Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 09:50:55

ئۇيغۇرچىدا قانچىلىك سۆز بار؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بىر تىلنى ئۆگىنىش جەريانىدا، شۇ تىلدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئاۋال ئۆگىنىشمۇ ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ، خەنزۇچىدا

1000常用汉字

3500常用汉字

دىگەندەك تىزىملىك بولسا، ئىنگىلىزچىدا

Longman Defining Vocabulary

VOA Basic Vocabulary

Vocabulary 5000, 10000, 22000

دىگەندەك تىزىملىكلەر مەۋجۇت. لېكىن ئۇيغۇرچە ئۈچۈن مۇشۇنداقراق بىرەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئاددى سۆزلەر تىزىملىكىنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم. بۇنداق تىزىملىك مەيلى ئۆزىمىزنىڭ، قوش تىل سىنىپىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ، خەنزۇۋان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە ياكى چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشىدە ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرى ۋە تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشىگە لايىق بىر تېمىدۇر. كىچىك بالىلارنىڭ دەرس ياكى دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق كىتاپلىرىدا دىققىتىمنى تارتقان بىر نۇقتا، ئىنگىلىزچە كىتاپلاردا ئەڭ ئاۋال ئەڭ ئاددى، ئەڭ مۇھىم سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ھىكايە-چۆچەكلەر يېزىلسا، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە بالىلار ئوقۇشلۇقى، چۆچەكلىرىمىزدە بولسا، كىچىك بالىلارنىڭ چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سۆزلەرنىڭ ئاددى، مۇھىملىقى ئاساسەن ئويلىشىلمايدىكەن. بالىلار شېئىرى، چۆچەك-ھىكايىلىرىنى يازىدىغان ئەدىپ-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويىشىنى سەمىمى ئۆتۈنىمەن.

گەپنىڭ ئاخىرىغا كەلسەك، ئۆزەم ئەدەبىياتچى ياكى تىلشۇناس كەسپىدىن ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرچىدىمۇ مۇشۇنداقراق بىرەر تىزىملىك بولۇشىنى ئويلايدىغان ۋە شۇ ھەقتە ئازدۇر-كۆپتۈر باش قاتۇرىدىغان بىرىمەن. بەلكىم ئۇيغۇرچە بىرەر روماندا، نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا يۈز مىڭلارچە سۆزلەر ئىشلىتىلىشى مۇمكىن دىگەندەك قىياسلارمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئىشقا قىزىقىپ، بەزىدە ئۆزەم توردىن ئېرىشەلەيدىغان ئۇيغۇرچە ماتىرياللار ئۈستىدە كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈپ سىتاتىستىكا قىلىپ باقىمەن. ئالدىنقى قېتىم ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق رومانىنى سىتاتىستىكا قىلىپ باقسام، بارلىق ئىشلىتىلگەن سۆزلەر (تەكرارلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە) ئاران 20000 ئەتراپىدا ئىكەن. ناۋادا سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشىنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇ روماندا ئاران 5000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە تۈپ سۆز بار بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سىتاتىستىكا قىلىپ باقسام، بارلىق سۆزلەر ئاران 18380 بولدى. ناۋادا سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشىنى چىقىرىۋەتكەندە بولسا، 600 بەتتىن ئارتۇق قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى ئاران 4000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە تۈپ سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم شۇ سىتاتىستىكىنىڭ 2 پارچە رەسىمى:




دىمەك ئۇيغۇرچىدا 4000-5000 ئەتراپىدا تۈپ سۆزلەرنى بىلسە، قۇرئان كەرىم ۋە رومان قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا بەزى كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنى چىقىرىۋېتىپ، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق 2000 سۆزلۈك» دىگەندەك بىرەر تىزىملىك ۋۇجۇتقا چىقسا، بۇ ساھەدىكى بوشلۇق دەسلەپكى قەدەمدە تولدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە قولايلىق يارىتىلغان بولاتتى.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 17:01:43

4000مىڭدىن 5000غىچە سۆزنى بىلسە كىتاپ ئوقۇپ چۈشىنىپ يۇقىرى سەۋىيگە يەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. تۈپ سۆزنىڭ نۇرغۇن تۈرلىنىشى، زامان شەكىللىرى ،جۈملە ئىچىدىكى باغلىنىشلىق مەنىللىرى، ۋاھاكازا تارق تۇرۇقلارنى بىلىش ئۈچۈن يەككە سۆز ئۆگىنپلا يۇقىرى سەۋىيگە يېتىپ قۇرئان ۋە چوڭ ھەجىملىك ئەسەر(رومان) ئوقۇش سەۋىيسىگە يېتىش ئازراق قۇرۇق گەپ. ئەمدى ئادەتتىكى سۆزلىشىش سەۋيىسىگە(پەقەت مۇشۇ تۈپ سۆزلەرنى يەككە ئۆگىنپلا) يەتكىلى بولىشى مۇمكىن. چوڭ ھەجىملىك ئەسەر ۋە قۇرئان ئوقۇشقا كېتىدىغان سەۋىيە خېلە راۋۇس سەۋىييە يەنى ئاشۇ تىلنى پوننىي ئانا تىل سەۋىيسى دېسە ئېشىپ كەتمەس. تىلدا ئەڭ مۇھىمى تىل سېزىمى. ئۇنى خام خەت ئۆگىنپلا شەكىللەندۈرگىلى بولغان بولسا لۇغەتنىلا ئۆگەنسە بولاتتى. ئويلىغانلىرىىڭىز ياخشىكەن. ئۇيغۇرچە ئاساسلىق ئىشلتىدىغان تۈپ سۆلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئادەتتىكى سەۋىيە، ئوتتۇرھال سەۋىيە، يۇقىرى سەۋىيە دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈپ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقالارغا تيېىزدىن چوڭقۇرغا قاراپ ئۆگىنىشكە پايدىسى بولغۇدەك. ئۆتكەندە ئالىم ئەھەت ئەپەندى تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى يەنى پېئلىنىڭ تۈرلىنشى توغرىسدا سىتاستىكا ئېلىپ بېرىپتىكەن. شۇنىڭدا بىر پېئلىنىڭ ئۆزىلا ئۈچ تۆت مىڭ شەكلىدە كېلەلەيدىكەن. مەن ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بولمىغان كىشلەرگە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئاسان دېسە ئىشەنمەيمەن. سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشىلا ئادەم ئۆلتۈرىدۇ بۇتىلدا. ئەمما بىزگە نىسبەتەن شۇنداق ئاپتوماتىك كاللمىزدا تۈرلىيەلەيمىز.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 22:26:05

بىر چاغدا ئالىم ئەھەت مۇئەللىم دەرس سۆزلىگەندە ئۇيغۇرتىلىدىكى سوزۇق ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ بىرىكىپ بۇغۇم ھاسىل قىلىشىدىن سىتاستىكىلساق مانچىلىك ئۇيغۇرچە سۆز بار، ھازىرىغا قەدەر بىز پەقەت شۇنىڭ 30پىرسەنتىنى ئىشلەتتۇق دىگەندەك بىر مەزمۇنلارنى سۆزلىگەن ، ئىنىق سانلىق مەلىماتلار ئىسمدە قالماپتۇ

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 09:23:52

فېيس ئېيتقاندەك نوقۇل سۆزلۈكلا ئۆگىنىپ سۆزلەشنى بىلىۋالدىم دېيىش،ھازىرقى بىلىشىمدە ،ئۇيغۇرچىغا پەقەت ماس كەلمەيدۇ.

مۆتىدىل مەيداندا تۇرۇپ قارىساممۇ،ھازىرغىچە مەن ئۇچراتقان تىللار ئىچىدە گىرامماتىكىسى ئەڭ قىيىن ھېسابلىنىدىغان تىلمىكىن دەيمەن.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 10:44:46

باگداكس، ئەلكۈيىگە يوللىسا بەك ئاۋات بولىدۇ بۇ تېما.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 18:21:24

بىر ماتىريالدا كۆرۇشۇمچە ئۇيغۇرتىلىدا 70-75مىڭ ئەتراپىدا سۆزبار . (تۇرلىنىشنى ھىساپلىمىغاندا) بۇنىڭدىن خەندىن سىڭىپ كىرگەن سۆزلەر 1800ئىنگىلىزچىدىن كىرگەن سۆزلەر 2900روسچىدىن كىرگەن سۆزلەر 1300ئەرەپچىدىن كىرگەن سۆزلەر 6500پارىس تىلىدىن قۇبۇل قىلنغان سۆزلەر 3600ئەتراپىدا دەپ كۆرگەندىم . بىرگېزىتتە .

abdukorax يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 19:52:41

ھەقىقەتەن توغرا ئويلاپسىز.ئۇيغۇرچە تۈپ سۆزلەر لوغىتى دەپ لوغەت بارمىدۇ ؟ ماڭا لازىم ئىدى،مەنغۇ ئىجتىمائى پەنچى ئەمەس لىكىن بەزى سۈپەت سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى راسلا ئانا تىلىمدىمۇ ئىنىق بىلىپ كىتەلمەيمەن.راس گەپ قىلغىنىم ئۈچۈن مىنى بوزەك قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 11:59:35

:)
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچىدا قانچىلىك سۆز بار؟