kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 09:24:59

قوناقتىن ھوسۇل ئالدۇق (كۈۋرۈك)

بۇ يىل قوناق تەرگىنىمىز ياخشى بوپتۇ ئىتىزغا، قوناق بەك  ئوخشىدى ،قۇناقنىڭ كىلوسى ھازىر ئىككى سومغا چىقتى قۇناقنىڭ يىرىمىنى ساتتۇق دادام قۇناق ساتقان كوندىن باشلاپ بەك خۇشال  بەك خۇشخۇي   خۇدايىم بويرىسا يەنە ئورلەيدۇ دەپ .


قىشىشىچە سۇققان پىلان بۇيىچە بىر دانە ماشىنا سىتىۋالدۇق ؟قانداق ماشىنا سىتىۋالدىڭلار دەيسىلەر بەلكىم كۇمۇش رەڭلىك كەينى بار شىيالىي سىتىۋالدۇق ،بىز تەرەپلەردە بۇنداق قۇيرىقى بار شىيالىينى<< شىيالىي ۋاڭ >>دەپ قويىدۇ .ماشىننى مەن ھەيدەيدىغان بۇلدۇم چۇنكى مەندە كىچىك ماشىننىڭ  پىراۋىسى  بار ئاكامدا تىرەكتۇرنىڭ پىراۋىسى بار بۇلمىسا بۇ شىيالىي ۋاڭ ھەرگىزمۇ سىيىتەكتىن ماڭا ئاشمايىتتى ،بۇمۇ مىنىڭ ۋە پەرىنىڭ تەلىيى .


شالىي ۋاڭنى ئالغان كوننىڭ ئەتىسىلا شەھەرگە ئەكىرىپ ئىچىنى زىننەتلىدىم ،ۋە ماشىنىغا DWDئورناتتىم ۋە قىزىل بايراق ئون -سىن دۇكىنىغا بىرىپ DWDدەيدىن تۇشاق ئالدۇق يانچۇقتا قۇناق ساتقان پۇل بۇلغاندىن كىيىن


دادامغا <ئاھ ھىكىم >دىگەن ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ،ئاپامغا سەنەۋەرنىڭ <<يۇللۇغۇم >><<سىغىنىش كويى>>دىگەن ناخشىلىرىنى ئاكام سىتەككە <ئامرىكا ئورۇش فىلىملىرى >دىگەن دەينى ئالدىم پەرى تۇركچە ۋە ئوزبەكچە ناخشىلار دەيلەرنى ئالدى ،ئاندىن زىيادەنىڭ ناخشىلىرىنى قويۇپ شەھەردىن يىزىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ،بىزنىڭ پەرى زىيادەنىڭ ناخشىلىرىغا بەك ئامراق بارغىچە زىيادىنىڭ كەينىدىن تەڭ غىىڭىشىپ لەرزان لىڭىشىپ چىقتى ئادەمنىڭ غىدىغىنى  كەلتۇرۇپ خۇددى چولپانلاردەك،،ئوخشاپ كىتىدىچۇ ،،قارىۋايلىقى <<زىيادە>> بىلەن <<يۇلتۇز>> خانغا .


دادامغا بولوپ بەردى بۇ <<شالىي ۋاڭ >>ھىلى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ كەل دىسە ھىلى بۇ يەرگە ،مەنمۇ ماقۇل دەپ ماڭىۋەردىم ماينى دادام قۇيغاندىن كىيىن دەپ 100كۇيلوق ماينى ئىككى كۇندە تۇگىتىۋىتىپ ئانچە ماڭماس بولوپ قالدى ،ۋۇي بۇ ماشىننى ماي يىمەيدۇ دەۋاتقان يەيدىكەنغۇ دەپ غودوڭشىپ ماي قاچىلىغىچە دادام.


ئوتكەندە شەھەرگە كىرىۋىتىپ DWDدىن ناخشا ئاڭلاپ زىرىكتىمۇ ۋۇي كوۋرۇك  بۇ تىلىۋزۇردا خەۋەر بەرمەمدۇ دەيدۇ، بەرمەيدۇ دادا ھازىر خەۋەر بىردىغانلار قۇناق يىغىۋاتىدۇ دەپ چاخچاق قىلىپ قويدۇم .


ماشىنا ئىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن شەھەرگە كىرىپ قالدۇق دادام بىلەن .قىزىل بايراق ئالدىدا ماشىننى توختىپ قۈيۈپ تاماق يەپ چىقىپ ماڭساق بىر بالا كىلىپ ئۇچ سوم تولەيسىلەر دەيدۇ .مەن ئۇ بالىغا ئۈچ سۇم بىرىۋاتسام دادام نىمىگە پۇل بىرىسەن تۇنۇمايدىغان ئادەمگە ئۇ دىۋانە بۇلمىسا يا دەيدۇ .ماشىنغا قاراش ھەققى دىسەم دادام ماشىندىن سەكرەپ چۇشۇپ ئۇ بالا بىلەن سۇقۇشۇپ كەتتى ئادەمنى خىجىل قىلىپ


دادام :ۋۇي سەن قارىمىساڭ كوپ كوندۇزدە بىزنىڭ بۇ ماشىننى ئۇغرى ئەكىتەمتى ؟ھە!


قانداق خەق بۇ شەلىك دىگەن بىزنىڭ سەھرالاردا خەقنىڭ ئىشەك ھارۋۇسى خەقنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى دەرەخقە بىر كون باغلاقلىق تۇرىدۇ ئىشەك چىچىپ دەرەخنى غاجاپ ئۇخشتىدۇ بىر تىيىن پۇل ئالمايدۇ سەن خەق يۇغان مەيداندا بىر سائەت توختىغان ماشىندىن ئوچ سۇم ئالىسەنكىنا ..مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا تىلفۇن قىلىمەن دەپ تۇرۋىلىپ دادام تىلىۋزۇردىن كورىۋالغىنى بۇيىچە ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دىگىنى بىلىسكە كاشكى بۇ چۇپەي قىرى ...


ئوتكەندە   دادام   مەن پەرى ،سىيتەك، پاتى ساراڭ ۋە پاتى ساراڭنىڭ كىچىك ئۇغلى ئوبۇل قارۋاي قاتارلىقلار بىلەن چىڭسىخۇزۇغا تۇققانلارنىڭ ئۇيىگە ماڭدۇق شالىي ۋاڭغا قىسىتىلىپ ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرە كىرمەي قاتناش ساقچىسى تۇتىۋالدى نىمە دىسەك ئادەمنى ئۇشۇق بىسىپسىلەر دەپ كىم ئۇشۇق ئىكەن دىسەك بىلال قارۋاينى كورستىپ ماۋۇ بالا ئوشوق ئىكەن دىگەن دادام 200سوم جىرىماننى تۇلىگىچە  پاتى ساراڭنى تازا تىللىدى پاتى ساراڭنىڭ بۇ قارۋىيى پىلاندىن ئوشوق تۇغۇلغان دەپ 5000سۇم جىرىمانە قۇيغاندا دادام مۇشۇنداق تىللاپ جىرىمانە تۇلىگەن ئىدى  .ئۇبۇل قارۋاي قورقۇپ يىغلاپ كەتكەن دادام نەۋرىسىگە چىدىماي پاتى ساراڭنى تىللاشتىن تۇختاپ ئوبولنى ئەركىلىتىپ كەتتى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئادىتىپ .(چۇنكى ئۇبۇل قارۋاي بەك ئۇماق ،پەرى جىملا تۇرىدۇ قىسىر بولوپ قالغان قويدەك )


شەھەردىن چىقىشىمىزغىلا ھەق ئىلىشى ئۇرنىغا كەلدۇق قارىسام دادام ئۇخلاپ قاپتۇ ،مەن يانچۇقۇمدىكى ئەللىك سوم پۇلنى تۇلىسەم پۇل ئالىدىغان خەنسۇ قىز ماڭا 40سۇم قايتۇرۋاتقان ۋاقىتتا دادام ئويغۇنۇپ كەتتى ۋە قولومدىكى پۇلغا قاراپ نىمە ئىشى بۇلدى دىگەن مەن دادامنىڭ قان بىسىمى ئۇرلەپ كەتمىسۇن دەپ ۋاي دادا مۇنۇ يەردە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە 40سۇم بىردىكەن شۇ پۇلنى ئىلىۋاتىمەن دىسەم دادام ھەجەپ ياخشى ئىكەن دەپ خۇشال بۇلوپ خاتىرجەم ئوخلاپ قالدى

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 20:10:42


2- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماشىنىغا ئارتۇق سىلۋالغان قارۋاي جىيەنىڭنىڭ ئىسمىنى بىردەم ئوبۇل بىردەم بىلال دەيسەنغۇ؟


--پاتى ساراڭ نەسىللىك ئالبان ئوچكىسىدەك تۇغىۋەردى ،بىرسىنىڭ ئىسمى ئۇبۇل ،بىرسىنىڭ ئىسمى بىلال ،يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى ھىلال،،،دىگەندەك ئالماشتۇرۇپ قۇيىمەن ئۇ قارۋايلارنى ،،،\"\"


shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 21:06:07

پۇچەك ئىملا بىلەن تېما يازىدىغان ئەزالاردىن پەقەت سىزنىڭلا تېمىڭىزنى ئوقۇپ، ئەلا باھالاپ كېتىمەن، كۈلكەمنى توختىتالماي. ئىچ-ئىچىڭىزگە بىر خىل يۇمۇرلۇق تۇيغۇ ئورنىشىپ كەتكەنىكەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 10:13:03

قوناقنى يىغىپ قۇرۇتۇپ دېنىنى ئايرىپ بولدۇڭلارما، نىمانداق تىز

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 10:20:35

ماشىنىغا ئارتۇق سىلۋالغان قارۋاي جىيەنىڭنىڭ ئىسمىنى بىردەم ئوبۇل بىردەم بىلال دەيسەنغۇ

ئۆتكەندە قوناق ساتسام بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار ھەيدەيدىغان مۇسۇلمانچە چىرۇي ئالىمەن دىگەندەك قىلۋاتاتىڭ پەرى قوشۇلماپتۇ دە؟

yalqin bulut يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 10:46:44

.(چۇنكى ئۇبۇل قارۋاي بەك ئۇماق ،پەرى جىملا تۇرىدۇ قىسىر بولوپ قالغان قويدەك )

.........................................................................................................................





ئەلا،،،ئوزەڭ كىچىك ۋاقتىڭدا قومنى جىق ئويناۋىتىپ بەزى يەرلەر قۇمغا توشۇپ كەتمىگەندۇ\"\" ئوزەڭنى ئوبدان تەكشۇرتۇپ باقساڭ بولامىكى،

ئوتكەندە مۇنبەردە پەرىدىن بىرسى پەيدا بوپ قالغانتى،پەرىنى ئىككى قىلىۋالمىغانسەن

  {:92:}

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 10:57:10

شاخنى ماڭا سېتىپ بىرەمسە؟ سىلوس قىپ قوياي قىشىنچە بوردايدىغان ماللارغا \"\"

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 10:59:41

سەنغۇ قوناقنى يىغىۋاپسەن بۇرادەر،ماۋۇ خوتەننىڭ تەۋەككۇل دېگەن يىرىدە پىشاي دەپ قالغان قوناقلارنى،كۈزگە تېرىيسەن دەپ مەجبۇرى ئورۇغۇزۋىتىپتۇ.ئاخشام مەن تۇرغان شەھەردىكى كاۋاپچى ئاكاش،ئايالىدىن ئاڭلىغان بۇ خەۋەرنى دەپ دەپ بەكلا روھى چۈشۈپ كەتتى.بۇ ئادەم شۇ 3 مو يار بىلەن ئائىلىنى قامداپ بولالمىغاچ،ساتىدىغان كالا- قوي بارمۇ،بەرىنى سېتىپ،مۇشۇ ۋېنجۇنىڭ بىر ناھىيە بازىرىدا،يەنە بىر خوتەنلىكتىن كاۋاپ ئورنىنى70مىڭ سۇمغا سېتىۋىلىپ،ياخشىراق كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىكچىلىك كىلىۋاتىدۇ،سودىسى بايراملاردا 1000 سۇمدىن ئاشسا،ئادەتتە كۈچەپ كەتسە 600 سۇمغا بارىدۇ،بۇ بىچارە دىخاننىڭ قېشىغا ،ئاخشام كاۋاپ يىگىلى بېرىپ،شۇ قايغۇسىغا ئورتاق بوپ قالدىم،كۆز ئالدىمغا شۇ زامان باقى كەلدى،ھەي دىخانلىرىمىزنىڭ ئىشىنى ئاللاھ ئاسان قىلسۇن.شۇ يەرلىكتىكى؟؟؟؟؟؟؟؟؟باشلىقلارنىڭ مۇشۇنداق مۇناپىقلارچە نۇمۇسىسىز قىلمىشلىرى ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان غەزىپىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ خالاس.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 11:03:53

سەندە كېسەل كۇچ جۇما ئۇكەم، ماۋۇ DWD دىگىنىڭ قانداق نەرسىدۇ ئەمدى؟ يېڭى چىققان ئۈسكىنە ئوخشىمامدۇ؟سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دەپ پاتى ساراڭنىڭ ساراڭلىقى ساڭا يۇقۇپ يۈرمىسۇن يەنە دىققەت قىل، بۇنىڭدىن كىيىن ماشىنىغا ئارتۇق ئادەم سالما، ياكى بولمىسا پەيتىنى تاللاپ تۇرۇپ پاتى ساراڭنى ماشىناڭنىڭ قۇيرۇقىدىكى ساندۇققا سېلىپ ئۆتۈپ كېتەرسەن تەكشۈرۈش پونكىتىدىن

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 11:09:45

بىر يېششىك چىلانغا بىر خالتا قوناق تىگىشەمدۇق! سىلەر تەرەپنىڭ قونىغى قانداقكەن دادام ئاپاملار بىر باھالاپ باقسىمۇ بوپتىكەن \"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 11:51:14

قوناقنى يىغىپ بولۇپ توي قىلىمەن دەۋاتمامتىڭ؟ تويۇڭنى قىلىپ بولۇپ قونۇقۇڭنى يىغىپسەن-دە....

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 13:59:48

8- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوناقنى يىغىپ بولۇپ توي قىلىمەن دەۋاتمامتىڭ؟ تويۇڭنى قىلىپ بولۇپ قونۇقۇڭنى يىغىپسەن-دە....


بۇ ئۇكىمىز دادىسىنىڭ بشىنى ئاعرىتىۋەرگەن گەپ.




loituma يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 15:46:58

5- قەۋەتتىكى esiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەنغۇ قوناقنى يىغىۋاپسەن بۇرادەر،ماۋۇ خوتەننىڭ تەۋەككۇل دېگەن يىرىدە پىشاي دەپ قالغان قوناقلارنى،كۈزگە تېرىيسەن دەپ مەجبۇرى ئورۇغۇزۋىتىپتۇ.ئاخشام مەن تۇرغان شەھەردىكى كاۋاپچى ئاكاش،ئايالىدىن ئاڭلىغان بۇ خەۋەرنى دەپ دەپ بەكلا روھى چۈشۈپ كەتتى.بۇ ئادەم شۇ 3 مو يار بىلەن ئائىلىنى قامداپ بولالمىغاچ،ساتىدىغان كالا- قوي بارمۇ،بەرىنى سېتىپ،مۇشۇ ۋېنجۇنىڭ بىر ناھىيە بازىرىدا،يەنە بىر خوتەنلىكتىن كاۋاپ ئورنىنى70مىڭ سۇمغا سېتىۋىلىپ،ياخشىراق كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىكچىلىك كىلىۋاتىدۇ،سودىسى بايراملاردا 1000 سۇمدىن ئاشسا،ئادەتتە كۈچەپ كەتسە 600 سۇمغا بارىدۇ،بۇ بىچارە دىخاننىڭ قېشىغا ،ئاخشام كاۋاپ يىگىلى بېرىپ،شۇ قايغۇسىغا ئورتاق بوپ قالدىم،كۆز ئالدىمغا شۇ زامان باقى كەلدى،ھەي دىخانلىرىمىزنىڭ ئىشىنى ئاللاھ ئاسان قىلسۇن.شۇ يەرلىكتىكى؟؟؟؟؟؟؟؟؟باشلىقلارنىڭ مۇشۇنداق مۇناپىقلارچە نۇمۇسىسىز قىلمىشلىرى ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان غەزىپىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ خالاس.


؟؟؟؟؟؟؟ گۇيلا تېخىيچە قىلدىغاننى قىلىپ يۈرۈپتۈدە.نىمە قىلىدۇ دەيمە ھوسۇل بىرەي دىگەن نىمنى يۇلغۇزۇپ باشقا نەرسە تېرىش دەپ زادى بىر يېرى كۈپىدۇ بۇ گۇيلارنىڭ.يۇقىرىغا ئەرز قىلسا يەرلىك ئورۇندىن تۇتۇپ سولاپ قويغان قىلمىسا مۇشۇنداق زىيان چىققان....ھازىرغىچە ئازاد بولمىغان يەردەك خالىغان بىر نەرسە تېرىغىلى قويمىغان چەتئەلدە كىم باي؟ دىخان باي .بىزدە كىم نامرات دىخان......

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 15:53:20

بىزنىڭ مەھەللىدە پىشمىغان قۇناقنى يۇلدۇرۇۋەتتى.ئەمما يەرنىڭ ئوسىسى يوق تېرىيالمايۋاتىمىز.قۇناقنى يۇلدۇرۇۋەتكەن غۇجاملار يەرنى ئوسا قىلىدىغانغا سۇ تېپىپ بىرەلمىدى.

nopano يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 16:28:15

ئۇزاق بوپتىكەن گۈزەل تېمىلارنى ئوقىمىغىلى ، رەخمەت !

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 16:59:48

نەدىكىنا ھازىر كىلوسى ئىككى كويلوق قوناق قارىغانداماۋۇ گاداينىڭ قوناقلىرى زاپەر ئوخشايدۇ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 17:06:19

مۇنبەردە فىودالىزىم تىرىلىپ قالامدۇ نىمە؟پومىچىكتىن بىرى پەيدا بۇپتۇيا.  {:92:}

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 21:10:58

ئۇ قوناقلارنى پۇشۇرۇپ دانىلاپ ساتقان گەپ بىر دانىسنى ئىككى كويدىن.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 23:15:28

ئۇكام، ئىملايىڭنى توغرىلىغان بولساڭ تېخىمۇ ئامراق بوپكېتەتتىم-دە ساڭا.

«قوناقنى سېتىپ توي قىلىمەن» دېگەن جۈملەڭنى ئۇنتالمىدىم،بەلكىم چاقچاق گەپتۇ،لېكىن شۇنداق ھالەتتىكى سانسىز ئىنىلىرىم يادىمغا كەچكەن شۇ گېپىڭ بىلەن.

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 10:55:35

ئوماق شۇم...............
بەت: [1] 2
: قوناقتىن ھوسۇل ئالدۇق (كۈۋرۈك)