Capslock يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 03:04:07

ئىگىلىك تىكلەش توغۇرسىدا تەجىربە ئالماشتۇرمامدۇق باللا

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلىرىم!


تورلىرىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن ياخشى ماقالىلەر يوللىنىپ تۇرۋاتىدۇ ھەم پايدىلىنىۋاتىمىز، لېكىم بۇ ماقالىلىرىمىز كۆپىنچىسى چوڭ دائىرلىك ئابىستىراكىت ماقالە بولغاچقا چۇشۇنۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمايۋاتىدۇ، بۇ ماقاللىلەر ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلىشتا يول كۆرسۈتۈشتە كۆۋرۇكلۇك رول ئويناۋاتقان بولسىمۇ ، ، يېڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ھەم تىكلىمەكچى بولغانلارغا ئاددى كىچىك مەسسىللەرنى ھەل قىلى بىرەلمەيۋاتىدۇ، ، شۇڭا ھەممەيلەن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى تەجىربە ساۋاقلىرىمىزنى تۆكسەك تەڭ بېيىپ تەڭ تەرەققى قىلساق دىگەن ئۈمۈتتە ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، بولسا بۇ تېمىغا خەلىقئارالىق، دەبدەدىبى، ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمان ئەمەس ئىگلىك تىكلەش جەرياندىكى ئاددى، رايۇنىمىزغا ماس كېلدىغان تەجىربە ساۋاقلىرىمىزنى تۆكسەك، دىگەن ئۇمۇتتە، مەن ئۆزۈم ئىگلىك تىكلەش يۇلىغا ماڭغىلى بىر يىل بولدى، كىتاپقا يېزىلمىغان تورغا چىقمىغان نۇرغۇن مەسسلەرگە ئۇچۇردۇم، مەن ئىسىمگە كەلگىنچە تەجىربەمنى يېزىپ باشلاپ بەرسەم، قېرىنداشلىرىمىز داۋاملاشتۇرسا ....


1.      تۈر تاللاش.


ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىز پىششىق بىلدىغان ياكى ئۆگىنەلەيدىغان ۋە ياكى ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى تاللاڭ ھەرگىزمۇ باشقىلار پۇل تېپىپتۇ دەپلا ئالدىراپ مەبلەغ سالماڭ ، تۇرنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن شۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنغا كىرىپ ئاز دىگەندە بىر يىل ئىشلەپ تەجىربە يەكۈنلەڭ،مەبلەغ توپلاڭ، شۇ تۈرنىڭ سودا قائىدىسىنى چۈشۈنۈڭ، ئەگەر سىز تاللىغان تۈر ئورنىڭىزدىكى يېڭى تۈر بولسا شۇ تۈرگە يېقىن بىر ئۇرۇنغا كىرىپ تەجىربە ئىگەللەڭ، ئالى مەكتەپتىكى ياكى كاللىڭىزدىنى گۈزەل ئارمان بىلەن ئىش باشلىسىڭىز ئۇزۇنغا قالماي قىينىلىپ قالىسىز، دىمەكچى سىز قىلماقچى بولغان سودا قائىدىسىنى پىششىق ئىگەللەڭ.


2.      مەبلەغ


تۈرنى تاللاپ بولغاندىن كېيىلا قەرىز ئېلىپ ئىش باشلاپ كەتمەڭ، ئامال بار ئۆزىڭىز يىققان پۇل قەتئىي بولمىغاندا ئاتا-ئانىڭىز ۋە بىۋاستە ئۇرۇق تۇققانلىرڭىزنىڭ مەبلىغىندىن پايدىلىنىڭ، يېڭى ئىش باشلا باشلىماستىنلا بانكا ياكى سىزگە ئىشەنچىسى بار دوست-يارەنلىرڭىزدىن قەرىز ئالماڭ، چۇنكى سودىدا ئىناۋەت ئەڭ مۇھىم ئەگەر ۋاقتىدا قەرىزنى قايتۇرالمىسىڭىز قانچىلىك باي بۇلۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ تۇنجى قېتىمدىكى ۋەدىڭىزدە تۇرماسلىق باشقىلارنىڭ قەتئىي ئىسىدىن چىقمايدۇ، شۇڭا سىز قانداقلا كۈنگە قېلىڭ سىزنىڭ يامان گىپىڭىزنى قىلمايدىغان مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان ئادەملەردىن ئەڭ دەسلەپتە پايدىلىنىڭ.


3.      ئۇرۇن تاللاش


دۇكان، ئىشخانا(بىر ئاكىمىزنىڭ ئىشخانا دىگەن سۆز بىلەن ھاجەتخانا دىگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ئالمىشىپ قالغان دىگەن گىپى باشتا قىزىق تۇيۇلغان كېيىن توغرا ئىكەن دەپ ئويلۇنۇپ قالدىم‹‹ئۇدۇل كەپ دەپ قويدۇم››) ۋە شىركەت ئورنى تاللىغاندا چۇقۇم قىلۋاتقان ئىشڭىزغا مۇناسىۋىتى جىقراق بولغان ئۇرۇندىن ئۇرۇن تېپىڭ، ئىجارىسى ئەرزانكەن دىگەندەك ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يىراق يەردىن ئۇرۇن ئېلۋالماڭ دىمەكچى ياغاچ بازىرغا كومپيۇتېر سېتىش ئورنى ئاچقاندەك ئىش بۇلۇپ قالمىسۇن (مۇقىم خىېرىدار مەنبەسى بولغان باشقا گەپ).


4.      دۇكاننى زىننەتلەش


دۇكاننى ھەددىدىن زىيادە كاتتا بىزىمەڭ، بەك كاتتا بىزۋەتسىڭىز خىېردارلار زىننەتكە قاراپ بۇ دۇكاننىڭ ماللىرى چۇقۇم قىممەت دىگەن ئىدىيەگە كىلىپ قالىدۇ، ئاددى پاكىز بىزەڭ بىزەش رەڭگى ساتىدىغان مېلىڭىزنىڭ قارشى رەڭگىدە بولسا ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭدا ماللىرىڭىز ئاسان كۆزگە چېلىقىدۇ، ئەگەر ماللىرىڭىز كۆپ رەڭلىك بولسا ئاق رەڭنى ئاساس قىلىڭ، زىننەتللىگۈچىنى تاللىغۇچە ئامال بار ئۇرۇق- تۇققان دوست بۇرادەرنى ئىشلەتمەڭ(يۈز كىلەلمەي قالدىم دىگەن گەپ چىقىپ قالسا بىئارام بوپ قالىسىز)، زىننەتلەش ھەققىنى بەرگۈچە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن 30%نى ئاساسى قۇرلۇش پۇتكەندە 30%نى، تاپشۇرۇپ ئالغاندا 20%نى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە قالغىننى بەرسىڭىز مۇۋاپپىق.


5.      مەسلىھەت ئاڭلاش


دۇكان زىننەتلىنىپ بولغۇچە ھەرقايسى قاتلام ۋە تىپتىكى ئادەملەر بىلەن ئاچماقچى بولغان دۇكىنىڭىز ۋە سودىڭىز توغۇرلۇق كۆپرەك مەسلىھەت سوراڭ، ئېغىزىنى كوچىلاڭ، لېكىن ھەممىسىنى توغرا دەۋالماڭ دۇنيادا قۇرۇق مەسلىھەت بېرىش ئەڭ ئاسان ئىش، ئۇلارنىڭ مەسىلھەتىنى دەرھال خاتېرلەپ شۇ كۇنىلا تەپسىلى ئانالىز قىلىپ مېغىزىنى ئېلۋىلىپ شاكىلىنى تاشلاڭ، مېغىزنى ئوبدان خاتېرلەڭ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشلەرنى رازى قىلالايسىز، (سىز دۇككاننى ئېچىپ بولغاندا شۇ مەسلىھەتلەر چىقىشى ناتايىىن). ياش پەرقىڭىز بەك چوڭ كىشلەردىن بەك مەسلىھەت ئېلىپ كەتمەڭ بولمىسا ئەنئەنىۋىي سودا قىېلىپىغا بىلىپ بىلمەي كىرىپ قالسىز يېڭچە ئۇسلۇپتا سودا قىلىمىسڭىز پۇت تىرەپ تۇرمىغىڭىز تەس بوپ قالىدۇ.لېكىن ئەنئەنىۋىي سودا ئەخلاقىدىن چىقىپ كەتمەڭ.


6.      خېرىدار نىشاننى بەلگىلەش(بۇ تۈرگە كەلگەندە ئۆزەمنىڭ يامان چوڭ تېمىنى تۇىۋالغنىمنى ھېس قىلدىم، شۇنداق بولسىمۇ بىلگىمىنى يېزىپ باقاي).


قىلماقچى بولغان سودىڭىزنىڭ خىېرىدارى بۇلالايدۇ دىگەن كىشىنى ئازراق غۇرۇرنى قايرىپ قۇيۇپ چىڭ چاپلىشىڭ، ئۇ كىشلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي خاتىرە كۈنى دىگەندەكلەرنى سۈرۈشتۈرۇپ قولفۇندا ئۇچۇر يوللاڭ، سوۋغا تەقدىم قىلىڭ، جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت دائىرىسى كۈچلۇك، تەشۋىقات ئىقتىدارى يۇقىرى، سورۇنى جىق كىشلەر بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخىشى قىلىڭ، لېكىن ئۇلاردىن بەك تۆۋەن ئۇرۇنغا چۈشۋالماڭ، گەپ قىلىش ئۇدۇل كەلگەندە دەڭ، ئىش قىلىش ئۇدۇل كەلگەندە قىلىڭ بەك يول قۇيۋەتسڭىز سىزنىڭ ئورنىڭىز ۋە ئىناۋىتىڭىز ياخشى بولمايدۇ.


7.      مال ئەكىرىش


مال ئەكىرگۈچە ئورنىڭىزنىڭ بازىرنى ئوبدان كۆزىتىڭ ماللارنى ئامال بار ئۆزگىچە قىلىشقا تىرىشىڭ، ئوخشاش كەسىپىتىكى دۇكاندىكى ماللارنى كۆپ ئەكىرۋالماڭ دۇكىنىڭزدىكى ماللارنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىڭ. ئوخشاش كەسىپتىكى سودىگەرلەر بىلەن ياخشى ئۈتۈڭ ئۇلارنىڭ تەجىربىسىنى كۆپرەك ئۆگۈنۈڭ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇپ مال ئارىيەت ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ بۇنداقتا يۇق مالنى ئۇلاردىن ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ مەبلىغى ئارقىلىق پۇل تاپالايسىز ھەم خىرىدارنى رازى قىلالايسىز. ئۆزىنىڭز تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ناھىيە، بازار، يېزا، كەنىتلەردىن مېلىڭىزنى ۋاكالىتەن ساتقۇچى تېپىشقا تېرىشڭ، ئۇلاردىن ئاز پايدا قالسىمۇ نەق پۇل ئايلىنىش سۈرئىتى تېىز بولسا مال سېتىپ چىقىرىش سۈرئىتى تېىز بولسا باش مال تەمنلىگۈچىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلەيسىز ھەمدە سودا كەيپىياتىڭىز ۋە قىزغىنلىقىڭىز ياخشى بولىدۇ.


8.      تەشۋىقات.


ۋېۋىسكىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى خەتتاتقا قول بىلەن يازغۇزۇپ ئاندىن لاھىيلەڭ، ئۇيغۇر خەتتاتچىقىنىڭ نۇچىلىقىنى كۆرسىتىپ قۇيغاچ، خەتتاتلىقىمىزنىڭ يۇقاپ كەتمەسلىكىگگە تۆھپە قۇشۇپ قۇيۇڭ، ۋېۋىسكىڭىزنى قۇشنىلىرڭىزنىڭ ۋېۋېسكىسنىڭ قارشى رەڭگىدە ياكى پەرىقلىق رەڭدە پاكىز ئاددىي لاھىيلىگۈزۈڭ،  تەشۋىقات ۋارىقى، نام كارتىسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىمۇ قولدا يازغۇزۇڭ(بەك بەك بەك چىرايلىق چىقىدىكەن)،. رادىئۇ تېلۋىزىيە، سەنئەت كىچىلىكى چوڭ تېپىتىكى پائالىيەتلەرگە كۈزىڭىز يەتسە ياردەم قىلغاچ ئېلان بەرسىڭىز بولىدۇ.


9.      مۇلازىمەت


دۇككاننى پاكىز رەتلىك تۇتۇڭ، پاكىز رەتلىك يۇرۇڭ ،دۇكان ئاچقاندىن باشلاپ سەل چوڭ سۈپەت رەتلىك يۇرۇڭ  ھەم كېينىڭ، ئۇيغۇر خىېرىدارلارغا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەڭ، دۇكانندىكى خىزمەتچلەرنىڭمۇ يۇرۇش تۇرشىنى ياخشى كونترول قىلىڭ، قەيەردە بۇلۇشتى قەتئىي نەزەر ئەدەپلىك سالماق بۇلۇڭ(باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك دەرىجىدە)، كىرگەن خېرىدارغا سودىگەرچە ئەمەس دوسلارچە مۇلازىمەت قىلىڭ، خېرىدارىڭىز مالنى خاتا تاللىغاندا ياكى تاللىيالمىغاندا مەنپەتىڭىزنى قوغلاشماي سەمىمىي مەسلىھەت بېرىڭ. بولسا خىزمەت كىيمى تەسسىس قىلىڭ. ساتقان مەھسۇلاتڭىزڭنىڭ ئاماشتۇرۇش، قايتۇرۇش رېمونىت قىلىش مەسلىسىنى ئېنىق دىيىشىڭ ھەم ئەمەل قىلىڭ، مەسئۇل بولۇڭ، مالىنىڭ ئەرزىننى ئەمەس سۈپەتلىكىنى ئەكىرىڭ(باشتا قىممەتچى دىگەن بىلەن ئاخىرغىچە چىقالايدىغانلار سۈپەتلىك مال ساتىدىغانلار). شارائىت يار بەرسە سەل ئىسىلراق يانفۇن تۇتۇڭ، تېلفۇنڭىزنى سەۋەپسىز ئىتىپ قۇيۇشتىن، تۇختاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، تېلفۇن ئالغۇچە جانلىق شاش تۇرۇپ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دىيىشنى ئۇنتماڭ.


10. خىزمەتچى ئىشلىتىش


يېڭى تېجارەت باشلىغاندا ئامال بار ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەڭ تېجارىتىڭىز يۇرۇشكەندە پاكىز ئەخلاقلىق ئۇيغۇر باللىرىنى ئىشلىتىڭ، ئۇلاردىن ھۈنىرىڭىزنى ئايىماڭ(ساۋاپ تاپىسىز، ساۋاپ تاپسىڭىز سودىڭىز يۇرشىدۇ)، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئاتا ئانىسى بىلەن كۈرۈشۈپ ئاندىن قۇبۇل قىلىڭ، دېپلۇم ئوقۇغان مەكتىۋىگە بەك ئېسىلۋالماڭ، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا بوشلۇق بېرىڭ، تۇرمۇشىغا كىيىم كچىكىگە كۆڭۈل بۈلۈڭ لېكىن بەك كۈزىگە كىرۋالماڭ، ھەرخىل توي تۆكۈن نەزىر چىراق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتىشىپ بېرىڭ، قەرەللىك تاماققا، ساياھەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇڭ، ۋاقتى ۋاقتىدا دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىڭ، مۇئاشىنى ۋاقتىدا بېرىڭ، ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەننى مۇئاش ئارقىلىق پەرىقلەندۈرۈڭ، مۇئاشتىن سېىرىت جاپا تارتقان ۋاقتىدا ئالە ئۇكام دەپ قۇيۇڭ. شارائىت يار بەرسە ئىجدىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇڭ قەئىي بولمىسا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ 120 يۇەنلىك تاسسادىبىي ۋەقە سوغۇرتىسغا قاتناشتۇرۇپ قۇيۇڭ.


11. خۇجايىن بۇلۇڭ(غۇجايىنمۇيە ۋەيييييييت)


پاكىز يۇرۇڭ، سورۇندا توي تۆكۈندە چوڭ سۈپەت بۇلۇڭ، يېنىڭىزدىن ھەر ۋاقىت پۇل ئايرىماڭ، باشقىلارغا قارغاندا سەل جىقراق خەجلەپ قۇيۇڭ،(ھازىر پۇل ئارقىلىق ئىناۋەتنى ئازراق سېتۋالغىلىمۇ بولىدۇ). ئىشنى پاكىز رەتلىك قىلىڭ، خاتىرە تۇتۇپ كۇندىلىك ئىشنى خاتېرلەڭ، سەھەر تۇرۇڭ، پىلانلىق بۇلۇڭ، قىزىقانلىق قىلماڭ، قېرىندىشىم كۆپ پۇل تېىپىڭ نامراتلارنى دوست بۇرادەرنى، يول قالمىغانلارنى يۈلەڭ. ئائىلىڭىزنى سۈيۈڭ، ئاتا ئانىڭىزنى قەدىرلەڭ، ھەققىقي خۇجايىن بۇلۇڭ، مەنمۇ بۇلاي ئۇمۇ بولسۇن ئاندىن باشقلارنى چاكار قىلىپ ئىشلىتەيلى!






تېجارەت كىشىكىسى قاتارلىقى ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىمۇ يازماقچى ئىدىم لېكىن رايۇنلارنىىڭ ئوخشىمىغاچقا يازمىدىم مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلدىغان دوستلارنىڭ. ھەرخىل كىنىشكە باج ۋە بانكا قەرىزى، ئىگىلىك تىكلەش فوندى قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەرتىپى ۋە ئىش يۇلىنى يېزىپ قۇيىشىنى سورايمەن،

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 11:37:34

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

بەلەن تېما بوپتۇ، ياخشى پاراڭلار چىقىدىغاندەك.

تېمىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار تېمىدا دېيىلگەن «ئىگلىك تىكلەش جەرياندىكى ئاددى، رايۇنىمىزغا ماس كېلدىغان تەجىربە ساۋاقلار»نى تۆكۈپ بولغاندىن كېيىن، «خەلىقئارالىق، دەبدەبىي، ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمان»لارنىمۇ كۆرگەن-بىلگىنىڭلارنى، كەچۈرمىشلىرىڭلارنىمۇ قوشۇپ تۆكۈپ قويساڭلار ئېسىل ئىش بولاتتى.

pigan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:09:28



ئۆنۈملۈك تەجرىبە .

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:27:45

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئاۋال ساقلىۋېلىپ ئالدىرىماي كۆرەي.

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:58:34

مۇشۇنداق تېمىلارنى ئەلا باھالىماسلىقىڭىزغا يەنە باھانىڭىز بارمۇ ؟ \"\"

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:27:34

پۇل تاپماق بەك تەس بوپ كىتىپ بارىدۇ دىسە

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 15:34:52

بۇ ماقالە ئەمەلىي قوللىنىشچان، پايدىلىنىش قىممىتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تېرىكچىلىك يولىغا تەرەددۈتلىنىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن ئوبدان ئۆرنەك بولغۇدەك! باشقىلارنىڭ تىجارەت دەستۇرى، مۇۋەپىقىيەت قازىنىش دەستۇرى، بەش يۇلتۇزلۇق شەخىسلەردىن بولۇڭ دېگەندەك بىزنىڭ قىممەت قارشىمىز، ئەمەلىي شارائىتىمىزدىن تولىمۇ يىراق بولغان كىتابلاردىن كۆرە مۇشۇ تېما ئۇسلۇبىدا كىتابلار يېزىلسا بولاتتى!!



تېمىنى ئەلا باھالىۋەتتىم.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 16:13:45

يۇقىرىدىكى يولداش ئوبدان پىكىر قىلىپتۇ. قوشۇلىمەن.  {:92:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 17:40:01

خۇدايىم بەرىكەت بەرسۇن! يازغانلىرىڭىزدىن سىزنىڭ سالاپىتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىكەن. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن سىز بايان قىلغاندەك ئۆزگەئىشەنچ ۋە سالاپەت بەك مۇھىمكەن. ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئالاقە قائىدىسى ئومۇمەن ئېيتقاندا ئوخشاش بولىدىكەن، باشقىچە سۈر ۋە سالاپەت ھازىرلىغان بولىدىكەن. خوش خوش دەيدىغان، كۆڭۈلچەك، مۇرەسسەچى ۋە بەك ئاددى-ساددا، كەمتەر بولىۋالغانلار ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ ئەۋارە بولمىسا بولىدىكەن. ھاكاۋۇرلۇق باشقا، لىكىن زىيادە كەمتەرلىك ۋە باشقىلارنى چوڭ بىلىۋېلىش سودا ئالاقىسىدە سىزگە زىيان قىلىشى مۇمكىن.

سودا ساھەسىدىكى ئومۇمى قائىدىنى ئاز تولا ئۆگەنگەندىن سىرىت سىزمۇ قوشوپ قويغنىڭىزدىن سۆيۈندۈمكى، ساب نىيەت، سەمىمى، ئادىل بولسىلا بەرىكەت تاپىدۇ. قويمىچىلىق ۋە ئاچكۆزلۈك نىيىتىدە باشلىغان تىجارەت ھەرگىز ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

مېنىڭ نەزىرىمدە ئىگىلىك تىكلەش يالغۇز پۇل تېپىپ، تۇرمۇش قامداشلا بولۇپ قالماسلىقى كىرەك...

ئىشقىلىپ يازمىدىن ئاجايىپ سۆيۈندۈم، ئەلا!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 17:47:19

مېنىڭچە تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز قانداق بولار؟

باشقىلارنىڭمۇ ئۆز تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 18:24:44

7- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدىكى يولداش ئوبدان پىكىر قىلىپتۇ. قوشۇلىمەن. \"\"

\"\"

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 19:02:13

ساقلىۋالاي.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 19:50:01

بىز كۆرگەن كىتاپلاردىكى،مەكتەپلەردىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ ھىكايىللىرى ئەمىلى تىجارەتتە 10% رولى بولىدىكەن.

مەنمۇ تەجىرىبەمنى سۆزلەپ باقاي

1- شاڭگاڭلىق ئاتاقلىق كارخانىچى خاۋخەيدوڭنىڭ ‹مەن بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنى زىيان تارىتقۇز مايمەن› دىگەن بۇ گىپى مەڭگۈ ئىسىڭىز دە بولسۇن.

2-كامىل مۇسۇلمان بولۇپ پەرىزلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ مېڭىڭ . بۇ ئارقىلىق روھىڭىز پاك تۇرىدۇ،باشقىلارمۇ سىزگە ئىشىنىدۇ.

3-نىسىنى ئىمكەن بار قىلماڭ، تىجارەتچىلىكتە قىلمايمۇ ئامال بولماي قالىدۇ بەزى، لىكىن 30 مىڭدىن ئاشۇرىۋەتمەڭ پايدىسى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ(مەن 180  مىڭنى يولداشتىن 1يىل بولدى ئالالماي يۈرۈيمەن مانا بۇ مەندىكى تەجىربە سىزلىك)

4-پايدىسى ئالاھىدە كۆپ مۇئامىلىدىن گۇمان قىلىڭ ياكى قىلماڭ بۇ مۇئامىلىنى.چۈنكى بۇ سودىدا قىلتاق بار.

5-سىزنى ئوڭدا قويالايدىغانلار سىز ئىشەنمەيدىغانلار بولماستىن سىز ئەڭ ئىشىنىدىغان كىشىلەر.

6-قەتئىي كۆڭۈلچەكلىك قىلماڭ.


7- باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە كەڭ قورساق ئىكەنلىكىڭىزنى،ھەممە ئىشنى توغرا چۈشۈنۈش تەرەپتارى ئىكەنلىكىڭىزنى ،سىياسەتتىن ئاغرىنماي دىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ۋە ھىس قىلدۇرۇڭ،زىددىيەتلىك مەسىلىلەردىن پاراڭ قىلىپ قالسا كۈلۈپلا قويۇڭ ياكى ئۇنداق مەسىلىلەرگە قىزىقمايدىغاندەك گەپلەرنى قىلىپ قويۇڭ ھەرگىزمۇ مىللى غۇرۇرم كۈچلۈك دەپ مىللى غۇرۇرىڭىزنى دوڭغايتىۋالماڭ،چۈنكى سىز سودىگەر ،مەقسەت ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئىلىش خالاس.


8 سىرداش زاكا دوستىڭىزدىن باشقىلار بىلەن قەتئى سىياسى توغرۇسىدا پاراڭلاشماڭ ياكى پىكىر قىلماڭ.


9-ئاتىلارنىڭ <يالغانچىنىڭ رىسقى كەم بولىدۇ> دىگەن ھىكمىتىنىڭ سىرىنى سودا مەيدانىدا كۆرىسىز.


10-سودا خاتىرىسىنى مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن چوقۇم خاتىرىلەپ مېڭىڭ.


11-قەرىز ھۆججىتى يازدۇرغاندا ،مۆھلەتتىن ئىشىپ كەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بانكا قەرىز ئۆسىمىنىڭ 4 ھەسسىسى بويچە تۆلەيمەن دەپ يازدۇرۇڭ ۋە بارمىقىنى باستۇرۇڭ.(ئەمىلىيەتتە ئۆسۈم پۇلىنى ئىشلىتىشتىن ساقلانغايسىز ،پەقەت بۇ بىر ۋاستە بولسۇن)


12- توخۇ دان چوقىغاندەك جەينامازغا ئۈسسۈپ يۈرىيدىغان،ئاغزى شەرىئەتتىن چۈشمەيدىغانلار غىمۇ ئىچىڭىزدە ئۇنىڭ ئىشەنىچلىكىگە گۇمان بىلەن قاراڭ ياكى بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەڭ.


بۇ مەندىكى تەجىربە ۋە پىرىنسىپ

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 09:29:54

بۇ ماقالىنى ژۇرنالغا ئىشلەتسەك بۇلامدۇ يا؟ چوڭ خەتلىك Caps لوك قۇلپا ...

Capslock يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 10:28:22

13- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ماقالىنى ژۇرنالغا ئىشلەتسەك بۇلامدۇ يا؟ چوڭ خەتلىك Caps لوك قۇلپا ...



بولىدۇ، قانچە كۆپ ئادەم پايدىنىلاىسا شۇنچە ياخشى ، ئېلخەت مەنزىلىنى قالدۇرسىڭىز ۋورد تىكى نۇىسخىسىنى ئەۋەتىپ بېرەي

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 10:33:24

ماقۇل رەھمەت جۇمۇڭ !



nurulla@outlook.com

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 10:36:13

ئۇنى دەيمىز - بۇنى دەيمىز ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى دىگەن ئىككى توملۇق كىتاپنى ئۇقۇغاندۇرمەن .... ( دۇنيادا شۇندا نام قازانغان كىتىپتىمىش )



ماۋۇ ئاددىلىقتىن مۈرەككەپلىك كەپ چىقىدۇ ... دىگەندەك ، ماۋۇ ئاددى ئەمما ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى گەپلەركەن ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 12:35:56

مەبلەغ بولسا بوشلۇقلارمۇ خېلى كۆپكەن، لىكىن مەلۇم تۈردە يېڭىچە پىلان ۋە ئويىڭىز بولسا مەبلەغنىمۇ جۇغلىغىلى بولىشى مۇمكىن.

شەخسىي ئىگىلىك تۈرلىرىدىن رايۇنىمىزغا ماس كىلىدىغانلىرىنى ساناپ باقمايلىمۇ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 17:07:46

مەن ساقلىۋالدىم.

armanjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 18:25:36

بەك ئېسىل تىما بۇلۇپتۇ ......ئەسلى پۇل تاپماق ئۇنچە مۇ تەس ئەمەس، شۇ يولىنى تاپماق تەس.

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن يولنى چىڭ تۇتساقلا پۇل دىگەن تولا..
بەت: [1] 2
: ئىگىلىك تىكلەش توغۇرسىدا تەجىربە ئالماشتۇرمامدۇق باللا