bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 16:02:04

ئاق بۈركۈت تورى «بىر سوم پىلانى» غا ياردەم قىلماقچى

ئاق بۈركۈت خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بىكىتىمىز قۇرۇلغان نەچچە يىلدىن بۇيان ئاز بولمىغان نادىر فىلىملەرنى سۈپەتلىك، تېز تەرجىمە قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ھەقسىزسۇنۇپ كەلدى. سۈزۈك، ئەسلى ئاۋاز بىلەن شاۋقۇن ئۈنۈمىنى يوقاتمىغان، يەنە بىرتەرەپتىن تېل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردىغان ئېسىل فىلىملەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ياخشى ئۈنۈم ياراتتى. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مېقىياسىدا كىنوخۇمار تورداشلارنىڭ كۆپچىلىكى تور بىكىتىمىزنى زىيارەت قىلىدىغان ھالغا يەتتى. بېكىتىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەلىشىپ، مەخسۇس خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىدىغان كەسپىي تور بىكەت دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىدى. بۇ نەتىجىلەرنى ئەلۋەتتە كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.


   بۇ جەرياندا تور بېكىتىمىزدىكى تەرجىمانلار ئىزچىل خالىس ئەمگەك قىلىپ، بىر سىنت ھەق ئالماي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، مېھنەتسىز تەر تۆكۈپ ( بۇ يەردە بىر كىنونىڭ خەتلىك تەرجىمىسنى ئىشلەش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ، ئەڭ ئاۋال مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرىپ-ئادىتىگە ماس كېلىشى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولشى، ئېسىل ئەنئەنىمىزگە، گۈزەل ئەخلاقىمىزغا يات بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئېسىل، نادىر فىلىملەر تاللىنىپ چىقىلىدۇ، ئاندىن بېكەت باشلىقى ۋە بىېكەتنىڭ رىژىسسورلىرى شۇ كىنونىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىنغان خەت ھۆججىتىنى ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ تەييار قىلىدۇ، تەرجىمە خىزمىتىنى بىر ياكى بىرقانچە تەرجىمان ئۈستىگە ئېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرجىمىسنى پۈتتۈرۈپ بېكەتنىڭ رىژىسسورىغا يوللاپ بېرىدۇ، رىژىسسورلار فىلىمنىڭ خېتىنى تەھرىرلەپ، ئىككى-ئۈچ خىل دىتالدا كىرىشتۈرۈپ پىرىسلاپ بىكەت باشلىقىغا يوللاپ بېرىدۇ، بېكەت باشلىقى ئاخىرىقى قېتىم ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بوشلۇققا يوللاپ تورداشلارغا سۇنىدۇ، بۇ جەرياندىكى ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسى خالىس بولىدۇ) تورداشلارغا نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇۋاتىدۇ، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ شۇ مەۋقەدە تىرىشىدۇ.


بېكىتىمدىكى تەرجىمان ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە كۆپ ساندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشى بىلەن كوللىكىتپ قارار قىلىش ئارقىلىق بېكىتىمىز تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى:


1. بېكىتىمىز تورداشلار ئۈچۈن نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان قىلش.


2.تەرجىمان، رىژىسسورلار بۇرۇنقىدەك خالىس ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇرۇش.


3.بىكىتىمىز تەرجىمە قىلغان كىنولار، تېلىۋىزيە تىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ ھەر بىرىسنىڭ كۆرۈش ھەققىنى بىرسوم خەلق پۇلى قىلىپ بېكىتىش، بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى يىغىپ، تور بىكەت مۇلازىمىتىرىنىڭ چىقىمىدىن ئاشقان قىسىمىنى ۋاپادارىم 912 ۋە ئىزدىنىش ئەزالىرى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان << بىر سوم پىلانى>>نىغا ئاتاپ، ئۇقۇشسىز قالغان، يىتىم، نامرات بالىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتىگە ياردەم قىلىش. (بۇنداق دىسەم بەزى تورداشلار «بۇلار بىزنىڭ ھىسىياتىمىزنى ئالداپ پۇل تېپىش كويىغا چۈشۈپتۇ» دەپ قالماڭلار، ئاق بۈركۈت تورى ھازىرقى ھەقلىق ئەزالار ۋە بىكەت ئېلان كىرىمى بىلەن بىكەت چىقىمىنى يامان ئەمەس قامداپ كېتىۋاتىدۇ، بىر بىكەتنىڭ داۋاملىق مېڭىشىدىكى ئالدىنقى شەرىت چوقۇم مۇلازىمىتىر كىرىمى ئۆز چىقىمىنى قامداش، بىز ھەر قايسى تەرجىمانلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى جەلىپ قىلىپ كىرىم يارتىش ئارقىلىق بىكەت كىرىمىنى تولۇق قامداش ۋە «بىر سوم پىلانى» ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ئەمەلى ئىش قىلىپ بەرمەكچى، ئەگەر تورداشلارنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا بىز ۋاقتى كەلگەندە بىكەتنىڭ ئەمەلى ھىساباتىنى تورداشلارغا ئېلان قىلىمىز، ھەر ئايلىق ئاشقان كىرىمنى ۋاپادارىم 912 گە يوللاپ بېرىمىز، ۋاقىپ بولغايسىزلەر)


4.باشقا تۈردىكى ناخشا، قىسقا فىلىم...قاتارلىقلارنى بۇرۇنقىدەك ھەقسىز كۆرۈش.


5. بېكىتىمىز كىنوخۇمار قېرىنداشلارنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېكىتىمىزدىكى ھەر بىر كىنوغا بىر سومدىن ھەق تۆلەپ كۈرۈشتىن ئىبارەت كاتتا ياردىمىنى يىغىپ، <<تاما-تاما كۆل بولا>>دىگەندەك كىنودىن كىرگەن كىرىمنى جەملەپ ۋاقتىدا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىپ، پۇلنىڭ ئىشلىتىلىگەن ئورنىنى پاكىت بىلەن تور يۈزىدە تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش.


بۇ پىلانىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالساق خەلقىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىشتىن بىرىسى ۋۇجۇتقا چىقىدۇ دەپ ئويلايمىز.


بېكىتمىزنىڭ ھەقىلىق كىنو كۆرۈش قائىدىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بېكىتمىز مۇنبىرىدە ئېلان قىلىندۇ، يەنە داۋاملىق ھالدا بېكىتمىزنى زىيارت قىلىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە نەزەر سېلىپ تۇرغايسىز.


ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى


www.akburkut.com

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 16:58:59

توربىكەت ئۇلىنىشىدا خاتالىق باركەن ، مىسرانىم تورى بىلەن شىرىك ئۇلىنىپ كىتىدىكەن .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 18:28:16

ياخشى پىكىر ئىكەن. لىكىن مۇشۇ سەۋەبلىك تور بېتىڭلاردىكى كىنولارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئازلاپ كەتمەس ھە!!!

مېنىڭچە بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئىلان قىلىنىدىغان كىنولارنى ئايرىم بىر سەھىپە ئاجرىتىپ- ئىسىل ئىشلەنگەن كۆپ قېسىملىق تېلۋىزىيە فىلىملىرى، خەلقئارادا زور داغدۇغا قوزغىغان فىلىملەر دېگەندەكلەرنى مەخسۇس بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئاتىساڭلار ئىشلىرىڭلارنىڭ ئىزچىل داۋام ئىتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ بەك پايدىلىق بولارمىكىن دەيمەن.

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 20:42:07

ئەگەر ھەقىقى سۇزۇك .داڭلىق فىلىملەرنى كۆرمەكچى بولساڭلار ئاقبۇركۇتكە مەرھەممەت قىلىڭلار

1 يۇەنگە بەكلا ئەرزان ئۇ فىلىملەر ئۇ ئىشەنمىسەڭلار بىرەر كىنو كۆرۇپ بىقىڭلار ھەممىسىلە ئالامەت ياخشى كىنولار

مەن چىن كۆڭلۇمدىن قوللايمەن

لىكىن شۇ پۇل قاچىلاش بەكلا ئاۋارچىلىق مۇشىنىڭ ئاسانراق بىر ئامالىنى قىلساق بولىتى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 22:03:22

ياخشى ئىش بوپتۇ، كەڭرەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 22:14:36

مەن بىرزات ھەكىمنىڭ پىكرىنى ئويلىشىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 23:09:00

تېلىفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەيدىغانلار بىلەن ھەمكارلىشامسىز يا !  .....



قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىقلا پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ !

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 23:35:58

ياخشى ئويلاپسىلەر،سىلەردەك ئۆزىنىڭ جاپا مۇشەققىتى بەدىلىگە باشقىلارنى خوش قىلىدىغانلارنىڭ تىنى سالامەت بولسۇن!!!!!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 00:09:02

يارايسىلەر باللا .

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 07:42:19

تاۋباۋدىن دۇكان ئاچساڭلا بولىتتى ، پۇل قاچىلاش سەل ئاۋارىچىلىقكەن .

بۇرۇن كىنونى ئانچە كۆرمەيتتىم ئەمدى مىللەت ئۈچۈن كىنو كۆرەي \"\"

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 08:02:10

مەن تۈركىيەنىڭ Faith دىگەن كىنوسىنى كۆرەي دىگەن. ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخسى بولسا چ چ دا بولسىمۇ چۈشۈرۈش ئادېرسى بەرگەن بولساڭلار، قۇتيار تورىدىن چۈشۈرەلمەي قالدىم. بىر كوينى مەن 10 كوي قىلىپ كىيىن قۇلايلىق بولغاندا بەرسەم \"\" \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 10:20:08

10- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تۈركىيەنىڭ Faith دىگەن كىنوسىنى كۆرەي دىگەن. ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخسى بولسا چ چ دا بولسىمۇ چۈشۈرۈش ئادېرسى بەرگەن بولساڭلار، قۇتيار تورىدىن چۈشۈرەلمەي قالدىم. بىر كوينى مەن 10 كوي قىلىپ كىيىن قۇلايلىق بولغاندا بەرسەم \"\" \"\"

http://www.torhumar.com/fetih-1453-dvdrip.html


ماۋەدە باركەن.

AKAXTEXI يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:08:28

ئىمامى ھەسەن-ھۈسەن ،ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نىڭ كىنۇلىرى تەرجىمە قىلساڭلا بولمامدۇ ‹؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 12:16:21

10- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تۈركىيەنىڭ Faith دىگەن كىنوسىنى كۆرەي دىگەن. ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخسى بولسا چ چ دا بولسىمۇ چۈشۈرۈش ئادېرسى بەرگەن بولساڭلار، قۇتيار تورىدىن چۈشۈرەلمەي قالدىم. بىر كوينى مەن 10 كوي قىلىپ كىيىن قۇلايلىق بولغاندا بەرسەم \"\" \"\"



ئەگەر ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى لازىم بولسا مەن بوشلۇققا چىقىرىپ ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:46:58

بۇ ناھايتى ياخشى ئىش كۆپچىلك قوللاپ بىرەرسىلەر

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 21:24:18

سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت بۇرادەرلەر ،مەنمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن .

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 22:08:31

مۇشۇ بىر سوم پىلانى توغۇرلۇق ئەيساجان بۇرادەر بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرۈشكەندە مۇنداق پىكىر بەرگەن ئىدىم،ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ باقاي دىگەن.

ھازىر تېلېفۇن ئىشلەتمەيدىغان ئادەم يوق.كۆچمە،بىرلەشمە،تېلېگىراف ئۈچۈن مەخسۇس بىر قوڭغۇراق ئاۋازى ئىشلەنسە،بۇنى ھۆددىگە ئالىدىغان شىركەت كۆپ،كۆرگەن ھەر بىر ئەزا مۇناسىۋەتلىك تېلېگىراف تورىغا كىرىپ شۇ قوڭغۇراق ئاۋازىنى سېتىۋالسا بولىدۇ،ئاۋازنى تورغا چىقارغۇچى شىركەت مەلۇم شىركەتتە تۇتۇپ قېلىپ،قالغان ھىساۋاتنىڭ ھەممىسىنى تەمىنلىگۈچىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.ئىزدىنىشتا ئون مىڭ ئەزا بار دىسەك مىڭ ئەزا سېتىۋالسا 30 مىڭ يۈەن.10 مىڭ يۈەن شىركەت ھىساۋىدا قالسىمۇ قالغىنى ئەيساجاننىڭ ھىساۋاتىغا ئۇرۇلسا ھەقىقى بىر يۈەن پىلانى بولاتتى،تەشۋىقات رولىمۇ ئاجايىپ كۈچلۈك بولاتتى.بىر تال ئىشخانىسى يوق شىركەتلەرمۇ چىقىرۋالىدىكەن قوڭغۇراق ئاۋازىنى....ئويلىشىپ كۆرۈڭلار.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 19:43:05

قالتىس ياخشى ئىش بوپتۇ، يەنە بىر قىسم نادىر فىلىملەرنىڭ مەلۇم قىسىملىرىغا «بىر سوم پىلانى» غا ئاتاپ تەرجىمە قىلنغان فىلىم ۋە شۇنڭغا ماس كەلگۈدەك گەپلەرنى بىللە قوشۇپ چىقىرپ قويسا بىر سوم پىلانىننڭ تەشۋىقاتى تېخمۇ ياخشى بولاتتى...

Mr_Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 10:18:19

\"\"

بەت: [1]
: ئاق بۈركۈت تورى «بىر سوم پىلانى» غا ياردەم قىلماقچى