istikbal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 15:04:41

ئادىل سودا تورىدىن خوشخەۋەر[تېخنىكا]


سودا تورىمىز بىزنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش شۇنداقلا يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار ئىتىۋار بىرىش پائالىيتىنى يولغا قويدى.


يەنى تور بىكىتىمىز ئەسلى قىممىتى 500 يۈەنىلك ھەقلىق دۇكان مۇلازىمىتىنى 350 يۈەنگە چۈشۈردى.يەنى سىز 350 يۈەن تۆلەپ ئادىل سودا تورىنىڭ بىر يىللىق ھەقلىق دۇكان مۇلازىمىتىدىن تۇلۇق بەھىرلىنەلەيسىز.


ھەقلىق دۇكاننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولسا تاۋار يوللاشتا چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز .دۇكان ئۇسلۇبىنى ھەرخىل ئالماشتۇرالايسىز . 2-دەرىجىلىك تور نامى  ئىشلىتەلەيسىز .دۇكىنىڭىزغا فىلىم ھۆججىتى قىستۇرالايسىز. 100 پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايسىز.مەسئۇل خادىم سىزگە ھەمدەمدە بۇلۇپ مەشغۇلاتلارنى ھەقسز ئۆگىتىدۇ.


1) سودا ئالاھىدىلىكى : دۇكان ئېچىشتىن تاكى تاۋار يوللاش مەشغۇلاتى ھەممىسى ھەقسىز، ئانا تىىلىمىزدا.


2) مال سېتىۋېلىش ـ سېتىش :ساپ ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزدا يوللانغان تاۋار ئىسىملىرىنى كۆرىسىز ، خالىسىڭىز ھارۋىڭىزغا ساقلىۋالالايسىز سېتىۋالالايسىز ، .  


3)دۇكاندارلار ئىشەنچ دەرىجىسى : سىزنىڭ ساختا ياكى ئىشەنچىسىز تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ قىلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تىزىملىتىپ دۇكان ئاچقان ھەر بىر سودىگەرنىڭ ئىسىمى ۋە سودا ئۇچۇرلىرى توربېكىتىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكان ئېچىش ھوقۇقى بېرىلگەچكە ، ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز .


4) مال يەتكۈزۈش ئۇسۇلى :ھازىرچە شىنجاڭ تەۋەسىدا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرگە ماس كېلىدۇ. سودىگەرلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مەل يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەربىر تاۋارنىڭ يەتكۈزۈش ھەققىنىڭ جەدۋىلىنى ساقلىۋېلىپ ئىشلەتسە ئىستىمالچىغا تېخىمۇ قولاي بولىدۇ .


6) دۇكان خۇسۇسىي تۈرى قوشۇش : دۇكان ئاچسىڭىز ،دۇكىنىڭىزنىڭ « باشقۇرۇش سەھىپىسى » دىن دۇكان خۇسۇسىي تۈرى قوشالايسىز ، بۇنداق بولغاندا چوڭ تۈر ۋە كىچىك تۈرلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ ، مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تاۋار ئىزدىشىگە قولايلىق ياراتقان بولىسىز . ~


مەقسىدىمىز بىر ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودا ئىشىغا تۆھپە قوشۇش.


تور بىكىتىمىزگە گۇمانى قاراشتا بولىۋاتقانلارغا سەمىمىي ئەسكەرتىش تور بىكىتىمىز بارلىق ئىستىمالچى قېرىنداشلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىنى  تېخىمۇ ياخشى قوغداش ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن3- تەرەپ پۇل ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق . سىز تور بىكىتىمىزدىكى خالىغان دۇكاندىكى خالىغان مالنى سېتىۋالسىڭىز تور بىكىتىمىز يولغا قويغان پۇل تۈلەش سۈپىسى بانكام ئارقىلىق ياكى تور بانىكىسى ئارقىلىق ۋە ياكى 支付宝


  جىفۇباۋ ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز تۆلىگەن پۇلىڭىز كاپالەت ئاستىدە يەنى 担保付款 ھالىتىدە بىزنىڭ،(دۇكاندارئەمەس) ھىساۋىمىزغا كىرىدۇ. سىز پۇل تۆلەپ بولغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇكاندار مالنى سىزگە ئەۋەتىدۇ . ئەگەر مالدىن رازى بولسىڭىز . بىز پۇلنى دۇكاندارنىڭ ھىساۋىغا كىرگۈزۈپ بىرىمىز . ناۋادا رازى بولمىسىڭىز يەنى دۇكاندار ساختىلىق قىلغان بولسا سىز مالنى قايتۇرىسىز . بىز پۇلنى سىزگە قايتۇرىمىز.


ئەگەر سىز  جىفۇباۋ ، پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز يەنى ئىلگىرى تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان بولسىڭىز . يەنەبىرخىل پۇل تۆلەش ئۇسۇلى يەنى بانكا كارتىسىغا بىۋاستە پۇل ئۇرۇپ بىرىش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ . سەمىمىي ئەسكەرتىش بۇ پۇلنى دۇكاندارنىڭ ھىساۋىغا ئەمەس بىزنىڭ ھىساۋىمىزغا ئۇرۇپ بىرىسىز بىز سىزنىڭ تور بىكىتىمىز يولغا قويغان پۇل تۈلەش سۈپىسى بانكام ئارقىلىق ھىساۋىڭىزغا پۇل قاچىلاپ بىرىمىز . سىز مۇشۇ مەۋھۇم پۇل بىلەن سودىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز .شۇ ۋاقىتتا بىز سىلەرنىڭ يەنى ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايمىز.


تور بىكىتىمىزدە دۇكان ئىلتىماس قىلغان بارلىق سودىگەر دوستلارغا مۇشۇ ئىككى خىل پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تۇنۇشتۇرىمىز.





ئاخىردا تور بىكىتىمىز تورسودىسى ئارقىلىق مەلۇم ئىختىسادى قىممەت يارىتىشنى ئويلىغان بارلىق سودىگەر  قېرىنداشلار نىڭ تور بىكىتىمىزگە تىزىملىتىپ تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ سودىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.


سىز تور بىكىتىمىزنىڭ ھەقلىق دۇكان مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز. دوستلىرىڭىزغا ياكى باشقا تور سودىسى قىلىشقا قىزىقىۋاتقان يىڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا تور بىكىتىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ ھەقلىق ئەزالىق ئىختىدارىنى ئاچقۇزسىڭىز تاپشۇرغان بىر يىللىق دۇكان مۇلازىمەت ھەققىنىڭ %15 تى بويىچە پايدىغا ئىرىشىسىز يەنى ھەر يىلى350 يۈەندىن 50 يۈەنگە ئىرىشىسىز.  





ئىستىمالچىلارغا قارىتا تور بىكىتىمىزدە سېتىلىۋاتقان بىر قىسىم كومپىيۇتىرلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش،پايدىنى خېرىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىش. توپلىشىپ سېتىۋېلىشتا ئىتىۋار بىرىش قاتارلىق ئىستىمالچىلارغا ھەقىيقى نەپ ئېلىپ كىلىدىغان پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى .


پائالىيەت ۋاختى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ 12- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە


تور بىكىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرسى :http://www.adilsoda.com    http://www.adilsoda.cn








تور بىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم دۇكانلار


ئادىل كومپىيۇتىر تاللا بازىرى


ئادىرسى:http:adil.adilsoda.com





دۇكىنىم ئۇنۋىرسال سودا تاللا بازىرى


ئادىرسى :http://dukinim.adilsoda.com





ئوچقون ئىلىكتىرون سودا تاللا بازىرى


ئادىرسى :http://oqkon.adilsoda.com





ئەلخۇش كومپىيۇتىر تاللا بازىرى


ئادىرسى:http://alhux.adilsoda.com





terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 20:50:58

دۇكاندارلار ئىشەنچ دەرىجىسى : سىزنىڭ ساختا ياكى ئىشەنچىسىز تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ قىلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تىزىملىتىپ دۇكان ئاچقان ھەر بىر سودىگەرنىڭ ئىسىمى ۋە سودا ئۇچۇرلىرى توربېكىتىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكان ئېچىش ھوقۇقى بېرىلگەچكە ، ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز .



ئەگەر سىز جىفۇباۋ ، پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز يەنى ئىلگىرى تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان بولسىڭىز . يەنەبىرخىل پۇل تۆلەش ئۇسۇلى يەنى بانكا كارتىسىغا بىۋاستە پۇل ئۇرۇپ بىرىش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ . سەمىمىي ئەسكەرتىش بۇ پۇلنى دۇكاندارنىڭ ھىساۋىغا ئەمەس بىزنىڭ ھىساۋىمىزغا ئۇرۇپ بىرىسىز بىز سىزنىڭ تور بىكىتىمىز يولغا قويغان پۇل تۈلەش سۈپىسى بانكام ئارقىلىق ھىساۋىڭىزغا پۇل قاچىلاپ بىرىمىز . سىز مۇشۇ مەۋھۇم پۇل بىلەن سودىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز .شۇ ۋاقىتتا بىز سىلەرنىڭ يەنى ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايمىز.


1.سىز باشقىلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى گۈۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۇش ئۈچۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىر ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزىشىڭىز كېرەكمۇ قانداق ؟

2.پۇلنى مال سالغۇچىغا ئۇرماي سىزگە ئۇرۇپ بىرىدىغان ئىش بولسا كىم سىزدىن دۇكان ئالىدۇ ؟ ئولتۇرۇپلا خوجايىن بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، مايۈن دىيشكىمۇ پىتىنالمىغان گەپنى دەپسىز .



ئىشەنچى _ تور سودىسىنىڭ ئاساسى ، بۇنى ياخشى بىلىدىغاندەك قىلىسىز . تور بەتنىڭ ئاستىدىكى  بىر تال يانفۇن نۇمىرى بىلەن بۇنى ئىسپاتلاش مۇمكىنمۇ ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 07:41:40

ياخشى ئىشتىن بىرسى روياپقا چىققىلى تۇرۇپتۇ . ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

سەمىمىي تەكلىپىم :



1. ئەڭ ئاۋۋال تورۇڭلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى ياخشى قىلىڭلار. (2 يىل ) ، تور بېتىڭلارنى چۈشەندۈرىدىغان، ئۈگۈتىدىغان دەرسلىكلەرنى كۆپلەپ تارقىتىڭلار، يەنە مەھسۇلاتنى ياخشى تاللىغايسىزلەر. بولسا مېنىڭچە ، مىللىيچە ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلاردىن باشلىساڭلار ياخشى .



2. ھەقسىز ، ‹‹گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن ›› دۇككاندىن ئاز بولغاندا 500 نى ئېچىڭلار . ئاۋۋال شۇ دۇككانلار بىر سودا قىلىپ ئۈنۈمگە ئېرىشىپ باقسۇن .



3. ئاۋۋال ھەممىنى ھەقسىز تەمىنلەڭلار ، ئاندىن كېيىن يېتىشىپ بولالمىغاندا ھەقلىق قىلىڭلار .



4.ھەقلىق ئەزا بىلەن ھەقسىز ئەزانىڭ ھوقوقىنى،ئەۋزەللىكىنى ئېنىق ئايرىپ ئاندىن يەنە ئىلان بېرىڭلار . مەسىلەن ،بىرىنجى بەتتە كۆرۈنۈش، بىرىنجى ئورۇننى تالىشىش، ھالقىلىق سۆزنى تالىشىش ، ئەڭ نادىر ئىلان ئورنى...دېگەندەك .




istikbal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 10:35:23

terjime  قېرىندىشىمىز سودا تورىمىز جىفۇباۋغا ئۇلانغان خۇددى تاۋباۋ دا سودا قىلغاندەك سودا تورىمىزدىمۇ سودا قىلالايسىز.

ئەسلى پۇلنى كارتىغا سېلىڭ دەيدىغان گەپنى بىزنىڭمۇ قىلغۇمىز يوق. لېكىن كۆپلىگەن ئىستىمالچى قېرىنداشلىرىمىز تور بانكىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇقمايدىكەن . ئۇلارغا تور بانكا كەسپىنى بىجىرىپ ئاندىن سودا قىلىڭ دىسەك . بولسا كارتا نۇمۇرىڭلارنى بىۋاستە قالدۇرغان بولساڭلار بىزگە شۇ قولاي دەپ تۇرىۋېلىۋالغاچقا ئامالسىز شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر بولدۇق. مىنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىمنى ئىمانىم بىلەن يەنى بىرسى كىملىكىم بىلەنلا ئىسپاتلاپ بىرەلەيمەن. كىملىكم سودا تورىغا چىقىرىپ قۇيۇغلۇق.

پۇرسەت بولسا كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 3- سانىدىكى سودا تور بىكەتلەرنىڭ چىقىش يولى ناملىق ماقالىنى تەپسىلى كۈرۈپ چىقسىڭىز



سەمىمى تەكلىپ پىكىر بەرگەنلىكىىڭىزگە تەشەككۈر

istikbal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 10:42:26

hawaskar قېرىندىشىم تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر .

سودا تورىمىز دا ھەقسىز دۇكان ئېچىۋاتقانلار خېلى كۆپ . يىڭىدىنمۇ ھەقسىز دۇكان ئاچالايدۇ .

ھەقلىق دۇكان بىلەن ھەقسىز دۇكاننىڭ ئەۋزەللىكى سودا تورىمىزغا ماقالە سۈپىتىدە يوللاپ قۇيۇغلۇق.

ھەقلىق دۇكاننى تەشۋىق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت بولسا ھەقسىز نەرسىنىڭ قەدىر قىممىتى يوق ئىكەن. ۋاقتىڭىز يەتسە سودا تورىمىزغا كىرىپ كۆزىتىپ بېقىڭ دۇكاننى ھەقسىز ئېچىپ نەچچە ئاي ئىچىدە 1 مو تاۋار يوللىمىغان دۇكاندارلارمۇ بار . تور بىكەت سۈپىتىنى ئويلىشىپلا ھەقلىق دۇكان ئېچىشنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز .

lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 18:40:17

\"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 19:12:56

ئويلاپ باقسام ئۈستىدىكى گېپىم سەل سىلىق چىقماپتۇ ، بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا تور بەتلىرى كۆپىرەك قۇرۇلۇپ قېرىنداشلارنىڭ تور سودىسىغا بولغان يۈزلىنىشى ئاشسا بولاتتى . بىراق بىر -ئىككى قويمىچى بار مۇشۇ تور سودىسىنى بۇزۇۋاتقان ، خۇددى بىر قازان ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەك ئىش قىلىۋاتقان . شىركەتنىڭ نامىنى ئات تاتالمايدۇ ، شاڭگاڭ ، گۇۋاڭجۇدا ئىشخانىمىز بار دەپ چۈشىدۇ ، «ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار تورى» ئوچۇق چاغدا خىلى گەپلەر بولۇندى بۇ توغۇرلۇق . شۇ قويمۇچىلار ھازىرمۇ ئېچىپ يۈرۈيدۇ شۇ بەتلىرىنى ئىسمى بىلەن ،تېلېفۇن نۇمۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ، شۇڭا بولسا سىز يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىڭ .

يەنە بىرسى ، ھەقلىق دۇكاننىڭ باھاسىنى دەرىجىگە بۆلۈڭ ، بولسا 100يۇەن باشلاپ ، 300يۇەن ، 500يۇەن ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈڭ .

istikbal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 10:40:11

چۇقۇم تىرىشىمىز . قۇيمىچىلار ھامىنى بازاردىن شاللىنىپ كىتىدۇ. تەكلىپىڭىزنى ئويلىشىپ كۆرىمىز . تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر
بەت: [1]
: ئادىل سودا تورىدىن خوشخەۋەر[تېخنىكا]