2012پارىژ ماشىنا كۆرگەزمىسى
بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن بۇ كۆرگەزمە توغرىسىدا بىرئاز تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتەي. پارىژماشىنا كۆرگەزمىسى دۇنيادىكى بەش چوڭ ماشىنا كۆرگەزمىسىنىڭ بىرى بولۇپ(ئامىرىكىدىكى شىمالى ئامىرىكا كۆرگەزمىسى،توكيو كۆرگەزمىسى،جەنۋە كۆرگەزمىسى ۋەفرانكفورت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار)كۆلىمى ھەم تارىخى جەھەتتىن دۇنيادىكى تەسىردائىرىسى بىرقەدەر زور بولغان ماشىنا كۆرگەزمىسى ئىكەن.بۇ كۆرگەزمە دەسلەپتە1898يىلى باشلانغان بولۇپ،ھازىر 2يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىكەن،پارىژ ئاپتومۇبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق ماشىنا شېركەتلىرى ئەڭ يېڭى مەسھۇلاتلىرىنى بۇ كۆرگەزمىگە سالىدىكەن،شۇڭا بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن يېڭى ماشىنىلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم،شۇنداقلا بۇ يېڭىلىقلاردىن تەڭ بەھىرلىنەيلى دەپ تارتقان رەسىملىرىمنى بۇ يەرگە يوللۇدۇم.
كۆرگەزمە27-سىنتەبىركۈنى باشلانغان بولۇپ 2كۈنلۈك مېدىئالارغا ئېچىۋېتىش كۈنى ۋە تۈنۈگۈنكى پرىزدېنت ۋە ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ئېچىۋېتىش كۈنىدىن كېيىن بۇگۈن يەنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمى ھالدا كەڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى.نەچچەكۈندىن ياقى توردىن بېلەنتى سېتىۋېلىپ (13ياۋرۇكەن باھاسى)تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرغان كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلگەچكە ئەتتىگەندىلا ئايالىم بىلەن چالا پۇلا ناشتا قىلىپلا كۆرگەزمىگە يۈرۈپ كەتتۇق.ئۆزۈممۇ بىر ماشىنا ھەۋەسكارى شۇنداقلا بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ماشىنا كۆرگەزمىلەرنى تاشلىماي كۆرۈپ كېلىۋاتقاچقا(ئەينى چاغدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى ماشىنا كۆرگەزمىسىگە بېرىپ تارتقان رەسىملىرىمنىمۇ ئىزدىنىشقا يوللىغانتىم)بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمەندە.
كۆرگەزمە زالى پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر كۆرگەزمە باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ چوڭ كىچىك جەمئىي 8زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ،كۆلىمىنىڭ قانچىلىكلىكىنى مەنمۇ ئۇقمۇدۇم ئەمما ھەمما زالنى تەپسىلى ئايلىنىپ بولۇش ئۈچۈن ئازدېگەندىمۇ 5سائەتتەك ۋاقىت كېتىپتۇ.ئەمىسە قۇرۇق گەپنى قويۇپ رەسىملەرنى يوللىدىم كۆپچىلىك ھوزۇرلانغايسىلەر
jaguarنىڭ بۇ قوش كوزۇپلۇق ماشىنىسى ئائىلىلەرگە تازىمۇ باپ كېلىدىكەن ئەمماشۇ باھاسى سەل قىممەتكەن بۇ كاساپەتنىڭ
شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئارىسىدىن قىسىلىپ يۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ ئاران تارتىۋالدىم بۇ رەسىمنى.بۇرۇن كوپيۇتىردا 极品飞车6نى ئوينىغاندا مۇشۇ ماشىنىنى تاللاپ ئويناشقا ئامراقتىم ئەمەلىيەتتە كۆرسە كىشىنى تېخىمۇ ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان ماشىنىكەن،بىر قاراشتا تاتلىققىنە كۈلۈپ تۇرغان نازىنىن قىزغا ئوخشايدىكەن،ئەمما مۇنداق دېسەم راستلام نازىنىن ،ئاجىز ماشىنىمىكىن دەپ قالماڭلار،بۇ McLaren نىڭ كېلەر يىلى بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك مۇسابىقە ئاپتومۇبىلى بولۇپ چۈشەندۈرۈشتە 3.8لېتىرلىق ماتور سەپلەنگەن،963ئات كۈچىگە ئىگە 100كىلومېتىرغا چىقىش سۈرئىتى2.8سېكۇنت،ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى384كېلومېتىر ھەر سائەتكە يېتىدۇ دەپ يېزىپتۇ.
jaguarنىڭ كىچىك تىپتىكى مۇسابىقە ماشىنىسىF-Type.بۇمۇ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشىكەن
بۇ ماشىنىنىڭ تەپسىلاتىنى قايسى دۆلەتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم ئەمما ماركىسىنى خەنچە ئات دېگەن خەتكە ئوخشاتتىم
كۆپچىلىككە تونۇش بولغان ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق دالا ماشىنىسىlandrover نىڭ يېڭى تىپتىكى ماشىنىسى
بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان فرانسىيەنىڭ ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىلىرى
Chevroletنىڭ يېڭى ئۇقۇم ماشىنىسى
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ماشىنىلارنىڭ بىرى Chevrolet Trax بۇماشىنا 1.4~1.6 لېتىرلىق ماتور ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئائىلىدە ئىشلىتىشقا ئەڭ باپ كېلىدىكەن، بەلكىم2014يىلغىچە بازارغا سېلىنىشى مۇمكىنكەن
Chevrolet نىڭ يەنەبىر ئۇقۇم مەشىنىسى
ئۆزگىرىشچان ۋاجرا فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ بىرى
بۇمۇ ئويۇن ئوينىغاندا ئەڭ كۆپ تاللىنىدىغان ماشىنلاردىن بىرى
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغۇدەك بولسام تورۇسلاردىمۇ ماشىنىلار مېڭىپ يۇرۇيدۇ
سۇزۇكىنىڭ دالا ئۇقۇم ماشىنىسى
كادىلاكنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ ئىچىدە مۇشۇ دالا ماشىنىسىدىن باشقىلىرى ئانچە كۆركەم كۆرۈنمەيدۇ ماڭا
lexusنىڭ ئەڭ يېڭى ماشىنىسى ls600 باھاسى 150مىڭدىن 200مىڭ ياۋروغىچىكەن
بەلىم ۋولكسۋاگېن مۇشۇ ماشىنىسى ئارقىلىق كۈندىن كۈنگە سېتىلىشى تۆۋەنلەۋاتقان كونا قوڭغۇز پىكاپىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىشىنى ئارزۇ قىلغان بولسا كېرەك
تۇرمۇشىمىزغا ئەڭ يېقىن بولغان ھەمدە ئەڭ چىداملىق پۇختا باھاسىمۇ مۇۋاپىق بولغان گولف نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى يەنى گولف7.بۇ مۇ بەلكىم كېلەر يىلغىچە بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن
ۋولكسۋاگېننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭى چىقىرىلغان پىكاپلىرىدىن بىرىكەن قاچان بازارغا سېلىنىشى نامەلۇم
تويوتانىڭ پىكا سى ياپونلۇقلارنىڭ پىكاسىمۇ ئەمدى ئامرىكىنىڭ ئۇسلۇبىنى دوراشقا باشلاپتۇ،بۇ ماشىنا بىر قاراشتا ئامرېكىنىڭ مۇسكۇل ماشىنىلىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن
كەلگۈسى ئۇقۇم ماشىنىسى،سىرتى پۈتۈنلەي كىرىستاللىق ئېكرانكەن،بۇخەقنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە قول قويماي تۇرالمايدىكەنمىز
كوچىدا ئۇچرۇتۇش تەس بولغان دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەت ماشىنلاردىن بىرى بولغان ئەنگىلىيىنىڭ بېنتلىي ماركىلىق ماشىنىسى
ئاۋدى دىن بىر يۈرۈش يېڭى مەھسۇلاتلار...
پورىش ،خەنچە باۋ شى جىيې دەمتۇق
مەپتۇن قىلىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان لامبۇرجىنى نىڭ يېڭى مەسھۇلاتلىرى
60-يىللاردىكى خوندا سىۋىك (سىيۈ)
كېلەر يىلى بازارغا سىلىنىش ئالدىدىكى سىۋىك. مېنىڭچە بۇ ماشىنىغا نۇرغۇنلىرىمىز ئامراققۇ دەيمەن
ئەڭ يېڭى س ئار ۋې
ب م ۋ دىن بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلار....
ئېنگلىسلارنىڭ پەخرى: روللىس رويس.....ئاۋۇ كۆك رەڭلىكىگە كۆيدۈم.
ئەڭ ئاخسا كۆرۈنگەن ئۇقۇم ماشىنىسى
مازدا 6نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى،بۇقېتىملىق كۆرگەزمىدە تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىندى
فورد موندىئونىڭ يېڭىسى...
ئەلۋەتتە فارراررى بىلەن مېساراتتى كام بولۇپ قالسا بولمايدۇدە...
جىپ چوڭ چېروككى(大切诺基)
مۇنداق رەڭ بەرسىمۇ ئاخسا تۇرىدىكەن ھە
ئاخىرىدا مېرسىدېس نىڭ بىر يۈرۈش ماشىنىلىرى بىلەن بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى ئاياقلاشتۇرماقچىمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلىنىپ كۆرۈپ بەرگىنىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
ماشىنىلارنىڭ نۇسخىلىرى يىلدىن-يىلغا پەچەت چىقىپ كېتىپ بارىدۇ ھە!
ئۇقۇم ماشىنىسى دېگەن قانداق ماشىنا؟
ئاۋدىنىڭQ7Porscheنىڭ Cayenne Turbo
BMWنىڭ X6M
مۇشۇ ئۈچ ماشىنىغا ئىچىم كۆيىدۇ مېنىڭ.تېمىدا بۇ ئۈچلا ماشىنا يوقتەك قىلىدۇ.
رەھمەت سىزگە دۇنياۋى ماشىنا كۆرگەزمىسىدىن بىرنى ھوزۇرلاندۇردىڭىز. مۇشۇنداق ماشىنىلاردىن بىرنى مىنىپ بىرەر ئىككى يىل ماۋۇ يەردە قۇيۇن چىقىرىپ ھەيدىۋالسام ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى. Mazda6 نىڭ يېڭى نۇسىخىسى ھەقىقەتەن چىرايلىق.
راسلا چىرايلىق ماشىنىلاركەن. بىكاغا بەرگەن بولسا بىرەنى مىنىپ قۇياكەنمەن . چىك چىك چىك

ئاغزىم قۇرۇپ كەتتى شۆلگەيلە تولا ئېقىپ

ئا~ھا!
فىرانسىيەمۇ تاينى قالمىغىلى تۇرۇپتۇ
ماشىنىسى بار قىزلىرى يوق قانداق سورۇن بۇ

فىرانسىيە دىسە،ماشىنا كۆرگەزمىسى دىسە كۆز ئالدىمىزغا رەڭلىك كىلىدۇ دەيمە


پورشې بىلەن گولف بەك ئۆزگەرمەپتۇ. قايسىنى ئېلىپ قايسىنى قۇيۇشنى بىلەلمىگۈدەك ئېسىل ماشىنىلاركەن. تويوتا 4700دەك ھەيۋەتلىك دالا ماشىنىىرىنى ئىشلىمىگەن ئوخشايدۇ ھە. ۋاھھھ پەيزىكەن.
كۆرگەزمە قاچانغىچە داۋاملىشىدىكەن؟ كىرىسلېرنىڭچۇ؟
كەلگۈسى ئۇقۇم ماشىنىسى ئالامەتلىكەن. قىزىل رەڭلىك بىر ماشىنىغا كۆزۈم چۈشتى باھاسىمۇ خېلى يۇقىرى چىراي


ئەرلەرنىڭ تېمىسىغا كىرىۋاپسىزغۇ، @espresso! مەپتۇن قىلىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان لامبۇرجىنى

مەنمۇ ھاياجان بىلەن كىرىپ قارىسام ساپلا ماشىنا، قىزلار يوق. ھاياجانمۇ يوقاپ كەتتى


ئاۋۇ جاگۇئار(ئامېرىكا يىىلپىزى)مەن يېقىن ئارىلىقتىن كۆرگەن ئەڭ ئېسىل ماشىنا.
لەندروۋېر شىركىتى دۇنيادىكى بىردىن بىر تۆت چاقى ھەرىكەتلىندىغان ماشىنا ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت.
روللىس-رويسنىڭ باھاسى 12 مىليون ئەتراپىدا .ئەرەبلەر بەك مىنەمىش.
ئىچكىرىدە بىر پىراۋىسى يوق ئايال يولداش خوندا ئاكورد بىلەن ،روللىس-رويسنىڭ ئارقا قىسمىنى سوقۇپ يارلاندۇرۇپتىكەن،قاتناش ساقچىلىرى پۈتۈن مەسئۇليەتنى ئايال يولداشقا ئارتىپتۇ. روللىس-رويسنىڭ ئامبۇلاتورىيىدىكى داۋالىنش ھەققىگە 1مىليون 200 مىنىڭ ئۈستىدە پۇل كېتىپتۇ.

فىرانسىيىنىڭ پىگوت بىلەن سىترون خېلى نامى بار ماشىنىلىرى.
يەنىلا ئەمېرىكا،گېرمان،ئىتاليان، ئېنگىلسلارنىڭ ماشنلىرى پەچەتكەن.
تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت. ئاشۇ ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ لەند روۋېر ماشىنىلىرىغا كۆيۈمەن. يولدا بەك ھەيۋەت ماڭىدۇ كاساپەتلەر...