دىققەت: Uyghursoft نامىدىكى ئۇچۇر Uighursoft نىڭ ئەمەس
ئىسىمىدكى پەرقتىن مەلۇمكى : Uyghursoft ھەرگىزمۇ ئالىم ئەخەت ئەپەندىم قۇرغان يەنى بىز كۆپرەك بىلىدىغان Uighursoft شىركىتىنىڭ ماركىسى ئەمەس ھەم Uyghursoft نامىدىكى ئۇچۇرلار بىز نەچچە ۋاقنىڭزى بىلىدىغان Uighursoft نىڭ ئۇچۇرى ئەمەس. شۇڭا Uighursoft نىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەخەت ئەپەندىم بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرنى ئۆز تورىدا ئېلان قىپتۇ.Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
يېقىندىن بۇيان تورلاردا Uyghursoft نامىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ «ئۇيغۇرسوفت»(Uighursoft) تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ساختا ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.

بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇ بەلكىم يامان غەرەزلىك قىستۇرما بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە بىز ئىگە بولالمايمىز، شۇڭا، بۇنداق نامەلۇم تارقاتقۇچى ياكى ئىشەنچسىز مەنبەدىن كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق خەتلەرنى ئالدىراپ ئاچماسلىقىڭلارنى، مۇمكىن بولسا بىۋاسىتە «ئەخلەت» خەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، رەھمەت!
ئىنتىل سەيناسىدىن
قايسى مەلئۇننىڭ ئىشىدۇ، ماڭا يولۇقسا مەنمۇ ئىشىنىپ قالاركەنمەن.مىللى كارخانىلىرىمىزغا يامان كۆزىدە قارىغانلارنىڭ كۆزىنى ئويىۋەتسەم.... ناكەسلەر!!!!

5- قەۋەتتىكى Buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ Uighur دېگەننى Uyghur دېگەن بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى.
شۇنداق قىلسا ياخشى بولاتتى،ئەمما uighursoftقۇرۇلغان ۋاقىتلاردا بۇ ئىسىم تېخى قېلىپلاشمىغان ۋاقىتلار ئوخشايدۇ.
ھازىر. ھەر خىل رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىدىغان ساختىپەزلەر بەك جىقلاپ كېتىپتۇ جۇمۇ.
@koqahawiri1@forever
@rakita
باللار، بۇنى قانداقمۇ نومۇسنى بىلمىدى، ناچار دېگىلى بولسۇن؟ ئۇ، يا مەن uighur soft شۇ دېمىسە، بۇنىڭدا پەقەت ئالىم ئەخەت Uyghursoft نامىدىكى دىتال- ئۇچۇر بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپتۇ. بىچارە لاۋزىلارنىڭ مەخسىدى چ چ ئوغۇرلاش ، لىكىن چ چ نىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ يۇقرى ئىكەنلىكىنى يادىدا يوق ھەقىچان ... رەسىمدىكى uly دا يېزىلغان خەتتىن قارىغاندا بۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ يامان غەرىزى يوقتەك قىلىدۇ. ھەقىقى ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى تىللىمايلى. باشقىلارنىڭ نامىدا قارماق تاشلاپ، قىلتاق قۇرماقچى بولغانلارنى قانداقمۇ يامان غەرىزى يوق دەپ ئويلىغانسىز؟ بۇ پەقەت مەخپىي شىفىر ئوغۇرلاش ئىشىلا ئەمەس. ھازىر كومپيۇتېردا جاسۇسلۇق قىلىش راۋۇرۇس بىر سەۋىيەگە يېتىپ قالدى. دىققەت قىلماي، نائېنىق دېتاللارنى كومپيۇتېرىڭىزغا ئورنىتىۋەرسىڭىز، سىزنىڭ كومپيۇتېردىكى بارلىق ئۇچۇر، مەخپىيەتلىك ۋە مەشغۇلاتىڭىزنى (ھەر بىر باسقان كۇنۇپكىڭىزدىن تارتىپ) سىزدىن بىخەۋەر خاتىرىلەپ، بەلگىلەنگەن باشقا ئورۇنغا مەخپىي يوللاپ تۇرىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق گەپ، لېكىن پاكىت بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنداق دېسەك بولمايدۇ. مەيلى قانداق ئادەم، قانداق مەقسەت بولسۇن، باشقىلارنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقنىڭ ئۆزى پاكىت، قەتئىي توغرا ئەمەس! بولۇپمۇ، ئۇيغۇرسوفتقا كەلگەندە تېخىمۇ شۇنداق! كۆتەرسۇن قاسقىنىنى..
تور ئادرىسلىرى بولسا، www.ucoz.org نىڭ بالا ئادرىسىدىنلا ئىبارەت، مۇلازىمېتىرى ياۋرۇپا تەرەپتىن، ئۇچۇرى لاتىن ئامېرىكا تەرەپتىنمىش. بىر ھەقسىز بېكەت تەمىنلەيدىغان بېكەتكەن، كىملا تىزىملاتسا بولىۋېرىدىكەن.
10- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باشقىلارنىڭ نامىدا قارماق تاشلاپ، قىلتاق قۇرماقچى بولغانلارنى قانداقمۇ يامان غەرىزى يوق دەپ ئويلىغانسىز؟ بۇ پەقەت مەخپىي شىفىر ئوغۇرلاش ئىشىلا ئەمەس. ھازىر كومپيۇتېردا جاسۇسلۇق قىلىش راۋۇرۇس بىر سەۋىيەگە يېتىپ قالدى. دىققەت قىلماي، نائېنىق دېتاللارنى كومپيۇتېرىڭىزغا ئورنىتىۋەرسىڭىز، سىزنىڭ كومپيۇتېردىكى بارلىق ئۇچۇر، مەخپىيەتلىك ۋە مەشغۇلاتىڭىزنى (ھەر بىر باسقان كۇنۇپكىڭىزدىن تارتىپ) سىزدىن بىخەۋەر خاتىرىلەپ، بەلگىلەنگەن باشقا ئورۇنغا مەخپىي يوللاپ تۇرىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس.
كىمنىڭ نامىدا قارماق تاشلاپتۇ؟
Uighursoft نىڭ نامىنى دېمەكچىمۇ؟ ئۇلار Uyghur soft دەپتۇ، بۇنى تەنقىتلەيمىز دېسەك مەنىداش ئىسىم ئىشلەتكەن دېسەك بولىدۇ،
بەت:
[1]