Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 16:39:21

«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن كىتابنى كىم ئوقۇپ بولدى؟

«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن كىتابنى كىم ئوقۇپ بولدى؟



ھۆرمەتلىك
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېڭىدىن ۋە قايتىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى
ئىچىدىن «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن كىتابىنى، گەرچە بەك قېلىن يېزىلمىغان بۇ كىتابنىڭ
باھاسى قوينىڭ بىر كىلوگىرام گۆشىدىن قىممەترەك چىققان بولسىمۇ، ئوقۇي دەپ
ئويلىغانتىم. چۈنكى، زىيارەت ياكى ئىلمىي زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ئىسمى مىنى ئۆزىگە
بەكلا رام قىلىۋالدى. تۆنۈگۈن مەن تۇرۇۋاتقان يەردىكى بىر كىتابخانىغا كېرسەم،
بىرەيلەن: تۆنۈگۈن كەچتە بىر رېستورانغا بارغان ئىدىم. ئۇ يەردە تۆت-بەش زىيالىي
بىر ئۈستەلگە كەپ قاپتىمىز. شۇلارنىڭ ئىچىدە «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن كىتابنىڭ
گىپى بەك جىق بولدى. ئۇلار مىنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە ئۇ كىتابنى ئوقۇپ
باقمىغانلىقىمنى بىلىپ: «مۇشۇ كىتابنى ئوقۇمىغان بولساڭ، سېنى زىيالىي دېگىلى
بولمايدىكەن» دەپ تەنبىھ بەردى. شۇڭا، مۇشۇ ئەتتىگەندە ئۇ كىتابنى ئالاي دەپ
كەلگەنتىم،-دەپ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىتابپۇرۇشقا مىنىڭمۇ بىرنى
سېتىۋالىدىغانلىقىمنى ئېيتسام: ئاپلا، بۇ كىتاب تۆگەپ كەتتى،-دەيدۇ. ئۇ يەردىن
چىقىپ بۇ يەردىكى ئۈچچە پۇخراۋىي كىتابخانىلارغا كېرىپ تاپالمىدىم. ھەممىسىنىڭ
جاۋابى بىرخىللا: بۇ كىتاب بەك بازارلىق بولۇپ كەتتى، ئەكەلسەك، كەپ بولغۇچە تۆگەپ
كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئاممىۋىي قاتناش ئۇدۇل بېرىپ كەتمەيدىغان، قولايسىزراق
يېرىگە جايلاشقان شىنخۇا كىتابخانىسىدىنغۇ چىقار دەپ ئۇ يەرگە بارسام، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا:
«ئاپلا». شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە بۇ كىتابقا ئېگە بولالماي چالا «زىيالىي» بۇلۇپ
قالدىم. ئەڭ يامان بولغان يېرى،  بۇ
يەردىكى كىتابپۇرۇشلاردىن كىتابنى قاچان ئەكىلىدىغانلىقىنى سورىسام: بىلمەيمىز،
پات يېقىندا ئەكىلىمىز،-دېگەن مۇجمەل جاۋابلا بولدى. شۇڭا، تىت-تىت بولۇپ، بۇ
تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.


سىلەرچە
بۇ كىتاب قانداراق يېزىلىپتۇ؟ يېڭىچە ئىدىيەدىن نېمىلەر بار ئىكەن؟ مەۋجۇتلۇق
تەشنالىقىمىزنى قانداق قاندۇرۇدىكەنمىز؟


كىتابنى
ئوقۇپ تۆگەتكەنلەر ئۆز پىكىرلىرىڭلارنى بىر قۇر ئوتتۇرىغا تاشلاپ تۇرساڭلار.
بىزدەك كىتابنى سېتىۋالىمىز دەپ پۇل كۆتۈرۈپ بېرىپمۇ تېخىچە ئالالماي، ئوقۇش
تەشنالىقىدا قالغانلارغا تەسىراتىڭلار ئاز تۇلا مەلھەم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 17:21:58

مەن كىتابنى ئوقۇماي تۇرۇپلا دىسەم،مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تەشنالىقى بويىچە بىر تۇرلۇك ھس قىلىدۇ،مىللەت نۇقتىسىدىن پىكىر قىلىدىغانلار ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ بايان قىلىشى ئىنىق.

خۇسۇسەن مىنىڭ تەشنالىقىم؛ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ ياراملىق بالا بېقىش.

كۆزىتىشمچە مىللەتنىڭ تەشنالىقى بولسا:قانۇننىڭ توغرا ئىجرا بولۇشى ،مائارىپنىڭ ساغلام بولۇشى،دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ يۇرگۇزۇلۇشى،ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بولۇشى ،ھەر ئايلىق مۇئاشى ئۆي چىقىمغا يەتكەن بولۇشى،يەنى ئېقتسادى پۇرسەتلەردىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى قاتارلىقلار مەۋجۇتلۇقنىڭ تەشنالىقىدۇر.

ئەگەر مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ تەشنالىقى ھەققىدە توختالغان ھەر قانداق ئەسەردە مۇشۇنداق نەق گەپلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە بولماي ،ئۆزىنىڭ ھاياجىنى،تەسەۋۇرى بىلەن گەپ ساتىدىكەن،مىللى مەدەنىيەت ،ئەدەبىيات ،شئىرانە تۇيغۇ ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن توختىلىدىكەن،ئۇ ئەسەر يەنىلا شۇ ئاتام ئىيتقان بايىقى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 17:50:29

ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ كىتابخانىلارنى ئارىلاپ قويىمەن، ئوقۇغۇدەك، ساقلاپ قويغۇدەك قىممىتى بار ئىكەن دەپ قارىغان كىتابلار بولسا ئالىمەن. لىكىن تېرىكچىلىك غېمىدە بىر-ئىككى يىل بولدى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹باياۋاننىڭ سىرى›› دىن باشقا بىرەر كىتابنى تۈگۈتۈپ ئوقۇپ باقماپتىمەن. باياۋاننىڭ سىرىدا ئەختەم ئۆمەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن شۇنداق ھوزۇرلىنىپ كەتتىممىكىن 2 قېتىم تەكرار ئوقۇۋېتىپتىمەن. ‹‹يىگانە ئارال›› نىمۇ 2 قېتىم ئوقۇپتىكەنمەن. ‹‹ئانا يۇرت››، ‹‹ئىز››، ‹‹ئويغانغان زېمىن›› قاتارلىق رومانلارنى ئۈچ قېتىم ئوقۇپتىمەن. ئۇندىن باشقا رومان ئېتى بار كىتابلارنى بىر قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇپ باقماپتىمەن. ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئېمىن، ئىسلامجان شىرىپلارنىڭ كىتابلىرىنى بەك ئوقۇيتتۇم بىر زامانلاردا .  ھازىر ئوقۇيدىغىنىم كۆپۈنچە كەسپىي كىتاب-ژورناللار.


يېقىنقى 2-3 يىل مابەينىدە كىتاب ئىلىپ يېغىپ قويىۋاتىمەن.  باھادىرنامە، جاللات خىنىم، مەن كەچكەن كېچىكلەر، ئىسلامغا لىللا باھا بىرەيلى، كۈندە بىر پەلسەپە، تۆت خەلىپە، ھەزىرتى ئائىشە، مەمەت ئاۋاق، كەلىلە دېمىنە، مېنىڭ ئىسمىم قىزىل، يېڭى ھايات، كابۇللۇق كىتابپۇرۇش، سەمەرقەنت، شىرىن بۇلاق، ياخشىلار باغچىسى، ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى، ۋە باشقا خارۋارد تالانتلىقلىرى دېگەندەك تالانت ۋە پەرزەنت تەربىيلەشكە مۇناسىۋەتلىك 8-10 كىتاب، ئاياللار ئوقۇشلۇقلىرى، پىسخىكا ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك 10-15، ئوزۇقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك 15-20 پارچىدەك كىتابلارنى ئىلىپ تاشلاپ قويۇپتىمەن. ‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى›› نىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدا ئىلان قىلىنىپ بولۇنغان كونا ماقالىلىرى بولسا كېرەك دەپ ئالماپتىكەن. ئۆتكەن ھەپتە قارىسام مەن ئوقۇمىغان مەزمۇنلار باردەك تۇردى، ئۇنىمۇ ئىلىپ تاشلاپ قويدۇم. زۇلپىقارنىڭ ئىككى پارچە كىتاۋىنى ئىلىپ قارىسام بىرسى ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن ئىلان قىلىنىپ بولۇنغان ماقالىلەردەك تۇردى. يەنە بىرسى جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە يېزىلغاندەك تۇردۇ. قارىسام چەتئەللىكلەرنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە يېزىلغان كىتابلىرىدىن يۇلۇپ ئىلىنغان ئۈزۈندىلەر بەك كۆپ سەل ئىچىم پۇشۇپ قالدى. توردا ئابدۇرەشىت جەلىل قارلۇقنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تەدبىقلىنىشى دېگەن لىكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كاللامدا جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە چۈشەنچە خىلى ئايدىڭلىشىپ قىزىقىش بولدى. ئەمدى شۇ ئۆزباشنىڭ ‹‹جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ›› دېگەن كىتاۋىنى چىداپ تۇرۇپ بىر ئوقايمىكى دەپ قالدىم. دېمىسىمۇ بىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە تۈزۈكرەك كىتابمۇ يوقتەك.

..................................................................................................



ئىلگىرى قۇرۇق ھاياجان كەبى كىتابلارنى كۆپ ئوقۇپ ئانچە-مۇنچە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بولساممۇ ھاياتلىقتا ئەسقاتقۇدەك بىرەر نەپكە ئىرىشەلمەپتىكەنمەن. كىيىن داۋۇت ئوبۇلقاسىم يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان كىتاب ماتىرياللارنى بىرەر قۇر ئوقۇپ ئۈگەنگەندىن كىيىن سەل ئۆزۈمگە كەلگەن ئىدىم. داۋۇت ئوبۇلقاسىم چوڭ ھەجىمدىكى ماقالىسىدىن : نېمە قىلىش كېرەك؟!!!، تەرجىمە ئەسەرلەردىن <<سوفىيەنىڭ دۇنياسى>>، <<ئەرەپ تېلىدا يېزىلغان پەلسەپە>>، <<ھەييە بىننى يەقزان ھەققىدە قىسسە>> قاتارلىق كىتابلارنى تەكرار - تەكرار ئوقۇپ كۆپ بەھرى ئالغان ئىكەنمەن.


دىنىي كىتابلاردىن مۇھەممەد سالىھ دامۇللا تەرجىمە قىلغان << مۇھەممەد ئەلەيھېسسالامنىڭ تەرجىمىھالى>> مەن ئەڭ كۆپ ئوقىغان كىتاب ئىكەن. ئىسلام تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك پاكىستانلىق تارىخچى سەئىد فەيياز مەھمۇدنىڭ ئىككى قىسىملىق <<ئىسلام قىسقىچە تارىخى>> دېگەن كىتاۋىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىملا خاتالىقى، ئاتالغۇلاردىكى قالايمىقانلىقلار، مەزمۇنلىرىنىڭ چىچىلاڭغۇلىقى دېگەندەك بىر پاتمان ئەيىپ-نۇقسانلىرى بىلەن ئىچىمنى پۇشۇرغان كىتابنىڭ بىرسى بولدى. ئۆتكەندە فەتىھ 1437 دېگەن كىنونى كۆرۈپ <<ئىسلام تارىخى>> دىن مەھمەدخان ۋە ئىستانبۇلنىڭ فەتىھ قىلىنىشى ھەققىدە ئىزدەپ ئوقۇپ باقاي دېسەم تۇتامغا چىققۇدەك بىر گەپ يوق ، مۇھەممەتخاننىڭ ئوسمانلىيلارنىڭ قانچىنجى ۋارىسى ئىكەنلىكى، قىرىندىشى بىلەن بولغان تەخىت تالىشىش كۆرىشى ھەققىدە بىر-ئىككى بەت بىلەنلا تۈگەپ قالدى. ئىسلام تارىخىدىكى شۇنچە مەشھۇر بولغان ئىستانبۇلنىڭ  فەتىھ غەلبىسى ھەققىدە ھېچنىمە يوق. ئۇيغۇر تېلىدا نەشىر ئېتىلگەن ئىسلام تارىخىنى تولۇقراق بايان قىلىپ بىرىدىغان بىرەر كىتاب يوق ئىكەن. .... نادىر كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم تىل چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، تۈركچە كىتابلارنى ئوقۇساق بولغۇدەك.


شۇنى ئىتراپ قىلمىساق بولمايدۇكى ئۇيغۇر كىتابچىلىقىدا پايدىلىنىش قىممىتى يوق دېيەرلىك ئەخلەت كىتابلار، ئازىراقلا ئۆزگەرتىپ تەكرار ئىشلەنگەن كىتابلار، گىزىتلەردىن كېسىپ تۈپلەنگەن كىتابلار بەك كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ كېتىپتۇ. بۇمۇ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىۋېتىدىغان ئامىللارمىكىن دەپ قالدىم.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 18:07:59

بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقماپتىمەن. تارىخ يېزىلغان كىتاپلارنى قىزىقىپ ئوقۇيمەن.

@imkan قېرىندىشىم، سىز بار بولسىڭىز بىر ئۇچۇر قىلسىڭىز بوپتىكەن. ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن، بەك جىق ئىشلار يۈز بىرىپ كىتىپ سىز بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلشالمىدىم.

hurxidi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 18:50:59

ماڭا بايا كىتابخانىدا شۇ كىتاب ئۇچراپ قالغان ئىدى، لېكىن ئالمىدىم.

ئىلىكتىرون سارىيى يېنىدا، 6- ئوتتۇرا ئۇدۇلىدا بىر كىتاپخانا باركەن، ماڭا شۇ يەردە ئۇچرىدى.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 18:54:38


1- قەۋەتتىكى meryemgulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن كىتابنى ئوقۇماي تۇرۇپلا دىسەم،مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تەشنالىقى بويىچە بىر تۇرلۇك ھس قىلىدۇ،مىللەت نۇقتىسىدىن پىكىر قىلىدىغانلار ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ بايان قىلىشى ئىنىق.......


مىنىڭ كىتاپ ئوقۇش بىلەن خوشى يوق بىر بۇرادىرىم بار كۆپىنچە كىتاپ،ماقالىلارنىڭ تىمىسىنى كۆرسىلا مەزمۇنىنى پەرەز بىلەن سۆزلىۋىتىپلا گىدىيىپ ماڭا قاراپ قويىدىغان.


Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 19:07:09

ئالغا ئەپەندىم،مەن ئۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم،بوپ قويدىكەن،مەن كىتابخانىدا سېتىۋىلىپ،ئوقۇشنى بىر باشلاپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن 4كۈندە ئوقۇپ تۈگەتتىم،ئۇ كىتابتا ئۇششاق ئىشلارمۇ سەل كۆپ يېزىلىپ قاپتۇ،ئۆزلۈك ۋە كىملىك دېگەن كىتابقا قارىغاندا جەلپ قىلىش كۈچى سەل تۆۋەندەك تۇيۇلدى،كىتابنى چۈشىنىپ ئوقۇمىسا،بەزى بايانلارنى تازا تېز ھەزىم قىپ بولغىلى بولمايدىكەن.

مەن كىتابتىكى بەزى بايانلارنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قوياي،كىتابنىڭ نېمە ئۈچۈن تېز سېتىلىپ كەتكىنىنى ئۆزەڭلەر ھېس قىلىپ كېتەلەيسىلەر:



يېڭىدىن نەشىردىن چىققان <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابتىن ئۈزۈندىلەر:

-ئۇيغۇر جەمىيتى ئۆزى توغرىسىدىكى ئېنىق چۈشەنچىنى تېخىچە ھاسىل قىلىپ بولالمىدى،ئۆزى ۋە ئۆزگە ھەققىدە روشەن قاراشلارغا ئىگە ئەمەس.خەلقنى يېتەگلىگۈدەك زىيالىيلار قۇشۇنىمىز ئاجىز.

-بىلىشىمچە سىلەردە زىيالىيلار ئاز ئەمەس،-دېدى ئېدمۇند جاۋابەن.

-راست دەيسىز،-دېدىم مەن-زىيالىيلار يوق ئەمەس،لېكىن،كۆپمۇ ئەمەس.مۇشۇ زىيالىيلار ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىشىنى ئۆگىنىپ بولالمىدى.بىرى يەنە بىرىنىڭ يېتەكلىشىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.

-ۋاھ،ئىشىڭلار تولىمۇ كاج ئىكەن،-دېدى ئېدمۇند.

65-66-بەتلەر.



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە:

ئېرقچىلىق قانۇن،ئەدلىيە،ئىقتىساد،مەدەنىيەت،سەھىيە ۋە تەنتەربىيە ،نۇپۇس قاتارلىق ساھالەر بويىنچە بىر ئېرقنىڭ يەنە بىر ئېرققا يۈرگۈزگەن بوزەك قىلىش سىياسىتىدۇر.بۇخىل سىياسەت بارغانسىرى تەرەقىي قىلىپ،مەدەنىيەت تۈسىنى ئالدى ۋە <<يېڭى ئېرقچىلىق>>دەپ ئاتالدى.بۇنىڭدا بىر مىللەتنىڭ <<دۆت>>ياكى <<ئەقىللىق>>بولۇشى كۆپ سانلىقنىڭ مەدەنىيەت ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆلچەم قىلىپ ئايرىلىدۇ.كۆپ سانلىققا سىڭىپ كېتىشنى خالىمىغان مەدەنىيەت توپى پىلانلىق ھالدا چەتلەشتۈرىلىدۇ.

-شۇ كىتابنىڭ 85-بېتىدىن ئېلىندى.



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە:

پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەقىي قىلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مىللەتچىلىك ياكى ئېرقچىلىق ئاخىرلىشىپ قالمايدۇ.بەلكى يېڭى تۈس ئالىدۇ.بۇنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە قارىساق ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز.بىر كەمسىتىلگۈچىنىڭ جىسمانىي ھالاۋىتى ئۇنىڭ ئەركىن ۋاقتىدىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.ئەمما،ئۇ باشقىلار <<تارتىۋالسا بولمايدىغان >>ھوقۇقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى قوغداپ قېلىشقا قادىر بولالماسلىقى مۇمكىن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەقىقىي ئىنسانلىق سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

مەزكۇر كىتابنىڭ 85-86-بەتلىرىدىن ئېلىندى.



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە:

بەزىلەر ئادەتتە <<ئاز سانلىق مىللەت>>دېگەن ئۇقۇمنى ناھايىتى ئاددىي چۈشىنىدۇ-دە،نوقۇل نوپۇس سانىدىكى مەسىلە دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئۇ ناھايىتى مۇرەككەپ ئۇقۇم.جەمىيەتشۇناس داۋىد پوپېنو بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا<<ئاز سانلىق مىللەت دېگىنىمىز ئېرقىي،ئىجتىماھىي،مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان،كەمسىتىش ۋە بوزەك قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان كىشىلەر تۈركۈمىدۇر>>دەيدۇ.ئۇ يەنە <<ئاز سانلىق مىللەت >>بىلەن <<كۆپ سانلىق مىللەت >>نىڭ پەرقى سانىنىڭ ئاز -كۆپلىكىدە ئەمەس،بەلكى ھوقۇقنىڭ ئاز -كۆپلىكىدە دەپ ئىزاھلايدۇ.بەزى مىللەتلەر ئۆزى كۆپ سانلىق تۇرۇپ،باشقا يەرگە پاناھلىق ئىزدەپ كۆچۈپ بېرىش تۈپەيلى،بۆلۈنۈپ ئاز سانلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.مىسالەن،ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ بارغان بىنگاللىقلار ياكى تۈركەلەردەك.بەزى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يەرلىك مۇھىتىدا كۆپ بولسىمۇ،ئۇ يەرگە يەرلەشكەن كۆچمەنلەرنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالىدۇ.

-مەزكۇر كىتابنىڭ 86-بېتىدىن ئېلىندى.



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە:

سىلەر تەرەپتە ئادەملەر سەئىد قۇتۇپقا قانداق قارايدۇ؟

-ئادەملىرىمىز سەئىد قۇتۇپقا باھا بەرگۈدەك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس.كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئەمەس.

-ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ-دېدى خەۋەرجان.

خەۋەرجاننىڭ گېپىنىڭمۇ خېلى ئاساسى بار ئىدى.سەئىدىيە خاندانلىقىدىن كېيىن خەلق ھاياتىي دۇنياغا تۇنۇلغان پوزىتسىيەدە تامامەن تەركىدۇنيالىشىپ،ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن غەپلەتتە قالغانىدى.ئىجتىماھىي ۋە سىياسىي داۋالغۇشلار ئۈزۈكسىز ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلەر كىشىلەرنى بۇ دۇنيانىڭ ھالاۋىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ،ئاخىرى سائادىتىگە تەلمۈرىدىغان قىلىپ قويغانىدى.

-مەزمۇر كىتابنىڭ 65-بېتىدىن ئېلىىندى.





ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە:

مۇنداقچە ئېيتقاندا،جوڭگۇ غايەت زور ھوقۇق مەيدانى بولۇپ،بازار ۋە ئەقىدىلەر ئېغىر دەرىجىدە ھوقۇقلاشتۇرۇلغان.بۇنداق ئىزچىل تارىخ جوڭگۇلۇقلارنىڭ ھوقۇقىنى چوڭ بىلىش خارەكتىرىنى شەكىللەندۈرگەن.دېمەك،جوڭگۇلۇقلارنىڭ تەقدىرى جوڭگۇلۇقلارنىڭ خارەكتىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

نەتىجىدە،جوڭگۇلۇقلارنىڭ كىشىلىك خارەكتىرىدە ھوقۇققا ئائىت ئۆزگىچە ئامىللار شەكىللەنگەن:

مۇسىبەت ئامىللار:

1.ھوقۇق ئەسەبىيلىكى-پىرىنسىپ سۈرۈشتۈرمەي،ئىپادە سۈرۈشتۈرۈش،ھوقۇقى بارنىڭ گېپى يوللۇق بولۇش.

2.سۆز بىلەن ھەركىتى بىردەك بولماسلىق-دېگىنىنى قىلماسلىق،قىلغىنىنى دېمەسلىك،لى مىن ئەپەندى كۇڭزىچىلارنىڭ كىلاسىك دەستۇرى ھۆكۈمرانلارنىڭ يالغانچىلىقنىڭ قورالى بولۇپ كەلگەن دەيدۇ.

3.ئىدىيەنى بوغۇش،ھەسەت بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش-بۇ جەھەتتە سىچۈەنلىك لى زوڭۋو(1880-1943،李宗吾)ئۆلىمانىڭ مەملىكەت ئىچى -سىرتىدىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ،قايتا نەشىر قىلىنۋاتقان <<بەتنىيەتلىك تەلىماتى>>دېگەن ئەسىرىدىكى ئايرىم قۇرلارغا قاراپ باقساق كۇپايە.

-مەزكۇر كىتابنىڭ 117-118-بەتلىرىدىن ئېلىندى.



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <<مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى>>دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە:

-رايۇنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىجتىماھىي تەرەقىياتلار ۋە ئىنقىلابلارغا قارشى ھالدا ياڭ زېڭشىن يەرلىك خەلقلەرنى بېكىنمە،نادان،قالاق،تەپرىۋازلىققا تۇتۇشقا تىرىشقان.خەلقنى ئاڭ ئويغىتىشقا ئېلىپ باردىغان مەكتەپ،مەتبۇئات دېگەنلەر ئوخشاش نەرسىلەرنى قاتتىق چەكلىگەن.مىنىڭچە،سىز ئېيتقان تەشنالىق مانا مۇشۇنداق رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى-دېدىم مەن ئېدمۇندقا.

-شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى زورۇڭتاڭ دەۋرىدىن شەكىللىنىشكە باشلاپ،ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە خېلى پىشقان،-دېدى ئېدمۇند-ئۇ ھەر قايسى ئېتنىك قوۋملارنى بىر-بىرىگە ،مۇتەئىسىپ ئۆلىمالارنى جەدىدلەر(ئىسلاھاتچىلار)غا،يەرلىك بەگلەرنى ئۆز خەلقىگە قارشى قىلىپ قويغان.مانا بۇ سىياسەت ئىقلىمىدىكى <<بۆلۈپ باشقۇرۇش>>تاكتىكىسىنىڭ يەرلىك تۈستە سىستېمىلىشىشى.

-شۇنداق،-دېدىم مەن ئېدمۇنقا.نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا خىيالغا غەرق بولدۇم.

-مەزكۇر كىتابنىڭ 217-بېتىدىن ئېلىندى.



پەمىمچە،كىتابتا ئۇششاق بايانلار سەل كۆپ ،مەن يۇقۇردا تىلغا ئالغان مېغىزى 2-3بەتتە بىر ئۇچراپ تۇردىكەن،ئۇ كىتابنىڭ مېغىزى مەن مىسال كەلتۈرۈپ قويغان يۇقۇرقى ئابزاسلاردا بار.مۇشۇنداق مېغىزلىق يېرىنى تېپىپ،چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ،مۇلاھىزە قىلىپ ئوقۇسا،بۇ كىتابنىڭ قىممىتى بولىدۇ.بولمىسا،بۇ كىتابنى ھەزىم قىلىش تەس جۇمۇ...

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 19:18:35

شۇ بىر قارار بازارغا سېلىنغان كىتاپلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «داغمۇ ياكى زىناقمۇ»«ئىنسانى سۈپەت مەنزىلى»«يۈزىمىز،ئۈزىمىز ۋى كۆزىمىز»«قىشتىكى خامان»نى يالقۇن رۇزىنىڭ «لاي قەلئەنىڭ سىرى»«مەن نىمىشقا ئوبزۇر يازىمەن»دىگەن كىتاپلارنى ئالدىم.ئەمما «تىمىدا تىلغا ئېلىنغان »مەۋجۇدىيەت تەشنالىقى«دىگىنى تۈگەپ كىتىپتىكەن.كىيىن ئەكىلىمىز دىگەن كىتابخانىغا كىرەلمىدىم.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 19:20:14


1- قەۋەتتىكى meryemgulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن كىتابنى ئوقۇماي تۇرۇپلا دىسەم،مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تەشنالىقى بويىچە بىر تۇرلۇك ھس قىلىدۇ،مىللەت نۇقتىسىدىن پىكىر قىلىدىغانلار ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ بايان قىلىشى ئىنىق.

خۇسۇسەن مىنىڭ تەشنالىقىم؛ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ ياراملىق بالا بېقىش.

كۆزىتىشمچە مىللەتنىڭ تەشنالىقى بولسا:قانۇننىڭ توغرا ئىجرا بولۇشى ،مائارىپنىڭ ساغلام بولۇشى،دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ يۇرگۇزۇلۇشى،ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بولۇشى ،ھەر ئايلىق مۇئاشى ئۆي چىقىمغا يەتكەن بولۇشى،يەنى ئېقتسادى پۇرسەتلەردىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى قاتارلىقلار مەۋجۇتلۇقنىڭ تەشنالىقىدۇر.

ئەگەر مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ تەشنالىقى ھەققىدە توختالغان ھەر قانداق ئەسەردە مۇشۇنداق نەق گەپلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە بولماي ،ئۆزىنىڭ ھاياجىنى،تەسەۋۇرى بىلەن گەپ ساتىدىكەن،مىللى مەدەنىيەت ،ئەدەبىيات ،شئىرانە تۇيغۇ ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن توختىلىدىكەن،ئۇ ئەسەر يەنىلا شۇ ئاتام ئىيتقان بايىقى.


ھەممە ئادەم سىزدەك بولسا يازغۇچىلار كىتاپ يېزىپ يۈرمىسىمۇ بۇلۇركەن ئەسلى.




albeini يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 19:22:15

مىنى مۇ بىر ئۇقۇپ باققۇم بار مۇشۇ كىتاپنى

salapat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 20:05:35

ئالدىنقى كۈنىلا ‹‹ داغمۇ ياكى زىناقمۇ ›› دىگەن كىتابىنى ‹‹ شېرىن بۇلاق ›› دىگەن كىتاب بىلەن بىرگە سېتىۋالدىم .

ئوقۇۋاتقان كىتاب بولغاچقا بۇ يېڭى كىتابلارنى تېخى ۋاراقلىمىدىم.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 20:42:42

بەك تاپالمىساڭلار مۇئەللىم شىركىتىنىڭ ھەرقايسى تارماق دۇكانلىرىغا بارساڭلار تاپالايسىلەر

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 20:46:30

شېرىن بۇلاقنى نەدىن تاپقىلى بۇلدىكەن ، ئاشۇ كىتاپنى بىر ساقلاپ قۇياي دەپتىم . ئاقسۇ تەرەپلەردىن تاپقىلى بۇلارمۇ ؟

crows_zero يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 20:50:23

دوستلۇق خەلقارا كىتاب شەھەرچىسىدە باركەنغۇ ،بىرمۇنچە تۇرىدۇ.

شىرىن بۇلاق دىگەن كىتابنى تاپالمىدىم ،دۆڭكۈۋرۈك تەرەپلەردە بارمىدۇ!

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 21:03:01

ئوقۇپ باقسا بولىدىغان كىتابكەن،مارشال ئۇكامنىڭ ئۇچۇرىغا رەھمەت.

tesnim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 21:42:47

13- قەۋەتتىكى crows_zeroنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دوستلۇق خەلقارا كىتاب شەھەرچىسىدە باركەنغۇ ،بىرمۇنچە تۇرىدۇ.

شىرىن بۇلاق دىگەن كىتابنى تاپالمىدىم ،دۆڭكۈۋرۈك تەرەپلەردە بارمىدۇ!

ئىككى كۈن ئاۋال خەلىقئارا چوڭ بازار دوقمۇشىدىكى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدىكى كىتاب دوكىنىدىن، شېرىن بۇلاقتىن ئىككىنى سېتىۋالدىم. بەك ئىسىل بېسىلىپتۇ لىكىن. كىتاب توم بولغان بىلەن بەك يىنىك. سۈپىتىمۇ بەك ياخشىكەن. 75 دەپ باھا قويۇپ 65 تىن بەردى. ۋاقىدا تۇتۇش قىلمىسا، ئازدىن كېيىن باھانى ئۆستۈرۈپ بىر يەرگە ئاپىرىدىغان چىراي.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 21:59:15

لىكىن كىتابنىڭ ئىسمىدىنلا نۇرغۇن مەنا چىقدىكەن ،،،،،،جۇما

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 21:59:25

لىكىن كىتابنىڭ ئىسمىدىنلا نۇرغۇن مەنا چىقدىكەن ،،،،،،جۇما

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 08:39:43

قارىسام باشقا كىتابلىرى كونا ماقالىلىرىدىن تۈزۈلگنىكەن ، كىتابخانا ئىگىسى ماۋۇ كىتاب تېز سېتىلىۋاتىدۇ ئېپ قويۇڭ دېگەنتى بىرنى ئېپقويغان ، قارىسام ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا بېرىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ھەم شۇ ئوقۇش جەريانىدىكى ھېس تۇيغۇلار ، ئانچە مۇنچە زىيارەت خاتىرىسىدىن تۈزۈلگەن كىتاب ئىكەن ، 100 بەتتەك ئوقۇپ بولۇپ ئىشلىرىم ئالدىراش بوپكېتىپ تاشلىنىپ قالدى  \"\"

surgundi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 09:01:11

ئوقۇدۇم، سەمىميەتسىزلىك بىلەن يېزىلغان ھېسسىي بايانلار ئىكەن. لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى بۇزۇلغان بىر جەمئىيەتتە بۇنداق ھېسبايانچىلارنىڭ بازار تېپىشى ۋە ئۇلۇغلىنىشى نۇرمال ئىش ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت رېئال مەسىلىلىرى ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كونترول قىلىۋاتقان ئۈستقۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق. ھەممىسى ئاپتورنىڭ ئۆزىنى بۈيۈك دانىشمەنلىك ئورنىغا قويۇپ، داھىيانە سۈپەتتە دېگەن ئۈگۈت نەسىھەتلىرى ئىكەن، خالاس. ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ رېئال مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالالمىغان ئىكەن، ماڭا نىسبەتەن ئۇ كىتابنىڭ قىممىتى بولمىدى. مەريەمگۈلنىڭ گېپى ئورۇنلۇق. شۇ مەسىلىلەرنى ھېس قىلدۇرۇلمىغان ياكى تىلغا ئالالمىغان ئىكەن، ئۇنداق كىشى رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان بىرى، خالاس. مەن بىر نەرسە يازالمىساممۇ، ئۇ كىتابنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ئوقۇغانىكەنمەن، ئاشۇ پۇلۇمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش ھوقۇقۇم بار. \"\"
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن كىتابنى كىم ئوقۇپ بولدى؟