zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 18:55:29

بوشىلەي پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى![كۆچۈرۈلمە]



جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 28-سېنتەبىردىكى يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «بو شىلەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتى»نى قاراپ چىقىپ ۋە ماقۇللاپ، بو شىلەينى پارتىيەدىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش، باشقا جىنايەت مەسىلىلىرى ۋە جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.



جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بۇ يىل 10-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسىغا ئۆز ئالدىغا كىرىپ تۇرۇپ قېلىش ۋەقەسى ھەم بو شىلەينىڭ ئايالى بوگۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى نىل ۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. مەركەز بو شىلەينىڭ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەم بوگۇ كەيلەينىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى خاتالىقى، مەسئۇلىيىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىكى ئىككى ۋەقەنى تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە بو شىلەينىڭ باشقا ئىنتىزامغا خىلاپ يىپ ئۇچلىرىنىڭ بايقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بو شىلەينىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسىلىق، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى توختىتىش ھەم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلغان ئىدى.



تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بو شىلەي داليەن شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ھەم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەم بوگۇ كەيلەينىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتتە ئېغىر سەۋەنلىك سادىر قىلغان؛ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ئۆيدىكىلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن غايەت كۆپ پارا ئالغان؛ بوگۇ كەيلەي بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆيدىكىلىرىگە باشقىلاردىن غايەت كۆپ پۇل ۋە نەرسە-كېرەك ئالغان؛ نۇرغۇن ئايال بىلەن بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ياكى بۇ مۇناسىۋەتنى ساقلىغان؛ تەشكىلنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىشتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان. بۇندىن باشقا، تەكشۈرۈشتە يەنە بو شىلەينىڭ جىنايەت مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرى بايقالغان. بو شىلەينىڭ قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئابرۇيىغا ئېغىر داغ تەگكۈزدى، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا ناھايىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان سالدى.



جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بو شىلەيگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىپ، پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا جازانى رەسمىي تەستىقلاش؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەمۇرلار قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بو شىلەيگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ بو شىلەينىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى ۋە جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.



http://uyghur.people.com.cn/155988/15262266.html

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 20:56:54

تېخى تۈگىمىدىما بۇ ئاداشنىڭ ئىشى؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 21:16:52

ۋاڭ لى جۈننىڭ ۋەقەسى ئاياقلاشتى دىسەك بولا.

ماۋۇ بوشىلەينىڭ دىلوسى ئەمدى باشلاندى،تاناۋى بۇندىن كېيىن تارتىلىدۇ.

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 22:11:00

سۇمرۇغ تورىنىڭ ماۋۇ بېتىدە بوشىلەيگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۈرەتلەر بارئىكەن،كۆرەپ باقساڭلار!بوشىلەينىڭ سىياسى ھايات مۇساپىسى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەردەك قىلىدۇ.



http://news.ifeng.com/photo/dashijian/detail_2012_09/29/18002041_0.shtml#p=1

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 22:16:31

بەك يامان رەھبەر دەپ ئاڭلىغان...

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 1-قول شۇجىلىق نامزاتىنىمۇ ئەينى چاغدا ئويلىشىپتىكەن...

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 22:29:43

قانداق جازالارغا تارتىلار بۇ كىشى.

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 23:37:53

قانداق جازاغا تارتىلاتتى....ھاجىم ئاكام مىنى جازالىغاندەك جازالايدۇ شۇ...

مەنمۇ ھاجىم ئاكامغا دەيدىغان گىپىمنى دىيەلمەي خەقكە دەپ ساپتىكەنمەن..ھاجىم ئاكام كىچىك ئىنىسىدىن ئۈچنى ئەۋەتىپ تازا دۇمباللىتىپ 15 كۈن دوختۇرخانىدا ياتتىم.ئاچچىقىمدا ھەممىدىن ۋاز كىچىپ شىركەت ئىچىۋالسام خاپومما ئۇكام شىرىك قىلايلى دەيدۇ...ئۇنىمىدى....

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 23:58:32

بوشىلەينىڭ يامانلىقىدا گەپ يوق بولسا كىرەك.

لىكىن ماۋۇ تېمىدىكى بوشىلەي توغۇرلۇق ئۇنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن ئويناپ قويىدىغان ئىشىنى سۆرەپ چىققىنىغا كۈلگۈم كەپ قالدى دىسە...زامانىمىزدا ئوينىمايدىغان باشلىقتىن قانچىسى بادۇ..

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 08:32:48

6- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداق جازاغا تارتىلاتتى....ھاجىم ئاكام مىنى جازالىغاندەك جازالايدۇ شۇ...

مەنمۇ ھاجىم ئاكامغا دەيدىغان گىپىمنى دىيەلمەي خەقكە دەپ ساپتىكەنمەن..ھاجىم ئاكام كىچىك ئىنىسىدىن ئۈچنى ئەۋەتىپ تازا دۇمباللىتىپ 15 كۈن دوختۇرخانىدا ياتتىم.ئاچچىقىمدا ھەممىدىن ۋاز كىچىپ شىركەت ئىچىۋالسام خاپومما ئۇكام شىرىك قىلايلى دەيدۇ...ئۇنىمىدى....

ماۋۇ گەپنى چۇشەنممدىميا

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 09:19:23

خوتۇنى ئادەم ئۆلتۈرمىگەن بولسا ھېچقانداق جىنايىتى ئاشكارلانماي يۈرىۋېرەتتىكەن ھە

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 09:59:09

شۇ، ئەينى چاغدا ئاشۇنداق رەسۋالىقلارنى قىلغاندا نەگە كەتكەن ئىدىكىن بۇ كومپارتىيىنىڭ «ئىنتىزام تەكشۈرۈش»لىرى؟ داۋاملىق ئاشۇنداق بايقالمىغان چاغدا سېغىزخاندىن ساق، بايقالغاندىن كېيىن «تۇغۇلغاندىن تارتىپ رەزگىتى» دەيدىغان خەقلەركەن بۇ!

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 12:19:31

كىنو كۆرمىگەنما؟ ساقچى دېگەن ئىش تۈگىگەندە كېلىدۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 12:22:41

مۇشتىنى چىڭ تۇگۇپ قۇلاققا تەڭلەپ قەسەم قىلىپ مىڭ تەستە كىرگەن بۇلغيتى پارتىيگە ،،ئوغۇل بالا دىگەن قىلغان قەسىمىدە تۇرمىسا مۇشۇنداق نەس باسىدۇ تازا،،،  {:136:}

shahzada يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 13:54:22

يېڭىدىن چىقدىغان شى رەئىس بىلەن ساۋاغداش دەۋاتاتتى . ئۇ ئاداشمۇ ساۋاغداشلىق يۈزىنى قىلماپتۇ دە .ياكى ئىككسى بۇرۇن دىيشىپ قالغان بولغىيمىتى

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 19:04:32

مەن ئەتىگەن ئوقۇغان ئۇچۇردا جاڭ زىيى قاتارلىق ئاياللار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغان دېيىلگەن ئىدى.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 23:23:09

كۈريەنىڭ كىنوسىدەك كۆپ قىسىملىق قىلىپ ئوينايدىغان بولاپ كىتىپتۇ . قويۇپ بېرىدىغان راكىتا تۈگەپ كىتىپتۇ -دە ! \"\"

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 15:06:16

يامان يىرىگە كەلگەندە قارلايدىغان سۆز تاپالمىسا ئاياللار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولغان دىگەن گەپنى كۈتۈرۈپ چىقىدۇ . بۇ ئېستىل مەسىلىسىگە تاقىشىدۇ . ئاندىن پارتىيگە ئاسىيلىق قىلىدۇ دەيدۇ بۇ سىياسى مەسىلىگە تاقىشىدۇ . پارا يىدى دەيدۇ بۇ پاكلىق قۇرلۇشغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىقا تاقىشىدۇ .



ئۇنداقتا پارتىيەنىڭ شۇنچە يىللاردىن بىرى ئىلىپ بارغان تەلىم تەربىيلىرىنىڭ كۈچى ، قۇدىرىتى نەگە كىتىدۇ ؟ قىنى ھىلىقى ئۈمۈرنى ئىسراپ قىلىپ . ۋاقىتنىڭ گىلىدىن سىقىپ قىلغان سىياسى ئۈگۈنۈش بىلەن بەرگەن قەسەم ؟ دىمەك يالغان. ھەممسى يالغان . قەھرىمانى بىلە مۇناپىقلىرى ئوخشاشلا يالغان . پەقەت نەپىسى بالاسى بىلەن شان شۆھرەتنى دەپ جاندىن كېچىشلا راس . پارا يەپ ئېتىلغىنى . قىزلارنى ئاشنا تۇتقىنى راس . تەكشۈرۈپ كۆرسە مەركەز رەھبەرلىرىدىن قايسسى بۇنداق ئىشنى قىلمىغان . رەھبەرلەرنىڭ باللىرىنىڭ ھەممىسى لۈكچەكنىڭ ئەڭ چوڭى . ئەڭ چوڭ گۇرۇھلار ئۇلارنىڭ قولىدا . ھوقۇق قانچىلىك چوڭ بولسا شۇنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقىنى . يەۋاتقىنى شۇنچىلىك جىق . نەس باسمىسا ياشاۋىرىدۇ تەليى تەتۇر كەلسە مانا مۇشۇنداق ھەيدىلىدۇ . سۈرگۈن قىلىنىدۇ . لەنەتكە قالىدۇ . ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنىدۇ . بوشىلەي ۋەقەسى يالغۇز شەخىس ۋەقەسى ئەمەس بەلكى مەركىزى پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ ئىچىدە قاتتىق مەسىلىنىڭ بارلىغىنى ئاشكارا قىلىپ بەردى . لىكىن پارتىيە يىمىرىلمەستۇر . كۈچتۇر . يالغاندىن زوقلىنىپ ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچىدۇر .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 16:48:42

پارتىيە مەركىزى كومېتىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ بۇ قارارنى ياقلىدىم  {:92:}  

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:55:30

جازالانمامدۇ نىمە ؟ تورلاردا يېڭى نۆۋەتلىك سىياسى بىيرونىڭ دائىمى ئەزاسى ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈۈرۈش كومتىتىنىڭ شۇجىسى دەپ چىقىرۋاپتىغۇ ؟ يەنى خېگوچىياڭ نىڭ ئورنىغا چىقىدۇ دەپ ؟ مەنمۇ ھازىرغىچە ھەيرانلىق ئىلكىدە .

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:59:49

1、中共中央委员会总书记,国家主席,中央军委主席:习近平(59岁)



2、中共中央政治局常委,十二届全国人大常委会委员长、党组书记:王岐山(64岁)



3、中共中央政治局常委,国务院总理、党组书记:李克强(57岁)



4、中央政治局常委,十二届全国政协主席:刘云山(65岁)



5、中央政治局常委,国家副主席:李源潮(62岁)



6、中共中央政治局常委,国务院副总理:张德江(66岁)



7、中共中央政治局常委,中央政法委书记:汪洋(57岁)



8、中共中央政治局常委:张高丽(64岁)



9、中共中央政治局常委,纪委书记:薄熙来(63岁)


خەنزۇچە تورلاردا ماۋۇ خەۋەر يامراپ كېتىپتا ؟ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟

بەت: [1] 2
: بوشىلەي پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى![كۆچۈرۈلمە]