sujup يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 13:40:15

ياش ناخشىچى ئابلەت مىجىت تەلبا ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ!


«يۈردۈڭ نەدە» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى، شىنجاڭ تەلبا كەسپى تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت مىجىت تەلبانىڭ بىر يۈرۈش ئىجادىيەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ!



ياش ناخشىچى ئابلەت مىجىت تەلبا كارخانىچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاۋاز ئالاھىدىلىكى بار تالانتلىق ناخشىچى، ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشىغا زور ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 10 ياش ۋاقتىلىرىدىلا دۇتتار، تەمبۇرلارنى چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان. كىيىن يەنە بىر قىزىقىشى بويىچە كىيىم-كېچەك لاھىيەلەش كەسپىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇغان، ھەمدە شىنجاڭ تەلبا كەسپى تەربىيلەش مەكتىپىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچى تەربىيلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناخشا ئىجادىيىتىنمۇ توختىتىپ قويمىغان.





تۆۋەندىكى ناخشىلار ئابلەت مىجىت تەلبانىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللىق ئىجادىيەتلىرى بولۇپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇق.




























pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 14:52:19

ئەسسا لامۇئەلەيكۇم ئىىجادى دىگەن سۈز نىڭ مەنىسىنى ھەممىمىز بىلىمىزغۇ ، بەزى ناخشىلانى خىلى دوراپ قۇيۇپتۇ داۋاملىق تىرىشسا بولغۇداك.  {:92:}

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 15:08:47

سەن كېتىپ ھېچ ھالىم يوق،

يۈرەلمىدىم كۈلۈپ شوخ.

كۈندۈزمۇ كۆرۈنمەس يورۇق،

قالدىم يالغۇز ھەسرەتتە.

سەن مېنى ئۇنتۇپ تامان،

كىم بىلەن يۈردۈڭ نەدە.

.....................

دەسلەپ يېڭى چىققاندا دەھشەت ئاڭلىۋىتەتتىم مۇشۇ ناخشىنى. قايتا ئاڭلىدىم، خۇددى شۇ چاغلاردىكىدەك ،  بىر ئىشلارنى يادىمغا سېلىپ قويدى.....

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 15:48:24

ناخشىچى بولمىغان مۇشۇ سەيپۇڭلار قالغان ئەمدى مەيلى ئاۋازى مۇڭلۇقكەن

يەنە تىرىسسا داڭلىق ناخشىچى بولغۇدەك

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 15:54:16

كىم ئوقىغاندۇ دېگەن ئاۋۇ ئانا دېگەن ناخشىنى. ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپمۇ قالىدىكەن ئاۋازى. مۇڭلۇق ئوقۇپتۇ ناخشىلارنى. گەرچە بۇرۇن باشقىلار ئوقىغان بولسىمۇ بۇزۇۋەتمەپتۇ ناخشا ئاھاڭىنى.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 16:28:43

ياخشى ئوقۇلۇپتۇ ،ھوزۇرلاندىم

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 16:35:28

3- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناخشىچى بولمىغان مۇشۇ سەيپۇڭلار قالغان ئەمدى مەيلى ئاۋازى مۇڭلۇقكەن

يەنە تىرىسسا داڭلىق ناخشىچى بولغۇدەك



سىز كىم؟ ئىسمى زاتىڭىزنى ئاشكارا قىلىڭا ، مەن بىر تۇتۇشاي!


سەيپۇڭ بولسا نىمە بوپتۇ؟ا ئابلەتنىڭ مەكتىپىگە ئۇزاقتىن دىققەت قىلىۋاتىمەن ئۇ  زامانىۋى ئۇسلۇپتا تىككۈچىلىكتە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ  مىللەتكە ئەمەلى ئىش قىلىۋاتىدۇ ئۆزى بولسا مىليۇنىرغا  جاننى ئوبدان بېقىۋاتىدۇ ئەجەبا ناخشا ئوقۇغۇسى كېلىپ ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل بىلەن لىنتا چىقارسا  سېسىق گەپ قىلىۋالمىساق نىمە بولىدۇ؟

ablajan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 17:32:39

سۈرەتلەرنى ياخشى كىرىشتۈرۈپتۈ،ناخشىنىمۇ ھەم ياخشى ئوقۇپتۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 18:27:46

مەنمۇ ئىلى خەلىق ناخشلىرىنى ئوبدانلا ئىيتىپ قۇيىمەن خۇدايىم بۇيىرىسا 30ياشقا كىرگىچە بىر MTWلىنتىسى چىقىرۋالسام ئارمىنىم يۇقتى... \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 18:45:07

8- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئىلى خەلىق ناخشلىرىنى ئوبدانلا ئىيتىپ قۇيىمەن خۇدايىم بۇيىرىسا 30ياشقا كىرگىچە بىر MTWلىنتىسى چىقىرۋالسام ئارمىنىم يۇقتى... \"\"



پەرى بىلەن پاختا تەرگەنلىرىڭنى mtv قىلىپ ئىشلىمەكچىما؟

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 18:52:34

9- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئىلى خەلىق ناخشلىرىنى ئوبدانلا ئىيتىپ قۇيىمەن خۇدايىم بۇيىرىسا 30ياشقا كىرگىچە بىر MTWلىنتىسى چىقىرۋالسام ئارمىنىم يۇقتى... \"\"



پەرى بىلەن پاختا تەرگەنلىرىڭنى mtv قىلىپ ئىشلىمەكچىما؟


--ھە راس تىلفۇنۇمدا  پاختىلىقتا  ئالغان كۇرۇنۇشلەر mtw دا چىقارمۇ يا دەينى چايناپ كىتەرمۇ؟؟\"\"




rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 19:05:26

ياخشى ئوقۇيدىكەن .بىرگە ماھىر كۆپكە قادىركەن بۇ ئاكىمىز .

باشقىلارنىڭ ئارتىسلىرىمۇ ئارتىسلىق قىپلا يۈرمەيدۇ ، ئۆي -مۈلۈك ،ھاراقچىلىق ،،،كىيىم -كېچەك دېگەندەك شېركەتلىرى ،دۇكانلىرى بار ياكى ئەتىر-پەتىر ماركىلىرى بار .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 19:25:18

بۇ ئادەمنىڭ ناخشىلىرىنى خېلى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن. ئەپسۇس ھاڭراتقۇ يوق بۇ ناخشىلارنى ئاڭلىيالمىدىم

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 20:02:01

ئۇ دېدى ياق، ياق. دېگەن شېئىر بەك ياخشى يېزىلغان. ئاۋازلىق ئەسىرىگىمۇ بەك ئامراقتىم. بۇنىمۇ ياخشى ناخشا قىلىپ ئوقۇپ چىقىپتۇ.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 08:42:59

بەزى ناخشىلارنى mtv قىلمىسا ، قىلسا ياخشى قىلسا بولمىسا قىلمىسا ، ئاۋۇ كۆرۈنۈشلەر ناخشىنىڭ تېكىستى بەرگەن تەسەۋۋۇرنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن . مەنىسى چوڭقۇرراق ناخشىلارغا سىمۋوللۇق كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلەتسە ياخشى چىقاتتى

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 10:04:07

6- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناخشىچى بولمىغان مۇشۇ سەيپۇڭلار قالغان ئەمدى مەيلى ئاۋازى مۇڭلۇقكەن

يەنە تىرىسسا داڭلىق ناخشىچى بولغۇدەك



سىز كىم؟ ئىسمى زاتىڭىزنى ئاشكارا قىلىڭا ، مەن بىر تۇتۇشاي!


سەيپۇڭ بولسا نىمە بوپتۇ؟ا ئابلەتنىڭ مەكتىپىگە ئۇزاقتىن دىققەت قىلىۋاتىمەن ئۇ  زامانىۋى ئۇسلۇپتا تىككۈچىلىكتە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ  مىللەتكە ئەمەلى ئىش قىلىۋاتىدۇ ئۆزى بولسا مىليۇنىرغا  جاننى ئوبدان بېقىۋاتىدۇ ئەجەبا ناخشا ئوقۇغۇسى كېلىپ ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل بىلەن لىنتا چىقارسا  سېسىق گەپ قىلىۋالمىساق نىمە بولىدۇ؟



ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە


مەنمۇ بىر يامان گەپ قىلمىدىمغۇ بۇيەردە  سەيپۇڭ دەپ قويغانغا ئاچچىقىڭىز كەلگەن بولسا كەچۇرۇڭ


بۇيەردە بىر ئۇيغۇر يەنە بىر ئۇيغۇرغا كىلە سەن بىلەن تۇتۇشىمەن دىسە بەكلا سەت تۇردىكەن


تۇتۇشىدىغان ئىشىڭىزبولسا مەن بىلەن مەندىن باشقا نۇرغۇن ئىنسانلاربار شۇلار بىلەن تۇتۇشۇڭ


ئەگەر گىپىم خاتا كەتكەن بولسا مەن ناماقۇل بولاي


كەچۇرۇڭ

hitaf402 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 10:11:21

8- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئىلى خەلىق ناخشلىرىنى ئوبدانلا ئىيتىپ قۇيىمەن خۇدايىم بۇيىرىسا 30ياشقا كىرگىچە بىر MTWلىنتىسى چىقىرۋالسام ئارمىنىم يۇقتى... \"\"

بۇدا غۇلجىغا بېرىپ قالسام ،،،  ۋەھشى تەمبۇرچى ئېنىم بار ،، سېزنى چاقىرىپ ناخشا دىگەننى ئىيتقۇزۇپ ۋاي دارد دىگۇزۋەتمىسەم

sujup يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 19:30:31

كىم نىمە ئىش قىلسا شۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان بوپ كەتتىڭلارمۇ باللا ؟ ناخشا دىگەن بىر ئادەم ئىيتقانغا ئاز قالىدىغان نىممۇ ئۇ ؟ بولسا ھەممە ئادەم ئىمكانىيتىنىڭ يىتىشىچە ئىش قىلسۇن . سەپەۋەرلىككە كەلتۇرىدىغىنى ئىش قىلىۋاتقانلار ئەمەس قولىدىن كىلىدىغان ئىشنىمۇ قىلمايۋاتقانلاردۇر. توغىرىمۇ يا ؟

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 20:59:24

2- قەۋەتتىكى aytarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەن كېتىپ ھېچ ھالىم يوق،

يۈرەلمىدىم كۈلۈپ شوخ.

كۈندۈزمۇ كۆرۈنمەس يورۇق،

قالدىم يالغۇز ھەسرەتتە.

سەن مېنى ئۇنتۇپ تامان،

كىم بىلەن يۈردۈڭ نەدە.

.....................

دەسلەپ يېڭى چىققاندا دەھشەت ئاڭلىۋىتەتتىم مۇشۇ ناخشىنى. قايتا ئاڭلىدىم، خۇددى شۇ چاغلاردىكىدەك ، بىر ئىشلارنى يادىمغا سېلىپ قويدى.....  يۇردۇڭ نەدە。。。دېگەن بۇ ناخشنى ئالى مەكتەپتىكى  ئۆزىنى تۇتالمىغان ،كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن بەزىبىر قىزلار كۆپرەك ئاڭلىسا بولغۇدەك.ھازىر قايسىبىر كۆڭۇل ئىچىش سورۇنىغا بارماڭ ،شۇ يەردە مىللىتىمىزنىڭ ئانسى بولمش شۇ سۆيۇملۇك قىزلىرىمىز بار......

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 11:46:37

چىراينىڭ بىر يەرلىرى Mr Bean گە ئوخشايدىكەن ھە، شۇندا ھىس قىلغانلار يوقما؟ \"\"
بەت: [1] 2
: ياش ناخشىچى ئابلەت مىجىت تەلبا ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ!