Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 09:26:01

ناشتىلىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە پاراڭلىشايلى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم. چوڭلاردىن ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ ئىنتايىن موھىملىقى ھەققىدە ئاڭلايتتىم. لىكىن يەنىلا خىزمەت جىددىيچىلىكى دەپ تولا ھاللاردا ناشتا قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ كىتەتتىم. تويدىن كىيىن بۇ ئادىتىمنى سەل ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولساممۇ لىكىن كىچىككەندەك قىلىمەن. ئۆتكەندە تەكشۈرتۈشتە ئۆتتە ياللۇغ، قۇمسىمان تاش پەيدا بوپتۇ دەيدۇ. ئانچە-مۇنچە ئاشقازىنىم يېقىمسىز بولىدىغان ئالامەتلەر بار. ئۇندىن باشقا تۇرۇپلا بېشىم قايغاندەك، ئولتۇرغان ئورنۇمدىن تېزلا تۇرسام كۆزۈم قاراڭغۇلاشقاندەك بولىمەن. مەندىكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ ناشتا قىلماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ناشتىلىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىلا، قۇلىقىمدا مەھكەم ساقلاپ ساقلىقىم ئۈچۈن غەيرەت قىلاي! يولدۇشۇممۇ ناشتىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ناشتىلىقتا قانداق تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان بولسا مەن كۈندە ئەتتىگىنى بالدۇرراق تۇرۇپ تاماقلارنى تەييار قىلىپ يولدۇشۇم ھەم ئۆزۈمنى ناشتا قىلدۇرۇپ يولغا سالغان بولسام. رەھمەت.



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۆپۈنچە ھاللاردا خەيرىلىك باشلانغان بىر ئىشنىڭ ئاخىرى ياخشى بولغىنىدەك بىر كۈنلۈك ھايات پائالىيىتىمىزئۈچۈن ناشتىلىق ئىنتايىن موھىم.  مېڭىگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەر ئاساسلىقى قاندىكى قەنتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ. مېڭىگە زۆرۈر بولغان ئىنىرگىيە كەچتە ئۇخلاش جەريانىدا كۆپلەپ خورىغانلىقتىن سەھەردە ئويغانغاندا قۇۋۋەتكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ناشتىلىق قۇۋۋەتلىك، سۈپەتلىك قىلىنغاندا چوڭ مېڭە ئىھتىياجلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايدۇ. ناشتا قىلمايلا ئالدىراپ ئۆيدىن چىققاندا قاندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ-قان قەنتى تۆۋەن بولۇپ مېڭىگە كېرەكلىك ئىنىرگىيەنى تولۇقلاپ بىرەلمەي ئاسانلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئىزلەڭگۈلۈك، روھسىزلىق، چارچاش پەيدا بولۇپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ناشتىغا ئەھمىيەت بىرىلمىگەن ئەھۋالدا چۈشلۈك تاماقنى كۆپ يەۋىلىپ ئون نەچچە سائەت بىكار تۇرغان ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئۈچەي يىمەكلىك تەركىبىدىن ئۆزىگە جىددىي كېرەكلىك بولغان قەنت تەركىبىنى ئايرىشتىن باشقا يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لىكىن بۇنى تېزلا بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي ئاسانلا ياغ كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ئاشقازان ئىچىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلىشى چەكلىنىپ بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان، ئۆت، ئۈچەي ياللۇقى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.



داۋاملىق ناشتا قىلماي يۈرۈيدىغان كىشىلەردە بولىدىغان ئورتاق كېسەللىكلەر ئاساسەن ئاشقازان-ئۆت، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق، يۈرەك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەردۇر. سىلى ئېيتقان ئالامەتلەر ئاساسەن ئەتتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، ياكى مىزاجغا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنالماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


ئۆت كېسەللكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىگە قارىتا ئاياللار ئۈستىدىن ئىلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە ئۇزۇن مۇددەت ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆت تېشى كېسەللىكلىرى كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قورساق تۇرغاندا ئۆي سۇيۇقلىقىدىكى تەركىبلەردە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ ئۆت كىسلاتاسى ئازىيىپ كېتىدۇ، خولىستېرىننىڭ مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرى خولىستېرىنلىق ئۆت سۇيۇقلىقى پەيدا بولىدۇ. خولىستىرىننىڭ مىقدارى يۇقۇرلاپ ئاخىرىدا قاتتىقلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.  


ناشتىلىق ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايەت بار ئىكەن:


جاھانغا مەشھۇر نامى پۇر كەتكەن تېۋىپ لوقمان ھەزرەتلىرىنىڭ كۈيئوغلى ناھايىتى ساغلام كىشى بولۇپ بىرەر قېتىممۇ لوقمان ھەكىمگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن لوقمان ھەكىم قىزىدىن سوراپتۇ:


- ئىرىڭ كېسەل كۆرسەتكىلى بىرەر قېتىممۇ ئالدىمغا كىلىپ باقمىدى، ئۇ تەن ساقلىقىنى ئاسراشتا ئۆزىگە قانداق سەۋەب قىلىدۇ؟


- ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىنلا بىر بۇردا نان بىلەن ناشتا قىلماي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمايدۇ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.


- بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئەتتىگەندە ئىرىڭنى ناشتا قىلدۇرمىغىن، قانداق قىلىدۇ كۆرۈپ باقىلى، - دەپتۇ لوقمان ھەكىم.



قىزى دادىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە قىپتۇ. لىكىن كۈيئوغۇل ئادىتى بويچە ھەر كۈنى سەھەردە بىر كاپام بۇغداي ياكى قوناقنى ئاغىزىغا سىلىۋىېلىپ ئىشقا ماڭىدىغان بوپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان لوقمان ھەكىم ئۆيدىكى يېگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ قويۇشنى قىزىغا تاپىلاپتۇ. كۈيئوغۇل ئامالسىزلىقتىن ئۆينىڭ تېمىدىن بىر پارچە سۇۋاقنى ئاغزىغا سىلىۋىلىپ ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان لوقمان ھەكىم قىزىغا:


- ئىرىڭ مەندىنمۇ ئۇستا تېۋىپ ئىكەن، ئۆمرىدە كېسەل بولمىغۇدەك، دەپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئەتتىگىنى چوقۇم ناشتا قىلىش ئادەتكە ئايلانغانمىش.


تۇرمۇش تەرتىۋىنىڭ قالايمىقانلىقى سەۋەبلىك كەچ يېتىپ ۋاقچە ئورنىدىن تۇرىدىغان ئادەت كۆپۈنچە شەھەرلىكلەردە ئوموملاشقىلى تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئەتتىگىنى يۈز-كۆزىنى ھاپىلا-شاپىلا يۇيۇپلا ئىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈش، يوقلىمىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ناشتىغا تۈزۈكرەك ئەھمىيەت بەرمەستىن پالاقشىپ يۈگۈرۈشىدىكەن. كەچلىرى سورۇندارچىلىق، يەپ ئىچىش ئەۋجىگە چىقىدىكەن.  دېمەكچى بولغان گەپ ئەسلى موھىم بولغان ناشتىلىققا سەل قارىلىپ يەڭگىل، ئاز يېيىشكە زۆرۈر بولغان كەچقۇرۇندا ئېغىر تاماقلار بىلەن غىزالىنىپ بەدەننىڭ نۇرمال تەڭپۇڭلىقىدا تەتۈرلۈك پەيدا قىلىش ئەلۋەتتە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


مەندىن داۋاملىق ھەسەل ئالىدىغان بىر يېزا كادىرى بار ئىدى. بۇ كىشى يازدا يېزىدىكى 10 نەچچە شۇجى-باشلىقلار بىلەن خوتەنگە ساياھەتكە بارغاندا تېۋىپقا كۆرۈنۈپتىكەن. ھەممىسى دېگۈدەك يوغان قورساق، كۆزلىرىدىن ماي تېمىپ تۇرغان ئادەملەر بولغاندىن كىيىن تېۋىپ ھەممىسىنى دېگۈدەك جىگەرنى ماي قاپلىغان، قان قويۇق، ئۆت ياللۇقى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مەزىبېزى ياللۇقى، بۆرەك ئاجىزلىغان دېگەندەك كېسەللىكلەر بىلەن دىئاگنۇس قويۇپ بىرەر يېشىكتىن دورا تەييارلاپ بىرىپتۇ. ھىلىقى دۇكىنىمنىڭ خىرىدارى بولمىش كادىرغا نۆۋەت تەككەندە تومۇرنى تۇتۇپ ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىپ سىلىدە كېسەللىك دېگۈدەك ئىش يوق ئىكەن. سىلى ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتىدا سېڭىپ پىشقان نان بىلەن ھەسەل يەيدىغان ئوخشايلا دەپ ھېچقانداق دورا بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ھەسەلگە تېخىمۇ بەك ئىخلاس قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.


ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ئادەتتە سۇيۇقئاش، شورپا تۈرىدىكى تاماقلار بولىدۇ، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى شۇنداق. لىكىن ئەتتىگەنلىك ناشتىدا قورۇما تاماق، كاۋاپ، قازان نېنى دېگەندەك قوقاققا تېگىدىغان تاماقلار بىلەن غىزالىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئەتتىگەنلىق ناشتىلىققا تەييار قىلىشقا تېگىشلىك ئوزۇقلار ئاساسلىقى مۇنۇلار: ھەسەل، گۈلقەنت، ياڭاق، بادام، ئۈزۈم، سېڭىپ پىشقان ئىسسىق نان، سۈت، ئۈزۈم، خورما دېگەندەكلەر. ھەر كىم ئۆز شارائىتى، مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ناشتىلىق تەييارلىسا بولىدۇ.


ئىزدىنىشتىكى ئەزىزلەر ، قېنى بايان قىلىڭلارچۇ، سىلەر ئەتتىگەنلكى قايسى خىل نازۇ-نىمەتلەر بىلەن ناشتا قىلىسىلەر؟



بلوگىمدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 09:38:31

مەن ئەتگەندە ئەتكەن چايغا بسىپ ئىككى قىتىم نان چىلاپ ئىچىۋالمىسام، بىر كۇن بىر قىسمالا يۇرمەن،

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 09:58:09

مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل قاراپ قېلىپ ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەك تۆۋەنلەپ كەتتى.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:12:53

نىمىشقىكىن ئەتىگەنلىك ناشتىغا تازا ئىشتىھايىم يوق.ئەمما چۈش ۋە كەچتە خېلى راۋۇرۇس يەيمەن.بۇ ئادىتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ھېچ بىر ئۆزگەرتەلمەيۋاتىمەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:25:21

گىژدىدىن بىرنى نەسىللىك ئۆچكەمنىڭ سۈتىنى قاينىتىپ، شۇنىڭغا چىلاپ ئىچىۋالسام بولدى.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:42:19

ھەسەل بىلەن قايماقتا چاي قىلىپ ياڭاقنى ئىزىپ قوشۇپ نان چىلاپ يەۋاتقىلى بىرەر يىل بولاي دېدى،ئاشقازاننى ياخشىلايدىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:45:33

بىزنىڭ ناشتىلىق ھەكىم شۇ ئۆزلىرى كۆرگەندەك، تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرمەملا \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:47:02

مەنمۇ دۇكىنىمغا سالغان بىھى مۇرابباسى بىلەن ئەنجۇر مۇرابباسىنى خىرىدارغا ساتماي ئۆزۇم ناشتىدا يەپ تۇگۇتۇپ بولدۇم

ئەتتىگەندە قىززىرىپ پىشقان گىردە ،بىرئىستاكان قايناقسۇ، بىھى مۇرابباسى بىلەن ناشتا قىلىمەن يەنە شۇنداق قىلساممۇ چۇشكىچە قوسقۇم ئىچىپ بولالماي قالىمەن ھىھى

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:50:30

بىزنىڭ ھەسەلدە ناشتا قىلىدىغانلارنى كىرىپ تەسىرات بايان ئەيلەمدىكى دېسەم ساپلا ئەتكەن چاي بىلەن بىھى مۇرابباسىنىڭ گېپى  \"\"

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 11:13:01

ناشىتلىقنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بىراق بىلىپ تۇرساممۇ كۈپۈنچە ئىتبار بىرىپ كېتەلمەيۋاتىمەن، دەرۋەقە ھازىر مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرسام بېشىم قېيىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىم بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، ئەتىگەنلىكى ئورنۇمدىن تۇرغاندا سەل ئىزىلەڭگۈ بۇپ قېلۋاتىمەن، نەچچە يىلىنىڭ ئالدىدا قەھرىتان قىش كۈنلىرى موتۇسىكلىت بىلەن خىزمەت ئورنۇمغا توڭلاپ بولغۇچە بىرىپ بولاتتىم، ھازىر ماشىنىدا مىڭىپ ياز كۈنلىرىمۇ زۇكام تېگىدىغان بولۋالدى. بۇ راستىنلا ناشتا قىلمىغانلىق سەۋەبى بىلەن كۈرۈلگەن ئالامەت بولسا، ئۇنداقتا مىنىڭ ئەھۋالىم ئۆزەم ئويلىغاندىمۇ بەك خەتەرلىك ئىكەن.

ھەكىم، ئۆزلىرى تەييارلاشقا جىق ۋاقىت كەتمەيدىغان، تېپىشقا ئاسان، ئۈزى قۇۋەتلىك يېمەكلىلەرنى تەۋسىيە قىلسىلا بولاتتى، ئائىلىدىكى بىرەرسى ناشتلىققا ئەھمىيەت بىرىشتەك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرسە، باشقىلارمۇ تەبئىيلا شۇنىڭغا ماسلىشىپ كېتەتتۇق.

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 11:19:15

ئەتگەندە ناشتىسىز قالساڭ ،قىرغاندا ئاشنىسىز قالىسەن دەيدىغان گەپ بار ؟ شۇڭا ناشتا قىلغان ئەۋزەل ....  {:92:}  



ئەتگەنلىك ناشتىغا سوقماق ياكى ،ئەنجۈر مىرابباسى يىسە بەك ياخشى ،ئەنجۈر مىرابباسىدىن ئەنجۈردىن 2تا سۈيىدىن بىر قوشۇق ئىچىش كىرەك...

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 11:19:30

ئەتگەندە ناشتىسىز قالساڭ ،قىرغاندا ئاشنىسىز قالىسەن دەيدىغان گەپ بار ؟ شۇڭا ناشتا قىلغان ئەۋزەل ....  {:92:}  



ئەتگەنلىك ناشتىغا سوقماق ياكى ،ئەنجۈر مىرابباسى يىسە بەك ياخشى ،ئەنجۈر مىرابباسىدىن ئەنجۈردىن 2تا سۈيىدىن بىر قوشۇق ئىچىش كىرەك...

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 11:19:58

ئەتگەندە ناشتىسىز قالساڭ ،قىرغاندا ئاشنىسىز قالىسەن دەيدىغان گەپ بار ؟ شۇڭا ناشتا قىلغان ئەۋزەل ....  {:92:}  



ئەتگەنلىك ناشتىغا سوقماق ياكى ،ئەنجۈر مىرابباسى يىسە بەك ياخشى ،ئەنجۈر مىرابباسىدىن ئەنجۈردىن 2تا سۈيىدىن بىر قوشۇق ئىچىش كىرەك...

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 14:08:56

ھەكىم ئاۋۇ شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىرى قانداقراق كىتىپ بارىدۇ بولسا

شىركەتلىرى توغۇرلۇق تەپسىلى توختالغان بولسىلىرى

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 15:17:09

8- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ھەسەلدە ناشتا قىلىدىغانلارنى كىرىپ تەسىرات بايان ئەيلەمدىكى دېسەم ساپلا ئەتكەن چاي بىلەن بىھى مۇرابباسىنىڭ گېپى \"\"



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھەكىم   مەن سىلىدىن  بىر ئىشتا مەسلەھەت سوراي دىگەن .  


ئىش مۇنداق، مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ، ئۇنىڭ ئاساسەن بېشىنىڭ سول ئارقا تەرىپى ئاغرىپ تۇرىدىكەن ،  كەچتە ۋە چۈشتىن كېيىن بوشراق ئاغىرىيدىكەن ، كىچىدە ئاغرىمايدىكەن . سەھەر دە سائەت 7 بىلەن ئاغرىشقا باشلايدىكەن ، ئۇ تىۋىپقا كۈرۈنۈپ لوبوب مەجۈنى سۆلەپ دىگەن دورىلارنى كۈتۈرۈپ كەپتۇ ،  بۇ ئاغرىققا سىلىنىڭ قانداق قاراشلىرى باركىن ؟ ھەراس ئۇنىڭغا يەنە ئاسان زۇكام تىگىدىكەن ، ئۇ ئۆزىدىن مىڭە پەردە ياللۇغىمىكىن دەپ گۇمانلىنىپ يۇرۇيدۇ ، مۇشۇ ئىشقا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماي بىرىپ باققان بولسىلا بۇنىڭ دورىسى سىلىدە بولسا ئۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىلا

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 15:33:40

1 تال تاماكا .

قالدىسى سائەتكە باغلىق. \"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 15:48:00

مىنىڭ بەك ئاددىى ، ناننىڭ ئارىسىغا ئازراق گۈلقەنت يېېىتىپ يەيمەن( ئەمىلىيەتتە قېشىمدىمۇ نان بىلەن گۈلقەنتتىن باشقا نەرسە يوق)

. ئەمما ھەسەلنى نان بىلەن يىسەم بەك تاتلىقمۇ پەقەت ئىشتىھايىمنى ئاچالمايدۇ(قىسقى يىگىم كەلمەيدۇ)  {:106:}

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 15:50:59

ئويلاپ باقسام، ئوقۇش پۈتكەن 3 يىلدىن بېرى ئۇدا ناشتا قىلغان كۈنۈم 10 كۈنگە يەتمەپتۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 16:15:12

تۈركچە ناشتىلىققا بەك كۆندۈم... زەيتۇن، ھەسەل، ئېرىمچىك، بولكا ۋە چاي، تۇخۇم پوشكىلى ۋە بەرەڭگە قىزارتمىسى،...  \"\"  تويغۇچە رەھەتلىنىپ ناشتا قىلىمەن زادى.

تۈركلەر ئەتىگەندە ئومۇمەن تىپىك ھالدا مۇشۇلار بىلەن ناشتا قىلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۈركىيەنىڭ ۋان ناشتىلىق سۇپرىسى ھەممىدىن مول ۋە داڭلىقمىش، ناشتىلىققا ئاجايىپ ئەھمىيەت بىرىدىكەن...

بىزنىڭمۇ ناشتىلىق ئادىتىمىز ياخشى ئىدى. ھەرخىل مىغىزلار، ھەسەل، ئەتكەن چاي، نان-سىنچاي،... لىكىن ئومۇمەن ناشتا قىلىدىغانلىرىمىز بىر بۇردا ناننى قايناق سۇغا چىلاپلا ناشتا قىلىپ كەلدۇق، شەھەرلەردىكى، ئىختىسادى ياخشىراقلىرىمۇ ھەسەل قايماقلارنى سۈرەكلىك ھالدا ئىستىمال قىلىپ بولالمايدۇ...

قارىغاندا ئىختىساد مەسىلىسى ۋە ئۆزگۈرۈپ كىتىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى بولسا كىرەك! ماڭا (ئۆزۈمنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان) ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن ساپاسى بەك تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. يىگىتلىرىمىز، ئۇششاق، ماغدۇرسىز... قىزلىرىمىزنىڭ پۇت قوللىرى چوكىدەك...

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 16:37:40

ئۆتكەندە سىلىدىن ئالغان بىر قۇتا گۇلقەنىتنى يەپ بولدۇم،تۈگەپ بۇلىشىغىلا يەنە تاماكىغا چۈشىۋالدىم،ناشتىلىققا بىر تال تاماكا،ئاندىن سوغۇق چايدىن بىر يۇتۇم،قالغىنى سائەتكە باغلىق بۇلۇپ قالدى. \"\" \"\" \"\"
بەت: [1] 2
: ناشتىلىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە پاراڭلىشايلى