GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 19:46:25

سىڭلىمىز ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى

ئالدىنقى تېمىدا ئەيساجاننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن، ياخشى كۆڭۈللۈك قېرىنداشلرىمىزنىڭ كۈچىشى نەتىجىسىدە ئوقۇشتىن چېكىنىش گىردابىدىكى بىر سىڭلىمىز ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان بولدى. شەنبە كۈنى بىرقانچە دوستىمىز بىلەن بىللە قىزچاق بىلەن كۆرۈشتۇق، بىرەر قۇر ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 4000 سومنى، بۇ ئايلىق تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن 500 سومنى قولىغا تۇتقۇزدۇق. يەنە ئاشقان 1000 سومدىن جىقراق پۇلنى كېيىنكى ئايلاردىكى تۇرمۇش پۇلىنى بېرىش ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇق. خۇدا خالىسا ئوقۇشى پۈتكىچە بولغان بىر يىلغىچە، بىر قانچە دوستىمىز بىرلىكتە ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى يىغىش قىلىدىغانغا كېلىشتۇق.  ھەر ئايدا 500 سوم بولسا مۇۋاپىق بولار دەپ ئويلىدۇق.


سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇپ قېلشنى ئۈمىد قىلىپ، ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭلىنى بىلدۈرگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمىتىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ياخشىلار ئامان بولغاي!


تورداشلارنى خەۋەرداش قىلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 21:57:12

بۇ قىزنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەمدە بولغان بارلىق تورداشلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ،بەك خۇشھال بولدۇم ،سىلەرگىمۇ رەھمەت گۇدلاكباي .....

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 22:19:02

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

ئەيساجان، گۇدلاك جاپا چەكتىڭلار!   ھەقىقىي مىللەتسۆيەر ئوغلان دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ \"\"





پ س:  بۈگۈن ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى بىر سوم پىلان كارتىسىغا ئۇرىۋەتتىم، ئىنشائاللاھ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 23:07:41

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈدلاك بولاپ كېتىڭلار ئىلاھىم!  {:92:}

hellolife يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 00:27:27

ئىئانىغۇ بەردۇق، ئوقۇپ قالغىنى ياخشى بوپتۇ. ئوقۇشسىز بالىلارنى قايتۇرۇش ئىشىدا پۇل ئىئانە قىلىشتىن باشقا يەنە كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئويلىشىپ بېقىڭلار. مەسىلەن، دۆلەتنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پىلانى، ئوقۇش جەريانىدىكى قەرز پۇل ئىلتىماسى، ئوقۇش مۇكاپاتى.... دېگەندەك. مەن بۇلارنى تەپسىلىي بىلمەيمەن، ئەمما مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ئوقۇتقۇچىلار پۇقرالارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا باشقىچە قاراشتا ئىكەن، ئۇلارنىڭ بايانىچە، باشلانغۇچتىن تاكى ئالىي مەكتەپكىچە دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ياردەم پۇللىرى ھەددى- ھېسابسىز ئىكەن، ئەمما مەسىلە، ئۇنىڭ جايىغا تېگىش- تەگمەسلىكىدە.

ئۇندىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم بايلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ئۆشرە - زاكاتنى جايىغا بېرىشنى ئويلايدىكەن، ئەمما بەزىلىرى كىمنىڭ ھەقىقىي مۇھتاجلىقىنى بىلىپ كەتمەيمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىراۋ بېرىپ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ياردەمگە مۇھتاجلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بىراقلا كۆپ ياردەم قىلالايدىكەن، بۇلارنىڭ چوقۇم نامدارلار بولۇشى ناتايىن.

دېمەكچى، ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ كۆپ خىل يوللىرىنى ئاچقاندا تېخىمۇ زور ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن.

مەن ئەسلى شۈ جىيۇنىڭ ئىئانە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ھېساۋات قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي دېگەن، ئەمما ئۇنىڭ تور بېتى ئېچىلمىدى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 21:17:08

ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر بۇرادەرلەر ،كۈچ بىرلىكتە ،ئىش ئۆملۈكتە !



ھە راس ،.«ئەلا»نى بېسىۋەتكەيسىلەر ،بۇ تېما تۆرگە چىقىپ كۆپلەر كۆرسۇن ....

oghlan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 20:50:58

ھەرقانداق ئۇقۇغۇچى پەقەت تىرشىپ ياخشىلا ئوقۇيدىكەن ئۇ سىرىتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بوپ كەتمەيدۇ ،ھازىرغا قەدەر ھەرقانداق بىر ئالى مەكتەپتىن ياخشى ئوقۇپ تۇرۇپ پۇل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چىىكەنگەن ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقمىدىم ،شۇڭا پۇل يوق ئوقۇشتىن چىكىنمەكچى دىگەننىىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ .تىرشىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنى ھەم مەكتەپمۇ ئوقۇشتىن چىكىندۈرمەيدۇ ،

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 15:54:06

6- قەۋەتتىكى oghlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەرقانداق ئۇقۇغۇچى پەقەت تىرشىپ ياخشىلا ئوقۇيدىكەن ئۇ سىرىتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بوپ كەتمەيدۇ ،ھازىرغا قەدەر ھەرقانداق بىر ئالى مەكتەپتىن ياخشى ئوقۇپ تۇرۇپ پۇل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چىىكەنگەن ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقمىدىم ،شۇڭا پۇل يوق ئوقۇشتىن چىكىنمەكچى دىگەننىىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ .تىرشىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنى ھەم مەكتەپمۇ ئوقۇشتىن چىكىندۈرمەيدۇ ،



پۇل سەۋەپلىك ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيالمىغان ھەتتا ئۇقۇشتىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن چىكىنگەن ئۇقۇغۇچىنى مەن كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى دېھقان ئىدى، بەزىللىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا دادىسى قازا قىلغان. . .  ھەممىگە بىر تەرەپلىمە قارىساق توغرا بولماس.


بىر قىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ خاتىرجەم ئۇقۇشىغا ياردەمدە بولغان بارلىق تورداشلارغا ئاللاھ رەھمەتلەر قىلسۇن.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 14:17:20

wapadarim912غا ئوخشاش ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقان يىگىتلەردىن يەنە بىرسىgoodluck دىگەن بالىغىمۇ رەھمەت!مەن ياردەم قىلىشتا كېچىكىپ قاپتىمەن ،شۇنداق بولسىمۇ قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن ئازىراق ياردەم قىلاي دەيمەنgoodluck مەن ئۈرۈمچىگە بارماقچىتىم سىزبىلەن كۆرۈشۈپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈۋالسام دەيمەن.قانداق ئالاقىلىشىمەن؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 16:45:52

ئۈرۈمچىگە ئەتە ماڭىمەن خۇدا بۇيرىسا .
بەت: [1]
: سىڭلىمىز ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى