بۇ ناخشا كىمدە بار (مىليون ئالىخ روز)؟
مۇنداق بىر ناخشا بار ئىدى، تەخمىنىي ئاھاڭى:
مىليونى، مىليونى، مىليونى ئالىخ روز
ئىزاكنا، ئىزاكنا، ئىزاكنا ۋىدىش تى
كتوۋليۇبلېن، كتوۋليۇبلېن، كتوۋليۇبلېن بىر نېمە...
بىر نېمە، بىر نېمە، بىر نېمە، بىر نېمە،
پرېۋراتىۋ بىر نېمە بىر نېمىتى....
----------------
ئاۋازى بوم ئەركىشى ئېيتقان ناخشىتى... خاپا بولماي بارلار يوللاپ بەرسەڭلار، رەھمەت.
18- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چايخانا - (ئۆزبىكىستان ياللا ئانسامبىلى موسكىۋا مۇزىكا فېستىۋالىدا ئورۇنلىغان) بۇ ناخشنى كىم ماڭا چۈشۈرۈپ بېرەلەيدۇ....
http://www.wisalstudio.com/uy/watch.php?id=248
مەن چۈشۈرۈپ قويغان، سىزگە قايداق بېرىمەن؟
مىلىيۇن ئەتىرگۈل دېگەن ناخشا شۇمۇ نېمە؟ تىلى رۇسچە.
دەپ بولغىچە يىزپ بولاپتىيا مەنمۇ ئاڭلاپ قوياي مەنمۇ بىر ناخشىنى ئىزدەپ يۈرگەن،بىر ھوننىڭ تېمىسىدىن پايدىلىنىپ دەۋالاي،توردىن بەك تولا ئىزدەپ كەتتىم،ئەمما قەتئىي تاپالمىدىم،تورداشلار بىر ياردەم قىلساڭلار.
تېكىستى ئانچە مۇنچە ئېسىمدە:
سېنى ئىزدەپ تاغلاردىن،سېنى ئىزدەپ باغلاردىن
مۇشۇنچىلىكلا ئېسىمدە قاپتۇ.
ئۆتكەندە بىر تويغا بارغاندا قارىسام بۇ ناخشىغا ئابدۇخالىق تۇرغۇننىڭ بىر ناخشىسىنىڭ MTVسىنى كىرىشتۈرۈپ قويۇپتۇ،تويدىن قايتىپ،ئابدۇخالىقنىڭ ھەممە ناخشىسىنى دىگۈدەك ئىزدەپ چىقتىم،ئەمما ئۇنىڭ ناخشىلېرى ئىچىدە ئىزدەۋاتقان ناخشامنى تاپالمىدىم.
مىليۇن گۈل
ئايال ئېيتقىنى
http://http://www.mp3uy.com/play_user_music.asp?id=53205
ئەر ئېيتقىنى
http://www.mp3uy.com/play_user_music.asp?id=46740
www.midomi.com ماۋۇ بەتكە كىرىپ ئىزدەيدىغان ئاھاڭنى غىڭشىپ بەرسىڭىز ھەرقانداق ناخشىنى تېپىپ بېرىدۇ، ئايفوننىڭكىدەك...
ما يەردە ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار.
مەنمۇ مۇشۇ بانادا ئىزدەۋالاي، راك مۇقامىنىڭ تەمبۇر-دۇتتار بىلەن ئورۇنلانغان مەرغۇللىرى بولسا، گاچچىدە يوللىۋەتمەمسىلەر، ئۆزھال ئەپەندىمدە بار چوقۇم!!!! مەنمۇ ئاللا پۇگاچىۋ ئېيتقىنى ، دىلناز ئەخمىدى ئېيتقىنى ،ئۆزەم ئېيتقىنىنى...دىگەنلەرنى يوللاپ قوياي دېسەم يوللىنىپ بوپتۇ . بۇ ناخشىنى تاپماق بەك ئاسان ، چۈنكى ئاللىقاچان كىلاسسىكلىشىپ خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتتى .ناخشىنىڭ گېپى بولۇپ يادىمغاكەچتى .ئاخشام قۇتياردىكىلەر ئىشخانىدىكى ئىشلارنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىدىن ئىككىنى تەرجىمە قىپ بېرىشىمنى دەپتىكەن . 15 مىنۇتنىڭ ئىچىدە غاچ-غۇچلا تەرجىمە پۈتكەن . ئەمما تىلى بەك گال چىقتى .
بىر تەنقىتلىۋېتىڭلار ئەزىزلەر ‹
1-ناخشا : كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق
Мое душе покоя нет
كۆڭلۈمنىڭ ھېچ ئارامى يوق
Мое душе покоя нет,
كۈنبۇيى كىمنىدۇر ئويلايمەن بۇندا
Весь день я жду кого-то.
ۋە چۈشلىرىمدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ
Без сна встречаю я рассвет,
ھېچكبىر كىمنىڭ يوقلىقىنى تۇيىمەن ئۇندا
И всё из-за кого-то.
ئاھ،شۇنداق بىر كىم راستلا بارمىدۇ؟
Сомною нет кого-то,
بولسا ئۇ ياق زادى نەدىدۇ؟
Ах, где найти кого-то?
ئۇنى ئىزدەپ دۇنيانى كەزسەم
Могу весь мир я обойти,
دۇنيانىڭ چېتىدە ئۇچرىشارمىزمۇ؟
Чтобы найти кого-то.
ئاھ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن
Чтобы найти кого-то.
پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ چىقاردىم
Могу весь мир я обойти.......
ئاھ ،تىلسىملىق بۈيۈك مۇھەببەت
Ой вы, хранящие любовь
ئۇنى يېنىمغا بىر كەلتۈرسەڭچۇ
Неведомые силы,
ئىسسىق مىھىرلىك ئىللىق كەپەمدە
Пусть невредим вернется вновь
ئۇنىڭ بىلەن مەن تەڭ ياشىساقچۇ
Комне мне кто-то милый.
ئەمما شۇئان يېنىمدا ھىچبىر كىشى يوق
Но нет со мной кого-то -
نىمىشقىدۇر ھەم كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق
Мне грустно отчего-то,
ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتايتتىم
Клянусь, что все бы я отдала
ئاھ شۇنداق بىر كىشى دۇنيادا بولسا
На свете для кого-то.
ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتايتتىم
На свете для кого-то
ئاھ شۇنداق بىر كىشىدۇنيادا بولسا
Клянусь, что все бы я отдала.
2. ناخشا
Песенка о погоде
ھاۋارايى ھەققىدە ناخشا
У природы нет плохой погоды,
تەبىئەت دۇنياسىدا ناچار ھاۋا يوق
Каждая погода — благодать.
ھەر بىرى بىر كۆرۈشۈش سوۋغىسى
Дождь ли, снег, любое время года
جۇدۇن ،قار يامغۇر ،مەيلى شىۋىرغان
Надо благодарно принимать.
خۇش چىراي ھەممىنى كۈتىۋالغۇسى
Отзвуки душевной непогоды,
ئۆچمەسكەن روھىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز داغ
В сердце одиночества печать
ۋە كەتمەسكەن دىلىمىزدىكى ئازابنىڭ ئىزى
И бессонниц горестные всходы
كېچىلىرى كۆزلەر ئۇيقۇدىن بىدار
Надо благодарно принимать.
ۋە لېكىن ھەممىنى كۈتىۋالغۇسى
Надо благодарно принимать.
خۇش چىراي ھەممىنى كۈتىۋالغۇسى
Смерть желаний, взгоды иль невзгоды,
ھەر ئادەمنىڭ مۇرادىغا يەتكىنى قېنى ؟
С каждым днем все непосильней кладь.
دۇنيانىڭ كىشىگە باققىنى قېنى ؟
Что тебе назначено природой,
خۇشاللىق ،خاپىلىق ،ئازاب ۋە قايغۇ
Надо благодарно принимать.
خۇش چىراي ھەممىنى كۈتىۋالغۇسى
Смену лет, закаты и восходы
زامان توختىماس ،ۋاقىت ئۇچىدۇ
И любви последней благодать,
ھامان بىر كۈنى بەخت كۈلىدۇ
Как и дату своего ухода,
ياكى يۈزلىنىپ مامات كۈنىگە
Надо благодарно принимать.
خۇش چىراي ھەممىنى كۈتىۋالغۇسى
У природы нет плохой погоды,
قاقشاۋەر تەبىئەت رەھىمسزكەن دەپ
Ход времен нельзя остановить
توختىماس نىچۈن ۋاقىتمۇ ھەم دەپ
Осень жизни, как и осень года,
كەلگەندە ئۆمۈرنىڭ كەچكۈز پەسلىگە
Надо не скорбя благославить.
پەقەتلا نادامەتتە كۈتۈۋالماق بار
Надо не скорбя благославить
خۇش چىراي ھەممىنى قوبۇل قىل پەقەت
ئاپلا ، ئىككىنچى ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئاستىغا رۇسچىسى ئۈستىگە بوپ قاپتۇ . ھازىر دەرسكە ئالدىراپ قالدىم ، قۇتياردىكىلەرگە تاپىلاپ قويۇپ دەرسكە ماڭاي ، مۇشۇ تۈپەيلى مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ھۆرمەتلەش پوزىتسىيىرىمنى تاياق توقماق ئاستىغا ئالماي تەرجىمىنى باھالىغاچ تۇرارسىلەر . كەچتە كۆرۈشەيلى . {:90:} رىتاخان،مەن رۇسچە بىلمەيمەن،شۇڭا باھالىيالمىدىم.
باشقا تىلدىكى شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىشتا قاپىيەگە كۈچىمەي ئەسلى مەنە قاتلىمىغا شۇڭغۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن،شەخسەن مەن شۇنداق قىلىمەن. نەچچە يىلار بۇرۇن «دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق» نى تەرجىمە قىلسام نەسىرگە ئايلىنىپ قاپتىكەن.
ئانا تىلدا سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقرىلارلا شېئىر تەرجىمە قىلىپ باقسا بولىدۇ،قىزىقىش،ھوزۇر ئۇ بۇ مەقسەدلەر ئۈچۈن،شەخسىي پىكىر،سىزگىلا ئەمەس.
6- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
www.midomi.com ماۋۇ بەتكە كىرىپ ئىزدەيدىغان ئاھاڭنى غىڭشىپ بەرسىڭىز ھەرقانداق ناخشىنى تېپىپ بېرىدۇ، ئايفوننىڭكىدەك...
ئېچىلمايدىغۇ باشقا ئادرىسى يوقمۇ؟
ناخشا سوراش سالونى بولۇپ كېتىپتۇ. قارمۇقنىڭ باھانىسىدا مەنمۇ سورىۋالاي:ئەينەك دەپ بىر ناخشا بولىدىغان، بىراق دىلنار ئابدۇللاھ ئېيتقىنى ۋە ياكى ئابدۇرېھىم ئېيتقىنى ئەمەس، ھېلىقى باشتا بىر ئايال ئېيتقان، شۇ ئايالنىڭكىنى تاپالماي قالدىم، بەك ئىزدىدىم، ئىنىم بىلەن ئاپام ياخشى كۆرەتتى... مەنمۇ بىر ناخشىنى يامان ئىزدىدىم،تاپالماي يۈرمەن.«مۇھەببەتلىك تىنىقلاردىن بىھۇشتىر جىسمىم،سۆيەگۈنىمنىڭ گۈلىنى پۇراپ......ئوت بولدى يۈرىكىم چىھرىڭ تەپتىدىن جىنىم،يۈرۈكىمنى تاشلىسام دەريا قاينايدۇ....ئەي يۈرىكى چوغ يىگىت چىقمامسان دەپ توۋلايدۇ...»مۇشەلىرى ئىسىمدى...ياردەم قىلساڭلا(مۇشۇ تىما سايىسىدا تېپىۋالاي بولسا)
تۈنۆگۈن بىر تاكسىدا كۆرۈپ ئەجەپ ياخشى ئېيتىپتۇ دەپ قالغانتىم.توردىن ئىزدەپ ئەمدى تىڭشاپ تۇراتتىم. ئىزدىنىشتىمۇ مۇشۇ ناخشىنىڭ گىپى بولۇپ قاپتۇغۇ. بۇ ناخشىدە سۆزلەنگەن ۋەقەلىك راست بولغان ئىش دەۋاتقانتى بىر ئاغىنەم. بۇ ناخشىنى ئېيتقان ماۋۇ ئايال ئېرلاندىيىلىك دەيدۇ. فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ھېلىن سېگاراغا بەك ئوخشايدىكەن.
زىمىستان قىشتىكى چۈش.... ئېسىل پىلاستىنكا ئىدى.....
ئەينەك نى سەنۋەر تۇرسۇن ئېيتقان..
12- قەۋەتتىكى bendoraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ناخشا سوراش سالونى بولۇپ كېتىپتۇ. قارمۇقنىڭ باھانىسىدا مەنمۇ سورىۋالاي:
ئەينەك دەپ بىر ناخشا بولىدىغان، بىراق دىلنار ئابدۇللاھ ئېيتقىنى ۋە ياكى ئابدۇرېھىم ئېيتقىنى ئەمەس، ھېلىقى باشتا بىر ئايال ئېيتقان، شۇ ئايالنىڭكىنى تاپالماي قالدىم، بەك ئىزدىدىم، ئىنىم بىلەن ئاپام ياخشى كۆرەتتى...
مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشچە،مەرھۇم شائىرىمىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرىغا،مۇزىكىنى ئابدۇرېھىم ھېيت ئىشلىگەن ھەم بۇ ناخشىنى تۇنجى بولۇپ سەھىنىدە نورنىسا ئابباس ئېتىقاندەك يادىمدا قاپتۇ،
مەن ناخشا سوراي دېسەم ھېچ يادىمدا يوق
چايخانا - (ئۆزبىكىستان ياللا ئانسامبىلى موسكىۋا مۇزىكا فېستىۋالىدا ئورۇنلىغان) بۇ ناخشنى كىم ماڭا چۈشۈرۈپ بېرەلەيدۇ....
http://www.wisalstudio.com/uy/watch.php?id=248