«توغراق » تور بېكىتى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
ئۆز مۇخبىرىمىز جاڭ لېي، ھەجەرگۈل ياقۇپ خەۋىرى، فوتوسى. 19-سېنتەبىر، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئۇنېۋىرسال تور بېكىتى «توغراق تورى» 19-سېنتەبىر (بۈگۈن) ئەتتىگەن ئېچىلدى. شىنجاڭ ئېنتېرنېت تورى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاپپار راشىدىن ۋە ياشىن تور بېكىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاڭ شياۋيۈ قاتارلىقلار تور بېكەتنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تورىنىڭ بىرى بولغان ياشىن تورى باشچىلىقىدىكى «توغراق تورى» شىنجاڭدىكى پاي چېكى تۈزۈمىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بېكىتى .

ياشىن تور بېكىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شياۋيۈ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: « توغراق شىنجاڭدىكى ئالاھىدە بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ‹قۇملۇقتىكى قەھرىمان دەرەخ› دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ تور بېتىدە «خەۋەرلەر ، ئىقتىساد ، قانۇن ، ساياھەتچىلىك ، تائاملار ، ساغلاملىق ، سودا، مودا ئېقىم » قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق سەھىپىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، تورداشلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، تور ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلۈنۈپ، « ئالغا بېسىش ، ئېچىۋېتىش ، مەدەنىيەت ، پەن - تېخنىكا » قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تارقىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان تور بېكەت ھېسابلىنىدۇ.

جاڭ شاۋيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توغراق تورى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق 10 گېزىت، بەش ژۇرنال، ئۈچ تور پونكىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى مەنبە قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزىيە، ژۇرنال، تور قاتارلىقلاردىكى ئۇيغۇرچە پروگرامما، قاناللار بىلەن ھەمكارلىشىش توختامى ئىمزالاپ، مەملىكەتتىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پاي چېكى تۈزۈمى ئارقىلىق كۈچلۈكلەر بىلەن بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرچە 100تور بەتنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ، كۈچلۈك بىرىكمە ھاسىل قىلدى. توغراق تورى شىنجاڭ خەۋەرلىرىنى تارقىتىش، سىرتقا تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم جامائەت پىكرى بازىسى ۋە مۇلازىمەت مۇنبىرى. شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم كۆزنىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشتىكى ئۇنىۋېرسال مۇھىم تور پونكىتى.

شىنجاڭ ئېنتېرنېت تورى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاپپار راشىدىن، شىنجاڭ ئېنتېرنېت تورى جەمئىيىتىگە ۋاكالەتەن توغراق تورىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ توغراق تورىدىن، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى بولۇپ قېلىشىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، قىممەت يارىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سەھنە بولۇپ قېلىشىنى، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى يېڭى باغچا بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناق بولغان ئېنتېرنېت يېڭى مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۇت قىلدى.

تور بەت نورمال ئەمەسكەن ، سانلارنىڭ ھەممىسى خاتا چىقىدىكەن. 50 مىڭ ساياھەتچى دېگەن خەت 05 ساياھەتچى ، 2020 -يىلى دېگەن خەت 0202 -يىلى دەپ كۆرنىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئېنتېرنېت تورى جەمئىيىتى دېگەن جەمئىيەتنىڭ بارلىقىنى ئەمدى ئاڭلاپتىمەن. ئۇيغۇرچە تور بەتلەر قۇمدەك جىق بولسا مەيلىغۇ ئىشقىپ ...
لېكىنزە كىرسەك بەت يۈزىدە يەنىلا بىر خىل خەنچە پۇراق باركەن .....
يەنىلا بۇنداق تور بەتلەرنىڭ كۆپىيىشىدىن كەسپىي تور بەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ...
مەخسۇس xj ئالما
مەخسۇس ئاندرويىد
مەخسۇس java
مەخسۇس php
مەخسۇس فىزىكا
مەخسۇس ئالەمشۇناسلىق
مەخسۇس خەرەتلىك
مەخسۇس قۇرۇلۇش
دىگەندەك مەخسۇس بەتلەر بولسا دىگەندەك چۇ ؟... مۇشۇنىمۇ تور بەت دەپ ئېلان قىلدىمۇ ، بۇ شەكىلۋازىلقۇ قاپقارا .... «ۋىدىئو»،«كۆرۈم»،«كۆرۈنمە چاستوتا»دەپ سۆرەم پالاز سۆرەپ يۈرگەندىن «سىن»لا دېسەك،ھەم ئىخچام،ھەم چىرايلىق،ھەم ساپ بولمامتى كىم قۇرۇپتۇ بۇ توربەتنى
مەنمۇ تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن شىنجاڭ ئېنتېرىنىت تورى بىرلەشمىسىنى
ياشىن تورىنىڭ «سوۋغا»سى!

tograk توگراك (توگراق) مۇ شۇ bagdax باگداكس (باگداش) مۇ شۇ. بولمىغىندىن بولغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇرچە تور بەتلەر كۆپەيسە ئۇيغۇر تىلىغا پايدىلىق.
12- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇنداق تور ناملىرى كۆزۈمگە جوڭگۇنىڭ ساختا ماللىرىدەك كۆرۈنۈدۇ.
tograk توگراك (توگراق) مۇ شۇ bagdax باگداكس (باگداش) مۇ شۇ.
باغداش تورى مەن كۆرگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك تېمىلار يېغىلغان توربەت .پينيىندا غ ھەرپى بولمىغاندىن كېيىن گ ھەرپىنى ئىشلەتكەن گەپ ،قۇسۇر تېپىشنىڭ ھاجىتى يوق .
14- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەھمىيەتلىك تىما بولغانلىقى ئۈچۈنلا قوسۇر تېپىشنىڭ ھاجىتى يوقما؟ كۆتەرمىچىلىك قىلماڭلار! تېخى پىنيىندا «غ » ھەرىپى يوق دەپكەتكىننى...سىزنىڭچىچە بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىمىز پىنيىن كەندە!...باغداش ھەرقانچە نادىر يازمىلارنى توشقىزىۋەتسىمۇ بەرىبىر يەنىلا ئۆزىدىكى بىنۇرماللىقنى يوقىتالمايدۇ تاكى تور نامىنى Baghdash دەپ ئۆزگەرتمىچە. سىز ئاۋال ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئوبدان كۆرۈپ ئاندىن باھا بىرىڭ
15- قەۋەتتىكى jesurmenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭ لاتىن يېزىقى دەۋالغان نېمىڭىزنى قانچىلىق ئۇيغۇر چۈشىنەلەيدۇ .بىلىمەن سىلەرنىڭ ئىنگىلىزچە بىلەن پىنيىننى ئارلاشتۇرۇپ ياسىۋادلغان لاتىنچەڭلەرنى ئەمما بىز ئاللىبۇرۇن كونا يېزىققا ئۆتۈپ كەتكەن ئادەملەر شۇڭا بۇ لاتىن ھەرىپلىرىنى خالىساق لاتىنچە خالىساق پىنيىن خالىساق تۈركچە ئوينايمىز .

بولدىلا باشقا تور بەتنى قويۇپ ماۋۇ تور بەتنىڭ نىمىش قىلىدىغانلىقىغا، ئۇيغۇر تىلى ۋە خەلقىگە ياراتقان ئۈنۈمىگە قاراپ باقمايلىما
14- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
12- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇنداق تور ناملىرى كۆزۈمگە جوڭگۇنىڭ ساختا ماللىرىدەك كۆرۈنۈدۇ.
tograk توگراك (توگراق) مۇ شۇ bagdax باگداكس (باگداش) مۇ شۇ.
باغداش تورى مەن كۆرگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك تېمىلار يېغىلغان توربەت .پينيىندا غ ھەرپى بولمىغاندىن كېيىن گ ھەرپىنى ئىشلەتكەن گەپ ،قۇسۇر تېپىشنىڭ ھاجىتى يوق .
غ نى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپ يوق بولسىغۇ بىر گەپ . بار تۇرسا چاپان يېپىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمەلىيەت شۇ. (سۈكۈت قىلىڭ يا تۈزۈتۈڭ)