Word تا خەت باسسام، ھەر بىر سۆزنىڭ ئارىلىقىغا چېكىت چىقىۋالدى
1.
win7 دە office2007 نىڭ ئىخچاملانغان نۇسخىسىنى قاچىلاپ ۋوردتا خەت باسسام ھەر بىر سۆز ئارىلىقىغا چېكىت چىقىۋالدى.
ئەرەپچە تىل بولىقىمۇ قوشتۇم بولمىسا،يەنىلا بولمىدى, كىرگۈزگۈچكە ئالپ سوفت 8.0.1 كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان ئىدى.
مانا مۇنداق چىقىۋالدى: دادام . كېلىپ . كەتتى
بۇ ئىش win xp دىمۇ office 2003 قاچىلانغاندا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى.
2.
يەنە كېلىپ بىر سۆزنى بېسىپ بولۇپ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئۇرساملا خەت سولغا ئالمىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى قانداق ئوڭشايمىز؟
زادى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ بۇ مەسىلىنى ؟ ياردەم قىلىڭلار.
office2007 دە بىر ماتېرىيال تەرجىمە قىلىۋېتىپ، مەنمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانتىم، 10 ئادەمدىن سورىسام بىلىدىغاندىن بىرسى چىقمىدى. ئاخىرى بولماي، 2003 نى قايتىدىن قاچىلاپ يازسام ئاندىن ئوڭشالغانتى. مۇراد دىگەن ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ قويسام بولغۇدەك.
مۇشۇنداق چىقىۋالدىمۇ ؟
بۇنىڭ سەۋەبى ماۋۇ يەردە:
ھەممىسى مۇشۇ بەلگىنىڭ ئىشى . مېنىڭ ئىشلەتكىنىم 2010 نۇسخىسى .
مەن تا ھازىرغىچە يولۇقۇپ باقمىدىم بۇنداق ئىشلارغا، يەنىلا ۋورد 2003 تىن باشقىنى ئىشلەتمىگىنىم تۈزۈككەن، چۈنكى بۇ يەردىكى %99 ئادەمنىڭ كومپىيوتېرىدا ۋورد 2003 قاچىلاقلىق. مەنمۇ Word نى كۆپ ئىشلىتىمەن. ئەگەر تاپالىساڭلار Word 2010 نى تەۋسىيە قىلىمەن. مەشغۇلاتلىرى ئاددى، قولايلىق. Word 2003 نەشىرىگە قارىغاندا كۆپ ئىلغار.
2- قەۋەتتىكى aytarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
office2007 دە بىر ماتېرىيال تەرجىمە قىلىۋېتىپ، مەنمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانتىم، 10 ئادەمدىن سورىسام بىلىدىغاندىن بىرسى چىقمىدى. ئاخىرى بولماي، 2003 نى قايتىدىن قاچىلاپ يازسام ئاندىن ئوڭشالغانتى. مۇراد دىگەن ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ قويسام بولغۇدەك.
يامان جاپا تارتىۋاپسىزدە
6- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى aytarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
office2007 دە بىر ماتېرىيال تەرجىمە قىلىۋېتىپ، مەنمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانتىم، 10 ئادەمدىن سورىسام بىلىدىغاندىن بىرسى چىقمىدى. ئاخىرى بولماي، 2003 نى قايتىدىن قاچىلاپ يازسام ئاندىن ئوڭشالغانتى. مۇراد دىگەن ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ قويسام بولغۇدەك.
يامان جاپا تارتىۋاپسىزدە
ياقەي، ھىچ جاپا تارتقاندەك ئەمەسقۇ . ئىلغار نەسىلەر بىلەن تازا چىقىشالماي قالىمەنچۇ بەزىدە، ئېپى-سېپىنى بېلىپ بولالماي. شۇڭا كونىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئىنتىل سەيناسىغۇ يوللاپتىكەنسىز، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى شۇ يەردە بىلىۋالغانتىم. بىز يەنىلا 2003 بىلەن شى پى ئىشلىتىۋاتىمىز مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمدىمۇ مۇشۇنداق بۇلۋالغىلى 1ئايدىن ئاشقان لىكىن نۇسقىلاش ماشىنسىغا بۇيرۇق بەرسەم قەغەز يۈزدە خەتلەر نورمال، بىردەم ئەپلىشىپ ئوڭشىيالماي شۇنداق ئىشلىتىۋەگەنتىم ،ئەتە بېرىپ مەنمۇ ئوڭشىۋالاي.
مىنىڭچە يېڭى نۇسقىسنى ئىشلەتكەن ياخشى بىرقانچە يىلدىن كىيىن كۆپ سانلىق كومپىيوتۇرلاردا 2010ئۇمۇملاشسا 2003 نى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالغانلارتېخمۇ قولايسىز ئەھۋالدا قالدىغان گەپ ،2010نى ئىشلەتمىسەك بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ يېڭى نەشىرلىرى چىقسا يېڭى نەشىرلىردىن بارغانچە يىراقلاپ كىتىدىغان گەپ ،1 سائەت ۋاقىت چىقرىپ ئەپلەشسە 2003 نى ئىشلىتەلەيدىغانلار 2010دىمۇ ئۈزنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ. ئاۋۇ ئۈستىدىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈشتە كۆرسىتىلگەن كۇنۇپكا مەخسۇس ھەرپتىن باشقا بېسىلغان كۇنۇپكىلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە. تېما ئىگىسى تىلغا ئالغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېكىت بولسا شۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق كۇنۇپكىسى بېسىلغانلىقىنى (يەنى بىر بوشلۇق بارلىقىنى) كۆرسىتىدۇ. قۇر يۆتكەش كۇنۇپكىسىنىڭمۇ ئايرىم بەلگىسى بار. بۇ ئىقتىدار يازمىنىڭ فورماتىنى تۈزىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ. 2010 نىڭ ئالتە ئاي بولغاندا يېتىۋالىدىغان كېسىلىدىن قورقۇپ،ھەقىقى نۇسخىسىنى ئالاي دېسەم پىخسىقلىق قىلىپ،ھازىرغىچە 2007 نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەنمۇ....
12- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2010 نىڭ ئالتە ئاي بولغاندا يېتىۋالىدىغان كېسىلىدىن قورقۇپ،ھەقىقى نۇسخىسىنى ئالاي دېسەم پىخسىقلىق قىلىپ،ھازىرغىچە 2007 نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەنمۇ....
ئاكتىپلىغۇچ بارغۇ؟
13- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2010نى ئاكتىپلاپ ئىشلەتمىسەم 30 كۈن،ئاكتىپلىغۇچتا ئاكتىپلاپ ئىشلەتسەم 180كۈندىن كېيىن يېتىۋېلىپ .....
14- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
12- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2010 نىڭ ئالتە ئاي بولغاندا يېتىۋالىدىغان كېسىلىدىن قورقۇپ،ھەقىقى نۇسخىسىنى ئالاي دېسەم پىخسىقلىق قىلىپ،ھازىرغىچە 2007 نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەنمۇ....
ئاكتىپلىغۇچ بارغۇ؟
2010نى ئاكتىپلاپ ئىشلەتمىسەم 30 كۈن،ئاكتىپلىغۇچتا ئاكتىپلاپ ئىشلەتسەم 180كۈندىن كېيىن يېتىۋېلىپ .....
180 مۇ ئاز ۋاقت ئەمەسقۇ. 180 كۈندە سىستېمىنى نەچچە يېڭىلاپ قالىمىز.
بۇنىڭدىن بىرنى سىناپ بېقىڭ