سۇناي ۋەقەسى
سۇناي ۋەقەسىبىر ۋاقىتلاردا بىر مويسىپىت بوۋاي مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى .
بىر زامانلادا ناھايىتىمۇ گۇللەنگەن تەسىر دائىرسى يەتتە ئىقلىمغا تارالغان كاتتا بىر پادىشالىق
بولغانكەن . بىر كۇنلەدە بۇ مەملىكەتنىڭ شاھزادىسىنىڭ قەلبىدە سەپەر قىلىش ئىستىگى قوزغۇلۇپتۇ.
پادىشا قوشۇلماپتۇ. يەنە بىر قانچە ۋاقىتتىن كىيىن يەنە قەتتى ھالدا سەپەر قىلىش ئارزۇسىنى يەنە
بىر قېتىم ئېيتىپتۇ . پادىشا ئوغلىنىڭ بىخەتەرلىكنى شۇنداقلام ئۇنىڭ تىجارەت يوللىرىنىمۇ
ئۇگۇنۇپ جاھاننىڭ ئىسسىق سوغاقلىرىنى كۇرۇپ پىشىپ يىتلىشى ئۇچۇن قول ئاستىدىكى يېقىن
بىر قانچە ئادىمى بىلەن ئوغلىنى بىر توپ سودىگەرگە قوشۇپ نۇرغۇن مال دۇنيا بىلەن يولغا
ساپتۇ . بۇلار كۆپلىگەن شەھەرلەردە تىجارەتتە بوپتۇ ، شاھزادىغىمۇ بۇ سەپەر ناھايىتىمۇ كۆڭۇللۇك
بىر سەپەر بوپتۇ . نەچچە ئايلاپ سىرىتلاردا تىجارەت قىلىپ ئۆيلىرىنى سېغىنىشقان سودىگەرلەر ئۆز يۇرىتلىرغا لازىملىق ماللارنى ئېلىشىپ قايماقچى بولۇشۇپتۇ شاھزادە ئۇزىنىڭ يەنىمۇ كۆپرەك
شەھەرلىنى كۆرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ نەسھەتلەرگە قۇلاق سالماي پادىشاغا سالامەتلىكنى
يەتكۇزۇشنى تاپلاپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ سودىگەرچىلىگىنى داۋاملاشتۇرۇپ
يەنە نۇرغۇن شەھەرلەردە يۇرۇپ بىر شەھەردە ھەممە ئادەمنىڭ سۇناي ياسايدىغانلىقىغا دىققەت
قىلىپ قاپتۇ ، ئەمما بۇ خەلىق سۇناينى شۇنداق نەپىس ياسايدىكەنكى كۆرگەنلەر ئىختىيارسىز ھالدا
قولىغا ئالماي تۇرالمايدىكەن . شاھزادە بارلىق ماللىرىنى سېتىپ ھەممىسىگە سۇناي ئېلىپ باشقا
تەرەپلەرگە سەپەر قىلىپ تۇپرىقى مۇنبەت شۇنداق گۇزەل ئادەملىرى تىرىشچان ئاق كۆڭۇل دەتمەن
ياۋاش مۇلايىم بىر خەلىق ياشاشدىغان بىر دىيارغا كىلىپ قاپتۇ . مېھمانسارايغا چۇشۇپ بىر ئىككى
كۇن دەم ئالغاندىن كىيىن سارايۋەندىن بۇ ئىقلىمدا سۇناينى يامان كۆردىغانلىغىنى شۇڭا ھىچبىركىشى
سۇناي چالمايدىغانلىغىنى ئۇققاندىن كىيىن خاتالاشقانلىغىنى بىلىپتۇ . باشقا مەملىكەتلەرگە سەپەر
قىلىشقا پۇلى قالمىغانلىقتىن دادىسىغا ئۇزىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئشلارنى بايان قىلىپ ئەگەر مۇشۇ
خەلىقمۇ سىلىنىڭ باشقۇرۇشلىرىدا بولسا ماڭا يول كۆرسىەتسىلە دەپ بىر مەكتۇپ يوللاپتۇ.
بىر ئايدىن كىيىن بۇدىياردا پادىشانىڭ يارلىقلىرى ھەممە ياققا چاپلىنىپتۇ يارلىقنىڭ مەزمۇنى
مۇنداقكەن پات يېقىندا شەۋكەتلىك ئۇلۇق شاھىمىز دىيارىڭىزلارغا بېرىپ دەردى با پۇخرالىنىڭ
دەردىنى ئاڭلايدۇ . شەرتى دەردى با ھەربىر پۇخرا شاھىمىزنىڭ ئالدىغا سۇناي چېلىپ چىقىشى
كېرەك كىمنىڭ چالغان سۇنىيى مۇڭلۇق بولسا پادىشانى ئىرىتەلىسە شۇنىڭ دەردىنى ئەڭ ئاۋال
تىڭشايدۇ شۇنىڭ ئۇچۇن دەردى با ئادەملەر بىردىن سۇناي ئېلىپ پادىشا كەلگىچە تەييارلىق قىلسۇن.
شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن دەرتمەنلەر سۇناي ئىزدەشكە چۇشۇپتۇ . سارايدىكىلەردىن سۇناي بارلىقىنى
ئىشىتكەن دەرتمەنلەر تەرەپ تەرەپتىن كىلىشكە باشلاپتۇ . بىر باھادا سېتىلمىغان سۇنايلا ئون باھادا
سېتىلىپتۇ. دەرتمەنلەر سەھەر قوپۇپ تا كەچكىچە پۇتۇن ئىشتىياقى بىلەن پادىشاغا يارىغىدەك سۇناي
چېلىش ئۇچۇن نەچچە ۋاقىت مەشىق قىپتۇ. شاھزادە سۇنايلىرىنى سېتىپ خاتىرجەم ھالدا يۇرتىغا
قايتىپتۇ . ئمما پادىشا كەممەپتۇ ۋاقىت ئۆتكەنچە بۇ سۇناي ۋەقەسى دەپ ئاتلىپتۇ.
ئېيتىشلاغا قارىغاندا سەبرى قىلىپ كۇتۇش داۋام قىلماقتىكەن .
قارىغاندا ياسىنجان سۇناي دەرتمەنلەرنىڭ قاتىلى ئىكەندە... تىمىنىڭ ئىسمىنى چىكىت بىلەن قويغانغا قارغاندا .؟ تىمىنىڭ ئىسىمى چىكىت،
ئىچىگە كىرسە سۇناي ۋەقەسى دەپ تىمىسى تۇرىدۇ..............
ئىزدىنىشنىڭ جىنلىرىنى كۆردەممۈ نىمە دەپ قورقۇپ كەتتىم {:107:}
تىما يوللىغاندا تىمىنىڭ ئىسىمنى قانداق قىلغاندا مۇشتاق قىلغىلى بولىدۇ.
3- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىنىڭ ئىسىمى چىكىت،
ئىچىگە كىرسە سۇناي ۋەقەسى دەپ تىمىسى تۇرىدۇ..............
ئىزدىنىشنىڭ جىنلىرىنى كۆردەممۈ نىمە دەپ قورقۇپ كەتتىم![]()
تىما يوللىغاندا تىمىنىڭ ئىسىمنى قانداق قىلغاندا مۇشتاق قىلغىلى بولىدۇ.
سۇناي ۋەقەسىنى ،قايتا -قايتا ئۇقۇڭ قارىغاندا چوچەكنڭ مەزمۇننىى چۇشەنمگەندەك قىلىسىز.بەك قورقۇپ كەتكەن بولسڭىز ، داخانغا كورۈنۈپ باقامسىزيا.ھى......ھى.......ھى زىيادە ئويلاپ كېتىپ ئۆزۈم مەنە يۈكلىۋالدىممۇ يا ئەسەردىن شۇنداق مەنە چىقامدۇ ئىشقىلىپ، ياقتۇردۇم.
5- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
زىيادە ئويلاپ كېتىپ ئۆزۈم مەنە يۈكلىۋالدىممۇ يا ئەسەردىن شۇنداق مەنە چىقامدۇ ئىشقىلىپ، ياقتۇردۇم.
شا سەنەم چوچەكنىڭ مەنىسىنى ، چۇشەنگەندەك قىلىدۇ
3- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىنىڭ ئىسىمى چىكىت،
ئىچىگە كىرسە سۇناي ۋەقەسى دەپ تىمىسى تۇرىدۇ..............
ئىزدىنىشنىڭ جىنلىرىنى كۆردەممۈ نىمە دەپ قورقۇپ كەتتىم![]()
تىما يوللىغاندا تىمىنىڭ ئىسىمنى قانداق قىلغاندا مۇشتاق قىلغىلى بولىدۇ.
چاخچاقنى . توغرا چۇشۇنەرسىز تېلمىش ئەپەندى
7- قەۋەتتىكى lutun0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىنىڭ ئىسىمى چىكىت،
ئىچىگە كىرسە سۇناي ۋەقەسى دەپ تىمىسى تۇرىدۇ..............
ئىزدىنىشنىڭ جىنلىرىنى كۆردەممۈ نىمە دەپ قورقۇپ كەتتىم![]()
تىما يوللىغاندا تىمىنىڭ ئىسىمنى قانداق قىلغاندا مۇشتاق قىلغىلى بولىدۇ.
چاخچاقنى . توغرا چۇشۇنەرسىز تېلمىش ئەپەندى
شۇ ھالەتكىمۇ كىلەي دەپ قالدىم
خۇدايىم ساقلىسۇن.
بۇ «سۇناي ۋەقەسى» ھازىرقى زاماندىكى تىجارەتچى ئەمەلدارلارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن «بېلەت تارقىتىشى» ئىكەنغۇ.
بەت:
[1]