Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 11:27:54

دىئالوگ-گۈزەللىك ئىستىگەنلەر كىرگەي!

سالام، ئۆزلىرىدىن تېببى مەسلەھەت ئالاي دېگەن ئىدىم. ۋاقىتلىرى يەتسە پاراڭلاشقان بولساق. چېچىمغا بەك كۆپ ئاق كېرىپ كەتكىلى تۇردى. ئەينەككە قارىساملا ئىچىم پۇشۇپ بىئارام بولۇپ كېتىمەن. قېرىلىق شۇنچە تېز يېتىپ كىلەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئايال كىشى بولمىسا كېرەك، شۇڭا مەنمۇ بىر ئۆمۈر قېرىمىسام، گۈزەللىكىم جۇلالىنىپ تۇرسىكەن دەيمەن. شۇنچە ئەنسىرىگەنچە تېزلا قېرىلىق يېتىۋاتقاندەك قۇرقۇنۇچ ئىچىدە قالدىم. ئاسان چارچايمەن، ئۇيقۇم كىلىپلا تۇردۇ. ئەزەلدىن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولغاچقا ئائىلىدە، خىزمەت ئورنۇمدا بوشاڭلىق قىلمايتتىم.مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىغان بولغاچقا ھەممىلا ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ئويلاپ مۇكەممەللىك قوغلىشاتتىم. ئۆي ئازىراقلا رەتسىز بولسا، ئىش ئۈستىلىمدىكى ماتېرياللار يېغىلىپ قالسىلا نېرۋام ئۆرلەپ قالىدۇ. ئاسان چېچىلىپ قالىمەن.  ھەممە ئىشلارنى ئالدىمغا سىلىۋالسامكەنمەن، ھەر قانداق ئېشىمدىن مەسىلە چىقمىسىكەن دەپ بار كۈچۈم بىلەن تىرىشاتتىم. قىز بالا ۋاقتىمدا ئۇيقۇغا ئامراق بولغاچقا دەم ئىلىش كۈنلىرى ھورۇن ئۇيقۇسىنى كۆپ ئۇخلايتتىم. ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن ئۇيقۇم كىلىپ تۇرسىمۇ ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كۈندۈزلىرى ئۇخلاپ باقمىدىم. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى دادامنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانا، چوڭ ئۆي، ئۆزۈمنىڭ ئۆيى، ئىدارە  ئارلىقىدا چېپىپ يۈرۈپ، يولدۇشۇم، باللىرىمغا كۈندە 3 ۋاق تاماق ئېتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ دېگەندەك ئالدىراشلا ئۆتىمەن. قېرىق ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا قېرىپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپلا يۈرۈيمەن. چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كەتسە ئادەم ھارغىن، كېسەلچان، قېرى چىراي كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. چاچنى بويىتاي دېسەم تېرىگە بەك زىيانلىقمىش، راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئاڭلاپ يالتىيىپ قالدىم. داڭلىق ماركىلىق گېرىم بويۇملىرى، قىممەت باھالىق  ياشلىق باھارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورۇقلۇق، قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىچىپ تۇرىمەن. سىلىدىن ھەسەل، گۈلقەنت ئەكەلدۈرۈپ ئىچكەندىن كىيىن سەل پەرقى بولغاندەك تۇرىدۇ. شۇنچە قىلىپ تۇرمىغان بولسام نېمە بولۇپ قالاتتىمكىن دەيمەن.

سالام، چاچ ئاقىرىشقا باشلىغان بولسا چوڭ مەسىلە يوق، كەيپىياتلىرىنى تەڭشەپ كۆز ئالدىمىزدىكى، بىز قوينىدا ياشاۋاتقان دەل ھازىرقى ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشنى، زوقلىنىشنى ئۈگۈنىۋالسىلا، بۇ ھاياتتا تۇغۇلۇش، قىرانغا يېتىش، ئاجىزلىشىش، قېرىلىق، ئۆلۈم دېگەندەك مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان  رىئاللىقلارنى قوبۇل قىلىشنى ئۈگۈنىۋالغۇلۇق. جىددىيلىك، يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلىش، بۇرۇقتۇرما بولۇش، زىيادە مۇكەممەللىك قوغلىشىش قاننى كۆيدۈرۈپ سەپرانى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ ئاياللىق نازاكەت، گۈزەللىكنى خازان قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر. ئەڭ موھىمى پانىي ئالەمدە ئادەمنىڭ ھامان قېرىيدىغانلىقى، گۈزەللىكنىڭ ھامان سولىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتۇر. بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بىقىنمايدىغان، كۈچىمىز يەتمەيدىغان - مەڭگۈلۈك گۈزەل بولۇشنىڭ غېمىنى قانچە كۆپ قىلىپ، ھەر بىر ئەينەككە قارىغاندا ئىچىمىز پۇشۇپ، ئاھ ئۇرۇپ يۈرسەك تېخىمۇ تېز قېرىپ كېتىشىمىزدە گەپ يوق.

بۇ ھەقتىكى گەپلەر كىتابلاردا كۆپ سۆزلىنىدىكەن. زامانىۋى جەمئىيەتتە ئاياللارغا ئائىلە ،خىزمەت، جەمىيەت دەپ كۆپ ئەندىشىلەر بولىدىكەن. كەيپىياتنى تەڭشەيمەن دەپمۇ تەڭشەپ بولغىلى بولمايدىكەن. بەزى ئىشلارنى ئويلىماي دېسىمۇ كاللىغا كىرىۋىلىپ ئاراملىق بەرمەيدىكەن. شۇڭا ماڭا ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان، نەق گەپ بىلەن مەسلەھەت بەرسىلە، تېبابەت دورىسى ياكى ئوزۇقلۇق-يېمەكلەردىن نېمىلەرنى يەپ بەرسەم بولىدۇ؟

قېرىلىقتىن قورققان ئادەم ئىمكان بار دورىغا تايىنىۋېلىشتىن يېراق يۈرۈشى كېرەك ئىدى. ساغلاملىق ئۈچۈن روھىي ئامىل، تۇرمۇش ئادىتى، مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلىنىش دېگەنلەر ئىنتايىن موھىمدۇر. مۇشۇ ئۈچىدىن مەسىلە چىققاندا ئاندىن بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ بەزى كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. نېرىپ-توقۇلمىلاردا قىرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

چاچلىرىنىڭ ئاقىرىشىغا چوقۇم دورا ياكى يېمەكلىكتىن بىرەر نەرسە دەپ بەرسىلە دەپ تۇرۇۋالسىلىرى تۆۋەندىكىلەر چاچ بالدۇر ئاقىرىشقا پايدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردۇر:

يۈزىگە تولدۇرۇپ سىيادان سېپىپ نان ياقتۇرۇپ ئەتتىگىنى ناشتىدا يەپ بېرىش، چاچنى سىيادان مېيىدا مايلاپ بىرىش كېرەك. ھېلىلە مۇرابباسى يەپ بىرىش كېرەك. تاماقلارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى كۆپ.

بۇلار بالدۇر چاچ ئاقىرىشقا قارشى نىسبەتەن ياردەمچىلىك رولنى ئۆتەيدۇ. قېرىلىقتىن، ئىرسىيەتتىن بولغان چاچ ئاقىرىشقا مەنپەئەت قىلمايدۇ.

تېبابەت دورىسى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال مىزاجنى ئايرىپ خىلىتلارنى تەڭشەپ سېستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بېرىلسا بولىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا قېرىلىقتىن، ئېرسىيەتتىن بولغان چاچ ئاقىرىشقا نىسبەتەن يەنىلا ئۈنۈمسىزدۇر.

ئىشقا كىلىپ ماغدۇرسىزلانغاندەك بولۇپ ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋەتسەم سەل جانلىنىپ قالىمەن. شۇنىڭ كۈچى بىلەن خىلى ئىشلەيمەن. لىكىن بالدۇرلا ئىشتىن قاچىدىغان بولىۋالدىم. ئەسلى سىلى شۇنداق ئوبدان نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ بىرىۋاتقاندىكىن ياخشى بولۇپ كەتسەم، گۈزەللىك ئىستىكىمگە ئورتاقلىشىپ چىرايىم نۇرلىنىپ ساغلام بولۇپ كەتسەم، بىر ئۆمۈر قېرىمىسام دەپ ئويلايتتىم. ھەييي، قېرىپ، سەتلىشىپ كېتىشنى ئويلىساملا بەك قورقۇنۇچ ھېس قىلىمەن. بىر ئۆمۈر گۈزەل، نازۇك، تېتىك ياشىسام بولىتتى.

ئەمىسە سىلى جەننەتكە كېرسىلە بولغۇدەك، پەقەت جەننەتتىلا مەڭگۈ قېرىش، گۈزەللىكىنى يوقۇتۇپ قويۇش يوق. خىزمەت بېسىمى، تۈگىمەس ئەندىشە، غەم-قايغۇلار يوق. كۆڭۈللىرى نېمىنى خالىسىلا شۇ تەييار. لىكىن بۇ پانى ئالەمدە ئۇنداق ئىش يوق. ئايال پادىشاھلارمۇ قېرىپ يۈزلىرى دۇنيا خەرىتىسىدەك بولۇپ كەتكىننى كۆرۈپ تۇرىمىز، قېرىمايدىغان، ئاجىزلىمايدىغان، گۈزەللىكىدىن قالمايدىغان ئىش بولسا شۇلار بىر ئۆمۈر قېرىمىسا بولاتتى. لىكىن رىئاللىق رەھىمسىزدۇر. تۇغۇلماق، قىرانلىق، ئاجىزلىشىش، ئۆلۈم يارالمىش قانۇنىيەتلەردىندۇر. ئاللاھ ئىنساننى بويسۇنسۇن دەپ ياراتقان ئىكەن. شۇڭا بىزنىڭ بۇ قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنماسلىق ئىلاجىمىز يوق. بىزنىڭ پەقەت تېز-تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قىلىۋىلىش، ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. لىكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى قولىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتماي ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى پۇشايمان بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەييارلىقى بولمايدۇ. گۈزەللىك ھەققىدە كاللامغا تېزلا بىر پىكىر كىلىپ قالدى-بۇ ئالەمدىكى گۈزەللىك قەلىبتە، ئاخىرەتتىكى گۈزەللىك جەننەتتە. ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك گۈزەللىككە ئىرىشىش ئۈچۈن بۇ ئالەمدە قەلب پاكىز، گۈزەل بولىشى كېرەك ئىكەن. دېمەك مەڭگۈلۈك گۈزەللىكنىڭ تەييارلىقى بۇ ئالەمدە ئىكەن.

جەننەتكە كىرىش بەك تەس، تۇرغان-پۈتكىنىزمىنىڭ ھەممىسى گۇناھتەك بىلىنىدۇ. ئويلىسىلا ئادەم قورقىدۇ.

ئۇنداق ئەمەستەكقۇ، تۇرغان-پۈتكىنىمىزدە شۇنچە كەڭرى پۇرسەتلەر تۇرۇپتۇ. باشتا دەپ ئۆتكەندەك قولىمىزدا يوقىغا تولا ئاھ ئۇرۇپ، ۋايىم يېمەي نەق ئالدىمىزدىكى ھايات پۇرسىتىدىن، كەڭرى نىئمەتلەردىن ھوزۇرلىنىش، زوقلىنىش ھاياتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ. قانائەتجان بولۇش، شۈكۈر قىلىش، ئاجىزلارنىڭ ھالىغا يېتىش، مەزلۇملارنىڭ بېشىنى سىلاش بىزنى ئاخىرەت قورقۇنچىسىدىن ئازات قىلىدۇ.  

ئەسكەرتىش: بۇ مۇنداقلا بىر چ چ پارىڭىنى رەتلەپ ، تەييارلاپ قويغان ئاددىيغىنە تېما بولۇپ ئانچە-مۇنچە دەبدەبىلىك گەپلەر بولۇپ قالغان بىلەن تورداشلارغا ئاز-تولا مەنىۋى زوق ئاتا قىلالىشى مومكىن. باشقىلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى دادىل بايان قىلغاي!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 13:28:19

گېپى بەك تەرتىپلىككەن..

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 13:33:24

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گېپى بەك تەرتىپلىككەن..

كىيۇ-كىيۇ پاراڭلىرىنى تەرتىپلەپ تەييارلاپ يوللاپ قويدۇم.\"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 13:56:11

ساقلاپ قويسا بولغىدەك پاراڭكەن

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 14:01:31

سالام بىرزات ھېكىم، بۇ تېمىنى ئوبدان يېزىپلا.

ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ بىر ئۆمۈرگۈزەل بولغۇمىز كېلىدىكەن. ئىنسان يارىتىلىشتىنلا گۈزەل يارىتىلغان. لېكىن بۇ گۈزەللىكنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ، ئۇنى ئاسراش ۋە بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرلاشقىچە ساقلاش بەزىدە بىزنىڭ ئىش ئەمەلىمىزگە باغلىق بولىدىكەن.

مەن تۇرىۋاتقان يەردە ئۆينىڭ يېنىدا بىر قىزلار مەكتىپى بار، ئۇ يەردە بەزىدە يېشى ھەر ھەر چوڭ ئاياللارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېشى چوڭ بولسىمۇ چىرايىدىن گۈزەللىكى، سالاپىتى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئانامدەك چوڭ ئاياللارغا قاراپ، ئۇلارنى يۇرتىمىزدىكى ياكى بولمىسا ئۈرۈمچىدىكى ئاياللارغا سېلىشتۇرۇپ باقىمەن. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنىڭ سىرىنى بىلگۈم كېلىدۇ. بەزىسىدىن تارتىنمايلا سورايمەن، سىز نېمىشقا بۇنچە ياش ھەم چىرايلىق دەپ؟ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ..... كۈزىتىشىمچە، بۇ گۈزەللىكىنىڭ تۆۋەندىكىدەك سىرى باركەن:

1) كۆڭۈل خاتىرجەملىكى: بۇ خىل خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، كۈچلۈك بىر تايانچى بار بولسا بولىدىكەن. ئەڭ كۈچلۈك تايانچ كىم؟ ئاللاھ. ئاللاھ مېنىڭ تايانچىم دەپ ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، دەردىنى تۆكۈپ، ياردەم تىلەپ تۇرغاندا خاتىرجەملىككە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، بىھۇدە غەم ئىنساننى قىينىمايدىكەن. ياراتقان ئىگىسى بىلەن بولغان ياخشى، يېقىن مۇناسىۋەت كىشىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بېغىشلايدىكەن.

2) كۆڭۈل بىئارامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇش: بۇنىڭ چارىسى گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىزدىن «گۇناھ دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغاندا، «گۇناھ سېنىڭ ئىچىڭنى بىئارام قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىىدن قورققان ئىشتۇر» دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن. (مۇسلىم، 2553) گۇناھ ئىنساننى بىئارام قىلىدۇ. بەزىلەر بۇ بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى مەستخۇش قىلىشتىن، كۆڭۈل خوشلۇقى ئىزدەپ تېخىمۇ گۇناھ پاتقىقىغا پېتىشتىن يانمايدۇ.

3) پاكىز يېمەك-ئىچمەك: ياراتقان ئىگىسى ئىنسانغا نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلگەچكە، پاكىز ۋە ياخشى نەرسىلەرنى يەڭلا، ئىسراپ قىلماڭلار دەپتىكەن. شۇ بويىچە ھالال غىزالارنى مۇۋاپىق يېگەنلەر ساغلام ۋە چىرايلىق تۇرىدىكەن.

4) تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تازىلىق: ھەر كۈنكى بەش ۋاخ ناماز بىزنىڭ قاچان ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، قاچان ئۇخلىشىمىزغىچە بولغان تۇرمۇش رېتىمىمىزنى تەرتىپكە سالىدىكەن. ناماز ۋاقتىغا رىئايە قىلغانلىقىمىز، ئەمىلىيەتتە بەدىنىمىزنىڭ ۋە روھىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىنىمىز بولىدىكەن.

5) چىرايى نۇرلۇق، گۈزەل بولۇشنىڭ بىر رېتسىپى: كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى. .....

....................................................................

يۇقارقىلار ھەممىسى ئەمىلىي تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك رىتسىپلار. خالىغانلار سىناپ باقساڭلار چوقۇم پايدىسىنى كۆرەلەيسىلەر.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 14:05:19

نىمدا گىپىڭلە تولا سىلىنىڭ

چ چ دا مۇنداقلا گەپ قىلىپ قويغاندا تولا گەپ قىلىپ قاچۇرۋېتىپسىلە ئەنە  {:90:}  

choice يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 14:45:18

پايدىلىق تېما يېزىلىپتۇ، ھازىر تېخى ياش تۇرۇپلا چېچىغا ئاق كىرىش ئەھۋالى ياشلاردا ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا بەك كۆپ ،ئاددى گەپلەر ئارىسىدىن ئىككى دۇنيالىق روھىيەتكە دائىر مەزمۇن دۇردانىلىرى تۆلۈپ تۇرۇپتۇ، دىلارە خانقىزنىڭ ئىنكاسى قوشۇلۇپ يازما تېخىمۇ چوڭقۇر مەنە تېپىپتۇ، بىرزات ھېكىمنىڭ قەلىمى ئاددى پاراڭنى ئۆزگىچە دىئالوگلۇق تىببى بىلىمىگە ئايلاندۇرۇپتۇ ،تەشەككۈر ئوقۇپ ئۆزگىچە تەسىېراتتا بولدۇم \"\"

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 14:51:43

ئاددىي، ئەمما يېقىشلىق تېما.

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 15:43:21

\"\"

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 15:58:05

بىر ئۆمۈر گۈزەل، نازۇك، تېتىك ياشىسام بولىتتى.

ئەمىسە سىلى جەننەتكە كېرسىلە بولغۇدەك،

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ماۋۇ سەت كەپ كېتىپتۇ لېكىن!

رەتلىدىم دېگەننىڭ مەنىسى گەپ سۆزنىڭ نەچچىسىنى چىقىرىۋېتىپ، يازغىلى بولىدىغاننى يازدىم دېگىنىدە زىتەيلاڭ  {:92:}

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 16:18:32

ئاق چاچ چۇشۇش ئىرسىيەت بولسا دورا پايدا قىلمايدۇ ،دادامنىڭ چىچىغا بالدۇر ئاق چۇشكەن ئىكەن ھازىر ئاكام ۋە مىنىڭ چىچىممۇ ئاقىرىپ كەتتى ،بىزنىڭ مەھەللىدىكى تۇداخۇن دۇختۇرنىڭ دىيشىچە ئىرسىيەتلىك ئاق چۇشۇش قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن يەنى قان قىززىق ئادەملەردە ئاق چاچ كوپ بۇلارمىش،،ئىلمىي ئاساسى بارمۇ يۇق خۇدايىم بىلىدۇ .. \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 20:50:43

زىيالى «ئېست! تىۋىپلىقتا ئوقۇسامچۇ خوتەندە..» دەۋاتىدىلا ھەقىچان...  {:92:}

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 21:33:28

تېببىيدە ئوقۇش باشقا گەپ، بىرزات ھەكىمگە ئوخشاش گەپكە ماھىرلىق باشقا گەپ دەيمەن.  {:92:}

NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 22:05:23

مۇشۇ، QQ پارىڭىما؟ ئابزاس-ئابزاس گەپلەرنى بىر تىنىقتا يازىدىكەنسىلەرغۇ؟ قانداقمۇ ئوقۇپ بولىدىغانسىلە؟  {:107:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 10:20:43

4- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سالام بىرزات ھېكىم، بۇ تېمىنى ئوبدان يېزىپلا.

ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ بىر ئۆمۈرگۈزەل بولغۇمىز كېلىدىكەن. ئىنسان يارىتىلىشتىنلا گۈزەل يارىتىلغان. لېكىن بۇ گۈزەللىكنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ، ئۇنى ئاسراش ۋە بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرلاشقىچە ساقلاش بەزىدە بىزنىڭ ئىش ئەمەلىمىزگە باغلىق بولىدىكەن.

مەن تۇرىۋاتقان يەردە ئۆينىڭ يېنىدا بىر قىزلار مەكتىپى بار، ئۇ يەردە بەزىدە يېشى ھەر ھەر چوڭ ئاياللارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېشى چوڭ بولسىمۇ چىرايىدىن گۈزەللىكى، سالاپىتى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئانامدەك چوڭ ئاياللارغا قاراپ، ئۇلارنى يۇرتىمىزدىكى ياكى بولمىسا ئۈرۈمچىدىكى ئاياللارغا سېلىشتۇرۇپ باقىمەن. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنىڭ سىرىنى بىلگۈم كېلىدۇ. بەزىسىدىن تارتىنمايلا سورايمەن، سىز نېمىشقا بۇنچە ياش ھەم چىرايلىق دەپ؟ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ..... كۈزىتىشىمچە، بۇ گۈزەللىكىنىڭ تۆۋەندىكىدەك سىرى باركەن:

1) كۆڭۈل خاتىرجەملىكى: بۇ خىل خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، كۈچلۈك بىر تايانچى بار بولسا بولىدىكەن. ئەڭ كۈچلۈك تايانچ كىم؟ ئاللاھ. ئاللاھ مېنىڭ تايانچىم دەپ ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، دەردىنى تۆكۈپ، ياردەم تىلەپ تۇرغاندا خاتىرجەملىككە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، بىھۇدە غەم ئىنساننى قىينىمايدىكەن. ياراتقان ئىگىسى بىلەن بولغان ياخشى، يېقىن مۇناسىۋەت كىشىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بېغىشلايدىكەن.

2) كۆڭۈل بىئارامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇش: بۇنىڭ چارىسى گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىزدىن «گۇناھ دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغاندا، «گۇناھ سېنىڭ ئىچىڭنى بىئارام قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىىدن قورققان ئىشتۇر» دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن. (مۇسلىم، 2553) گۇناھ ئىنساننى بىئارام قىلىدۇ. بەزىلەر بۇ بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى مەستخۇش قىلىشتىن، كۆڭۈل خوشلۇقى ئىزدەپ تېخىمۇ گۇناھ پاتقىقىغا پېتىشتىن يانمايدۇ.

3) پاكىز يېمەك-ئىچمەك: ياراتقان ئىگىسى ئىنسانغا نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلگەچكە، پاكىز ۋە ياخشى نەرسىلەرنى يەڭلا، ئىسراپ قىلماڭلار دەپتىكەن. شۇ بويىچە ھالال غىزالارنى مۇۋاپىق يېگەنلەر ساغلام ۋە چىرايلىق تۇرىدىكەن.

4) تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تازىلىق: ھەر كۈنكى بەش ۋاخ ناماز بىزنىڭ قاچان ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، قاچان ئۇخلىشىمىزغىچە بولغان تۇرمۇش رېتىمىمىزنى تەرتىپكە سالىدىكەن. ناماز ۋاقتىغا رىئايە قىلغانلىقىمىز، ئەمىلىيەتتە بەدىنىمىزنىڭ ۋە روھىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىنىمىز بولىدىكەن.

5) چىرايى نۇرلۇق، گۈزەل بولۇشنىڭ بىر رېتسىپى: كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى. .....

....................................................................

يۇقارقىلار ھەممىسى ئەمىلىي تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك رىتسىپلار. خالىغانلار سىناپ باقساڭلار چوقۇم پايدىسىنى كۆرەلەيسىلەر.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

كېچىدىكى تەھەججۈت نامىزىنىڭ چىرايىنى نۇرلۇق ، گۈزەل قىلىشتىكى ھېكمىتى ھەققىدە ئۆز ھېس-تەجىربىلىرى ھەققىدە بىز بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىلا، تېخىمۇ كۆپ خۇرسەن بولار ئىدۇق!!!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 10:22:54

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمدا گىپىڭلە تولا سىلىنىڭ

چ چ دا مۇنداقلا گەپ قىلىپ قويغاندا تولا گەپ قىلىپ قاچۇرۋېتىپسىلە ئەنە \"\"

ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا،

تازنىڭ كۆزى چاچتا.

.............

توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ

ئۆچكە داڭگال...\"\" دېگەندەكلا ئىكەنسىلە!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 10:29:17

12- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېببىيدە ئوقۇش باشقا گەپ، بىرزات ھەكىمگە ئوخشاش گەپكە ماھىرلىق باشقا گەپ دەيمەن. \"\"

ئىپار ساتقۇچى بىلەن بىللە يۈرسەڭ ئىپار پۇرايسەن دېگەندەك سىلىنىڭ سۆھبەتلىرىگە تولا ئىشتىرا قىلىپ يۈرگەچكە تەۋەززۇ بىلەن  ھېكمەت-پاساھەتتە بالاغەتكە كەلتۈرۈپ گەپ قىلىشنى سىلىدىن يۇقتۇردۇممىكىن! \"\"

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 10:48:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىرزات ئەپەندىم تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىدىغان بولدۇم كەچۈرگەيسىز.

مەن قايسى كۈنى بىر تىما يوللىۋىدىم، مېنىڭ تىمامدىن كېيىن 11 تىما تەستىقلىنىپ بولدى. ئەمما مېنىڭ تىمام تەستىقلانمىدى. بۇ جەرياندا بىرزات ئەپەندىم، كەنجى ئەپەندىملەر ئۆزىنىڭ تىمىسىنى ئۆزى تەستىقلىدى، ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ تىمىسى تەستىقسىز ئېلان قىلىندى. ئەمما مېنىڭ تىمام.....قارىغاندا ئەخلەتخانىغا چۈشۈپ كەتمىگەن بولسىلام، بىر چەتتە بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

بىرزات ئەپەندىم، تىمىنىڭ ماۋزۇسى «باغداش مۇنبىرىدىكى ب د ت باياناتنامىسىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلارغا….» بولۇپ گەرچە باغداشنىڭ گېپى چىققاندەك قىلغان بىلەن خەلقارا ئەھدىنامىلەر ۋە ب د ت نىڭ باياناتنامە، خىتاپنامىلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان تىما ئىدى، ئۇنىڭدا دەۋلىتىمىزنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا تاقىشىدىغان ھىچقانداق مەزمۇنلار يوق. بۇ مۇنبەرگە يوللۇشۇمدا بۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى بىلىملىك زىيالىلارنىڭ تولىسى توپلاشقان بولغاچقا، ئۇلار بىزدەك قۇدۇقنىڭ تېشىغا چىقالمىغانلارنىڭ جۆيلىمىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىممەتلەك پىكىرلىرىنى بېرىپ باقسا، شۇ باھانىدا بىزمۇ ئانچە-مۇنچە ساۋاتقا ئىگە بولىۋالساق دىگەندىن باشقا مەقسەت يوق ئىدى.

شۇڭا بىرزات ئەپەندىم، مالال كۆرمىسىڭىز تەستىق كۈتۈپ تۇرغان تىمىلارغا بىر قاراپ باققان بولسىڭىز.

ھۆرمەت بىلەن،

     ______ قارابەگ

تىمىنىڭ مەنزىلى: http://www.qarabeg.com/?p=624

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 11:03:04

17- قەۋەتتىكى qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

تېمىڭىزنى ھازىر ئىزدەپ قاراپ باقتىم. تەستىقلاش رايۇنىدىن ئەخلەتخانىغا ئۆتۈپ بوپتۇ. تېمىڭىزنىڭ تەستىقلانماسلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىكەن. لىكىن تېمىنى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن يازمىڭىزنى بىر تەرەپ قىلغۇچى باشقۇرغۇچىنىڭ ئىزدىنىش ئەنئەنىسى بويچە «باغداش مۇنبىرىدىكى ب د ت باياناتنامىسىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلارغا….» بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېما ئىزدىنىشتا تەستىقلانمايدىغان تېما قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغان بولسا كېرەك دەپ قارىدىم. دېمەكچى بولغىنىم ب د ت باياناتنامىسى باغداش ئىلان قىلىنىپ ئىنكاسلار شۇ يەرگە چۈشكەن ئىكەن، بۇ تېمىڭىزمۇ باغداشتا ئىلان قىلىنىشقا تېگىشلىك بولسا كېرەك .

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 11:19:59

قارىغاندا ماۋزۇدا كەتكۈزۈپ قويغان ئوخشايمەن. بىرزات ئەپەندىم مالال كۆرمىسىڭىز ئاۋۇ مەنزىلدىن كىرىپ يازمىنى بىر كۆرۈپ باققان بولسىڭىز ئىنتايىن خۇشھال بولغان بولاتتىم.
بەت: [1] 2
: دىئالوگ-گۈزەللىك ئىستىگەنلەر كىرگەي!