adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 08:00:06

ۋاڭ لىجۈنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ۋاڭ لىجۈنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى




24 – سېنتەبىر ، سىچۇەن ئۆلكىلىك چىڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى چۇڭچىڭ شەھرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ شەخسىي غەرەزدە قانۇننى بۇزۇش ، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ، پارە ئىلىش جىنايى ئىشلار دىلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقاردى .


ۋاڭ لىجۈننىڭ شەخسىي غەرەزدە قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى ؛ ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن 1 يىل مەھرۇم قىلىندى ؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى ؛ پارە ئىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 9 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى ، بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن 1 يىللىق مەھرۇم قىلىش جازاسى بىرىلدى . ۋاڭ لىجۈن سوتتا نارازىلىق ئەرز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .




http://news.ifeng.com/mainland/detail_2012_09/24/17847969_0.shtml

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:17:44

باشلىق بولغانغا،مەركەزدە ئارقا تىرىكى كۈچلۈك ئادەمنىڭ يىنىدا تۇرغانلىقىغا بىر ئۆمرىدە پۇشايمان بىلەن ئۆتىدىغان بولدى بۇ ۋاڭ يولداش.

ۋاڭ يولداشنى ئۇدا يۆلەپ قوللاپ ئۆزى بىلەن تەڭ دىگۈدەك ئۆستۈرۈپ كەلگەن بوشىلەينىڭ بىسىمى،تەھدىدى ئاستىدا نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئاخىرى جىنىنى ساقلاشنىڭ كويىدا ئامىرىكا ئەلچىخانىسىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بو كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ نارازىلىق ئەرز بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بولسا تۈرمىدە بولسىمۇ خاتىرجەم ياشاشتىن باشقا بىر نىمە ئەمەس.

بوشىلەينىڭ مەركەزدىكى ئارقا تىرىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى (بوشىلەي دۆلىتىمىزنىڭ كونا رەھبىرى بويىبونىڭ ئوغلى بولۇپ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى سابىق دۆلەت رەئىسى جىياڭ زىمىن) ج خ ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى بولغان ۋاڭ لىجۈنگە بىسىمنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ دىلو بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋە باشقا ئىشلارغا ئىغىر تەھدىد بولغان.ۋاڭ بۇ ئىشنى پاش قىلسا ياكى يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا ئۆزىنىڭ يەنىلا قىلتاققا دەسسىشىنى بىلىپ ئامىرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋىلىپ ئىشنى يوغىنىتىپ ئاندىن ئۆزىگە تەھدىد سالغانلارنىڭ دۈشمىنى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسا كىرەك.

ۋاڭ دىلوسى ئالەم جاھاننى زىلزىلىگە سالغاندىن كېيىن پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولمىغاندەك بوشىلەينىڭ دىپىنى چالىدىغان مەركەزدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ ئامالسىز ھالدا لاۋخۇ باشچىلىقىدىكى لاۋشى گورۇھىدىكىلەرگە باش ئىگىشكە مەجبۇرى بولغان بولۇشى مۇمكىن.لاۋجىياڭ ۋە لاۋخۇ ھوقۇق كۈرىشىدە بۇ قىتىم يەڭگىنى لاۋخۇ بولسا كىرەك.

دۆلەتنىڭ بۇ قىتىمقى ھوقۇق كۈرىشىدە ئىككى پىشقەدەم رەھبەر بويىبو بىلەن شى جوڭ شۈن پەرزەنتلىرى ئارىسىدىكى ماجرا ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق كۈرىشى سىرتقا قارىتا ئاشكارلانغان بولسا كىرەك.

بويىبو ۋە شى جوڭ شۈن بولسا ئازاتلىقتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ تاكى ماۋزىدۇڭ ۋە دىڭ شىياۋفىڭ زامانىسىدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋە مۇئاۋىن زۇڭلىلىق ھوقوقىنى يۈرگۈزگۈچىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ھازىرقى بوشىلەي ۋە شى جىن پىڭ لارمۇ ئوخشاشلا پارتىيە مەركىزى كومېتىت ئەزالىق ئىمتىيازىغا ئىگە ۋە دۆلەتنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك كاتتىۋاشلىرى بولۇش ئالدىدا تۇرغانلاردۇر.قىسقىسى بۇ كۈرەشتە مايمۇن ئۆلتۈرلۈپ يولۋاسقا ئىبرەت قىلىنىپ كىمنىڭ نوچىلىقىنى بىلدۈرلۈپ قويۇلدى.

نۇرغۇن كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە قامىغان،ئۆلتۈرگەن يولداش ۋاڭنىڭ تۈرمىدە بولسىمۇ خاتىرجەم يىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.لىكىن تەلىيى كاج كەپ قالسا لاۋبو تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە يوق قىلىۋىتىلىش خەۋىپىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:42:58

ئىچكىرىدە سىياسەت بوشمۇ نىمە. ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى قۇشۇلۇپ 6 جىنايەتكە ئاران 15 يىل كېسىپتۇ.

temburchi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:59:42

ئىشكىرىدە جازا ھۇكۇم يەڭگىلمۇ نىمە (ئاسىلىق قىلىپ قېچىشقا 2ژىل ۋاھا كازالىغا ) 15ژىل . جازا ھۇكۇم قىلىش ھەممە ئولكىئىدە ئوخشاشمىدۇ .

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:24:02

مەن قايتا -قايتا ھىساپلىسام 16يىل چىقىپ قىلىۋاتىدۇ ،،بۇقانداق گەپ ،، \"\"

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:40:18

ئېسىل تېمىكەن، بۇ تېمىنىڭ مۇنبەردە داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىنكاسلىرىمىزدا كۆپ دىققەت قىلساق قېرىنداشلار!!

hitaf402 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:52:21

قىززىق يۇمۇردە بۇ ئىشلار ،،،

ئۇچ ئوغرى بىر ئويگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ ، بىر سومكا پۇلنى ئوغورلاپ چىقىپتۇ ،، بۇلار بۇ پۇلنى ئۇلەشۇپ بولالماي ئۇرۇشۇپ كېتىپ ، بىرى بېرىپ پۇلنى ئولەشەلمىدۇق دەپ ساقچىغا ئەرىز قىلىپتۇ ،،،،،،،،،،،،  كالۋا ئوغرىلار ، ئوز ئارا كېلىشەلىگەن بولسا ساقچىلارمۇ ئوقماس بولغىيتى ،،،،  لاۋجاڭ بولغاچقا لاۋۋاڭمۇ مىليارتنى ياغچۇققا سېلىپ تىنىچ كېتىۋالمىدىمۇ ،،،  بۇ ئىشلار نىمىتى

noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 14:07:21

4- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن قايتا -قايتا ھىساپلىسام 16يىل چىقىپ قىلىۋاتىدۇ ،،بۇقانداق گەپ ،، \"\"

تۆت جىنايىتىگە بېرىلگەن ئاساسىي جازا-مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ يىغىندىسى 20 يىل.  بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالىغاندا ئىجرا
قىلىنىدىغان  جازا مۇددىتى ئەھۋالغا قاراپ
يىغىندى جازا مۇددىتىدىن قىسقا، بىرنەچچە جازا ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا
مۇددىتىدىن ئۇزۇن قىلىپ بەلگىلىنىدىغان بولغاچقا، 9 يىلدىن ئۇزۇن، 20 يىلدىن قىسقا قىلىپ، 15 يىل ئىجرا قىلىش بەلگىلىنىپتۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش قوشۇمچە جازا بولۇپ، ئاساسىي جازاغا قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ،
قوشۇمچە
سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ئاساسىي جازا ئىجرا
قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 14:09:44

7- قەۋەتتىكى noshirwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن قايتا -قايتا ھىساپلىسام 16يىل چىقىپ قىلىۋاتىدۇ ،،بۇقانداق گەپ ،، \"\"

تۆت جىنايىتىگە بېرىلگەن ئاساسىي جازا-مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ يىغىندىسى 20 يىل.  بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالىغاندا ئىجرا قىلىنىدىغان  جازا مۇددىتى ئەھۋالغا قاراپ يىغىندى جازا مۇددىتىدىن قىسقا، بىرنەچچە جازا ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا مۇددىتىدىن ئۇزۇن قىلىپ بەلگىلىنىدىغان بولغاچقا، 9 يىلدىن ئۇزۇن، 20 يىلدىن قىسقا قىلىپ، 15 يىل ئىجرا قىلىش بەلگىلىنىپتۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش قوشۇمچە جازا بولۇپ، ئاساسىي جازاغا قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ئاساسىي جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.


---ھە ،،بىلدىم فۇرمىلاغا سىلىپ ھىساپلايمىزكەندە،،،،\"\"




huqush يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 14:29:50

نۇر بۇرادەر.

لاۋخۇ بىلەن لاۋ جاڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق زىددىيەت بار ؟

ئۆز ۋاقتىدا خۇنى جاڭ ئۆزى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن ئەمەسمۇ ؟

tograq يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 14:44:29

توردىكى بەزى ماتېرىياللاردا دېيلىشچە، خۇنى جاڭ ئۆستۈرمىگەن، ئۇنى لاۋ دىڭ ئۆستۈرگەن. ئادەتتە، نۆۋەتتكى دۆلەت باشلىقى ئۆزىدىن كېيىنكىنى ئەمەس، بەلكى كېيىنكىدىن كېيىنكىسىنى بەلگىلەمىش.

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 15:27:22

ئوبدان بولاپتۇ

بىرەر يىلدىن كىيىن تۇرمىدىن چىقىۋالمىسلا بولاتتىغۇ

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 15:38:39

ئەمدى نۆۋەت قايسى ۋاڭ فامىلىككە كىلەركىن !! \"\"

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 15:59:59

بىرەر كەنىنتنىڭ كادىرىدەك پارا يىمىگەن گۇيتكەن بۇ..ئاران 3 مىليۇن يۈەن دەپ ئېنىقلىنىپتۇ....\"\"

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 19:05:43

ئەڭ پاك ئەمەلدار ئىكەن ئەمەسمۇ بۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 19:09:14

بەك جىق نەرسە بىلىپ كەتكەن ئوخشىماسىلەر؟

مەھەلەڭلەردە قۇمۇشلۇق يوقمىتى \"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 21:09:32

مەن تېخى ۋاڭ لېچۇەن دەپ ئوقۇپتىمەن تېخى ....

huqush يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 14:47:31

10- قەۋەتتىكى tograqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردىكى بەزى ماتېرىياللاردا دېيلىشچە، خۇنى جاڭ ئۆستۈرمىگەن، ئۇنى لاۋ دىڭ ئۆستۈرگەن. ئادەتتە، نۆۋەتتكى دۆلەت باشلىقى ئۆزىدىن كېيىنكىنى ئەمەس، بەلكى كېيىنكىدىن كېيىنكىسىنى بەلگىلەمىش.


ئۇنساقتا شى نى جاڭ بەلگىلىگەن بولىدۇ دە

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 17:23:54

17- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى tograqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردىكى بەزى ماتېرىياللاردا دېيلىشچە، خۇنى جاڭ ئۆستۈرمىگەن، ئۇنى لاۋ دىڭ ئۆستۈرگەن. ئادەتتە، نۆۋەتتكى دۆلەت باشلىقى ئۆزىدىن كېيىنكىنى ئەمەس، بەلكى كېيىنكىدىن كېيىنكىسىنى بەلگىلەمىش.


ئۇنساقتا شى نى جاڭ بەلگىلىگەن بولىدۇ دە





ھا ھا ھا، مەنمۇ شۇنداق دەي دەپ تۇراتتىم.

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 16:33:50

پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوقتە  {:136:}  بۇنداق موللاق ئاتىدىغانلار ئاز ئەمەس جۇمۇ \"\"
بەت: [1]
: ۋاڭ لىجۈنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى