىشلىق تورداشلار ۋە ئىزدىنىش شىركىتىدىكى خادىملار باشقا يۇرتلارغا ساياھەتكە كەتكەن ئىكەن. شۇڭا بەك ئىزدىشىپ بولالمىدۇق. بىر قانچە خىرىدارلىرىم تېلفۇن قىلىپ ئۈرۈمچىدىن مېنى ئىزدەپ قەشقەرگە كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتىشتى. سەلما خانىم تېلفۇن قىلىپ ئىكرام ئەتتى. لىكىن ئالدىراش بولۇپ قىلىپ قايتۇرۇپ تېلفۇن ئالالمىدىم.


گۇد لاك، ئاخۇنجانلار بىلەن <<ئەلبېك>> دە قەھۋە ئىچىشكەچ پاراڭ سىلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ ئارلىقىدا ئابلەت تەلبا ئوقۇيدىغان 2-3 ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئاخۇنجان يېزىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.  بۇ كېچىلىك ئاساسلىقى تەلبا ئەپەندىم ئۆزى لاھىيەلىگەن ئاياللار كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن پىلانلىغان كېچىلىك بولسا كېرەك، تەلبا ئەپەندى ئوقىغان ناخشىلارغا جۆر بولۇپ چىرايلىق مودىل خانىملار ھەر خىل مودا كېيملەرنى كېيىشىپ سەھنىدە نامايىش قىلىشقان بولدى. ھاجىمنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىساق بولىتتى دەپ زارىقىپ ئولتۇرۇپ خىلى ساقلىغاندىن كىيىن ھاجىم يارىشىملىق دوپپا كېيگەن قىياپەتتە دۇتتىرىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقتى. بىز ئاڭلاپ بولغان لىكىن ئاڭلاپ قانمايدىغان ناخشىلاردىن <<بىلىم ئىشقىدا>>، <<ئاتىلار>>،<<ۋىجدان>> دېگەن ناخشىلىرىنى ئورۇنلىغان بولدى. گەرچە نەخ مەيداندا ئۆزى ئوقۇپ بەرمەي تەييار ئۈن دىسكىدىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ چوڭ زالدا ئاڭلىغاننىڭ ھوزۇرى باشقىچە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن زاھىر بۇرھان سەھنىگە چىقىپ ئىككى ناخشسا ئوقىۋەتتى. تەلبا ئەپەندى چىقىپ زاھىر بۇرھانغا دوپپا كېيدۈرگەندە دوپپىنى تۇنجى قېتىم كېيىشىم دەپتى، ھەيران قاپتىمەن. كىيىن ئۆزھالنىڭ <<نەزەر سال تاغلارغا>>، <<15 ياشلىق قىز>> دېگەن ئىككى ناخشىسىنى ئاڭلىۋېتىپلا قايتىپ چىقتۇق. ئەتىسى بالىلار بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە يولغا چىقتىم. ئىزدىنىش شىركىتىگە قىلغان ساياھەت شۇنچىلىك بوپتۇ. يۇقۇردا تېلغا ئىلىنغان بارلىق ئەزىزلەرگە كۆپ تەشەككۈر!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 10:52:03

دۇكان ئادرىسى:

بۇلاقبېشى(سەنشىخاڭزا) نېرىسىدىكى دەرمان تاللا بازىرى يېنىدىكى زىبا ساماۋەر شورپىخانىسى يېنىدا. بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى.

ياسىنجان تادۇبەگ

18690814847

http://www.4tadu.com

مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات

13565662787

http://www.80halta.com

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 11:05:55

ما ئەدەمنىڭ ھەسىلى جىڭ باللا، پۇلغا سېتىۋالساڭلا پەقەت زىيان تارتمايسىلە، مېنىڭ مۇشۇ ئاشقازىنىم گۇۋاھ  {:92:}

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 11:17:04

دۇكاننىڭ نەزرىسىنى قاچان بىرىلا !!پاخلاندىن ئىككىنى سۇيۇپ تونورغا سالسىلا جامائەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ھال مۇڭ بۇلارمىز!

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 11:34:17

مۇبارەك بولسۇن، قەشقەردىكى دۇكانلىرىنى بىر يوقلايمەن ئاللاھ خالىسا.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 11:35:44

قويمۇ تەييار، ئۆزۈم جايلاپ بىرىمەن. \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 12:34:29

تۇغۇلغان كۈنۈمدە چىقىپ يوقلاپ كىلەي ئەمىسە ئۈرۈمچىنى. ھى ھى ھى شۇ بانادا ئازراق سودىلىق قىلىشىپ بەرمەيمەنمۇ ھەكىمگە...

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 12:57:52

مۇبارەك بولسۇن

SalamMawjushi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 12:59:25

بارلىق قېرىنداشلارغا پارتىيەنىڭ ئوغلى بولمىش مەندىن سالام ، نىخاۋمىلەيكۇم ؟

ئىزدىنىش شىركىتىدە پارتىيە تەشكىلى بارمۇ ؟ ناۋادا بولسا مەن سېكىرتار بولۇشنى خالايمەن . ۋە بۇ مۇقەددەس ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا تەييارمەن .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 13:58:32

ھە دەپ بەرسە ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ ما ئۈستىدىكى تېتىقسىز! يەنە قامايدىغانلار يوقما مانى؟ !

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 14:09:50

4- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەسىلىڭلىنىڭ ماركىسى نىمۇ ؟

مەنغۇ مىللىي تىبابەتتىن گۈلقەنىت ئېلىپ شۇنى ئىستىمال قىلىۋاتقان ،




مىللىي تىبابەت ئەمەس، ئۇيغۇر تىبابىتى

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 14:54:30

9- قەۋەتتىكى SalamMawjushiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارلىق قېرىنداشلارغا پارتىيەنىڭ ئوغلى بولمىش مەندىن سالام ، نىخاۋمىلەيكۇم ؟

ئىزدىنىش شىركىتىدە پارتىيە تەشكىلى بارمۇ ؟ ناۋادا بولسا مەن سېكىرتار بولۇشنى خالايمەن . ۋە بۇ مۇقەددەس ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا تەييارمەن .



ماۋۇ ئالا-جوقىنى بىر قېتىم چەكلىدى. چەكلەپ تۇرسا باشقا ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ تېما يوللىدى. ئەمدى يەنە جۆيلىدى. نېمانداق مەندىنمۇ ئۆتە بۇدۇشقاق نېمە سەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 15:53:49

3- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇكاننىڭ نەزرىسىنى قاچان بىرىلا !!پاخلاندىن ئىككىنى سۇيۇپ تونورغا سالسىلا جامائەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ھال مۇڭ بۇلارمىز!



بىز ئۈرۈمچىدە تونۇر كاۋاپخانا ئاچمىدۇق  بۇرادەر\"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 15:56:46

مۇبارەك بولسۇن ، ئەڭ خاسىيەتلىك ئىشنى قىلىپلا ، ئاللاھ نىسىپ قىلسا دىدار كۈرۈشەرمىز

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 16:23:45

5- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇبارەك بولسۇن، قەشقەردىكى دۇكانلىرىنى بىر يوقلايمەن ئاللاھ خالىسا.



قەشقەردە تۇرۇپ كىلىپ بولالمىدىڭلا مۇئەللىم...\"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 16:36:22

مۇبارەك بولسۇن!

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 18:07:51

مۇبارەك بولسۇن،ھېلىقى بىر چاغلاردا نېسى قالغان ھەسەلنى ئۈرۈمچىدىكى دۇكانلىرىدىن ئېلىۋالسام بولغىدەك ئەمىسە. \"\"

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 20:19:08

ئاستا بېرىپ كۆرۈپ كېلەيمىكىن...

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 21:59:17

مۇبارەك بولسۇن ھەكىم

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 22:21:01


2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئەدەمنىڭ ھەسىلى جىڭ باللا، پۇلغا سېتىۋالساڭلا پەقەت زىيان تارتمايسىلە، مېنىڭ مۇشۇ ئاشقازىنىم گۇۋاھ \"\"







ھەجەپ ياخشى مەن ھەسەل ئالىمەن دەپ ئېپ بولالمىغانتىم،بىرزات ھاكىمنىڭ ھەسىلى ياخشى بولسا بولدى شۇنىڭدىنلا ئالايچۇ ئىزدىنىشلىقلارنى قوللاپ قوياي.بىر مۇنبەردىن بولغانكىن ئېتىبار قېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس\"\"




بەت: [1] 2
: ‹‹ئىزدىنىش شىركىتى›› ساياھىتى؟