murad يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 20:59:43

بىلكان تېلېفونى ھەققىدە

بىلكان U1 يانفونى


بىلكان U1 تېلېفونى




بىلكان U8 تېلېفونى


بىلكان U8 تېلېفونى



بىلكان U8 تىپلىق تېلېفونىنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئىككى ئايدىن ئاشتى. تاق كارتا تېلېفونۇمدا «بىرلەشمە ئالاقە»نىڭ مىس- مىس 2 G تورىدىن زېرىكىپ، «بىرلەشمە ئالاقە»نىڭ 50 سومغا 3 گېگابايت تور ئېقىمى بېرىدىغان كارتىسىنى 3G نى Wifi غا ئايلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنىگە سېلىپ تورغا چىقىپ تازا پۇخادىن چىقالماي يۈرگەندە، بىلكان تېلېفونى كەلدى. تۇنجى بولۇپ قوش كارتىلىق تېلېفوننىڭ سايىسىدە تېلېفون چوڭلۇقىدىكى ھېلىقى سېگنال تارقاتقۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلغىنىمغا خوش بولدۇم. تور بېكەتلەرنى كۆرۈش، ئۈندىدار ئالاقىسى، ئانچە- مۇنچە ئېكىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىمدىن بۇ تېلېفون تامامەن چىقتى. YouKu ئەپنى قاچىلاپ ئانچە- مۇنچە قىسقا فىلىم كۆرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا كىنو كۆرمىگەچكە 3 گېگابايت تور ئېقىمى بىر ئايدا كەڭ كۇشادە يەتتى. ئۆيدىن يىراق يەردە جىددى زۆرۈرىيەت بىلەن توردا بىر نەرسە يوللايدىغان ياكى چ چ دا يىراقتىن باشقۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىدىغان ئىشلارنى تېلېفوننىڭ 3G نى USB ئارقىلىق كومپيۇتېرغا باغلاپ بېرىدىغان ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ قىلالىدىم. دېمەكچىمەنكى 3G كارتامنى بۇرۇنقىدەك ئېلىپ- سېلىپ يۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن تولۇق قۇتۇلدۇم. ئۇيغۇرچە قوللايدىغان تېلېفونلار ئارا قىسقا ئۇچۇر ياكى ئۈندىداردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىشىش بىر تۈرلۈك ھوزۇر. بىلكان تېلېفونىدىكى «بىلكان كۆپ تىللىق ھەرپتاختا» مەن ئىشلىتىپ باققان تېلېفوندىكى ئۇيغۇرچە ھەرپتاختا ئەپلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئەڭ تېز باسقىلى بولىدىغىنى. شۇڭا 4 دىيۇملۇق بىلكان U8 دە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يېزىشمۇ بەك راھەت.

بىلكان تېلېفونىدىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر «بىلكان خەۋەرلىرى»، «خەۋەر ئوقۇغۇچ»، «بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى»... قاتارلىقلارمۇ بۇ تېلېفوندىكى بىر يارقىن نوقتا. ئېقىم كۆپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە «بىلكان خەۋەرلىرى»، «خەۋەر ئوقۇغۇچ» ياخشى تاللاش. لۇغەتكە ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدىغانلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە تۈرلۈك لۇغەتلەر تامامەت چىقىدۇ. بىلكان تەمىنلىگەن «بازار» پروگراممىسى ئارقىلىق توردىن بىلكان شىركىتى تۈزۈپ چىققان ئەپلەرنى چۈشۈرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەپ تەمىنلەش جەھەتتە بىلكان مەھسۇلاتلىرى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

قاتتىق دېتال جەھەتتە تېلېفون سىگنالى ياخشى، مۇقىم ئىشلەيدۇ، تېلېفوندا قېتىۋېلىش، قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. قۇلاق ئاۋازى چۇڭۇلداپ كىشىنى بىئارام قىلمايدۇ. يېتىشسىزلىك دېيىشكە توغرا كەلسە، تېلېفون ساقلىغۇچى نىسبەتەن كىچىك. ئېغىر ئويۇنلارنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئويۇنچىلارغا بۇ تېلېفوننى تەۋسىيە قىلمايمەن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك تور بېكەتلەرنى كۆرۈش، ئۈندىدار ئالاقىسى، ئانچە- مۇنچە ئېكىتاب ئوقۇش دېگەندەك ئويۇندىن سىرت ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىقلار بۇ تېلېفوننى تۇتۇشنى ئويلىشپ كۆرسە بولىدۇ.



بىلكان مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار مەنزىلى: http://www.bilkan.net


بىلكاننىڭ cdma نى قوللايدىغان تېلېفونى تېخى چىقمىدى. بىلكان u1 تىپلىقنىڭ
باھاسى 680 يۈەن، u8 نىڭ ئېقى 1180 يۈەن، قوڭۇرى 1150 يۈەن.




بىلكان شىركىتى ئۈندىداردا بىلكان سالۇنىنى ئېلان قىلدى. كۈندە ئاندرويىدقا
ئائىت يېڭى خەۋەرلەر ياكى ئاندرويىد ئەپ تونۇشتۇرىدۇ. ئۈندىدار (ۋېيشىن) دا
bilkanim نى قېتىۋالساڭلار بولىدۇ. ئۈندىداردا ئىككىلىق كود ئارقىلىق قوشۇشنى
بىلىدىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكىسى ئىككىلىك كودى:







temburchi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 21:29:12

ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ياخشى ما تەرپى ماڭا ياقتى \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 21:34:13

cdma قوللامدىكەن ، باھاسى ، تىپلىرى ...دېگەندەكلەرنىمۇ سۆزلىۋەتمەمسىلەر ؟

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 21:44:02

2- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

cdma قوللامدىكەن ، باھاسى ، تىپلىرى ...دېگەندەكلەرنىمۇ سۆزلىۋەتمەمسىلەر ؟



u1 نى ھازىر سورسام 780كوي   دەيدۇ يەنە بىرسىنى 1180 كوي دەيدۇ .....

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 10:10:01

سىز U8 نى ئىشلىتىۋېتىپسىز، سىزدىن بۇ بىرقانچە مەسىلىنى سورىسام، سۇئاللىرىمغا قويماي جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز.

1. مەن كۆپ ئويۇن ئوينىمايمەن. باتارىيەسى قانداقراق يېتىدىكەن؟ يەنە بىر تال ماينى ياندا توشۇپ يۈرۈشكە توغرا كېلەمدىكەن؟

2. توك قاچىلىشى تېزمىكەن؟

3. ئېكران سېزىمچانلىقى قانداقراقكەن؟ يىنىكلا باسساق بىلەمدىكەن ياكى قاتتىقراق بېسىش كېرەكمىكەن؟

4. زاپەر تېلېفونلارغا ئوخشاش رادىئاتسىيە سېگنالى كۈچلۈكمىكەن؟



مەن بۇلارغا پۇتاق چىقىرىپ باھا قويىۋاتقىنىم يوق. پەقەت بىلىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ھېسسىياتچانلار ئۆزۈڭلارنى بېسىۋالغايسىلەر.



مەنمۇ قوش كارتا چۈشىدىغان تېلىفوندىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم. بۇ تېلىفون بىر تاللىشىم بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئالدىنقى مەزگىل بىر ئاندرويىد تېلىفونىنى ئىشلىتىپ تېلېفوننىڭ سۈپىتىدىن سەت چاچراپ كېتىپتىكەنمەن، 2 مىڭ يۈەندىن ئاشقان تېلېفوننىڭ سۈپىتى شۇ بولىدىغان بولسا، بولدى مەن ئاندرويىد ئىشلەتمەپتىمەن، ئاندرويىد دېگەنگە يېقىنلىشامدىغان دەپ... شۇڭا سەل كۆپرەك سۇئال سوراپ قالدىم.



بۇنى بىر ئاغىينىمىز ئايالىغا ئېلىپ بەرگەنكەن، خېلى يامان ئەمەس ئىشلەۋاتىدۇ دەيدۇ. ماڭا ئويۇنلىرىنىڭ قىززىقى يوق. 微信 گە ئوخشىغان ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى بەلەن ئىشلىسە، توكى بەلەن يەتسە، سېگنالى ياخشى چىقسا، يۈرۈشۈش سۈرئېتى تېز بولسا بولدى.



ئاخىرىدا ماڭا يەنە تەۋسىيە قىلسىڭىز، ئەگەر بۇ تېلېفوننى ئالسام يەنە 2-تېلېفون قىلىپ ئىشلىتىمەن (مەن 3 تېلېفوننى 2 گە چۈشۈرمەكچى ئىدىم). ماڭا U1 ماس كېلەرمۇ ياكى U8 ؟

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 10:34:39

1-،2- سۇئالىڭىز ئۈچۈن: تېلېفونۇمىدا 3G تور دائىم ئوچۇق، ئۈندىدار (ۋېيشىن) دائىم ئوچۇق، چ چ ئۇچۇرلىرىنى مۇشۇ ئوقەتتە قوبۇل قىلىدىغانغا تەڭشەگلىك. چ چ ئاچمايمەن. ئادىتىم ئەتىگەن 5 تە توكتىن ئالىمەن. ئېكران يورۇقلۇقىنى نورمالغا تەڭشەيمەن. كۈندىلىك خەۋەرلەرنى ئاساسەن تېلېفوندىلا كۆرىمەن. ھاۋارايى دائىم يېڭىلاش ھالىتىدە تۇرىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كەچ سائەت 9 لاردا توكى %10 دىن ئاز قالىدۇ. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال توكقا چاتىمەن. ئادەتتە 3 سائەتكە قالماي توكى توشىدۇ. سەپەرگە چىققاندا خەۋەر، مۇنبەر كۆرۈش، ئورۇن بەلگىلەپ بىر يەرلەرنى ئىزدەش دېگەنلەر بىلەن توك تېز خورايدۇ. شۇڭا زاپاس ماينى زەرەتلەپ ئېلىۋالىمەن. سەپەردە بىر كۈندە ئىككى تال ماي تۈگەيدۇ. ئەمما كومپيۇتېردا تېلېفوننىڭ 3G تورىنى ئىشلەتسەم، بىر تەرەپتىن زەرەتلىنىپ تۇرغاچقا توكى تۈگەپ كېتىشتىن خاتىرجەم.

3. ئېكران سېزىمچانلىقى ياخشى. يېنىك باسسىڭىزلا ئىشلەيدۇ. نىقتاپ بېسىپ بارمىقىڭىز تېلىپ كەتمەيدۇ.

4. زاپەر تېلېفونلارنى 1-2 ھەپتە تۇتۇپ بېقىپ قۇلاق- مېڭەم چۇڭۇلداپ ئازابلىنىپ باققان. بىلكاندا ئۇنداق بىئارامچىلىق ھېس قىلمىدىم. رادىئاتسىيىسىنى ئۆلچىتىپ باقمىدىم، سىزگە پەقەت بىۋاستە تەسىراتىمنىلا دېيەلەيمەن.

U1 دە GPS,3G ئۈزىكى يوق. 3G تورىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، U8نى ئېلىڭ. ئەگەر ئادەتتە 2G تور ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز، U1 كۇپايە.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 19:12:43

قەيەردە ساتىدىكەن؟ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم بىرلەشمە ئالاقىلىشىشنىڭكىتى، بۇ كارتىدىن بەك بىزار بوپ كېتىپ كۆچمە خەۋەرلىشىشقا ئالماشتۇراي دەپتىكەنمەن تېخى، نېمىشقا ئۇنى قوللىمايدۇ يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 19:54:30

فائىزە، بۇ ئىككى خىل تېلېفون بىرلەشمە ئالاقىلىشىش ۋە كۆچمە ئالاقىلىشىش كارتىلىرىنى قوللايدۇ. تور جەھەتتە U8 تېلېفون بىلەشمە ئالاقىلىشىش 3G تورىنى قوللايدۇ. كۆچمە ئالاقىلىشىشنىڭ 2G تورىنى قوللايدۇ. شۇڭا كارتا ئالماشتۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

سېتىش نوقتىلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ:


http://www.bilkan.net/سېتىش-نوقتىلىرى.aspx

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 20:43:35

ئاۋۇ تېمىنى ئۆچۈرمىسڭىز باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەسىراتلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولار بولغىيتى؟ ئۆچۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۇ يەردە سوراپ بولۇپمۇ يەنە تېما يېزىشىمدىكى مەقسىتىممۇ شۇ ئىدى. تېمىنى كېڭەيتىپرەك يازغاندەك قىلغان ئىدىم، ئۇنىڭغا قانداق جاۋابلار چۈشكەندۇ دەپ كىرىپ قارىسام ئۆچۈپ بوپتۇ... \"\"



تەپسىلىي جاۋابلىرىڭىزدىن مىننەتدارمەن.

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 21:10:01

مەقسىدىڭىزنى چۈشەنمەپتىمەن، كەچۈرۈڭ. تېمىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويدۇم.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 19:13:12

تېگىراف كارتىلىقى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلالىساڭلار بولاتتى.

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 15:33:58

murad يوللىغان ۋاقتى2012-9-30 21:10 static/image/common/back.gif
مەقسىدىڭىزنى چۈشەنمەپتىمەن، كەچۈرۈڭ. تېمىڭىزنى ئەسلى ...

بىلكان U8 تېلېفونىنىڭ ھازىرقى باھاسى قانچە؟
شىركەتنىڭ U8 دىن باشقا، يىڭىدىن چىققان تېلېفونى بارمۇ؟ باربولسا باھاسى قانچە؟
يۇقارقىلارغا جاۋاپ بەرگەچ، شىركەتنىڭ بانكا كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز!
بەت: [1]
: بىلكان تېلېفونى ھەققىدە