lutun2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 15:03:52

ھۇررا توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى

    دىيارىمىزغا نىسبەتەن 2012-يىلدىكىئەڭ قىزىق تېما <<ھۇررا!>> بولدى. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جوڭگۇ پۇتبولچىلار بېرلەشمىسى شىنجاڭ رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرغان <<2012-يىللىق ب دەرجىلىك كوماندىلار بېرلەشمە مۇسابىقىسى>>دىن تارقالغان <<ھۇررا>>سادالىرى تەڭرىتاغ باغرىدىن ئۆتۈپ مەملىكىتىمىز جوڭگۇ شۇنداقلا چەتئەللەردىكى پۇتبول سۈيەر خەلقلەرنى ھەيران قالدۇردى . يۈكسەك مەدەنىيەت خېمىرتۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ روھ ،بۇ بىرلىك ، بۇ ئىناقلىق مەملىكىتىمىزۋە دۇنيا خەلقىگە پۇتبول سۇيەر روھىمىزنى ، پۇتبول مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتتى.


       بۇنىڭدىن 11ئەسىر ئىلگىرى بۈيۈك قامۇسىمىز <<تۇركىي تىللار دىۋانى>>دا تىلغا ئېلىنغان بۇ تەنتەربىيە تۈرى ئەزەلدىن ئەزىمەتلەرنىڭ مەردلىكىنى ،جەسۇرلۇقىنى سىنايدىغان بىر بەيگە ئىدى. ئەلۋەتتە، مەدەت بەرگۇچىلەردىمۇ مەردلىك ،جەسۇرلۇق روھىنى ئۇرغۇتاتتى. بۇ بىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان مەدەنىيەت ھەركىتى ئىدى.لېكىن قاچانلاردىدۇر بىر چاغلاردا كەيدۇرۇلگەن بېشىمىزغا ماس كەلمىگەن <<ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى>>دىگەن قالپاقنىڭ ئاسارىتىدە، ھىسياتقا باي روھىي ئاجىز ،يىغلاڭغۇلۇق خاراكتىرى كۈچىيىپ كەتكەن مۇھىتتا ياشاۋاتقان خەلقىمىز ، تارىختا ئات ئۇستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كېتىۋېتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ،ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىدەك دۇنياۋىي ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ <<ئوقياچى مىللەت>>دەپ ئاتالغاندەك ؛ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى زامانىدا تۈرلۈك ساھە بويىچە يېتىلگەن ئىختىساس ئېگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن <<مەرىپەتچى مىللەت >> دەپ ئاتالغاندەك <<پۇتبولچى مىللەت>> دەپ ئاتالسابولماسمۇ؟!         


       پۇرسەت شۇنداق نەرسىكى ، ئۇنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ تۇتالمىسا گەرچە ئوغۇزخاننىڭكىدەك ئۆتكۇر قىلىچ بولسىمۇ ئۇ چامغۇر ئاقلاشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. سۇتۇق بۇغراخاننىڭكىدەك ئۇچقۇر ئارغىماق بولسىمۇ قوش تارتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بايقىساق بۇ بىز ئۈچۈن تارىخىي خاراكتىرلىق بىر پۇرسەت ! چۇنكى شۇ پەيتتە جوڭگۇ پۇتبولچىلىقى ئۈمۈدىنى شىنجاڭغا باغلىدى. دۇنيامۇ شىنجاڭنىڭ پۇتبول مەدەنىيىتىگە قىزىقماقتا...


      بىزگە ئوخشاش تەپەككۇر تىپىدىكى ئەمەس، ھېسسىيات تىپىدىكى مىللەتلەردە لوگىكىلىق پىكىر قىلىش ئادىتى كەمچىل ، ھېسسىياتلىق پاراڭ-سۆھبەتلەر كۆپ ئىلمىي روھ كەمچىل، قارىغۇلارچەقىزغىنلىق كۈچلۈك بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن غەلىبە خۇمار بولۇپ قېلىش، غەلبە قىلسا جاھانغا پاتماي ، بىر قېتىم مەغلۇپ بولسا پۇتۇنلەي ئۆزىنى يوقىتىش ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ھەل قىلماي قارىغۇلارچە قېيداش ، ھەممىدىن ۋاز كېچىش ، <<خۇجىسىدىن رەنجىسە ،ئاچچىقىنى مالىيىدىن چىقىرىش>>.... تەك بىر قاتار سەلبىي روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھەممە ئۈچۈن پاسسىپ تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر ناچار پىسخىك ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، پۇتبول ھەركىتىنى ۋە پۇتبول مەدەنىيىتىمىزنى قايتا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇزاققا بەرداشلىق بىرىدىغان پىسخىك ھالەتنى ساقلاپ ،قىيىنچىلىقلارنى ئەڭ تۈۋەن دەرجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ "ھۇررا "سادالىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىمىز لازىم .<<ھۇررا>>سادالىرىمىز ئەزىمەتلىرىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيىتلەردە تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭرىسۇن! ئۇلار مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىۋاتقاندا ئۇلارغا <<ھۇررا>> دەپ تەسەللىي بېرەيلى .


      خۇلاسە كالام، ھۇررا توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى . ئەزىمەت غەلبە قىلغاندىمۇ ""ھۇررا"" دەپ توۋلايدۇ. مەغلۇپ بوولغاندىمۇ قايتا ""ھۇررا"" دەپ توۋلىيالايدۇ.   ئاخىردا ھەممىمىز بىرلىكتە 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 دە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 2012-يىللىق ب دەرجىلىك كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە "" ھۇررا " سادالىرىمىزنى بىرلىكتە كۆككە ياڭرىتايلى .


               

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 17:33:30

جۇڭگۇدا بىر تەنھەركەت تۇرىنىڭ راۋاج تىپىشىدا تاماشىبىنلار ھالقىلىق رول ئوينىيالمايدۇ،مىنىڭچە بۇ مۇسابىقىنى كۆرمىگەن تۇزۇك،چۇنكى ئونمىڭلىغان تاماشىبىن شىنجاڭ پۇتپۇلچلىقىغا نىسپەتەن نامەلۇم بىر رەھبەرنىڭ كىچىككىنە ئاددى سۆزىچىلىك رول ئوينىيالمايدۇ،بۇنداق رولى يوق ھىسىياتنى ئۇرغۇتمىغان ياخشى.ئۇيغۇر پۇتپۇلچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى بولۇش بۇ باشقا گەپ ،پۇتبۇل ھاۋاسى بۇ باشقا گەپ ،مەنمۇ پۇتبۇلنى ياخشى كۆرىمەن ،بىراق جۇڭگۇنىڭ مۇسابىقلىرىنى كۆرمەيمەن.ئەڭ ياخشىسى جۇڭگۇ پۇتبۇل جەمىيتىبولۇپمۇ شىنجاڭ پۇتبۇل جەمىيتىكونتىروللىقىدىكى مۇسابىقىنى كۆرمىگەن ياخشى .ھەممىسى چىرىك ھەم پۇتپۇل بىلىمى يوقلارنىڭ كونتىروللىقىدىكى مۇسابىقە.

abaidul يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 19:05:47

ئۇ يەرگە بارساق كۆرىدىغان نەرسە جىق!

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 19:11:07

بىر خەنسۇ مۇنداق دەپتۇ


ئولىمپىكقا بۇرۇنقىدەك قىزىقمايمەن


ئەسلى ماۋزۇسى 我已不再像四年前那样关注奥运了



ئولىمپىكقا بۇرۇنقىدەك قىزىقمايمەن


چۈنكى مەن ئالتۇن مېدالنىڭ كۆپ- ئازلىقىنىڭ دۆلەتنىڭ كۈچى، پۇخرالارنىڭ تۇرمۇشى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن جىق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدىم.


يەنە، خەجى يوغان تەنتەربىيە سارايلىرى بىلەن شۇنچە جىق تەنھەركەتچىلەرگە نۇرغۇن پۇل كېتىىدىغانلىقىنىمۇ بىلدىم.


ھەم يەنە ، قېرىلار پاناھسىز، بىمارلار داۋاسىز بولىۋاتسا ھەرقانچە جىق ئالتۇن مېدال ئالساقمۇ «شەرقى ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى» ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.


qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 19:43:59

ئەگەر ئاسماندىن پىچاق ياغىدىغان ئىش بولۇپ كەتسىمۇ ،ئاللا خالىسا 23-چىسلا كۇنى مەن شۇ سۆيۇملۇك ئەزمەتلىرىمىزگە ‹ھۇررا› توۋلايمەن....خەيرى 23 ئەرگۇڭدا كۆرشەيلى....

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 19:51:17

كىملەر بارىدۇ؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 20:19:32

بالىلارغا تەشۋىق قىلاي ،بارساق بارارمىز ،6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاجايىپ بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۆرىۋالغان ئىكەنمىز ،گەرچە يېڭىلىپ قالساقمۇ ...

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 20:40:59

ھازىرچە مەن بىلەن ئىستەمى ئىككىمىز بار...باردىغانلار بولسا بىللە بارايلى...827915310

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 20:46:07

ھازىرچە مەن بىلەن ئىستەمى ئىككىمىز بار...باردىغانلار بولسا بىللە بارايلى...827915310

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 21:15:27

نەچچە ئونمىڭ ئۇيغۇر بىلەن نەرە تارتىشنىڭ پەيزىلىكىنى ھېس قىلالمىغانلار بارمايدۇ، لېكىن مەن بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىم، چۈنكى مەن ئۈرۈمچىدىن 1600 كىلومېتىر يىراقلىقتا...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 22:00:48

8- ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىگە مۇسابىقە كۆرگىلى بارغاندا تارتقان سۈرەتلىرىمدىن ئىككى تال :



مۇسابىقىدىن قايتقاندا(ب ر ت)


\"\"


مەيداندىن تارقىغاندا



\"\"



يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولدىكى بوۋاي



\"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 11:22:27

مەنمۇ بارىمەن نىسىب بولسا ......

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 12:34:13

ئەلۋەتتە كۈشلۈك ھۇررا سادالىرى ئىچىدە ، ئەزمەتلىرىمىزگە يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن مەدەت بىرىمىز !!!

تۈمۈگۈنكى خەۋەردىن قارىغاندا ، شاڭخەي كوماندىسى رەقىبىنى 3-1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، بىز بىلەن ئوينىلىدىغان 1 مەيدان مۇسابىقىسى قالغان ھالەتتە 40 نۇۇر بىلەن 4- ئورۇندا .

كەينىمىزدىن تاپ بىسىپ قوغلاپ كەلگەن شەنشى كوماندىسى 2 مەيدان مۇسابىقىسى قالغان ھالەتتە 36 نۇمۇر بىلەن 5- ئورۇندا .

تاشئالما كوماندىمىز 2 مەيدان مۇسابىقىسى بار ھالەتتە 35 نۇمۇر بىلەن 6- ئورۇندا ، بۇ 2 رەقىبىنىڭ بىرى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولغان شەندوڭ كوماندىسى ، يەنە بىرى بولسا ھايات ماماتلىق رەقىبىمىزگە ئايلىنىپ قالغان 4- ئورۇندىكى شاڭخەي جوڭباڭ كوماندىسى.

شۇڭا بىرىنجىدىن قالغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم يىڭىشىمىز كىرەك .

ئىككىنجىدىن 5-ئورۇندىكى شەنشى كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم ئۇتتۇر ۋىتىشىنى تىلەپ ئولتۇرۇشتىن ئۆزگە چارە يوق .

قىرىندىشىمىز لۇتۇننىڭ ئيىتىقىنىدەك كوماندا ئىچى تىشىدا نىمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتقىنى بىزگە نىسبەتەن راستىنلا قاراڭغۇ ، نەتىجە ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئەزمەتلىرىمىزدىن ئاغرىنىپ كوماندىمىزنى يالغۇز قويۇش راستىنلا ھازىرقى شارائىتقا نىسبەتەن مەنچە ئوشۇقچە .

نىمىلا بولمىسۇن 7-8 ئايدىن بىرى «ھۇررا» دەپ توۋلاپ ، كوماندىمىزغا مۇھەببىتىمىزنى بىرىپ دۆلەت ئىچى سىرتىدا ھەممىنى تاڭ قالدۇرۇپ ، « قاراڭ ماۋۇ مەستانىلەرنى » دىگۈدەك ھالدا يۈكسەك ھۆرمۈتىگە ئېرىشىپ كەلدۇق .

خۇلەسە كالام : بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىمىز بولۇشۇپ قىلىشى شۇنداقلا بىرنەچچە يىلغىچە سۆيۈملۈك كوماندىمىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن . شۇڭلاشقا ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ، پۈتۈن مەيداننى قاپلىغان ئۇيغۇرۇمنىڭ ھۇررا ساداسى ، مۇڭلۇق « ھۇۋلاشلىرى» ئىچىدە، ھەيۋەتلىك « نەرە» تارتىلغان« ئەڭ ئاخىرقى» بىرلەشمە ساھىپخان مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرساق ، ئەزمەتلىرىمىزنى مەيداندا يالغۇز قويمىساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .

ھۇررا شىنجاڭ ، سۆيىمەن سىنى ئۇيغۇر !!!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 12:51:17

ھۇررررررررررررررررررا ۇيغۇر ابتىنۇم رايۇننى اداققىچە سۆيمەن \"\" \"\"
بەت: [1]
: ھۇررا توۋلاش ئەزىمەتلەرنىڭ ئىشى