jallat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 18:19:15

ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﯘﺭ ئوۋچىغا ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ


ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﯘﺭﻏﺎ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ




بىر ئۇيغۇر شائېرى




2004.10.23 12:43





ﺩﯙﯞﻩ-ﺩﯙﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ،


ﺋﯘﺯﯗﻥ-ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ،


ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ


ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﺎ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪﻡ....



ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ -ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﻮﻗﻰ.


ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ.


ﺷﯧﺌﺮ-ﻗﻪﻟﯩﭗ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﺴﻰ،


ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻢ.



ﺩﯙﯞﻩ-ﺩﯙﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ


ﭼﯧﭽﻰ ﻛﯧﺴﯟﯨﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ


ﺋﯧﻴﯩﺘﻤﺎﻗﺘﺎ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭ....



ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ


ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮ.



ﺭﯗﺱ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯧﯟﯨﺘﯘﺷﯩﻨﻜﯘ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ"ﻣﻪﻥﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﺪﯗ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ""ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻞ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ تەسۋىرىنى ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ.ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﺘﻰ ﭼﯩﻦ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.ﺷﯘﻧﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﺮﯨﻴﻪﺕ ﻧﯘﭘﯘﺯﯗﻣﻐﺎ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺋﯜﺯﻯ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﻰﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔﻧﻪﭘﯩﺲ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺭﯨﺘﻤﺪﻩﻙ ﻟﻪﺭﺯﺍﻥ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﻩﺭﺩﻯ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ.ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﻩﺭﺩﯨﻢ.


ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ،ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺷﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻐﺎﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻜﺮﻟﻪﺭﮔﻪﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﯩﺪﯨﻜﻰﺑﻮﺷﻠﯘﻕ،ﺋﯘﻟﻼﻧﻤﺎ ﺭﯨﺘﯩﻢ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ئاﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.ﻣﻪﻥﺋﻪﺷﯘ ﺩﯗﻟﻘﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔﺷﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻧﺎﮪﺎﻳﺘﻰ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.


ﻏﯘﺟﯩﻤﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻛﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ،ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﯦﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﮪﻪﺳﻪﺕﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺋﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺮﻟﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻗﯘﺷﺎﻕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﭼﯩﻨﯩﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺷﯧﺌﯩﺮﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺗﺎﻻﻧﯩﺖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪﺋﯘﭼﯘﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﮪﻪﺳﻪﺕﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.


ﻣﻪﻥ ﮪﻪﺳﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺷﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.ﮪﻪﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯧﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﻐﺎﻗﻮﻝﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯩﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ.ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﭘﺎﻛﻼﻧﺪﻯ.ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﺭﯗﮪﯩﻤﺪﺍ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯩﻢ.


ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ،ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺖ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯﺑﯩﺮ ﮪﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﺋﺎﻏﺪﯗﺭﺩﯗﻡ.ﺋﺎﺧﯩﺮﻯﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ.ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺯﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﮪﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.



ﺩﯙﯞﻩ-ﺩﯙﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ،


ﺋﯘﺯﯗﻥ-ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ،


ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ


ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﺎ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪﻡ....



ﻛﯩﺘﺎﭖ،ﺷﯧﺌﯩﺮ،ﺧﯩﻴﺎﻝ،ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ .ﮪﻪﻣﻤﻪﻗﻪﻟﯩﺐ ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪﺋﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮪﺎﻟﯩﺒﯘﻛﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛﭽﻰ؟!ﺑﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ، ﺗﯚﺕ ﻣﯩﺴﺮﺍ ﺋﯩﭽﻰ ﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ.ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﻳﯘﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﻛﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻛﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺑﯩﺰﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﺑﻪﺧﯩﺘﻨﻰ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﯘﻟﯩﻤﯩﺰ.ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﺋﺎﭘﺘﯘﺭﺋﯜﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﺯﻛﻪﭼﻤﻪﻳﺪﯗ.ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﯗﮪﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﺧﺘﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻦﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛﭽﻰ.


ﺗﺎﮔﻮﺭ"ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭽﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.ﺋﯘﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﺪﯗ""ﺩﯨﮕﻪﻧﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ 2-ﻛﯜﺑﻠﯩﺖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ،ﻛﯜﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﻪﺭﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺷﯘﯕﺎﺋﯘﻻﺭﺩﺍﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﯧﯖﻰ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﮪﯩﺴﻴﺎﺕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.ﺷﯘﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﭽﯩﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﻧﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻳﯜﺯﻩﻛﯩﻼ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


ﺋﺎﭘﺘﯘﺭ ﺑﯘ ﻗﻪﻟﺐ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥﺷﯧﺌﯩﺮﻏﺎﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﯖﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺕ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﺷﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﮕﻪﭘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻗﻪﻟﯩﺐ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺋﻪﻣﻤﺎﮪﯧﭽﻘﺎﺳﺴﯩﻨﻰﻳﯩﯖﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﻟﯩﺐ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺋﺎﺧﯩﺮﻯﺋﺎﭘﺘﯘﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﯖﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻐﺎﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﺎ :



ﺩﯙﯞﻩ-ﺩﯙﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ


ﭼﯧﭽﻰ ﻛﯧﺴﯟﯨﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ


ﺋﯧﻴﯩﺘﻤﺎﻗﺘﺎ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭ....




ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭﺩﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰﺗﺎﭘﻘﺎﻥ.ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﻪﭘﺘﯘﺭ ﯞﺍﺯﻛﯩﭽﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﮪﯩﺴﻴﺎﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯗﮪﯩﻴﺘﯩﮕﻪﺑﯧﺮﯨﭗﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯘ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻣﻪﺩﮪﯩﻴﻠﻪﺷﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺷﯧﺌﯩﺮ ،ﺋﺎﻳﺎﻝ،ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯧﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻪ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻨﯩﯔﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻜﻜﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰﺳﯩﻤﯘﯞﯗﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯟﺍﺳﻰ ﭼﺎﺭﻟﯩﺰ ﺑﻮﺩﻟﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯘﻟﯩﻤﯩﺰ.ﺋﯘ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﻰ ﻧﺎﻣﯩﻠﯩﻖﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﮕﻪﻥ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺷﻜﻪﻥ "ﭘﺎﺭﯨﮋﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ""ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﻰﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﺩﻟﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﺸﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞﺋﯩﭙﺎﺩﻩﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ.



ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ


ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮ.



ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺋﺎﭘﺘﯘﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯﻛﻪﭼﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯗﺭ.


ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪﻥ.ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﯘ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.




-ئوۋچىنىڭ دوستى بىر ئۇيغۇر شائېرىدىن


afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:01:49

خېلى نوچى يېزىپسىز دەي دېسەم، سىزنىڭ ئەمەسكەندە جاللات؟ \"\"

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:16:46

دۆۋە-دۆۋە ئازابلار ئارا

چېچى كېسىۋېلىنغان ئالۋاستى ئايال

ئېيتماقتا چۆچەكلەر...

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئۇشبۇ مىسرانى ياقتۇرۇپ قالدىم.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:41:04

بىزمۇ بىر چاغلاردا شېئىرغا ھەۋەس قىلىپ «شېئىر» يېزى يۈرگەن ئىدۇق، شۇ چاغلار ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:57:09

جاللات، مۇشۇ «شېئىر»، «شائىر» دېگەن خەتنىمۇ خاتا يازامسىز؟

deerwish يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 21:03:09

مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر شېئرىتىدىكى ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېرەك ،ئۇنىڭ شېئىرلىرى سۈزۈك سۇدەك. ئادەمگە تېتىم بىرىدۇ ،جاللاتنىڭ بۇ يازمىسى ياخشى چىقىپتۇ .تاتلىق بىر شېئىر ئوقۇغاندەك ھۇزۇرلاندىم !

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 21:40:48

ئوۋچىنىڭ شېئىرلىرىلىدىكى لىرىكىلىك ئادەمنى جەلپ قىلسا ،تىل ئىشلىتىشتىكى ئىنچىكىلىك ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 22:44:21

ئۆزىڭىزنىڭكىنىمۇ يوللاڭە، ھوزۇرلىنىپ ئوقۇيلى \"\"

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 22:52:38

خۇتەندە قالغان تۆت ناخشا



مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى



(مۇۋەششەھلەر)



بۇ-بىرىنچىسى....



پاتتىڭ تىرەن قەلبىمگە ئوقتەك

چۈشلىرىمدىن ساقىماقتا قان.

بىر قارىسام دۇنيادا يوقتەك

بىر قارىسام ئالدىمدا تۇرغان.



ئاقار ئارمان..ئاقار كەيىپ كۈي

شاۋقۇنلىرى سىڭمەكتە سايغا.

سۆيسەڭ ئەگەر قىپ-يالىڭاچ سۆي!

قانلار قالسۇن سۆيۈشكەن جايغا.



تىترەك ئۈنۈڭ ماڭا سىم قامچە

سىلىكنىمەن تەككەندە ھەر رەت.

كۆكرىكىڭگە يۆلەنگۈنۈمچە

مەن روھىڭغا يازماقتىمەن خەت.



ئىزى قالدى لەۋنىڭ ...كۆڭۈلنىڭ

مىسرالاردا چاقنار ئاي نۇرى.

پاچىقىڭدا ئېچىلغان گۈلنىڭ

كۆز يېشىدۇر سىم-سىم يامغۇرى.



گۈللەر..ئايدىڭ..يەنە مەست شامال

نىلۇپەردەك كۆتەردى كۈنلۈك.

يىغلا..يىغلا، شادىمان ئايال!

مەن يىغاڭنى يازىمەن ئۈنلۈك.



ئۈنتۇلماستا خەيىرلىك تۈنلەر

مەن سايەڭنى چىلاي شاراپقا.

كارۋىتىمدا ئاخشامقى ئۈنلەر

خۇش ھىدىنى قوشار ئازاپقا.



لەرزان..مۇڭلۇق ناخشىدۇر ھايات

سەن رەققاسسەن..مەن بىر ناخشىۋەن.

تەقدىر دىگەن ئەما موزىكانىت

كۈي كۈيلەيدۇ شۇ قەدەر لېۋەن......



2006.10.18

مانا بۇ -ئىككىنچىسى...



پاتتىڭ تىرەن.....قەلبىمدە بىر دەرت

چۈشتىن چۈشكە سوزۇلدى ھېجران.

مانا ئەمدى يازماقتىمەن خەت

مىسرالاردىن ساقىماقتا قان.



ئاققان تۈنلەر....سىم-سىم ئاي نۇرى

قەرىز قىلار شائىرنى بۇ تەن.

سېغىنىشنىڭ ئاپئاق گۈللىرى

لەۋلىرىڭگە سۆيىدۇ قەستەن.



تاشتىن تاشقا...كۆڭۈللەر ياشقا

كۆزلىرىمنى يەپ كەتتى كۆزلەر.

ئايال يوقتۇر سېنىڭدىن باشقا،

جىرىڭلايدۇ كارۋاتتا سۆزلەر.



ئىزىڭ كەلدى...سايەڭ كۆرۈنمەس

بوسۇغامدا ياۋايى ئىستەك.

مەن كەيىپمەن،كەيىپ غەرق مەست

قەي قىلىدۇ ھېجراننى يۈرەك.



گۇگۇم ئارا يېشىندىڭ تىترەپ

سەرخۇشلۇقتا تۇرىمەن قاراپ.

كۆكرىكىڭدىن ئاپئاق ھورئۆرلەپ

لېۋىڭ ئۈزرە قاينايدۇ شاراپ.



ئۇزدۇم.. مەستلىك تېڭىمدا دولقۇن

قىرغىقىڭدا گۈللەر سايىۋەن.

تېنىم شۇ تاپ چېچىلغان يالقۇن

بىر زىخ كاۋاپ پىژىلدار تىرەن.



لەيلەر ئاسمان..كۆڭۈل كۆكۈشرەڭ

مىسرالاردىن ئاقار كەيىپ تەن.

كۆكسۈڭ ئۈزرە جۇلالىغان مەڭ-

ئىچرە بىزنى ئۇنتۇدى خوتەن.....

2006.10.19



مانا بۇ-ﯴچىنچىسى...





پاتتىڭ تىرەن...ساغۇچ كۈز پەسلى

تىنىقىڭغا سىڭىشكەن مەھەل.

بارماق ئىدىم يېنىڭغا ئەسلى

توختاپ قالدىم كارۋىتىڭدا دەل.



ئانار قارنى يېرلىدى...يۇلتۇز

قىزغۇچ ئۈندە چېچىلدى يەرگە.

خوتەن يالغۇز..ئىككىمىز يالغۇز

نىمە دەيتىڭ ئەسەبى ئەرگە؟..



تارت لېۋىڭنى...لەۋلەر قان يۇقى

كۆكسۈڭ ئارا پەرۋازدا جەرەن.

كېلىپ تەگدى سۆيگۈنىڭ ئوقى

لىكىن ئۇخلاپ ياتىسەن لېۋەن.



ئىزلىمەسسەن...ئىزلەش بىھاجەت

مانا سۆيگۈ..مانا بۇ تۇرمۇش.

يىگىرمىدىن ئۆتتۈڭ ..بىتاقەت

سېنىڭ تامام..يىغلاش...ئاھ ئۇرۇش..



گۈللەر تامام قانرەڭ ئېچىلغان

كارۋىتىڭدا چۈشلەر يالىڭاچ.

ئەتىرگۈلنىڭ ھىدى چېچىلغان

ئۇۋىسىغا كىرەر قارلىغاچ....



ئۇنتۇ،دەرسەن..ئۇنتۇلماس لىكىن

بىر كۈنلەردە خەتتە،تىلفۇندا.

سەن بىر ئېتىز..سەن مۇنبەت ئېكىن

ھوسۇل بىرەر ۋۇجۇدۇڭ قاندا.



لەرزان ئۈندە چايقالغان تۈنلەر

سەن-سەن ماڭا،بىر ماڭىلا تەن.

قۇلىغۇمدا قالار شۇ ئۈنلەر

قالار مەڭگۈ يىراقتا خوتەن.....

2006.10.20



بۇ ﯪخىرقىسى....





پاتتىڭ تىرەن...كۈزدىن قايتتىم

ئەينەكلەرگە ئەگىشەر چۆللەر.

كۆكسۈمدىكى ئوقنى تارتتىم

جاراھەتتىن ئېچىلدى گۈللەر.



ئاسمان غۇۋا...كۆڭۈل قىزىل رەڭ

ئاپتۇبۇسقا ئەگەشمەكتە ئاي.

كۆكسۈڭدىكى ئەشۇ قىزغۇچ مەڭ

نۇر چاچماقتا تۇيغۇمغا تىنماي...



توختاپ قالدى بوسۇغامدا تۈن

چۈشكىن،ئەمدى قونغىن يولۇۋچى.

كۆكسۈم چۇچۇل...ئۆرلەيدۇ تۈتۈن

ئالقىنىمدا بارمىقىڭ ئۇچى.



ئىستەكلەرگە چىلىدىڭ تەكرار

ماكان بولدى سۇ بىلەن ئاتەش.

قايتا-قايتا يىغلايدۇ باھار

كۆزلىرىڭدە چوڭقۇر بىر ئۈندەش...



گۈللەر يالغان ئېچىلغان تاڭدا

ئاخىرقى رەت باقارسەن قىيا.

ئايىغىڭدىن توزغىغان چاڭدا

سۈكۈت بىلەن قالىدۇ دۇنيا...



ئۇخلا ،كۆڭۈل...ھاياتىڭ بىر چۈش

بىر ناخشىنىڭ قالار ئاھاڭى.

سۆيۈشىدۇ ئۆز ئارا ئۆتمۈش،

توزغۇپ ئىسسىق لەۋلەرنىڭ چېڭى.



لەيلەر گۈللەر...يەنە شۇ ناخشا

لەيلەر گويا تۇيغۇمدا بۇ تەن..

كەلگىن ئەمدى ناخشامنى تىڭشا

ئەي يىراقتا قالغان يار خوتەن!...



تۈگىدى.....



بۇ شېئىرنىڭ ئاۋازلىق ئەسىرى بار ئىدى كومپىيوتېرىمدا،يوللاشنى بىلەلمىدىم.



sarwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 08:17:12

پاتىگۇل دىگەن كىم؟

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 08:27:42

توۋا مۇنداقمۇ ئوچۇق ئاشكارە گەپ بولامدۇ؟تەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 09:40:25

مۇتەللىپ ماڭسۇر ئوۋچىنىڭ شېئىرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، يېڭسارلىققۇ دەيمەن، ئەمما ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

sheytinim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 10:56:55

9- قەۋەتتىكى sarwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پاتىگۇل دىگەن كىم؟



        مەنمۇ شۇنى سوراپ باقاي دېگەن . تۆت مۇۋەششەھنى << پاتىگۈل >> دېگەن خېنىمغا ئاتاپ يېزىپتۇ ، بۇ <<پاتىگۈل>> دېگىنى<< ئايپەتەم>> ئەمەستۇ ھەرنېمە بولسا ؟!

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 11:43:01

بۇ ئادەم ئېسىل يازىدۇ.جاللاتقا رەھمەت.ئاۋۇ مۇۋەششەھلەر بەلەنكەن!

qiriqbirinchi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 14:02:58

ئوبزۇر مۇئەللىپى بەك كەمتەر، بەك سەمىمىي ئادەمكەن. ھازىر ئەدىپلەر ئىچىدە بۇنداق سەمىمىيلىكنى كۈندۈزدە چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمىليەتتە ئۆركىشىنىڭ شېئرىيەتتىكى ئىستىداتى ئوۋچىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. بىر چاغدا ئوۋچىنىڭ ئۆركىشىگە يازغان مۇشۇنداقراق بىر تىمىسىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە.

jallat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 14:12:42


شېئىرلار





مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى




كېسەل




ﻣﯧﺘﻮﺭﯨﺖ ﺗﺎﺷﻼﺭ

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰﻛﯚﻛﯜﺵ ﺳﺎﯬﺗﻨﯩﯔ

ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﯨﻠﻜىسىغا ﺑﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ

ﺑﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯰﺯﯗﻥ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﻣﯩﺘﻮﺭﯨﺖ ﺗﺎﺷﻼﺭ

ﻳﯩﺮﺍﻕ ﯪﺗﻤﯘﺳﻔﯘﺭﺍﻧﯩﯔ

ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﯪﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ

ﺳﺎﺩﺍ ﺑﯧﺮﻩﺭ
ﺎﻣﺎﻥ ﺗﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺴﺎﻧﺎﻕ

ﺳﺎﺩﺍ ﺑﯧﺮﻩﺭ
ﺎﻣﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﯬﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.



ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ

ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻢ

ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻻﺭ ﻳﺎﻻﭖ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ.

ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﯪﺭﻣﺎﻥ ﻟﻪﯞ ﯰﺯﯨﺘﺎﺭ ﺳﺎ
ﯩﻠﻐﺎ

ﺳﺎ
ﯩﻞ ﻗﯘﺷﻰ ﻗﻮﻧﺎﺭ ﻛﯚﭘﻜﯚﻙ ﺷﯧﺨﯩﻤﻐﺎ

ﺷﺎﺧﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯧﺘﻮﺭﯨﺘﻼﺭ ﯬﯞﺟﯩﮕﻪ

ﯰﺯﯗﻥﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺳﺎﯬﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﻩ

ﻣﻪﻥ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ …ﺳﯘﻻﺭ ﯮﻳﻨﺎﺭ ﻣﻪﯞﺟﯩﺪﻩ

ﺑﯩﺮ ﯬﺳﻪبىي ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ
ﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ.



يۈرىكىمنى ئاغرىتقۇچىغا



چۈشۈمدىكى چىغىر يولدىن چىقىپ

ئوڭغا بۇرۇلدۇڭ

پايانسىز بۇغدايزارلىق.

شاماللار دەرەخلەرنى ئەركىلەتمەكتە

يىراقتىن توپا توزۇتۇپ بىر ماشىنا سەن تەرەپكە كەلمەكتە

سومكاڭ ئېغىر…نەقەدەر ئېغىر؟..

توزۇغان چاچلىرىڭ تا دوختۇرخانىنىڭ دېرىزىسىگىچە لەپىلدەپ يېتىپ كەلدى

كۆزۈمنى ئاچتىم

دېرىزىدە بىر تال سۇلياۋ ئەتىرگۈل مىييىقىدا كۈلۈپ قويدى.

ئىككىمىزنىڭ ئارسىدا مىڭ يىل، ئون مىڭ يىل

مىڭ تاغ..ئون مىڭ تاغ

مىڭ دەريا..ئون مىڭ دەريا .

ئەسىرلەرنىڭ قاراڭغۇسىسىدا سېنى ساقلىدىم

تاغلارنى ھېلىغىچە كۆتۈرۈپ كەلمەكتىمەن

دەريالارنىڭ ئاۋازى بار، سۈيى يوق.

دوختۇخانا بىناسى بىر دۆۋە قۇم

بەلكىم ساڭا ئەسلىمە قالار ۋە ياكى قالماس

بىر دۆۋە شامال ئۇ،

تۇيغۇڭنى يەلپۈتەر، يا يەلپۈتمەس.

مەن

ئاپتاپ چېقىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىمنى توسۇپ

يىراققا قاراپ تۇرماقتىمەن.

چۈشۈمدىكى چىغىر يولدىن چىقىپ

ئوڭغا بۇرۇلدۇڭ

سول تەرەپتە ئەنجۈرلۈك.

دالا شاماللىرى سېنى سەرگەردان بولۇشقا قىستىماقتا

كىملەردۇ بۇغداي يىمەكتە

كىملەردۇ ئەنجۈر ياپراقلىرىدا جىنسى ئەزاسىنى يوشۇرماقتا

يىراقتىن توپا توزۇتۇپ كېلىۋاتقان ماشىنا يېنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى

يۈرىكىڭ ئاغرىدى-ھە؟

كۆزۈمنى ئاچسام

مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئاغرىۋېتىپتۇ

دەرىزە بۇرۇنقىدەك ئوچۇق تۇرۇپتۇ…



قاغىنىڭ ماتكىسى

(1)

قاراڭغۇلۇقنىڭ ھالرەڭ ئاۋازىدا

يىرتىلغان ئەشۇ چەكسىزلىك

ئۆلۈمدىن قارا…ھاياتتىن ئاق.

ئاق رەڭلىك سىمۇۋۇلسەن

قارا رەڭگە بەنىت قىلىنغان

كۈندۈزدىن ئاتلاپ

كېچىگە يىقىلغان.

ساپما كەشىڭ

مونچىنىڭ تاملىرىدا تەۋەر ئەلەڭگۈپ.

شاقىراپ ئاقار

غۇچچىدە تەن

ئەتراپىغا يۇرۇقلۇق تۆكۈپ.

شىددەتلىك زامان

كىرئالغۇدا چۆرگىلىمەكتە

كۈندۈز يۇيۇلماقتا

كېچە تەرلىمەكتە.

(2)

ئۇنى ھومېرنىڭ كۆزىدىن كۆرگەنتىم

مۇقەددەس ناۋالارغا چۈمگەن بىر ئاخشام.

نەزىر سۇپىسىغا ئوخشايدىغان

كارۋات ياكى تەننىڭ خىرە جىلغىلىرىدا

سەرسان نەي ئۈنىگە تەڭكەش ھاسىراش

مېنى بۇلۇتلار ئۈستىدىن يەرگە چۈشۈرگەن.

چەكسىز ئېتىزلىقسەن

چىڭقى چۈشتىكى بىر رەڭ

چۈشۈڭ دالالىرىدا ئويناقلاپ يۈرگەن

قوڭغىراقلىق جەرەن.

نۇر ھالىقلىرىدا …لېۋىم سېنى ئۆپمەكتە

تەن يۇلتۇزلىرىنى تەنگە تۆكمەكتە

مىسرالار گويا سېنىڭ ئالتۇنرەڭ تۈكۈڭ

تۈك ئارىسىغا تۈكلەر چۆكمەكتە…

(3)

ھېلىقى دەرەخنىڭ ئاستىدىن قوپقاندىن بۇيان

مەن شامالمەن، مەن گويا ئاقرەڭ.

سىمۇۋۇللۇق كۆز يېشىڭ كەبىي

كەزمەكتىمەن ھاياتىمنى

قىزغۇچ پەردىلەر

يىرتىلغان…دەرىزە ئەينىكى چېقىلغان

زامان دەپ ئاتالغان بۇ ئۆيدە

مۇنچىنىڭ ئاۋازى قەپقالغان

سۇ ئىدى مېنىڭ كۈلۈشلىرىم

سۇ ئىدى مېنىڭ ئۆكسۈشلىرىم

بارماقلىرىمغا

سۇ ئۈزۈكى تاقالغان

(4)

رىۋايەت دىيىلگەن شۇ جەريانلارنى

ياشاپ چىقتىم ئۆزەمدە

ياشاپ چىقتىم تەنھا بەدەندە.

قاغا ئىدى

ئاق رەڭلىك قاغا

ئەشۇ رىۋايەت.

مېنى پەرىشانلىققا ئۈندەپ تۇرغۇچى

نەم بارماقلىرىدا چېچىمنى تاراپ

كۆكسىگە باسماقتا.

(5)

بىر سىقىم كۈز كەلدى

بىر سىقىم يوپۇرماق

ھاياتىم قىزغۇچ.

چىغىر يولدا شاماللار ئۇچۇرۇپ تاشلاپ قويغان

بىر ياغلىق بار ھالرەڭ.

چۆچەكلەردىن چىقساڭ

مۇشۇ يولغا چۈشىسەن

قىزغۇچ مۇشۇ يولغا...


tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 14:42:14

بۇغدايزارلىق دېگەن گەپنى بۈگۈن كۆرۈشۈم.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 17:45:02

16- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇغدايزارلىق دېگەن گەپنى بۈگۈن كۆرۈشۈم.

خەنزۇۋانچە گەپ ئۇ.

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 19:39:32

چېكىلىش قېتىم سانى خېلى يۇققۇرى تېما ئىكەن ، كۆرۈپ باقتىم. لېكىن بىرسىڭلار پاتىگۇلنىڭ گېپىنى چىقىرىپسىلە ، بىرسىڭلار تىكەنلىشىپ كەتتىم دەپسىلە ، ئىنكاسىڭلارنى ھېچ چۈشەنمىدىم، ئىنكاس ئۆچۈرۈلگەن بولسا بۇنى ئۇقماي چۈشەنمەي قالغان بوسام بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن.

ئەمما بۇ شائىر شېئىرنى يامان ئەمەس يېزىپتۇ. شېئىر يازمىساممۇ ياخشى شېئىرلارنىڭ خېرىدارىمەن.

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 17:56:32

يالماۋۇز غارى (مۇتەللىپ مەنسۇر ئۇۋچى)



ئۆلگەن ئاۋازىڭ چاقىردى

ئۇپال تامان يۈرۈپ كەتتۇق بىز

مەھمۇد ئىسىملىك

بىر قاقاس تاغ بار ھاياجىنىمدا

بىر ئايال بار يېنىمدا

بىر كەچكۇز

بىر تال يۇپۇرماق بار تىتىرەك قۇلۇمدا

يالماۋۇز غارىغا باشلاپ كەلدى قىز



غۇژژىدە يۇللار

ھاياتىمدەك كۈز پەسلى

سېئىرلىم ئارىسىدىن قۋىچىپ چىققان ئىپارنىڭ كۆزلىرى

مىڭ يىل ئاۋالقى شاد كۈلۈشىدە

قەدمىمگە ئوقار قەسىدە

ماشنىدىن چۇشتۇق

يۈگۈرۇپ كەلدى ئۇپال

تۇنىۋالدى يۈرۇكۇم دەرھال

سالام ساڭا مەھمۇد قەشقىرى

ئەي يالماۋۇز غارىغا يېقىن ياتقان زات



ئەي ئۇيغۇر تىلى جاڭگاللىرىدا تۇيۇقىدىن چاقماق چاققان ئات

سالام ئېھتىرام

ئوپالنىڭ ئۇمۇرىتقىسى يەر ئاستىدا

ئوپالنىڭ ئەركەكلىكى يانتۇ ئۆسۈپ تۇختاپ قالغان

ھاي -ھاي تېرەككە قىزىل پۇرۇچلار ئېسىلغان

بۇ يەردە ۋاقىت تپختاپ قالغان

بىر مىس ساۋۇت بار يېرىمى تۇپىغا ئايلانغان



پارچە -پارچە سۇنغان قىلىچلار

مىس پۇللار

قەقىشىلىرى ئۆچمىگەن مىڭ يىللىق ساپال كوزا

شۇ تاپ

مىنىڭ باش سۆڭىگىمدۇر گويا

ئىپار باشلايدۇ

قاقاس تاغقا

يالماۋۇز غارىدىن ئايلىنىپ ئۆتتۇق

چاقىرىدۇ بىزنى بىر چۇققا

جىممىدە تاغلار

ئىككى تاشقا قاراپ ئاھ ئۇرار

ئاستىدا جىلغا

كۆكۈش كۆڭۇلللەردە سەرسان ئاق بۇلوت

ھېچنىمىنى قىلالماس ئىلغا

ئىككى ئاۋازنى شىرىقلىتار

غۇر-غۇر شامال

يۈزۈڭدىكى ياشنى قۇرىتار

لېۋىمدىكى قىزىغان خيال

بەلكىم ھاياتتىكى كوتكەن يەر مۇشۇ

بىز ئۆلىمىز ھازىر ئېھتىمال.

مەنبە:  ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىدىن

   بالام دۇختۇرخانىدا












ئاپئاق تاملارنى ئەگىپ ئۇتتۇم

جاراھەتلىك ئاۋازىڭ ئىشىكنى ئاچتى

دۇچ كەلدىم ئۇزۇمنىڭ مۇمىيا ھالىتىدىكى تۇغۇمۇمغا

كۆزلىرىڭ قەسىدە ئۇقۇيتتى

پىشانەڭدە قاغاش

سۆيىمەن ئەڭ ئازاپلىق جاراھىتىمدە

...........................................





ئاتاڭنىڭ شائىرلىقى ھېچنىمە ئەمەس

ئاتاڭ بەلكى ئەر ئەمەس

يىراق قاراڭغۇلىققا سۈرگۇن بۇلغان شەيتان ئۇ ..شەيتان..



.................................

كىچىككنە قۇللىرىڭغا نېمىنى يۇشۇرغانسەن ؟

مىنىڭ بىر ئۇمۇرلوك ھەسرىتىمنىمۇ ؟

مىنىڭ بەخىتسىزلىككە تۇلغان پەسكەش ھاياتىمنىمۇ ؟

مىنىڭ مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشماس خيالىمنىمۇ ؟

ئاپئاق تاتارغان ئاشۇ بارماقلار

چىڭ تۇگۇلگەن

تۇرار چۇقۇم ھاياتتىكى مەلوم نەرسىنى

ئىچىگە يۇشۇرۇپ .

....................................................

بالام

كۇزۇڭنى ئاچ

سىلا مىنىڭ سارغايغان ئەندىشىلىك يۇزۇمنى

بۇرۇنقىدەك گۇڭراپ بىر تاتلىق

بېرقىتىم

............................

بالام

لىققىدە دۇئا بەر ئالقانلىرىدا

لىققىدە كۇزيېىشىڭنى سىرغىتماقتىسەن

ھاياتىمنىڭ چىغىر يۇلىغا

سۆيگۇ شەكىللىك ئەي نۆل ياشلىق بالا

ئاي يۇلتۇزغا ئايلىنشى ئالدىدىكى مىتۇرىت جانلىق

ئەي مىنىڭ قاراڭغۇ يىلىتىزىم

قولۇمغا ئېسىل

رېئالىققا ساڭا مەنسۇپ بۇلغان قوللىرىمغا ئىسىل ...

....................................



پىشانەڭ ئوتتەك قىززىپ كىتىپتۇ

يۇزۇڭ كۇك

ئاۋازىڭ سۆسۇنرەڭ

كىچىدىكى بىر تال چىكىت ئىكەن سەرسان تۇلۇنئاي

ئۆزۇپ يۇرەر شۇ تاپ كۆزلىرىدە شۇ قەدەر غەمناك



..................................................



بالام!

مىنى بۇنچە قۇرقۇتما

مەن پەرياد قىلالمايمەن شاھ مەشرەپتەك ھېمتنىڭ چۆللىرىدە

مەن بىشىمنى تاغقا ئۇرالمايمەن

مەن سىنىڭ يۇمۇلىۋاتقان ئاشۇ كۇزىڭگە

سۇيىمەن ئەڭ سەمىمى ھەسرەتلىرىمدە

مەن يۇز كىلەلمەيدىغان تالاي كىشىلەر ئچىدە

سەن تۇنجىسى .....سەن ئەڭ تۇنجىسى ...

ۋاقىراپ ئەپو سۇرىغىم كېلىدۇ

ۋاقىراپ قىچىپ كەتكۇم كىلىدۇ

ئىلىپ سىنى ....ئېلىپ تېنىمنى ...

مەن ھىچ يەرگە بارالمايمەن

بارالمىغان ئەزەلدىن .




بەت: [1] 2
: ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﯘﺭ ئوۋچىغا ﮪﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ