imlachi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 08:37:04

غۇلجا شەھرىدە 2000 كىشىلىك ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

غۇلجا شەھرىدە 2000 كىشىلىك ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى




2012- يىلى 9 ئاينىڭ 23- كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 7 لەر بىلەنلا غۇلجا شەھرىنىڭ كونا كۆۋرۇك بىلەن يېڭى كۆۋرۇكنى تۇتاشتۇرىدىغان شەھەر ئايلانما يولى ،كىشىلەر بىلەن لىق تولۇپ قىزىپ كەتتى. بۇ يەرگە 3000 چە كىشى يىغىلىپ  << ئانا دەريانى قوغداپ، موھىتنى ئاسراپ،گۈزەل ، پاكىز غۇلجا قۇرۇپ چىقايلى >> چاقىرىق بىلەن 2000 كىشىلىك موھىت ئاسراش  تېمىسىدىكى ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىزغىن تەييارلىق قىلىنىۋاتاتتى . بۇ قېتىمقى ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيتىگە غۇلجا شەھرىنىڭ ھەر قايسى يېزا - كەنت، ئىش باشقارما، ۋە ئىدار ئورگان خىزمەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيتىگە قاتناشقان ماھىرلار 2000 دىن ئاشىدۇ. بۇ قېتمقى پائالىيەتكە شەھەرلىك پارتىكوم  شۇجىسى لىنىڭپىڭ  قاتارلىق شەھەرلىك پارتىكوم شۇجىلىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرىمۇ قاتناشتى.  ۋېلسىپىت ئەترىتى . ئەتىگەن سائەت 8 دە غۇلجا شەھەرلىك پارتىكوم قوراسى ئارقىسىدىكى شەھەر ئايلانما يولىدىن يولغا چىقىپ، يېڭى ئېلى دەريا چوڭ كۆۋرۈگى ئارقىلىق مېڭىپ، كونا ئېلى دەرياسى كۆۋرۈگى يۆلىنىشىدىن قايتىپ كەلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كەڭ ئامما ۋە دۆلەت كادىرلىرىغا موھىت ئاسراش ، ئېلى دەرياسى ۋە ئېلى دەريا ساھىلىنى قوغداش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلدى. شەھەرلىك پاتىكومدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە غۇلجا شەھرى يېقىنى بىر قانچە يىلدا موھىت ئاسراش ۋە شەھەر قۇرۇلۇش سالمىقنىنى  كۈچەيتىپ، موھىت ئاسراشنى شەھەر قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، ئېلى دەرياسى ئىككى قىرغىغىنى مەركەز قىلغان گۈزەل، موھىتى ساپ غۇلجا بەرپا قىلىپ چىقىدىكەن .

تۆۋەندىكىسى پائالىيەتتە تارتىلغان خاتىرە سۈرەتلەر .


غۇلجا ئۇچۇر تورى خەۋىرى : www.ghulja.biz


















































































































































































































































albeini يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 11:57:02

مەن قارىسام چاپچالغا سەل ئوخشاپ قالامدۇ قانداق

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:02:17

مۇھىت ئاسراش كۈنىكەندە \"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:15:52

دادامنىڭ 28تىپلىق ۋەلسپىتى بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بۇلسام ئىزدىنىشى مۇنبىرىگە رەسىمىم چىقاتتىكەندە ئىسىت ،لىكىن قاتناشتۇرمايدىدە ،،بۇ شەھەرلىكلەر ،،بىزنىڭ كەينىمىزدە پوق بارمۇ دەپ،،، \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:22:08

غۇلجىدا ئۇيغۇر يوقما؟ بىرەر تال ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:26:00


4- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غۇلجىدا ئۇيغۇر يوقما؟ بىرەر تال ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.


---بىزنىڭ ئۇيدىكىلەر ۋە بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر ئۇيغۇر ،،،غۇلجىدا ئۇيغۇر تۇققانلىرىڭىز يۇقما؟؟\"\"




abral37 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:44:31

تۈنۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە مەنمۇ قاتناشقان ئىدىم. گەرچە بۇ بىر شەكىل بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىدارىنىڭ زورى بىلەن قاتنىشىپ قويدۇم. مەنمۇ بىكار تۇرغىچە دەپ يانفۇن بىلەن بىر نەچچە پارچە رەسىم تارتىپ قويغان ئىدىم. يوللاپ قوياي


\"\"


\"\"


\"\"


\"\"

\"\"



\"\"


\"\"









alif يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:56:12

بۇ پائالىيەت بىر قېتىملىق شەكىل ئوخشايدۇ( شەكىل ئۈچۈن بولسىمۇ بىرەر ئۇيغۇر چە خەت بولشى كېرەك ئىدى). مۇشۇنداق چاغدا ئۇيغۇر يېزقىنىڭ ئىتىبارى يوقدە.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 14:06:11

تۇققانلىرىمىزدىن بىرەرسى ۋېلسىپىت دۇكىنى ئاچقان ئوخشايدۇ. \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 14:28:56

@alif تېمىنى يەنە بىر قايتىلاپسىزغۇ نەقىلىڭىزدە  {:107:}

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 15:21:56

نەچچە يىللاردىن بىرى غۇلجا شەھەر كوچىلىرىدا بۇنداق كۇڭول ئىچىش خارەكتىرىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئاز ئوتكۇزلىدىغان بۇلوپ كەتكەن ئىدى ،بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئوتكۇزلوپ تۇرىشى خەلىق ئاممىسىغا بىر خىل ئازادىچىلىك ۋە خاتىرجەملىك ھىسى قىلدۇرىدۇ ،،، \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 15:30:57

تۇققانلاردىن بىرەرسى ۋىلىسپىت دۇكىنى ئاچقان ئوخشايدۇ شۇڭا

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 16:17:49

4- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غۇلجىدا ئۇيغۇر يوقما؟ بىرەر تال ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.

ئۇيغۇرچە مۇھىت بۇلغايدىغان ئوخشايدۇ

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 16:41:43

كوچا خەۋەرلىرىن مەلۇم بولىشچە قازاقىستان ئىلى دەرياسىنىڭ كىرىش قىسمىدىكى سۇنى ئۆز رايۇنىغا بۇرىۋالغان ،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبىمۇ ئىلى دەرياسىنىڭ رايۇنىمىز بولىكىدىن قازاقىستان تەۋەلىكىگە ئاقىدىغان سۇ مىقداراى ئازىيىپ كەتكەن ،قازاقدستان بۇنىڭغا قارتا بىرنەچچە قىتىم ھۆكىمىتىمىز بىلەن كىڭەش ئۆتكۈزگەن ئەھۋالدا ئىلگىرلەش بولمىغاچقا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرغان ........مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقرى تۆۋەن ئىقىنلىرىدا نۇرغۇن بوز يەر ئىچىلدى ،ئىلى دەريانىڭ سۈيىنى يىزا ئىگىلىك سانائەتكە كۆپلەپ ئىشلىتىپ تۆۋەن ئىقىمىدىكى سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن، مىسالى چاپچال رايۇنىدىكى دوسلۇق ئۆستىڭى


................خەۋەرلەردە دىيىلىشچە ئىلىمىزنىڭ ھول يىغىن مىقدارى يىلدىقىدىن 10%ئاشقان ،يۇرتىمىز شىنجاڭدىمۇ شۇنداق بولغان ،ئەمما بۇ يىل  يىشىلچىلىققا پۈركەنگەن گۈزەل ماكان ئىلىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدا بىر تىمىم يامغۇر ياغماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرلگەن...

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 23:49:48

ۋېلىسپىتنى تىزىلىپ مېنىش پائالىيىتىكەن بۇ . \"\"

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 00:26:35

غۇلجىدا قىزلارمۇ ۋېلسىپىت مىنەمدا؟ ياكى ئۇلار بىلمەمدۇ ؟

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 07:56:25

15- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غۇلجىدا قىزلارمۇ ۋېلسىپىت مىنەمدا؟ ياكى ئۇلار بىلمەمدۇ ؟




\"\"

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 09:49:03

ھەممە نەرسىنى غۇلجىدا ئۇنداقما غۇلجىدا بۇنداقما دىمەڭلار ،

ئالىپ ئەپەندى ئۇيغۇرنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقرى دەپ قارالغان خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن بىر بايرامدىمۇ ئۇيغۇچە خەت يوقكەن دەپ قاخشاپ يۇرمۈدۈقمۇ ،ئۇيغۇرچە خەت ئۇيغۇرنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قىلۋاتىدۇ ،ھازىر...

بىرھون ئەپەندىم بەلكىم باشلىقى مىن دىگەن بولسا مىنگەندۇ ،بۇ ئىشتىكى مۇھىم نەرسە ئۇ ئەمەس ....



---------------------------------

غۇلجىنى ،ھۆكىمىتىنى تىللىساڭلار مەن قارشى ئەمەس ئەمما غۇلجىلىقنى تىللاپ سالماڭلار ،غۇلجىلىقمۇ ئۇيغۇر، غۇلجىلقمۇ سىلەر بىلەن بىر سەپتە....

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 14:05:03

ئەگەر تېما ئىسىمىنى كۆرمىگەن بولسام بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى مۇشۇ ۋېلسىپىتنى مىنگەن پېتى بىزلەرگە ۋاكالىتەن دىياۋ يۈ ئارلىنى ساقلاشقا بارىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالاركەنمەن

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 14:55:47

bughra-oghli ئەپەندى سۆزۈمنى خاتا چۈشىنىۋالماڭ. ئەمەلىيەتتە غۇلجىدىن ئۇيغۇرنىڭ نوچىلىرى چىققان. ئۇ پەقەت بىر چاقچاق.

ئۇنداق دېگىنىم بىلەن مەن تۇرۋاتقان ئاقسۇدىمۇ شۇ، ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى.
بەت: [1] 2
: غۇلجا شەھرىدە 2000 كىشىلىك ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى