Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 10:37:57

بۇ قانداق ئالامەت ئەمدى؟

ئىزدىنىشتىكى چوڭ-كىچىك،
ئۇلۇغ-ئۇششاقلار:



يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان
ئەتتىگەندە ئويغانساملا شۈكۈرۈك باسىدىغان، كەينىدىنلا بۇرنۇم سۇيۇپ كىتىدىغان،
تىزدىن بۇرنۇمنى تازىلىغىلى يۈگۈرمىسەم بولمايدىغان بىر خىل غەلىتە ئەھۋالغا دۇچار
بولدۇم. بۇرنۇم قىچىشمايدۇ، ئاغرىمايدۇ، لېكىن پۈتۈۋالىدۇ. بۇنى دۇختۇرغا كۆرسىتىپ
باقمىدىم.



سىلەرچە بۇ قانداق ئەھۋال؟ بۇنداق ئىشقا
يولۇقۇپ باققانلار ھەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىگەنلەر تەجرىبەڭلەرنى بىر قۇر
تۇنۇشتۇرساڭلار بوپتىكەن.


oqutquchi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 14:36:38

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالامىتى.

زۇكام بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ،كۈندە ئەتتىگەندە سۇدا بۇرنىڭىزنى چايقاپ بېرىڭ.

دىمىغىڭىزمۇ قىچىشامدۇ؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 14:55:29

بۇنى @birzat@ ، gulhekum ھەكىم، @yulsel قاتارلىق ئىزدىنىش ھەكىملىرى بىر نېمە دەپ باقسۇن!

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 15:20:38

زۇكام ياكى بۇرۇن ياللۇغىدىن گۇمان بار!

saray يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 18:00:55

过敏性鼻炎

مېنىڭكىگە ئوخشاشكەن،مەن سەككىز كويلۇق كاسا ئوكۇلى ئۇرغۇزۇپ ساقايغان،دورىنىڭ ئىسمى 曲安奈德。

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 09:23:29

4- قەۋەتتىكى sarayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

过敏性鼻炎

مېنىڭكىگە ئوخشاشكەن،مەن سەككىز كويلۇق كاسا ئوكۇلى ئۇرغۇزۇپ ساقايغان،دورىنىڭ ئىسمى 曲安奈德。



رەھمەت، مۇشۇ سىز قىلغاننى مەنمۇ قىلىپ باقاي قېىنى ئەمىسە. بەيدۇ بىلىدۇغا قارىسام  بۇنداق ئىشقا يۇلۇققانلار  خېلى جىق بار ئىكەن. قارىغاندا جىددىي تۇتمىسام بولمايدىغان چېغى...

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 14:07:54

醋酸曲安奈德دېگىنى ھورمۇنلۇق دورا، ئەكس تەسىرى بار ، ئادەتتە جىق بولسا يېرىم يىلغىچە ئۈنۈمى بولىدۇ ،بولسائاۋۋال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ ، بۇرۇن ياللۇغىنى باشلىنىشىدا ساقايتقىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، ئۇ دورىنى ئامال بولمىغىندا ئىشلەتسە بولىدۇ ،ئىچكى خەۋەر 醋酸曲安奈德نىڭ كىرىشى باھاسى 5.7 مو،ئادتتە سەككىز كويدىن ئون كويغىچە سېتىلىدۇ  {:136:}

saray يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 18:27:57

6- قەۋەتتىكى dilnazukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

醋酸曲安奈德دېگىنى ھورمۇنلۇق دورا، ئەكس تەسىرى بار ، ئادەتتە جىق بولسا يېرىم يىلغىچە ئۈنۈمى بولىدۇ ،بولسائاۋۋال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ ، بۇرۇن ياللۇغىنى باشلىنىشىدا ساقايتقىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، ئۇ دورىنى ئامال بولمىغىندا ئىشلەتسە بولىدۇ ،ئىچكى خەۋەر 醋酸曲安奈德نىڭ كىرىشى باھاسى 5.7 مو،ئادتتە سەككىز كويدىن ئون كويغىچە سېتىلىدۇ \"\"

ماڭىمۇ دوختۇر شۇنداق دېگەن،ئاياللارغا بەكرەك تەسىرى باركەن،مەن ئۇرغۇزغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى،قايتا قوزغالمىدى،يەنە بىر قىز خىزمەتدىشىم ئادەتتە يىلدا بىر ئۇرغۇزۇدىكەن،بىر يىلغىچە قايتا قوزغالمايدىكەن.

كونسۇل كوچىسىنىڭ قيپاش ئۇدۇلىدىكى ئامبولاتۇرىيەدە ئىشپىرىس بىلەن قوشۇپ 8.4يۈەنگە ئالىدىكەن.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:43:38

2- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنى @birzat@ ، gulhekum ھەكىم، @yulsel قاتارلىق ئىزدىنىش ھەكىملىرى بىر نېمە دەپ باقسۇن!



ئىزدىنىش ھەكىملىرى ئىچىدە يەنە @kuyaxoghli مۇ بار.  


@Erzat مۇ دۇختۇر .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 09:41:21

ئايال بولسىڭىز سىزنىڭ بويىڭىزدا،ئەر كىشى بولسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ بويىدا قالغان ئوخشايدۇ \"\"

دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ \"\" \"\"



رادىئودا مەسلىھەتنى مۇشۇنداق بېرەمدۇ  {:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 09:58:44

ھازىر كۈز پەسلى بولغاچ ئاسان زۇكام ۋە بۇرۇن ياللۇغى ئاسان قوزغىلىپ قالىدۇ. بەدىنىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ. ئىسسىق چاينى جىقراق ئىچىڭ. ياخشىسى قالايمىقان دورا يىمەي دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر تەكشۈرتۈپ بىقىڭ. 过敏性鼻炎 دىگەن بىلەن نىمىنىڭ رىئاكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشمۇ مۇھىم.

rohimiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 21:17:01

ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا مۇشۇندا ئالامەت بولسا بەلكىم ئىشلەتكەن ياستۇقىڭىزدا مەسلە بولىشى مۇمكىن . ياستۇقىڭزنىڭ ئىچىدا نېمە بار؟

bityon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 13:09:33

مىنىڭچىمۇ 过敏性鼻炎 بۇلۇپ قالغان ئۇخشايسىز.بەش ئازا بۈلىمىگە بېرىپ بىر كۆرىنىپ بىقىڭ .
بەت: [1]
: بۇ قانداق ئالامەت ئەمدى؟