alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 12:44:49

قىرغۇچى-20 ئايروپىلانىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ سىرى

قىرغۇچى-20 ئايروپىلانىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ سىرى




تۈرلۈك-تۈمەن
جۇڭگو ئېنتىرنېت مۇنبەرلىرىدە، ھەربىي ئىشلار مۇنبىرى شەك-شۈبھىسىزكى ئەڭ
قىزىق ساھەلەرنىڭ بىرى، ھەر كۈنى نەچچە مىليون جۇڭگولۇق زىيارەت قىلغاندىن
سىرت، يەنە چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئاقىللار ئامبىرى تەھلىلچىلىرى ھەتتا
كەسپىي جاسۇسلار بۇ مۇنبەرلەردىن ئورۇن ئالغان، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئالدى
بىلەن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىش، ئاندىن جۇڭگو ھەربىي ئىشلار
مۇنبەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ھەربىي ئەھۋالىنى تىڭ
تىڭلاشتۇر.


گەرچە ياخشى
يامان ئارىلىشىپ كەتكەن مۇنبەرلەردىن ھەقىقىي ئاخبارات توپلاش ئۇنچە ئاسان
ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما «ماھارىتى» نى ئىسپاتلاش ياكى نوقۇل ۋەتەنپەرۋەرلىك
كەيپىياتىنى چىقىش قىلغان نۇرغۇن جۇڭگو تور ئابونتلىرى ئازادلىق
ئارمىيىسىگە ئالاقىدار ئۇچۇلارنى ھەقىقەتەن ئېلان قىلدى، ھەتتا ئۇلار
ئۆزىمۇ بىلمەيلا غەرب جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ «شتاتتىن سىرت ئاخبارات
خادىمى» بولۇپ قالدى. بۇ دەل سوۋېت روسىيسى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بەرپا
قىلغۇچىسى تروتسىكىچى:«ئېھتىمال سەن ئۇرۇشقا قىزىقماسلىقىڭ مۇمكىن، ئەمما
ئۇرۇش ساڭا قاتتىق قىزىقىدۇ» دېگىنىدەك بولدى.


4-ئاينىڭ
24-كۈنى ئامېرىكا «wired»ژورنىلى مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان:
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگولۇق بىر ھەربىي ئىشلار مەستانىسى چېڭدۇ
ھەربىي ئايروپورتىغا يېقىن جايدا بىر ئايروپىلاننى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ،
مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان. بۇ تورداش چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغىنى، دىققەت
قىلماي مۇنداقلا قىلىپ قويغان ئىش دەرۋەقە ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى
غايەت زور مەبلەغ سېلىپمۇ ئېرىشەلمىگەن ھەربىي مەخپىيەتلىك-سىناق
قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ قىرغۇچى-20 رادارغا چۈشمەس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ
مەخپىيەتلىكىنى تەمىنلەپ بەرگەن ئىدى.


1997-يىلى،
ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسى بۇيرۇققا بىنائەن، جۇڭگونىڭ رادارغا چۈشمەس
ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىش تەرەققىياتىنى ئىز قوغلىماقچى بولغان، بۇنىڭ
ئۈچۈن زور مىقداردا ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپمۇ ئېرىشەلمىگەن،
ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا جۇڭگولۇق ھەربىي ئىشلار مەستانىلىرى ئاكىتىپ ھالدا
مەخپىيەتلىك ئاشكارىلاپ قويغان. ئاخبارات ۋاستىلىرى باھا بېرىپ، بۇ ھەربىي
ئىشلار مەستانىسىنىڭ «خالىغانچە تارتقان سۈرەت ئامېرىكىنىڭ بىر يىلدا سەرپ
قىلغان 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جاسۇسلۇق ئىشلىرىنى بېسىپ چۈشتى»
دېگەن.


جۇڭگو ھەربىي
ئىشلار مەستانىلىرى مەقسەتسىزلا مۇنبەر ئارقىلىق چەتئەل ئاخبارات
ئورگانلىرىغا ئەۋەتكەن «سوۋغات» لىرى بۇلار بىلەنلا توختاپ قالغان ئەمەس،
ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئېنتىرنېتتىكى كۈتۈلمىگەن پايدىسى
ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئۇسۇللىرىنى جىممىدە ئۆزگەرتتى. جۇڭگو ھەربىي ئىشلار
مۇنبەرلىرىدە، ھەربىي ئىشلار مەستانىلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ كۆپنى كۆرگەن ۋە
بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش، ھەتتا «ھوقۇقلۇق» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ
بىۋاستە شەكلى «سۈرىتى ھەم ھەقىقىي ئەھۋالى بولۇش» بولۇپ، قورال-ياراغ،
ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار «ۋەھشىي سۈرەتلەر» نىڭ ھەمىشە چېكىلىش سانى
ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، بەزى سۈرەتلەرنى تورداشلار تۇرمۇشىدا ئۆز كۆزى بىلەن
كۆرۈپ، بەزىدە ھەتتا مەخسۇس ئالاقىدار ئورۇنغا بېرىپ تارتقان.

ئامېرىكا خەلقئارا باھالاش ۋە ئىستراتىگىيە مەركىزىنىڭ تەھلىلچىسى رىك
فىشىرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جۇڭگو ئارمىيىسى يەنىلا پۈتكۈل دۇنيادىكى
مەخپىيەتلىكنى ساقلاش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئارمىيەلەرنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ
ئېنتىرنېتنى باشقۇرۇش سالمىقىمۇ ئىنتايىن زور، بىراق جۇڭگونىڭ قىزغىن
ھەربىي ئىشلار مەستانىلىرى غەرب ئۈچۈن خالس ياردەم بەرگەن. «گەرچە ھەقىقىي
مەخپىي ئۇچۇر مۇبادا توردا پەيدا بولسىلا، جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىدە
ئاپتوماتلاشقان تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇچۇرنىڭ يەنىمۇ
ئىلگىرلەپ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى توساپ قالىدۇ». ئامېرىكا مەركىزىي
ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى پىللار:«جۇڭگونىڭ ھەربىي
ئىشلار مۇنبەرلىدىن ئاخبارات توپلاش ئەرزان، خەۋپ-خەتىرى كىچىك بولۇپ،
مۇنبەردە قورال ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈرەتلىرى، سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئاممىنىڭ
جۇڭگو ئارمىيسىىغا بولغان قارىشى تولۇپ تۇرىدۇ» غانلىقىنى بىلدۈردى.


گەرچە جۇڭگو
ھەربىي ئىشلار مۇنبەرلىدىكى ھەقىقىي قىممىتى بار مەخپىي ئۇچۇرلار نېمىلا
بولمىسۇن ئاز ساندا بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى يەنىلا
جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار مۇنبەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاشقا ئەھمىيەت
بېرىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يەنە بىر «ئېنتىرنېتتا ئاشكارا ئاخبارات توپلاش»
دېگەن نامى بار. «دېڭىز ئارمىيە ئاشكارا ئاخبارات توپلاش تورى» نى قۇرغان
ئامېرىكا مۇستەقىل ھەربىي تەھلىلچىسى مايك ئالكساندىر:«بۇرۇن بەزىلەر باشقا
دۆلەتلەرنىڭ ئاشكارا ئۇچۇرلىرىنى توپلاش "بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ
ئىشى" ، پەقەت ئاخبارات ساھەسىنىڭ سىرتدىكى ئادەم شۇنداق قىلىدۇ دەپ
قارايتتى. ھازىر 21-ئەسىر ئېنتىرنېت دەۋرى، ئاخبارات جاسۇسلۇق ساھەسىدىكى
يېڭى كۈچلەر سىفىر تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىگەن ياشلار، ئۇلار تەبىئىيلا
باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىنى تاللاپ ئاخبارات ئىزدەيدۇ» دېدى.


ئەمما بەزىلەر
ھەربىي ئۇچۇرلارنى «خالىسانە» ئاشكارىلىغان جۇڭگو ھەربىي مەستانىلىرىنىڭ
سالاھىيىتىگە گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىقات
ئانالىز باشقارمىسىنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى، ھازىر جىننەھ جۇڭگو
تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەھلىلچىسى باھۇ:«"جۇڭگولۇق ماتىرىيال ئاشكارىلىغۇچى
تورداش؛ لارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ قاتتىق نازارىتىنى
ئاستىدا تۇرىدۇ، مەسىلەن يېقىندا قىرغۇچى-20 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىتىنى
ئاشكارىلىغان ھەربىي ئىشلار مەستانىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەگەر چېڭدۇ
ھەربىي ئايروپورتى ئۇلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشىغا رۇخسەت قىلمىسا، ئۇلارنىڭ
شۇنچىلىك يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سۈرەتكە ئېرىشەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس»
دېگەن.


ئەمما، زادى
قانداق سەۋەبلىك جۇڭگو ئارمىيىسى «تورداشلارنىڭ ھەربىي مۇنبەرلەدە بەزى
مۇھىم ئۇچۇلارنى ئاشكارىلىشى» غا رىغبەتلەندۈرىدۇ؟ دېگەن سوئالغا قارىتا
باھۇ چۈشەندۈرۈپ:«جۇڭگو ئارمىيىسىغا ئېنىقكى، غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ
ھەربىي ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق مەخپىي ساقلاش تۈزۈمىگە بىر تەرەپلىمە قاراشتا،
ھەر قايسى دۆلەتلەر بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ ھەربىي ئۇچۇرلىرىغا قاتتىق
دىققەت قىلماقتا. شۇڭا، جۇڭگو ئارمىيىسى سىرتقى جامائەتچىلىك بىلەن ئالاقە
قىلىدىغان كۆۋرۈك تاپماقچى بولدى، ئۇلار ئەڭ ئاخىرى ھەربىي ئىشلار
مۇنبەرلىرىنى كۆۋرۈك قىلىشنى تاللىدى. شۇنداق قىلىپ، غەربنىڭ جۇڭگو
ئارمىيسىغا بولغان قىياسلىرىنى پەسەيتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، بەزى ھەربىي
ئىشلار مۇنبەرلىرىدىكى ئۇچۇلارنىڭ راست-يالغىنى ئارىلىشىپ كەتكەن، غەرب
جاسۇسلىرىنى قايمۇقتۇرۇشقا پايدىلىق» دېدى.


مەنبە: سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:17:13

جوڭگۇ بەك كۈچلىنىپ كەتتىمۇ نىمە؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:43:23

مەخپىيەتلىكىنى ھەقىقەتەن چىڭ ساقلايدىغان ئوخشايدۇ ...

تۇنۇگۇن چۇشتىن بۇرۇن يولنى قامال قىلىپ مەلۇم مىقداردا قورال ياراغ ۋە ئەسكەرنى قاغلىق تەرەپتىن قايتۇرۇپ كەلدى ، بەزى قۇراللارغا قاراپ ھەۋەس قىلىپ ، پەچەت سۈرەتكە تارتىۋالاي دېسەم ، يولنى قامال قىلغان« قىزىل چىراغ» ئەسكەر كاكىراپ ، يۇگرەپ كەلدى ، رەسىم تارىتما دەيدۇ ...

ئاغزىم قىچىشىپ : ئۇرۇشقا بارامسىلەر ؟

-------------------

ھىندىستان بىلەن ئۇرۇشمايدىغان بولدۇڭلارما ؟

-------------------

ئەمىسە مانىۋىرغا ماڭدىڭلارما ؟

------------------



ئەمما كىنودىن كۆرەپ ئۆگىنىۋالغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا بۇلارنىڭ ئېلىپ ماڭغانلىرى ؛ ھەربىي ماشىنا ، ئوتتۇرا مۇساپىلىق زەمبىرەك ، دالا ئاپتۇمۇبىلى ، رادار ، قازان (سۇنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچقا ئوخشايدىكەن ، بەلكىم سۇنئىي ھەمراھ ياكى مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى بولۇشى مۇمكىن ، )،قىسقا دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش ماشىنىسى قاتارلىقلار ئېكەن .

مېنىڭ ئاۋۇ دالا ماشىنىسىنى ھەيدەپ باققۇم كەلدى ...

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 22:37:35

قىرغۇچى-20نىڭ ‹ئاشكارىلىنىپ›كىتىشى نەدە تاسادىپىيلىق بۇلىدۇ...شۇچاغ(2011-يىلى1-ئاينىڭ ئوتتۇرى)دا ئامىرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس جۇڭگۇنى زىيارەت قىلىپ 2-توپچىلار قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. قىرغۇچى-20گە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر گايتىس جۇڭگۇغا كىلىشتىن 2كۈن بۇرۇن، خۇجىنتاۋ ئامىرىكىغا زىيارەتكە بېرىشتىن ھەپتە بۇرۇن توردا پەيدا بۇلۇپ غۇلغۇلا قوزغىغان... بۇ شۇ ھېلىقى چاغاندا پوجاڭغا ئېتىپ غەلىتە مەخلۇقنى چۆچۈتىدىغان رىۋايەتتىن ئۆگەنگەن تاكتىكا .

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 20:44:11

2- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەخپىيەتلىكىنى ھەقىقەتەن چىڭ ساقلايدىغان ئوخشايدۇ ...

تۇنۇگۇن چۇشتىن بۇرۇن يولنى قامال قىلىپ مەلۇم مىقداردا قورال ياراغ ۋە ئەسكەرنى قاغلىق تەرەپتىن قايتۇرۇپ كەلدى ، بەزى قۇراللارغا قاراپ ھەۋەس قىلىپ ، پەچەت سۈرەتكە تارتىۋالاي دېسەم ، يولنى قامال قىلغان« قىزىل چىراغ» ئەسكەر كاكىراپ ، يۇگرەپ كەلدى ، رەسىم تارىتما دەيدۇ ...

ئاغزىم قىچىشىپ : ئۇرۇشقا بارامسىلەر ؟

-------------------

ھىندىستان بىلەن ئۇرۇشمايدىغان بولدۇڭلارما ؟

-------------------

ئەمىسە مانىۋىرغا ماڭدىڭلارما ؟

------------------



ئەمما كىنودىن كۆرەپ ئۆگىنىۋالغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا بۇلارنىڭ ئېلىپ ماڭغانلىرى ؛ ھەربىي ماشىنا ، ئوتتۇرا مۇساپىلىق زەمبىرەك ، دالا ئاپتۇمۇبىلى ، رادار ، قازان (سۇنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچقا ئوخشايدىكەن ، بەلكىم سۇنئىي ھەمراھ ياكى مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى بولۇشى مۇمكىن ، )،قىسقا دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش ماشىنىسى قاتارلىقلار ئېكەن .

مېنىڭ ئاۋۇ دالا ماشىنىسىنى ھەيدەپ باققۇم كەلدى ...


\"\"
بەت: [1]
: قىرغۇچى-20 ئايروپىلانىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ سىرى