esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 14:09:56

جۇڭگودىكى \ يېڭى سولچىللار\ نىڭ ساداسى كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ[كۆچۈرۈلم

جۇڭگودىكى "يېڭى سولچىللار" نىڭ ساداسى كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ



جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ۋەزىپىدىن چۈشۈپ كەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بوشىلەينىڭ قوللىغۇچىلىرى جۇڭگو سىياسىي ساھەسىدىكى ئىناقسىزلىق سادالىرىنىڭ ئاھاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھازىرقى كومپارتىيە رەھبەرلىرى يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ تەڭسىزلىكنى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك تەنقىدلىدى.

بۇ "يېڭى سولچىللار" ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى يەنىلا بىرقەدەر كىچىك بولۇپ ،كىشىنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغاپ كەتمەيدۇ.شۇنداقلا يۈرگۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالمىشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بىراق تور ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى دەۋرىدە جۇڭگو كومپارتىيە يۆلىنىشىنى چۆرىدىگەن ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ كۈرىشى تىز سۈرئەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر ۋە يېپىق يىغىن زاللىرىدىن ئاممىنىڭ نەزىرىگە كېڭىيىپ جۇڭگو كومپارتىيىسىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ تەنقىدلىرى جۇڭگو رەھبەرلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

يېڭى سولچىللار بولسا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى زاتلار ،ئەمىلى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ،يازغۇچىلار ۋە چەتئەلدىكى پائالىيەتچى زاتلارتەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان بىر چېچىلاڭغۇ مەزھەپ بولۇپ ،ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد پىلانىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋاستە قوللۇنىشىنى تەكىتلەيدۇ ،شۇنداقلا ماۋزىدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان قىممەت قارشىغا قايتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.يېڭى سولچىللار "ئۆتكەن 30يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى كىرىم پەرقىنى ناھايىتى چوڭايتىۋەتتى "دەپ بىلدۈردى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار بوشىلەينىڭ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىغا قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.بوشىلەي ئىلگىرى يېڭى سولچىللارنىڭ ئەڭ مەشھۇر رەھبىرى ئىدى

يېڭى سولچىللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن جۇڭگو كومپارتىيىسى مەلۇم دەرىجىدە تەڭپۇڭلۇق يۈرگۈزىشى كېرەك .دائىم دېموكىراتىيە ياكى كىشىلىك ھوقوقنى باھانە قىلىپ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرىدىغان سىياسىي پائالىيەتچى زاتلار بىلەن بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ،يېڭى سولچىللار ماۋزىدۇڭنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن بېكىتكەن كېلەچىكىنى قوغدايدۇ. يېڭى سولچىللارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بەلكىم جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرنى سەزگۈر مەسلىگە دۇچار قىلىشى،سىرتتىكىلەرنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تۈپ ئاساسىغا گۇمانىنى قوزغىشى مۇمكىن

يۇتا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پروفېسسورى لىمىڭچى "بوشىلەينىڭ تەخىتتىن چۈشىشى، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ،ئىجتىمائىي مەسىللەر كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئىقتىسادىي ئەركىنلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى "دېدى.لىمىڭچى يېڭى سولچىللارنىڭ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ئادىل بايلىق تەقسىماتىغا بولغان تەشەببۇسىنى قوللايدۇ.

لىمىڭچى" تىرىشىپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش،تىرىشچانلىق بىلەن يەرلىكتىكى خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى يارىتىشنى ئۇنتۇش بولسا ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا چىقىرىلغان ئاساسلىق ئۇچۇرى"دەپ كۆرسەتتى،ئۇ قىزىل جۇڭگو تورىنى يۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشتى ،بۇ بىر كۈچلۈك دىققەت ئېتىبار قوزغىغان، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان تور بەت بولۇپ ،بوشلەي دېلوسىغا قارىتا ئىزچىل نېمە بولسا شۇنى دەپ كەلدى.

ئۇ "كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا بىز ئوخشاش بولمىغان زىددىيەتلەرنى،مەسىللەرنى ،ئىقتىسادىي جەمئىيەت كىرزىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئاشقانلىقىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن"دىدى .

سىياسىي ئانالىزچى زاتلار ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ياپۇنىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقىنى ،كۆك ياقىلىق ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ماۋزىدۇڭ رەسىمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،يۇقىرى ئاھاڭدا شۇئار توۋلىغان كۆرۈنۈشلەر ئايان بولغانلىقىنى ئېيتتى.جۇڭگو رەھبەرلىرى يېڭى سولچىللارنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى.نۇرغۇن نامايىشچىلار زىيارەت قوبۇل قىلغاندا كۆچ كۆرسۈتۈش ھەرىكىتىنىڭ بىرخىل نارازىلىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ،ئۇلارنىڭ جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى ئاجىز،بېيجىڭنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىقتىدارى كامچىل دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەركىتىدە جۇڭگو يېڭى سولچىللار تەپەككۇرچىسىنىڭ رەھبىرىدىن بىرى بولغان خەندېچاڭ بىر بوۋاينى بىر شاپىلاق سېلىپ ، بوۋاينىڭ ماۋزىدۇڭنى ھاقارەتلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ قول تەككۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر توردا تىز سۈرئەتتە تارقىلىپ ،تورداشلار بۇ ئىشقا قارىتا كۈچلۈك مۇنازىرە يۈرگۈزدى.بۇ ئىش خەلقنىڭ ماۋزىدۇڭنىڭ مىراسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساتتا ئۆتىگەن رولىداچوڭقۇر ئىختىلاپ مەۋجۇتلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گەرچە ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتى خەلق پۇلىدا نامايەن بولغان بولسىمۇ،سۈرئىتى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئېسىقلىق بولسىمۇ ،بىراق جۇڭگونىڭ يېقىنقى بىرقانچە رەھبىرى ئىزچىل ماۋزىدۇڭنىڭ كوممۇنىزىم تەجىربىسى ۋە جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ئېشىش ئوتتۇرسىدىكى چەك-چېگرانى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئايرىپ كەلدى.ماۋزىدۇڭ يېتەكچىلىك قىلغان بىرقاتار كوممۇنىزىم تەجىربىلىرى ئىچىدە نەچچە ئون مىلىيونلىغان جۇڭگولۇقلار ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي داۋالغۇش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن

ئۆتكەن 30يىلدا ،جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىككى خانىلىق سۈرئەتتە ئېشىپ ھەمدە تورمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ناھايىتى ئاز گۇمان پەيدا قىلغان .بىراق يېڭى سولچىللار ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئانالىزچى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە پۈتكۈل يەرشارى خارەكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىلىدە يېڭى سولچىللارنىڭ سادالىرى بارغانسېرى ئۇلغايغان.

يېڭى سولچىللار جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ باي نامراتلىق پەرقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىگە،ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشىگە شۇنداقلائۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگونىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا،ھازىرقى رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە كومپارتىيە پارتىيە قۇرۇش پىرىنىسىپىدىن چەتنەپ كەتتىمۇ يوق دىگەندەك مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.جۇڭگو كومپارتىيىسى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېچىلىدىغان، ھەر ئون يىلدا بىر كىلىدىغان رەھبەرلىك ئالمىشىش قاتلىمىغا تەييارلىق كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا بۇخىل گۇمان ئاۋازلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.

سىياسىي ساھەدىكى كۈچلۈك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە زات شۇنداقلا ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى سىياسەت بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرىشىدىن ئۈمۈد بولغان نامىزات بوشىلەي يېڭى سولچىللارنىڭ كۈچلۈك ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ،2007-يىلدىن 2012-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر چۇڭچىڭدا چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خىزمىتىنى ئۆتىگەن .ئۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بىرقاتار ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەمدە شۇ شەھەردىكى نامرات نوپۇسقا ياردەم بېرىپ،بىر مەيدان چىرىكلىشىشكە قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرگەن .ئۇيەنە ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىكى نۇرغۇن ئۇسۇللارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ،مەسىلەن قىزىل ناخشا ئېيتىش دىگەندەك.

بۇيىل ئۈچىنچى ئايدا بوشىلەي چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ ،مۇشۇ يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى پارتىيىلىكتىن قالدۇرۇلدى.ئۇ بەلكىم پارىخورلۇق ۋە ئايالى گۇكەيلەيگە قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ تەكشۈرىشىدە ھوقوقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دىگەندەك شىكايەتلەر سەۋەبلىك سوتلىنىشى مۇمكىن .بۇيىل 8-ئايدا گۇكەيلەيگە ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا چۇڭچىڭدىكى بىر مېھمانسارايدا ئەنگىلىيىلىك سودىگەر خېلۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن دىگەن جىنايەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلدى.

دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرى بوشىلەينى تۇرمۇشى چۈشكۈنلەشكەن ،جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ بېكىتكەن رەھبىرىي كادىرلار ھەرىكەت مىزانىنى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەر دەپ تەسۋىرلىدى.بىراق بوشىلەينىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ توردا يەنىلا زور تەسىرى كۈچى بار،ئارىسىسىكى نۇرغۇن كىشى مىكروبىلوگ ئارقىلىق پىكرىنى بايان قىلىدۇ.يېڭى سولچىللارنىڭ پائالىيەتچىسى سىمانەننىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدىكى ئەگەشكۈچىسى 500مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.ئۇ دائىم سىنا مىكروبىلوگى ئارقىلىق بوشىلەي دېلوسىنى مۇنازىرە قىلىدۇ.

قانچىلىغان دىققەت ئېتىبارى كۈچلۈك ماۋزىدۇڭ ئېدىيىزىمچىلىرى تور بەتلىرىنىڭ بوشىلەي ۋەقەسى سەۋەپلىك ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئورگىنى تەرىپىدىن نەزەرگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس.يۇتا ئونۋېرسىتىتى پىراففېسورى ماجۈنچى ئۆزى يۈرگۈزۈشكە قاتناشقان قىزىل جۇڭگو تورىنىڭ بۇيىل 3-ئايدا تۇنجى قېتىم خاككىرلارنىڭ ھوجۇم قىلىش ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇيەنە بۇيىل 4-ئايدا بوشىلەي سىياسىي بيۇرودىن قوغلانغاندىن كېيىن ،قزىل جۇڭگو تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سولچىل تور بەتلەر پۈتۈنلەي تاقىتىلغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ تور بېتىنىڭ چەتئەلدە ناھايىتى تېز قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.جۇڭگو ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق توربەتنى تاقىتىۋەتكىنلىكى توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلمىدى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى يەنى بوشىلەي پارتىيىلىكتىن ئېلىپ تاشلانغان كۈنى ،جۇڭگو كومپارتىيىسى باشقۇرغان "نۇر گېزىتى"توربېتىدە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ ،بوشىلەي ئاقىۋىتى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مىخانىزىمىنىڭ بىر تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى دېيىلدى.مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگىنى 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە داۋاملاشقان جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.

9-ئايدا ھوقوق تۇتىۋاتقان چوڭلاردىن بىرى بولغان يېڭى سولچىللار تەشەببۇسچىسى خەندېچاڭ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن توردا بىرپارچە ماقالە ئېلان قىلىپ ئىنكاسىنى بىلدۈردى.بۇ ماقالە سولچىل توربەتلەر تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلدى،ئېنىقكى بۇ ماقالە جۇڭگو تور تەكشۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرىۋېتىلمىدى.ماقالىدە ،بوشىلەي ئوتتۇرىغا چىقارغان چۇڭچىڭ ئەندىزىسى پەقەت چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىزچىل خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلغان.ئۇ ماقالىسىدە بوشىلەي خىزمىتىدىن قالدۇرۇلىشتىن بىرقانچە يىل بۇرۇن يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ چۇڭچىڭغا بولغان ئالقىشلىرى چۇڭچىڭ ئەندىزىسىنىڭ ئىلگىرى جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن زىت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان

9-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىرقانچە كۈندە نەچچە مىڭ ئامما ياپۇنىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ ،قاتتىق ئېھتىيات بىلەن تۇرغان كونسۇلخانىغا تۇخۇم ۋە سۇلياۋ بوتولكىلارنى ئاتقان ،9-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپۇنىيە كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىدا خەندېچاڭ بىر بوۋاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ شۇنىڭدىن كىيىنلا پۈتۈن دۆلەت ئىچى مىقياسىدىكى بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان تىمىغا ئايلىنىپ قالغان

خەندېچاڭ توردا بايانات ئېلان قىلىپ ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىككى ياشنىڭ "ماۋجۇشى !بىز سىزنى سېغىندۇق"دىگەن خەت يېزىلغان بىر كىرلىكنى ئېگىز كۆتۈرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر بوۋاينىڭ يېقىنلىشىپ رەئىس ماۋزىدۇڭنى ھاقارەتلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.باياناتتا خەندېچاڭ بۇ بوۋايغا قايتۇرما زەربە بېرىپ بوۋاينى خائىن دەپ بوۋاينى بىر شاپىلاق سالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن

خەندېچاڭ مۇخبىرلار زىيارىتىنى رەت قىلدى،بوۋاينىڭ سالاھىيىتى بولسا تېخىغىچە ئاشكارىلانمىدى.خەندېچاڭنىڭ بوۋاينى ئۇرغان قىلمىشى جۇڭگودا ئومۇمىي يۈزلۈك تەنقىدكە ئۇچىرىدى،خەندېچاڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ،باياناتىدا باشقىلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش رەھبىرىنى ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى ئېيتتى.



تەرجىمە قىلغۇچى: قەلبىنۇر

مەنبە: سودىگەر تورى


ئىلاۋ:


بۇ ماقالىنى  بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويۇشۇمدىكى مەخسەت:سالام ماۋجۇشى دېگەن تورداشنىڭ پارتىيگە تولۇپ-تاشقان مۇھەببىتى بىلەن يازغان ئەرىزنامىسى كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ دىققەت-ئېتىۋارىغا سازەۋەر بولدى.مەيلى ئەرىز قىلغۇچى شۇنداق ماۋ پەرەس بولسۇن ياكى كىنايە قىلىش ئارقىلىق بىزگە كۈلكە بېغىشلىغان بولسۇن.لېكىن ھېلىھەم رايۇنىمىزدا شۇ قاباھەتلىك ۋاقىتلارنى سېغىنىدىغان،ماۋ رەئىسنى چىن دىلىدىن ئەسلەپ.يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر شەخسنىڭ مەيدانغا چىقىپ.قايتىدىن ئىشلارنى بىر تۈزۈشىنى ئۇمىت قىلىدىغانلىغىنى ئاشكارا بىلدۇرۇپ،شۇ دەۋىرلەرنى سېغىنىدىغانلىغىنى دىگەن كىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن.ھەم سالام ماۋجۇشى دىگەن ئاداشنىڭ  ئەرىزنامىسىغا  مەتۇ يازغان بۇ ئىنكاسمۇ مۇشۇ ماقالىنى دەللىلەپ تۇرۇپتۇ. [ ئەلقىسسە، خېنەندىكى ماۋپەيلەر قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقاندا ماۋزىدۇڭنى تىللاپ قويغان بىر بوۋاينى ئۇرۇپ كېتىپتىمىش . بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى يەردىن چىقمايدۇ، ئىچكىرىدىكى مۇشۇنداق خاراكتىردىكى ئۇيۇشۇش ئاخىرى بىر بالا-قازا تېرىيدۇ.

ئاۋال قويۇۋېتىپ ئاخىرى بىر كۈنى فالۈنگۇڭنىڭكىدەك ياساپ كېتىشى مۇمكىن_مەتۇ] شۇڭا يۆتكەپ قويدۇم .تەرجىمان قەلبىنۇرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 17:49:55

ھەتتەڭ، ماۋزېدۇڭنى تىرىلدۈرۈپ ئەكەلگەن تەقدىردىمۇ، قانداق بولارىكىن بۇ جاھان. چىرىكلىك، مىللەتچىلىك، قانۇنسىزلىقلار.........

NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 17:50:33

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 18:51:38

بۇ خەقتىمۇ ھوقوق كۈرشى ئېغىر ھازىر بوشىلەي تىپىك مىسالى ،،ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوقلىقىنى ھېسقىلغان بولسا كېرەك مۇقۇملۇمنى دەششەت قوغداۋاتقان تۇرۇپ ساقچى قىسىملارنى بۇلۇڭ پۇچقاق چەت ياقالارغىمۇ ئورۇنلاشتۇرشىنى ھەرقانداق ئادەم بىلەلەيدۇ ھېرىمۇ ئۆلەي دىگەندە بەك چاقىدۇ دەيدىكەنتۇق كونىلار

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 20:39:55

بۇ << يېڭى سولچىللار >> بىلەن قارام ئوڭچىللار ئاخىرى .........................

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 14:58:25

قارام ئوڭچىلار بىلەن ساراڭ سولچىلار مۇشتلىشىپ بىرسى -بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يەپ بۇ دۇنيادىن تۈگەپ كەتكەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى !  {:92:}

azizim يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 22:27:29

بېيجىڭدىكى كوچا پاراڭلىرىدىن ئاڭلاپ قالغان ‹‹جوڭنەنخەيدىكى ئوق ئاۋازى›› دەپ، نەچچە سائەت ئىچىدە توردىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق نەرسە قالماپتۇ. ئىچكى قىسىمدىمۇ پىكىر ئىختىلاپى كۆپ، يېڭىياچىلار بىلەن كونىلار ئارىسىدا .   ئىشقىلىپ سىرلىق ئىشلار ۋە گەپلەر جىققۇ يېقىننىڭياقى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 10:25:20

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ ، 360 شېركىتى ئىزدىنىشقا قارا قولىنى سوزۇپ قويدىمۇ قانداق ؟ بىر ھەپتىدىن ئاشتى خاتىرە كومپىيۇتېرىمدىكى 360 نىڭ نەشىرىنى ئاشۇرغاندىن باشلاپ پەقەت ئىزدىنىشنىلا ئاچسام باشتا نورمال ئېچىلىپ 10 سىكۇنتتىن كېيىنلا ئېچىشقا ئامالسىز دەپ چىقىۋالىدۇ ، باشقا تورلار شۇنداق نورمال ، شۇنىڭ بىلەن باشقا 360 قاچىلانغان كومپىيۇتېردا سىناپ ئاچسام يەنە شۇنداق ، كومپىيۇتېرىمدىكى 360 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىنى ئۆچۈرۋېتىپ سىنىدىم ،يەنە شۇنداق ، شۇنىڭ بىلەن باشقا زىيارەت قىلغۇچلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاچساممۇ شۇ ،  لېكىن 360 زىيارەت قىلغۇچنى تېخى ئۆچۈرۋەتمىدىم ، \"\" ، ئەمدى 360 نى پاكىز تازلىۋېتىپ سىناپ باقسام بولغۇدەك...سىلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدىمۇ؟ مەن بۇ ئىنكاسنى تورخانىغا كىرىپ يېزىۋاتىمەن...

lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 20:44:15

\"\" \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 02:25:36

پارىيىمىز دانادۇر بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كىتەلەيدۇ. ھازىر پارتىيەدىن چىكىنگىلى بولامدۇ بالىلار. ئۆتكەندە پارتىيە ئىسلاھاتىدا كىرىشكە بار چىقىشقا يوق بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش توغرىلىق گەپ سۆزلەر بولىۋاتقان ئىدى.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 05:13:32

8- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ ، 360 شېركىتى ئىزدىنىشقا قارا قولىنى سوزۇپ قويدىمۇ قانداق ؟ بىر ھەپتىدىن ئاشتى خاتىرە كومپىيۇتېرىمدىكى 360 نىڭ نەشىرىنى ئاشۇرغاندىن باشلاپ پەقەت ئىزدىنىشنىلا ئاچسام باشتا نورمال ئېچىلىپ 10 سىكۇنتتىن كېيىنلا ئېچىشقا ئامالسىز دەپ چىقىۋالىدۇ ، باشقا تورلار شۇنداق نورمال ، شۇنىڭ بىلەن باشقا 360 قاچىلانغان كومپىيۇتېردا سىناپ ئاچسام يەنە شۇنداق ، كومپىيۇتېرىمدىكى 360 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىنى ئۆچۈرۋېتىپ سىنىدىم ،يەنە شۇنداق ، شۇنىڭ بىلەن باشقا زىيارەت قىلغۇچلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاچساممۇ شۇ ، لېكىن 360 زىيارەت قىلغۇچنى تېخى ئۆچۈرۋەتمىدىم ، \"\" ، ئەمدى 360 نى پاكىز تازلىۋېتىپ سىناپ باقسام بولغۇدەك...سىلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدىمۇ؟ مەن بۇ ئىنكاسنى تورخانىغا كىرىپ يېزىۋاتىمەن...

مەنمۇ ئوپمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقتۇم،باشقا تورلار شۇنداق نورمال.


بۈگۈن سەل ياخشى،لەپتوپۇمنىڭ ئۆزىدە يېزىۋاتىمەن ھازىر.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 09:14:42

1989- يىلىدىكى ۋەقە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۇرژۇئازىيىچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش دولقۇنىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى سولچىلار مۇشۇ دولقۇننى باھانە قىلىپ باش كۆتۈرگەن. 1001- يىلى لڭ رۈيخۈەن «خەلق گېزىتى»دە «پارلاق مىللىي مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرايلى» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلىپ. ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئارقىلىق غەرب مەدەنىيىتى ۋە ئىدىئولوگىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بىر توپ ئۇيغۇر يېڭى سولچىلار ئەپچىللىك بىلەن بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدە توختىماي گەپ سېتىپ، قايسى مىللەت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ماقالىلار بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرنى دەۋاتىدۇ دېگەن خاتا قاراشنى پەيدا قىلىپ، ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ دەۋاتقىنىنىڭ لى رۈيخۈەن بىلەن ئوخشاش جۇڭخۇا مىللىتى ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى پۇرىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرسە بىر تەرەپتىن غەربنى تىللاپ ھۆكۈمەتنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي جەھەتتىن غەلىبە قازاندى. 2000- يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيىسىدە مۇشۇ سولچىلارنىڭ دېگىنى دېگەن قىلغىنى قىلغان بولۇپ، تولۇق غەلىبا قازاندى. بۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرى يالقۇن رۇزى، ئۈچ ئا ۋە كېيىن قىپ يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىققان ماۋ باشتۇر.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 10:16:30

3- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەن خەندەك دىموكراتىيە بولمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان .

مېنىڭ دادام لى گاڭ دەپ قوياپ بېسىۋىتىپ ئۆتۈپ كەتسە ئىپادە بىلدۈرمەيدىغان جەمىيەتكە نىسبەتەن بۇلار مەجبۇرىي ...دىموكراتىيەسىگە نىسبەتەن  ئىپادە بىلدۈرمەكچى .

ئاخىر بېرىپ سابىق چىڭخۇا مۇدىرى فاڭ فامىلىلىكتەك بۇلارمۇ بوشىلەي بىلەن قوشۇلۇپ سەرگەردان بولغۇسى ياكى دىموكراتىيە ۋە ياكى قاتماللىق پەيدا بولغۇسى .

لاي پاچاقلار قانداقلا بولمىسۇن ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگۈسى .



خەنخەن دېموكراتىيە بولمىسىمۇ بولىدۇ دەپتۇ، چۈنكى بىر دۆلەتتە 60 تۈزۈم قوللىنىلىۋاتقان تارىخىي شارائىتتا خەن خەن بار رايوندا ئاز تولا بولسىمۇ دېموكراتىيىنىڭ يامغۇرى بولمىسىمۇ بىرەر تامچىسى بولسىمۇ بار، ماۋۇ بىزنىڭ ئۈچ ئا بولسا دېموكراتىيىنىڭ بىرەر تامچىسىمۇ يوق تۇرۇپ، ئاغزىنى ئاچسىلا دېموكراتىيىنىڭ نەقەدەر زىيانلىق ئىكەنلىكى، دېموكراتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەنلىكى توغرىلىق قاخشاۋاتىدۇ. بۇ بىزگە ئۇسسۇزلۇقتا ئۆلۈۋاتقان ئادەمنىڭ: كىم ماڭا بىر تامچە سۇ بەرسە شۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەۋاتقان ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

eluyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 11:56:59

بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتا بىر قانچە يازغۇچى بىلەن دىمۇكىراتىيەنى بىر - بىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئېنىقلا رىئاللىقنى بۇرمىلاش رولىنى ئوينايدۇ !‹‹ ئۇلارنىڭ تەشەبۇسىنى تولۇق غەلبە قىلدى ! ››،‹‹ئۇسسۇزلۇققا تەشنا ئادەمنى بىر تامچە سۇ بولسىمۇ ئىچكۈزمىدى›› دەپ قاراش ئۇلارنىڭ رولىنى ھەدىدىن زىيادە كۆپتۈرۋەتكەنلىك ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئىنكار كۆز قارىشىدا تۇرۇپ، يەنە شۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ كىتەلمەسلىك سەل غەلىتە تۇيۇلىدىكەن ! كۆزنى يوغان ئېچىپ رىئاللىققا دىققەت قىلىپ باقىلى نىمە ، نىمىنى چەكلاۋاتىدۇ ! ئىدىيە بەك مۇھىم دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن، لىكىن ئەقىلى - ھۇشى جايدا بىر ئادەمنىڭ مانا مەن دەپ پارقىراپ تۇرغان جەمىيەتنى چۈشەنمەسلىكى مۈمكىنىمۇ ؟ كىشىلەر شۇنچە گولمۇ ؟ ئۇنداقتا سىزنىڭ كىشىلەرنىڭ رىئاللىقنى چۈشىنىشكە بولغان دېقىتىنى ئۆزىڭىزگە ئانچە چوڭ زىيان ئېلىپ كىلەلمەيدىغان بىر قانچە كىشىگە بۇرىشىڭىز نىمە مەنتىقە ! كۆز قاراشنىڭ ئۆخشاش بولماسلىقى نۇرمال ئىش ، لىكىن بۇنى دەستەك قىلىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلاش قالاقلىق !

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 12:25:11

ئەلئۇيغۇر، مەن ئۇلارنى جەمئىيەتنى چۈشەنمەيدۇ دېمىدىم. ئۇلار دەل جەمئىيەتنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، «خەلق گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدىن ۋە يېرىم ئەسىرلەپ كاللىسى يۇيۇلغان كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەم مىللەتنى خوش قىلىدىغان ھەم سىياسىئونلارنىڭ مېڭە يۇيۇش ئىستراگىدىيىسىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان نەرسىلەرنى يازدى ھەم مىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇپ ھەم يوشۇرۇن ساقچىلىقنى تەڭ قىلالىدى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 12:25:34

لېكىن بو شىلەي بىر تەرەپ قىلىندى. ھازىر يېڭى سولچىلار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئەسلىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىغا خىزمەت ئورنى تەييار قىلىپ قويۇلغان ماۋباشنىڭ ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ بۇ ئۇنىۋېرسىتقا خىزمەتكە كىرەلمەسلىكى ئۇنىڭ خوجايىنلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى يېڭى سولچىلارنىڭمۇ يامان كۈنگە قېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 13:02:27

خەنسۇ ماۋچىلار بىلەن ئۇيغۇر ماۋچىلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:

1. ئىددىيىسىدە ئەركىنلىك خاھىشى بالارنى خائىن دەپ تىللاش.

خەنسۇ ماۋچىلار يېقىندا چېڭدۇ، تەييۈەن قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش قىلىپ، «خائىن گېزىت جەنۇب ئازنىلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنى يوقىتايلى» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ، «جەنۇب ئازنىلىقى»، «جەنۇبىي ئاستانە گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەرنى توپلاپ كۆيدۈرۈپ كۈچ كۆرسەتتى. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ گېزىتلەرنى «خائىن» دەپ ئاتىسا ھېچكىم «ئۇلار قانداق خائىنلىق قىلدى دەپ سوراپ قويمىدى. ياكى ئۇ گېزىتلەرنىڭ بىرەر دۆلەتنىڭ جۇڭگۇنى بېسىۋېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئىسپاتلانمىدى.

ئۇيغۇر ماۋچىلار ئۆمۈر بويى ئوردا شائىرلىقىنى قىلغان «داڭ داڭ داڭ، ياشا گۇڭچەنداڭ»، «جانىجان تۇققان ئىلىم جۇڭخۇا ئۇنىڭ پەرزەندىمەن»، «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى»، «جيېفاڭجۈنۈم قەھرىمان قوشۇن» دەپ شېئىر يازغانلارنى، ھەتتا شېئىرلىرىدا خەنسۇچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلەرنى بار كۈچى بىلەن كۆكە كۆتۈردى. ئۆمرىدە ئۇنداق شېئىر يېزىپ باقمىغان ئە.ئوسمان، پەرسات تۇرسۇنلارنى خائىن دەپ تىللىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ خائىنلىق قىلىپ قايسى زىمىننى كىمگە سېتىۋەتكەنلى ياكى قانچىلىك ئادەمنى كىمگە ساتقانلىقى ئىسپاتلانمىدى.

(داۋامى بار)

SalamMawjushi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 13:02:37

زۇلپىقارنى نىمىشقا تىللايسىلەر ؟ ئۇ دىگەن پارتىيىنىڭ نەمۇنىلىك ئوغلى تۇرسا . بىز پىرولتارىيات جەڭچىلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ غەرپكە قارشى تۇرۇۋاتسا ؟ بەك نائىنساپ ئادەمكەنسىلەر جۇمۇ . زۇلپىقارنىڭ ئۆزىگە ماۋباش دەپ تەخەللۇس قويغىنى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ، يارايسىز يىگىت ، تەشكىل سىزنىڭ تۆھپىڭىزنى ئۇنتۇمايدۇ . ماۋجۇشىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ماۋباش دەپ تەخەللۇس قۇيۇپ ، ھەر قايسى تاراتقۇلاردا مىھرىبان رەھبىرىمىز ماۋجۇشىنىڭ نامىنى تەسبىھ قىلىپ تۇرغىنىڭز ئۈچۈن قايىللىقىم ئاشتى .
بەت: [1] 2 3 4 5
: جۇڭگودىكى "يېڭى سولچىللار" نىڭ ساداسى كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ[كۆچۈرۈلمە]