zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 20:25:11

يۈننەندە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 18 ئوقۇغۇچى كۈمۈلۈپ قالدى!




جۇڭگو ئاخبارات تورى كۈنمىڭ 4-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : 10-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز بىلەن يۈننەن ئۆلكىسى يىلياڭ ناھىيىسى لوڭخەي يېزىسى جېنخې كەنتىدىكى بىر تاغدا گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تاغ باغرىغا سېلىنغان مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنى ئۆرۈۋەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا سىنىپتا دەرس ئوقۇۋاتقان 18نەپەر ئوقۇغۇچى بىنا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى خادىملار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن 53 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ نەچچە سائەتلىك جاپالىق ئىزلىشى نەتىجىسىدە چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، قازا قىلغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىقتى. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.




بۇ قېتىملىق ۋەقەگە نىسبەتەن،يۈلياڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جوڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى شاۋتوڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن بۇ شەھەردىكى بارلىق مەكتەپلەر دەرس توختىتىپ دەم ئېلىش قىلغان ئىدى، شۇڭا 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئۆتۈلمەي قېلىپ قالغان دەرسلەرنى تولۇقلاپ ئۆتۈش خىزمىتى باشلىنىپ دۆلەت بايرىمىدىمۇ دەم ئالمىغان».









مەنبەسى:http://www.nur.cn/news/2012/10/84016.shtml

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 23:25:07

مەركەزدىن ئارام ئېلىڭلار دېسە ئۇنىماي.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى يىغۋالغان ساختا ئاكتىپلارنى زى....مانا ئوقۇغۇچىلار قازاغا ئۇچراپ.ئۇدەرسلەر مەكتەپنى بېسىۋالارمۇ؟

ئەمىن جەمىيەت......

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 09:17:04

ھازىرقى خەۋەردە 18 ئوقۇغۇچى ئۆلدى دەپ چىقتى

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 09:57:08

ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ. \"\"

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 19:15:10

يا ئاللاھ، يا ئاللاھ، تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ بالىلارنى بىسۋالسا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرتىدىكىلەرنى ئەۋەتكەن بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟  {:92:}

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-8 09:17:31

4- قەۋەتتىكى osmanuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يا ئاللاھ، يا ئاللاھ، تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ بالىلارنى بىسۋالسا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرتىدىكىلەرنى ئەۋەتكەن بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟ \"\"

بالىڭىزنىڭ قولىنى ئىشىك قىسىۋېلىپ تارتىپ چىقىرالمىسىڭىز، دەرھال ئوت ئۆچۈرۈشكە تېلېفۇن قىلسىڭىز ئۇلار كېلىپ بىر ئامال قىلىدۇ.
بەت: [1]
: يۈننەندە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 18 ئوقۇغۇچى كۈمۈلۈپ قالدى!