enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 17:26:17

مويەننىڭ ئىككى ھېكايىسى[تەرجىمە]

مو يەن


يازغۇچى مويەن، 1955- يىلى 17- فېۋرال شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى گۇەن مويې بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى. شياڭگاڭ گۇڭكەي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەخرىي ئەدەبىيات دوكتۇرى، چىڭداۋ پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسورى. ئۇ 1980- يىلىدىن كېيىن بىر يۈرۈش سەھرا تېمىسىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلۇپ «يۇرتىنى ئەسلەش»،« يۇرتىدىن ئاغرىنىش»تەك مۇرەككەپ ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، « يىلتىزىنى ئىزدەش» تىپىدىكى يازغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لاتىن ئامېرىكا ئەدەبىياتى سېھرىي رىيالىزىمىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شەندۇڭ گاۋمى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمال يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار رىۋايەتسىمان ۋەقەلەرنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يازغان. مويەن ئۆز ھېكايە- رومانلىرىدا ئۆزگىچە بولغان سوبېكتىپ دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۇلدۇل سامادا ئۈزگەندەك ئەركىن بايان قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، سىرلىق، تەجرىبىدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ دۇنيانى يارىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رۆشەن دەرىجىدە ئاۋانگارتلىق ئۇسلۇبقا ئىگە. ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ «20- ئەسىردىكى خەنزۇچە 100كۈچلۈك رومان»، «ئاۋام ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»، «دىڭجۈن قوش يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى»،« سۇڭفۇگاڭ ئاسىيا مەدەنىيەت مۇكاپاتى» ۋە  2011- يىلى 8- ئايدا، «پاقا» ناملىق رومانى بىلەن 8- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


  ئۇنىڭ ۋەكىللىك رومانلىرىدىن «قىزىل قوناقلىقتا»(بۇ رومانغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈلۈپ، مەشھۇر كىنو رېژېسورى جاڭ يىمو رېجىسورلىقىنى قىلغان شۇ ناملىق ھېكايە فىلىم 38- نۆۋەتلىك بېرلىن كىنو فېستىۋالى مۈشۈك ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ، «ئاق سەندەل جازاسى»، « تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا»، «مەي دۆلىتى»،« ھايات- ماماتلىق چارچاش»، «پاقا» قاتارلىقلار بار.


  تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ يېقىندا يازغان ئىككى ھېكايىسىنى تونۇشتۇردۇق.


                                           ــــــــ تەرجىماندىن



ئىككى ھېكايە


ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى



مۇنچا



  كىيىم ئىشكابىنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچ بېغىنى بېغىشىمغا ئۆتكۈزەي دەپ تۇراتتىم. بىرسى پاققىدە قىلىپ ئوڭ مۈرەمگە ئۇردى.


-     بۇرادەر، سەن چوقۇم مېنى تونىمىدىڭ!- دېدى ئۇ.


قارىسام تاقىر باش، يۇندا كۆز، شوخلا بۇرۇن، ئىككى تال يالغان چىشى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، بويۇن تېرىلىرى ساڭگىلاپ گېنېرالچە قورساق سالغان، ھېلىقى بىر نېمىسى سالپايغان، ئىنچىكە ئەگرى پاچاق ئادەمكەن.


-     سەن چوقۇم مېنى تونىمىدىڭ، بۇرادەر، ئېسىڭگە ئېلىپ باقە!


  مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىماقچى بولدۇم-يۇ، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم.


  - ئا بىر نېمەڭنى لۆڭگە بىلەن ياپ، بولمىسا تونىيالمايدىكەنمەن،ـ دېدىم مەن.


  ئۇ كۈلدى، ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلگەن شياۋلىياۋمۇ كۈلدى. ئۇ لۆڭگە بىلەن ئاستى تەرىپىنى ياپقاچ كۈلۈپ كېتىپ:


  - ئەمدى تونىيالىدىڭمۇ؟-دەپ سورىدى.


  ئۇنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارىدىم، 30 نەچچە يىل ئالدىدىكى بىر ياش بالىنىڭ چىرايى ئۇنىڭ قېرى چىرايىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ چىقتى.


-     دۇڭ جياپۇ!- توۋلىۋەتتىم مەن.


-     بۇرادەر، كۆرۈشمىگىلى 38 يىل بوپتۇ!


   دۇڭ جياپۇ مېنىڭ پاختا زاۋۇتتا ئىشلىگەن ۋاختىمدىكى ئىشدىشىم ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ رەسمىي ئىشچى، مەن ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ سالاھىيىتىمىز كەسكىن پەرقلىنەتتى. لېكىن ئۇ ئاتىكاچىلىق قىلماي مەن بىلەن ئاغىينە بولغان ئىدى. ئۇ جى فامىلىلىك بىر قىز بىلەن پاختا دۆۋىسى ئىچىدە يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا مەن تاسادىپ كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۇ ماڭا بىر قاپ تاماكا بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشۈنۈپ ئۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغان ئىدىم. مەن ئەسكەرلىككە ئۆتۈپ پاختا زاۋۇتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇ يەنە بىر قاپ تاماكا بىلەن مېنى ئۇزىتىپ، ئىستىقبالىمنىڭ پارلاق بولىشىنى تىلىگەن ئىدى.


  ئۇ بېلىدىكى لۆڭگىنى ئېلىۋېتىپ سول قولىدا ئۇنى سۆرەپ، ئوڭ قولىدا بېغىشىمنى چىڭ تۇتقان ھالدا قىزىق ھور ئۆرلەپ تۇرغان سۇنى شالاپشىتىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى.


-     بۇرادەرلەر، قاراڭلار كىم كەپتۇ؟!- دېدى ئۇ.


  سۇ كۆلچىكىنىڭ كۆلىمى ئادەمنى بىرئاز ئەنسىرىتەتتى، كۆلچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى فونتاندىن سۇ ھەرخىل شەكىلدە ئېتىلىپ چىقاتتى. مەن جىنەندىكى ئارشاڭ بۇلاقنى، يەنە يۇەنمىڭ بېغى ئىچىدىكى داڭقان مۇنچىنى ئېسىمگە ئالدىم. سۇ پۇرقۇپ چىقىرىدىغان داڭقان مۇنچا بىلەن بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى تەڭلا كۆيۈپ ھالاك بولغان ئىدى. قەدىمقى رىمنىڭ كۆرۈنىشى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولغان مۇنچا خارابىسىمۇ ئادەمگە ئەينى دەۋردىكى سەلتەنەتتىن ئۇچۇر بېرەتتى.  كۆلچەكنىڭ يان قىرغىقىدا 10 نەچچە باش تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ بىز تەرەپكە قارىدى.


-     يازغۇچى!


-     بۇرادەرلەر!


-     كېلە، كېلە!


   سۇنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇردۇم. سۇ بىرئاز قىزىق بولۇپ تېرەمنى ئېچىشتۇرۇپ كۆيدۈرەتتى. چىدىدىم. مېنىڭ « قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش» دېگەن نەسىرىمنى كۆرگەن بۇرادەرلەر چوقۇم مېنىڭ 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى ناھىيە مۇنچىسىنى تەسۋىرلەپ يازغىنىمنى ئەسلىيەلەيتتى.


  مەن ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقاندا سۇدىن بولدۇق- بۇلدۇق قىلغان ئاۋاز چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىر- بىرلەپ توۋلاپ بىرسىدىمۇ خاتالاشمىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاختا زاۋۇتتىكى ئىشداشلىرىم بولۇپ ھەممىسى دېگۈدەك سەمرىپ قورساق سالغان ئىدى. مەن ئۆزەمنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم، ئۇلار ئەلۋەتتە مېنىڭ نېمىگە كۈلگىنىمنى بىلمەيتتى.


-     شۇنچە ئۇزاق كۆرۈشمەي يەنە بىزنى ئۇنتۇپ قالماپسەن!


-     تېخى بىرسىمىزنىمۇ خاتا چاقىرمىدىڭ!


-     تالانت-دە بۇ، تالانت!


-     قۇرۇق گەپ،- دېدىم مەن.


  ئارقىدىن ھەممىمىز سۇ كۆلچىكىنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بەدىنىمىزدىكى ھۆللۈكنى لۆڭگە بىلەن سۈرتكەچ پاراڭلاشتۇق.


  - بۇ دوپپامدەك ناھىيە بازىرىمىزدا بۇنچىلىك ھەشەمەتلىك مۇنچا بار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن،- دېدىم مەن.


  - بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىدىن بىرسى بار!


  - «قارشى قىرغاقتا»


  - «رىمدىكى ئىسسىق بۇلاق»مۇ يامان ئەمەس.


-بىراق ئۇ جاي ئانچە دۇرۇس ئەمەس، ئاڭلىسام پىچەتلىۋېتىپتۇ.


- بىز دۇرۇس ئەمەس جايغا بارمايمىز.


- مەن باراتتىم، لېكىن پۇلۇم يوق-تە.


- بىز ھەممىمىز مۇشۇ يەرگە كېلىپ يۇيۇنىمىز.


- ھەممە مۇنچىخانىدا كۈن نۇرى ئېنېرگىيەلىك ئىسسىتقۇچ بارمۇ؟- سورىدىم مەن.


  - ئۇ نەرسىدە يۇيۇنسا ئادەم پۇخادىن چىقمايدۇ، يەنىلا چوڭ كۆلچەكتە يۇيۇنغان ياخشى.


  - بۇرادەرلەر ھەقىقەتەن يايراشنى بىلىدىكەنسىلەر جۇمۇ،- دېدىم مەن.


  - ھەممىمىز ئارامغا چىقتۇق، - دېدى دۇڭ جياپۇ،- يايرىغۇدەك پۇرسەت بولسىلا يايراش كېرەك.


  - يېرىم ئايدا بىر كېلىمىز، لاۋدۇڭ قىسقا ئۇچۇردا ئۇقتۇرىدۇ.


  -يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تاماق يەيمىز، ئىچىمىز، ئاندىن بىردەم ئۆتكەننىڭ پارىڭىنى قىلىشىمىز. بىر قېتىم جەم بولساق خوتۇنۇڭدىن ناھىيىتى بىر كۈن ئاجرايسەن دەپ قويىشى بار بۇ لاۋدۇڭنىڭ.


  - لاۋدۇڭ بىزنىڭ رەھبىرىمىز.


  - سىلەرنىڭ يۇيۇنۇشۇڭلارغا رەھبەرلىك قىلىدىكەن-دە.


  - بۇرادەر، سەن ئەجەپ ئاقكەنسەن-يا؟ ئاپئاق يۇمران تېرىلىرىڭ بەئەينى خوتۇن كىشىنىڭ بەدىنىگىلا ئوخشايدىكەن،- دېدى چار ساقال لو رېنگۈي.


  - ئۇ ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق ئاق.


  - شۇنداق بولمىسا شياۋسەي ئۇنى يارىتامتى.


  - بىراق، ئاڭلىشىمچە سەن باشتا خوپوئېرنى قوغلىشىپتىكەنسەن، شياۋسەي ئارقىلىق مۇھەببەت خېتى ئەۋەتىپتىكەنسەن، لېكىن خوپوئېر ئۇنىمىغاندىن كېيىن خېتىڭنى شىدوغا ئاپىرىپ بېرىپتىكەنغۇ.


  - قىپقىزىل يالغان گەپ،- دېدىم مەن.


-ئۆتكەن ئايدا خوپوئېرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، نەنخۇ كۆلىدە نەۋرىسىنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋېتىپتىكەن.


- بۇرۇنقىدەك تۇرۇپتىمۇ؟- سورىدىم مەن.


- مۈكچىيىپ قاپتۇ، پۇتى ئاقسايدىكەن.


- كېيىن ئۇ كىمگە تەگكەن ئىدى؟


- جياڭجۇاڭ يېزىلىق تەمىنات كوپىراتىپىدىكى بىر مۇئاۋىن مۇدىرغا تەگكەن، ئۇنىڭ پۇتى بىرئاز توكۇر. ھازىر ئۇلارمۇ دەم ئېلىشقا چىقىپ شەھەرگە يېنىپ كىردى.


- ئاڭلىسام ئۇ بەك ئەسكى گۇيكەن، خوپوئېرنىڭ پۇتىنى شۇ ئۇرۇپ ئەيپناق قىلىۋېتىپتۇ.


  - ئەركىشىمۇ شۇنداق بولامدۇ!- دېدىم مەن ئەپسۇسلىنىپ.


  - ئۇ كۈنى ئۇ بىچارە ماڭا دەردىنى تۆكۈپ: « تەلىيىم يوقكەن، ئەينى چاغدا ليۇ توكۇرنى رەسمى ئىشچىكەن، كىچىك بولسىمۇ كادىر ئىكەن دەپ ... لوق گۆشنى شياۋسەيگە ئۆتۈنۈپ بېرىپتىكەنمەن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ كەتتى.


  - بۇرادەرلەر، قالايمىقان گەپ قىلماڭلار، سېمىز گۆشنى كىم يەيدۇ.


  - ئەينى چاغدا ھەممە ئادەم سېمىز گۆش يىيىشكە ئامراقتىغۇ، كىمگە ئورۇق گۆش بەرسەڭ شۇ خاپا بولاتتى،- دېدى ئەينى چاغدىكى ئاشپەز جياڭ داتيەن،- لاۋسۈن بىلەن لاۋگو دېگەن ئىككى باشلىق كەلگەندە ئۇلارنىڭ قاچىسىغا ساپلا ياغ ئايرىپ بېرەتتىم.


  - سەن ئىزچىل ئۇلارنىڭ ساغرىسىنى يالاپلا كەلدىڭ،- دېدى ئەينى چاغدىكى چىگىت ئايرىش سېخىنىڭ باشلىقى خۇا جيەن.


  - موماڭنىڭ ئوسۇرۇقىنى پۇراشنى بىلەۋاي!


  - رەھبەرنىڭ ساغرىسىنى يالاش بەك شەرەپ ئىشقۇ، نېمىگە خىجىل بولاتتىڭ.


  - ئاغزىڭنى يۇمە! بىكار سېنى سۇغا پىشىپ ئۆلتۈرۈپ قويماي!


  - ھەددىڭمۇ! قول سېلىپ باقە قېنى، كۆزى ئاسمانغا بولۇپ قالىدىغىنى مەن ئەمەس چوقۇم سەن.


  ھەر ئىككىسى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر-بىرىگە ھۆرپىيىشتى. جاڭ داتيەن ئالقىنىغا بىر ئۇچۇم قىزىق سۇنى ئېلىپ خۇا جيەننىڭ يۈزىگە چاچتى.


  -ۋۇي، راست شىلتىڭ ئېتىۋاتىسەنغۇ!- دېدى خۇا جيەن ھەمدە قوش قوللاپ سۇ ئېلىپ ئۇمۇ جياڭ داتيەننىڭ يۈزىگە چاچتى.


  ئىككىيلەن كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، بېشىنى قىيپاش قىلغىنىچە سۇ چېچىشىپ ئاخىرى پومىداقلىشىپ كەتتى، لېكىن كۈچى تەڭ كېلىپ قېلىپ، بىر دەم خۇا جيەن جياڭ داتيەننى سۇغا باسسا،يەنە بىردەم جياڭ داتيەن خۇا جيەننى سۇغا باستى.


  باشقىلار باشتا كۈلۈشۈپ، كېيىن كۈلمىدى.


  مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتمەكچى بولدۇم.


  - كارىڭ بولمىسۇن،- دېدى دۇڭ جياپۇ،- بىزگە بىكارلىق ئويۇن قويۇپ بېرىۋاتىدۇ.


  - قېرىغاندا سەت تۇرىدىكەن،- دېدىم مەن.


  - بەزى ئادەملەر مەڭگۈ چوڭ بولمايدۇ.


  - قىپيالىڭاچ بولىۋېلىپ سۇ چېچىشىش كىچىك بالىلارغا ياراشقان بىلەن ئىككى چوپچوڭ ئادەم بۇنداق سۇ ئۇرۇشى قىلىپ يۈرسە بەك سەت تۇرىدىكەن.


  - ئۇلار ساڭا ئويۇن قويۇپ بېرىۋاتىدۇ!،- دېدى دۇڭ جياپۇ، - ئۇلارنى ھېكايە قىلىپ يازە.


  - بولىدۇ، ئۇلارنى يازاي،- دېدىم مەن.


  ئۇچىسىدا كالتە كۇساردىن باشقا ھېچنېمە يوق بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ توۋلىدى:


-     تاغىلار، ئۇرۇشماڭلار.


-     ئۇلارنى ئاجرىتىۋېتىڭ،- دېدىم مەن.


  - تاغىلار، ئۇرۇشماڭلار، دېرېكتور كۆرۈپ قالسا مۇكاپات پۇلۇمنى تۇتۇۋالىدۇ!


  خۇا جيەن جياڭ داتيەننىڭ بوينىدىن سىقىپ بېشىنى سۇغا باستى.


-خەپ، ساڭا كاسامنى سۆيدۈرمىسەم، كاسامنى سۆيدۈرمىسەم!- دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.


  جياڭ داتيەننىڭ بېشى سۇدىن لوڭڭىدە كۆتۈرۈلۈپ، قولىنى قالايمىقان شىلتىغىنىچە قېقىلىپ ھۆتىلىپ كەتتى.


  - ماۋۇ قارا توخۇ موگو شورپىسىنىڭ تەمى قانداقكەن؟- دەپ سورىدى خۇا جيەن كۈلگىنىچە.


  جياڭ داتيەننىڭ قالايمىقان ئاتقان مۇشتى گالاچچىدە قىلىپ خۇا جيەننىڭ بۇرنىغا تەگدى. خۇا جيەن قولىنى قويۇپ بېرىپ بۇرنىنى تۇتتى. بارماقلىرى ئارىسىدىن قان تامچىلاپ سۇغا چۈشتى.


  - تاغىلار، سىلەر بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغىۋەتتىڭلار!- دېدى يىگىت ھەمدە كىيىم ساقلاش ئۆيىدىكى مۇلازىمەتچىگە توۋلىدى:- تېز بېرىپ دېرېكتورنى چاقىرىپ كەل!


  كۆپچىلىك بىر-بىرلەپ سۇ ئىچىدىن ئۆرە بولۇشتى.


  ئۇ ئىككىيلەن يەنە سوقۇشۇپ كەتتى، مەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئېتىلىپ بېرىپ دېدىم:


  - ئاغىينىلەر، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى، يۈزۈمنى قىلساڭلارچۇ، كەچتە مەن مېھمان قىلاي!


- شياۋگۇەننىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسامچۇ، سېنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قوياتتىم!- دېدى خۇا جيەن.


- بۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ؟ ئىككى تامچە ئىت قېنىڭ پۈتۈن كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغاپ بولدى،- دېدى جياڭ داتيەن.


  - بولدى ئەمدى! ئويۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن!- دېدى دۇڭ جياپۇ.


  قولىدا سۆزلىشىش ئاپىراتى كۆتۈرىۋالغان، ئۇچىسىغا كەسپىي فورما كىيىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر، ساقچى كالتىكى كۆتۈرىۋالغان ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈگۈرگىنىچە بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.


-     نىمىش بولدى؟


-     ھېچ ئىش بولمىدى، بىر دەم ئوينىشىپ قويدۇق!


  - ئەگەر يەنە جېدەل قىلىدىكەنسىلەر مەن سىلەرنى قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان دەپ جاكارلايمەن جۇمۇ.


  - نېمە دەۋاتىسەن ھوي؟- دېدى دۇڭ جياپۇ،- كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ كىملىكىمىزنى بىلىۋال جۇمۇ!


  - كىم بولۇشىڭلاردىن قەتئىنەزەر كۆل ئىچىدە ئۇرۇشساڭلار بولمايدۇ-دە. تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالساڭلار ياكى بۇينۇڭلار قايرىلىپ، بېشىڭلار يېرىلىپ كەتسە بۇنىڭغا كىم ئىگە؟


  - ھەي سولتەك، بۇ گەپ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى؟- دېدى دۇڭ جياپۇنىڭ نېرۋىسى ئۆرلەپ، يېشىڭغا باقساڭ بىزنى بوۋا دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ، بوۋاڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ سىلەرنىڭ خۇجايىنىڭلار شى ليەنچېڭ مەن زاۋۇت باشلىقى بولغان مەزگىلدە بىر رېمۇنتچى ئىدى. ئۇ كېچىلىك سېمىنا ۋاقتىسىدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا تاماكا چېكىپ پۈتۈن پاختا زاۋۇتقا ئوت قويۇۋەتكىلى تاس قالغان، ئۇنىڭغا جازا بېرىدىغان ۋاقتىسىدا ئانىسى ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا تىزلىنىپ يالۋۇردى، مېنىڭ ئىچىم ئاغرىپ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بەردىم! ئۇنىڭ ئانىسى مەن بىلەن بىر كەنتتىن، ئۇنىڭ فامىلىسىمۇ دۇڭ، قانداقلا بولمىسۇن 70 پۇشتۇم ئىچىدىكى بىر ھەدەم. ئىشەنمەمسەن؟ ئىشەنمىسەڭ خۇجايىنىڭنى چاقىرىپ كەل، ئەگەر ئۇ مېنى تاغا دەپ چاقىرمىسا ئىككى قۇلىقىنى كېسىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن!


  دېرېكتور ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ غىمىسسىدە كەتتى.


  - ھازىرقى دەۋردىچۇ،- دېدى دۇڭ جياپۇ كۆلچەكنىڭ يان قىرغىقىغا چىقىپ قولىنى شىلتىغان ھالدا،- پەسكەشلەر ھۆكۈم سۈرۈپ، ئالىجاناپلار خارلىنىۋاتىدۇ! سىلەرچە شى ليەنچېڭ قانچىلىك بىر نېمە ئۇ؟ ئۇنى دىزېل ماتورغا قارىغىلى قويسام دىزېل ماتورىنىڭ ماي ساندۇقىغا سىيىپ قويۇپ ماتور ئىس قويۇپ بېرىپ پارتلاپ كەتسىمۇ نومۇس قىلماي دۆلەت ئۈچۈن ئېنېرگىيە تېجەپ بەردىم دېگەن نومۇسسىز گۇي ئۇ. ئۇنى پاختا ئوراشقا قويسام بىر مۈشۈكنى پاختىنىڭ ئىچىگە سېلىپ پىرىسلاپ قېنىنى ئاققۇزۇپ ئايال ئىشچىلارنى قورقۇتۇپ، جان- پېنىنى چىقىرىۋەتكەن. مەن ئۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ـــــ ھازىر ئويلىساممۇ نومۇسۇم كېلىدۇ ــــ قورققىنىمدىن ئىشتىنىمغا سىيىۋەتكەن ئىدىم! يەنە بۇ ئىشمۇ بولغان، 2- پاختا زاۋۇتىدا بىر پاختا ئوراش ئىشچىسى ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئۇخلاپ قالغان ئىكەن، نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈۋالغىلى كەلگەن ئىشچىنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماپتۇ، رۇبىلنىك بېسىلىشىغا ماشىنا گۈلدۈرلەپ ئايلىنىشقا باشلاپتۇ، ساندۇقنىڭ يېرىقىدىن قان تەپچىرەپ چىقىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ مەن ئىشتىنىمغا سىيىۋەتتىم، لاۋيۈ، يۈ مىڭلياڭ، سەن تونۇيسەن، ئۇ ماڭا ئورۇنباسار بولۇپ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك يېنىپ، چىشلىرى چىڭ كىرىشىپ، كېسىلى تۇتۇپ قالدى. بىراق شى ليەنچېڭ دېگەن سولتەك بىر چەتتە تۇرۇپ ئاغزىنى تۇتقىنىچە ھە دەپ كۈلگىلى تۇردى. مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ ئاغزىمنى بولىشىغا قويۇۋېتىپ شى ليەنچېڭنى تىللاپ كەتتىم. «ئاناڭنى!...» دېسەم ئۇ: «تاغا، مېنىڭ ئانام سېنىڭ ھەدەڭ ئەمەسمۇ» دېمەسمۇ، ئاناڭنى! شۇنىڭ بىلەن ئاغزىم تۇتۇلۇپ قېلىپ باشقا گەپ قىلالمىدىم. ئۇ مۇشۇنداق يامان سولتەك، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ دېڭىزغا چۈشتى، باشتا شەھەرلىك كوپېراتىپنى ھۆددىگە ئالدى، كېيىن ئاشخانا ئاچتى، دېسكۇخانا ئاچتى، بىر نەچچە يىل جاپا تارتىپ مىليادېر بولدى. ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى ھەممە چوڭ ماگېزىن، مونچا، دېسكۇخانىلار ئۇنىڭ. نەنخۇ باغچىسىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يېڭى ئېچىلغان «يۇندۇ خەلقئارا قاۋاقخانىسى»مۇ ئۇنىڭ، 5 يۇلتۇزلۇق، ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى زۇڭتۇڭ ئايرىمخانىسى بار ئىكەن، تازىلىق ئۆيىدىكى جۈمەكلەرنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ياسالغان ئىكەن.مېنىڭ ئىككىنچى كيۇئوغلۇم ئۇ يەردە ئاشپەز، مەخسۇس بېلىق ۋە قۇش گۆشى قورۇمىلىرىنى تەييارلاشقا مەسئۇل.


  - يېرىم كۈن كاسىلدىدىڭ، لېكىن ئۆزۈڭ يالغۇز پەرزەنت سىياسىتىنى ئىجرا قىلماپسەنغۇ!


  - ھېچقايسىمىز سەندەك ئەخمەق ئەمەس!- دېدى دۇڭ جياپۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاۋال ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇن باقىمىز، ۋەزىيەت سەل ئوڭشالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئاشكارىلايمىز. مېنىڭ ئىككى قىزىم بار، لاۋجياڭنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بار، لاۋخۇا ئەڭ يۈرەكلىك، ئىككى قىز، بىر ئوغلى بار، ئىككىنى ئارتۇق تۇغدى!


  - مېنى چىشلەپ تارتما! – دېدى خۇا جيەن بۇرنىنى قەغەز بىلەن ئېتىۋېلىپ خىڭىلدىغان ھالدا.


   شياۋلىياۋ ئۇقتۇردى، ساڭناغا بارىدىغان بولۇپ قالدىم.


  ئۇدا نەچچە كۈن يېزىقچىلىق قىلغان بولغاچقا دولام كۈيۈشۈپ ئاغرىپ، بېشىم قېيىپ كۆزۈم تورلىشىدىغان، تاپىنىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا شەھەردىكى بىر ئەمەلدار ئاغىينەم كاتىپى شياۋلياۋغا مېنى ساڭناغا ئاپىرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.


  مەن ساڭناغا كىردىم، دۇڭ جياپۇمۇ كونا بۇرادەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مەن بىلەن بىللە كىردى.


  شياۋلياۋ قىزىق تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ سۇ قۇيدى. شىرىلداپ چۈشۈۋاتقان سۇ ئىسسىق ھورغا ئايلىناتتى.


  دۇڭ جياپۇ تامدىكى تېرمومېتىرغا شۇنداقلا قاراپ:


  - ئاران 42 گىرادۇس. سوغۇق بولۇپ قاپتۇ، يەنە قايناقسۇ قوشۇش كېرەك!- دېدى.


  قىزىق ھور ئەتراپنى قاپلىدى، نەپەس ئالماق بىراز قىيىنلاشتى. بۇرۇن تۈشۈكلىرىدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلاتتى. خۇا جيەن بۇرنىنى تۇتقىنىچە قېچىپ چىقتى.


  - چوقۇم تەر چىقىرىپ...- دېدى دۇڭ جياپۇ،- بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش كېرەك!...شى ليەنچېڭ دېگەن بۇ سولتەك ماڭا ئاران 3 ئۈلۈش ھۆرمەت بىلدۈردى، نېمىلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭ تاغىسى، زاۋۇت باشلىقى، شەپقەتچىسى ئەمەسمۇ. ئۇ ماڭا «تاغا پاختا زاۋۇتى يۈرىكىمنى زېدىلىگەن جاي، بۇ زاۋۇتنى سېتىۋالىمەن» دېدى، مەن «زاۋۇتنى سېتىۋېلىپ قانداق قىلىسەن؟» دېسەم، «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇنچىخانا ئاچىمەن» دېدى. ئاناڭنى، ئۇ گەپنى مەن خامخىيال دەپ قاپتىمەن، لېكىن ئۇ بۇنى ناھىيىتى تېزلا رىياللىققا ئايلاندۇردى.


  - بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇنچىخانا ئەمەسمىكىن.


  - سېنىڭ كۆرگىنىڭ بۇلا ئەمەستۇ؟ بۇ يەر دۇنيا بويىچە بىرىنچىمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ساڭا ئىنتايىن ئاسان سۇئال،- دېدى دۇڭ جياپۇ.


  - ئەمىلىيەتتە،- دېدىم مەن،- مەنمۇ بىلمەيمەن، بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا ئىدارىنىڭ مۇنچىخانىسىدا يۇيۇنۇپ باققان ئىدىم، ھازىر مۇشۇ يەردە يۇيۇنىۋاتىمەن، بۇنداق ھەشەمەتلىك شاھانە مۇنچىخانىغا راستىنلا تۇنجى قېتىم كىرىشىم.


  - كەمتەرلىك قىلىۋاتىسەن-ھە،- دېدى دۇڭ جياپۇ،- مۇشۇنداق كەمتەر بولساڭ سەن يەنە ئالغا باسقۇدەكسەن!


  - مەنمۇ ئىنتايىن كەمتەر، لېكىن ئىزچىل ئالغا باسالمىدىم،- دېدى ئەينى چاغدىكى پاختا زاۋۇت قوغداش بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى ۋۇ كې.


  - ئاز قالدى، ئامەت قۇشى بېشىڭغا قوناي دەۋاتىدۇ، سەنچۇ قارا، مۇشۇ يەردىن غەرپكە قاراپ ماڭ، 100 چاقىرىم نېرىسىدىكى يولنىڭ سىرتىدا بۇلۇتقا تاقاشقان بىر تۇرخۇن بار، سەن شۇ يەرگە كىرىپ ئۆمىلەپ ماڭساڭ بارغانسېرى يۇقۇرى ئۆرلەيسەن!- دېدى دۇڭ جياپۇ.


  كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى.


  - مېنى جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا بار دېمەكچىمۇ؟- دېدى ۋۇ كې كۈلۈپ،- ئۇ يەرگىمۇ سەن ئاۋال بارارسەنمىكىن.


- قايسىمىز باشتا بارىمىز، بۇنىڭدا تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنايلى،- دېدى دۇڭ جياپۇ،- ئەينى چاغدىكى مەشھۇر 1- پاختا زاۋۇتىنىڭ مۇنچىخانىغا ئايلىنىپ كەتكىنىنى ھەر بىر ئويلىسام زاۋۇت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەك ئازاپلىنىمەن!


  - لاۋدۇڭ، ياسالمىلىق قىلما!


  - ياسالمىلىق قىلمىدىم، مەن راستىنلا ئازاپلاندىم! ئەينى چاغدا، زاۋۇتىمىز يىلىغا 100مىڭ دەن ساپ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەيتتى، چاۋشيەننىڭ پاختىغا ئېھتىياجى چۈشكەندە گوۋۇيۇەن ۋەزىپىنى بىزنىڭ زاۋۇتىمىزغا چۈشۈرگەن ئىدى، بىز كېچە- كۈندۈز ئىش قوشۇپ ئىشلەپ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ زۇڭلى جۇ ئېنلەينىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئىدۇق.


  - بۇ ئىشنى مەن يېزىپ رومانىمغا كىرگۈزگەن.


  - سېنىڭ ئۇ «ئاق پاختا» دېگەن پاخ-پاخ رومانىڭ ساپلا يالغان توقۇلما. تېرىقچىلىق ئىشنى كاۋىدەك يوغانتىپ يېزىپتىكەنسەن! بىراق يەنىلا ئاز-تولا رەھىم قىلىپتىكەنسەن.


  - لېكىن بۇ مېنى بىر لۈكچەك قىلىپ يېزىپتىكەن!- دېدى ۋۇ كې،- ئەگەر شۇ چاغدا لاۋ دۇڭ مېنى توسمىغان بولسا مەن سېنى ماڭا تۆھمەت قىلدى دەپ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلماقچى ئىدىم.


  - بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا پىكرى بار،- دېدى دۇڭ جياپۇ،- سېنىڭ قەلىمىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭدىن باشقا بىرمۇ ياخشى ئادەم يوق.


  - بۇرادەرلەر، ھەقىقەتەن كەچۈرۈم سورايمەن! سىلەرگە باش ئۇراي، ئۇ دېگەن رومان، كۆپچىلىك ئۇنى ئۆزۈڭلەرگە ئېلىۋېلىپ ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇپ يۈرمەڭلار.


  - ئۇنى بىز ئۆزىمىزگە ئېلىۋالمىدۇق، سەن مېنىڭ ئېڭىكىمدىكى سېرىق تۈكنىمۇ يېزىپتىكەنسەن ئەمەسمۇ.


  - سېنىڭ كىندىك ئاستى سانجىق كېسىلىڭنى يازمىغىنىغا خوش بولە ۋاي.


  - ئاياللارنى يامان ئەمەس ئوخشىتىپتىكەنسەن، بولۇپمۇ خو پۇئېرنى بەك تەپسىلى يېزىپتىكەنسەن!


  - كەچتە سىلەرنى مېھمان قىلىمەن!- دېدىم مەن مۇنچىخانىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، لېكىن تېيىلىپ كېتىپ زوڭ ئولتۇرۇپ قالدىم.


  ئۇلار ئارقىمدىن قوغلاپ چىقىپ نەگە باشلايدىغىنىمنى قىزغىن سوراشتى.


  - يۈرۈڭلار، 3- قەۋەتكە چىقىمىز، ئۇ يەردە تاللا تاماقخانا بار. ئاسماندا ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە يۈگرەيدىغىنىنىڭ ھەممىسى بار،- دېدى دۇڭ جياپۇ.


  - چاتاق يوق، مەن مېھمان قىلىمەن.


  - كىم سېنى ساھىپخانلىققا تەكلىپ قىپتۇ؟ مەندە ئالماس كارتا بار،- دېدى دۇڭ جياپۇ،- بۇ شى ليەنچېڭنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كىچىككىنە ئىلتىپاتى.


  - نەدە مۇشۇنداق ئىلتىپات كۆرسۈتىدىغان ئىش بار،- دېدى جياڭ داتيەن،- بۇ يەردە سېنىڭ پېيىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟


  - ئۇ ماڭا شېركەتكە كېلىپ خەت- چەك خىزمىتىنى ئىشلەپ بەر، ئېيىغا 3مىڭ سوم بېرىمەن دېگەنىدى، لېكىن مەن كەسكىن رەت قىلدىم. مەن ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنچىلىك خارلىققا چۈشۈپ قالمىدىم، ئارامغا چۈشكەن بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان ئىت بولامتىم؟ تۈفى! ئۇنىڭغا دېدىم: شى ليەنچېڭ، سەن سولتەك مېنىڭ شۇنچە شۆھرەتلىك 1- پاختا زاۋۇتۇمنى مۇنچىخانىغا ئايلاندۇرىۋەتتىڭ، سەن ھەقىقەتەن پەس نېمىكەنسەن! ئۇ نېمە دېدى دېمەمسىلەر، تاغا، بۇ يەرنى چوشقا قوتىنىغا ئايلاندۇرىۋەتمىگىنىمگە خوش بول. مەن ساڭا بىر ئالماس كارتىسى بېرەي. بارلىق چىقىمنىڭ 3تىن 1 ئۈلۈشىگىلا پۇل تۆلەيسەن، قانچىلىك ئادىمىڭ بولسا شۇنچىنى باشلاپ كەل!


  - ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس،- دېدىم مەن كۆپچىلىككە.


  كۆپچىلىك لاۋدۇڭنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولماقچى بولدى.


  - ئەمىلىيەتتە بۇ لاۋدۇڭنىڭ داستىخىنى ئەمەس، بىز ئەسلىدىنلا بۇ زاۋۇتنىڭ ئادىمى تۇرساق، لاۋدۇڭ دېگەن بۇ كىسپۇرۇچ زاۋۇتنى سېتىۋەتتى،- دېدى خۇا جيەن غۇدۇراپ.


3- قەۋەتتىكى تاللا تاماقخانىسىنىڭ زېلىدا دۇڭ جياپۇ بىلەن ئىككىمىز تاماكا چېكىپ ئولتۇردۇق. مېنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇرادەرلىرىم كۆز ئالدىمىزدا ھەر خىل تاماقلارنىڭ ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە. كۆپچىلىك بەل تاسمىسىنى بوشۇتۇپ ئەسەبىيلەرچە يېمەكتە، تا قورسىقى باداڭدەك پومپىيىپ كارت-كارت قىلىپ كېكىرگىچە...



قىزىل كارۋات



  ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئارقا ئۆكچىسى ئاغرىيتتى، بىر يىلدىن كۆپرەك ئاغرىدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈرەتكە ئالغۇزدۇم. مەن ئوڭ پۇتۇمنىلا سۈرەتكە ئالغۇزماقچى ئىدىم، لېكىن رېنتىگىنچى بىر پۇتىڭىزنى سۈرەتكە ئالساقمۇ ئىككى پۇتىڭىزنى سۈرەتكە ئالغان بىلەن ئوخشاش پۇل ئالىمىز دېگەچكە، ھەر ئىككى پۇتۇمنى سۈرەتكە ئالغۇزدۇم. دوختۇر سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا:


-     سۆڭەك ئۆسۈۋاپتۇ،- دېدى.


  - قەيەرگە سۆڭەك ئۆسۈۋاپتۇ؟- سورىدىم مەن. دوختۇر قەلەم بىلەن سۆڭەك ئۆسۈۋالغان جاينى كۆرسەتتى.


  - قايسىسى ئوڭ پۇتۇم؟- سورىدىم مەن. دوختۇر كۆرسەتتى.


  - سول پۇتۇمغىمۇ سۆڭەك ئۆسۈۋاپتىمۇ؟


  - ئۆسۈپتۇ، تېخى ئوڭ پۇتىڭىزدىكىدىن يامانكەن،- دېدى دوختۇر.


  - نىمىشقا ئوڭ پۇتۇم ئاغرىپ سول پۇتۇم ئازراقمۇ ئاغرىمايدۇ؟- سورىدىم يەنە.


  - بۇ خىل كېسەلگە ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ،- دېدى دوختۇر.


  - بۇ كېسەلنى ساقايتىشنىڭ قانداق چارىسى بار؟- سورىدىم مەن.


  - چارىسىغۇ بار، لېكىن ئىشلىمەيدۇ،- دېدى دوختۇر.


  - ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمەن؟


  - قىزىق سۇدا كۆپرەك يۇيۇپ بېرىڭ، كوچىنىڭ ھەممە يېرىدە پۇت يۇيۇش ئورنى بارغۇ، ئۇلارغا ئۇۋىلىتىڭ.


  -ئۇۋىلاپ بەرسە ساقىيامدۇ؟


  - ئۇۋىلىمىسىمۇ ساقىيىدۇ.


  مەن شياۋلياۋنىڭ ئارقىسىدىن قىزىل گۈللۈك پايانداز سېلىنغان بىر كارىدۇردا مېڭىپ نەچچە ئەگىلگەندىن كېيىن پۇت يۇيۇش، ئۇۋىلاش زالىغا كىردۇق. زالدا ئىككى سېمىز ئەر تاماكا چېكىپ ياتاتتى. كالتە مايكا كىيگەن ئىككى قىز ئۇلارنىڭ پۇتىنى يۇيۇۋاتاتتى. ئۆڭى قارا، ئېڭىكىنىڭ ئاستىدا سۆگىلى بار سېمىز ئەر توۋلاپ كەتتى:


  - بوشراق، مېنى مۇتاپ ئۆلتۈرەي دەمسىز؟!


  ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا كۈچلۈك يەل قويىۋەتتى.


  شياۋلياۋ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىزنى بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگەن خېنىمدىن سورىدى:


  - ئايرىمخانا بارمۇ؟


  -بار،- دېدى خېنىم تولۇپ تاشقان ناماقۇللۇق بىلەن، - بىراق ئايرىمخانىلىرىمىزنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇشقا رۇخسەت يوق.


  - بۇ نېمە دېگىنىڭىز،- دېدى شياۋلياۋ.


  ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدە ئىككى كارۋات، بىر تېلېفۇن بار ئىكەن. پۇت يۇيىدىغان خېنىم كەلمىگەچكە مەن كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ پۇت ئۆكچەمنى ئۇۋىلىدىم. شياۋلياۋ تېزگىنەك بىلەن تېلېۋېزورنىڭ قانىلىنى يۆتكەشكە باشلىدى. لېكىن سۈرەت چىقسا ئاۋازى چىقمايتتى، ئاۋازى چىقسا سۈرەت چىقمايتتى. شياۋلياۋ باشقا ئايرىمخانىغا يۆتكىلىشنى ئېيتتى، لېكىن مەن بولدى قىلايلى دېدىم.


  پۇت يۇغىچى خېنىم ـــــ ئۇلارنى خېنىم دەپ ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇيۇلدى ـــــ پۇت يۇيىدىغان قىزچاق؟ قىز؟ئايال؟ قانداقلا ئاتىسا بىر يېرى ئەپلەشمەيتتى. يەنىلا ئۇلارنى « ھېلىقى» دەپ ئاتىغان تۈزۈكتەك قىلاتتى.


تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئىچىگە «ھېلىقى» دېگەن سۆز ئارىلاشتۇرۇلسا مېنىڭ ئانا يۇرتۇمنىڭ ئەمەلدارلىق سەھنىسىدىكى چوڭ ھوقۇقدارلارنى كۆرسىتەتتى. بۇنداقتا تولىمۇ يۇمۇرلۇق بولاتتى. لېكىن تىلشۇناس پېروففېسورلار بۇ گەپنى ئاڭلىسا ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن، تەرجىمانلار ئاڭلىسا چوقۇم لەنەت ئوقۇيدۇ.


  شياۋلياۋنىڭ پۇتىنى يۇيۇۋاتقان خېنىمنىڭ بېشى بەك ئېگىز، يۈزى قىپقىزىل، چىشلىرى نۇرسىز بولۇپ، بىر قاراشتىلا مۇشۇ يەرلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەرنىڭ سۈيىدە فىتور بار ئىدى، شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ چىشى سېرىق ئىدى. سېرىق چىشنى ئاقارتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق نۇرسىز بولۇپ قالاتتى. ئۇ شياۋلياۋدىن سورىدى:


-     ئاۋال دولىڭىزنى ئۇۋىلاپ قويايمۇ؟


-     مۇشۇنىمۇ سورامسىز؟- دېدى شياۋلياۋ،- بىزنى پۇلى يوق كۆرۈپ قالمىغانسىز؟


  - يوقسۇ، ھەددىممۇ؟- دېدى ئۇ ئاق چىش خېنىم، - سىز بىر قارىماققىلا خۇجايىنغا ئوخشايدىكەنسىز.


  شياۋلياۋ ئورۇقلىقىدىن ئەبگا كۆرۈنەتتى، مەن ئۇنىڭ نەرىنىڭ خوجايىنغا ئوخشايدىغانلىقىنى زادىلا كۆرەلمىدىم.


  - نېمىدېگەن قاتتىق!- دېدى ئاق چىش خېنىم شياۋلياۋنىڭ مۈرىسىنى ئۇۋىلاۋېتىپ.


  - قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك يەر قاتمىغان، قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەر ئەكسىچە مۇشۇنداق قاتتىق بولىۋالغان،- دېدى شياۋلياۋ.


  پۇت يۇيۇش ئورنىغا كىرگەندىن كېيىن شياۋلياۋ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك چاخچاق پارىڭى كۆپۈيۈپ قالغان ئىدى.


  - خاتىرجەم بولۇڭ،- دېدى ئاق چىش خېنىم،- مەن سىزنىڭ قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك يېرىڭىزنى قاتۇرۇپ، قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يېرىڭىزنى بوشۇتۇپ قويالايمەن.


  -سىزچۇ، خۇجايىن؟- دەپ سورىدى مېنىڭ پۇتۇمنى يۇيۇشقا كىرگەن چاچلىرى پاخما، تېرىسى ئاپئاق، چىشلىرى رەتلىك ۋە نۇرلۇق خېنىم.


-     ئوخشاش،- دېدىم مەن.


  - ئۇ كىچىك قوللىرى بىلەن ناھىيىتى كۈچلۈك ھالدا مۈرەمدىكى مۇسكۇللارنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى.


  - باشلىق، ئۇزۇن يىل شىرەدە دۈمچىيىپ ئولتۇرغاچقا مۈرە ياللۇغى بولغانسىز-ھە؟- دېدى ئۇ.


  -قانداقسىگە باشلىق بولۇپ قالدىم ئەمدى؟


  -خۇجايىنلار گەپدان، مەككار كېلىدۇ، رەھبەرلەر جىمغۇر.


  بىردىنلا سۈت ھىدى ، ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى پۇراق كەلدى، ئىنتايىن يېقىملىق ھىد.


  ئۇ پۇتۇمنى يۇيۇۋاتقان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭ قاپقارا قويۇق چاچلىرى ئارىسىدىن بىر خىل سۇس قىزىل رەڭنى كۆردۈم. كۆزلىرىدىن ئىنتايىن قىزغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.


-     سۇ قىزىق بوپتىمۇ؟


-     ئانچە قىزىق بولماپتۇ.


-     ئەمدىچۇ؟- دېدى ئۇ داسقا ئازراق قايناق سۇ تۆكۈپ.


-     ئەمدى قىزىق بوپتۇ.


  - سىلەر ئايدا قانچىلىك مائاش ئالىسىلەر؟- دەپ سورىدى شياۋلياۋ ھېلىقى ئاق چىش قىزدىن.


  - بىزنىڭ مائاشىمىز يوق.


  - بىر قېتىم پۇت يۇيساڭلار قانچە ئۈلۈشى سىلەرگە قالىدۇ؟


  - 30 سوم.


  - بىر كۈندە قانچە ئادەمنىڭ پۇتىنى يۇيىسىلەر؟


  - ئۇنىڭدا پەسىلگە قارايمىز.


  - ھازىر ئەڭ ئاۋات پەسىلدۇ؟


  - ھازىر ئاۋات بولمىسا قاچان ئاۋات بولىدۇ؟ چاغان مەزگىلى تۇرسا.


  - بۈگۈن قانچە ئادەمنىڭ پۇتىنى يۇيدىڭىز؟


  - سىز توققۇزىنچىسى.


  - ئۇنداقتا بۈگۈن 270 سوم تېپىپ بوپسىز، مۇشۇنداق ھېساپلىساق، بىر ئايدا 7-8 مىڭنى گەپ يوق تاپقۇدەكسىز.


  - مۇشۇ ئايدا مۇشۇنداق بولدى، ئادەتتىكى كۈنلەردە 3 مىڭ سوممۇ تاپالمايمىز.


  - سىز بۈگۈن قانچە ئادەمنىڭ پۇتىنى يۇيدىڭىز؟- دەپ سورىدىم مەن ئالدىمدىكى قىزدىن.


  - سىز سەككىزىنچىسى.


  -«سەككىزىنچىسى مىس ھەيكەل»


  - نېمە مىس ھەيكەل؟ ئوۋ،- كۈلۈپ كەتتى ئۇ،- ئېسىمگە كەلدى، مەن ئۇ كىنونى كۆرگەن، ئالبانىيەنىڭ.


  - سىز، سىز تېخى بالا تۇرسىڭىز!


  - سىز مېنىڭ كىچىكلىكىمگە قارىماڭ، بەرىبىر مەن ئۇ كىنونى كۆرگەن.


  - قەيەردە كۆرگەنتىڭىز؟


  - بېيدەيخېدا،- ئۇ بىر ساناتورىيەنىڭ ئىسمىنى دېدى.


  - مەن ئۇ ساناتورىيەگە بارغان.


  - سىز؟


  - ھەئە!


  - ئۇنداق بولسا سىزنى باشلىقىم دەپ ئاتاي.


  - مەن قانداقسىگە باشلىق بولۇپ قالدىم ئەمدى.


- باشلىق بولمىسىڭىز ئۇ يەرگە قانداق بارالىدىڭىز؟


  - مەن كىنو قويغۇچى ئىدىم، باشلىقلارغا كىنو قويۇپ بېرەتتىم.


  - راستمۇ؟


  - سىز كىرىشىڭىز بىلەنلا تونۇشتەك ھىس قىلغىنىم بىكار ئەمەسكەن.


  - سىز سەل ئالدىراپ قاپسىز، مەن ئۇ يەردە كىنو قويۇپ يۈرگەن چېغىمدا سىز تېخى تۇغۇلمىغان بولغىيتتىڭىز.


  - مەن ئۇنچە كىچىك ئەمەس.


  - سىز ئۇ يەردە نىمىش قىلاتتىڭىز؟ سېستىرامىتىڭىز؟


  -مەن ئۇ يەردە سىستېرالىق قىلغان بولسام بۇ يەرگە كېلىپ سىزنىڭ پۇتىڭىزنى يۇياتتىممۇ؟


  - ئۇنداقتا نىمىش قىلاتتىڭىز؟


  - مۇلازىمەتچى ئىدىم، تازىلىق قىلىدىغان، چاي قۇيىدىغان دېگەندەك.


  - ئۇ يەردە چاي قۇيىدىغان ئىشمۇ ئانچە بوش خىزمەت ئەمەس جۇمۇ.


  - ئۇغۇ شۇنداق، پۈتۈن ناھىيە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان 100 ئادەمنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىز ئىككىمىزلا تاللانغان.


  - 100 نىڭ ئىچىدىن ئىككىمىز دەڭ.


  ئۇ پۇتۇمنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى.


-     ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئۆكچىسى ئاغرىيدۇ.


-     بۇ يەرمۇ؟


-     ھەئە، ۋايجان، بوشراق!


-     ئىچىدە بىر يۇمۇلاق نەرسە يۇمۇلاۋاتىدۇ!


-     نېمە بولغاندۇ؟


-     سېرىق ئەت ياللۇغى.


-     سىز قانداق بىلىسىز؟


-     نۇرغۇن خېرىدارنىڭ پۇت ئۆكچىسى ئاغرىيدۇ.


  - سۆڭەك ئۆسۈۋالغانلىقتىن ئەمەستۇ؟


  - سېرىق ئەت ياللۇغى، مەن كىتاپتىن كۆرگەن.


  - پاھ، سىزمۇ كىتاپ كۆرىدىكەنسىز-دە.


  - مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن.


  - ئۇۋىلاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟


  - سەل تۇرۇپ بۇ يەردىكى قاپارتمىنى ئازراق قىرىپ لوڭقا قويۇپ ئىچىدىكى زەرداپنى چىقىرىۋەتسەك ساقىيىپ كېتىدۇ.


  - ئۇنداقتا سىزگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن.


  - ئۇنداقتا ھازىر قىرىشقا باشلايمەن.


  - ۋايجان، بەك ئاغرىپ كەتتى!


  - ئازراق چىداڭ، ھېلىمۇ ئەسكەرلىكتە تۇرغىنىڭىز!


  - سىز مېنىڭ ئەسكەر بولغىنىمنى قانداق بىلدىڭىز؟


  - سىز ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ!


  - سىز قانداق بولۇپ بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟


  - خاتالىق ئۆتكۈزۈپچۇ؟


  - قانداق خاتالىق؟


  - ئىستىل خاتالىقى!


  - ئوۋ، بۇ ئېغىر مەسىلە ئىكەن.


  - ئادەتتىكى ئادەم قىلسا ئىستىل خاتالىقى، چوڭ باشلىق قىلسا ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش بولىدۇ.


  - ھا...ھا...بەك قىزىقچىكەنسىز!


  - مەن تېخى ئېيتىشىشمۇ ئويناپ چىققان!


  - ئاياللار ئېيتىشىشىمۇ؟


  - ئاڭلىماپسىز-دە! مەن بىر ئىشتىن سىرتقى ئارتىست، ئەگەر خاتالاشمىغان بولسام ئاللىقاچان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رەسمىي ئارتىسى بولۇپ قالاتتىم.


  - ئەپسۇس.


  - مەنمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، ئاۋازىمنىڭ قانچىلىك يۇقۇرىلىقىنى بىلەمسىز؟ مەن «چىڭزاڭ ئېگىزلىگى» دېگەن ناخشىنى ئېيتالايمەن.


  - ئۇ ناخشا ئەڭ يۇقۇرى ئاۋازدا ئېيتىلىدۇ راست.


  - سىز زادى قانداق ئىستىل خاتالىقى ئۆتكۈزگەن؟ تەپسىلىرەك ئېيتالامسىز؟- سورىدى شياۋلياۋ.


  -بىز بۇ يەردە پاراڭلىشىۋاتساق، سىز ئۇ يەردە تۇرۇپ پاساڭ قىستۇرسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ!


  - بىز قانۇن ئۆگەنگەن، سىزگە ئارتىلغان ناھەق دېلونى ئاغدۇرۇپ بەرسەك ئەجەپ ئەمەس.


  - ئۇنى ناھەق دېلو دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان.


  - ھەي، ھەقىقەتەن مەرتكەنسىز.


  - بىز كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزلىرى بولغاچقا مۇشۇنداق بوينىمىز قاتتىق.


  - سىز قانداق بولۇپ گاۋمى دېگەن بۇ كىچىك ناھىيەگە كېلىپ قالدىڭىز؟ بۇ يەر ھەم چەت، ھەم قالاق تۇرسا.


  - باشلىق، بۇ گېپىڭىز توغرا ئەمەس! گاۋمىنىڭ شەرقى چىڭداۋغا، غەربى ۋېيفاڭغا تۇتىشىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق، ئازراقمۇ قالاق ئەمەس.


  - يولدىشىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟


  - ھېچ ئىش قىلمايدۇ، ئۆيدە بالا باقىدۇ.


  - بالىڭىز بارمۇ تېخى؟


  - بار، بىر يېرىم ياشقا كىردى.


  - سىلەر قانداق تونۇشقان؟


  - ئۇ شۇ جايدا ئەسكەر ئىدى.


  - چۈشەندىم، سىلەر قائىدىگە خىلاپ ھالدا مۇھەببەتلىشىپتىكەنسىلەر.


  - توغرا،- دېدى ئۇ،- ئەسكەرلەرنىڭ يەرلىك قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.


  - سىزنىڭ يولدىشىڭىز ئۇ يەردە نىمىش قىلىدۇ؟


  - ئاشپەز.


  - ھە، باشلىقلار ئۈچۈن تاماق ئېتىدىكەن-دە.


  - ئۇنىڭ ئۇنچىلىك ھۈنىرى يوق، بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە تاماق ئېتىدۇ، داشقازاننىڭ تامىقى...


  - چۆمۈچ قولىدا دەڭ، قاچىڭىزغا گۆش سېلىپ بېرەمدۇ؟


  - نەدىكىنى، ھازىر كىم گۆش يىيىشكە ئامراق؟


  - ئۇنداقتا قانداق بولۇپ بىر ئادەتتىكى ئەسكەرنى ياختۇرۇپ قالدىڭىز؟


  - كېلىشكەن بولغاچقا!


  - قانچىلىك كېلىشكەن؟


  - جاڭ گورۇڭغا ئوخشاپراق قالىدۇ.


  - ھە، ھېلىقى بىنادىن سەكرىۋالغان چولپانغا دەڭ.


  - يولدۇشۇمنىڭ پىسخىكىسى بەك ساغلام.


  - سىز شۇنداق چىرايلىق ھەم ناخشا- ئۇسۇلغىمۇ قولىڭىز كېلىدىغان تۇرۇپ، بىرەر باشلىقنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمىغانمۇ؟- سورىدى شياۋلياۋ.


  - ھەي، سىز يەنە پاساڭ قىستۇرىۋاتىسىزغۇ؟


  -شۇنداقلا سوراپ قويدۇمغۇ. ئەستا، مېنى مۇتاپ ئۆلتۈرۈپ قويامسىز نېمە؟!


  - كىم سىزنى داننى بۇ يەردە يەپ ئۇ يەردە كاكىلاڭ دەپتۇ.


  - ئوھۇي، يەنە دەككەمنى يىدىم. ئاخىرى ئايال كىشى تەرىپىدىن بىر قېتىم دەككەمنى يېدىم، بۇ بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆمرىگە داغ كەلتۈرمەس-ھە. شۇنداقتىمۇ بەك بىلگۈم بار، ئەجىبا بىرەر باشلىقنىڭمۇ كۆزى چۈشمىگەنمۇ سىزگە؟


  - ئۇلارنىڭ كۆزى چۈشكەن، لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا كۆزۈم چۈشمىگەن.


  - سىزنىڭ بۇنچىلىك ۋىجدانىڭىز بارلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىمەن.


  - سىزگە دېمىدىممۇ؟ بىز دېگەن كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزلىرى.


  -كان ئىشچىلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھوقۇقدارلارغا مەستانىلەر چىقىدۇ.


  - مەن راستىنلا «سەككىزىنچىسى مىس ھەيكەل»نى كۆرگەنتىم. ئۇ يىلى يازدا، ھېلىقى باشلىق ــــ ئۇ ماڭا تونۇش بىر ئىسىمنى ئېيتتى ــــ بىلمىدىم، قايسى پېيى تارتىشىپ قالدىكىن، كونا كىنولارنى تاللاپ قويدۇردى، نېمە ئۇ « دوناي دولقۇنى»، «يەر ئاستى پارتىزانلىرى» دېگەندەك...قاراڭ، زەرداپ چىقىشقا باشلىدى.


  - قولىڭىز بەك كۈچلۈككەن.


  - بىزدەك قولىغا تايىنىپ نان تېپىپ يەيدىغانلارنىڭ كۈچى بولمىسا بولمايدۇ. لوڭقىدىن يەنە بىرنى قويايلىمۇ؟


  - بولىدۇ. يىڭنە بىلەن بىر نەچچە كۆز ئاچقىلى بولارمۇ؟ لوڭقا قويغاندا زەرداپنى تارتقۇدەك.


  - ئۇنىڭ ھاجىتى يوق، كېلەر قېتىم كەلسىڭىز پۇتىڭىزنى تۇز سۈيىدە يۇيۇپ قوياي، تۇز ياللۇغنى يوقىتىدۇ.


  - «تۇز خەلق ئاممىسىغا مەنسۇپ».


  - «چۈنكى دېڭىز خەلق ئاممىسىغا مەنسۇپ».


  - «فاشىسىتلارنى يوقىتايلى!»


  - «ئەركىنلىك خەلققە مەنسۇپ!»


  - سىلەر نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟- سورىدى ئاق چىشلىق قىز.


  - بىز مەخپىي شىپىر بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز!- دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ.


  كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە مەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 7 قېتىم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ پۇت يۇيدۇردۇم. مەن ئۇنىڭ ئىسمى، يېشى ۋە يۇرتىنى بىلىۋالدىم. يەنە ئۇنىڭ ئېرىنىمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن قاملاشقان يىگىتكەن، بىر جۈپ غەمكىن كۆزى، ئېگىز قاڭشىرى، تەبىئىي بۈدۈر چاچلىرى «سەككىزىنچى مىس ھەيكەل» فىلىمىدىكى باش قەھرىمان ئىبراھىمغا ئوخشاپراق قالىدىكەن، بولۇپمۇ، ئايالى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقاندا بىر چەتتە تۇرۇپ تاماكا چېكىشلىرى بەكلا ئوخشايتتى.  ئۇ سۈزگۈچى يوق تاماكا چېكەتتى، ئىبراھىممۇ دەل ئەشۇنداق سۈزگۈچى يوق تاماكىنى چېكەتتى. ئىبراھىم تاماكىنى كۈچەپ شورىغاندىن كېيىن، تاماكا ئىسىنى ئاغزىدىن قويۇپ بېرىپ يەنە ئۇنى ئىچىگە سۈمۈرەتتى. بۇ ھالەت خۇددى بىر يىلان ئۇۋىسىدىن چىقىپ يەنە ئۇۋىسىغا قايتىپ كىرىپ كەتكەنگە ئوخشايتتى، ئۇمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ساغلام ئىدى. بەدىنىدىن ئاچچىق-چۈچۈك سۈت ھىدى كېلەتتى. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 بىلەن 4 نىڭ ئارىلىقىدا ئۇ خېرىدار قوبۇل قىلمايتتى، بۇ ۋاقىت ئۇنىڭ بالىسىغا مەنسۇپ ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتنى « ئوغلۇمنىڭ چۈشتىن كېيىنكى چاي ۋاقتى» دەپ ئاتايتتى. مەن ئۇنىڭغا:«ئېرىڭىزنىڭ جاڭ گورۇڭغا ئوخشايدىغان ھېچقانداق يېرى يوقكەن» دېسەم، ئۇ،« ئوخشىمامدىكەن، مەن قارىسام ئوخشايدىغۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئېرىنىڭ فامىلىسى ۋاڭ، ئىسمى خەيياڭ ئىدى. مەن ئۇنىڭغا « ئىسمىڭىزدا سۇ بەك كۆپكەن، سىزنى ئۇلۇق ئوكيان دەپلا چاقىراي» دېسەم ئۇ شۇنداق جاۋاپ بەرگەنىدى: «ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ مەن ھازىر بىكارلىق تاماق يەۋاتىمەن، خوتۇننىڭ قولىغا قاراپ قالدىم». « ئۆزىڭىزنى ئۇنداق تۆۋەن كۆرمەڭ، ئائىلىدە بالىغا قاراشمۇ ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتقۇ» دېسەم ئۇ ئاچچىق كۈلگىنىچە،« سىزنىڭ بۇ گېپىڭىز بەئەينى سىياسىي كومېسسارنىڭ گېپىگىلا ئوخشاپ قالدى» دېگەنىدى. « دېمىسىمۇ ئۇ سىياسىي كومېسسار، ھەتتا سىياسىي كومېسساردىنمۇ چوڭ» دېگەنىدى ئايالى بىر چەتتە تۇرۇپ.


  - شياۋۋاڭ،- دېگەنىدىم مەن ئۇنىڭغا،- ئايالىڭىز ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك، كەلگۈسىدە تۇرمۇشۇڭلار چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.


  ئۇ تاماكا كۆتىكىنى ئورمانلىقنىڭ ئارىسىغا تاشلىۋېتىپ، ھەسرەت بىلەن:


-     كەلگۈسى، كەلگۈسى قەيەردە؟- دەپ سورىغان ئىدى.


  ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا پۇت يۇيدۇرغىلى كەلگەندە شياۋلياۋنىڭ پۇتىنى يۇيغان ھېلىقى ئايال كۆرۈنمەيتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا سوزۇنچاق يۈز بىر قىز كەلگەن ئىدى.


-     ئاق چىش قىز قېنى؟ - سورىغان ئىدىم ئۇنىڭدىن.


-     قىزىل كارۋات تەرەپكە كەتتى،- دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى ئۇ.


-     نىمىشقا؟


-     نىمىشقا دەمسىز؟ ئۇ يەردە پۇلنى جىق تاپقىلى بولىدۇ.


-     بۇ يەردە تاپىدىغان پۇلمۇ ئاز ئەمەسقۇ؟


-     ئۇ يەرگە قارىغاندا كۆپ ئاز.


-     قىزىل كارۋاتنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟- سورىغان ئىدى شياۋلياۋ.


-     قەستەن ئىش ئۇقماس بولىۋالدىڭىز-ھە.


-     مەن راست دېدىم، مەن راست ئىش ئۇقمايمەن.


  - سەل تۇرۇپ ئۆزىڭىز بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ. بۇ ئىشىكتىن چىقىپ قىزىل پاياندازدا مېڭىپ ئىككى ئەگىلمىدىن ئۆتسىڭىزلا يېتىپ بارىسىز.


  - سىز نىمىشقا قىزىل كارۋات تەرەپكە بارمىدىڭىز؟


  - مەن ئۇ يەرگە بارسام كىم سىزنىڭ پۇتىڭىزنى يۇيۇپ قويىدۇ؟


  - توغرا، بارماڭ، ھەرگىز ئۇ يەرگە بارماڭ،- دېگەنىدىم مەن.



تۈگىدى.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 20:21:14

مۇيەن نۇبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالسا نۇرغۇن پۇل بىرەر ھە،،،مۇ لاۋبەن بۇلوپ كىتىدۇدە،،ھى،،، \"\"

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 18:38:06

ئەنۋەر جۇلاغا رەھمەت ،بۇ ھېكايىنىڭ 2-سى ئېسىلكەن،نېمىشقىكىن بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز بىلەن مۇشۇ خەن يازغۇچىلار ھەم بىز پەقەت تەرجىمە ئارقىلىق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىۋاتقان چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ،ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىدا چوڭ پەرىق باردەك بىلىنىدۇ ماڭا،

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 19:59:23

ھېكايىنى شۇنداق تەبىئىي يازىدىكەن، بېشى ۋە داۋامى باردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 19:59:38

ھېكايىنى شۇنداق تەبىئىي يازىدىكەن، بېشى ۋە داۋامى باردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 20:58:46

- ھېچقايسىمىز سەندەك ئەخمەق ئەمەس!- دېدى دۇڭ جياپۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاۋال ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇن باقىمىز، ۋەزىيەت سەل ئوڭشالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئاشكارىلايمىز. مېنىڭ ئىككى قىزىم بار، لاۋجياڭنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بار، لاۋخۇا ئەڭ يۈرەكلىك، ئىككى قىز، بىر ئوغلى بار، ئىككىنى ئارتۇق تۇغدى!



-پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇشى

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئۇنى دىزېل ماتورغا قارىغىلى قويسام دىزېل ماتورىنىڭ ماي ساندۇقىغا سىيىپ قويۇپ ماتور ئىس قويۇپ بېرىپ پارتلاپ كەتسىمۇ نومۇس قىلماي دۆلەت ئۈچۈن ئېنېرگىيە تېجەپ بەردىم دېگەن نومۇسسىز گۇي ئۇ.



-تەرەقىياتنىڭ مەنبەسى بولغان نېفىتنىڭ جوڭگۇدا ئىشلىتىلىشى

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

- ھازىرقى دەۋردىچۇ،- دېدى دۇڭ جياپۇ كۆلچەكنىڭ يان قىرغىقىغا چىقىپ قولىنى شىلتىغان ھالدا،- پەسكەشلەر ھۆكۈم سۈرۈپ، ئالىجاناپلار خارلىنىۋاتىدۇ!



-ھوقۇقدارلارنىڭ كېلىش مەنبەسى

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئەنۋەر جۇلا ئاكا،بۇ يازغۇچىنىڭ ‹‹مۇنچا››دېگەن ھېكايىسىنى ئۇقۇپ،يۇقۇرقى قۇرلار بەك يارىدى،دىئالۇگدا نۇرغۇن ھەل قىلىنماي كەلگەن،ساقلىنىپ كەلگەن مەسىللەرنى قىستۇرۇپتۇ،بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم،خەنسۇ تور بېتىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقسا بولغۇدەك...ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ياخشى،چىنلىق بىلەن ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىكەن بۇ...

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 21:15:05

ئوقۇپ بېرىدىغان ئادەم تاپسام بولغىدەك

ئۇزۇن ئۇزۇن دىئالوگلارنى ئوقۇش خوشياقمىدى.





پ س

دىئالوگ بىلەنلا ھىكايە پۈتكۈزۋېتىش ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مودىسىمۇ نىمە \"\"

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 21:31:20


5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوقۇپ بېرىدىغان ئادەم تاپسام بولغىدەك

ئۇزۇن ئۇزۇن دىئالوگلارنى ئوقۇش خوشياقمىدى.





پ س

دىئالوگ بىلەنلا ھىكايە پۈتكۈزۋېتىش ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مودىسىمۇ نىمە \"\"


توي قىلسىڭىز ،ئۇقۇپ بېرەتتى زىيالىي ئاكا\"\"(چاق-چاق ھە)




ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 21:41:56

ئۇنداق قۇمدەك گەپ قىلىدىغان خۇتۇندىن خۇدا ساقلىسۇن \"\"

روللارغا بۈلۈپ ئوقىتىدىغانغا بىر نەچچىنى ئال دەڭە \"\"





ياق ياق ھەي

مەن باشقىچە جىدەل قىلىدىغان بولۇپ قالدىم يېقىندىن بېرى

ماڭا بىرلا بولسا يىتىدۇ

ياق ياق

بىرسىلا

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 22:21:49

4- قەۋەتتىكى Marshalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

- ھېچقايسىمىز سەندەك ئەخمەق ئەمەس!- دېدى دۇڭ جياپۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاۋال ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇن باقىمىز، ۋەزىيەت سەل ئوڭشالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئاشكارىلايمىز. مېنىڭ ئىككى قىزىم بار، لاۋجياڭنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بار، لاۋخۇا ئەڭ يۈرەكلىك، ئىككى قىز، بىر ئوغلى بار، ئىككىنى ئارتۇق تۇغدى!



-پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇشى

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئۇنى دىزېل ماتورغا قارىغىلى قويسام دىزېل ماتورىنىڭ ماي ساندۇقىغا سىيىپ قويۇپ ماتور ئىس قويۇپ بېرىپ پارتلاپ كەتسىمۇ نومۇس قىلماي دۆلەت ئۈچۈن ئېنېرگىيە تېجەپ بەردىم دېگەن نومۇسسىز گۇي ئۇ.



-تەرەقىياتنىڭ مەنبەسى بولغان نېفىتنىڭ جوڭگۇدا ئىشلىتىلىشى

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

- ھازىرقى دەۋردىچۇ،- دېدى دۇڭ جياپۇ كۆلچەكنىڭ يان قىرغىقىغا چىقىپ قولىنى شىلتىغان ھالدا،- پەسكەشلەر ھۆكۈم سۈرۈپ، ئالىجاناپلار خارلىنىۋاتىدۇ!



-ھوقۇقدارلارنىڭ كېلىش مەنبەسى

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئەنۋەر جۇلا ئاكا،بۇ يازغۇچىنىڭ ‹‹مۇنچا››دېگەن ھېكايىسىنى ئۇقۇپ،يۇقۇرقى قۇرلار بەك يارىدى،دىئالۇگدا نۇرغۇن ھەل قىلىنماي كەلگەن،ساقلىنىپ كەلگەن مەسىللەرنى قىستۇرۇپتۇ،بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم،خەنسۇ تور بېتىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقسا بولغۇدەك...ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ياخشى،چىنلىق بىلەن ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىكەن بۇ...

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

«قىزىل قوناق» دېگەن كىنونى كۆردىڭىزمىكىن، 90- يىللاردا بۇ كىنو بېرلىن مۈشۈك ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە جۇڭگودا ناھىيىتى كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە بولغان.


جاڭۋېننىڭ گۇڭلىنى قومۇشلۇقتا باسقان كۆرۈنىشى بىلەن چاپىنىدىكى پىتنى تېرىپ يەيدىغان كۆرۈنۈشنى «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەيىپىنى جاھانغا شەرمىسار قىلدى، بۇرژۇا چىرىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلدى» دەپ مويەن بىلەن جاڭ يىمونى بەك تىللىغان. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرچە «يېرىم ئايلىق سۆھبەت» ژورنىلىدا بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەرنى بەك باساتتى.


ھازىر ئەشۇ كۆرۈنۈشلەر ئۈچۈن بۇرژۇئا چىرىك ئىدىيەنى تەرغىپ قىلدى، دېگەندەك گەپلەرنىڭ چىققىنى گويا ئەپسانىدەك تۇيۇلىدۇ. جۇڭگولۇقلار ھازىر كارىۋات تەسۋىرىنى قىستۇرماي كىنو ئىشلىمەيدۇ، ھېكايە-رومان يازمايدۇ.


مەن مويەننىڭ مۇشۇ ئىككى پارچە ھېكايىسىدىن باشقا ئەسىرىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم. بىر سۆھبەتتە ناھىيىتى بەك مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىلىقىنى دەپتۇ. ماۋۇ ئىككى پارچە ھېكايىسىنىڭ ئۇسلۇبى مېنىڭچە تۇرمۇشنىڭ ئەينى خاتىرىسى. خۇددى كامېراغا ئالغاندەك تۇرمۇشنىڭ ئىككى قىسقا كارتىنىسىنى خاتىرىلەپ قويغان. شۇنداقلا ئالدىنقى ھېكايە بىلەن كېيىنكى ھېكايىنىڭ ۋاقىت تەرتىۋى يېقىن كېلىدۇ.  بۇ ئۇنىڭ توختىماي يېزىقچىلىق قىلىپ خەت سانىنى ئاۋۇتىدىغانلىقىنى بىلىشتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولىدىغان بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن، بۇنداق ھەر بىر تەپسىلاتنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك، ئالدىغا ئۇچرىغىنىنى يېزىش تەسىراتىنى بەرگەن ھېكايە ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۇسلۇبى بولماسلىقى مۈمكىن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ قارالغان پوۋېست-رومانلىرىنى ئوقۇپ باقساق كېرەك.

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 23:07:41

ئاۋۇ دوختۇر سەت موتو قىپتۇغۇ ،

   {:107:}   {:107:}  

  پىت يەيدىغان ئىشى يىقىنقى زاماندىمۇ بارمىكەنتۇق؟ \"\" \"\"

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 23:13:35


7- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل




ماڭا بىرلا بولسا يىتىدۇ

ياق ياق

بىرسىلا





ئەگەر (ئاياللار ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ...كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر(نىسا سۈرىسىدىن)

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 00:13:37

ئەنىۋەر جۇلا.


ئىككىنچى ھىكايىدىكى ئاۋۇ ئالبانىيەنىڭ كىنوسىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قېلىشىچە «8 دىخان بىر ھەيكەل»غۇ دەيمەن. باش پىرسۇناژنىڭ ئىسمى ئوبۇل ھاشىم كاۋاش. بۇ كىنونى بەك كىچىك چاغلىرىمىزدا كۆرگەچكىمۇ قانداق، ئاساسى مەزمۇنى يادىمدا يوق، بىراق 8 دىخان بىر ھەيكەلنى كۆتىرىپلا يۈرىدىغان كۆرۈنۈشلىرى ئازراق يادىمدا.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 14:02:27

بۇلارنىڭ نوبىل چۈشى مۇشۇنىڭ بىلەن رىياللىققا ئايلىنارمۇ، ئىشەنمەيمەن جۇمۇ \"\"

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-10-8 00:39:31



ياق ياق ھەي

مەن باشقىچە جىدەل قىلىدىغان بولۇپ قالدىم يېقىندىن بېرى

ماڭا بىرلا بولسا يىتىدۇ

ياق ياق

بىرسىلا


تۇيۇقسىزلا لۈشۈننىڭ <<كۇڭيىجى>> ناملىق ھېكايىسىنى ئەسلەپ قالدىم...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-8 22:28:33

رومانلېرىنىڭ ئىسمى ھەيۋەتقۇ. \"\"

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 17:20:51

مو يەن ئېرىشىپتۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئاخىرى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:47:12

ئەمدى ئوقۇي بۇنى،كۆرىدىغان كىنو يوق،سۈزۈك سەۋزىنى ئوقۇپ بوپتىمەن:lol
بەت: [1]
: مويەننىڭ ئىككى ھېكايىسى[تەرجىمە]