ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 17:07:47

قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىشتىن ياردەم

مۇنداق گەپ مەسىلەن 20 كومپىيۇتېرى بار قىسمى تورلۇق كومپىيۇتېرخانىنىڭ بارلىق كومپىيۇتېرلىرىنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى ئوخشاش قىلىپ باش كومپىيۇتېردا بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئايرىغىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن قىسمى توردا بىرلا ۋاقىتتا ھەممە كومپىيىيۇتېرلارغا ghost نى يايغاندەك ، ghost نى ئىشلىتىپ باقاي دەپ سىنىسام مۇۋەپپىققىيەتلىك بولمىدى.

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 18:11:33

بۇنىڭغا قۇياش ئەپەندى بىلەن كۆك كەپتەر ئەپەندى بىرنەرسە دەپ باقسۇن

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 18:25:08

مەن ئويلاپ باقسام 20 ئەسكەرلىرىڭىزگە كىچىك ئەتىرەتلەرگە بۆلىنىش بۇيرۇقىنى بەرسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىزنى ئۇرۇنلاپ بولغان ھامان، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىڭىز ئۈزلۈپ قوماندانلىق قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. كىينكى بۇيرۇقىنى ھەممىسىنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىرىشكە توغرا كىلىشى مۇمكىن. \"\"

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 19:41:31

Ghost

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 20:05:34

بۇنىڭ ئاددى ئۇسۇلى ghost تىن پايدىلىنىش

ئاۋۋال سىز بىر كومپىيوتىرنى رايۇنغا بۆلۈپ سىستىمىنى قاچىلاپ تەييارلايسىز . شۇ بىر كومپىيوتىرنىڭ بارلىق ئىشى تۈگىگەندە يەنى سىستىمىسى كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولغاندا بۇ كومپىيوتىرنى گوستلاپ ساقلايمىز( بۇ يەردىكى گوسىتلاش بىر دىسكا رايۇنىنى گوستلاش ئەمەس ،پۇتۇن بىر قاتتىق دىسكىنى گوستلاش ) بۇيەرگە كەلگەندە بىر تال زاپاس قاتتىق دىسكا تەييارلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا گوسىت سايە ھۆججىتىنى ساقلىيالمايسىز .  بۇ جەرياننى گوستلاشقا ماھىر بولسىڭىزلا قىلىپ كىتەلەيسىز .

ئەمدىكى گەپ سىز بىر گوسىت مۇلازىمىتىر يۇمشاق دىتالى چۈشۈرىسىز . ghost server

ھە راس سىزنىڭ كومپىيوتىرلىرىڭىزنىڭ ئانا تاختىسى pxe نى قوللىشى كېرەك ئۇنداق بولمىسا سەل ئاۋارچىىلىق .

يايىقى سىز سىتىما قاچىلاپ بولغان كومپىيوتىردا گوسىت مۇلازىمىتىر يۇمشاق دىتالىنى ئىجراقىلىپ سىز بايا ياسىغان سايە ھۆججەتنى كورسىتىپ بىرىسىز .

ئاندىن سىز بارلىق كومپىيوتىرلىرىڭىزنى ئېچىپ pxe ھالىتىدە قوزغاتسىڭىز گوست ھالىتىدە قوزغىلىدۇ . بۇ مۇلازىمىتىرغا ئۇلانغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ . ئەگەر ئۇلانمىسا قايتا سىناڭ .

بارلىق كومپىيوتىرلارنى شۇنداق ھالەتتە قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن مۇلازىمىتىردىن باشلاش دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز بارلىق كومپىيوتىرلار گوست سايە ھۆججىتىنى يېيىشقا باشلايدۇ ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 1 سائەتتەك ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن ، سەپلىمە يۇقىرى بولسا تىزلا يېيىپ بۇلىدۇ .

يېييپ بولغاندىن كېيىن بارلىق كومپىيوتىرلارنى قايتا قوزغاتسىڭىز كارامەت ، شۇ يەردە ،   {:92:}

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 09:21:30

سىز سىناپ باقتىڭىزمۇ؟سىز دېگەندەك قىلىپ باققان ئىدىم، ھەممىسىنى پوملاپ بىر دېسكىغا يېيىپ قويۇپتۇ ، شۇنىڭغا قارىغاندا ئاۋال رايونلارغا ئايرىۋېلىپ قىلساق بولامدىكىن دەيمەن ،

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 10:33:06

ziltarنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

مۇنداق گەپ مەسىلەن 20 كومپىيۇتېرى بار قىسمى تورلۇق كومپىيۇتېرخانىنىڭ بارلىق كومپىيۇتېرلىرىنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى ئوخشاش قىلىپ باش كومپىيۇتېردا بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئايرىغىلى بولامدۇ؟

مەنمۇ بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ قېلىپ، تورنى ئاختۇرۇپ باقسام، قىلغىلى بولىدىكەن. لېكىن بەزى تېخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىكەنسىز. (توپ بىر تەرەپ قىلىش قوليازما پىروگراممىسى يېزىپ، مۇلازىمېتىرگە قويۇپ، باشقا خېرىدار كومپيۇتېرلارنى تور بىلەن قوزغىتىپ دىگەندەك...)


«دىسكىلارنى توپ رايۇنلارغا ئايرىش» دىگەننى ئىنگىلىزچە batch disk partitioning دەيدۇ. مەن مۇشۇنداق ئىزدىسەم، مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق ماتىرياللىرىدىن نۇرغۇنلىرى چىقتى. ئازراق كۆز يۈگۈرتۈپ باقسام، ئانچە ئاددى ئەمەستەك. بۇ بەلكىم بىر قانچە بىنالاردا، نەچچە مىڭ تورلاشقان كومپيۇتېرى بار چوڭ ئورۇنلاردا كۈچىنى راۋۇرۇس نامايەن قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. بىر ئۆيدىكى 20 كومپيۇتېرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، سىز ماۋۇ تېخنىكىنى ئەڭ كامىدا 3-2 كۈن ئۆگىنىدىغاندەك قىلىسىز. شۇڭا ئىشىكىدىن توقۇمى قىممەت بولۇپ كېتىپ، گۇڭ كۆتەرمەيدىغاندەك قىلىدۇ.


يەنە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار ئىكەن. مەسىلەن، يەككە بىر كومپيۇتېردىكى بىر دىسكىنى رايۇنغا ئايرىغاندا، كوماندا قۇرىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن 30-20 قۇر كوماندا بېرىپ قىلاتتۇق. ئەمدى مۇشۇ 30 قۇر كوماندىنى بىر توپ بۇيرۇق قوليازما ھۆججىتىگە ساقلاپ، باشقا ھەر بىر كومپيۇتېرلارنى بارماق دىسكا ياكى نۇر تەخسىدىن WinPE بىلەن قوزغىتىپ، ئاشۇ توپ بۇيرۇقنى بىر قېتىم بېرىپ قويساقلا بۇ كومپيۇتېردىكى مەسىلە ھەل بولىدىكەن. (لېكىن بۇ ئۇسۇلدا، ھەر بىر كومپيۇتېر ئالدىغا بېرىپ، كامىدا بىرە قېتىمدىن بۇيرۇق بېرىدىكەنمىز.)


يەنە بىر چارە، بىر ئانا تاختىغا 6-5 دىسكىنى ئۇلاپ، بىر بۇيرۇق بىلەنلا بۇ 6-5 دىسكىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىكەن. لېكىن بۇنىڭغىمۇ توپ قوليازما ھۆججىتى يازىدىغان ئىشكەن.


مەن بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئۆزەم قول سېلىپ قىلىپ باقمىغان. پەقەت تېمىڭىزنى كۆرۈپ، قىزىقىپ، توردىن ئىزدەپ، ئوقۇپ باققان ئۇچۇرلار. ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 11:14:41

قىلىدىغان ئىشنىغۇ قىلىپ بولدۇم ، لېكىن شۇ مۇشۇنداق تېخنىكىنى ئۆگىنۋالساق بىر بىلىم ئەمەسمۇ، كېيىن ھامان لازىم بولىدۇ

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 11:38:36

2005-يىلى 3com dabsنىڭ pxeنى تەھرىرلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ بىرقانچە بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقلىرىنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە گوستنى قوزغىتىشقا كەتكەن ۋاقىت ئەڭ ئۇزۇن ھەم جاپالىق بولغان ئىدى. كىيىن pc-dos ۋە ئۇنىڭ توپ بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقلىرىدىكى جۈملىلەرنى چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن ئوخشىمىغان بۇيرۇقلارغا ئوخشىمىغان پارامېتىرلارنى بىرىپ ، تور كارتىسىدىن قوزغالغان كومپيۇتېرلارنىى ئۆزلىكىدىن رايۇنغا ئايرىش،توردىن يىشىلىدىغان گوستلارغا ئاپتۇماتىك تەييار ھالەتكە ئۆتىدىغان ھالەتكە ئەكىلىش دىگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلغان ئىدۇق. ھازىر ئۇنداق تېخنىكىلاغا ئىھتىياج قالمىدى.

بۇنى ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز DHCP بىلەن dos مەشغۇلاتىغا پىششىق بولسىڭىز 3com dabsتىن پايدىلىنىپ خېلى ئىشلارنى قىلالايسىز.توردىن ھەممە نىمىسى تەييار(max pxe دىگەندەك) پروگراممىلارنىمۇ تاپالايسىز. لېكىن ئۆزىڭىز قول سېلىپ ياسىغاندەك قولايلىق ئەمەس. ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز تەلەپنى دىسىڭىز تەلىۋىڭىزگە ئاساسەن مۇۋاپىق ھەق ئېلىپ ھۆججەتنى تەييارلاپ ئەۋەتىپ بىرىمەن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 13:14:23

pq نىڭ قوليازما ھۆججىتى ئارقىلىق پارامىتىر قوشۇپ، بۇيرۇق بىرىدىغان ئىقتىدارلىرى بار. قوليازما تەييار بولغاندىن كىيىن، 3com dabs تىن پايدىلىنىپ، pxe ياسىۋالسىڭىز بولىدۇ. بىراق بۇ تەس بولۇپ كىتىدۇ. ئەڭ مۇرەككەپ يىرى يەنىلا قوليازمىنى تەييارلاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى قىلغاندا، بەزى قاتتى دىسكىدا لوگىكىلىق خاتالىق بولسا، pq ئىشلىمەي خاتالىق چىقىپ توختاپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئامال: قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئوبدان ئايرىپ، ئاندىن قۇرۇق قاتتىق دىسكىنىلا ghost لاپ، ئاشۇ ghost نى pxe ئارقىلىق كومىيۇتېرلارغا قويۇپ بەرسىڭىز ياخشىراق بولىدۇ. قاتتىق دىسكىدا رايون جەدىۋىلىدىن باشقا ئۇچۇر بولمىسا، 10mb تۆۋەن بولغاچقا، بىر مىنۇتقا قالماي گوسىتنى ياندۇرۇپ بولىدۇ.

نىمىشقا سېستىمىنى بىراقلا يىيىشنى ئويلىماي قاتتىق دىسكا رايونىلا يىيىشنى ئويلاپ قالغانغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم. مەن كۆپ كومپىيۇتېرغا سېستىما قاچىلىسام، ھەممىسىگە چۈشىدىغان ئۇنىۋېرسال سېستىما ياساپ، ئاندىن ئوبدان pxe دىن بىرنى ياساپلا بىراقلا قويۇپ بىرىمەن. \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 14:20:47

20 كومپىيۇتېرنىڭ دېسكا رايونى ئوخشاشمايدۇ ، بىز بۇنى يىغىپلا 3 رايون قىلىپ ھەممە كومپىيۇتېرنىڭ رايونلارغا بۆلۈنىشىنى ئوپموئوخشاش قىلماقچى، ئاندىن سېستىمىنى قويۇپ بەرمەكچى

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 15:40:00

گوست ئارقىلىق سېستىمىنى زاپاسلىغاندا سىكتورلاردىكى ئۇچۇرلارنى زاپاسلايدىغان بولغاچقا ئىككىنچى بىر قاتتىق دىسكىنىڭ رايۇنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئانا دىسكىنىڭ رايۇنى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. گوستنى يېشىش ئۈچۈن سېستىمىنى رايۇنغا ئايرىش ھاجەتسىز. ئانا دىسكىنى زاپاسلىغاندا پۈتۈن قاتتىق دىسكىنى زاپاسلىسىڭىز گوستنى يېيىپ بولغاندىن كىيىن ئابۇنتچى كومپيۇتېرلارنىڭ قاتتىق دىسكىسىمۇ ئانا دىسكا بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دىگەن گەپ. مەلۇم رايۇننى زاپاسلىسىڭىز ئابۇنتچى كومپيۇتېرلارنىڭ ماس كېلىدىغان رايۇنىغا يايسىڭىز بولىدۇ.

گوستنىڭ كىلونلاش ۋە زاپاسلاش شەكلى ئۈچ خىل .

قاتتىق دىسكىنى قاتتىق دىسكىغا، A دىسكىدا نىمە بولسا B دىسكىغا كىلونلايدۇ. Disk-To Disk

قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا. A دىسكىدا نىمە بولسا B دىسكىنىڭ مەلۇم رايۇنىغا زاپاسلايدۇ. Disk-To Image

رايۇننى رايۇنغا. A دىسكىنىڭ Cرايۇنىنى B دىسكىنىڭ Cرايۇنىغا كىلونلايدۇ. partition to partition



يېشىش شەكلى

مەلۇم رايۇندىكى قاتتىق دىسكىنىڭ پۈتۈن رايۇنىنى زاپاسلىغان ھۆججەتنى ئىككىنچى قاتتىق دىسكىغا يېشىدۇ.

مەلۇم رايۇندىكى قاتتىق دىسكىنىڭ C رايۇنىنى زاپاسلىغان ھۆججەتنى ئىككىنچى قاتتىق دىسكىنىڭ Cرايۇنىغا يېشىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 16:05:33

رايون ئوخشىمىغاچقا شۇڭا ghost ياسىغاندا disk to img قىلىمىز. ghost سېستىما بار پىلاستىنكىغا قارىسىڭىز، ئىچىدە كىچىككىنە بىر تال ghost ھۆججىتى بار. بۇ دەل قاتتىق دىسكىنى ئاپتوماتىك ئۈچ رايونغا بۆلىدىغان نەرسە شۇ. ئاۋال رايونغا ئايرىپ ئاندىن ghost ياندۇرساق، ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ.
بەت: [1]
: قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىشتىن ياردەم