uyghurghol يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 07:16:11

ئاقسۇدا 1945-يىل

   قولۇمدا مۆھتەرەم يازغۇچىمىز ئەيسا يۈسۈپنىڭ "ئاقسۇدا 1945-يىل" ناملىق كىتابى تۇرىدۇ. بۇندىن ئون يىللار مۇقەددەم كىتابنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ مەرھۇم شائىرىمىز لوتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرى ھەقتە ئاجايىپ چوڭقۇر ھېسلارغا ئىگە بولغانىدىم. بۈگۈن كىتابنى قايتا قولۇمغا ئالدىم. كىتاب گەرچە تىراژىنىڭ ئاران 1500 بولۇشىغا قارىماي كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان قىممەتلىك تارىخى قىسسىدۇر.


كىتابنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمەن.1725177701 QQ:



تۆۋەندە كىتابنىڭ بېشىدا بېرىلگەن "ئاپتوردىن" قىسمىنى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇندۇم.



ئاپتوردىن



ھۆرمەتلىك كىتابخان:



مېنىڭ بۇ قىسسەم ئۆزۈم 1948-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يېزىپ چىققان "زەنجىرلەنگەن تەن" ناملىق ئوچېرىك ئاساسىدا دۇنياغا كەلدى. مېنىڭ ئۇ ئوچىرىكىم ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەركىزى بازىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان غۇلجا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان كۈندىلىك مەتبۇئات "ئىنقىلابى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟" گېزىتىنىڭ 1948-يىلىدىكى ئاپېرىل سانلىرىدا، "ئۆسۈش" ناملىق ئەدەبىيات سەھىپىسىدە بېسىلغانىدى.


-1957يىلى مەن ئۇنى قايتىدىن ئىشلەپ چوڭراق بىر ئەسەر سۈپىتىدە دۇنياغا چىقىرىش ئىستىكىدە ئىككىنچى قېتىم يېزىشقا كىرىشتىم. بىراق ئەسەر پۈتۈنلەي قولۇمدىن چىقىشىغىلا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش باشلىنىپ قوليازما نۇسخا مۇسادىرە قىلىندى ۋە كۆيدۈرۋېتىلدى. شۇ قېتىم "زەنجىرلەنگەن تەن"نىڭ قولۇمدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان گېزىتتىكى بىردىنبىر نۇسخىسىمۇ كۆيدۈرۋېتىلدى.


بىراق مەن بۇ ئېغىر پېشكەللىك ئالدىدا باش ئەگمەي 1980-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالدىم.


مەن يازماقچى بولغان ئادەملەر ھەقىقىي ئادەملەر ئىدى. بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر چىن ۋە ئېنىق ئىدى. شەخسەن ئۆزۈم بۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شاھىدى ئىدىم. ئادەملىرىمىزنىڭ ھايات ماماتلىق جەڭدە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئەسىرلىككە ئېلىنىپ قالغاندىن كېيىن قان ئىچەر گومىنداڭچى مۇستەبىتلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلسە مەن ھاياجانلىناتتىم. بۇ ئاجايىپ باتۇرلۇقلار ۋە قەيسەرلىكلەر مېنى شۇ سەلتەنەتلىك ۋەقەلەر ھەققىدە، مىللىي باراۋەرلىك، ئەركىنلىك يولىدا تۆكۈلگەن ساپ قانلار توغرىسىدا ئەسلىمە خاراكتېرلىك بۇ قىسسىنى يېزىشقا تەقەززا قىلاتتى. ئاخىر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ جاپالىق ئەمگەككە كىرىشتىم. نۇرغۇن قېتىم تامغان ئەجىرلىك سىيالار بەدىلىگە ئاخىر بۇ قىسسەم __ "ئاقسۇدا 1945-يىل" يېزىلىپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ "زەنجرلەنگەن تەن" ناملىق كىچىك ئانا 40 يىلدىن كېيىن بۇ يېڭى پەرزەنتىنى تەۋەللۇت قىلدى.


-1945يىل ئاقسۇدىكى گومىنداڭچىلار ئىنتايىن چىرىكلىشىپ ھالاكەت گىردابىغا يۈزلەنگەن، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنى قاپساپ كەلگەن ئەجەللىك مەغلۇبىيەتتىن بىر ئىلاج قىلىپ قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ۋەھشىلىكلىرىنى ئىشقا سېلىپ خەلق ئۈستىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 1945-يىلىدىكى ئاقسۇ ئەينى چاغدا ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ مۇدھىش، ئەڭ زۇلمەتلىك دوزاخ بولۇپ قالغانىدى. خەلق قاتمۇ قات زۇلۇم قول ئۇزارتىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم ئالدىدا ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى ئەلەم بىلەن ئېغىر تىنىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. ئاخىر بۇ پاجىئەلىك تۇرمۇش ئاھالىنى سەپكە ئۇيۇشۇپ گومىنداڭغا قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىشقا تەييارلىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سەۋر تاقەت ئەڭ ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغانىدى. دۈشمەن ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرۇۋېرىش مۇستەبىتلەر جادۇسىدا باش قويۇپ يېتىش قىلىچ بىسىغا بويۇن سۇنۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر بولۇپ قالغانىدى.


-1944يىلى نىلقىدا قوزغىلىپ ئارقىمۇ ئارقا غەلبىگە ئېرىشكەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاقسۇ خەلقىگە زۇلۇم ئىسكەنجىسىدىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىپ ئۆز دۈشمىنىگە قارشى جان تىكىپ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى ئوقلىرى ئېتىلغاندىن تارتىپلا پۈتۈن ئاقسۇ ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ئىچىگە كىردى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇ تاغنىڭ شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ سوزۇلغان ئىلى ۋىلايىتى بىلەن بولۇپمۇ تېكەس، موڭغۇلكۈرەگە ئوخشاش بىر قاتار ناھىيىلىرى بىلەن تام قوشنىلاردەك يېقىنلىقى، زىچ باردى-كەلدىسى بار ئىدى. قوراللىق ئىنقىلاپ تېكەس، موڭغۇلكۈرە، كۈنەسلەرنى ئازاد قىلغان چاغدا بۇ ناھىيەلەردىكى بىر قىسىم گومىنداڭچى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىگە دالدا ئورۇن ئىزدەپ ئاقسۇغا قېچىپ كەلدى. بۇنى خەلق كۆردى. ئاقسۇ ئەمەلدارلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىنقىلابنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشقىنىغا قارىماي ئاقسۇ خەلقى قاچقۇنلارغا قاراپ يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك، قوراللىق ئىنقىلابنىڭ غەلبىسېرى ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولدى. خەلق شىددەت بىلەن ئويغاندى. ئاقسۇ ھايات ماماتلىق ئېلىشىشنىڭ ھامىلە مەزگىلىگە كىردى. ئىنقىلابنىڭ بۇ يەردىمۇ پات ئارىدا دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى.


ئاقسۇدا دەۋر ئىلغارلىرى بولغان بىر تۈركۈم قەيسەر ياشلار قەتئى ئىرادىگە كېلىپ يوشۇرۇن كۈرەش ئېلىپ بېرىش يولىدا ئۆز ئارا مۇستەھكەم بىرلەشتى. ئۇلار خەلقىڭ قەدىرلىك پەرزەنتى سۆيۈملۈك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، قايتماس كۈرەشچى مۇنىرىدىن خوجىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە "؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى" نامىدا ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇپ گومىنداڭ بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىشنىڭ مەخپى كۈرەش سېپىنى بەرپا قىلدى.


-1945يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا مىللى ئارمىيەنىڭ ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى، مەشھۇر ھەربى كوماندىر سوپاخۇن سۇۋۇرۇفلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى 200 كىشىلىك جەنۇبقا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن ئىلى ۋىلايىتىن يول ئېلىپ قىيىر تاغ ئېغىزى ئارقىلىق باي ناھىيەسىگە كەلدى. ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر ئۇرۇش بۇ باتۇر جەڭچىلەرنىڭ غەلبىسى ھېسابىغا چاقماقتەك تېز ھەل بولۇپ تۇردى. قىيىرى تاغ ئېغىزى ۋە باي ناھىيەسىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم بىلەن گومىنداڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلغان جەڭچىلەر جاھىل ئىستىھكام بولغان قورغاننىمۇ بويسۇندۇرۇپ غالىبانە قەدەملەر بىلەن ئاقسۇغا يۈرۈش قىلدى.كونىشەھەر ناھىيەسى ئازاد قىلىندى. لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم كۈنلىرىنىڭ يېقىنلاپ ئۆزلىرىگە ئەجەلنىڭ سايە تاشلاپ تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. ئۇلار ئاقسۇغا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى كېلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىشپىيون، جاسۇس ۋە پايلاقچىلىرى ئارقىلىق ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنى بايقاپ قالغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا دۇۋۇت، سېيىت ئابباس، ئابدۇللا روزى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ياش ئۇچقۇنلارنى قاماققا ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ بۇ جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنىغا ئاقسۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىنى ئىگىلەپ ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ئورگانلىرىنىڭ قەشقەر، يەركەن، خوتەن ۋىلايەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي، سىياسىي، مەمۇرىي ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشتىن تاشقىرى يەنە ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنىمۇ دۈشمەن قامىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى يۈكلىنىپ قالدى.


ئاقسۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ سېپىلى قورغان ئىستىھكامىدىن كېيىنكى ئەڭ جاھىل دۈشمەن قورغىنى ئىدى. بۇ سېپىلنى بۆسۈپ تاشلاش ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق جەڭلەر داۋام قىلدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن كەڭ خەلق قاتلىمى مۇشۇ ئىشتا تىللاردا داستان بولغۇدەك زور قەھرىمانلىقلارنى ياراتتى.


-1945يىلى ئاقسۇدا غەزەپ بىلەن قولىغا قورال ئالغان خەلق گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنىڭ قارا يۈرىكىنى ئەستىن چىقمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق مۇجۇپ تاشلىغانىدى.


مەن 70 ياشقا كىرىپ كۈچ مادارىمدىن قالغان، قولۇم گاللاشقان بىر چاغدا، بۇ ئەسەر ئۈستىدە توپتوغرا ئۈچ يىل ئىشلىدىم. ئاڭغىچە ئۆزۈم 70دىن ھالقىپ 73 ياشقا كىردىم. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئاخىر بۇ ئەسەر يېزىلىپ بولدى. ئاندىن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم تىندى. ئارام تپېىپ قالدىم. بۇ ئەسەردە ئۇنداق ياكى مۇنداق نۇقسانلار بولسا كىتابخانلاردىن ئەپۇ سورايمەن.





turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 10:02:35

بۇ كىتابقا مەنمۇ ئىشتەي ساقلاۋاتىمەن جۇمۇ ئۇيغۇرغول ئەپەندى...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 10:17:03

مەكتەپنىڭ كىتاپخانسىدا باركەن. سېتىپ بىرىڭ دەپ شۇنچە يال ئۇرسام ھېلىقى كىتاپخانىغا قارايدىغان ئاچاش بەرمىدى. مەكتەپتىن يېنىپ كىلىدىغان چاغدا ئىلىپلا كىتەي دەپ كىتاپخانىدىن ئەپچىقىپ بولغان. كىيىن يەنە كۆڭلۈم ئۇنىماي قويۇپ قويدۇم جايىغا.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 10:17:49

چەكلەنگەن كىتاپ دىگەندەك ئاڭلىغاندەك قىلۋىدىم، ئۇنداق ئەمەستۇ؟  {:136:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 12:52:35

ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 80-يىللاردىكى بىر سانىدىن مۇشۇ ۋەقەلىك توغرىسىدا بىر ھېكايىنى ئوقۇپ قالغان مەن ئون يىللار بۇرۇن،ھېكايە بولۇشىغا قارىماي خېلى تەپسىلىي ئىكەندۇق.

  نەق گەپنى قىلىڭە،قانچىگە ساتىسىز؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 13:03:29

باھاسى يوققۇ !بىزلەرگىمۇ يىتەمدۇ \"\"

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 13:06:22

ئاداش،مەن سىلەر بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشۈپ بولغان ھە.

ماڭا ھازىر تېلفۇن قىلىڭلار،سىلىگە دەيدىغان گېپىم بار.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 16:12:22

مەندە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز ناملىق رومانى بار. بۇ 1985-يىلىنەشىر قىلىنغان تۇنجى نەشرىنىڭ 1996-يىلى 5-قېتىم بېسىلغان يۇمشاق تاشلىق نۇسخىسى. كىتاب %95 يېڭى. باھاسى 200.00 يۈەن. سېتىۋېلىشنى خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 17:06:39

ئاقسۇدا 1945-يىل - مۇشۇ كىتابنى بولسا بىر ئىلكىتاب قىلىپ تارقاتساڭلارمۇ بۇلاتتى باللار ! كىتابنى تاپماق قىيىن ، ئوقۇشنى خالايدىغانلار ناھايتى كۆپ . نۇرغۇن كىشى خوش بولۇپ قالاتتى.

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:00:01

مەندە ‹‹ قاچقۇن ماجۇڭيىڭ ›› دېگەن كىتاب بار ، ئۇنى ئىككى يىل بۇرۇن 70 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم . يەنە ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› دېگەن كىتاپمۇ بار . بۇلارنى مەن يىغىپ ساقلاۋاتىمەن .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:13:40

9- قەۋەتتىكى mozduzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندە ‹‹ قاچقۇن ماجۇڭيىڭ ›› دېگەن كىتاب بار ، ئۇنى ئىككى يىل بۇرۇن 70 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم . يەنە ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› دېگەن كىتاپمۇ بار . بۇلارنى مەن يىغىپ ساقلاۋاتىمەن .



  قاچقۇن ماجۇڭيىڭ سېۋىن ھېدىننىڭغۇ ھە؟ ئىلكىتاپ قىلىپ تارقانقان بولساڭلار بەك ياخشىتى. دۇئا قىپ قويىتۇق، راسىت موزدوز ئۇستام.

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:41:27

10- قەۋەتتىكى qassapنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى mozduzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندە ‹‹ قاچقۇن ماجۇڭيىڭ ›› دېگەن كىتاب بار ، ئۇنى ئىككى يىل بۇرۇن 70 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم . يەنە ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› دېگەن كىتاپمۇ بار . بۇلارنى مەن يىغىپ ساقلاۋاتىمەن .



  قاچقۇن ماجۇڭيىڭ سېۋىن ھېدىننىڭغۇ ھە؟ ئىلكىتاپ قىلىپ تارقانقان بولساڭلار بەك ياخشىتى. دۇئا قىپ قويىتۇق، راسىت موزدوز ئۇستام.


<< قاچقۇن ماجۇڭيىڭ >> نى ئېلىكىتاپ قىلىپ ئىشلىگۈدەك تېخنىكا مەندە يوق . ئەمما مەن تۇرىۋاتقان دىيارغا يېقىنراق بىرەر مۇنبەرداشنىڭ ئېلىكىتاب قىلىپ ئىشلىيەلىگۈدەك تېخنىكىسى ھەم ۋاقتى بار بولسا بولسا مەن ئارىيەت بېرىپ تۇرسام ، ئېلىكىتاب قىلىپ ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ .  




lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:45:02

\"\"

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:45:55

ماۋۇ ئادرىستا نۇرغۇن ئېلىكىتاب بار ئىكەن ، مەنمۇ خېلى نۇرغۇن كىتابلارنى چۈشۈرۋالدىم ! قېنى سىلەرمۇ پايدىنىلىۋېلىڭلار !

      https://skydrive.live.com/?cid=2D6BAB25345129E9&id=2D6BAB25345129E9%21190

lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:49:33

ئاقسۇدا   1945-يىل  دىگەن   كىتاپ   بەك    ياخشى .مەن  داسلەپ  نەشىردىن  چىقاندا  ئۇقۇغان

Uyghurghol يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 20:33:45

كىتاب لازىملار چ چ دا مەن بىلەن الاقىلىشىڭلار. نومۇرۇم. 1725177701

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 21:01:36

مەندە ئانا يۇرت رومانىنىڭ 1-نەشرى3-4-باسمىلىرى بار،‹‹مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمھالى››1983-يىلى 1-نەشرى بار.مەندە ئىككى نۇسخىدىن بولغاچقا سېتىپ پۇلىغا باشقا كىتاپ ئالاي دېدىم.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 04:10:45

8- قەۋەتتىكى hazritiliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقسۇدا 1945-يىل - مۇشۇ كىتابنى بولسا بىر ئىلكىتاب قىلىپ تارقاتساڭلارمۇ بۇلاتتى باللار ! كىتابنى تاپماق قىيىن ، ئوقۇشنى خالايدىغانلار ناھايتى كۆپ . نۇرغۇن كىشى خوش بولۇپ قالاتتى.



ئېسىمدە قېلىشىچە كىتاپنىڭ قېلىنلىقى بەش سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ. مىڭ بەتتىن ئارتۇق كىتاپنى سۈپەتلىك سىكاننىرلاش ئۈچۈن كىتاپنى چۈۋۈشقا توغرا كېلىدۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 11:14:16

17- قەۋەتتىكى quyashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى hazritiliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقسۇدا 1945-يىل - مۇشۇ كىتابنى بولسا بىر ئىلكىتاب قىلىپ تارقاتساڭلارمۇ بۇلاتتى باللار ! كىتابنى تاپماق قىيىن ، ئوقۇشنى خالايدىغانلار ناھايتى كۆپ . نۇرغۇن كىشى خوش بولۇپ قالاتتى.



ئېسىمدە قېلىشىچە كىتاپنىڭ قېلىنلىقى بەش سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ. مىڭ بەتتىن ئارتۇق كىتاپنى سۈپەتلىك سىكاننىرلاش ئۈچۈن كىتاپنى چۈۋۈشقا توغرا كېلىدۇ.


رەسىم ئاپاراتى بىلەن رەسىمگە تارتسا بولامۇ؟ مەنغۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن....




farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 12:11:21

ئىنكاسلىۋالاي
بەت: [1]
: ئاقسۇدا 1945-يىل