durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 17:16:14

چېچېنىيە پرېزدېنتىنىڭ قىزى [تەرجىمە]

   



روسىيە چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزدېنتى رامزان قادىروفنىڭ قىزى ئائىشە ئىككى يىل داۋاملاشقان قۇرئانى كەرىمنىڭ بارلىق سۈرىلىرىنى  يادلاش مۇساپىسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ " خافىزە " ئۇنۋانىغا ئېرىشتى . چېچېنىيە ھۆكۈمەتلىك پرېزدېنت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا 14 ياشلىق ئائىشە پرېزدېنت ئائىلىسىدىكى قۇرئانى كەرىمنى يادقا ئالغان پەرزەنتلەرنىڭ 2- سى ئىكەن . بۇنىڭدىن بۇرۇن  پرېزدېنتنىڭ جىيەنى خەمزە    خەلقارالىق قۇرئانى كەرىم  ئورگىنىنىڭ  ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ ھازىر چېچېنىيە تېسناتارۋىي شەھەرلىك قۇرئانى كەرىمنى يادقا ئېلىش  مەكتىۋىنىڭ مەمۇرى ئىشلىرىغا مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان . ئۇنىڭ ئاتىسى زەلىمخان قادىروف تونۇلغان كىشى ئىكەن .


   ئىسلام دۇنياسىدا قۇرئانى كەرىمنىڭ بارلىق سۈرىلىرىنى يادقا  ئالغان كىشى خافىزلىق ئۇنۋانى بىلەن تەرىپلىنىپ ھۆرمەتلىنىدۇ ، بۇ كىشىلەردىن كېچە- كۈندۈز يۈكسەك تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان جەريان .


  رامزان قادىروف ئائىشەنىڭ مۇئەللىمى ئابدۇجەبباروف ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگىگىگە بولغان تەشەكككۈرىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دەيدۇ :" مەن بۈگۈن ھەقىقىي خوشاللىقنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتىم . مانا بۇ قىزىم ئائىشەنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ھىممىتى ئاستىدا ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىدا قۇرئانى كەرىمنى يادلاش مۇساپىسىنى غەلىبىلىك تاماملىغان خوشاللىق مىنۇتلاردۇر ."


  بۇنىڭدىن بۇرۇن ئائىشە  قۇرئانى كەرىمگە دائىر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ  كەلگەن .



( مەنبە : بۈگۈنكى روسىيە . 13- ئۆتەبىر )

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 19:00:21

لىكىن بۇلگۇنچى كۇچلەر نەزىرىدە دادىسى رامزان قادىرۇف رۇسىيە پەرەس قورچاق،،شۇڭا بۇ قىزنىڭ نەتجىلىرىنى ئىتراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ ..  {:107:}

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 21:02:27

چىچەنلەرنى سىياسى جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىپ ،مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلالمىغان روس ھۆكىمىتىنىڭ ئاخبارات ۋە پىسخىكا ئويۇنىمىكى دەپ قالدىم. (توغرۇسىنى بىلگۈچى اللاھ دۇر)

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 23:05:31

نىمە ئۇ خافىزە، خافىز دىگەن؟ قۇرئاننى ياد ئالغان كىشىنى ھافىزقۇرئان دەيدۇ... تىلىمىزدىمۇ ھافىز، ھافىزە (ئۆزگەرگىنى ھەپىزە) دىگەن سۆزلەر بارغۇ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 08:34:24

3- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمە ئۇ خافىزە، خافىز دىگەن؟ قۇرئاننى ياد ئالغان كىشىنى ھافىزقۇرئان دەيدۇ... تىلىمىزدىمۇ ھافىز، ھافىزە (ئۆزگەرگىنى ھەپىزە) دىگەن سۆزلەر بارغۇ؟



بەلكىم  \" ھافىز \" دەپ ئېلىنسا  بولامدىكىن ، مەنبەدە نىمە  بولسا  شۇ  پېتى  ئېلىپتىم  ، ئۇيغۇرچىدە مۇناسىب ھەربنى خاتا  تاللىغان ئوخشايمەن .



بۇ تەرجىمە سىياسى نەيرەڭ دىگەندەك سىرلىق ئىشلاردىن مۇستەسنا  ھالدا \" پەرزەنت تەربىيىسى \" سەھىپىسىگە يوللانغان ، مەقسەدمۇ  شۇ ، يېقىندا يەر شارىدا ياشايدىغان ئىنسانلار  ئارىسىدا ساناەت ئىنقىلاۋى ، تېخنىكا ئىنقىلاۋى ، ئالەمنى ئېچىش  ئىنقىلاۋى ...لەردىن  كېيىن بۇ  ئەسىردە  بارلىققا كەلگەن \" ئوڭ مىڭىنى ئېچىش ئىنقىلاۋى \" دىگەن ئىنقىلاپنىڭ بارلىققا  كەلگەنلىگى مەلۇم قىلىنىۋاتىدۇ  ، تەتقىقاتچىلار يەھۇدىلاردا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرىنىڭ جىقلىغىنىڭ ۋە  ئەقىللىقلىگىنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىە 3 يېشىدىن باشلاپ تەۋراتنى يادقا  ئالىدىغانلىقىغا باغلىسا خەنزۇلار  چوقۇم \" 三字经 \" قاتارلىق خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى پەرزەنتلىرىگە يادلىتىۋېتىپ ئوڭ مىڭىنى ئېچىۋېتىشكە  تەرەددۇت  قىلىۋېتىپتۇ ، چۈنكى  بۇ  ئۇسۇلدا ئېچىلغان ئوڭ مىڭە كۆرگەنلا  نەرسىنى تۇتىۋالىدىغان دەرىجىگە يەتكىلى  بولىدۇ  دەپ  تەتقىق  قىلىنغان .



  بىرىتانىيەدە ئەڭ داڭلىق تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرلىرى ، دوختۇرلۇقنى كەسپ قىلغانلارنىڭ 70% تى پاكىستان ھىندىستانلىق ئېتنىك مۇسۇلمانلاردىن ئىكەنلىگى ، ئۇلارنىڭ ئەقىللىق بولىشىنىڭ سەۋەبى كىچىگىدىن باشلاپ  قۇرئانى كەرىمنى يادقا  ئېلىش  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى خەۋەر  قىلىنىۋاتىدۇ ، ئەلبەتتە بۇ ئىگىمىزنىڭ قۇرئانى كەرىمنى يادقا  ئالغانلارغا  بېرىلىدىغان چەكسىز  مۇكاپاتلىرىدىن تامچىسى  ھىساپلىنىدۇ .



گۈلەن فەتقۇللاھ ئوتتۇرا  ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق رايونلاردا ئاچقان سوپىزىم مائارىپ  ئەندىسىدىكى ، قۇرئانى كەرىمنى يادلاش ۋە پەننە بىلىملەرنى ئۈگىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقارالىق ئولېمپىك ماتېماتىكا  فىزىكا خىمىيە مۇسابىقىلىرىدە كىشىنى ھەيران  قالدۇرىدىغان نەتىجىلىرى  بىلەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىنى قوزغاۋېتىپتۇ ...



مۇشۇ  تەرەقىدىكى ، پەرزەنت  تەربىيەسىگە كۆڭۈل  بۆلىدىغان ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن  پايدىلىنىش  تەرىقىسىدە  بۇ  قىسقا تەرجىمە مۇنبەرگە يوللاندى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 17:53:23

قىزلار قۇرئان يادلىسا قارىيە دەپ قۇيىمىز ...

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 23:34:02

بالىلىرىنى  باشقا مىللەتكە تەربىيەلەشكە بەرگەنلەرنىڭ رامىزان قادىروفنى باھالاش ھوقۇقى يوق.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 00:09:33

ھەۋەس قىلىپ قالدىم...

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 11:16:02

ئاپامنىڭ ئاپىسى قۇرئاننى يادقا بىلەتتى، بىز بۇ ئەۋلادقا كەلگەندە ئەجەپ يارىماس چىقىپ قالدۇق توۋۋا................... ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى دېسە.
بەت: [1]
: چېچېنىيە پرېزدېنتىنىڭ قىزى [تەرجىمە]