elikhan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 07:32:49

ئايشىگۈل مۇھەممەتنىڭ ئورونلىشىدىكى بىر يۇرۇش خەلق ناخشىلىرى



pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 11:29:07

خەلق ناخشىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئېسىل دە،،،،،،رەھمەت

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 16:51:16

ما قىزبالىنىڭ ئۇسسۇلغا بۇنچىلىك ئۇستىلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 17:47:31

بىر مىللەتنى نادانلىقتا،غەپلەتتە قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى،ئۇسسۇلى،ئويۇن-تاماشاسىنى قاتتىق تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك...دېگەنتى فۇدەن ئۇنۋېرسىتىدا بىر ماگېستېر ئەپەندىم....

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 10:34:35

ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ناخشىلار ئىكەن !!! - ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇزاق تارىختىن بىرى ئەجداتلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ بىرى ، بۇ خىل سەنئەت شەكلىنى ئۆزلۈكسىز قوللاش ، قوغداش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم . ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيتى ، كىيىم - كىچەك ، يىمەك - ئىچمەك ، ئۆرىپ - ئادەت ، ناخشا-ئۇسسۇلى بولمىغان مىللەت باشقىلارغا بېقىنىپ ، ئۆزى چۈشەنمىگەن خەقلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ ، يالغاندىن كۈلۈپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ . بارا-بارا تارىخ بېتىدىن يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ شۇنداق ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ، بايلىقلىرىنى قوغدىمىغان ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىمىغان ، توسقۇنلۇق قىلغان كىشى ئۆز مىللىتىگە ھەرگىزمۇ يۈز كىلەلمەيدۇ .
بەت: [1]
: ئايشىگۈل مۇھەممەتنىڭ ئورونلىشىدىكى بىر يۇرۇش خەلق ناخشىلىرى