bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 08:23:59

دىپلۇم ياسىتىپ قويۇلۇپ كەتتىم



       ئىنىم بۇ يىل ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، لېكىن قارىساق دىپلومى ئوتتۇرا تېخنىكوم چىقىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا چاقىرىق كەلگەندە مەخسۇس كۇرىس دەپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى ئىمتاھان ئۈچۈن بىر تال دېپلوم ياسىتاي دەپ بىر تونۇشۇم ياسىتىپ، ئىمتاھاندىن ئۆتكۈزۈپتىكەن، توردا چىقىدۇ ئىشەنچىلىك ئىكەن دېۋىدى پۇلنى بېرىپتىمەن. ئاخىرىدا كەلگىنى بولسا ساختا بولۇپ قالدى،


مەملىكەن بويىچە بىر تۇتاش دېپلوم تەكشۈرىدىغان ئادىرىس www.chis.com.cn ئىدى. لېكىن ياساتقان دىپلومدا  بولسا ساختا ئادىرىس بار ئىكەن،www.zhis.com.cn  .


ئىككى ئادىرىستىكى تور بەت ئوپئوخشاش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قاتتى. ماڭا بىر دىپلومدىكى نۇمۇرنىڭ مەخسۇس كۇرس ياكى تولۇق كۇرس ئىكەنلىكىنى نۇمۇر ئارقىلىق پەرىق ئەتكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار. يامان خاككىر بولسا ساندانغىلا كىرگۈزۈپ بەرگەن بولسا دەپ خام خىيال قىلىپ كەتتىم.باشقىلار 45000 خەجلەپ دىپلوم ۋە ئارخىپ ياساپ بېرەرمىش. ئۇ ئىشەنچىلىك ئىمىش.


دىپلوم  نۇمىرى : 127347201211000229


مۇشۇ نۇمۇرنىڭ قايسى خانىسىدىن مەخسۇس كۇرس ياكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولىدۇ،


ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومنى توردىن تەكشۈرگىلى بولامدۇ؟


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 15:29:18

يالغانچىلىقنى خېلى ئوبدان يۇقتۇردۇق ئىشقىلىپ

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 15:48:34

بىز قوپۇپ نەچچە يۈزمىڭ چىقىم تارتىپ سەككىز يىل داشۆدە ئوقۇپ تېخى دېپلوم يوق،خەق نەچچە مىڭ يۈئەن خەجلەپلا دىپلوملۇق.

تەڭشەلمىگەن جاھان.

شۇنداق گۇيلار جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ،دىپلوم سېتىۋالغانلار دېپلومنىڭ كۈچى بىلەن بىرەر ئىشقا كىرەلەر،ئاندىنچۇ؟زۆرۈر تەربىيلىنىشلەردىن ئۆتمىگەن ئادەم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمۇ؟ جەمئىيەتكە ئەلا بولمىسىمۇ نورمال مۇلازىمەت قىلالارمۇ؟ جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، ئىقتىسادىي بايلىقنىڭ ئادىل ئىشلىتىلىش ۋە تەقسىملىنىشىگە سەلبىي تەسىرى چوڭ.

شۇ گۇيلارنى تۇتالمامدىغاندۇ دەيمەن،يەنىلا شۇ پۇل پۇلنى تونۇيدۇ ئاخىرى.

  زەھەرنى چەكلىيەلىگەن دۆلەت شۇنى چەكلىيەلمەسمۇ ھە؟ زەھەر چەككۈچىلەرنى جازالايدىكەن، ساختا دېپلوم ئالغانلارمۇ تىگىشلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكتى ئەسلى.

  جىق گەپ قىلاي دېسەم ياردەم قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە سىزنى خاپا قىلىپ قويغىدەكمەن. لېكىن سىز ئىنىڭىزنىڭ ياخشى ئوقۇمىغان گۇناھى ئۈچۈن ئەسلى ئىنىڭىزنىڭ ئورنىدا بولۇشقا تىگىشلىك بىرسىنىڭ رىزقىنى يېيىشىنى توغرا دەپ قارامسىز؟

  ئەگرى جەمئىيەتتە ئەگرى يولدا مېڭىپمۇ قالىمىز،لېكىن تۆۋەن ئۆلچىمىمىز بولۇشى كېرەك،مەن شوپۇرلۇق تېمىسىدا مۇناسىۋەتلىك قارىشىمنى يازدىم،بۇ يەردە قوشىدىغىنىم:«ئۇيغۇرلۇقىغا،ئادىمىيلىككە يۈز كېلىپ،خەقنىڭ رىزقىنى يېمەسلىك».

  تەبئىي تاللىنىش نەزەرىيىسىنى رەت قىلىمىز،لېكىن ئەھۋال شۇ.

  جوڭگۇدا ساختىلىق،سەمىمىيەتسىزلىك ئۇ بۇلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە بۇنداق قىلمىشلار كۆپەيسە شۇ جەمئىيەتنىڭ ھالى خەتەر.

  ئوقۇتقۇچىلىق تېگاڭ ئىمتىھانى بېرىمىز دەپ يۈرۈيدۇ مەندىن ئۈچ-تۆت ياش كىچىك تونۇشلار،قورسىقىم كۆپىدۇ،ئاساسلىقى ھەسەت قىلىپ ئەمەس شۇلاردىكى سەۋىيە،ئەخلاق،ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدىكى بۇ مىللەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ماس كېلىدىغان -كەلمەيدىغىنىنى مەن ئوبدان بىلگىنىم ئۈچۈن.

  تېخىمۇ جىق گەپ قىلاي دېسەم توختىيالمىغۇدەكمەن.

  نېمىلا بولمىسۇن ئىنىڭىزنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى تىلەيمەن،ئۇيغۇر ئەمەسمۇ.

  لېكىن شۇ پۇلىڭىزغا چىدىسىڭىز ئاۋۇ دېپلومنى تەرەت قەغىزى قىلىڭ.ئىنىڭىز ياش بولغاندىكىن تىرىشسۇن،داشقازاندىكى ئېچىپ قالغان بەسەي شورپىسىغا تەلمۈرىدىغان زامان كەتتى، پۇل تاپسۇن،شۇ نوچى.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 15:57:19

ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومىنى ھازىرچە توردىن تەكشۈرگىلى بولمايدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاچقان دىپلوم تەكشۈرۈش توربېتىنىڭ ئادرېسى يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەس، بەلكى: www.chsi.com.cn ياكى www.chsi.com.cn/xlcx/

ئادەتتىكى، چوڭلار مائارىپ ئورۇنلىرى تارقاتقان دىپلوم نومۇرى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپتە تىزىلىدۇ.

ئالدىنقى بەش خانە ئالىي مەكتەپنىڭ خەلقئارالىق مەكتەپ نومۇرى؛

6 - خانىسى ئوقۇ - ئوقۇتۇش تىپى (مەسىلەن: ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ 1؛ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ 6؛ چوڭلار مائارىپىنىڭ 5؛ دېگەندەك )؛

7 - دىن 10 - خانىسىغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىل

11 ۋە 12 - خانىلىرى ئوقۇش تارىخى (دوكتور، ماگىستېر، تولۇق، مەخسۇس، تېخنىكا كۇرسلىرى دېگەندەك) مەسىلەن:

دوكتور: 01

ماگىستېر: 02

ئىككى باكلاۋورلۇق ئۈنۋانى بار تولۇق كۇرس: 04

تولۇق كۇرس: 05

مەخسۇس كۇرس: 06



سىز ئېيتقان دىپلوم نومۇرى 127347201211000229 مەخسۇس كۇرسنىڭ ئەمەس.

ئوتتۇرا تېخنىكوم ئالىي مائارىپقا تەۋە ئەمەس، شۇڭلاشقا ئالىي مائارىپ دىپلوم لايىھە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 16:04:44

يەنە شۇ مەسىلىگىمۇ دىققەت قىلايلىكى،

ئارخىپىنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق ئامبىرىدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان دىپلومنى ياساتقىلى بولمايدۇ.

ھەرقانچە كۆپ پۇل تۆلىسىمۇ بىكار، چۈنكى بۇ ئىشقا ئۆلكە دەرىجىلىك باشلىقلارمۇ قول تىقالمايدۇ.

ئۇنچە كۆپ پۇلنى تۆلەپ قويۇلۇپ كەتكەندىن كۆرە، بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تېخنىكا ئىنىستىتۇتلىرىغا ئازغىنە ئوقۇش پۇلى تۆلەپ قويسا، تۆت يىلدا چىقىدۇ دىپلوم دېگەن.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 16:07:50

بىر چاغدا بىرىگە ياساتساق قازاق ئوتتۇرىنىڭ چىقىپتىكەن  {:107:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 16:13:32

شۇندا گۇيلار تەلىيى كېلىپ قېلىپ، شۇ دېپلوم بىلەن خىزمەتكە چىقىپ كېتىپ قالسا، ئەتە-ئۆگۈن جاپا تارتىپ ئوقۇپ دېپلوم ئالغان بالىلاردىن يۈرتۈرانە ئىمتىھان ئالىدۇ تېخى

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 18:14:56

2- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز قوپۇپ نەچچە يۈزمىڭ چىقىم تارتىپ سەككىز يىل داشۆدە ئوقۇپ تېخى دېپلوم يوق،خەق نەچچە مىڭ يۈئەن خەجلەپلا دىپلوملۇق.

تەڭشەلمىگەن جاھان.

شۇنداق گۇيلار جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ،دىپلوم سېتىۋالغانلار دېپلومنىڭ كۈچى بىلەن بىرەر ئىشقا كىرەلەر،ئاندىنچۇ؟زۆرۈر تەربىيلىنىشلەردىن ئۆتمىگەن ئادەم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمۇ؟ جەمئىيەتكە ئەلا بولمىسىمۇ نورمال مۇلازىمەت قىلالارمۇ؟ جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، ئىقتىسادىي بايلىقنىڭ ئادىل ئىشلىتىلىش ۋە تەقسىملىنىشىگە سەلبىي تەسىرى چوڭ.

شۇ گۇيلارنى تۇتالمامدىغاندۇ دەيمەن،يەنىلا شۇ پۇل پۇلنى تونۇيدۇ ئاخىرى.

زەھەرنى چەكلىيەلىگەن دۆلەت شۇنى چەكلىيەلمەسمۇ ھە؟ زەھەر چەككۈچىلەرنى جازالايدىكەن، ساختا دېپلوم ئالغانلارمۇ تىگىشلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكتى ئەسلى.

جىق گەپ قىلاي دېسەم ياردەم قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە سىزنى خاپا قىلىپ قويغىدەكمەن. لېكىن سىز ئىنىڭىزنىڭ ياخشى ئوقۇمىغان گۇناھى ئۈچۈن ئەسلى ئىنىڭىزنىڭ ئورنىدا بولۇشقا تىگىشلىك بىرسىنىڭ رىزقىنى يېيىشىنى توغرا دەپ قارامسىز؟

ئەگرى جەمئىيەتتە ئەگرى يولدا مېڭىپمۇ قالىمىز،لېكىن تۆۋەن ئۆلچىمىمىز بولۇشى كېرەك،مەن شوپۇرلۇق تېمىسىدا مۇناسىۋەتلىك قارىشىمنى يازدىم،بۇ يەردە قوشىدىغىنىم:«ئۇيغۇرلۇقىغا،ئادىمىيلىككە يۈز كېلىپ،خەقنىڭ رىزقىنى يېمەسلىك».

تەبئىي تاللىنىش نەزەرىيىسىنى رەت قىلىمىز،لېكىن ئەھۋال شۇ.

جوڭگۇدا ساختىلىق،سەمىمىيەتسىزلىك ئۇ بۇلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە بۇنداق قىلمىشلار كۆپەيسە شۇ جەمئىيەتنىڭ ھالى خەتەر.

ئوقۇتقۇچىلىق تېگاڭ ئىمتىھانى بېرىمىز دەپ يۈرۈيدۇ مەندىن ئۈچ-تۆت ياش كىچىك تونۇشلار،قورسىقىم كۆپىدۇ،ئاساسلىقى ھەسەت قىلىپ ئەمەس شۇلاردىكى سەۋىيە،ئەخلاق،ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدىكى بۇ مىللەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ماس كېلىدىغان -كەلمەيدىغىنىنى مەن ئوبدان بىلگىنىم ئۈچۈن.

تېخىمۇ جىق گەپ قىلاي دېسەم توختىيالمىغۇدەكمەن.

نېمىلا بولمىسۇن ئىنىڭىزنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى تىلەيمەن،ئۇيغۇر ئەمەسمۇ.

لېكىن شۇ پۇلىڭىزغا چىدىسىڭىز ئاۋۇ دېپلومنى تەرەت قەغىزى قىلىڭ.ئىنىڭىز ياش بولغاندىكىن تىرىشسۇن،داشقازاندىكى ئېچىپ قالغان بەسەي شورپىسىغا تەلمۈرىدىغان زامان كەتتى، پۇل تاپسۇن،شۇ نوچى.

چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىمىز. ھەممىڭلارغا رەھمەت.

lutun0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 18:18:40

\"\"

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 19:31:36

ئاچچىق ھەقىقەتنى ىۇبۇل قىلىپسىز. ئوقۇشقا شەرتى توشىدىغان بولسا داۋاملىق ئوقۇش. بولمىسا ئوقۇشتىن توختاپ باشقا ئىش قىلىش كېرەك. سىلەردەك پۇلى كۆپلەرگە بىلىنمىگەنگە ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئۈچۈن شۇنچە يىل ئوقۇپ بىكاچى بولسا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 20:27:33

ھاھاھاھا . . . . .

ئۆزگىنى ئالدايمەن دەپ ، ئۆزىڭىز ئالدىنىپسىز ....

feryal يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 20:42:28

ئىنىڭىز ئوقۇش پۈتتەرگىچە ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقىنىنى بىلەلمەي يۈرۈپتىما؟ قىزىقچىلىق.  دېسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا ئىنىڭىزغا ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ دېپلۇمىمۇ ئارتۇق كەتكۈدەك.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 21:00:50

ئاللا.... چاتاق بوپتۇ. ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغانلارگۇۋاھنامىنى سىزگە بېرىپلا ساقچىغا خەۋەر قىلىپ قويىدۇ. ئۇ ياقتىن ساختا گۇۋانامىنى ئالىسىز. بۇ ياقتىن تۇتۇلىسىز. بۇغۇ دىپلوم ئىكەن. چاتاق چىقماس. كىيىنچە دىققەت قىلىڭ. ھەرگىزمۇ كىملىك، پاسپورت دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ ساختىسىنى بىجىرىپ سالماڭ. چوڭ ئاۋارىچىلىققا قالىسىز. ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغانلار دەخلىسىز تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى يول بويلىرىدىكى تاملارغا يېزىپ كېتىۋىرىدۇ. خالتىغا چۈشكەن شور پىشانىلەر ساقچى ماشىنىسىدا موما يەيدىغان يەرگە كېتىۋىرىدۇ. ئشلار مۇشۇنداق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 21:37:45

3- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومىنى ھازىرچە توردىن تەكشۈرگىلى بولمايدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاچقان دىپلوم تەكشۈرۈش توربېتىنىڭ ئادرېسى يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەس، بەلكى: www.chsi.com.cn ياكى www.chsi.com.cn/xlcx/

ئادەتتىكى، چوڭلار مائارىپ ئورۇنلىرى تارقاتقان دىپلوم نومۇرى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپتە تىزىلىدۇ.

ئالدىنقى بەش خانە ئالىي مەكتەپنىڭ خەلقئارالىق مەكتەپ نومۇرى؛

6 - خانىسى ئوقۇ - ئوقۇتۇش تىپى (مەسىلەن: ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ 1؛ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ 6؛ چوڭلار مائارىپىنىڭ 5؛ دېگەندەك )؛

7 - دىن 10 - خانىسىغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىل

11 ۋە 12 - خانىلىرى ئوقۇش تارىخى (دوكتور، ماگىستېر، تولۇق، مەخسۇس، تېخنىكا كۇرسلىرى دېگەندەك) مەسىلەن:

دوكتور: 01

ماگىستېر: 02

ئىككى باكلاۋورلۇق ئۈنۋانى بار تولۇق كۇرس: 04

تولۇق كۇرس: 05

مەخسۇس كۇرس: 06



سىز ئېيتقان دىپلوم نومۇرى 127347201211000229 مەخسۇس كۇرسنىڭ ئەمەس.

ئوتتۇرا تېخنىكوم ئالىي مائارىپقا تەۋە ئەمەس، شۇڭلاشقا ئالىي مائارىپ دىپلوم لايىھە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ.


65651328091000037         مۇشۇ دىپلومنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىگىنى قانداق ئايرىيمىز ، سىزنى سىناپ باقاي ؟




BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 11:57:12

12- قەۋەتتىكى quyashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللا.... چاتاق بوپتۇ. ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغانلارگۇۋاھنامىنى سىزگە بېرىپلا ساقچىغا خەۋەر قىلىپ قويىدۇ. ئۇ ياقتىن ساختا گۇۋانامىنى ئالىسىز. بۇ ياقتىن تۇتۇلىسىز. بۇغۇ دىپلوم ئىكەن. چاتاق چىقماس. كىيىنچە دىققەت قىلىڭ. ھەرگىزمۇ كىملىك، پاسپورت دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ ساختىسىنى بىجىرىپ سالماڭ. چوڭ ئاۋارىچىلىققا قالىسىز. ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغانلار دەخلىسىز تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى يول بويلىرىدىكى تاملارغا يېزىپ كېتىۋىرىدۇ. خالتىغا چۈشكەن شور پىشانىلەر ساقچى ماشىنىسىدا موما يەيدىغان يەرگە كېتىۋىرىدۇ. ئشلار مۇشۇنداق.

مۇشۇنداق ىشلارنىمۇ قىلامدۇ ئۇ ھارىمىلار

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 15:37:18

يۇقۇپ قېلىش دېسە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ ،بالام قايسى كۈنى تەبىئىيلا يانچۇقىدىن قەغەزنى چىقىرىپ بۇرنىنى تاشلىغان ئىدى،دادام :ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن تاشلاش ئادىتىمىز بار بالام ،باشقىلارنىڭكىنى يۇقتۇرما دەپ بۇرنىنى تاشلىتىپ قويدى ئۇيغۇرچىلاپ ......



  {:107:}

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 16:54:39

ساپا بىلەن دېپلۇمنىڭ مۇناسىۋىتى قانچىلىك؟

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 22:04:13

16- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ساپا بىلەن دېپلۇمنىڭ مۇناسىۋىتى قانچىلىك؟



ساپا بىلەن دىپلۇمنىڭ بىرقىسىم يەرلىرى قەغەزدىن ياسىلىدۇ .مۇشۇ يەرلىرى ئوخشايدۇ شۇ .ھا ...ھا ...ھاھ ....(چاخچاق )\"\"

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 09:54:49

ئېلگىرى تاش قوراللار دەۋرى ئىدى، ھازىر قەغەز دەۋىرى، دىپلۇممۇ قەغەز، پاسپورتىمۇ قەغەز، ئايرۇپىلان-پويىز بېلىتىمۇ قەغەز....خەجلەيدىغان پۇل، نوپۇش دەپتىرى، ئۇنۋا باھالاش كېنىشكىسى.... ھەممىسى قەغەز، ھەممەيلەننىڭ تەقدىرى شۇ قەغەزگە باغلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ...

بولمىسا 45000 تولەپ ھېلىقى جىڭ دىپلۇمنى بىر ياسىتىپ سىناپ باقامسىز يا؟ يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل دەپتىكەن....

45000 غىغۇ يىپيىڭىى شالىي كىلىپ خېلى پۇل ئاشىدۇ،....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2
: دىپلۇم ياسىتىپ قويۇلۇپ كەتتىم