kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 11:19:36

ئۆي ئايرىپ چىقايمىكىن (كۆۋرۈك)

مانا ھەش پەش دىگۇچە توي قىلغىنىمىزغا بىرەر ئايدىن ئىشىپ قاپتۇ

پەرى بىلەن پاتىنىڭ ئالدىنقى قىتىمقى جىدەلدىن كېيىن دادامنىڭ ئورناتقان تۈزۇمى بىر مەزگىل ئۇنۇم بىرىپ پاتى بىلەن پەرى قايتا چاچلىشىپ ئۇرۇشمىدى ،ئەمما بەزى چاغلارداكۇرۇك مىكىياندەك بىر بىرسىگە ھۈرپىيىپ قۇيىدۇ .دادامغا نەچچە قېتىم دىدىم دادا!سىتەك ئۇي ئايرىپ چىقىپ كەتمىسە مەن ئايرىپ چىقىپ كېتەي دىدىم ئاپامغۇماقۇل بولۇپ قالغان لېكىن دادامقەتئى ئۇنمىدىدادامنىڭ دىيىشىچە ئۆي ئايرىساق تىرىلغۇ يەرلەرنىمۇ ئايرىشقا تۇغرا كىلىدىكەن ،كومبايىن سىلىشى ۋە سۇ تۇتۇشتا ئەپسىز بۇلارمىش،،،نېمە قىلىدۇ دەيمەن چۈجىلىرىنى يىغىۋالغان دەك ھەممەيلەننى يىغلىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۇستىگە ھاجەتخانىمىز بىر ،يۇندا تۆكىدىغان ئەۋرىمىز بىر .سۇ تۇربىسى بىر قازان بىر .مۇشۇ چۇڭ ئۆيگە كىلىن كىرگەندىن كېيىن چۇڭ ئائىلە باشقىچە بولۇپ قالىدىكەن ئادەم بىلىپ بىلمەي خۇتۇننىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالىدىكەن ،ئاكامغۇ دائىم خوتۇندىن تىل دەشنەم يەپ يۇرىدۇ ،مەنغۇ تىل دەشنەم يىمىسەممۇ بىرەر قېتىم ئايالىمنى بىر كاچات ئورۇپ باقمىدىم ،ئۇرۇشقا تەمشەلدىم ئۆتكەندە مىنى لەقۋا ،ساراڭ دىگەندە ،لېكىن كۆڭلۈم تارتمىدى ،،،راس گەپ قىلسام ئۇرۇشقا پىتىنالمىدىم يامانلاپ كېتەمدىكىن دەپ .

مۇشۇ خوتۇن خەق دېگەن نېمە دېگەن بەسلەشكەن دەيمەن شۇنىڭ ئۇرنىغا كالا سىغشتا ،كىر يۇيۇشتا بەسلەشسە بولمامدۇ دەپ كىتىمەن سېيتەكنىڭ خۇتۇنى پاتى ساراڭ سەتلىكىگە باقماي كىيىمگە بەكئامراق ھەر يەكشەنبە شەھەرگە كىرىپ كىتىدۇ دە بىر قۇر كىيىم ،ئىلىپ چىقىدۇ-دە كىيىپ ھويلىدا ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ پەرىنىڭ ئىچىگە ئۇت قۇيىدۇ ،بىزنىڭ پەرى چاندۇرمىغان بىلەن دېرىزىدىن ماراپ چىدالماي قالىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىلا ھېلىقى ئابدىكىرىم ئابلىز ماركىلىق تۇكسىكىلىتقا ئولتۇرۇپ شەھەرگە ماڭىمىز ،پاتى ساراڭ ئۇ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن چىرايلىق كىيىملەرنى شەھەرنىڭ قەيەرلەردىن ئالىدىكىنتاڭ سورىسا ھەرگىز دەپ بەرمەيدۇ پەرىگە ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ پەرى بازار دىگەننى قىدىرىۋىتىدۇ .مەن پەرىبىلەن بازار ئايلانساملا سۇقۇشۇپ قالىمەن لالما ئىتتەك دۇكانمۇ دۇكان كەينىدە سۇكۇلداپ يۇرەمتىمشۇڭا خەلق مەيداندىكى چېتىدىكى سىرىق خۇتۇننىڭتوڭلاتقۇسى يىنىدا ئولتۇرۇپ مۇزدەك ۋۇسۇ پىجۇسى بىلەنتۇخۇم يەپ ئولتۇرىمەن بەزىدە بىزنىڭ مەھەللىك بالىلار ئۇچراپ قىلىپ كوپرەك ئىچىۋىلىپئوبدانلا قىيىپ قالىمەندە مەھەللىگە بارغىچەتۇكسىلىكىتنى 60دىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، ۋاقىراپ جاقىراپ پەرى ياخشى كۇرىدىغان كەلسەڭچۇ دىگەن   ناخشنى ئىيتىپ بىرىمەن.


بۇ قېتىم پاتى ساراڭ يىڭى كىيىم ئىلىپ پەرىگە ئوت قۇيغان بولسا كىلەر قېتىم بىزنىڭ پەرى يىڭى سۇمكا ئىلىپ ئۆچ ئالىدۇ ،يەنە بىر قىتىمدا يىڭى ئەتىر -يۇز ماي ئالسا كىلەر قېتىم يىڭى پايپاق ئىلىپ دىگەندەك بۇ ئىككى مىكيان بىر بىرسى بىلەن بەسلىشىپ سىتەك ئاكام ئىككىيلەننىڭ ھىچ ھالىنى قويمىدى .پاتى ساراڭ پەرىلەرنىڭ نىپىز دەنشىسى بار بىزنىڭ يۇق دەپ تاس قالدى ئاجرىشىپ كەتكىنى ئاخرى دادام بىر مۇزاينى سىتىپ پاتى ساراڭغا 32سۇڭلوق نىپىز دەنشى ئىلىپ بەردى بىزنىڭكىدىن بىر سۇڭ چوڭ شۇ،،،!

بىزنىڭ پەرىنىڭ تەبئى بۇدرە چىچىنى كۇرەلمىگەن پاتى ساراڭ ئالدىنقى يەكشەنبە چىچىنى كەستۇرۇپ بۇدرە قىلىپ كەپتىكەن بىشى كۇتمەك سۇپۇرگىدەك بۇلوپ قاپتىكەن ئاكام خاپىلاپ چۇشتىن كىيىندىن كەچكىچە گەپ قىلمىدى پاتى ساراڭغا .

كېلىنلەر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئاپام تاماق ئېتىشتىن بىر ئاز سىلىكىپ قالدى ،ئاكام ئىككەيلەننىڭ ئىشتىيى راۋۇرۇس بار ئاكام ئىككى تەخسە لەڭمەن يەپ تۇيماي ئاش سۈيىگە نان چىلاپ يەيدۇ ،مەنمۇ شۇنداق يەيمەن .

پاتى ساراڭ كىلەڭسىز ۋە كۈچلۇك بۇلغاچقا ئۇنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى ئالامەت بولىدۇ ،پەرى سەيگە ئۇستا قەيەرلەردىن كۆرۈۋالغانكىن   ياڭيۇ .بەسەي ،چەيلە ،لوبۇ بىلەن شەھەردىكى رىستۇرانلاردەكئاجايىپ تەملىك سەيلەرنى قۇرۇپ بىرىدۇ دادام پەقەت بۇ ئىككى كېلىننىڭ تاماق ئىتىشىىدىنىلا رازى ،،چۈنكى داداممۇ قوساققا ئامراق بىزدەك،،

پاتى بىلەن پەرى بىر بىرسىگە ئامراق بۇلوپ كىتدىغان بۇلسا بىر قۇساقتىن چىققان ھەدە سىڭللاردەك بىر برسىنىڭ بىقىنىغا كىرىۋىلىپ پۇتۇن مەھەلىدىكىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ مۇڭدىشىپ چىقىدۇ ئەمما يامانلىشىپ قالسا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرقى ياپۇن -جۇڭگۇ مۇناسىۋەتلىردەك جىددىلىشىپ كىتىدۇ ،دادام بۇنداق ئەھۋالدا پەنجىۋىندەك ياراشتۇرۇپ كىتىدۇ بەزىدە تىللاپ بەزىدە ئالداپ ..

بىر كۇنى پاتى بىلەن پەرى قازانغا يىراقتىن سۇيۇقئاشنىڭ خېمىرىنى تاشلاشتىن بەسلىشىپ قاپتۇ پەرى قازانغا 8 مىتر نېرىدىن بىر قولىدا كالا سىغىپ بىر قۇلىدا قازانغا خىمىر تاشلاپ پاتى ساراڭنى يىڭىۋاپتۇ ۋە بىر دانە خرىستال قاچا ئۇتىۋاپتۇ خۇشاللىقىدىن خۇددى ئولىمپىكتا ئالتۇن مىدال ئالغاندەك بىر كۇن خۇشال يۇردى بىزنىڭ پەرى كۇرگەنلا ئادەمگە كۇلومسىرەپ،،ئىشىقىلىپ بەك قىززىق بۇ ئىككى ساراڭ! ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتسەم بۇلاتتى ،10غىچەخاتىرجەم يۇتقاندائۇخلايدىغانغا ،،،

crazy_for_u يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 18:18:33

تازا كۈلىۋاپتىمە.............پەرىرىڭىز بەك چىرايلىقما كۈۋرۈككا؟{:92:}\"\"{:90:}

fisherman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 18:19:55

ما ئەسەرنىڭ ئەڭ ئالقىلىق يېرى ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىسىكەن ، تاغدىن-باغدىن دېگەن شۇدە ... بىزنىڭ پاتىنىڭ ياڭزىسى با ھە.. \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 18:34:58

بېشىدا بىرمۇنچە گەپ قىلىپ، ئۆي ئايرىش مەقسىتىڭىزنى ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.{:92:}

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 18:42:03

ھا ھا ھا.......

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 18:57:08

kuwrukنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


ئۇ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن چىرايلىق كىيىملەرنى شەھەرنىڭ قەيەرلەردىن ئالىدىكىنتاڭ سورىسا ھەرگىز دەپبەرمەيدۇ پەرىگەشۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ پاتى بازار دىگەننى قىدىرىۋىتىدۇ .مەن پاتى بىلەن بازار ئايلانساملا سۇقۇشۇپ قالىمەن لالما ئىتتەك دۇكانمۇ دۇكان كەينىدە سۇكۇلداپ يۇرەمتىم.




بىر كۇنى پاتى بىلەن پەرى قازانغا يىراقتىن سۇيۇقئاشنىڭ خېمىرىنى تاشلاشتىن بەسلىشىپ قاپتۇ پەرى قازانغا 8 مىتر نېرىدىن بىر قولىدا كالا سىغىپ بىر قۇلىدا قازانغا خىمىر تاشلاپ پاتى ساراڭنى يىڭىۋاپتۇ ۋە بىر دانە خرىستال قاچا ئۇتىۋاپتۇ خۇشاللىقىدىن خۇددى ئولىمپىكتا ئالتۇن مىدال ئالغاندەك بىر كۇن خۇشال يۇردى بىزنىڭ پاتى،،ئىشىقىلىپ بەك قىززىق بۇ ئىككى ساراڭ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتسەم بۇلاتتى ،



بەزى يەرلىرىدە پەرى بىلەن پاتىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپسىز.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 19:41:55

سېنىڭ كۈنۈڭ نوچىكەنغۇ. \"\"

يېڭى گەپلەرنى قىلمامسەن،«تاش چۈشۈرۈش»دەك.

ئۆيۈڭنى تېزراق ئايرى،لېكىن ئونغىچە ئۇخلايمەن دېمە،ئالماقچى بولغان سومكا پۇلغا كېلىدۇ جۇمۇ تاتلىق شۇم.{:92:}

loituma يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 19:48:51

{:92:}خوتۇننىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانغا قارىغاندا پات يېقىندا گۆش ماشىنسىنىڭ ئىزى چىرايىڭدا ئورۇن ئالدىغان چىراي.پەرىرىڭگە قاراپ پاتى دەپ سالساڭ مانا ئىش \"\"

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 20:20:25

ھەي پوق ئىشتان سەن دەرھال خوتۇنغا دەپ بالىلىق بول ،شۇ چاغدا ئۆي ئايرىپ چىقالايسەن.....

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 20:58:05

يېقىندىن بېرى بەك ئېغىر ئىشلەپ كېتىۋاتىمىز. مۇشۇنداق تېمىدىن ھەپتىدە بىرنى يېزىپ تۇر. ھاردۇق چىقىپ قالىدىكەن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 21:11:18

kuwrukنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

مانا ھەش پەش دىگۇچە توي قىلغىنىمىزغا بىرەر ئايدىن ئىشىپ قاپتۇ





ئۇكام، كۈنلەر بەك تەستە ئۆتۈۋاتقان ئوخشىمامدا؟


ماۋۇ تېماڭدا http://www.izdinix.com/showpost.aspx?ThreadID=50242


توي قىلىشنى ئويلىشىپتىكەنسەن. تېماڭنى يوللاپ 20 كۈن بولا بولمايلا توي قىلغىلى بىر ئايدىن ئاشتى دەۋاتساڭ. . . بىر كۈن ئىككى كۈندەك بىلىنىۋاتامدا\"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 21:15:05

10- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

kuwrukنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

مانا ھەش پەش دىگۇچە توي قىلغىنىمىزغا بىرەر ئايدىن ئىشىپ قاپتۇ





ئۇكام، كۈنلەر بەك تەستە ئۆتۈۋاتقان ئوخشىمامدا؟


ماۋۇ تېماڭدا http://www.izdinix.com/showpost.aspx?ThreadID=50242


توي قىلىشنى ئويلىشىپتىكەنسەن. تېماڭنى يوللاپ 20 كۈن بولا بولمايلا توي قىلغىلى بىر ئايدىن ئاشتى دەۋاتساڭ. . . بىر كۈن ئىككى كۈندەك بىلىنىۋاتامدا\"\"



--گۇمىلىق ئاكا ،،،مەندىن ئۇشۇق گەپ سۇرىما ،،،دەردىم بار ،،،\"\"

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 21:20:13

بالىلار قانداق ئويلايدۇ بىلمىدىم.ماڭا مۇشۇ زىمىن00دېگەن بۇرادەر بىلەن مۇشۇ كۆۋرۈك ئىككىسى بىر ئادەمدەكلا تۇيۇلىدۇ.زىمىن 00نىڭ بۇرۇنقى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ بېقىپ ھازىرقى كۆۋرۈكنىڭ ئىنكاسلىرى بىلەن سىلشتۇرسا،سۆز قىلىش ئالاھىدىلىكى جەھەتلەردە ئاجايىپ ئوخشاش.بۇرۇن كۆۋرۈك تىزملاتماي،زىمىن ئىزدىنىشتە بار چاغلاردا،مەن زىمىننىڭ ئىنكاسلىرىغا قاراپ،كەڭسايدىكى كۆۋرۈك شۇكەندە دەپ قىياس قىلاتتىم.كېيىن بۇ زىمىن مۇنبەر تۈرمىسىگە نەچچە قېتىم قامىلىپ،ئىنكاسلىرىمۇ سەل جايىغا چۈشكەن بولدى.ئارىدىن ئۈزۈن ئۆتمەي كۆۋرۈك پەيدا بولدى ۋە ئالا -تاغىل گەپلىرى بىلەن ھەمىمىزنىڭ كۈلكىسىنى قوزغاپ،ئىزدىنىشكە خېلى خۇشاللىق بېغىشلىدى.مۇشۇ زىمىن00ۋە كۆۋرۈك ئىككىسىنى بىر ئادەممىكىن دىيىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ:زىمىن00 ئىزدىنىشتە ئېلان قىلغان تېمىلار ئوخشاشلا كەڭسايدا كۆۋرۈك نامىدا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.مەسلەن:توردىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا چېقىلغانلار-ئىزدىنىشتە زىمىن00نىڭ ئىگىدارچىلىغىدا ئېلان قىلىنغان،يەنە مۇشۇ ماقالا كەڭساي تورىدا كۆۋرۈك نامىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ پەقەت ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم.مەيلى ئىككىسى بىر ياكى ئايرىم بولسۇن.يەنىلا ئىزدىنشكە خۇشاللىق ئەپ كىلەلىدى،مۇھىمى شۇ!

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 21:26:03


12- قەۋەتتىكى esiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بالىلار قانداق ئويلايدۇ ...


---نىمىلەرنى دەيدۇ ۋۇي ،،مۇنۇئىسيانچى ،،،زىمىن ،كەڭساي دەپ،،مىنى ئىزدىنشىتىن قۇغلاپ چىقارماقچى ئۇخشايسىز ھە،،،تۇرمۇشۇمدا يۇز بەرگەن ئىشلارنى سىلەرگە دەپ كۇڭلومگە ئازراق بۇلسىمۇ تەسەللى تىپىۋاتسام ،،،\"\"


--غۇلجىىدكى ئەخمەتجان بىلەن قەشقەردىكى ئەخمەتجاننى بىر ئادەم دەپ يۇرەمسىز ،،\"\"


tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 22:35:22

كۆرۈك قىزىقچى جۇمۇ

كەپ بولاپ كىتىپتۇ، كىرىپ ئوخلاپ قالاي

temburchi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 22:35:25

خوتۇن ئالساڭ بالاغا خوتۇن ئالمىساڭ تالادا دەپ بىر ئايدىلا خېلى ئىشلا كەپتۇ . ئۇ كىچىك ئىشلا . مىنىڭچە بەل

      قويۋەتمەڭ قوخماڭ ئۇرغانغا كەتمەيدۇ . ئەستائىدىللىق بىلەن كىچىدە ئۇرۇڭ خەق كۇرۇپ قاممىسۇن گەپ بۇلۇدۇ .



   {:92:}

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 23:19:33

ھۇنەرنى مەن ئۇگۇتۇپ قويايمۇ

ئەتتىگەن سائەت4تە قوپۇپ ئەسكى داسنىڭ قوڭىغا 10مىنۇت ئۇرۇشنى 3كۇن داۋاملاشتۇرساڭلار 4كۇنى

ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي ئۆيەڭلىنى ئايرىم قىلىپ قويدۇ{:92:}   {:92:}

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 23:25:14

ئۇكام سىنى ياقتۇرۇپ قالدىم ، گەپلىرىڭ قىزىق ھەم تۈز ، بەختىڭىنى بەرسۇن .



ئامال بار ئۆي ئايرىپ چىقۋالغىن ياكى ئاكاڭغا ئۆي ئايرىپ بەرسۇن . تۇغقانلارنىڭ چوڭلىرنى ئۆيۈڭگە كىرگۈز ئامالى بولمىسا .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 06:54:47

ھازىرچە ئۆي ئايرىماي تۇرۇڭ. بىزگە چوڭ پاتى بىلەن كىچىك پەرىنىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. \"\"

dihanjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 07:38:19

خوتۇننى ئويلشىۋاراق ئالىتىڭلا كىچىككىنە ۋالىۋاشنى دەپ ئۆي ئايرىمە دىگەن بولساڭلا ئېي پەرى سىلىنى ئىپ بوپتۇ جۇما پىجۇدەك ……دەك نەسىلەنى ئىچىۋەسەڭلا شۇنداق ئىلىنىپ كىتىسە دەيمە
بەت: [1] 2
: ئۆي ئايرىپ چىقايمىكىن (كۆۋرۈك)