adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 22:38:18

ۋاڭ لىجۈن دېلوسىنىڭ باش – ئاخىرى

ۋاڭ لىجۈن دېلوسىنىڭ سوت قىلىنىشنىڭ باش – ئاخىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى . چېڭدۇ . 19 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى . سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 17 – سېنتەبىردىن 18 – سېنتەبىرگىچە ۋاڭ لىجۈننىڭ شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش ، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ، پارا ئىلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە 1 – سوتتا قاراپ چىقتى .

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتتا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى . ۋاڭ لىجۈن ھاۋالە قىلغان ئىككى ئادۋۇكات ئۇنى ئاقلىدى . سوت باشقا كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

چۇڭچىڭ شەھرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىجۈن بۇ يىل 6 – فېۋرالدىن 7 – فېۋرالغىچە ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى باش كونسۇلخانىسىغا ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن كىرىۋىلىپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يامان تەسىر پەيدا قىلدى . ۋەقەدىن كېيىن ، تەھقىقلىگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە تەكشۈردى . 30 – ئىيۇن مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ، ۋاڭ لىجۈننىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىندى .

چېڭدۇ شەھەرلىك دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى بۇ يىل 22 – ئىيۇل چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، ۋاڭ لىجۈننى ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئالدى . تەھقىقلەش خىزمىتى 2 – ئاۋغۇست ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ۋاڭ لىجۈن دىلوسىنى چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇندى . ئەنخۈي ئۆلكىسى خېفىي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىكىتىپ بىرىشى بىلەن ، ۋاڭ لىجۈننىڭ شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، 2 – ئاۋغۇست چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە سۇندى . سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىپ بىرىشى بىلەن ، ۋاڭ لىجۈننىڭ پارا ئىلىش ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئايرىم – ئايرىم 8 – ئاۋغۇست ۋە 1 – سېنتەبىر چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە سۇندى .

چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 5 – سېنتەبىر ۋاڭ لىجۈننىڭ جىنايىتىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى . چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتى .

ۋاڭ لىجۈننىڭ ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق بولغاچقا ، 17 – سېنتەبىر قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىلمىدى ، بىراق ئۇنىڭ پارا ئىلىش ، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش دىلوسىغا 18 – سېنتەبىر قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىلدى . چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۈچ سودىيەسىدىن كېڭەشمە سوت تەشكىللەندى . بۇنىڭ ئىچىدە مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇڭ ئېرپۇ باش سودىيەلىكنى ئۈستىگە ئالدى . چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى ۋاڭ شىن قاتارلىق ئۈچ پىروكۇرور سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى . جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى ، تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، سىياسىي مەسلىھەت كىڭەش ئەزالىرى ۋە قىسمەن ئامما سوتنى سىرىتتىن ئاڭلىدى .

جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن 1959 – يىلى 26 – دېكابىر تۇغۇلغان بولۇپ ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئائىرشەن شەھرىدىن . لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان ۋاڭ لىجۈن 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى بۇگۇ كەيلەي (جازا ھۆكۈم قىلىنغان ) بىلەن تونۇشقان . كېيىن ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھرىگە يۆتكەپ كىلىنىپ ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ، پارتىكوم شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقى ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئۇ بوگۇ كەيلەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىزچىل قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن .

ئەيىبلىگۈچى تەرەپنىڭ شىكايىتىدە مۇنداق دېيىلدى : جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ، جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىگە خېلاپلىق قىلىپ ، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزدى ، بۇگۇ كەيلەينىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ ، ئۇنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرمىدى . ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بولدى . ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 399 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىغا خېلاپ . جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئىگىلىگەن دۆلەت ئورگىنىنىڭ خادىمى تۇرۇقلۇق ھۆكۈمەت ئىشىنى بىجىرگەن ۋاقىتتا ، خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىپ ، چەتئەلنىڭ ئېلىمىزدىكى باش كونسۇلخانىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ قاچتى . ئۇنىڭ جىنايىتى ناھايىتى ئېغىر . ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 109 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپ ؛ جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ، تەستىقلايماي ياكى ساختىلىق بىلەن تەستىق رەسمىيىتى بىجىرىپ ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىگە تېخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللىنىپ ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىققا ئېغىر ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلدى ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلدى ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 397 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپ . جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن دۆلەت خادىمى تۇرۇقلۇق خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، باشقىلارنىڭ 3 مىليون 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى مال – مۈلىكىنى قانۇنسىز ئالدى . ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 385 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپ . جاۋابكار ۋاڭ لىجۈننىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلىرىگە دائىر پاكىتلار ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار ھەقىقى ۋە تولۇق . ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى شەخسىي غەرىزى ئۈچۈن قانۇن بۇزۇش ، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .

چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش پىكىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى : جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن جىنايى قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن خەۋىپى ئىنتايىن ئېغىر . بۇنىڭ ساۋىقى كىشىنى سەگىتىدۇ . ئۇنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانۇن ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇپ ، پاك دىيانەتلىك بولۇشى كېرەك ئىدى . ئۇ يەنە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانۇنغا ئەمەل قىلىشى ، پارتىيىلىك رەھبىرى كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش ، تۈزۈم ئالدىدا ئىمتىيازلىق بولۇۋالماسلىق ، قانۇن تۈزۈم چەكلىمىسىدىن مۇستەسنا بولۇۋالماسلىق قارىشىنى تىكلىشى كېرەك ئىدى . سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش جەمئىيىتى بەرپا قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، قانۇنغا خېلاپلىق قىلغانلا بولسا چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ . جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن سوتتا ئاخىرقى سۆزىنى بايان قىلىپ : تەپتىش ئورگىنى ئەيىبلىگەن جىنايىتىمنى ئېتراپ قىلىمەن ، جىنايىتىمنى بىلىمەن ، جىنايىتىمنى ئېتىراپ قىلىمەن ، جىنايىتىمگە پۇشايمان قىلىمەن . سوتلىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەلتۈرگەن ئېغىر تەسىرلەرنىڭ تۈگىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، شۇنداقلا يەنە سوت قىلىنىش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىنىڭ مېنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مېنى تەربىيلىگەن ، ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن تەشكىل ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىمدىن سەمىمى ھالدا كەچۈرۈم سورايمەن ، كەچۈرۈڭلار ، سىلەرگە ھەقىقەتەن يۈز كىلەلمەيمەن ، سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈم ، دېدى .

جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسىغا ئۆز مەيلىچە كىرىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ، ج خ ئورگىنى بوگۇ كەيلەينىڭ ئەنگىلىيە پۇقراسى نېيل ۋۇدنى ئۆلتۈرۈشكە چېتىلىپ قالغانلىق مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ، مەخسۇس قايتا تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەشكىللەپ ، « 15 – نويابىر » دېلوسىنى قانۇن بويىچە قايتا تەكشۈرۈپ پاش قىلدى .

ۋاڭ لىجۈننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، « 15 – نويابىر » دېلوسىنىڭ پاش قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى . ئۇنداقتا ، ئۇ يەنە نىمە ئۈچۈن شەخسىي غەرەزى بىلەن قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى بويىچە ئەيىپلىنىدۇ ؟ ۋاڭ لىجۈن بىلەن بوگۇ كەيلەي ئائىلىسىنىڭ زىدىيىتى قانداق شەكىللىنىپ تەدرىجى ئۆتكۈرلەشكەن ؟ ئۇنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ قېچىشىغا نېمە سەۋەپ بولدى ؟

مۇخبىر سوتنى سىرتتىن ئاڭلاپ ئىگىلىشى ، تاراتقۇلارنىڭ ئورتاق قارىشى ۋە دىلو بىجىرگەن ئورۇننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ، ۋاڭ لىجۈن دىلوسىنىڭ پۈتۈن جەريانى ھەم مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتى .

بوگۇ كەيلەي ۋە بو XX بىلەن نېيل ۋۇد ئارىسىدا ئىقتىسادى مەنپەئەت زىدىيىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بوگۇ كەيلەي نېيل ۋۇدنى ئوغلىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈردى ، دەپ قارىدى .

ۋاڭ لىجۈن بۇلتۇر 12 – نويابىر بوگۇ كەيلەي قاتارلىقلار بىلەن ، نېيل ۋۇدنى زەھەر جىنايىتىگە چېتىشلىق ، دېگەن باھانىدە نازارەت قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى .

بوگۇ كەيلەي ، جاڭ شياۋ جۈن ( چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ سابىق خادىمى ، بوگۇ كەيلەي ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغۇچى ، جازا ھۆكۈم قىلىنغان ) 13 – نويابىر كەچتە چوڭچىڭ شەھرىدىكى نەنسەن ئارامگاھىدا نېيل ۋۇدنى قەستلەپ ئۆلتۈردى .

بوگۇ كەيلەي 14 – نويابىر چۈشتە ۋاڭ لىجۈنگە نېيل ۋۇدنى زەھەرلىك ئۆلتۈرگەن جەرياننى سۆزلەپ بەردى . ۋاڭ لىجۈن بۇنى مەخپى ئۈنگە ئېلىۋالدى .

بوگۇ كەيلەينىڭ ئىقرارىدا مۇنداق دېيىلدى : ۋاڭ لىجۈن 14 – نويابىر چۈشتە « 3 – بىنا » ( بوگو كەيلەي تۇرالغۇسى ) غا كەلگەندە ، مەن ئۇنىڭغا 13 – نويابىر كەچتە نېيل ۋۇد بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ ئىستاكانىغا زەھەر سىلىپ ئۆلتۈرگەن جەرياننى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم . ئۇ ماڭا بۇ ئىشنى قايتا ئويلىماسلىقنى ، بۇنىڭ ئەمدى مەن بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ، دېلوغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئېيتتى . مەن ئەنسىرەۋاتقانلىقىمنى ئېيتقاندا ، ئىشلارنىڭ بىر – ئىككى ھەپتىدىلا ئوڭشىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللى بەردى .

ئەيىبلىگۈچى سوتتا ئۈن ماتىريالىنى كۆرسەتتى . بۇ ئۈن ماتىريالى ۋاڭ لىجۈن بىلەن بوگۇ كەيلەينىڭ تېلېفوندا پاراشلاشقان سۆزى بولۇپ ، بوگۇ كەيلەي نېيل ۋۇدنى ئۆلتۈرگەن جەرياننى ۋاڭ لىجۈنگە ئېيتىپ بىرىۋاتقانىدى .

15 – نويابىر نېيل ۋۇدنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن ، ۋاڭ لىجۈن بوگۇ كەيلەي بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو ۋىيگو ( جازا ھۆكۈم قىلىنغان ) نى بۇ دىلونى بىجىرىشكە مەسئۇل قىلدى . بىراق ئۇ قاتارلىق دېلو بىجىرگۈچىلەرنى بوگۇ كەيلەينىڭ نېيل ۋودنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت ئۈن ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىمىدى . كېيىن ۋاڭ لىجۈن دىلو يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيدانغا كىلىپ جىنايى ئىشلار رازۋىتكا خىزمىتىگە مەسئۇل خۇاڭ XX كە تېلېفون بىرىپ ، ئىدارىگە قايتىشنى ، بۇ دىلوغا ئۇنىڭ مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى . ۋاڭ لىجۈننىڭ ئىقرارىدا : ئەينى چاغدا بۇ دىلوغا بىۋاستە يۈزلىنىشنى خالىمىغانىدىم ، دېيىلدى .

گوۋىيگو ، لى ياڭ ( چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى باش ئەترىتىنىڭ سابىق باشلىقى ، جازا ھۆكۈم قىلىنغان ) ، ۋاڭ پىيفىي ( چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تېخنىكىلىق رازۋىتكا باش ئەترىتىنىڭ سابىق باشلىقى ، چوڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۈ بىي رايونلۇق شۆبىسىنىڭ سابىق باشلىقى ، جازا ھۆكۈم قىلىنغان ) ، ۋاڭ جى ( چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شا پىيبىي رايونلۇق شۆبىسىنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، جازا ھۆكۈم قىلىنغان ) 16 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ، نېيل ۋۇدنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە يەكۈن چىقاردى ، ۋاڭ لىجۈن بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى .

ۋاڭ لىجۈن 17 – نويابىر گوۋىيگو قاتارلىقلارنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن خاتىرىسى ۋە بوگۇ كەيلەينىڭ شۇ مېھمانسارايغا بارغان كۆرۈنىشى چۈشۈرۈلگەن قاتتىق دېسكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوگۇ كەيلەيگە بەردى . بوگۇ كەيلەينىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى : « ۋاڭ لىجۈن ماڭا : ‹ بۇ نەنسەن ئارامگاھىدىكى مېھمانساراي كامىراسىدا ئېلىنغان كۆرۈنۈشنىڭ قاتتىق دېسكىسى ، بۇنىڭغا سىز نېيل ۋۇد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرمىگەنلىكى ئېلىنغان › دېدى . بۇ ئۇنىڭ مېنى قوغدىغىنى ئىدى . ۋاڭ لىجۈن بىلەن بوگۇ كەيلەينىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان بولسىمۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت مەۋجۈت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . دەلىل – ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، « 15 – نويابىر » دېلوسى يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى ۋاڭ لىجۈن بىلەن بوگۇ كەيلەي ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت پەيدا بولغان . 2011 – يىلى 12 – ئاۋغۇست بوگۇ كەيلەي ئوغلى بو XX ۋاڭ لىجۈن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ، لېكىن ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭدا بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلمەي ، شوپۇرىغا ئۆزىنى ۋەنجۇغا كەتتى ، دەپ قويۇشنى ئىيتقان . نەتىجىدە بو XX كېچىدە ۋەنجۇغا بىرىش يولىدا ھادىسىگە ئۇچرىغىلى تاس قالغان ، بۇ سەۋەپلىك بوگۇ كەيلەي ۋاڭ لىجۈنگە خاپا بولغان .

« 15 – نويابىر » دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بوگۇ كەيلەي دېلو ئەھۋالىنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىشىدىن قورقۇپ ، دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قىلغان . ۋاڭ لىجۈن ئىشنىڭ تىخىمۇ كىڭىيىپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولغان . 2011 – يىلى 14 – دېكابىر بوگۇ كەيلەي مەخسۇس زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ، « 15 – نويابىر » دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغان ، ئۆزى ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى يوشۇرۇپ بەرگەن لى ياڭ ، ۋاڭ تېڭفىي ، ۋاڭ جى قاتارلىقلارنى مېھمان قىلغان .

ۋاڭ لىجۈن ئىقرارىدا : ئىككىنچى كۈنى گو ۋىيگو ، ۋاڭ جى بىلەن ۋاڭ تېڭفىينى ئىلىپ بېيجىڭغا بارغان . مەن گوۋىيگونىڭ ئالدىدىلا ۋاڭ جى بىلەن ۋاڭ تېڭفىينى تىللدىم . مېنىڭچە ، ئۇلارنى تىللىغىنىمنى گوۋىيگو چۇڭچىڭغا يەتكۈزگەن ، بۇلتۇر 14 – دېكابىردىن كېيىن بوگۇ كەيلەينىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى ، بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولمىدى ، ئۇ مەندىن مۇداپىئەلىنىشكە باشلىدى ، دېيىلدى . گوۋىيگو ، ۋاڭ تېڭفىي ، ۋاڭ جىلارمۇ يۇقىرقى ئەھۋالنى دەلىللىدى .

2011 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا ۋاڭ لىجۈن يېنىدىكى تۆت خىزمەتچىسى قانۇنسىز ھالدا تەكشۈرۈلدى . بۇ ۋاڭ لىجۈن بىلەن بوگۇ كەيلەي ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . ئالاقىدار گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزىدە كۆرسىتىلىشىچە : 2012 – يىلى 28 – يانۋار ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇلغا بوگۇ كەيلەينىڭ « 15 – نويابىر » دېلوسىدىكى مۇھىم گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان . 29 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بوگۇ كەيلەي ۋاڭ لىجۈننى بىر شاپىلاق ئۇرغان . گوۋىيگونىڭ سوراق خاتىرىسىدە : ۋاڭ لىجۈننى ئۇرغاندىن كېيىن ، بارلىق زىدىيەت شۇ يەردە ئاشكارە بولدى ، دېيىلدى .

زىدىيەت كەسكىنلەشكەندىن كېيىن ، ۋاڭ لىجۈن شۇ كۈنى لى ياڭ قاتارلىق كىشىلەرنى بارلىق گۇۋاھچى ۋە گۇۋاھلىق سۆزىنى قايتىدىن ئېنىقلاشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەم نېيل ۋۇدنىڭ قېنى قاتارلىق مۇھىم ماددى ئىسپاتلارنى ، بوگۇ كەيلەينىڭ نېيل ۋودنى قەستەن ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت دەلىل – ئىسپاتلارنى رەتلەپ چىقىش ھەمدە مەخپى ئۈن ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلىدى . كېيىن رەتلەنگەن بارلىق ئارخىپ لى ياڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى .

ۋاڭ جىنىڭ سوراق خاتىرىسىدە : ۋاڭ لىجۈن 29 – يانۋار ۋاڭ تېڭفىي بىلەن مىنى ۋە لى ياڭنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ ، « 15 – يانۋار » دېلوسىغا ئائىت ئاخىپلارنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىشنى ئېيتتى . بىز بىر نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئاخىپلارنى رەتلەپ چىقتۇق . ۋاڭ لىجۈن بىزگە بۇ ئارخىپلارنى بۆلۈپ بىرىپ ، ئايرىم – ئايرىم بىخەتەر ئورۇنغا قويۇپ قويۇشىمىزنى ئېيتتى .

ۋاڭ جى يەنە : مەن ئۇ ۋاقىتتا ۋاڭ لىجۈننىڭ بوگۇ كەيلەيدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى بىلەتتىم . بولمىسا ئۇ بىزنى بۇ ئارخىپلارنى رەتلەشكە ئورۇنلاشتۇرمايتى ، ئۇنىڭ بۇ دىلونى قولغا ئىلىشىدا شەخسىي مۇددىئاسى بولۇشى مۇمكىن ئىدى ، دېدى .

2012 – يىلى 2 – فېۋرال ، ۋاڭ لىجۈننىڭ چۇڭچىڭ شەھرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق خىزمىتى تەڭشىلىپ ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەيدىغان بولدى . فېۋرالنىڭ بىشىدا ۋاڭ لىجۈن يېنىدىكى ئۈچ خادىم يەنە قانۇنسىز ھالدا تەكشۈرۈلدى . ۋاڭ لىجۈن ئۆزىنى خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش خىيالىغا كەلدى .

ۋاڭ لىجۈن 6 – فېۋرال كېڭىشىش خىزمىتىنى باھانە قىلىپ ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەستەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شۇ كۈنى سائەت 14 دىن 31 مېنۇت ئۆتكەندە ئۆز مەيلىچە ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالدى .

چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دەلىللىشىچە ، بۇ مەزگىلدە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت چۇڭچىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى  قاتنىشىدىغان ھىچقانداق ھۆكۈمەت ئىشى پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرمىغان ، ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى باش كونسۇلخانىسىدا سودا ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى كېڭىشىش توغرىسىدىمۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتنىشىدىغان پائالىيەتنىمۇ ئۇيۇشتۇرمىغان ، ۋاڭ لىجۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى باش كونسۇلخانىسىغا بىرىپ قاتنىشىدىغان دىپلوماتىيە پائالىيىتىنىمۇ تەشكىللمىگەن .

ئەيىبنامىدە : ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ، ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن مۇھىت ئاسراش ، مائارىپ ، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ئىشلاردا قىسقا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ، دىلو مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تەكشۈرۈش سەۋەپلىك ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئامېرىكىدىن پاناھلىق بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى يازغان ، دېيىلدى .

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ، ۋاڭ لىجۈن 7 – فېۋرال سائەت 23 دىن 35 مېنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئايرىلىپ ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى .

ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا بوگۇ كەيلەينىڭ نېيل ۋۇدنى قەستەن ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە لى ياڭغا خەت يېزىپ ، نېيل ۋۇدنىڭ ئۆلۈم دىلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ج خ خادىملىرىغا نېيل ۋۇدنىڭ قېنى قاتارلىق ماددى ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشنى ئېيتتى .

ئەيىبلىگۈچى : جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن رەتلىگەن ئارخىپ ماتىرياللىرى بوگۇ كەيلەينىڭ نېيل ۋۇدنى قەستەن ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللەيدۇ ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى .

ۋاڭ لىجۈن كونسۇلخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، ج خ مېنىستىرلىقى ئۇ ئىنكاس قىلغان ئەھۋالغا ئاساسەن ، نېيل ۋۇدنىڭ ئۆلۈم دىلوسىنى قانۇن بويىچە قايتىدىن تەكشۈردى . 2012 – يىلى 20 – ئاۋغۇست ، ئەنخۈي ئۆلكىسى خېفىي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بوگۇ كەيلەي ، جاڭ شياۋجۈننى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بار ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى .

ۋاڭ لىجۈن دىلوسى تەھقىقلىنىش جەريانىدا ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ، پارا ئىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى ئىنكاس ۋە پاش قىلىش ماتىرياللىرى كەلگەن بولۇپ ، تەھقىقلەش ئورگانلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىل – ئىسپات توپلىدى .

مۇخبىرنىڭ سوت مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە ، ۋاڭ لىجۈننىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق مۇھىم پاكىتلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن : 2009 – يىلى ئاپرىلدا ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ، يېقىن تۇققانلىرىنى بېيجىڭدىكى مەلۇم تارماققا يۆتكىگەن  ، لېكىن ئۆي بولمىغانلىقتىن ، داليەن شىدې گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى شۈ مىڭ 2 مىليون 850 مىڭ يۈەن چىقىرىپ بىيجىڭدىن ئىككى يۈرۈش ئۆي سېتىۋىلىپ ، ئۇنى قىيىنئاتىسىنىڭ نامىدا بېجىرگەن . بۇ ئىشتىن كېيىن ، ۋاڭ لىجۈن شۈمىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن . شۇ يىلى ئىيولدا ، ۋاڭ لىجۈن شۈمىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چۇڭچىڭ دىلو بىجىرىش تارمىقىغا قاماپ قويۇلغان پەن XX ، ۋاڭ XX ، جاڭ XX نى قويۇپ بەرگەن . 2008 – يىلى سېنتەبىر ، 2009 – يىلى نويابىردا ، ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىدارە باشلىقى بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ، داليەن شىيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى يۈ جۈنشى ئىككى قېتىمدا 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ، ۋاڭ لىجۈننىڭ چۇڭچىڭدىكى ئىجارىگە ئالغان داچىسىنىڭ ھەققىنى تۆلىۋەتكەن . 2009 – يىلى ئۆكتەبىردە ، ۋاڭ لىجۈن يۈ جىنشىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چۇڭچىڭ دىلو بىجىرىش تارمىقىغا قاماپ قويۇلغان ياڭ XX نى قويۇۋەتكەن .

ۋاڭ لىجۈن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان مەزگىلدە ، باشقىلارنىڭ قانۇنغا خېلاپ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت يىپ ئۇچلىرىنى ئاشكارىلاپ ، ئالاقىدار دىلونىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى .

سوتتا ئاقىلىغۇچى ئادۋۇكات ۋاڭ لىجۈننىڭ جىنايى جازاسىنى يەڭگىللىتىشنى تەلەپ قىلىپ ، ئاقلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇ : ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىشى ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش قىلمىشىنىڭ داۋاملاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا جىنايى جازانى يېنىكلىتىشكە ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ . ۋاڭ لىجۈن بۇ جەرياندا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ، قىلمىشىنى تاپشۇردى ، ئۇنى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر دەپ بىكىتمەي ، قىلمىشى ئېغىر دەپ بىكىتىش كېرەك . سوتنىڭ بۇنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، دېدى .

ئەيىبلىگۈچى : ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايەت ، ئۇ ئاللىقاچان بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ ، جاۋابكار ئىشتىن ئاۋۋال پىلانلاپ ، كېڭىشىش خىزمىتىنى باھانە قىلىپ ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالغان ھەمدە كونسۇلخانىغا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ، بۇ ئەمەلگە ئاشقان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ . ۋاڭ لىجۈن ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلدى ھەمدە ئاسىيلىق قىلىپ قېچىشتىكى ئاساسلىق جىنايى پاكىتلىرىنى ئىقرار قىلدى ، بۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىق بولىدۇ . جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 67 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ . جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرۇقلۇق ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى ، ئۆز مەيلىچە قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىدە ئالاھىدە رول ئويناپ ، ئېغىر جىنايەت شەكىللەندۈردى . ۋاڭ لىجۈن كېيىن چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا بوگۇ كەيلەينىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق ئارخىپلارنى قايتىدىن رەتلەپ ، دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ، ماددى ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويغان . دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا بوگۇ كەيلەينىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ ، قايتىدىن تەكشۈرۈش ئىشلىرىدا ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلونى پاش قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆز مەيلىچە قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىگە يېنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ . ۋاڭ لىجۈن باشقىلارنىڭ ئېغىر قانۇننى خېلاپ جىنايى قىلمىشىنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرىشىدە مۇھىم رول ئويناپ ، زور خىزمەت كۆرسەتتى ، شۇڭا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 68 – ماددىسىدىغا ئاساسەن يېنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ ، دېدى .

« شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » نىڭ 2012 – يىللىق 20 – سېنتەبىر سانىدىن ئېىندى .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 02:14:26

2012 – يىلى 28 – يانۋار ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇلغا بوگۇ كەيلەينىڭ « 15 – نويابىر » دېلوسىدىكى مۇھىم گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان . 29 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بوگۇ كەيلەي ۋاڭ لىجۈننى بىر شاپىلاق ئۇرغان .

..........................................................

بۇ گېزىتتىكى خەۋەر ئۆزگۈرۈپ قاپتىيا ؟؟؟ تۈنۈگۈنكى خەۋەردە ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇلغا بوگۇ كەيلەينىڭ « 15 – نويابىر » دېلوسىدىكى مۇھىم گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغاندا ئاساسلىق مەسئۇل ئىككى شاپىلاق ساپتىكەن .  {:106:}

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 06:20:05

مەزمۇننى تولۇق ئوقۇغىلى بولمىدى ،خەتلەر كۆزنەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۆكىنىۋاپتۇ ،ئوڭشىۋەتساڭلار بوپتىكەن

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 06:36:55

ئىتلار بىرسى-بىرسىنى تالاپتۇدە ھاھاھا

گەپنىڭ راستىنى دىسەم بۇلار تۇرمىگە كىرگەن بىلەن يەنە بىرقانچەيىلغا قالماي چىقىپ بولىدۇ

قارغاندا شۇنداق ئادەم ئۆلتۇرگەن نەچچە ھەسسە يامانلىق قىلغانلارنى جىق بولسا 10يىلدىن 15 يىلغىچە كىسىدىكەن .............................

adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 08:00:22

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 10:41:15

بوگۇكەيلەي دىگىنى بوشىلەينىڭ نىمىسى؟

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 10:41:19

بوگۇكەيلەي دىگىنى بوشىلەينىڭ نىمىسى؟

freebird يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 12:15:07

6- قەۋەتتىكى tuprakbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بوگۇكەيلەي دىگىنى بوشىلەينىڭ نىمىسى؟

بوشىلەينىڭ خوتۇنى ، ئەسلى ئىسمى گۇكەيلەي ، بوشىلەيگە ئۆيلەنگەندىن كىيىن بو فامىلىسىنى قوللىنىپ ئىسمىنى بوگۇكەيلەيگە ئۆزگەرتكەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-22 08:27:03

ۋاڭ لىجۈن نېمە ئۈچۈن مەھبۇسلار كېيىمىنى كەيمەيدۇ؟

چۈنكى، بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسى بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەر قانچە چوڭ گۇناھ قىلسىمۇ، سوراق قىلىنغاندا مەھبۇسلار كېيىمىنى كەيمەيدۇ. بۇ نەچچە مىڭ يىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فىئوداللىق ئەنئەنە. ئويلىمىغان يەردىن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت مۇشۇ ئادەتنى ساقلاپ قاپتۇ-دە!

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 10:47:36

بوگوكەيلەي دىلوسى چىقمىغان بولسا ، ۋاڭ لى جۈن دىگەن بۇرادەرنىڭ پارا ئالغان ، قانۇن-ئىنتىزامنى بۇزغان قىلمىشلىرى ‹‹مۇقەددەس سىر››بولۇپ قالاتتىكەن - ھە ... بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەس تورلىشىپ ، باغلىنىپ كەتكەن مۇشۇنداق توڭگۇز مىجەز كىشىلەر پەقەت بىزنىڭ دىيارىمىزدىلا ھوقوقدار بولۇپ تۇرالامدىكىن دەيمەن ، ئۇلۇق-دانا كومپارتىيمىزنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ھاھاھاھ.... \"\"

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 17:03:31

ج خ تورى ( ئىچكى تور) غا كىم كۆچۈردىكىن .

ج خ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم ، مەنبەسىدىمۇ ئىزدىنىش دەپ باركەنتۇق .

imlachi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 08:18:29

15 يىللىق كېسىلىپتۇ.

中新网9月24日电 据中央电视台报道,成都市中级人民法院24日上午对重庆市原副市长王立军案一审宣判,王立军因徇私枉法、滥用职权,叛逃并受贿305万,共获刑15年

بەت: [1]
: ۋاڭ لىجۈن دېلوسىنىڭ باش – ئاخىرى