AFROOZ ئۈندىدار ساغلاملىق توپىنى قوشىۋىلىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەقلىي يانفۇنلاردا ئۈندىدار (微信) نى ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ.يۇمۇرلار، يۇلتۇز خەۋەرلىشىش قاتارلىق تاق يۆلىنىشلىك توپنى ئاچقانلارغا قاراپ بىزمۇ ئۇيغۇر تېبابەت ۋە ئۇنۋېرسال ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان توپتىن بىرنى قۇرۇپ قويدۇق. ھازىرچە كۈنىگە بىرلا پارچە ماقالە ياكى قىسقا خەۋەر ياكى رەسىم دېگەندەكلەرنى يوللىغىلى بولىدىكەن.
قىزىقىدىغانلار ماۋۇ كود ئارقىلىپ قوشۇۋالساڭلاربولىدۇ:
كىيۇ كىيۇ نۇمۇرى ئارقىلىق ئىزدىسەڭلارمۇ بولىدۇ: QQ 1574624066
بۈگۈن يوللىغان تۇنجى ئۇچۇردا : ئۆزىنىڭ تەبىئىي مىزاجىنى بىلىشكە كۆپ كىشىلەر قىزىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىجەز-خارەكتېردىكى ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ كىشىنىڭ مىزاجىنى ئايرىشتا تەخمىنەن قوللىنىلدىغان تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئىلگىرىكىلەرنىڭ لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ چىقتۇق. (نىسپىي مۇئامىلە قىلىنسا بولىدۇ)
قالغىنىنى يەنە داۋاملىق تۈردە ئۈندىدار توپىغا يوللاپ تۇرىمىز.
بۇنىغۇ قوشتۇم، بىراق، ھېچبىر ئۇچۇر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغۇ؟ بىرەر نەرسە يوللامتۇق يا؟ مەن قاچىلىيالمىدىمغۇ، ئۈگۈتۈپ قۇيۇڭلار؟ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغانبولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. تېبابەت دەمسىلەر، فارابى دەمسىلەر... 1،2،3رەقىمىنى ئايرىم ئايرىم يوللاڭ .مېنىڭ ئۈندىدارىم : banker_aksu مەنمۇ قوشتۇم. ئەمما بىراق تولىمۇ ئەپسۇس بۇ توپ خەنسوچە ئوخشايدۇ.. ئۇيغۇرچە توپ بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە خەت ۋە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر بەرسەڭلار بولمامدۇ... سەكسەن خالتا ئەپەندىمنىڭ مېيىنىڭ ئىسمى ئىكەنغۇ، سەكسەن خالتا ئەپەندىم قۇرغان بولىمىسۇن يەنە{:92:} @nawa717 تاق يۆنىلىشلىك توپلاردا ئەزالار ئىنكاس قايتۇرماي، توپقا ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرسىلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئىنكاس يېزىپ بىرنەرسە سورايدىغانلار ۋە ئىپادە بىلدۈرىدىغانلارمۇ بار. توپنىڭ ئارقا سەھنىدىكى مەشغۇلاتى يانفۇندا ئەمەس، كومپىيوتېردا بولغاچقا ئىمكانقەدەر جاۋاپ قايتۇرىلىدۇ. قايتۇرۇلغان جاۋاپ پەقەت شۇ ئىنكاس يازغۇچىغىلا بارىدۇ.
بۇگۈنكى ئاۋۇ رەڭلىك رەسىم سىزنىڭ يانفۇنىڭىزغا ئەۋەتىلمىدىمۇ؟
@xahida520 ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق تېمىدىكى QQنۇمۇرىنى ئىزدەپ، قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
@gulhekimتىبابەتكە دائىر داڭلىق ئىسىملار ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىپ كېلىگلىك، بەزىلىرى شۇ شىركەت ياكى شەخىسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان بولغاچقا يەنىلا ئۆزىمىز تاپقاننى ئىشلىتىپ تۇردۇق.
«ئەلداۋا » دەپ توپ قۇرۇپ باشقا رەسملەرنى ئەۋەتىپ يۈرسەك يۈكسەلكامنىڭ سۆزلىشى تۇرغانلا گەپ

سىزدىن مەسلەھەت سورايدىغان ئىش بارتى، بىر ژورنال توغرىلىق. قانداق ئالاقىلىشىمەن؟
@gherip ئاۋۇ رەسىمدە ئۇيغۇرچىدىن باشقا نېمە بار؟
ئىنكاس يازغانلارغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » دېسە «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام»، hi دېسە hi دېدۇق. 你好 دىسە 你好 دەپ قويدۇق شۇ. يەنە بىر يېرى ئۈندىدارنىڭ بۇ سېستىمىسى تېخى يېڭى بولغاچقا ئىقتىدارلىرىمۇ ئاددىيكەن. ئۇيغۇرچە يازانلارنىڭ خەت شەكلى يانفۇندا ئۈزۈك-ئۈزۈك كۆرىنىدىكەن. ھازىرچە خەتلەرنى رەسىم شەكلىدە ئەۋەتىپ تۇردۇق. لېكىن ئىزدىنىۋاتىمىز.
@axin717 ئۇ مەلھەمنى بىز ئىشلىگەن. بىرزاتكامنىڭ تورىغا ھەمكارلىق تەرىقىسدە قويۇغلۇق.
يېڭىدىن قوشىۋالغانلار1 رەقىمىنى ئايرىم يوللىساڭلار بۈگۈنكى ئۇچۇر ئەۋەتىلىدۇ. 2-كۈنىدىن تارتىپ ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ ئۆزلىكىدىن كېلىۋىرىدۇ. ئاۋۇ چەمبەرگە قارىسام، ئۆزۈم ئاساسى جەھەتتىن چەمبەرنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ كېتىپتىمەن.


ئىگىلىك تورىنىڭ ئۈندىدار توپىدەك قىلىدۇ @Dana0999 مىجەزىڭلار سەل سوۋۇپ كەتكەن بولسا كېرەك. جىقراق ھەركەت قىلىپ، ئاز ئۇخلاپ، قۇۋۋەتلىك يەپ تەڭشىۋىلىڭلا

بەزىلەرنىڭ مىزاجى چەمبەردىكى قوشنا ئىككى خىل مىزاجغا تەۋە بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. بىر نوقتا:
ئوڭ يىرىم چەمبەردىكى ئالاھىدىلىكلەر بەكرەك روشەن بولسا بەدەندە ھۆللۈكنىڭ جىقلىقىدىن،
سول ... ... ................. .. ... ... .. .. ... قۇرۇقلۇقنىڭ .. .. .. ،
ئۈستۈنكى ... .. ... ... ... ... ... ئىسسىقلىقنىڭ ... ... ،
ئاستىنقى ...... ... ... ... ... ... ..... سوغۇقلۇقنىڭ .. .. ..بولىدۇ. سالامەتلىككە تەسىرى بولمىسا ھەممىسى ياخشى. بولمىغاندا ئاشۇ ئەھۋاللارنىڭ ئەكسىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ئۆزى تەڭشىۋالسا بولىدۇ.
مەسىلەن : ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە كاۋاپ، ئىسسىقلىق چايلار، ھەسەل، ياڭاق...دېگەندەكلەردىن قولايلىقلىرىنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. تەنھەرىكەتنىڭ پايدىسى ئالاھىدە، ھەم تېز بولىدۇ. ئېقىم مىخدارىنىڭ يىتىشمىگىنىچە ، يېڭىلىقلارنىڭ چىقىپ تۇرغىنى ....
14- قەۋەتتىكى qaynamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېقىم مىخدارىنىڭ يىتىشمىگىنىچە ، يېڭىلىقلارنىڭ چىقىپ تۇرغىنى ....
ئۇنى بىر دىمەڭ!!
ئۇچۇرنىڭ سىغىمىنى ئامالبار كىچىك قىلىپ يوللايمىز

13- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@Dana0999 مىجەزىڭلار سەل سوۋۇپ كەتكەن بولسا كېرەك. جىقراق ھەركەت قىلىپ، ئاز ئۇخلاپ، قۇۋۋەتلىك يەپ تەڭشىۋىلىڭلا![]()
بەزىلەرنىڭ مىزاجى چەمبەردىكى قوشنا ئىككى خىل مىزاجغا تەۋە بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. بىر نوقتا:
ئوڭ يىرىم چەمبەردىكى ئالاھىدىلىكلەر بەكرەك روشەن بولسا بەدەندە ھۆللۈكنىڭ جىقلىقىدىن،
سول ......... ... .. ... ... ... .. ... ... .. .. ... قۇرۇقلۇقنىڭ .. .. .. ،
ئۈستۈنكى ... ........ ... ... ... ئىسسىقلىقنىڭ ... ... ،
ئاستىنقى ... ..................... .. سوغۇقلۇقنىڭ .. .. .. بولىدۇ. سالامەتلىككە تەسىرى بولمىسا ھەممىسى ياخشى. بولمىغاندا ئاشۇ ئەھۋاللارنىڭ ئەكسىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ئۆزى تەڭشىۋالسا بولىدۇ.
مەسىلەن : ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە كاۋاپ، ئىسسىقلىق چايلار، ھەسەل، ياڭاق...دېگەندەكلەردىن قولايلىقلىرىنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. تەنھەرىكەتنىڭ پايدىسى ئالاھىدە، ھەم تېز بولىدۇ.
بۇنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ ؟ چەمبەر جەمى 4 كە بۆلۈگلۈككەن ، مىزاجىم سول چەمبەرنىڭ ئاستى ۋە ئۈسىتىدىكى ئىككىلىسى باركەن ، ئۇنداقتا مىزاجىم قۇرۇق سوغۇق بولغان بولامدۇ ؟ چەمبەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشەنچە بەرسىڭىز
@RGB سول تەرەپ ئۈستى سەپراغا(قۇرۇق ئىسىق)، سول تەرەپ ئاستى سەۋداغا(قۇرۇق سوغۇق) تەۋە بولىدۇ. ئىككىلىسى بولسا مىزاجنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ياكى بەدەندە قۇرۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. چۈشەندىم ، ئۇنداقتا قايسى ئۇسسۇللار بىلەن نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ ؟ ئەتراپتىكى مۇھىتتا ياخشىراق تىۋىپ يوق بولمىش ، بۇ ھەقتە ئېنىق داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان ، شۇڭا يول كۆرسەتكەيسىز