tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 11:41:06

قىززىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس -كىچىك بالىلار[تەرجىمە]




    قىززىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس                                                                          

بالىلار تۇيۇقسىز قىززىپ قالىدۇ.

‹ھە راست تۈنۈگۈنلا ئانچە مىجەزى يوقتەك قىلاتتى›دەپ ئويلاپ قالىدىغان

ئىشلارمۇ بار،‹ئاباي تېخى ساپساقلا ئويناپ يۈرۈيتى!›دەپ ھەيران قالىدىغان

چاغلارمۇ ئاز ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئادەمدە بولىشى مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە

يۇقىرى قىززىتما بولغانلىقتىن ئەنسىرەپ كېتىمىز.

بالىلارنىڭ قىززىشى ئاساسى جەھەتتىن باكتىرىيە ياكى ۋىروس بىلەن

مۇناسىۋەتلىك.قىززىتما دەپ ئاڭلىساق ھەممىمىز ياخشى ئىش ئەمەس

دەپ ئويلاپ قالىمىز ،ئەمىلىيەتتە،ۋىروس ياكى باكتىرىيەلەر بىلەن ئۇنۇملۈك

ئېلىشىش ئۈچۈن،بەدەن ئالاھىدە ئۆز تېمپىراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

كەچتە قىززىپ، ئەتىگەن بولاي دىگەندە ئاران قىززىتما ياندى دەپ ئويلىساق،

ئەتىسى چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ يەنە قىززىشقا باشلايدۇ.بۇ دائىم بولىدىغان

ئەھۋال.زۇكامدىمۇ،2-3 كۈن قىززىيدىغان ئەھۋال بولىدۇ.شۇڭا ئالدىراپ ئەنسىرەپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

قىززىغاندا ئادەمنى ئەڭ ئەنسىرتىدىغىنى‹قىززىتمىدا نېرۋىسى تەسىرگە ئۇچىرارمۇ؟›دىگەندىن ئىبارەت.

ھەقىقەتەن قىززىپ شۇكلەپ كەتكەن بالىنى كۆرسەك ،نېرۋىسى زەخمىلىنەرمۇ دىگەن ھېسىياتتا بولۇشنىمۇ چۇشىنىكە بولىدۇ.

لىكىن،40 گىرادۇسلۇق قىززىتما نەچچە كۈن داۋاملاشسىمۇ،قىززىتمىدا نېرۋا زەخمىلىنىدىغان،كېسەل ئاسارىتى قېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولمايدۇ.ئەنسىرەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ،لىكىن يۇقىرى قىززىتما ،يۇقىرى تېمپىراتۇرلۇق ماشىنىنىڭ ئىچىدە قېلىپ،ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش سەۋەپلىكلا بولمىسا،يۇقىرى قىززىتما بولسىمۇ ،ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

ھەم،قىززىتمىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدا باغلىنىش يوق.قىززىتمىسى يۇقىرى بولسىلا ،چوقۇم ئېغىر كېسەل بولىشى ناتايىن.







يۆتەل،بۇرۇندىن سۇ ئېقىش،ياندۇرۇش ياكى ئىچى سۈرۈشمۇ بەدەننىڭ قوغدىنىش ئىنكاسى

قىززىتما –بەدەننىڭ ۋىروس ياكى باكتىرىيەلەردىن ئۆزىنى  قوغداش ئىنكاسى بولغانغا ئوخشاش، يۆتەل،بۇرۇندىن سۇ ئېقىش،ياندۇرۇش ياكى ئىچى سۈرۈش

قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىدۇر.بۇ خىل ئەھۋاللارئەسكى ئىش ئەمەس، ئەسكى بولغىنى ۋىروس بىلەن باكتىرىيە.بۇ خىل

ئەھۋاللار يامان ئىش بولمىسىمۇ،لىكىن شۇ سەۋەپلىك،بەدەن ئاجىزلاپ،تاماق ئۆتمەيدىغان،ئۇخلىيالمايدىغان ئىشلار بولىدۇ.قىززىتما ياندۇرۇش دورىسى بىلەن

قىززىتمىنى چۇشۇرۇش،ئۆينىڭ نەملىكىنى تۇلۇقلاپ يوتەلنى پەسەيتىش،ماڭقىنى تارتىپ چىقىرىپ،نەپەسنى راۋالاشتۇرۇش ،بىر مەزگىل تاماق يېمەي ،ياندۇرۇشنى

ئازايتىش قاتارلىق كۇتۇنۇشلەر مۇھىم.




كېسەلنى ساقايتقىنى دورىمۇ؟

‹يۆتەل ياكى ماڭقا ،بەدەننىڭ قوغدىنىش ئىنكاسى›دەپ ئاڭلىغان بىلەنمۇ‹بۇرۇندىن توختىماي سۇ ئاقسا

ياكى يۆتەل بولسا ،دورا ئىچىپ ساقايتمىسا بولمايدىغاندۇ؟›دەيدىغان سۇئالمۇ چىقىدۇ.‹شۇ،شۇ،ئېغىرلاپ كەتمەستە،دەرھال دورا بىلەن ساقايتىش كېرەك›دەپ قۇشۇلىدىغانلارمۇ كۆپ.

بۇ يەردە بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىشىم بولسا،يۆتەل ،ماڭقا توختىتىش ،زۇكام دورىلىرى بولسا،شۇ كېسەلنى ساقايتىدىغان ياكى ساقىيىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىدىغان نەرسە ئەمەس.كېسەللىك ئالامىتىنى كونتىرول قىلىدىغان نەرسە.

چەتئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا،بىزدە دورىغا تايىنىدىغان،دورىدىن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتىدىغان ئەھۋال ئېغىر. چوڭلار خىزمەت ھەم ئۆي ئىشلىرى بولغانلىقتىن ،دورا

ئارقىلىق ،كېسەللىك ئالامىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ،بالىلار ئاغرىپ قالغاندا ،ئۆيدە جىمجىت ئارام ئالغىنى ئەڭ ياخشى.ئۇخلىماي ئويناپ يۈرگىنى ،

ساغلاملىقنىڭ ئىسپاتى.

نۇرغۇنلىغان بالىلار دوختۇرلىرى .‹بىز بالىلارنى داۋالىمىدۇق، پەقەت ساقىياي دىگەن  بالىلارغا ئازراق ياردەم قىلدۇق.›دەيدۇ.

تەبىئى ساقىيىش ئىقتىدارى بىلەن دورىنىڭ نىستى 9نىڭ 1 گە بولغان نىسبىتىگە ئوخشايدۇ.لىكىن كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار، تەبىئى ساقىيىش ئىقتىدارى بىلەن دورىنىڭ نىستىنى1 نىڭ 9 غا بولغان نىسبىتى دەپ ئويلايدۇ.ھەتتا 0 نىڭ 10 غا دەپ ئويلايدىغانلارمۇ بار بۇلىشى مۇمكىن.بۇمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس،ئاتا –ئانىلارمۇ،

بالىلىق مەزگىلىدە‹دورا ئىچمىسەڭ ،ساقايمايسەن›دەپ چوڭ قىلىنغان.

يېقىننىڭ ياقى،دورىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ئۈنىمى كۆزدە تۇتۇلۇپ،دورا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىدىن زۇكام دورىلىرىغا‹، 2 ياشتىن تۆۋەنلەرگە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىش كۆرۈڭ›دەپ ،يېزىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولدى.

ئەنگىلىيە ،ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق،كىچىك بالىلارغا دورا  بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدنغان دۆلەتلەرمۇ بار.

شۇڭا ،بالىلارغا دورا بەرگەندە تېخمۇ دىققەت قىلغان ياخشى.ئاپىلارمۇ، بالىلار زۇكام بولۇپ بولغىچە زۇكام دورىسى، يۆتەل بولۇپ بولغىچە يۆتەل دورىسى بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويغىنى ياخشى.




بالىلاردا ناھايىتى كۈچلۈك ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارى بار

بالىلارنى كۈتۈشتى مۇھىم بولغىنى بالىلارنىڭ تەبىئى ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارىغا ئىشىنىش.تەبىئى ئەسىلىگە كىلىش دىسە،‹ئامال بار دورا ئىشلەتمەي ساقايتىش› دەيدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى دەپ چۇشىنىدىغان كىشىلەرمۇ بار.لىكىن بۇ،ئۇنداق گەپ ئەمەس،ئۆزلىگىدىن ساقىيىش دىگەن گەپ.

كېسەلدە قىيلىنىۋاتقان بالىسىنى كۆرگەن ئاتا –ئانىلار ،قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن،بالىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتەي دەپ ئويلايدۇ.تېزىراق ياخشى بولسىكەن دەپ

تىلىگەندىن باشقا ،جىقاراق يىگۈزسەم كۈچ بولىدۇ،دەپ ئويلايدىغانلارمۇ بار.لىكىن سەل توختاپ تۇرۇڭ،مىجەزىڭىز يوق چاغدا ،سىز نورمال ۋاقىتتىكىدەك

تاماق يىيەلەمسىز؟گېلىڭىزدىن تاماق ئانچە ئۆتمەيدىغاندۇ؟زولاپ يىيىش بىر خىل ئازاپلىق ئىش . بالىلارمۇ ئوخشاش.ئۇنىڭ ئۇستىگە جىق يىسە ئىتتىك

ساقىيىدىغان ئىش يوق.بۇنداق ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئۇنتۇپ،بالىڭىزنىڭ يىگۈسى كەلگەن،يېمەك ئاسان نەرسىلەرنى بېرىڭ.بالىنىڭ يىگۈسىنىڭ كەلگىنى

ئەڭ چوڭ ئىش.ھىچنىمە يېمىسىمۇ،ساقىلىنىپ تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق بولغانلىقتىن،سۇ ئىچەلىسىلا چوڭ ئىش يوق.

بالىلار تۇيۇقسىز قىززىپ،ئەھۋالى يامانلىشىپ قالىدۇ.ياخشىلىنىشىمۇ تېز بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تەبىئى ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ.نەچچە كۈدە ئەسلىدىكى نورمال غىزالىنىدىغان ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ.







كېسەلنى بىلىپ،بالىمىزنى خاتىرجەم كۈتەيلى

گەرچە بالىلاردا كۈچلۈك تەبىئى ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمى كام بولسا بولمايدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى ،ئىتتىكرەك ساقايسىكەن دەپ

ئويلىساقمۇ،قايسى ئىشنىڭ بالا ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز.ئەنسىز بولمايلى،ئاتا-ئانا خاتىرجەم بولسا، بالىمۇ خاتىرجەم ئارام ئالالايدۇ.

كېسەلنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم.

نورمال زۇكامنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى مۇنداق بولىدۇ.

ناھايىتى ساغلام-ساغلام-ئازراق غەلىتە-توڭلايدۇ-قىززىيدۇ-2،3 كۈندە قىززىتمىسى يېنىپ،ساقىيىدۇ.







ئائىلىدە كۈتىنىشتىكى ھالقىلىق سۆز-سۇ

بالىنى كۈتكەندە مۇھىم بولغىنى-سۇ.

قىززىغاندا،يۆتەل توختىمىغاندا،بۇرنىدىن كۆپ سۇ ئاققاندا،قاتتىق ئىچى سۈرگەندە ياكى ئىچى كەلمىگەندە،تېرىسىدا مەسلە كۆرۈنگەندە،بىر يېرىنى كۆيدۈرۋالغاندىمۇ،يىقىلىپ يارلانغاندىمۇ،ئاچقۇچ قانچىلىك سۇ ئىچكۈزۇشتە،ھەرگىزمۇ دورا ئىچكۈزۇشتە ئەمەس.تۆۋەندە قىززىش،يۆتەل،بۇرۇندىن كۆپ سۇ ئېقىش،ياندۇرۇش،ئىچى سۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ كونكىرىت كۇتىنىش ئەھۋالىنى كۆرۇپ ئۆتەيلى.




-قىززىتما ۋىروس ياكى باكتىرىيە بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقنىڭ ئسپاتى

بالا قىززىپ قالسا ،جىددىلىشىپ كەتمەڭ.

بالىلارنى دوختۇرغا كۆرسىتىدىغان سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى قىززىتما.ئاتا-ئانىنى ئەنسىرتىدىغان ۋەكىل خارەكتىرلىك كېسەللىك ئالامىتى.

ئەمىلىيەتتە قىززىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس،كېسەل بىلەن ئېلىششتىكى

مۇداپىيەلىنىش قورالىدىن ئىبارەت.كىشىلەرنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان تېمپىراتۇرسى، دەل ۋىروسلارمۇ ناھايىتى ياخشى ياشىيالايدىغان

تېمپىراتۇرىدۇر.بەدەن قىززىسا ۋىروسلارنىڭ پائالىيىتى قىيىنلىشىدۇ،ئەكسىچە

ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرى پائالىيەتچان بولۇشقا باشلايدۇ.شۇڭا قىززىش بەدەنگە نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.ۋىروسلار بىلەن ئېلىشىش ئۈچۇن نېرۋا سېستىمىسى بۇيرۇق قىلىپ ،بەدەن تېمپىراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتىرىۋاتىدۇ،دىگەننى بىلسەك بىر ئاز خاتىرجەم بولالايمىز دەپ ئويلايمەن .

2 ياشقىچە 37.5 گىرادۇسقىچە بولسا نورمال بولىدۇ.38 گىرادۇستىن ئاشسا قىززىغانلىق بولىدۇ.مۇنچىدىن چىققاندا،سۇتتىن كىيىن، تاماقتىن كىيىن،يىغلىسا ياكى بەدىنىنى قاتتىق ھەركەتلەندۇرۇپ ئوينىغاندىن كىيىن بەدەن تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ.




بالىلارنىڭ قىززىتمىسى 40 گىرادۇستىن ئاشىدىغان ئەھۋال بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئاسانلا قىززىپ قېلىشى چوڭلارنىڭ قىززىشى  بىلەن بولغان پەرقىدۇر.بەزىدە   40 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ.بەدەن تېرمومېتىرىنى كۆرۈپ

چۆچۈپ كېتىمىز.چوڭلارنىڭ بۇنداق بولىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.ئەمسە نىمىشقا بۇنداق پەرىق بولىدۇ؟

ئاساسەن بالىلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىنى تەڭشىگۈچىسىنىڭ تېخى تولۇق يىتىلمىگەنلىكىدىن دىيىلىدۇ.چوڭ بولغانسېرى ئۇنداق قاتتىق قىززىمايدىغان

بولىدۇ.

دەرھال دوختۇرغا بېرىش كېرەكمۇ دەپ بىلەلمىگەن ۋاقتىڭىزدا قىززىتما ئەسكى نەرسە ئەمەس دەپ بىلسەكمۇ،بالىنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ،ھەر

قانچە قىلساقمۇ ئەنسىرەيمىز.دەرھال دوختۇرغا ئاپارساق بولارمۇ،ياكى ئەتە ئەگەنگىچە ساقلايلىمۇ دەپ بىلەلمەي قالىدىغان ۋاقىتلار خېلى كۆپ.كېسەلنى

كۆرسىتىپ بولغىچە يەنە باشقا كېسەللەر يۇقۇپ قالارمۇ دەپمۇ ئەنسىرەپ قالىمىز.

ئۆلچەم -تۇغۇلۇپ 3 ئايدىن ئاشقان بولسا،كەيپىياتى ياخشى بولسىلا،ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق.

كەيپىياتى ياخشى دىگەنلىك-‹يەيدۇ،ئىچىدۇ،ئۇخلايدۇ،ئوينايدۇ.›دىگەنلەرئاساسى جەھەتتىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش بولسا دىگەنلىك.




بوۋاقنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا-سۈت ئىچىشى ئازلايدۇ،ياخشى ئۇخلىمايدۇ،بىردەمدىلا ئويغىنىپ كېتىدۇ،ئەتراپتىكى كىشىلەر ياكى ئويۇنچۇققا ئانچە قىززىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ،پۇت-قوللىرىنىڭ ھەركىتى،يىغلىشى ئاستىلاپ قالىدۇ.




3 ئايغا توشمىغان بوۋاقلار قىززىسا قاتتىق دىققەت قىلىڭ!

3 ئايغىچە بولغان ۋاقىت قارىشلىق كۈچى ئاجىز،قوغدىنىش كۈچى ئاجىز،كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى قىيىن بولغانلىقتىن،ھۆكۈم قىلماق تەس.

كەيپىىياتى ياخشى بولسىمۇ ،قىززىپ قالسىلا ،دوختۇرغا كۆرسۈتۈش تەۋسىيە

قىلىنىدۇ.چوقۇم ئېغىر كېسەل بولىشى ئېنىق بولمىغانلىقتىن، دوختۇرغا كۆرسىتىشتىن بۇرۇن،ئالدىراپ ئەنسىرەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

ئاخىرىدا ،ئۆزىڭىزنىڭ ‹ھەي،بۈگۈن ئادەتتىكىگە سەل ئوخشىماي تۇرىدۇ جۇمۇ›دەيدىغان كۈزىتىشىڭىزنىمۇ مۇھىم دەپ بىلىڭ.




قىززىتما ياندۇرۇش دورىسىدا كېسەل ساقايمايدۇ.

قىززىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ ،قىززىتما يانىدۇ.شۇڭا قىززىما دورىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.لىكىن ،قىززىتما دورىسىنىڭ ئۇنىمى

بىلەن بىر ئاز راھەت بولۇپ، ئۇخلىيالايدىغان ،سۇ ئىچەلەيدىغان بولىدۇ.شۇ ئۈمىددە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

قىززىش ،قوغدىنىش ئىنكاسى بولغانلىقتىن ،دورا ئىشلەتسىڭىز ساقىيىشى ئاستىلاپ كېتىشى مۇمكىن.ھەم كېسەل ساقىيىپ قىززىتما چۇشتىمۇ ياكى

دورىدا قىززىتما چۇشتىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.كېسەل ساقايماي تۇرۇپلا ،ساقايدى دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.ئەلۋەتتە ئادەتتىكى زۇكام بولسا

ھىچقانداق چوڭ ئىش يۈز بەرمەيدۇ،لىكىن ئېغىر كېسەل بولسا ،ئۇ ۋاققىتتا ئىش چاتاق بولىدۇ.ئوت سەزگۇچ ئەسۋابىنىڭ ئاۋازى قۇلاقنى ئاغرىتىدۇ

دەپ ،توكىنى ئۆچۇرۋەتسەك ،ئوت كېتىپ،ئېچىنىشلىق ھادىسىنىڭ كېلىپ چىققىنىغان ئوخشاش.

ئۇنىڭ ئۈستىگە قىززىتما دورىسىنىڭ ئۈنىمى بىردەملىك بولىدۇ.ئۇنىمى تۇگىسە،يەنە قىززىتمىسى ئۆرلەيدۇ،بۇ كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ،ئەنسىرمەڭ.قىززىتما ئادەتتە 2-3 كۈن داۋاملىشىدۇ.قىززىتىش كۈچى

قىززىتما دورىسىنىڭ كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەندە،قىززىتما دورىسىنىڭ ئۈنىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي،نورمال بەدەن تېمپىراتۇرسىغا چۇشۇرەلمەيدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ.بالىلار قىززىسىمۇ يۈگرەپ ئويناپ يۇرسە،قىززىتما دورىسىنى ئىشلەتمەيلى.




تۇيۇقسىز قىززىغاندىكى تارتىشىپ قېلىش

دەسلەپتە تارتىشىپ قېلىشنى كىملا كۆرمىسۇن ،جىددىلىشىپ كېتىدۇ.قىززىتمىدىن بولغان تارتىشىش 5 مىنوتتا ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىدۇ.ھاياتىغا خەۋىپ

يەتكۈزىدىغان كېسەل بولمىغانلىقتىن ،ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىپ ،بالىمىزنىڭ

ھالىتىنى كۈزىتەيلى.تىلىنى چىشلىۋالارمۇ دەپ ئەنسىرىشىڭىز مۇمكىن،لىكىن

ئۇنداق بولمايدۇ.كۆزىنىڭ ئېقى چىقىپ قالىدىغان،ئاغزىدىن كۆپۈك يېنىپ ،شالۋىقى ئاقىدىغان،ئاغزى توختىماي مىدىرايدىغان،قول-پۇتلىرى رىتىملىق

مىدىرايدىغان قاتارلىق ھەر خىل بولىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

كەڭ ،بىخەتەر جايغا ئوڭدىسىغا تۈز قىلىپ ياتقۇزۇڭ

كىيىمنىڭ بويۈن تۈگمىلىرىنى يىشىپ،بوشىتىڭ.

5 مىنوتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا ،دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭ.

5 مىنوتقىچە توختىمىسا ياكى توختىسىمۇ ھوشى ئانچە جايىدا بولماي،كۆرۈش سېزىمى نورمال بولمىسا ،دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپ ،قىززىتمىدىن بولغان

تارتىشىشمۇ ياكى باشقا كېسەلمۇ بىلىۋىلىشقا  توغرا كېلىدۇ.




زۇكام بولغاندا مۇنچىغا چۇشسە بولامدۇ؟

‹مۇنچىغا چۇشۇپ تەرلەنسە ياخشى ›دەيدىغان كىشىلەر بار،‹چۇشسە بولمايدۇ›دەيدىغان كىشىلەرمۇ بار.

مۇنچىغا چۇشسە زۇكام ئېغىرلاپ كېتىدىغان ئىش يوق،مۇنچىغا چۇشۇپ تەرلەنسە زۇكام ئىتتىك ساقىيىدىغان ئىشمۇ يوق.شۇڭا بالىڭىزنىڭ چۇشكىسى بولسا چۇشۈرۈڭ، چۈشكىسى بولمىسا چۇشۇرمەڭ.

چۈشۇرگەن چاغدا بەك قىززىق سۇدا يۇيۇنماسلىققا ،بەك ئۇزۇن ۋاقىت يۇيۇنماسلىققا دىققەت قىلىڭ.

‹چۈشسە بولمايدۇ›دىيىش ،بۇرۇن ئۆيدە مۇنچا يوق ۋاقىتلاردا سىرىتقا چىقىپ توڭلاپ كەتسە بولمايدۇ،دىگەندىن كەلگەن.

‹چۈشۈپ تەرلىنىپ چىقسا ياخشى ›دىيىش،تەرلىنىش بەدەنگە پايدىلىق ،دىگەندىن كىلىپ چىققان.

ھەقىقەتەن ساغلام ۋاقىتتا تەرلەنسە ،ئادەم ئۆزىنى يىنىڭ ھېس قىلغىنى

بىلەن زۇكام بولغاندا تەرلەنسە ھىچقانداق ياخشى ئىش يوق.بەدىنىمىزدە

زۇكامدىن ساقايغاندا تەر چىقىدىغان تەبىئىلىك بار .بۇ زۇكام ساقايغانلىقتىن تەرلەش بولۇپ ،تەرلىگەنلىكتىن زۇكام ساقايغانلىق ئەمەس.




ئۆيدىكى كۈتۈش-

بالىڭىزغا راھەت بولغان ئىشنى قىلىڭ.توڭلىسا قېلىن كىيىندۈرۈپ،يوتقان يېپىپ قويۇڭ،قىززىسا كىيىمىنى سالدۇرۇپ،يوتقاننى ئېچىپ،

مۈز قويۇپ...قىلىڭ.

ئاز-ئازدىن سۇ بېرىڭ.تاماقنى بالىڭىز قانچىلىك يىسە شۇنچىلىك بېرىڭ،

زورلىماڭ.




يۆتەل ئۆپكىنىڭ قوغدىغۇچىسى

يۆتەلگە –نەملىكنى تۇلۇقلاڭ،ئىسسىقلىقنى ساقلاڭ، سۇ تۇلۇقلاڭ.

كىچىك بالىنىڭ يۆتىلى بالىغا قاراپ تۇرغان ئاپىغىمۇ بىر خىل ئازاپلىق بۇلۇپ،بىر مىنوت بولسىمۇ ئىتتىكرەك توختاتقۇسى كېلىدۇ.لىكىن يۆتەل بۇرۇندىن كىرگەن چاڭ-توزان،تاماكىنىڭ ئىسى،ۋىروس ياكى باكتىرىيە قاتارلىقلاردىن ئۆپكىنى قوغدايدىغان بەدننىڭ قوغدىنىش ئىنكاسى.بەلغەم ياكى خاتا يۈتىۋىلىپ نەپەس يولىغا تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى سىرىتقا چىقىرىدىغان رولىمۇ بار.

شۇنداق دىيىلگەن بىلەنمۇ ،‹ئاران ئىچكەن سۈتنى، يۆتىلىپ ياندۇرۋىتىپ قالدى›.‹ئەمدى ئۇخلىغانتى يۆتىلىپ ئويغىنىپ كىتىپ قالدى›قاتارلىق

ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرغاچقا،ئاپىلار يۆتەلنى يەنىلا يامان كۆرىدۇ.ھىچ بولمىغاندا يۆتەل يامانلىشىپ ئۆپكە ياللۇغى،دەم سىقىلىش كېسىلى بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق،بۇ جەھەتتە ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.بەك ئەنسىرەپ كەتمەي ئۆينىڭ نەملىكنى تۇلۇقلاپ،ئىسسىقلىقنى ساقلاپ، بالىڭىزغا سۇنى جىق بېرىپ ساقايتىپ بېقىڭ.




يۆتەلنىڭ توختىماسلىقىدىكى سەۋەپ

‹دورا ئىچكۈزسەممۇ،يۆتەل بىلەن بۇرۇندىن سۇ ئېقىش ئوڭشالمايۋاتىدۇ.›،‹قىش پەسلىدە بىر ئاي دورا ئىچسىمۇ ،يۆتەل يەنە ساقايمىدى›.دىگەنگە

ئوخشاش گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى-بالا تېخى كىچىك.بۇلۇپمۇ 3 ياشتىن كىچىك بالىلاردىن يۆتەل بىلەن بۇرنىدىن

سۇ توختىمىدى دەپ ،دوختۇرغا كۆرسىتىدىغانلار كۆپ.ئەمدى ئۇخلىغان ۋاقىتتا،تاڭ ئاتاي دىگەندە ئېغىرلاپ كېتەمدۇ؟ياخشى ئاڭلاپ بېقىڭ،گېلىدىن بىر خىل غىژ-غىژ ئاۋاز  چىقامدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى-بۇرۇن سۈيى گالغا ئېقىپ كىرىپ ،مۇشۇ بەلغەمنى بەدەن سىىرتىغا چىقىرىش ئۈچۇن يۆتىلىۋاتقانلىقىدۇر.

قىززىغانغا ئوخشاش ،يۆتەلمۇ بەدەننىڭ ئىنكاسى.دورىدا يۆتەلنى توختانقانلىق دورا بىلەن بەلغەمنىڭ سىرىتقا چىقىشىنى توختاتقانلىق بىلەن ئوخشاش.

        شۇڭا  دورىنى بەك تەشەببۇس قىلىپ كەتمەيمەن.بۇنداق ۋاقىتتا

        بۇرۇندىكى ماڭقىنى تارتىپ چىقىرىش

        نەملىك بىلەن ئىسسىقلىق تۇلۇقلاپ بەلغەمنى سىرتقا ھەيدەش كېرەك.

يۆتەل 7 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشسا دوختۇرغا كۆرسىتىڭ.

قاتتىق يۆتەلگەندە،ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا،تېز ئويغىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغاندا،بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرسىتىڭ.ياخشى ئۇخلىغان تەغدىردىمۇ،7

كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشسا،باشقا كېسەل بۇلۇش ئېھتىماللىقىمۇ بولغانلىقتىن،دوختۇرغا كۆرسىتىڭ.




ئۆيدىكى كۈتۈنۈش-

نەملىك تۇلۇقلاڭ.

مۇنچىغا چۇشۇرۇڭ.‹شارائىت بولسا ۋاننىغا›

بالىڭىزغا ماسكا تاقاڭ.

بۇرنىنى دائىم تازلاپ تۇرۇڭ.‹ماڭقا سۇمۇرگۇچتە›

جىق سۇ ئىچكۈزۈڭ.

ياتىدىغان چاغدا يۆتەلدە قىينالسا ئوڭدىسىغا بېشىنى ئىگىز قىلىپ،

ئىگىز يوتقا ياكى ياستۇققا دۇم قىلىپ ياتقۇزۇڭ.




ياندۇرۇش قوساققا خەتەرلىك نەرسىنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى

ياندۇرغاندا بالىنىڭ دۇمبىسىنى سىلاپ بېرىمىز.

بېشىنى سەل ئىگىز قىلىپ، بېشىنى يانغا بۇراپ ياتقۇزىمىز.

ياندۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھىچنەرسە ئىچكۈزمەيمىز.‹3،4 سائەت›،سۇ تۇلۇقلاش مۇھىم دىيىلىدۇ،لىكىن بۇ چاغدا ئالدىراپ سۇ ئىچكۇزسەك،ئىچكۈزگەننى داۋاملىق ياندۇرىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ.ئاشقازان قۇرۇقلانغۇچە ياندۇرسا ،ئاندىن كىيىن ياندۇرمايدۇ.

ھەر قېتىم ياندۇرغاندا بىر نەرسە ئىچكۈزۈش ‹خاتا›.

3،4 سائەتتىن كىيىن ئاز-ئازدىن سۇ،يېمەكلىك بېرىمىز.3،4 سائەتتىن كىيىنمۇ، قاتتىق ياندۇرۇپ ،سۇمۇ ئىچەلمەي قالسا، ئازراق بولسىمۇ سۇ ئىچىشى

ئۇچۇن ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

ئادەتتە ياندۇرۇش بىلەن ئىچى سۇرۇش،قوساقنىڭ زۇكىمى بولۇپ ،بىر نەچچە سائەتلەردە ساقىيىدۇ.

زولاپ ئىچكۈزمەسلىك ، يىگۇزمەسلىك.

سۇنى دەسلەپتە بىر يۇتۇم،5مىنوت ئۆتكەندە 2،3 يۇتۇم......

بالا دەسلەپتىلا جىقىراق ئىچكۇم بار دىسە،سەل ساقلاشنى،بىراقلا جىق ئىچسە يەنە ياندۇرىدىغانلىقىنى ئىيتىش كېرەك.




ئىچ سۈرۈش –قوساقتىكى دۇشمەننى قوغلاپ چىقىرىدۇ.

ئىچ سۈرۈش دىسە ئادەتتە ‹سۇدەك پوق›دەپ ئويلايدىغانلار كۆپ،ئۇنى ‹تۇزلۇق سۇ ›دىسەك تېخمۇ توغرا بولىدۇ.

ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىچ سۇرۇشتە يوقاتقان سۇ بىلەن تۇزنى تۇلۇقلاش.

سۇنى قانچە جىق ئىچكەنسېرى پوق سۇيۇقلىشىدىغان ئىش يوق.

ئىچ سۇرگەندە بالىنىڭ كاسسىسىغىمۇ قاراپ قۇيۇڭ.

ئىچى سۇرگەندە ئاددەتتىكىدەك تاماقلانسا ھىچنىمە بولمايدۇ.بالىڭىزغا ئادەتتە يەيدىغان، يىگۈسى كەلگەن تاماقلارنى بېرىۋېرىڭ.

‹نىمىنى خاتا يىگۈزۈپ قويغاندىمەن› دەپ ئويلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،ئادەتتە ئىچ سۇرۇش ئاساسى جەھەتتىن يىگەن تاماقتىن بولمايدۇ.

ئىچى سۇرگەندە ‹سۇسىزلىنىشتىن›ساقلىنىڭ.‹ئانچە جانلىق بولمايدۇ،كۆزى ئولتۇرىشىدۇ،ئاغرى قۇرۇپ، يىغلىسا يېشى چىقمايدۇ.يېرىم كۇن ئەتراپىدا سىيمەيدۇ.›

قىززىغاندا تۇلۇقلىنىدىغان سۇ-چاي بولسىمۇ،سۇت بولسىمۇ،ئىچىملىك بولسىمۇ،سۇت پارشۇكى بولسىمۇ..بولىۋېرىدۇ.

لىكىن ئىچى سۇرگەندە سۇلام تۇلۇقلىغان بىلەن بولمايدۇ.تۇزنىمۇ تۇلۇقلاش كېرەك.بۇنداق ۋاقىتتا

Ors

ئەڭ ياخشى .

ياساش ئۇسۇلى-تۇز يېرىم قۇشۇق،3 گىرام،

سۇۋىتىلغان قايناقسۇ 1 لىتىر،

شېكەر 4 يېرىم قوشۇق،40 گىرام.

لىمۇن ياكى ئۈزۈم شەربىتىدە تەمىنى ئازراق تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.







بوۋاقلار چوڭلاردىن بىر قات نىپىز كىيسە راھەت بولىدۇ.

6 ئايلىق بولغىچە ،تېرىدە ماي كۆپ بولغاچقا سوپۇندا يۇيۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

6 ئايلىقتىن 2 ياشقىچە تېرىدىكى ماي ئازلاپ كېتىدۇ. تېرىسىنى ئاسراشتا،نەملىك ساقلاش مېيىنى ئىشلىتىش ناھايىتى مۇھىم.مۇنچىدىن چىقىپ15 مىنوت ئىچىدە، تەرلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇرۈپ بېرىڭ.

2 ياشتىن كىيىن تېرىدىكى ماي ئەسلىگە كېلىدۇ.




بىر نەرسىلەرنى خاتا يەۋالغاندا

بالىنى دۇم قىلىپ ياكى بېشىنى پەس ،پۇتىنى ئىگىز قىلىپ ياندۇرۇپ چىقارغۇزىمىز.سەل چوك بالىلارنى دۇمبىسىدىن قۇچاقلاپ ،مەيدىسىنى چىڭىراق بېسىپ چىقىرىمىز.

بىر يېرىنى كۆيدۇرۋالغاندا

ئالدى بىلەن سۇدا ئېقىتىپ،ئاندىن ئاغرىق جايغا مۇز ياقىمىز.

كىيىم بىلەن كۆيدۇرۋالغاندا،سۇغا كىيىم بىلەن كىرگۇزۇپ،سۇ چۇشۇرۇپ سۇۋۇىتىمىز.كىيىمىنى سالدۇرىمەن دېمەي ،شۇ پېتى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ.




بۇرندىن قان ئېقىش

بۇرۇننى چىڭ بېسىپ ،ئىتىپ تۇرىمىز.10 مىنوتقىچە توختىمىسا دوختۇرخانىغا بېرىڭ.

بۇيۇننى ئۇرۇپ بەرسىمۇ،قان توختىتىش ئۇنىمى بولىدۇ.




ئىسسىق ئوتۇپ قالسا

سالقىن جايدا ياتقۇزىمىز،پۇتىنى سەل ئېگىز قىلىمىز.

سۇ،تۇز تۇلۇقلايمىز.



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 13:40:28

ئەلا كەتتى، تېما ئىگىسى رۇخسەت قىلسا پىقىر ئوغرىلاپ كەتتى  {:92:}

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 14:10:50

ئەلا بالاھالىدىم.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 14:12:21

كېلىش مەنبەسى؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 16:43:13

2 ئايلىق ئوغلۇمنىڭ قىزىتمىسى 41 غا چىققىنىنى ئاڭلاپ ھوشۇمنى يوقىتاي دېگەنتىم...

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 17:24:10

يامان ئەمەس يېزىلغان رىستىپلاركەن بۇ !! \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 17:47:49

زۇكامدىن قىزىغاندا ، دوختۇرخانا يىراق بىرقىسىم چەت جايلاردا ئېرىقلارنىڭ بويلىرىدا ئۆسىدىغان قۇمۇشنىڭ يىلتىزى بىلەن پاقا يۇپۇرمىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزسىمۇ ياكى تاغدا ئۆسىدىغان پىلىك ئوت دەپ ئاتىلىدىغان ئوتنى يۇلۇپ، سايىدا قۇرۇتۇپ ئېلىپ قويۇپ مۇشۇنداق زكرۈر ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى جىق-جىق ئىچكۈزسىمۇ ۋە ياكى پەقەت بولمىسا پۇت ياكى قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدىن يىڭنە، شوخا ( بەزى چەت-يېزا قىشلاقلاردا مۇشۇمۇ بولىدۇ)قاتارلىقلار بىلەن قان ئالسىمۇ قىزىتما چۈشىدۇ. قىزىتما سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا ئىمكان بار دوختۇرغا ۋاقتىدا ئاپارغان ياخشى. ھەم قىزىتما بولغاندا شورپا، كاۋاپ، ئۆپكە -ھېسىپ، گۆشنان ، قۇيماق ، پولۇ قاتارلىق مايلىق، قورۇغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك . بولمىسا قىزىتما باشقىدىن ئەۋج ئېلىپ ئويلىمىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 18:04:42

قىزىغاندا يېشىل ماش(بەزى يەردە كۆك ماش دېيىلىدىكەن)، قارىئۆرۈك سېلىپ شوۋىگۈرۈچ ياكى سەۋزە، لوبۇ توغراپ، ئاش كۆكى(يۇمغاقسۈت) سېلىپ مەنپەر خۇيمىيەن، ئۈگرە، قۇچقاچ تىلى ، خولوپئاش...دېگەندەك سۇيۇقئاشنىڭ تۈرلىرىنى ئېتىپ ئىچكۈزسە، تاۋۇزنى قىرىپ سۈيىنى ئىچكۈزسە، تەرخەمەك يېگۈزسە...مۇۋاپىقراق بولىدۇ. لېكىن قىزىتما قايتقاندىن كېيىنمۇ يەنە زىيادە سوغۇقلۇق قىلغاندا بالىلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۆپكىسىگە سوغۇق كېلىپ ئۆپكە ئىششىپ قالىدىغان، ئاۋازى غارڭ-غۇرۇڭ چىقىپ يۆتىلىدىغان، گېلى ئاغرىيدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىغا دىققەت قىلىش، باشتىن-ئاخىرى سوغۇق، مۇزدەك نەرسىگە كۈچىمەسلىك، تاماقنىڭ مۆتىدىل بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ زۇكام بولغاندا قاتتىق دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا سۈت، قېتىق، قايماق تۈرىدىكى نەرسىلەرنى جىق يېمەسلىك، بولسا پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا كېزىككە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ زۇكام ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە مۇسكۇللار ئاغرىيدىغان، پۇت-قوللار چېقىپ ئاغرىيدىغان، ماغدۇرسىزلىنىدىغان، سوغۇق تەرلەيدىغان...غا ئوخشاش ئالامەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 18:56:40

ئەلا.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 20:02:25

ئىككى يىلىنىڭ ئالدىدا قاتتىق قىزىپ بىر ھەپتىگىچە قىزىتىمام يانمىدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 41بىرگە چىقىپ ئۇكۇلمۇ قىلىچە ئۇنۇم كۆرسەتمەي، ئاخىرى يەرلىك رىتسىپتا ،ئىسىمىدە قىلىشىمىچە، نۇقۇت، يىمىش، چىلان، يەنە نىمىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ شۆگۇرۇچ قىلىپ ئىچىپ قىزىتمام يانغان، ھازىرىغىچە ئويلىسام قىزتىمىدىن شۇنداق قورقىمەن،



لىكىن كىيىن توردىن تەكشۇرۇسەم ، ئادەم ئاشۇنداق قاتتىق بىر قىزىزىسا بەدەندىكى نۇرغۇن باكتىرىيەلەر، ھەتتا راك ھۆجەيرىلىرىمۇ تەڭ ئۆلۈدۇ دەپ چالا پۇچۇق بىريەردىن ئوقۇغانتىم، شۇندىن كىيىن قىزىتىمىغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 20:16:38

ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەلا !

maQak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 10:16:58

خەتكۈچ!!!!ئەلا كەتتى  {:90:}

tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 16:29:11

كىتاب ئىسمى- ‹楽しく子育て‹幼児編





كىتاب ئاپتورى-明橋大二

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 17:04:32

كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ مۇشۇ كۈنگىچە دورا- ئوكۇلغا مەجبۇرلانغان ۋاقتىم: تۇنجى قېتىم پاقالچىكىمنى ئىت چىشلىۋالغاندا جاراھەت ئېغىزىنى تېڭىپ بىر تال ئوكۇل ئۇرۇپتىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئاشقازان جاراھەتلىنىپ ئوكۇل سالدۇرماي دورا يىدىم، بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا گازدىن زەھەرلىنىپ قېلىپ ئوكۇل سالدۇرۇپتۇق (ئەڭ كۆپ ئوكۇل ئاستۇرغان ۋاقتىم)، يازدا تاماقتىن زەھەرلىنىپ (شۇڭلاشقىمۇ سىرتتا ئالدىراپ بىر نەرسە يىمەيتىم) دورا يەپتىمەن. ئوكۇل- دورا بىلەن ئىشقىلىپ خوشام يوق. بۇ يىل قىش ئۈچ يىل بولىدۇ تۇنجى قېتىم ئۇزۇن ۋاقىت زۇكامداپ باققىنىم. شۇ ۋاقىتتا بىر ئايدىن كۆپرەك زۇكامدىن ساقىيالماي يۈرۈپتىمەن، دوختۇرخانىغا بار دېسە ۋاي بولدىلا ئۆزۈم ساقىيىپ قالىمەن دەپ بارمىدىم. ... بۇلارنىڭ ھەممىسى رەھمىتى بوۋامنىڭ تۆھپىسى، ئۆيدىكىلەر بىرەر يېرىم ئازراقلا بىر ئىش بولغۇچە دوختۇرخانىغا چاپاركەن، لېكىن بوۋام ئۇنىماي ئۆزى ساقىيىپ كېتىدۇ، بولمىغاندا يەرلىك ئۇسۇل دېگەن كۆپقۇ ئۆزۈم داۋالىۋالىمەن دەيدىكەنمىش. بەلكىم شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئاللاھقا شۈكرىلەر ئاسان ئاغرىپ قالمايمەن، يىلدا بىرەر قېتىم يالغان زۇكامداپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا... {:136:}  

دېگەندەك بالىلارنى ئوكۇل- دورىغا كۆندۈرىۋەتمەيلى، يەرلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى، مىللىي تىبابەت دورىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە.

arzu415 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-22 00:46:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلھېكىم :  

سىزگە قىسقا ئۇچۇر قىلسام ماڭمىدى ، شۇڭا بۇ يەردە ئىنكاسقا يازدىم.

بالام ئىككى ئايلىق بۇلاي دىگەن ئىدى ، زۇكامداپ قېلىپ ساقايمايۋاتىدۇ ، سىزدىن بەزەنبىر مەسلىھەتلەرنى ئالماقچى ئىدىم، مۇمكىن بولسا چچ نۇمۇرۇمنى قۇشۇۋالسىڭىز ،،، ياكى چچ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن قاچىلىۋالسام ،،،،،،،سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،

karasu0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-22 13:31:14

كۆپ چۈشكۈرۈش نىمىنىڭ ئالامىتى؟بەزىلەر تولا ئەسنىسە كىسەللىك،چۈشكۈرسە ساغلاملىق دەيدىكەن.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 07:58:46

كىچىك بالىنىڭ يەتتە سەككىز ئايلىق بولغاندا تولا قىززىپ، تولا ئىچى سۈرۈدىغان ئىشى ئادەمنى بەك ئەنسىرىتىدۇ.

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 13:53:55

15- قەۋەتتىكى karasu0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆپ چۈشكۈرۈش نىمىنىڭ ئالامىتى؟بەزىلەر تولا ئەسنىسە كىسەللىك،چۈشكۈرسە ساغلاملىق دەيدىكەن.



بۇرۇن  يھللۇغى  بولۇش  ئېھتىماللىقى  بار،

karasu0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 14:15:14

رەھمەت .تېخمۇ كونكىرىت تەرەپلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 20:53:08

14- قەۋەتتىكى arzu415نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلھېكىم :

سىزگە قىسقا ئۇچۇر قىلسام ماڭمىدى ، شۇڭا بۇ يەردە ئىنكاسقا يازدىم.

بالام ئىككى ئايلىق بۇلاي دىگەن ئىدى ، زۇكامداپ قېلىپ ساقايمايۋاتىدۇ ، سىزدىن بەزەنبىر مەسلىھەتلەرنى ئالماقچى ئىدىم، مۇمكىن بولسا چچ نۇمۇرۇمنى قۇشۇۋالسىڭىز ،،، ياكى چچ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن قاچىلىۋالسام ،،،،،،،سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،

ئەگەر ئىشەنچ قىلالىسىڭىز توردىن ماۋۇ يىڭى زىلاندىيەنىڭ زۇكام دورىسىنى ئەكەلدۇرۇپ ئىشلىتىپ بىقىڭ ، مىنىڭ بالاممۇ 2 ياشقا كىرەي دەپ قالغاندا بىر زۇكام بولۇپ ، بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىپ 3- 4 ئايغىچە بۇرنى سۈيۇلۇپ تۇردى ، بىر بۇرادىرىم بالىسىغا ئالغان مۇشۇ دورىسىدىن ماڭىمۇ بەرگەن ئىدى ، شۇنداق بەلەن مەنپەئەت قىلدى ، كىيىن ئۆزۇممۇ ، توردىن ئەكەلدۇرۇپ ئىشلىتپ ئۇنۇمىنى كۆردۇم ، خالىسىڭىز ئىشلىتپ بىقىڭ .


http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z09.5.0.41.da367d&id=7345782155

بەت: [1] 2
: قىززىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس -كىچىك بالىلار[تەرجىمە]