lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 12:55:14

«ئۇرۇش ۋە قۇماندان»ناملىق ئېلكىتاب تارقىتىلدى

بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئالغا ئەپەندى بىر قىسىم كونا كىتابلارنى تالاشتۇرۇپ ساتقان ئىدى. شۇ كىتابلار ئىچىدىن ئەزىزوۋ قاسىمنىڭ "ئۇرۇش ۋە قۇماندان"ناملىق كىتابىنى مەن تاللاپ سېتىۋالغان ئىدىم. كىتابنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار بۇ كىتابنى مۇمكىن بولسا ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بايرام مەزگىلىدە سەل بىكار ۋاقتىم چىققان شۇڭا بۇ كىتابنى ئېلىكىتاب قىلىپ ئىشلەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.


كىتاپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە



"ئۇرۇش ۋە قۇماندان" ئەزىزوف قاسىمنىڭ كىتابى بولۇپ،1994 -يىلى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاپتا ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىكى تاكتىكىلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلار بار.ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاپنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك يېرى قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىلىرى ھەققىدە خېلى ئەتىراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى تاكتىكىلىرنى يىشىپ چۈشەندۈرگەن. سىزنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى ئۇرۇش ۋە قۇماندانداننىڭ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە خېلى چوڭ ياردىمى تېگىدۇ. ئېلكىتاپ ياساش تېخنىكامنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى.كىتاپ بەتلىرىنى بىر بەت بىر بەتتىن قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر بەتنى بىردىن ئايرىپ قىلسام كىتاپنىڭ سىغىمى ئېشىپ كېتىپ چۈشۈرۈشكە قولايسىز بولغىدەك. قارىماققا خەت شەكلى كىچىكتەك بولسىمۇ، كۆرۈنۈش پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز يەنىلا ئېنىق ۋە ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.



ئاساسلىق مەزمۇنى:

.1
باپ ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللارنىڭ تەرەققىياتى

1)ئۇرۇش توغرسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

2)قۇلدارلىق تۈزۈمى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار

3)فىيوداللىق تۈزۈمى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار

4)كاپىتالىزىم تۈزۈمىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار

5)جاھانگىرلىق دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار

2.باب «سۇنۋۇ ۋە سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»

1)قەيسەر قۇماندان سۈنۋۇ

2)"سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى"

3)ھۇجۇم پىلانى مەسلىسى

4)يەر تۈزلىشىدىن پايدىلىنىش

5)ئايغاقچىلارنى ئىشقا سېلىش

6)سىتىراتىگىيە ۋە تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش

7)مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ئۈچ مەشھۇر ھەربىي سەركەردىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش



3.باب تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي سىتىراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى

1)قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى

2)قاراخانلار دەۋرىدىكى ھەربىي تەشكىلات

3)يۈرۈش ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ نامى

4)ھەربىي تەشكىلاتلار،ھەربىي ئۇنۋان-دەرىجىلەر

5)ھەربىي قۇراللار

4.باب ئۇرۇش ھېيلە بىلەن بولىدۇ.

1)غالىب كېلىش ئامالى

2)قايمۇقتۇرۇش ئامالى

3)ھۇجۇم قىلىش ئامالى

5)ئۇستاتلىق ئامالى

6)يېڭىلدۈرۈش ئامالى

5.باب قۇماندان ۋە ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش سەنئىتى

1)قۇماندان

2)قۇماندان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك

3)ھەربىي-پەن تېخنىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە قۇماندان

4)قۇماندان ئۇرۇشنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشى كېرەك

5)قۇماندان ئۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىشقا ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

6)قۇمانداننىڭ ئەسكەر ئىشلىتىش سەنئىتى



كىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنبەسى:   


http://www.lopnuri.com/?p=2430







chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 14:40:43

ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ كىتابنى سىز سېتىۋالغاندا ئىلكىتاب قىلىپ تارقاتمىسڭىز قەيئىي رازى ئەمەس دىگەن ئىدىم. سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم. \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 15:07:49

مەن 36 تەدبىر بىلەن «سۇنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»نىڭ خەنچىسىنى ئوقۇۋاتاتتىم. بىر سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ چىقاي.



ئەلا! \"\"

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 15:12:42

رەھمەت، مەن ھازىر چۈشۈرۈۋاتىمەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 12:31:31

رەھمەت \"\" ئەلا!
بەت: [1]
: «ئۇرۇش ۋە قۇماندان»ناملىق ئېلكىتاب تارقىتىلدى