لەزىنە دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نىمە؟؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى
خۇدايىمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 4- چىسلا بىر قىز پەرزەنتلىك بولدۇم، ئەمدى ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدە لەزىنە دىگەن ئىسىمنى ئويلاشقان. لىكىن مەنىسىنى بىلەلمەي قالدۇق. شۇڭا ياردەم قىلىپ مەنىسىنى يىشىپ بەرگەن بولساڭلار.. ئەگەر مەنىسى ياخشى بولمىسا مەنىسى ياخشىراق گۈزەل ئىسىملاردىن تەۋسىيە قىلساڭلار دىمەكچىمەن..
مىنىڭ ئىسمىم سادىقجان، ئايالىمنىڭ ئىسمى مەريەمگۇل، چوڭ بالامنىڭ ئىسمى ئابدۇللا..
خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە ئەقىقىسىنى قىلىپ ئىسىم قويماقچى..
گۈلنار - ئانارگۈل دىگەن گەپ ھەممە گەپكە ئەرەپچىدىن مەنە ئىزدەۋەرسەڭلار شۇنداق تېتىقسىز تەرجىمە نەرسە چىقىدۇ.لەزىنە - نى زىناقىلىشقا بولمايدۇدەپ چۈشەندۈرگەنلىكىڭلىدىن كۈلگۈم كەپ كەتتى، لازىنا بىلەن لەزىينە نىڭ پەرقى باردۇ موللىكا .
8- قەۋەتتىكى petir mantaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گۈلنار - ئانارگۈل دىگەن گەپ ھەممە گەپكە ئەرەپچىدىن مەنە ئىزدەۋەرسەڭلار شۇنداق تېتىقسىز تەرجىمە نەرسە چىقىدۇ.
لەزىنە - نى زىناقىلىشقا بولمايدۇدەپ چۈشەندۈرگەنلىكىڭلىدىن كۈلگۈم كەپ كەتتى، لازىنا بىلەن لەزىينە نىڭ پەرقى باردۇ موللىكا .
ئاخۇنكا، قېنى دەپ بېقىڭە قانداق پەرقى بار؟
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى ئېنىق بولمىغان (كۆپ كىشىلەرگە ئېنىق بولمىغان) كىشى ئىسىملىرى كۆپۈنچە ئەرەب، پارسچە بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلاردا تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئانچە - مۇنچە ئۆزگەرتىش ياسايدۇ.
«نار» دېگەن سۆزنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى بىز ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان مەنىسى «دوزاخ».
----------
لازىنا ياكى لازىنەنىڭ مەن ئۇقمىغان بىرەر مەنىسى بولسا، ئاڭلاپ باقىلى...
8- قەۋەتتىكى petir mantaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گۈلنار - ئانارگۈل دىگەن گەپ ھەممە گەپكە ئەرەپچىدىن مەنە ئىزدەۋەرسەڭلار شۇنداق تېتىقسىز تەرجىمە نەرسە چىقىدۇ.
لەزىنە - نى زىناقىلىشقا بولمايدۇدەپ چۈشەندۈرگەنلىكىڭلىدىن كۈلگۈم كەپ كەتتى، لازىنا بىلەن لەزىينە نىڭ پەرقى باردۇ موللىكا .
«لەزنە» دېگەننىڭ مەنىسىنى بىلىدىكەنمەن،لېكىن بۇمۇ ياخشى گەپ ئەمەس.

ياخشى ئىسىملار توغرىلىق بىر قانچە تېما بار،ئىزدەپ بېقىڭ،ئېسىمدە قېلىشىچە بەزىلىرىگە مەخسۇس چىرايلىق ئىسىملار جەملەنگەن بىر تور بەت ئادرېسىنى قالدۇرۇپتىكەن تورداشلار. ئىنكاسلارىم ئاچچىق كېلىپ، ئاتا - ئانا بولغۇچىلار خاپا بولماڭلار.
ئاتا - ئانىنىڭ بۇ دۇنيادا پەرزەنت ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت 3 مەجبۇرىيىتى بار (مۇھەممەد ئەلەيھسالام شۇنداق دەيدۇ) بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرىنچىسى گۈزەل ئىسىم قويۇشتۇر.
1. گۈزەل ئىسىم قويۇش. (ئىسىمنىڭ گۈزەل ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق قىلىش ئۈچۈن، شۇ ئىسىمنى ئاڭلىغان ئادەم چۈشىنىدىغان بولۇشى كېرەك. ئاڭلىغان ئادەم چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئىسىم ئۆز تىلىدا ياكى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىشلىك بولۇپ كەتكەن چەت تىلدا قويۇلۇشى كېرەك.... قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن كىشى ئىسىملىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، تاللىسىڭىز بولىدۇ.)
ئاتا - ئانا بولغۇچىلارغا مۇبارەك بولسۇن! پەزەنتىڭلارغا مەنىسىنى ئۆزۈڭلار ۋە باشقىلار بىلىدىغان گۈزەل ئىسىملارنى قويۇڭلار.
قىزلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك ئىسىملار:
تۈركاي
ئايتۈرك
ئۇيغۇراي
مېھراي
ئاينۇر
ئالما
خانىش
خانقىز
ئايچېچەك
يۇلتۇزاي
قۇندۇزاي
كۆكچېچەك
كۈنتولۇن
ئايتولۇن
تولۇناي
بىرگۈل
يامغۇر
ياغمۇر
يوپۇرماق
يىپەك
سۆيگۈ
......
گۈلنار - دوزاخنىڭ گۈلى بۇنداق چۈشەندۇرۇش توغرا ئەمەس. «نار» سۆزى گەرچە دوزاخ دىگەن مەنىنى بىلدۈرسىمۇ،لېكىن گۈلنار دىگەن سۆزدىكى «نار» دوزاق مەنىسىدىكى «نار» بولماستىن بەلكى، ئانار سۆزىدىن تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن «نار» دۇر.
گۈلنار دىگەن سۆز «گۈلى ئانار» دىگەن سۆز دىن كەلگەن بولۇپ، تەلەپپۇزدا «ئى»، «ئا» تاۋۇشلىرىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن شەكىللەنگەن. مەسلەن، گۈلى ئانار سۆزىنىڭ ياسىلىش شەكلىگە ئۇيغۇن سۆزلەردىن «گۈلى رەيھان»، «گۈلبىنەپشە»، «گۈلسوساڭ»، «گۈلى رەنا» دىگەندەك سۆزلەر تىلىمىزدا ھازىرمۇ بار.
لەزىنە بولمىسا لەزىزە بولسا بولىدىغۇ

3- قەۋەتتىكى destinyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
غان ، قان ، گە ، كە ، دىن ، تىن دىگەندەك مەنالىرى بار.![]()
مانا مەنىسىنى بىلمەي ئىسىم قويىمەن دىگەننى .................
ماڭا قوشكىزەكلەرگە قويىدىغان ئىسىم تېپىپ بېرىڭلا
ھەدەمنىڭ بالىسىغا .
ئىككى ئوغۇل
ئىككى قىز
بىر ئوغۇل بىر قىز
لىكىن تېخى تۇغۇلمىدى
9- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى petir mantaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گۈلنار - ئانارگۈل دىگەن گەپ ھەممە گەپكە ئەرەپچىدىن مەنە ئىزدەۋەرسەڭلار شۇنداق تېتىقسىز تەرجىمە نەرسە چىقىدۇ.
لەزىنە - نى زىناقىلىشقا بولمايدۇدەپ چۈشەندۈرگەنلىكىڭلىدىن كۈلگۈم كەپ كەتتى، لازىنا بىلەن لەزىينە نىڭ پەرقى باردۇ موللىكا .
ئاخۇنكا، قېنى دەپ بېقىڭە قانداق پەرقى بار؟
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى ئېنىق بولمىغان (كۆپ كىشىلەرگە ئېنىق بولمىغان) كىشى ئىسىملىرى كۆپۈنچە ئەرەب، پارسچە بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلاردا تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئانچە - مۇنچە ئۆزگەرتىش ياسايدۇ.
«نار» دېگەن سۆزنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى بىز ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان مەنىسى «دوزاخ».
----------
لازىنا ياكى لازىنەنىڭ مەن ئۇقمىغان بىرەر مەنىسى بولسا، ئاڭلاپ باقىلى...
دىنغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق ئىدى .
موللىكا ، گۈلنار دىگەن پارسىچە ئىسىمنى ئەرەپچە ئىزاھىلىساڭلا شۇنداق تېتىقسىز مەنا يۈكلەيسىلە ،
چالاموللىكا لەزىينە دىگەن ئالماشقا \"زىنا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ\" دەپ ئۆزەڭلىچە مەنە بىرۋەتتىڭلا . بىلمىسەڭلا قوڭنى قىسقۇلۇق .
لەزىينە - ئەرەپچىدە \"كىم\" دىگەنگە ئوخشاش مەنالارنى بىلدۈردىغان ئالماشتۇر .( ئىسىم ئەمەس ئالماش .

ئەسما دېگەن ئىسىمنى قويامسىز يا غان ، قان ، گە ، كە ، دىن ، تىن دىگەندەك مەنالىرى بار. {:107:} قايسى تىلدا قويماقچى شۇنى ئېنىق دېسىڭىز .ئۆتكەندە بىر يېقىنىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نەۋرىسىگە شۇنداق ئىسىم قويماقچى بولۇپ قانداق قىلىپ بۇ ئىسىمنى تاللىغانلىقى سورالغاندا سۈرە فاتىھەدىكى «سىراتەل لەزىنە»نىڭ لەزىنەسىكەن.بۇنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى ئالماش ئىكەنلىكى ،ئادەمگە ئىسىم قىلىپ قويۇشقا مۇاپىق كەلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندا بۇ ئىسىمنى قويمىغان.
بەلكىم باشقا تىلدا ياخشى مەنىسى بولىشى مۇمكىن . ئوكيان تورىغا قارىسام ‹لەزىز› نىڭ تاتلىق، شىرىن دېگەن مەنىسى بار ئىكەن. لەزىنە مۇ مۇشۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئوغلىڭىزنىڭ ئىسمنى ياخشى تاللاپتىكەنسز، مېنىڭچە ئىسىم قۇيۇشتا چۇقۇم باشقىلار قويمىغان ئىسىمنى قويىمەن دەپ تۇرۋالماي ، مەنىسى ياخشى، چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارنى قويغان ياخشى.
yigana.yigitنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى
خۇدايىمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 4- چىسلا بىر قىز پەرزەنتلىك بولدۇم، ئەمدى ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدە لەزىنە دىگەن ئىسىمنى ئويلاشقان. لىكىن مەنىسىنى بىلەلمەي قالدۇق.
بۇ خېلى ياخشى ئىسىمكەن.
«لەزىنە» - دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «زىنا قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ خۇددى ئىنگلىزچىدىكى «No Smoking» دېگەن سۆزدەكلا تۇراقلىق سۆز.
1- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ سورىۋالاي خاليسە دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە يىزىپ قويساڭلار رەخمەت![]()
«خالىسە» دېگەن ئىسىم ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىدا «بىكارچى، بىكارلىق، ھەقسىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «خالىس» سۆزى بار، ئەمما «خالىسە» سۆزى يوق. ئۇيغۇر تىلىدىكى «خالىس» سۆزىمۇ «بىكارلىق» مەنىسىگە ئىگە.
--------
«بىكارلىق»، «زىنا قىلىشقا بولمايدۇ»... دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
يەنە تۆۋەندىكى ئىسىملار تەۋسىيە قىلىنمايدۇ:
زەكەرجان - مەنىسى ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسى
شاكىر - خۇداغا شېرىك كەلتۈرگۈچى
ئاسىيە - خائىن
ھۇمايرا - ئېشەكنىڭ بالىسى
گۈلنار - دوزاخنىڭ گۈلى
....
(تەۋسىيە قىلىنمىغان يۇقىرىقى ئىسىملارنى مەن ئۇچراتقان بولغاچقا، يېزىپ قويدۇم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر)
ئىسمىڭىز سادىقجان بولغاندىكىن ساباھەت دىگەن ئىسىمنى قۇيۇڭ يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ. ھازىر سۇمەييە ،مۇسلىمە ،مۇجاھىت دېگەن ئىسىملار مودا بوپ كەتتى ،.