raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 20:42:05

iPhone ھەۋەسكارلىرى، ھۇررا!...[تېخنىكا]

تېمىنى كۆرۈپ «يەنە قانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چىققاندۇ؟ مايور، دانىش قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىز بەيدۇ كىرگۈزگۈچىگە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى  قېتىپ ئېلان قىلغىلى نە زامان» دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەسلى تېمىنى بۇنداق قويۇشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، بىراق «خۇشخەۋەر» گە كۆنگەن ۋە قىزىقىدىغان بىزلەر ئۈچۈن ماۋزۇنى مۇشۇنداق قويۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر بوپ قالدى. سەۋەبىنى ھازىر بايان قىلىمەن.

شۇنداق بۇ تېمىدا گىپى بولۇۋاتقىنى ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ (مەنبەسى: http://www.xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=327) دېگەن تېمىدىكى كىرگۈزگۈچ شۇ. ئوخشىمايدىغان يىرى، 百度输入法 غا ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى قوشقان بۇرادەرلىرىمىز (يەنى دانىش، مايور قاتارلىقلار) بىر ئايدىن بىرى ئىگە تەرەپ بىلەن زېرىكمەي ئالاقىلىشىش، چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇرادەرلىرىمىز ياسىغان ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتى تۈرمىدىن قاچۇرغانلارنىڭ جەننىتى بولغان Cydia مەنبەسىگە ئىگە تەرەپتىن سىناق سۈپىتىدە چىقىرىلىپ 25-سىنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي چۈشۈرۈشكە قويۇلدى. دېمەك، بۇرادەرلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاخىرى ئۈنۈم بەردى،  ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى.

بىزنىڭ بۇ تېمىنى يېزىپ تەشۋىق قىلىشىمىزدا مۇنداق بىرلا مۇھىم سەۋەب بار، بۇ مۇھىم سەۋەب: ئىگە تەرەپتىن سىناق ئۈچۈن چىقىرىلغان تېرە ھۆججىتى ۋە 百度输入法 نىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئىگە تەرەپنى رازى قىلالىسا ھەم ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالىسا ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىگە ئىگە تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇنى رەسمىي كۈن تەرتىپكە قويۇپ كېيىنكى تەرەققىياتى (مەسىلەن، نۇر بەلگىسىنى ئوڭغا يۆتكەش ... قاتارلىق) غا مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭا بىز iPhone ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز؛ ئەگەر سىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىۋاتقان ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى پاك-پاكىزە ئۆچۈرۈپ يېڭىدىن قاچىلىشىڭىزنى، تېخى خەۋەرسىز بولۇپ ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز يېڭىدىن قاچىلىشىڭىزنى شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتى ۋە 百度输入法 نىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىنىڭ ئارتىشىغا ھەسسە قوشۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز.

ئەمدى ئۇنى ئۆچۈرۈش (قاچىلاپ بولغانلارغا قارىتىلىدۇ) ۋە يېڭىدىن قاچىلاشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

百度输入法 نى ئۆچۈرۈش (كونا نۇسخىسىنى قاچىلىغانلارغا قارىتىلىدۇ):

Cydia نى قوزغىتىسىز، cydia يېڭىلىنىپ بولغاندىن كېيىن «باشقۇرۇش» (管理) نى چېكىپ «ئەپ خالتىسى» (软件包) غا كىرىسىز ۋە بۇ يەردىكى سىز ئىلگىرى قاچىلىغان 百度输入法 نى ئىزدەپ تېپىپ ئۆچۈرۈۋېتىسىز

ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايفوننى كومپيۇتېرغا چېتىپ ھۆججەت باشقۇرۇش قورالى iTools ئارقىلىق 百度输入法 نىڭ قالدۇق ھۆججىتىنى قول بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز. ئۇسۇلى iTools نى قوزغىتىپ /var/mobile/Library/Keyboard تەرتىپ بويىچە مۇشۇ مۇندەرىجىگە كىرىپ BaiduInputMethod ناملق ھۆججەت خالتىسىنى يۇيۇپ تاشلايمىز.

ئەگەر ئۈسكۈنىڭىزگە iFile قاچىلانغان بولسا بىۋاستە iFile ئارقىلق ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ

دېمەك، بىز ئايفونىمىزغا ئىلگىرى قاچىلانغان 百度输入法 نى پاك-پاكىزە يۇيۇپ تاشلىدۇق.

百度输入法 نى قاچىلاش ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى سەپلەش (ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىمىغانلارغا):

بۇ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى:

قاچىلاش ئۇسۇلى ئاددىي (Cydia دىن ئازراقلا خەۋرىڭىز بولسا بۇ سىزگە 2 مىنۇتلۇق ئىش)؛

ھېچقانداق تەڭشەش كەتمەيدۇ؛

كۇنۇپكا تاختىسىغا يېڭى ئىقتىدارلار قېتىلغان؛

مۇقىملىقى ئاشۇرۇلغان؛

Cydia نى قوغىتىسىز. «باشقۇرۇش» (管理) قا كىرىپ «ئەپ مەنبەسى» (软件源) نى ئاچىسىز، ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى تەھرىرلەش (编辑) نى باسسىڭىز ئۈستى سول تەرەپتىكى «باشقۇرۇش» (管理) دېگەن خەت «قوشۇش» (源加) دەپ ئۆزگىرەيدۇ. «قوشۇش» نى بېسىپ 威锋 نىڭ مەنبە ئادرېسىنى قوشىسىز.

威锋 نىڭ مەنبە ئادرېسى: http://apt.weiphone.com

يەنە ئوخشاش ئۇسۇلدا 百度输入法 نىڭ ئىگە تەرەپ مەنبەسىنى قوشىسىز:

مەنبە ئادرېسى: http://mi.baidu.com

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىز 威锋 ۋە بەيدۇ ئىگە تەرەپ مەنبەسىنى قېتىپ بولغان بولسىڭىز يۇقىرىقى مەنبە قوشۇش قەدەم - باسقۇچلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭ

يۇقىرىدا بىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشتىكى زۆرۈر بولغان مەنبە قوشۇش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. ئەمدى قاچىلاشنى باشلايمىز:

Cydia نى قوزغىتىپ ئىزدەش (搜索) كە كىرىپ ئىزدەش رامكىسىغا 百度输入法 دەپ يېزىپ ئىزدەپ چىققان نەتىجە ئىچىدىن بەيدۇ ئىگە تەرەپ تەمىنلىگەن 百度输入法 نىڭ 3.0.5.2 نەشرىنى تېپىپ قاچىلىساقمۇ بولىدۇ. بۇنى ئاۋارىچىلىق كۆرسەك cydia نىڭ «باشقۇرۇش» رايونى «ئەپ مەنبەسى» دىن بەيدۇ ئىگە تەرەپ مەنبەسىنى چەكسەك چىققان نەتىجىدىكى 百度输入法 نى قاچىلىساقمۇ بولىدۇ. مەقسەت 百度输入法 نى ئىگە تەرەپ مەنبەسىدىن قاچىلاش. 百度输入法 ۋېيفىڭ مەنبەسىدىمۇ، 178 مەنبەسىدىمۇ بار. ئىگە تەرەپتىن قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. خاتالىشىپ قېلىپ ۋېيفىڭ ياكى 178 مەنبەسىدىكىنى قاچىلىسىڭىزمۇ نەشرى 3.0.5.2 بولسا چاتاق چىقمايدۇ. ئەمما بىز ئىگە تەرەپ مەنبەسىدىن قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قايتا قوزغىتىش (تىزىمدىن چىقىرىش ئەمەس) نى تەلەپ قىلىدۇ. بىردەم ساقلىساق ئۈسكۈنە قايتا قوزغىلىدۇ. بىز باشقا مەشغۇلات قىلماي Cydia قوزغىتىپ  ئىزدەش (搜索) رامكىسىغا  خەنزۇچە 维吾尔 دەپ يېزىپ ئىزدىسەك ئىگە تەرەپ تەرىپىدىن 威锋 مەنبەسىگە چىقىرىلغان ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى تاپىدۇ.

(ۋېيفىڭ مەنبەسىدىكى قىستۇرمىلار ئىنتايىن كۆپ  بولغاچقا بۇنى مۇشۇ ئۇسۇلدا تاپمىساق بىۋاستە ۋېيفىڭ مەنبەسىگە كىرىپ تېپىپ بولغىلى بولمايدۇ) تاپقان ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى قاچىلاپ ئۈسكۈنىنى قايتا قوزغىتىۋەتسەكلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش سىستېمىغا قېتىلغان بولىدۇ.

كۇنۇپكا تاختىسى لايىھەلەش تۈرىگە كىرىپ بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى قوشۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. قاچىلىنىپ قايتا قوزغتىلغاندىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىنى ئېچىپ كىرگۈزۈشنى باشلايمىز.

بۇ تېمىدا پەقەت ئىلگىرى قاچىلىنىپ بولغان بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى ئۆچۈرۈش (تېخى قاچلىمىغانلار ئىككىنچى قەدەم يەنى بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى ۋە ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى قاچلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېڭىياچىلار ئۈچۈن چۈشنىشلىك تەييارلاش سەۋەبىدىنلا بۇ تېما ئۇزىراپ كەتتى بولمىسا بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى قوشۇش ئىنتايىن ئاسان. پەقەت cydia نى ئىشلىتىشنى بىلسە بۇ ئىشلارغا 5 مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ) ۋە ئۇنى يېڭىدىن قاچىلاش قەدەم - باسقۇچلىرى بايان قىلىندى.

ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا، يەنى 百度输入法 ۋە ئىگە تەرەپ cydia مەنبەسىگە سىناق ئۈچۈن چىقارغان ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاۋۇتۇپ ئىگە تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە ئاداققىچە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 22:21:18

ئاي ئەس ئو 6 نى قاچان تۈرمىدىن قاچۇرىمىز \"\"

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 22:33:03

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،ئەگەر باتارىيەسى ياخشى يەتسىلا مەن ئېلىشنى ئويلىشىمەن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 22:47:12

2- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،ئەگەر باتارىيەسى ياخشى يەتسىلا مەن ئېلىشنى ئويلىشىمەن .

\"\"

تېمىنىمۇ ئوقىماپسىز ھە

بۇ يەردە ماشىنا خۇتۇننىڭ پارىڭى بولىۋاتىدۇ

باتارىيەسى سىز يەتكىچە يىتىدىكەن\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 23:10:15

2- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،ئەگەر باتارىيەسى ياخشى يەتسىلا مەن ئېلىشنى ئويلىشىمەن .

\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 00:33:01

گەرچە ئايفۇنۇم بولمىسىمۇ ئەلا باھالاپ ئېسىل ئەمگىكىڭلارغا بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈپ قوياي. \"\"

boztaghliq يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 02:43:19

ئىككى مەسىلە سورايمەن:

بىرى يوقۇرىدىكى قەدەم باسقۇچلاردا تىلغا ئېلىنغان خەنچە خەتلەر ئورنىغا (ئەگەر مەندەك ئېنگىلىزچە تېلىپۇن ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن) ئېنگىلىزچىسىنى دەپ بەرگىلى بولسا.

ئىككىنچىسى: تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەكمۇ يوق؟ ئايپون 5نى؟ قاچۇرۇش كېرەك بولسا قەدەم باسقۇچلىرى.

تېخنىكلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 06:21:32

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاي ئەس ئو 6 نى قاچان تۈرمىدىن قاچۇرىمىز \"\"

iOS6 نىڭ تۈرمىدىن قېچىشىغا بىر مەزگىل كېتىشى مۇمكىن، خاككىرلارنىڭ دېيىشىچە iOS6   تۈرمىدىن قاچمايدىكەن، ئورگان تەرەپ ناھايىتى تېزلا 6.1 نى ئېلان قىلىدىكەن، خاككىرلارمۇ بارلىق كۈچىنى 6.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا قارىتىدىكەن. 11- ئايلاردا 6.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ئېلان قىلىنىدىكەن.
يەنە بىر خۇش خەۋەر، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 4 ئەس قاتالىقلارنى نەشىر چۈشۈرۈش قورالى ئېلان كىلىنىشى مۇمكىنكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 06:29:54

6- قەۋەتتىكى boztaghliqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىككى مەسىلە سورايمەن:

بىرى يوقۇرىدىكى قەدەم باسقۇچلاردا تىلغا ئېلىنغان خەنچە خەتلەر ئورنىغا (ئەگەر مەندەك ئېنگىلىزچە تېلىپۇن ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن) ئېنگىلىزچىسىنى دەپ بەرگىلى بولسا.

ئىككىنچىسى: تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەكمۇ يوق؟ ئايپون 5نى؟ قاچۇرۇش كېرەك بولسا قەدەم باسقۇچلىرى.

تېخنىكلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

Cydia تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز خاتىرەم دەپ قارلۇق شىركىتى تەمىنلىگەن بىر ئەپ بار.سەل قۇلايسىز.ئەمما ئۇيغۇرچە يېزىش ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ.

Xatiram دەپ ئىزدەپپ بېقىڭ ياكى بىۋاستە چۈشۈرۈڭ.

http://itunes.apple.com/fr/app/xatirem/id484486372?mt=8

يىڭىس سېستىمىسى ئېلان قىلىنغانغا تېخى ھەپتە بولمىدى.

شۇڭا تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا بەلكىم بىر مەزگىل ۋاقىت كىتىشى مومكىن.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 08:12:54

Iphone يوق، قوتا Touch دىن بىرسى بار، سىمسىز توغرا چىقىپ Nonah ، Skype لارنى قاچىلاپ تېلغون ئۇرۇپ ئوينايمەن.

ئالدىنقى قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرۇپ مۇشۇ تىمىدا دىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسام ناھايتى پەچەت بولغانتى

لېكىن كۆپ ئۆتمەي سەل ئاستىلاپ قالغاندەك بولۇپ قالدى، بۇ تۈرمىدىن قاچۇرغاننىڭ ئىشىمۇ؟

ئەمدى نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرمايلا ئىشلىتەي دىسەم، ماۋۇ يېڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چىقىپتۇ، يەنىلا سىناپ باقاي جۇمۇ

مۇشۇ ئاندىرويد تېلغوندا بەيدۇ نىڭ كىرگۈزگىچىسى ماڭا بەك ۋەھشى قولايلىق تۇيۇلىدۇ جۇمۇ............

touch قا بەيدۇ قاچىلاپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىۋاسام، بەيدۇ كىرگۈزگۈچ ئاستىلاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم، يېڭىسدا ھازىر Uyghur دەپ تاللىغىلى بولىدىغاندەك، بۇنى سىناپ باققۇلۇقمۇ نىمە

قاچان چىقا بۇ touch 5 \"\"

4 چىقىپلا چىقمايدىغاننى بىلگەن بولسا ئەمدى ئالاركەنمەن، باھاسى خېلى چۈشۈپتۇ كاساپەتنىڭ ...........

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 09:46:28

9- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

iTouch 5 ئېلان قىلىندىغۇ. مۇشۇ قېتىم iPhone5 بىلەن بىللە ئېلان قىلىندى.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 13:28:31

ئاخىرى چىقتىمدە بۇ ئۆلگۈر تۈرمىدىن...

بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەش ئالما تېلېفونىغا قاچىلىدىم.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 15:00:21

ipad2 گە قاچىلىدىم، خەتلەر نورمال كىردى، لىكىن كۇنۇپكا تاختىسى بىربۇلۇڭدا كىچىك كۆرۈندى، قارغاندا ipad نىڭ چىقمىغان چىغى.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 17:21:50

10- قەۋەتتىكى raxit1973نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Iphone يوق، قوتا Touch دىن بىرسى بار، سىمسىز توغرا چىقىپ Nonah ، Skype لارنى قاچىلاپ تېلغون ئۇرۇپ ئوينايمەن.

ئالدىنقى قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرۇپ مۇشۇ تىمىدا دىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسام ناھايتى پەچەت بولغانتى

لېكىن كۆپ ئۆتمەي سەل ئاستىلاپ قالغاندەك بولۇپ قالدى، بۇ تۈرمىدىن قاچۇرغاننىڭ ئىشىمۇ؟

ئەمدى نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرمايلا ئىشلىتەي دىسەم، ماۋۇ يېڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چىقىپتۇ، يەنىلا سىناپ باقاي جۇمۇ

مۇشۇ ئاندىرويد تېلغوندا بەيدۇ نىڭ كىرگۈزگىچىسى ماڭا بەك ۋەھشى قولايلىق تۇيۇلىدۇ جۇمۇ............

touch قا بەيدۇ قاچىلاپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىۋاسام، بەيدۇ كىرگۈزگۈچ ئاستىلاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم، يېڭىسدا ھازىر Uyghur دەپ تاللىغىلى بولىدىغاندەك، بۇنى سىناپ باققۇلۇقمۇ نىمە

قاچان چىقا بۇ touch 5 \"\"

4 چىقىپلا چىقمايدىغاننى بىلگەن بولسا ئەمدى ئالاركەنمەن، باھاسى خېلى چۈشۈپتۇ كاساپەتنىڭ ...........

iTouch 5 ئېلان قىلىندىغۇ. مۇشۇ قېتىم iPhone5 بىلەن بىللە ئېلان قىلىندى.

بىلمەي يۈرگۈنۈمنى

ئىزدەپ باقاي، نىمە ئۆزگۈرۈش بولدى.

كىرگۈزگۈچنى مۇۋاپىقىيەتلىك يېڭىلىۋالدىم، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن.

رەھمەت

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 20:39:35

12- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ipad2 گە قاچىلىدىم، خەتلەر نورمال كىردى، لىكىن كۇنۇپكا تاختىسى بىربۇلۇڭدا كىچىك كۆرۈندى، قارغاندا ipad نىڭ چىقمىغان چىغى.

ماۋۇ تېمىدا گىپى بولۇۋاتقىنى ئايپەدنىڭ ئەمەس ئايفون ۋە ئايتاچنىڭ. ئايپەدنىڭ تېخى Cydia مەنبەسىگە چىقىرىلمىدى. ئەمما ماۋۇ ئۇلانمىدىكى تېما بويىچە قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ:

http://www.xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=1050

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 11:45:17

iphone5 ئىلىشقا ھازىردىن باشلاپ پۇل يىغىشقا باشلدىم، تۇنۇگۇن بىر دوستۇم قىزىل بايراقتا سىتىشقا باشلاپتۇ دەيدۇ، لىكىن خەۋەردە جۇڭگۇ تىخى كىرگۇزۇلمىدى دەپتىكەن ،شۇنداق بولغاندا قىزىل بايراقىتىكىسى شاڭگاڭدىن كىرگۇزۇلگەنلىرىغۇ دەيمەن، ئىشقىلىپ شۇنداق دىسەم، ئۇ دۇستۇم ئىشەنمەي ساتقۇچى 行货 دەيدۇ دەپ تۇرۋالدى، مەنمۇ تالاشمىدىم ، باھاسىنى 7000سوم دەيدۇ،

ئەگەر جۇڭگۇغا كىرگۇزۇلسە مۇشۇ باھادا بۇلۇپ قالارمۇ؟

سىلەرچە iphoneنى مەخسۇس سىتىش دۇككىدىن ئالغان ياخشىمۇ ياكى بىرلەشمە ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىتىن تىلفۇن ھەققى تاپشۇرۇپ ئالغان ياخشىمۇ؟ 4sسىتىۋالغانلار بىر مەسلىھەت كۆرسەتمەمسىلەر

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 13:44:52

15- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

iphone5 ئىلىشقا ھازىردىن باشلاپ پۇل يىغىشقا باشلدىم، تۇنۇگۇن بىر دوستۇم قىزىل بايراقتا سىتىشقا باشلاپتۇ دەيدۇ، لىكىن خەۋەردە جۇڭگۇ تىخى كىرگۇزۇلمىدى دەپتىكەن ،شۇنداق بولغاندا قىزىل بايراقىتىكىسى شاڭگاڭدىن كىرگۇزۇلگەنلىرىغۇ دەيمەن، ئىشقىلىپ شۇنداق دىسەم، ئۇ دۇستۇم ئىشەنمەي ساتقۇچى 行货 دەيدۇ دەپ تۇرۋالدى، مەنمۇ تالاشمىدىم ، باھاسىنى 7000سوم دەيدۇ،

ئەگەر جۇڭگۇغا كىرگۇزۇلسە مۇشۇ باھادا بۇلۇپ قالارمۇ؟

سىلەرچە iphoneنى مەخسۇس سىتىش دۇككىدىن ئالغان ياخشىمۇ ياكى بىرلەشمە ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىتىن تىلفۇن ھەققى تاپشۇرۇپ ئالغان ياخشىمۇ؟ 4sسىتىۋالغانلار بىر مەسلىھەت كۆرسەتمەمسىلەر

ھازىر ئېلىمىزدە سېتىۋاتقانلىرىنى خاڭخو دېگەن ئادەم پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپتۇ. 1-قېتىم يەنى 21-چىسلادىن باشلاپ سېتىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدە ئىلىمىزنىڭ شياڭگاڭ رايونىمۇ بار ئىدى. ئىككىنچى قېتىم سېتىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە يەنىلا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى يوق. بەلكىم 3-قېتىم سېتىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن. ھازىر سېتىلىۋاتقان iPhone 5 لەرنىڭ ھەممىسى شياڭگاڭ رايونىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەنلىرى. تېخى بىرلەشمە، تېلېگراف ئەكىرمىدى. بەلكىم 10-ئايلار ئىچىدە بۇ ئىككى ماگىنات ئەكىرىپ سېتىشنى باشلىشى مۇمكىن. ئالما تور بېتىدىن، بىرلەشمە، تېلېگراف ۋە گومىي مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋالغانلىرى ھەقىقىي دۆلەت ئىچىگە قانۇنلۇق كىرگەنلىرى، يەنى خاڭخولىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇندىكى ھەممىسى سۇ يولى بىلەن كىرگەن ماللاردۇر. بۇنداق ماللارغا ئىشەنچ قىلىش تەس. ئەمما مەسىلە يوق، قارا قول تەگمىگەن، ھەقىقىي زاۋۇت ماللىرىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا رەسمىي كىرسە باھا يەنە چۈشىدۇ. بەلكىم 16 گىگابايتلىقى 5500 لەردە چىقىشى مۇمكىن.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 13:57:03

شۇڭا بۇنى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغاندىلا اندىن قىلغىلى بولامدا؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 14:19:54

زاپەر ئايفۇنغا قاچىلاش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرىدىكەن، جىڭپەر ئايفونغا بىۋاستىلا قاچىلايىكەن.

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 19:14:29

18- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زاپەر ئايفۇنغا قاچىلاش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرىدىكەن، جىڭپەر ئايفونغا بىۋاستىلا قاچىلايىكەن.

زاپەر بىلەن جىڭپەرنىڭ پەرقىنى بىلىپ ئىنكاس يازسىڭىزچۇ! زاپەر iOS سىستېمىلىق ئايفونمۇ بارمىكەن؟
بەت: [1] 2
: iPhone ھەۋەسكارلىرى، ھۇررا!...[تېخنىكا]