alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 13:15:16

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرھىم ئابدۇللانىڭ يېڭى كىتاۋى نەشىردىن چىقتى

tor elani副本.jpg



ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بېرى،ئاتاقلىق
شائىر،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتىنىڭ ئەدەبىي مۇئەررىرى، " ئاھ، ئاتىلار"
تۇتقۇن"" تۆمۇرچى دۇكىندىن ئاڭلانغان سادا"" سۇنغان قىلىچ"" قاتارلىق بىر
تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن كىتابخانلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شائىر
ئابدۇرھىم ئابدۇللانىڭ" ئىشىقنامە"" دىگەن يېڭى شېئىرلار توپلىمى
يېقىندا  شىنجاڭ ئونېۋېرسىتىتى  نەشىرياتىدىن  نەشىر قىلىنىپ
تارقىتىلىشقا  باشلىدى. كەڭ ئوقەرمەنلەرنىڭ سېتىۋىلىشنى قارشى ئالىمىز.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 18:20:58

توردا كىتاب سېتىۋاتقانلار پاتراق دۇكىنىڭلارغا سېلىپ قويۇڭلار، ۋاقتىدا ئېلىۋالاي.

YAWUZBAG يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 18:38:46

مەن شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «داۋانلىق يوللار»ناملىق پوۋسېت ھېكايىلەر توپلىمىنى بۈگۈن كىتاپخانىغا ئەكەپتىكەن سېتىۋېلىپ چىققان ئىدىم.ئويگە كىلىپ مۇنبەرگە قارىسام شائىرنىڭ يېڭى كىتاۋىنىڭ نەشىردىن چىققانلىق خەۋىرى تۇرۇپتۇ.مەن ئۈچۈن بەك خۇشاللىق ئىش بولدى.

شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ تىنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ۋە قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 18:44:26

شائىرنىڭ «سۇنغان قىلىچ»،«ئاھ ئاتىلار» قاتارلىق شېئىرلىرى يۈرەكنى تىترىتىدۇ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 17:23:04

ئۇستازنىڭ كىتاۋىدىن ئون تال سېتىۋىلىپ دوسىتلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن . تىرىكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك شائىر .

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 19:15:42

مىسرالېرىدىن يۈرەك لەرزىگە كىلىدۇ.چوقۇم سىتىۋالىمەن.

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 19:15:46

مىسرالېرىدىن يۈرەك لەرزىگە كىلىدۇ.چوقۇم سىتىۋالىمەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 19:20:01

چوقۇم ئالىمەن \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 23:10:25

ئاھ ئاتىلار مۇشۇ شائىرنىڭمىتى ؟ نەچچە ۋاقىتنىياغى ئىزدەپ ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم . بۈگۈن ئالدىمغا ئۇچراپتۇ مانا.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 01:35:14

8- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاھ ئاتىلار مۇشۇ شائىرنىڭمىتى ؟ نەچچە ۋاقىتنىياغى ئىزدەپ ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم . بۈگۈن ئالدىمغا ئۇچراپتۇ مانا.



شۇنداق، مۇشۇ شائىرنىڭ. بەك ئېسىل شېئىردە!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 07:00:10

‹ئاھ ئاتىلار› نىڭ ئاپتورىغا بىر پىيالە چاي قۇيۇش ئويۇم بار ئىدى، پۇرسەت كەلگەن ئوخشايدۇ. \"\"



ئابدۇرىھىم دۆلەت دەپ يەنە بىرەيلەن بارمىدى ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 10:05:58

كىتاپخانىلارغا سىلىنىپ بولغىچە لازىملار ئۆزھال سەنئەت كارىدۇرىدىن ئىلىۋىلىڭلار . مەن شائىر بىلەن خوشنا . كۈندە نەچچە رەت كۈرىشىمەن .

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 12:29:12

ئاپتۇرنىڭ «بويناق» دەپ بىرھىكايىسى بولىدىغان، ئىلگىرى بەك ئوقۇيىتتىم.

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 12:38:19

بۇ دۇنيا بىرگە-بىر چىدىساڭ ياشا،



بۇ شئېرمۇ مۇشۇ كىشىنىڭ شئېرىمۇ يا؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 12:52:14

ياق . ئۇ غۇلجىلىق شائىر ئاكىمىز ئابلەت ئابدۇللانىڭ شېئىرى توپلىمىىدىكى بىر شېئىر .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-10-12 08:42:32

خوتەنگە تېخى كەلمەپتۇ بۇ كىتاب.
بەت: [1]
: ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرھىم ئابدۇللانىڭ يېڭى كىتاۋى نەشىردىن چىقتى