بۈگۈن مۇسابىقە كۆرۈدىغانلار باما؟
بۈگۈن سائەت 11:50 پۇتبول لۈكچەكلىرى تەقەززا بولۋاتقان بىر مەيدان دەھشەت ،ۋەھشى قىزىيدىغان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلماقچى يەنى بىرلەشمە باشلىنىپ ئۇدە ئۇتتۇرماي كىلۋاتقان بارسىلونا بىلەن مادىرىد كومادىسى ئوتتۇرسىدا
بۇ ئىككىسىنىڭ مۇسابىقىسى توغۇرلۇق جىق سۆزلىمىسەممۇ پۇتبول لۈكچەكلىرگە ئايان ھەممىسى
يەنە بىر يامان ئەمەس قىززىپ قويىدىغان مۇسابىقە با تېخى ئۇ بولسىمۇ قىزىل مىلەن بىلەن كۆك مىلەن ئوتتۇرسىدىكى مىلەن دىبىىريىسى.ھەرئىككىلىسى بۇيىل ساتىدىغاننى سىتىپ تازلايدىغاننى تازلاپ ئادەم تونۇغىلى بولممايدىغان سەپ شەكلى بىلەن مەيدانغا چىقماقچى،قىزىل مىلەننىڭ بىرلەشمە باشلىنىپ ئىپادىسى ياخشى ئەمەس،كۆك مىلەن بولسا ھەر ھالىدا يامان ئەمەس ئويناۋاتىدۇ .
ئەمما مىلەن دىبىريىسىنىڭمۇ جەلىپ قىلىش دەرجىسى يەنلا يۇقىرى ئورۇندا
ھە راسىت بۇلارنىڭ مۇسابىقىسى 12:45 تە (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
كۆرۈمىز، چوقۇم دەھشەت قىزىيدۇ قايسى قانالدا قويىدۇ ئاداش؟{:90:} قېنى ما قۇياش ئوغلى، مانداق مۇسابىقىلەر توغرىلىق مۇلاھىزىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ نىمە ؟
بۈگۈن كېچە ئۇخلىمايدىغانلار چاينى ياكى قەھۋەنى قېنىق دەملىۋېلىپ بىللە كۆرمەمدۇق ، مۇنبەردە بىر ئۇلاپ پارچىلاپ تارقىتىپ باقايلى بۇ ئەسىر دېربىسىنى ، ھە راسىت ئېنىقلىقى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ راۋانراق بىر تور تىلۋىزىيىسىنى تەۋىسىيە قىلىڭلارچۇ ،سىمسىز 3G توردا كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، بىزنىڭ شەيتان ساندۇقتىن بەسەيچە چىقمايدىغان بولۇۋالدى... كۆرەيمىكى، خېلى بولاپتۇ 10 بولماستىلا ئۇخلاۋاتقىلى 221مەيدان ئەسىر جىڭىدە بارسىلونا 87مەيدان غەلبە، 46مەيدان تەڭلىشىش، 88مەيدان ئۇتتۇرش، ئەگەر بۇگۇن بارسىلونا يەڭسە، بۇ ئىككەيلەننىڭ نەتىجىسى تەپمۇ تەڭ بۇلۇدۇ.
لىكىن بارسلونانىڭ ئارقى سەپ چاتاق، پىك ، پۇيۇللار يارلىنىپ ھازىر ئارقى بەلنى سۆرەپ بىك قىلىپ تۇرغۇزۋاتىدۇ، پىك بۇگۇن مەيدانغا چىقالامدۇ يوق تىخى ئىنىق ئەمەس
5- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قېنى ما قۇياش ئوغلى، مانداق مۇسابىقىلەر توغرىلىق مۇلاھىزىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ نىمە ؟
بۈگۈن كېچە ئۇخلىمايدىغانلار چاينى ياكى قەھۋەنى قېنىق دەملىۋېلىپ بىللە كۆرمەمدۇق ، مۇنبەردە بىر ئۇلاپ پارچىلاپ تارقىتىپ باقايلى بۇ ئەسىر دېربىسىنى ، ھە راسىت ئېنىقلىقى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ راۋانراق بىر تور تىلۋىزىيىسىنى تەۋىسىيە قىلىڭلارچۇ ،سىمسىز 3G توردا كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، بىزنىڭ شەيتان ساندۇقتىن بەسەيچە چىقمايدىغان بولۇۋالدى...
كۆرۈش ئادىرىسى مانا
http://www.rmfans.cn/news/2012-10-05/13273.html
مەركەزنىڭ 5-قانىلدا خەنلەرنىڭ تىلىدا چۈشەندۈرۈش بار،ئەمما سۈزۈك ئەمەس،
(sopcast)قانىلىدا فەچەت سۈزۈك ئەمما ئىسپان تىلدا
http://v.pptv.com/show/YDOaGIDmVpT3dd0.html
ماۋۇ قانالدا راۋان
بارسىلونانىڭ مۇداپىيەسى چاتاقتەك تۇرىدۇ،پىك ،پۇيۇل،دىياگو قاتارلىقلار چىقالمايدىكەن(يارلىنىش سەۋەبىدىن)بارسلونا ئارقا بەل ئوينايدىغانلارنى مۇداپىيەچى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى
مادىردىدىن ھەممىسى تولۇق
بىچارە پۇيۇلنىڭ قۇلى دەھشەت سەت يارلاندى،شۇكۈندىكى مۇسابىقىنى كۆرۈپ بىر خىللا بولۇپ قالدىم،ئەمدى قاچان مۇسابىقىگە چۈشەلەركىن تاڭ.
لېكىن مەن مادرىد مەستانىسى مادرىتنىڭ ئۇتىشىنى ئۈمد قىلىمەن. كېيىن قاپتىمەن،ئورۇن بېرىڭلار،پوش. بۈگۈنكى مۇسابىقىدىن ئالدىن پەرەز قىپ باقمامدۇق باللار؟ كىم مەن بىلەن مۇسابىقە كۆرىدۇ؟ ئەپسۇس.
خەتەرلىك 23 - مىنۇتتا غ .رونالدو چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزدى ، تاس قالدى ئىككى مىنۇت ئۆتمەي مادرىديەنە بىر توپ كىرگۈزگىلى ، باشتا مادرىت بېسىپ كەتكەن، پاسلىرىمۇ بەك ئېسىل بولىۋاتاتتى، 10 مىنۇتتىن كىيىن مادرىدنىڭ ماسلىشىشىدا چاتاق كۆرۈلۈپ بىرنى ئىستىمال قىلىۋالدى ، يىمەيدىغان توپتى ئەسلى...بۈرگە ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان بارسانىڭ تىك تاك پاسلىرى بىلەن ئاياغلاشتى...
مەن ھىچنىمىدىن ئەنسىرىمەيمەن، مۇشۇ كاسىللاسنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىدىن ئەنسىرەيمەن...
رونالدو شۇنداق قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان كىلاسكودا توپ ئۇردىمىسسىمۇ بوش كەلمەي كىلاسودا ئۇرغان توپ سانى رائۇلدىن ئىشىپ كەتتى مەن شۇنى ھىس قىلىپ قالدىم ، بارسانىڭ ئوڭ قانىتىدا ھۇجۇم كۈچلۈك بولغىنى بىلەن مۇداپىئەدە ئېغىر يۇچۇق باركەن، شۇڭا باشتىلا مارسىلونىڭ ھۇجۇم تەشكىللىشى باشقىچە راۋان بولغان ئىدى ، بىراق كىيىنكى 20 مىنۇتتا مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى يوقنىڭ ھىسابىدا بولۇپ قالدى ، بارسا بىر دۇمبالىغىلى تۇرۇپتى بىچارىلەر تاس قالدى چېلسىنىڭ كۈنىگە قالغىلى ، بىراق تەلەي چېلسىغا كەلگەندەك كېلىۋەرمەيدىدە؟
كېيىنكى يېرىم مەيداندا مادرىتنىڭ چاقماقتەك قايتۇرما ھۇجۇملىرىنى كۆرسەم دەيمەن.
ھە راست كاكا زاپاس تىزىملىكتە بارمىكەن؟ مۇشۇ بالىنىڭ پاسلىرى چىرايلىقلىشىپ كىتبارىدۇ جۇمۇ يېقىننىڭياغى... مۇسابىقە ئاخىرلاشتى
نەتىجە 2-2
رونالدۇ ،مىسسىلار ھەرئىككىلىسى ئىككىدىن توپ سالدى
ئەسلى يىگىۋايىن ۋە بىنزىمالارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسا ئۈچ نومۇرنى تولۇق ئىلىپ قايىتقىلى بولاكەن نوكەمپودىن
5- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قېنى ما قۇياش ئوغلى، مانداق مۇسابىقىلەر توغرىلىق مۇلاھىزىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ نىمە ؟
بۈگۈن كېچە ئۇخلىمايدىغانلار چاينى ياكى قەھۋەنى قېنىق دەملىۋېلىپ بىللە كۆرمەمدۇق ، مۇنبەردە بىر ئۇلاپ پارچىلاپ تارقىتىپ باقايلى بۇ ئەسىر دېربىسىنى ، ھە راسىت ئېنىقلىقى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ راۋانراق بىر تور تىلۋىزىيىسىنى تەۋىسىيە قىلىڭلارچۇ ،سىمسىز 3G توردا كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، بىزنىڭ شەيتان ساندۇقتىن بەسەيچە چىقمايدىغان بولۇۋالدى...
بىر ئاغىنەمگە بىرئاي بۇرۇن قولداش بولۇشقا ماقۇل دەپ قويۇپتىكەنمەن. ئۆزەمنىڭ تويىغا رېپىتىتسىيە بوپ قالسۇن دەپ. ئاخشام شۇ رېستۇراندىن چىقىپ ئاغىنە بالىلارنى جاي-جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇھ دىگۈچە سائەت 1 بىر بوپتۇ.
بايا توردىن كۆرۈپ چىقتىم.
ئىنتايىن قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بوپتۇ. مادرىد بارسىلونانىڭ مەيدانىدا ئىككى توپ ئۇرۇپتۇ. رونالدو ئىككىنى، مىسسىمۇ ئىككىنى ئۇرۇپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. رونالدو مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇدا بەش مەيدان نوكامپودا توپ ئۇردى. مىسسىمۇ ئەڭ ئاجىز دەپ قارالغان ئىختىيارى توپتا ناھايتىمۇ چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزۈپتۇ. بېنزىما سەل شاش ئوينىغان بولسا مادرىد ئالاركەن ئۈچ نۇمۇرنى. پۇيۇل بىلەن پىك يوق بارسىلوناغا خېلى بىسىم بولغان چېغى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەقىقىتەنەن رونالدو بىلەن مىسسىنىڭ دېربىسى بولدى. شۇنداقلا بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىدىن قىلىشمايدىغان پۇتبول شاھى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مىنىڭچە بۇ مۇسابىقىدىن مادرىد، بارسىلونا مەستانىلېرى ئوخشاش رازى بولدى...
مۇسابىقىنى كۆرەلمىگەن تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىپ سۈزۈك نۇسىخسنى چۇشۇرۇپ كۆرۇڭلارhttp://kino421.com/?p=428